Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

غەربلىكلەر نېمە ئۈچۈن ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا سەلبىي نەزەردە قارايدۇ؟

پەزىلەتلىك دوكتور راغىب سەرجانىي «تىكەنلىك سىم توساقلار» دېگەن كىتابىدا بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: غەربلىكلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلامغا سەلبىي نەزەردە قارىشىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئون خىل سەۋەبى بار.

 

1.     ئۇلارنىڭ ئەقىدە جەھەتتىكى قارىشى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «سەن يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلارنىڭ دىنىغا كىرمىگۈچە ئۇلار سەندىن ھەرگىز رازى بولمايدۇ»([1]) بۇ رېئاللىقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتۇر. چۈنكى، ئۇلار ئۆلىمالىرىدىن ئاڭلىۋالغىنى بويىچە، بىز مۇسۇلمانلارنى ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئەقىدىدىن ئېزىپ كەتكەن دەپ قارايدۇ. بۇ، بىزنىڭ كۆپ سانلىق كىشىلىرىمىزنىڭ قىلغىنىغا ئوخشايدۇ. بىزمۇ باشقا ئەقىدىلەر توغرىسىدا ئىزدەنمەستىن ۋە ئۇلارنىڭ باتىللىقىنى ئېنىق بىلمەستىن، ئاتا – بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ۋە ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن ئاڭلىۋالغان نەرسىلەر بىلەنلا كۇپايىلىنىمىز خالاس.

غەرب دۆلەتلىرىگە ئوڭچىل، ئاشقۇن پارتىيەلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشى غەربلىكلەرنىڭ بۇ خىل كۆزقارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇ پارتىيەلەر ئۇلارنىڭ دىنىي مۇتەئەسسىپلىك خاھىشلىرىنى قوزغىتىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىدا جورجى بوش دەۋرىدە، بېرىتانىيەدە بولسا 1933 – يىلى ئەلفىريد تىشيرمان باش ۋەزىر مەسلىھەتچىسى مارجىرت تاتشىرغا ياۋروپانىڭ ئىسلام تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكىنىدە يۈز بەرگەن ئىشلار مۇشۇ خىلدىكى سىياسىي پائالىيەتلەردۇر.

مۇسۇلمانلار كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىۋاتقان، خىرىستىيان دۇنياسىدىكى ياشلار ئارىسىدا، ئىسلام ئېتىقادىدىكىلەرنىڭ نىسبىتى خىرىستىيان ئېتىقادىدىكىلەرنىڭ نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋالدا، غەرب سىياسىيونلىرى يا خىرىستىيان ئەمەس، يا باشقا بىر دىنغا تەۋە ئەمەس، كۆپ قىسمى دىنسىز بولۇپ كەتكەن ياۋروپا ياشلىرىنى ئۆز دىنلىرىنىڭ ۋارىسلىرى دەۋېلىشلىرىمۇ ئوخشاشلا بۇ خىل قاراشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. غەرب سىياسىيونلىرى ۋە خىرىستىيان دىندارلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇلارنىڭ ياش ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى چىڭ تۇتۇپ مېڭىشى خىرىستىيان ياش ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز دىنىنى چىڭ تۇتۇپ مېڭىشىدىن يۇقىرى بولۇۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسى نەچچە ئون يىل ئىچىدە ياۋروپا ئۇرۇشسىزلا تەبئىي ھالدا مۇسۇلمانلار قىتئەسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ دەپ قارىماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياۋروپادا جۈمە نامىزىدا ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكىدىن يوللار توسۇلۇپ قېلىپ، جۈمە نامىزىنىڭ بىر مەسجىدتە بىر نەچچە قېتىم ئوقۇلۇشى، شۇنداقلا ھىجابنىڭ ياۋروپا ئاياللىرىغا نىسبەتەن ئۇلارنى سىقىپ قويىدىغاندەك تۇيۇلغان ئىسلام ئەھكاملىرىنى بىلىش تۇيغۇلىرىنى ئويغىتىپلا قالماستىن، يەنە مۇسۇلمان ئاياللار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىشىدەك مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز دىنىدا مۇستەھكەم تۇرىدىغان بۇ خىل كۆرۈنۈشلىرىمۇ غەرب سىياسىيونلىرىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان سەلبىي كۆزقارىشنى كۈچەيتىدۇ. ھىجابنىڭ كەڭ تارقىلىشى ۋە بۇ سەۋەبلىك ياۋروپا ئاياللىرىدا قوزغالغان ئىسلام ئەھكاملىرىنى بىلىش قىزغىنلىقى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ئاياللار بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىسلامنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىندۇر.

