ئىسلامدا ئەقىدە ئۇقۇمىنىڭ ماھىيىتى

شەيخ سەييىد سابىق رەھىمەھۇللاھ

 

ئىسلام دىنى ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي قىلغان دىنى بولۇپ، ئىسلام ئىمان ۋە ئەمەلدىن ئىبارەت ئىككى ئاساستىن تەركىب تاپقان.

ئىماندىن ئىبارەت بۇ ئاساس ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە قىسمىنى، شۇنداقلا شەرىئەتلەر ئۇ ئاساستا بىنا بولىدىغان ۋە شاخچىلىرى ئۇ ئارقىلىق كۆكلەيدىغان ئەسلىي ئۇلى ۋە يىلتىز قىسمىغا ۋەكىللىك قىلسا، ئىسلامدىكى ئەمەل ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت ھەمدە ئىمان ۋە ئەقىدىگە نىسبەتەن شاخچە سۈپتىدە قارىلىدىغان فەرئى – ئەھكام قىسمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئىمان ۋە ئەمەل ياكى ئەقىدە ۋە شەرىئەتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاساسنىڭ ھەربىرى يەنە بىرىگە نىسبەتەن گويا مېۋە دەرىخىنىڭ ئۆز مېۋىسى بىلەن بولغان باغلىنىشى، ۋەياكى بولمىسا، سەۋەبنىڭ نەتىجە بىلەن بولغان باغلىنىشى، ۋەياكى بولمىسا مۇقەددىمىنىڭ خۇلاسە بىلەن بولغان باغلىنىشى كەبى بىر – بىرىگە زىچ چېتىلغاندۇر.

ئىمان ۋە ئەمەل ئارىسىدا بۇقەدەر زىچ باغلىنىشنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرىدە «ئەمەل» دائىم دېگۈدەك «ئىمان» بىلەن بىرگە يانمۇ – يان كەلتۈرۈلگەن. «(ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن»([1]).

ئىسلامدا ئىمان ئۇقۇمى، يەنى، ئىسلامدا ئەقىدە ئۇقۇمى تۆۋەندىكىدەك مۇنداق ئالتە تۈرلۈك ئىشنى تەشكىل قىلغاندۇر:

1. ئاللاھنى تونۇش، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە يۈكسەك مەنىگە ئىگە سۈپەتلىرىنى تونۇش، ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇ زاتنىڭ بۈيۈكلۈكىنىڭ كائىنات ۋە تەبىئەتتىكى كۆرۈنۈشلىرىگە ئالاقىدار پاكىت – دەلىللىرىنى تونۇش.

2. تەبىئەت ئارقىسىدىكى ئالەم ۋە ياكى بىزلەرگە مەنزۇر بولمىغان ئىككىنچى بىر دۇنيانىڭ بارلىقىنى تونۇش ۋە ئۇ ئالەمدىكى پەرىشتىلەردە گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان ياخشىلىق كۆچلىرىنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىدا گەۋدىلىنىدىغان يامانلىق كۈچلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلىش ھەمدە بۇ ئالەمدىكى جىنلار دۇنياسىنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىنى بىلىش.

3. ھەقىقەت ۋە سەپسەتە ئارىسىدىكى، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئارىسىدىكى، ھالال ۋە ھارام ئارىسىدىكى ھەمدە گۈزەللىك ۋە قەبىھلىك ئارىسىدىكى چەك – چېگرىلارنى ئايرىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان ئاللاھنىڭ كىتابلىرىنى تونۇش.

4. ھىدايەت تۇغلىرى ھەمدە مەخلۇقاتلارنى ھەقىقەتكە يېتەكلىگۈچى رەھبەر بولۇشلىرى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مەخسۇس ئىختىيار قىلىپ تاللىغان پەيغەمبەرلىرى ۋە ئەلچىلىرىنى تونۇش.

5. قىيامەت كۈنىنى ۋە ئۇندىكى تېرىلىش، مۇكاپات – جازالار، ساۋاب ۋە ئازاب، جەننەت ۋە دەۋزەخ قاتارلىقلارنى بىلىش.

6. يارىتىش ۋە ئىدارە قىلىشتا كائىنات ئىنتىزامى ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى ئاساسىدا يۈرۈيدىغان تەقدىرنى بىلىش قاتارلىقلار بولۇپ، مانا بۇلار ئىمان ئۇقۇمىدىن ئىبارەت.

ئىمان دېمەكلىك ئۇ: ئەقىدىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئەنە شۇ ئەقىدە ئاساسىدا، ئۆزىنىڭ كىتابلىرىنى نازىل قىلغان ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئەۋەتكەن ھەمدە بۇ ئەقىدىنى ئۆتمۈش ۋە بۇندىن كېيىنكىلەر ئارىسىدا تەۋسىيە قىلغاندۇر.

مانا بۇ ئەقىدە شۇنداق يېگانە ئەقىدىدۇركى، بۇ ئەقىدە زامان ياكى ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئەسكىرەپ قالمايدۇ، شەخس ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. «ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار!»([2]).

ئاللاھ تائالانىڭ بىزلەرگە دىن جۈملىسىدىن شەرىئەت قىلىپ بېكىتكەنلىرى ھەمدە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلىرىگە تەۋسىيە قىلغىنى كەبى بىزگىمۇ تەۋسىيە قىلغانلىرى ھەرگىزمۇ دىننىڭ فۇرۇئات – ئەھكاملىرى ۋەياكى ئەمەلگە مۇناسىۋەتلىك بېكىتكەن شەرىئەتلىرى بولماستىن، بەلكى ئەقىدىنىڭ ئاساسى – پىرىنسىپلىرى ۋە ئىماننىڭ تەدىل – ئەركانلىرى بولغان.

