دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ

دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ

دوكتور ئابدۇلۋاھھاب خەللاف

ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى بەختى قەلبىنىڭ خاتىرجەملىكىدە، كۆڭلىنىڭ تىنچلىقىدا ۋە ئوي – پىكرىنىڭ ئىزچىللىقىدىدۇر. ئاللاھ تائالا مۆجىزىلىك ۋە ھېكمەتلىك سۆزى بىلەن بەندىسىنى شۇ بەختكە ئېرىشىدىغان، شۇنداقلا ئەنسىزلىك ۋە پاراكەندىچىلىكنىڭ ئازابىدىن، قايغۇ ۋە تەشۋىشنىڭ ھەسرىتىدىن، شەك ۋە گۇماننىڭ كۆڭۈلسىزلىكىدىن قوغدايدىغان چارىنى كۆرسىتىپ بەردى. يۈكسەك مەدھىيەلەرگە خاس، راستچىل ئاللاھ ئېيتتى: «بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ»([1]).

ئاللاھنى دىللار ئارام تاپىدىغان رەۋىشتە ياد ئېتىش ھەرگىزمۇ ئاللاھنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىدىن بىرەرىنى تىلىدا توختىماي تەكرارلاپ تۇرۇشنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلاھىي يۈكسەكلىكىنى ئەسلەش، مېھىر – شەپقىتى ۋە غالىبلىق قۇدرىتىنى ھېس قىلىش ۋە ھۆكمىدىكى ھېكمەتنى، قازاسىدىكى ئادالەتنى بىلىشتىن ئېبارەتتۇر.

ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى پۈتۈن ھالەتلىرىدە، غۇربەتچىلىكتە ھەم باياشاتلىقتىمۇ، قايغۇدا ھەم شادلىقتىمۇ، سالامەتچىلىكتە ھەم كېسەللىكتىمۇ، تائەتتە ھەم مەئسىيەتتىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرۇشقا ئۆگىتەلىسە؛ ھەممە ئىشنى ئۆز ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ، كەلگەن يامانلىقتا ئاللاھنىڭ بىر ھېكمىتى بار دەپ خاتىرجەم بولالىسا، بۇ كىشىنىڭ قەلبى تىنچلىنىدۇ. ھەمدە، يوقاتقانلىرى ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئاھۇ – زار قىلىشتىن، ئېرىشكەنلىرى ئۈچۈن غادىيىپ – كېرىلىشتىن قۇتۇلۇپ راھەتلىنىدۇ؛ ئەنسىزلىك ۋە تىت – تىتلىقنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن خالاس بولۇپ ئارام تاپىدۇ.

بۇنداق كىشى ئەزىز نەرسىسىنى يوقىتىش بىلەن، بالايىئاپەت بىلەن سىنالغان چاغدا، رەببىنى ياد ئېتىدۇ؛ بولۇپ ئۆتكەن ۋە بولىدىغان بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنىڭ تەلىپى ۋە ھۆكمىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇ رەببى بىر ئىشنى ئىرادە قىلسا ئۇنى ھېچكىم ياندۇرالمايدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ھېچكىمنىڭ قارشى تۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ – دە، دىلى ئارام تاپىدۇ. قەلبىدە ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قارىتا غۇم، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قارىتا ئېتىراز قالمايدۇ. كۆڭۈلنىڭ بۇنداق تىنچلىنىشىدا تەسەللى، رازىمەنلىك ۋە دىلئارامى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزۈڭلار ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان، بۇ (ئىش) شۈبھىسىزكى ئاللاھقا ئاساندۇر»([2]).

ئەگەر سودىگەر سودىسىدا زىيان تارتقاندا، ئىشچىنىڭ تىرىشچانلىقى زايە كەتكەندە، ئوقۇغۇچى ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگىنىدە ياكى ئىنسان ئۆزى ئارزۇ قىلغان بىرەر ياخشىلىقنى كەتكۈزۈپ قويغىنىدا ئاللاھنى ياد ئەتسە ۋە ئۆزىگە ھېچكىمنىڭ ئاللاھ پۈتۈۋەتكەندىن باشقا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى، ئەگەر ئاللاھ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىلىقنى خالىسا ھېچكىممۇ ئۇنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ئەسلىسە، دىلى ئارام تاپىدۇ. يوقاتقانلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزىگە تەۋە نەرسە ئەمەسلىكىنى، ئەگەر ئۆزىگە تەۋە نەرسە بولغىنىدا ھەرگىزمۇ ئۇنى يوقىتىپ قويمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ – دە، كۆڭلى تەسكىن تاپىدۇ. كۆڭۈلنىڭ بۇنداق تىنچلىنىشىدا غەم – قايغۇغا ۋە مەيۈسلۈك – ئۈمىدسىزلىككە چۆكۈپ كېتىشتىن قوغدىنىش بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتتى: «ئاللاھ رەھمىتىدىن كىشىلەرگە ئاچقان نەرسىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ رەھمىتىدىن توسقان نەرسىنى، ئاللاھ توسقاندىن كېيىن، ئۇنى ھېچ قويۇپ بەرگۈچى بولمايدۇ»([3]).