ئۇلارنىڭ بۇ سەلبىي كۆزقارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغىنى ياۋروپادىكى كۆپلىگەن مەسجىدلەرنىڭ ئەسلىدە چېركاۋ ئىكەنلىكىدۇر. خىرىستىيانلار چېركاۋلارنى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە مۇسۇلمانلارغا سېتىپ بەرگەن. مانا بۇ، ئوخشىمىغان ئەقىدىدىكى خىرىستىيانلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى چېركاۋلارنى سېتىۋېلىپ مەسجىدلەرگە ئۆزگەرتىۋېتىشتىن توسۇش ئۈچۈن گەرچە بىر – بىرىنى كاپىرغا چىقىرىشسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمانلارغا بولغان كۆزقاراش ۋە چېركاۋلارنىڭ سېتىلىش مەسلسىدە ئۆزئارا ھەمكارلىشالايدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. ياۋروپادا مەسجىد قۇرۇلۇشىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشى ئۇلارنى گاڭگىرىتىپ قويدى. 1970 – يىلى ئىتالىيەدە كۆپ بولغاندا بىر ياكى ئىككى مەسجىد بار بولسا، مانا ھازىر 700 مەسجىد بار، بۇ غەربلىكلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا.

 

2.     1991 – يىلىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى

غەربلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ پەلسەپەسىدە «ئىنساننىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشى ئۈچۈن چوقۇم ئۆزئارا رىقابەت بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئىنسان ئۆزى يالغۇز ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە پىكىر قىلغۇچى بولسا، بۇ ھالدا رىقابەتكە ھېچنېمە تۈرتكە بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، غەرب سىياسىيونلىرى ۋە دىندارلىرىنىڭ قېنىدا دۈشمەنلىك تەبىئىتى بار. شۇڭا، ئۇلار رىقابەتچىنى رىقابەتچى قاتارىدا ئەمەس بەلكى دۈشمەن قاتارىدا كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى يېڭى دۈشمىنى ئىسلام دىنى بولدى.

غەربلىكلەر، خۇسۇسەن، ئامېرىكا خەلقىنىڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى، ئۇلار سىياسىي ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ۋە ئۇ توغرىلىق ماتېرىيال كۆرمەيدۇ، مال باھاسى ۋە شەخسىي تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئىشلار ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىمدۇر. ئەمما، سىياسىي ئىشلارغا كەلسەك، ئۇنى ھاياتىدىكى مۇھىم ئىش قاتارىدا كۆرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن غەرب سىياسىيونلىرىنىڭ ئۆز خەلقىگە: «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن يوقالغان كوممۇنىزمدىن ئىبارەت قىزىل خەتەردىن كېيىنكى يېشىل خەتەر بولسا، ئىسلامدۇر» دېگەن سۆزى خەلق ئاممىسىنىڭ نەزىرىدە قوبۇل قىلىنىدىغان ھەقىقەتكە ئايلاندى.

 

3.     مەنپەئەتپەرەسلەر

مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ خەۋپىنى چوڭايتىش ۋە ئۇلارنى غەربلىكلەرگە دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق مەنپەئەتپەرەسلەر ئاز بولمىغان پايدىغا ئېرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ خەتەرلىكى بولسا سىياسىيئونلار بىلەن ھەربىيلەردۇر. چۈنكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە كوممۇنىزمنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى)نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىدى. بۇخىل ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى، قورال – ياراغقا بولغان ئېھتىياجنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى ۋە قورال – ياراغ زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشى زۆرۈر بولىدۇ. نەتىجىدە، بۇ نەچچە ئون مىڭ ئىشچىنىڭ ئىشسىز قېلىشىنى ۋە نەچچە تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادىي زىياننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ([2]). شۇ سەۋەبتىن، مەنپەئەتپەرەسلەر ناتونى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى خەتەرلىك دۈشمەن قىلىپ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىنى چوڭايتىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى. نەتىجىدە، زور مىقداردىكى قورال – ياراغلارنى ئىشلىتىش، قورال – ياراغ ۋە غەربنىڭ ھەربىي ياردىمىگە تايىنىپ، باشقا دۆلەتلەردىن ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشىدىغان بەزى ئۇرۇشلارنى پەيدا قىلىش زۆرۈر بولدى.

شۇنىڭدەك يەنە مۇسۇلمانلارنى خەتەرلىك دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىشتە سىياسىي غەرەزلەرمۇ بار. مەسلەن، «خاماس ھەرىكىتى»نى چوڭايتىپ كۆرسىتىش ۋە ئۇنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئەمەلىي ھەربىي كۈچىدىن كۈچلۈك كۆرسىتىش بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ يەھۇدىيلار تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە ماددىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشتە خەلقنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خەلققە قورقۇنچ سېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

غەربلىكلەر يەھۇدىيلار تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى ئۆز ھۆكۈمىتى ئۇلارغا تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ سۈپەتلەپ بەرگەن «خاماس ھەرىكىتى»دىكى تېررورچى دەپ ئاتالغان مۇسۇلمان دۈشمەنلەردىن ھىمايە قىلىدۇ دەپ قارايدۇ.

