سۈننەتنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى

دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىي

 

سۈننەت قۇرئاننىڭ ئەمەلىي، ئىسلامنىڭ رېئال ھەم ئۈلگىلىك تەتبىقلىنىشىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەپسىر قىلىنغان قۇرئان، مۇجەسسەملەنگەن ئىسلام ئىدى. مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزىنىڭ فىقھىي بىلىمى، ئەقىل – پاراسىتى ۋە رەسۇلۇللاھ بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئارقىلىق بۇ نۇقتىنى بىلىپ يەتكەن. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى توغرىلىق سورالغاندا، بۇ نۇقتىنى ئوچۇق، قايىل قىلارلىق ئىبارە بىلەن ئىپادىلەپ، «ئۇنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى» دەپ جاۋاب بەرگەن.

كىمكى ئىسلامنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، تۈپ ئاساسلىرى ۋە ئەمەلىي تەپسىلىي پىرىنسىپلىرىنى بىلمەكچى بولىدىكەن، بۇ پىرىنسىپلارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆز – ھەرىكەت ۋە تەقرىر (باشقىلارنىڭ سۆز ياكى ئىش – ھەرىكەتلىرىنى ماقۇللىشى)لىرىدىن بولغان سۈننەتلىرىدە گەۋدىلىك ۋە تەپسىلىي بايان قىلىنغانلىقىغا نەزەر سالسۇن.

سۈننەت ئومۇمىي پىرىنسىپتۇر

سۈننەت ئىنساننىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئالاھىدە بىر پىرىنسىپتۇر.

بىز ئۇزۇنلۇقتا ئىنساننىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ۋاپات بولغۇچە، ھەتتا تۆرەلمە باسقۇچىدىن تارتىپ ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى مەزگىلگىچە بولغان ھاياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋېرتىكال(ئۇزۇنىسىغا)، زامان خاراكتېرلىك سوزۇلۇشچانلىقنى كۆزدە تۇتىمىز.

كەڭلىكتە ئۆيدە، بازاردا، مەسجىدتە، يولدا، ئەمگەكتە، ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىدە، ئۆزى بىلەن بولغان ئالاقىدە، ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىدە، مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان ئەمەسلەر بىلەن ئالاقىدە، يەنە ئىنسان، ھايۋان ۋە جانسىز شەيئىلەر بىلەن بولغان ئالاقىلەردە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ماڭىدىغان دەرىجىدە ھاياتنىڭ ھەممە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان گورىزونتال (توغرىسىغا) سوزۇلۇشچانلىقنى كۆزدە تۇتىمىز.

چوڭقۇرلۇقتا ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا بولغان سوزۇلۇشچانلىقنى كۆزدە تۇتىمىز. ئۇ جىسىم، ئەقىل ۋە روھنى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇننى، سۆز – ھەرىكەت ۋە نىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سۈننەت تەڭپۇڭ پىرىنسىپتۇر

سۈننەت يەنە تەڭپۇڭلۇق بىلەن ئالاھىدە بولىدىغان بىر پىرىنسىپ بولۇپ، ئۇ روھ بىلەن جىسىمنىڭ، ئەقىل بىلەن قەلبنىڭ، دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنىڭ، ئۈلگە بىلەن رېئاللىقنىڭ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ، غەيب بىلەن ئاشكارىنىڭ، ئەركىنلىك بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ، شەخس بىلەن كوللېكتىپنىڭ ۋە ئەگىشىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئارىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ.

دېمەك سۈننەت (چەكتىنمۇ ئاشۇرۇۋەتمەيدىغان، سەلمۇ قارىمايدىغان) ئوتتۇراھال (ياخشى) بىر ئۈممەت ئۈچۈن نورمال (تەڭپۇڭ) بىر پىرىنسىپتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزى ساھابىلىرىدىن چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى سەل قاراشقا بولغان مايىللىقنى كۆرۈپ قالسا، ئۇلارنى ئوتتۇراھال بولۇشقا چاقىراتتى، چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە سەل قاراشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇراتتى.

