سىزمۇ ئۇتۇق قازىنالايسىز!

دوكتور سالمان ئەۋدە

ئېدىسون تارىختا ئەڭ كۆپ كەشپىيات ياراتقۇچىلارنىڭ تۆتىنچىسى دەپ سانىلىدۇ. ئۇ ئۆز نامى بىلەن ئامېرىكىنىڭ 1093 كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن سىرت ئۇ يەنە ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەدىمۇ نۇرغۇنلىغان پاتېنتنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ بىر كۈندە 18 سائەت ئىشلەيتتى، ئۇ: «ئادەمدىكى تالانتتا چىدامچانلىق %99 نى، ئەقىل %1 نى ئىگىلەيدۇ» دەيتتى. ئايالى ئېدىسۇن توغرىسىدا: «ئۇ (ھېسسىياتسىز مەخلۇق بولۇپ) مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتى» دەپ قاقشايتتى.

تارىختىكى ۋە ھازىرقى نۇرغۇنلىغان ئۇتۇق قازانغۇچىلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى كۆرۈپ باقتىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك سەۋرچانلىق ۋە چىدامچانلىق ئىكەن.

ئۇتۇق قازىنىش زېرىكمەي، ئىزچىل ھالدا چىدامچانلىق كۆرسىتىشكە باغلىق. چىدامچانلىقنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، ئىزچىللىق بولسا ئەقىلگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئادەت بولۇپ، ئۇنىڭغا مەشىق ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئەنسىرىمە! ئۇتۇق قازىنىش ئېدىسوننىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش مۇھەببەتنى قولدىن بېرىش بەدىلىگە بولمايدۇ، بەلكى سەن ئۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ئېرىشەلىشىڭ مۇمكىن. مېنىڭ بىر دوستۇم بولىدىغان، ئۇ ئۆز پىكرىنى ھېچقانداق ئەيىب يوقتەك ھاياجان بىلەن ئوتتۇرىغا قوياتتى. ئۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ھاياجىنى پەسىيىپ، ئويلىنىپ ئىش قىلىدىغان بولدى.

رېئاللىق ۋە ئېھتىماللىقلارغا يۈزلىنىشتە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئېغىر – بېسىق بولۇش، ئوي – پىكىرلىرىنى تەكشۈرۈپ قايتا – قايتا قاراپ چىقىش ھەمدە تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مۇنازىرلىشىشمۇ ئەقىلگە مۇناسىۋەتلىك ئادەتتۇر.

نورمال بىر ئادەمنىڭ بىر كۈندە ئويغاق ھالەتتىكى 16 سائەت ئىچىدە «نېمىلەرنى قىلىش، نېمىلەرنى قىلماسلىق…» دېگەندەك ئوي – پىكىرلىرى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر سېكۇنتىغا بىردىن يېڭى پىكىر دەپ ھېسابلانسا 50 ~ 60 مىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ.

بىر قىسىم كىشىلەر خۇددى ھەربىرى باشقا – باشقا پىلانېتلاردا ياشايدىغاندەك، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان بوشلۇق يوقاپ كەتكەندەك پاراڭلىشىدۇ. ئوقۇغۇچى ھاياتىنىڭ %55 نى ئاڭلاش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ (يەنى، ئاڭلاش) مەكتەپتە ئۆگىنىدىغان ئەقەللىي بىر ئىشتۇر. بىزدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى تەنقىدىي يوسۇندا ئاڭلاش ۋە پۇختا ئويلىنىش، ھەرگىزمۇ دوراپ دەپ قويۇش ۋە باش لىڭشىتىش ئەمەس.

ئاڭلاش ھېكمەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر. چۈشىنىپ ئاڭلاش دېگەنلىك باشقىلارنىڭ سۆزلىرىدىكى مەنالارنى مۇلاھىزە قىلىپ ئۇلارنىڭ دوستلۇقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان، ئۇلارنىڭ ھاياجىنىنى پەسەيتىپ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقنى ھېس قىلدۇرالايدىغان بولۇش دېگەنلىكتۇر.