 

4. غەرب بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقنىڭ چوڭلىقى (ئەلۋەتتە، ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)

ئىقتىسادىي كىرىم ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى ئوتتۇرسىدىكى پەرق چوڭ بولغاندا باي – كەمبەغەل ئارىسىدا زىددىيەت كېلىپ چىقىشى تەبئىي قانۇنىيەتتۇر. نورۋېگىيەدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم 42 مىڭ دوللار، يەمەندە مىڭ دوللار، نېگىرىيەدە بولسا ئارانلا 274 دوللار. بۇ دەرىجىدىكى چوڭ پەرق سەۋەبىدىن بايلار نامراتلارغا نىسبەتەن خەۋپسىرەش، گۇمان قىلىش ۋە «ئۇ مېنىڭ مال – مۈلكۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن ماڭا ھۇجۇم قىلىشنى ئويلايدۇ» دېگەندەك سەلبىي نەزەردە قارايدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دېڭىز بويلىرىغا ۋە يوللىرىغا توشۇپ كەتكەن، ئۇلارغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر دولقۇنىنى بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

 

5. غەرب دۆلەتلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىيىشى

يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن باشقا يەنە، غەربلىكلەرنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ توي قىلىشنى خالىماسلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا قارىغاندا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ كۆپلۈكى غەربلىكلەرنىڭ نۇپۇس قۇرۇلمىسىغا تەھدىت سالىدىغان ئىشلاردىندۇر. ھۆكۈمەتنىڭ رەسمى ستاتىستىكىسىدا «پۈتۈن ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ياۋروپا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %5 تىگە يېتىدۇ. 2050 – يىلغا بارغاندا %20 كە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە» دېيىلگەن.

بىز ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى ئەڭ تېز دىن ئىكەنلىكىنى ۋە ھەر يىلى كۆپلىگەن غەربلىكلەرنىڭ بۇ دىنغا كىرىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا فىرانسىيەدەك ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك تارىخى بار دۆلەتتە، ئەگەر مۇسۇلمان بىلەن مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى ھازىرقى نىسبەت بويىچە بولسا 2060 – يىلغا بارغاندا مۇسۇلمانلار سانىنىڭ %50 تىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلگىىنىمىزدە، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىيىشى ئۇلارنى غەربتە كۆپ سانلىققا ئايلاندۇرىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىمىز.

 

6.     ياۋرۇپادىكى بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلۇشى

غەربلىكلەر كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنسىز يوللار بىلەن ئۆز دۆلەتلىرىگە كەلگەنلىكىنى بايقايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنداق قىلىشى بولسا جىنايەتتۇر. بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار تۈرمىدىكى مۇسۇلمانلار نىسبىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى مۇسۇلمانلار نىسبىتىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ خروئىن چېكىش، پاھىشىلىك ۋە قانۇنسىز چېگرىدىن كىرىشكە ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن سولانغانلىقىنى كۆرىدۇ. مانا بۇلار مۇسۇلمانلار ھەققىدە غەربلىكلەرگە ئومۇمىي جەھەتتىن يامان تەسىر بېرىدىغان ئىشلاردۇر.

 

7.     بەزى مۇسۇلمانلار ياشلىرىدا ئاشقۇن پىكىرلەرنىڭ بولۇشى

غەربلىكلەر بۇ پىكىرلەرنى ئاشۇ ياشلارغا نىسبەت بەرمەستىن، بەلكى ئومۇمىي مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلامغا نىسبەت بېرىدۇ. بۇ نىسبەت بېرىشتە ئۇلارنىڭ ئۆزرىسى يوقتۇر. چۈنكى، غەربلىكلەر باشقا دىنلاردىن، يەنى، يەھۇدىي ياكى خىرىستىيان دىنلىرىدىن ئاشقۇنلۇق خاھىشلىرىنى بايقىغاندا ئۇنى ئۇلارنىڭ دىنىغا نىسبەت بەرمەستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىرقىغا ۋە مىللىتىگە نىسبەت بېرىدۇ. يەنى، ئۇلار بۇنى غەرەزلىك قىلىدۇ. كەڭ خەلق ئاممىسى بەزىدە ئۇلارغا ئالدىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسلامنى ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇق دىنى، مۇسۇلمانلارنى بولسا دۇنياغا خەتەر، دەپ قارايدۇ.