ئۈچ كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ (كۈندىلىك) ئىبادىتى توغرىلىق سورىغان. (ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىبادىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن) رەسۇلۇللاھنىڭ ئىبادىتى ئۇلارنىڭ ئىبادەتكە بولغان ھېرىسمەنلىكىنى قاندۇرالمىغان ۋە بۇ ئۇلارغا ئاز بىلىنگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىرى، ئۆمۈر بويى روزا تۇتۇشقا، يەنە بىرى، ھەمىشە كېچىسى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇشقا، يەنە بىرى بولسا، ئاياللاردىن يىراق تۇرۇپ مەڭگۈ توي قىلماسلىققا نىيەت قىلغان. بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ گېپى رەسۇلۇللاھقا يەتكەن چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: «بىلىڭلاركى، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە قارىغاندا ئاللاھدىن بەكرەك قورقىمەن ۋە ئەڭ تەقۋادارمەن. لېكىن، مەن روزىمۇ تۇتىمەن، روزىسىزمۇ يۈرىمەن. نامازمۇ ئوقۇيمەن، ئۇيقۇنىمۇ ئۇخلايمەن، خوتۇنمۇ ئالىمەن. كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مېنىڭ (ئۈممىتىم) دىن ئەمەس». (ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان).

رەسۇلۇللاھ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ روزا تۇتۇش، تىلاۋەت قىلىش، كېچىسى ئىبادەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى كۆرگەندە، ئۇنى نورمال يول تۇتۇشقا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن بەدىنىڭنىڭ سەندە (ئارام ئېلىش جەھەتتىن) ھەققى بار، كۆزۈڭنىڭمۇ سەندە (ئۇخلاش جەھەتتىن) ھەققى بار، ئايالىڭنىڭمۇ سەندە (بەھرىمەن بولۇش، ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىش جەھەتتىن) ھەققى بار، سېنى يوقلاپ كەلگۈچىنىڭمۇ سەندە (ھۆرمەتلىنىش، ئورتاقلىشىش جەھەتتىن) ھەققى بار، ھەربىر ھەق ئىگىسىگە ھەققىنى (ئۆز جايىدا) بەرگىن».

 سۈننەت ئاسان پىرىنسىپتۇر

سۈننەت يەنە ئاسانلىق، قولايلىق ۋە كەڭچىلىك قاتارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بىر پىرىنسىپتۇر. چۈنكى، بىزدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ تەۋرات ۋە ئىنجىلدىن ئىبارەت كىتابلىرىدا كەلگەن بۇ پىرىنسىپنىڭ ئىگىسى بولغان رەسۇلۇللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن تۆۋەندىكىدەك ئىدى: «ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارغا سېلىنغان تاقاق، كويزا – كىشەنلەرنى بوشىتىدۇ (يەنى، ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)». (ئەئراف سۈرىسى، 157 – ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).

رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە كىشىلەرنى دىنىدا ئېغىرچىلىققا قالدۇرىدىغان ياكى دۇنيالىقىدا چارچىتىدىغان ھېچقانداق نەرسە تېپىلمايدۇ. بەلكى رەسۇلۇللاھ ئۆزى توغرىلىق سۆزلەپ: «مەن ھىدايەتكە باشلىغۇچى رەھمەتتۇرمەن» دېگەن.

رەسۇلۇللاھ يەنە: «ئاللاھ مېنى جاپا سالغۇچى ۋە چارچاتقۇچى قىلىپ ئەۋەتمىدى، لېكىن مېنى ئاسانلاشتۇرغۇچى، ئۆگەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتتى» دېگەن.

رەسۇلۇللاھ ئەبۇ مۇسا بىلەن مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى يەمەنگە ئەۋەتكەن چاغدا ئۇ ئىككىسىگە قىسقا، ئىخچام سۆز بىلەن نەسىھەت قىلىپ: «ئاسانلاشتۇرۇڭلار، تەسلەشتۇرمەڭلار، خۇش بېشارەت بىرىڭلار، ئۈركۈتۈپ قويماڭلار، ئۆزئارا ئىتائەت قىلىشىڭلار، قارىمۇقارشى بولماڭلار» دېگەن.

رەسۇلۇللاھ يەنە ئۈممىتىگە كۆرسەتمە بېرىپ: «ئاسانلاشتۇرۇڭلار، تەسلەشتۇرمەڭلار، خۇش بېشارەت بىرىڭلار، ئۈركۈتۈپ قويماڭلار» دېگەن. ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى توغرىلىق توختىلىپ: «مەن ھەقىقەتەن توغرا، كەڭرى دىن بىلەن ئەۋەتىلدىم» دېگەن.

 

مەنبە: دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىينىڭ «المدخل لدراسة السنة النبوية» دېگەن كىتابى.

تەرجىمىدە: كارۋان

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