ئەگەر بىر ئىنسانغا نېمەت بېرىلگىنىدە ۋە ئاللاھ ئۇنىڭ ئىلمى ۋە رىزقىنى زىيادە قىلغىنىدا ۋە يەنە ساغلاملىق، پۇل – مال ۋە يۈز – ئابرۇي بىلەن تارتۇقلانغىنىدا رەببىنى ياد ئەتسە، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەرھەمىتىدە ئارام تاپىدۇ – دە، تىلى ئاللاھنىڭ مەدھىيەسى ۋە ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىش بىلەن مەشغۇل بولۇشقا باشلايدۇ. ئەلۋەتتە، نېمەتكە شۈكرى قىلىش ئۇنى تېخىمۇ زىيادە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «نېمەتكە شۈكرى قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر تانساڭلار، مېنىڭ ئازابىم ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ»([4]).

ئەگەر بىر ئىنسان رەببىنىڭ تائىتىگە ۋە رەببىنى رازى قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىدىغان ئەمەلگە مۇۋەپپەق بولغىنىدا رەببىنى ياد ئەتسە ۋە ئۇ رەببىنىڭ ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدىغانلىقىنى، ئەمەل قىلغۇچىنى نىيىتىگە ئاساسەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى، كۆرۈنۈش ۋە شەكىلگە ئەمەس، بەلكى مېغىز ۋە جەۋھەرگە قارايدىغانلىقىنى ئويلىسا ئەمەللىرىنى خالىس قىلىدۇ – دە، ئۆزىنى توغرا يولغا باشلايدىغان ۋە مۇكاپاتلايدىغان زاتقا يۈزلىنىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن بارلىق ئەمەللەرنىڭ دۇرۇس بولۇشى نىيەتكە باغلىق. ھەقىقەتەن كىشىگە نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ»([5]). ئەگەر بىر ئىنسان خاتالىققا چۈشۈپ قالغىنىدا، گۇناھ سادىر قىلىپ قالغىنىدا رەببىنى ياد ئەتسە ۋە ئۇ ئاللاھنىڭ گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچى، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزمىسە، تەۋبە، پۇشايمان ئۈچۈن يېيىلغان يولنى ۋە ئەپۇ – مەغپىرەتنىڭ ئۈمىدىنى تاپىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ سالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟»([6]).

ئاللاھنى ۋە سۈپەتلىرىنى ياد ئېتىش، رەھمەت ۋە قۇدرىتىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئەسلەش ۋىجدانىنى سەگىتىدۇ، ياخشىلىق تۇيغۇلىرىنى ئويغىتىدۇ، قەلبنىڭ راھىتىنى ھەق ئۈستىدە ھېس قىلىدىغان قىلىدۇ. بۇلار بىلەن دىللار ئارام تاپىدۇ – دە، ئىنسان ئاللاھنىڭ ياردىمىگە لايىق بولىدۇ.

ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: بەندەم مېنى قانداق ئويلىسا، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق بولىمەن. ئۇ مېنى ئەسلىگەندە، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمەن».

ئاللاھ تائالانىڭ ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئاياللارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىغانلىقى ۋە ئاللاھنى ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالەتلىرىدە ئەسلەپ تۇرغۇچىلارنى ئەقىل ئىگىلىرى قاتارىدىن ھېسابلىغانلىقى ۋە يەنە «ئەنكەبۇت» سۈرىسىنىڭ 45 – ئايىتىدە: «ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر» دېيىش ئارقىلىق ئاللاھنى ياد ئېتىشنى گۇناھتىن توسۇشتا نامازدىن ئۇلۇغ سانىغانلىقىدىكى ھېكمەتلىرى دەل مۇشۇ ھەدىس قۇدۇسىدا نامايان بولىدۇ.

ۋە يەنە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز زىكرىدىن غاپىل بولغانلارغا تەھدىت قىلىشى، ئۇلارغا بويسۇنۇپ ئەگىشىشتىن توسۇشى، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇش ۋە ئادا – جۇدا بولۇشقا بۇيرۇشىدىكى ھېكمەتمۇ مۇشۇنىڭدا ئايدىڭ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتتى: «بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى – خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى ھەددىدىن ئاشقان ئادەمنىڭ (سۆزى)گە ئەگەشمىگىن»([7]).

«بىزنىڭ زىكرىمىزدىن (يەنى، ئىمان بىلەن قۇرئاندىن) باش تارتقان، دۇنيا تىرىكچىلىكىنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرىگىن»([8]).

«كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن (يەنى، قۇرئاندىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى مۇسەللەت قىلىمىز (شەيتان ئۇنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ)، شەيتان ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ»([9]).