 

8.     مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى

مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئەخلاق چەكلمىسىدىن چىقىپ كەتكەن ۋە توي قىلىشنى خالىماي ياشايدىغانلارنىڭ سانىغا قارىغاندا تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، 1980 – يىلدىكى 800 مىليوندىن 2000 – يىلدىكى بىر مىليارد 429 مىليونغا، ئاندىن 2011 – يىلدىكى بىر مىليارد 570 مىليونغا كۆپەيدى. ئاللاھ خالىسا 2025 – يىلى ئىككى يېرىم مىلياردقا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئەكسىچە خىرىستىيانلارنىڭ سانى پۈتۈن تائىپىلىرى ۋە مىللەتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئاران ئىككى مىليارد. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى يېرىم مىلياردقا كۆپىيىشى، مۇسۇلمانلار سانىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم دۈشمەنلىرىنىڭ سانىدىن ئېشىپ كېتىشى بولۇپ قالىدۇ. مۇسۇلمانلار سانىنىڭ بۇ دەرىجىدە كۆپىيىشى غەربلىكلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنياغا سانى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىن قورقۇتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەنسىزلىكىنى قوزغايدۇ.

 

9.     غەرب بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ تارىخىي ئۆچمەنلىك

ئەسىرلەر مابەينىدە مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىيانلار ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلار بولۇپ ئۆتكەن. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئىسلام فەتىھلىرى، كېيىن غەربنىڭ ئىسلام يۇرتلىرىنى بېسىۋېلىشى، خىرىستىيانلارنىڭ ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشىدىكى ۋەھشىيلەرچە قىرغىنچىلىقى، 20 – ئەسىردە پەلەستىن زېمىنىدا يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئاندىن ئىراق ۋە ئافغانىستاننىڭ ئىشغال قىلىنىشى قاتارلىق ۋەقەلەر يۈز بەردى.

 

10.  دۈشمەنلىك نەزەرىيەلىرىنى پەيدا قىلىش

غەربلىكلەر بۇ دۈشمەنلىكنى نەزەرىيەلەشتۈردى. فوكويوما ئۆزىنىڭ «تارىخنىڭ ئاخىرلىشىشى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دېدى: «ھازىرقى دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان كاپىتالىزم تۈزۈمى بولسا ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ياخشى ياشاش شەكلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامغا ئوخشاش باشقا پىكىر – نەزەرىيەلەردىن قۇتۇلۇش كېرەك». ئۇنىڭدىن كېيىن سامىئول خانتىڭتون ئۆزىنىڭ «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» دېگەن كىتابىدا، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇئامىلىنىڭ ئەسلىي ئاساسىنىڭ كۆرەش ۋە توقۇنۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. لېكىن، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇئامىلە ئاساسنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت)، بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق»([3]).

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە فوكومايا ئامېرىكىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى رەئىسىگە خەت يېزىپ مۇسۇلمانلارنى يوقىتىشقا چاقىردى، ئۇ بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشمىغاندا، بۇ خېتىنى كېيىنكى رەئىس جورجى بوشقا قايتىدىن يوللىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشى باشلاندى.

ئۇنىڭدىن باشقا فىرانسىيەلىك مۇتەپەككۇر جون كىرىستوف «رىم ئىمپېراتورلۇقى ۋە يېڭى بەربەرلەر» دېگەن كىتابىدا، يېڭى رىم ئىمپېراتورلۇقىنىڭ غەرب مەدەنىيىتى ئىكەنلىكىنى، يېڭى بەربەرلەرنىڭ بولسا مۇشۇ مەدەنىيەتنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بۇ كىتابنىڭ ئەڭ ئەشەددىي يەرلىرى شۇكى، ئاپتور بۇ كىتابىدا غەرب سىياسىيونلىرىنى بەربەرلەرنى ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرىدە ئەيدىزگە ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى تارقىتىش ۋە ئۇ كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق يوقىتىشقا چاقىردى. بۇ غەرب دۇنياسىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا جەنۇبتىكىلەرنى ھېچقانداق ئىقتىساد سەرپ قىلمايلا يوقىتىشى ئۈچۈندۇر.

فوكوياما ۋە خانتىڭتوننىڭ كىتابلىرىدىكىگە ئوخشاش بۇ خىل زەھەرخەندە نەزەرىيەلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنى شۇكى، بۇ كىتابلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، دىپلوماتلىرى ۋە باشقىلار كادىرلىرىنىڭ پىكىرلىرىگە ۋە تەپەككۇرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى توغرىسىدىكى نوپۇزلۇق نەشرىياتلاردا نەشىر قىلىنىشىدۇر.

مەنبە: لماذا ينظر الغرب إلى الإسلام والمسلمين نظرة سلبية؟ – د. راغب السرجاني – https://islamstory.com

تەرجىمىدە: كەھرىۋا.

—————————–
([1]) «بەقەرە» سۈرىسى 120 – ئايەت.
([2]) بۇ فىرانسىيەلىك چوڭ ئەمەلدار جاك بومىلنىڭ 1999 – يىلى دېگەن سۆزىدۇر.
([3]) «ھۇجۇرات» سۈرىسى 13 – ئايەت.

Please follow and like us:
Exit mobile version