چۈنكى، ئەمەلگە مۇناسىۋەتلىك شەرىئەتلەر ھەربىر ئۈممەت ئۈچۈن شۇ ئۈممەتنىڭ شەرت – شارائىتلىرى ۋە ھال – ئەھۋالىغا، شۇنداقلا پىكرىي ۋە روھىي ساپاسىغا مۇناسىپ كېلىدىغان رەۋىشتە ئايرىم قىلىپ بەلگىلەنگەندۇر. «(ئى ئۈممەتلەر!) سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلارغا بىرخىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق»([3]).

دېمەك، ئەقىدىنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ روشەن ھەمدە شەخس ۋە جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئېلىپ كېلىدىغان پايدىلىرى ئىنتايىن ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بۇ ئەقىدىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئومۇم ۋە قىيامەتكە قەدەر مەڭگۈ قىلىپ بېكىتكەن. مەسىلەن، ئاللاھ تائالانى تونۇشتىكى مەرىپەتنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە كەلسەك، ئۇشبۇ مەرىپەت ئىنساندىكى ساپ تۇيغۇلارنى ئۇرغۇتۇپ، ياخشىلىق سەزگۈلىرىنى ئويغىتىدۇ. كىشىدە ئۆزلۈكىدىن كۆزىتىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈپ، يۈكسەك ۋە شەرەپلىك ئىشلارغا نىيەت باغلاشقا تۈرتكە بولىدۇ ھەمدە تەبىئىتى پەس ۋە ئەرزىمەس ئىشلاردىن كىشىنىڭ يىراق بولۇشىنى تەمىنلەيدۇ.

شۇنىڭدەك پەرىشتىلەرنى تونۇشتىكى مەرىپەت، خۇددى كىشىنى مۇكەممەل ئاڭلىقلىق ۋە تولۇق ئويغاقلىققا چاقىرغىنىدەك، كىشىنى پەرىشتىلەر كەبى بولۇشقا ھەمدە ئۇلاردەك ھەقىقەت ۋە ياخشىلىق ئۈستىدە ئورتاق ھەمدەمدە بولۇشقا ئۈندەيدۇ.

ئىلاھىي كىتابلارغا بولغان مەرىپەت بولسا، بۇ مەرىپەت ئىنسانغا ئۇنىڭ ماددىي ۋە ئەخلاقى مۇكەممەللىككە يېتىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ سىزىپ بەرگەن توغرا يولىنى تونۇشنى تەمىنلەيدۇ.

پەيغەمبەرلەرنى تونۇشتىكى مەرىپەت بولسا، بۇخىل مەرىپەت ئارقىلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ گۈزەل قىممەتلەرگە ۋەكىللىك قىلغۇچى بولغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالا ئىرادە قىلغان پاكىزە ھاياتقا ۋەكىللىك قىلغۇچى ئىكەنلىكلىرى ئېتىبارى بىلەن، ئىنسانلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىشى ھەمدە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىپ تىكلىشى مەقسەت قىلىنغاندۇر.

قىيامەت كۈنىگە قارىتا مەرىپەت بولسا، بۇ مەرىپەتتە ياخشى ئىشلارنى قىلىش ۋە يامان ئىشلارنى تەرك ئېتىشكە نىسبەتەن ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغاندۇر.

تەقدىرگە قارىتا مەرىپەتكە كەلسەك، ئۇشبۇ مەرىپەت كىشىگە ھەرخىل ئاقىۋەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا نىسبەتەن كۈچ ۋە تاقەت ئارتتۇرسا، قىينچىلىق ۋە ئاقىۋەتلەرگە نىسبەتەن كىشىنى ھەرخىل يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى چوڭ بىلىپ كەتمەيدىغان تونۇشقا كەلتۈرىدۇ.

دېمەك، يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئۇشبۇ ئەقىدىلەر ئىشەنچلىك ھەقىقەتلەر بولۇشىدىن سىرت، بەلكى بۇ ئەقىدىنىڭ مەقسەت – نىشانىنىڭ ئىنساننىڭ ئەمىلىنى تۈزەش، روھىيىتىنى پاكلاش ۋە ئۇنى بۈيۈك خىسلەتلەر ئىگىسى بولغان زات تەرەپكە يۈزلەندۈرۈش بولغانلىقىدۇر.

ھالبۇكى، بۇيەردە ئەقىدە مەرىپىتىنى مۇتلەق ھالدا مەرىپەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىيسى دېمىگەن تەقدىردىمۇ، بۇ مەرىپەتنىڭ ئىنسانىي مەرىپەتلەر ئىچىدە ئەڭ يۈكسەك مەرىپەتلەر قاتارىدا سانىلىدىغانلىقى مۇھەققەقتۇر.

 

مەنبە: مفهوم العقيدة في الإسلام – الشيخ سيد سابق – www.alukah.net

 

تەرجىمىدە: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ.

—————————
([1]) «بەقەرە» سۈرىسى، 25 – ئايەت.
([2]) «شۇرا» سۈرىسى، 13 – ئايەت.
([3]) «مائىدە» سۈرىسى، 48 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