شەھەرگە بارغىلى بولىدىغان نۇرغۇن يوللار بار بولۇپ، بۇ يوللارنىڭ بەزىلىرى بەك يېقىن، بەزىلىرى بەك چىرايلىق، يەنە بەزىلىرى بولسا بەك بىخەتەر، لېكىن شەھەرگە بارغىلى بولىدىغان بۇ يوللاردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان باشقا يوللارنىڭمۇ بارلىقى ھېلىھەم بىلىنمەي كەلمەكتە. ماسلىشىشچان ھالدا پىكىر قىلىش، ئادەم ئەقلىگە ئەڭ تەس كېلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى. ماسلىشىشچانلىق دېگەنلىك ئادەتلەنگىنىدىن باشقا بىر يول بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش دېگەنلىكتۇر، يەنى، ئەقىلنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، باشقىچە ئۇسۇللارنى تېپىش دېگەنلىكتۇر.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى، بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن)»([1]).

ۋە يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە پەقەت ئازغىنە ئىلىم بېرىلگەن»([2]).

سىز ئۆزىڭىزدىن كۈندە «مەن نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلىمەن؟ نېمە ئۈچۈن باشقا بىر ئىشنى قىلمايمەن؟» دەپ سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز قىلىۋاتقان ئىشنىڭ باشقىلارغا قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ شۇ ئىشىڭىز ئۇلارنى خۇشال قىلامدىغاندۇ؟ ياكى غەمكىن قىلامدىغاندۇ ۋە ياكى ئۇلارنى سىزدىن گۇمانلىنىدىغان قىلىپ قويامدىغاندۇ؟

نوقۇل تەپەككۇر قىلىش بولسا ئۆزىمىز بىلىدىغان نەرسىلەر بىلەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ دائىرىسىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇش، شۇنداقلا ئىنساننىڭ ئىشلىرىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ۋە شۇ ئىشلارنىڭ باشقىلارغا بولغان تەسىرلىرىنى ئۇقالايدىغان بولۇش دېگەنلىكتۇر.

بىر ھېكمەتلىك سۆزدە: «كىمكى بىر خاتالىق سادىر قىلىپ، شۇ خاتالىقنى تۈزەتمىسە، ئىككى قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزگەندەك بولىدۇ» دەپ كەلگەن. شۇڭا، بىز ئالدىراقسانلىقنىڭ خاتالىشىشقا ۋە خاتالىقنىڭ تەكرارلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى كىچىكىمىزدىن باشلاپلا ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ھەتتا ئەڭ كىچىك تەپسىلاتلاردىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن پۇختا ئىش قىلىش بەك مۇھىمدۇر. بىر قىسىم كىشىلەر ئابرۇيىنى قوغداش ئۈچۈن يالغان – ياۋىداق گەپ – سۆز ۋە گۇمانلارنى قىلىش، ھەقىقەتنى يوشۇرۇشقا مايىل كېلىدۇ، شۇڭا، ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيەتنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ، ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىۋېلىش ئۈچۈن خاتالىقىنى ئېغىزىدىلا دەپ قويۇپ، ئۆزرە ئېيتىشنى خالىمايدۇ.

ئىنچىكە بولۇش دېگەنلىك يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان، تەنقىدىي يوسۇندا مۇئامىلە قىلىدىغان سالماق تەپەككۇرنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئىنچىكە بولۇش دېگەنلىك ئالدىراقسانلىق قىلىش دېگەنلىك ئەمەس.

بالىلارنىڭ: «نېمە ئۈچۈن قولىمىزنىڭ تىرناقلىرى پۇتىمىزنىڭكىدىن تېز ئۆسىدۇ؟ دۇنيادىكى ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلارنىڭ سەۋەبى نېمە؟…» دېگەندەك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلار ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشنى، شۇنداقلا ئىشلارنى (قارىغۇلارچە) ئۆز پېتىلا قوبۇل قىلماسلىقنى ئۆگىنىشى (ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا) جاۋاب بېرىشتىنمۇ مۇھىمراقتۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما «ئەقىللىق قەلب، سوئالچان تىلغا ئىگە نەۋقىران ياش ئىدى» دەپ تەرىپلىنەتتى. ئۆز ئۆزىدىن سوئال سوراش بولسا سۆزلەش ماھارىتى بولۇشتىن ئىلگىرى بولىدىغان بىر خىل ئەقلىي ماھارەتتۇر، شۇنداقلا سەۋەبى توغرىسىدا ئىزدىنىشنى تەقەززا قىلىدىغان ھەرقانداق بىر چوڭ – كىچىك ئىش ئۈچۈن ئەقىلنى ئىشلىتىشتۇر.