بۇنداق بولۇشى شۇنىڭ ئۈچۈنكى، رەببىنى ياد ئېتىشتىن غاپىل بولغۇچى مەيلى قىيىن ئەھۋالدا بولسۇن ياكى باياشاتلىقتا بولسۇن، تائەتتە ياكى مەئسىيەتتە بولسۇن رەببىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ۋە سۈپەتلىرىنى ھېس قىلمايدۇ. نېمەت ئىچىدىمۇ بەختسىز، تائەتتە تۇرۇپمۇ ئازغۇن بولۇۋېرىدۇ.

ئەگەر ئۇ غاپىلغا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە ھېچقانداق پاناھگاھ تاپالمايدۇ، دۇنيا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تارلىشىدۇكى، ئۇنىڭ ئوي – پىكرىنى قەبىھ، يامان خىياللار بېسىۋالىدۇ، قەلبىنى ئۈمىدسىزلىك ۋە پاسسىپ ئىدىيەلەر چىرمىۋالىدۇ. ئاللاھ تائالا راست ئېيتىدۇ: «كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى، خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز»([10]).

ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر ياخشىلىق كەلسە، ھاكاۋۇرلۇق ۋە تەكەببۇرلۇق بىلەن غۇرۇردىن غادايغان ھالدا كۈتۈۋالىدۇ. ئاللاھنى ئەسلەشتىن غاپىل بولغانلىقتىن، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى گۇناھ ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نېمەت زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. بىر ساھابەدىن مۇنداق كەلگەن: «ئەگەر بىر كىشىگە ئاللاھ تائالا ئۇ گۇناھ ئىچىدە بولسىمۇ ئۇنىڭغا ياقتۇرغىنىنى ئاتا قىلسا، بۇ ئۇنىڭغا مۆھلەت بەرگىنىدۇر» دەپ، ئاندىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇيدىكەن: «ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن خۇشال – خۇرام تۇرغاندا (ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق)، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى»([11]).

ئەگەر ئۇ ئاللاھنىڭ تائىتىگە مۇۋەپپەق بولسا، ئەمەللىرىنىڭ كۆرۈنۈشىدىن قانائەت ھېس قىلىپ، جەننەتكە ھېچكىمنىڭمۇ ئۆز ئەمەللىرى بىلەن كىرمەيدىغانلىقىنى، پەقەت ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلغاندا ئاندىن كىرەلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ. ئەگەر گۇناھقا چۈشۈپ قالسا، ئاسىيلىقنى داۋام ئېتىدۇ ۋە گۇناھىدا چىڭ تۇرىدۇ، قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن قەلبى قارىيىپ كېتىدۇ.

شۇڭا، ئەگەر ئاللاھ تائالا بىر ئادەمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى بارلىق ئەھۋاللىرىدا رەببىنى ئەسلەشكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ – دە، ۋىجدانى سەگىيدۇ، قەلبى ئارام تاپىدۇ، ياخشىلىق ھېس تۇيغۇلىرى ئويغىنىدۇ. ئەگەر بىر كىشىگە يامانلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆز زىكرىدىن غەپلەتتە قالدۇرىدۇ – دە، ئۇ ئادەم ئۆز تەشۋىشلىرىگە تەسلىم بولىدۇ، ۋەسۋەسە – گۇمانلار بېسىۋالىدۇ. ۋە ئىشى ھەددىدىن ئاشقان بولىدۇ، يەنى، ساۋابتىن يىراق، ئاللاھ تائالا بەلگىلەپ بەرگەن چەك – چېگرىدىن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. «كىمنىكى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدىكەن، ئۇ (ھەقىقى) ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، كىمنىكى (قىلغان يامان ئەمىلى تۈپەيلىدىن) ئاللاھ ئازدۇرىدىكەن ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكۈچى دوستنى ھەرگىز تاپالمايسەن»([12]).

مەنبە: ألا بذكر الله تطمئن القلوب – الأستاذ عبد الوهاب خلاف: أستاذ الشريعة بكلية الحقوق – www. islamweb. Net

تەرجىمىدە: چەشمەزۇلال.

——————————–
([1]) «رەئد» سۈرىسى، 28 – ئايەت.
([2]) «ھەدىد» سۈرىسى، 22 – ئايەت.
([3]) «فاتىر» سۈرىسى، 2 – ئايەت.
([4]) «ئىبراھىم» سۈرىسى، 7 – ئايەت.
([5]) «سەھىھەين».
([6]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 135 – ئايەت.
([7]) «كەھف» سۈرىسى، 28 – ئايەت.
([8]) «نەجم» سۈرىسى، 29 – ئايەت.
([9]) «زۇخرۇف» سۈرىسى، 36 – ئايەت.
([10]) «تاھا» سۈرىسى، 124 – ئايەت.
([11]) «ئەنئام» سۈرىسى، 44 – ئايەت.
([12]) «كەھف» سۈرىسى، 17 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