سوئال سوراشنى تاشلاپ قويماڭ! چۈنكى، نىيوتوننىڭ سوئالى يەرنىڭ تارتىش كۈچىنى بايقاشقا تۈرتكە بولغان. يولدا كېتىپ بارغىنىڭىزدا تاسادىپىي ئۇچراپ قالغان ھەرقانداق بىر ئازگال (ئورەك) سىزگە يەنە بىر قېتىم تاسادىپىي ئۇچراپ قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۆمىن بىر تۆشۈكتىن (زىيانداشلار تەرىپىدىن) ئىككى قېتىم چېقىۋېلىنمايدۇ (يەنى، مۆمىن ھەربىر ئىشىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قىلىشى كېرەك)» دېگەن([3]). ئەقىللىق كىشىلەر ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆگىنىدۇ، ئەقىلسىز كىشىلەر بولسا خاتالىقلىرىنى قايتا – قايتا سادىر قىلىۋېرىدۇ. ئىلگىرىكى مەلۇماتلارنى يېڭى ئەھۋاللارغا قارىتا تەتبىقلاش دېگەنلىك ئىشلار تامامەن ئوخشاش بولمىسىمۇ، بۇرۇن يۈز بەرگەن ھەرقانداق بىر ئىشتىن ئىبرەت ئېلىش ۋە يەكۈن چىقىرىش ياكى ئۇلارنى باشقا بىر ئۇسلۇبتا تەتبىقلاش دېگەنلىكتۇر. لېكىن، زېرەك كىشىلەر توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدۇ، ئوخشاپ كېتىدىغان ھالەتلەردە ئۇلاردىن پايدىلىنالايدۇ، شۇنداقلا بىر ئورەككە قايتا چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنالايدۇ.

سىز ئەتراپىدىكى ماددا، ئاۋاز، شەكىل ۋە رەڭلەرنىڭ تەبىئىتىنى بىلمەي ياشايدىغانلاردىنمۇ؟ سىز شەيئىلەرنى تۇتۇپ بېقىشنى ياكى ئۇلارغا يېقىنلىشىشنى ياقتۇرامسىز ۋە ياكى يىراقتىن كۆزىتىشنىمۇ؟ ئەقلىي (جەھەتتىكى) ئادەتلەرنىڭ بىرى بولغان بىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن سەزگۈ ئەزالارنى ئىشلىتىشىمىز، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، شۇنداقلا مۇھىتقا، مۇھىتتىكى خىلمۇ خىل رەڭ، تۈر ۋە ئاۋازلاردىن شەكىللەنگەن گۈزەللىككە دىققەت نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇشىمىز كېرەك. بەلكىم بۇ ئۇسۇل بۇ خىل كۆڭۈل بۆلۈشنى ئاشۇرىدىغان ئوڭاي ۋاسىتە بولۇپ قالغۇسى!

ھەرقانداق بىر ئەدەبىي ياكى تېخنىكىلىق كەشپىيات ياكى ئىجادىيەت ئەمەلىيەتتە، نامايان بولۇشتىن ئىلگىرى شۇ كەشپىيات ياكى ئىجادىيەت ئىگىسىنىڭ ئەقلىدىكى بىر خىيالىي كۆرۈنۈشتۇر خالاس. سىز ئۆزىڭىزنى بىر توپ كىشىلەرگە قوماندان ياكى مۇئەللىم ياكى مۇدىر ۋە ياكى رەئىس دەپ تەسەۋۋۇر قىلىڭ، ئۇنداقتا سىزدىن «ئى سۇراقە! ئەگەر سەن كىسرانىڭ بىلەيزۈكىنى تاقىساڭ قانداق قىلىسەن؟»([4]) دەپ سورالغىنىدەك سورىلىپ قالسا قانداق قىلىسىز؟

دېمەك، ئىجاد قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە خىيال قىلىش ئىقتىدارى بولسا بىر خىل ئەقلىي قابىلىيەتتۇر.

مەنبە: أنت ناجح – د. سلمان بن فهد العودة – http: //www. islamtoday. net

تەرجىمىدە: nurnajwa

———————————-
([1]) «ھاققە» سۈرىسى 38 -، 39 – ئايەتلەر.
([2]) «ئىسرا» سۈرىسى 85 – ئايەت.
([3]) «سەھىھۇل بۇخارىي».
([4]) بەيھەقىي رىۋايەت قىلغان. سۇراقە مۇشرىك ۋاقتىدا مەدىنىگە ھىجرەت قىلىۋاتقان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئاشۇ سۆزنى قىلغان. ئۇ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قايتىپ كەتكەن ۋە كېيىنچە ھەزرىتى ئۆمەر خىلاپىتىدە كىسرانىڭ تاجى ۋە بىلەزۈكلىرى كەلتۈرۈلگەندە ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى سۇراقەگە بەرگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