Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

كۈركە توخۇلارنى بورداپ خىرىستىيانلارنىڭ بايراملىرىدا سېتىشنىڭ ھۆكمى

كۈركە توخۇلارنى بورداپ خىرىستىيانلارنىڭ بايراملىرىدا سېتىشنىڭ ھۆكمى

مىلادىيە) يېڭى يىل بايرىمى ياكى روجىستىۋا بايرىمى ياكى شۈكرانە بايرىمى([1]) قاتارلىق بايراملارنى قۇتلاش خىرىستىيانلارنىڭ ۋە غەربلىكلەرنىڭ دىنىي بايراملىرىنى تەبرىكلەش دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇ بايراملارغا خىرىستىيانلارنىڭ بۇزۇق ئەقىدىلىرى، خۇراپاتلىقلىرى ۋە ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە زىت ئادەتلىرى سىڭگەن.

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ شەھرىدە ياشايمەن. بۇيەردە باقمىچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى قارار قىلغان ئىدىم. ھازىر تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ھىندى قۇشىنى (توخۇنىڭ بىر تۈرى، كۈركە توخۇمۇ دېيىلىدۇ) بېقىش ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر مەزگىل ئىكەن. ئەمما ھىندى قۇشىنى تۈركىيەدە كىشىلەر يېڭى يىلنى قۇتلاش ئۈچۈن پەقەت يىل بېشىدىلا يەيدىكەن. بىز ئۇنى باقساقمۇ يىل بېشىدا سېتىش ئۈچۈن بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدىكەن (باشقا ۋاقىتتا خېرىدارى بولمىغانلىقى ئۈچۈن). بۇنىڭدىن كېلىدىغان پايدىمۇ خېلىلا ئوبدان ئىكەن. بۇنى بېقىپ يىل بېشىدا سېتىش ئىسلام شەرىئىتىمىزگە ئۇيغۇنمۇ؟ يول كۆرسەتكەن بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئەپسۇسكى، نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار خىرىستىيانلارنىڭ، ياتلارنىڭ، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ بايراملىرىنى چوڭ بىلىدىغان، بۇ مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغان، ھەتتا ئۆزلىرىمۇ ئالاھىدە تەبرىكلەيدىغان، پائالىيەت ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ كەتتى.

(مىلادىيە) يېڭى يىل بايرىمى ياكى روجىستىۋا بايرىمى ياكى شۈكرانە بايرىمى(1) قاتارلىق بايراملارنى قۇتلاش خىرىستىيانلارنىڭ ۋە غەربلىكلەرنىڭ دىنىي بايراملىرىنى تەبرىكلەش دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇ بايراملارغا خىرىستىيانلارنىڭ بۇزۇق ئەقىدىلىرى، خۇراپاتلىقلىرى ۋە ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە زىت ئادەتلىرى سىڭگەن.

ئەلۋەتتە، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ تۈرلۈك بايراملارنى تەبرىكلىشى ھارام بولغىنىدەك، خىرىستىيانلارغا، بولۇپمۇ خىرىستىيانلارنى دورىغان مۇسۇلمانلارغا بۇ بايرامغا خاس كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك قاتارلىقلارنى سېتىش، ئورۇن ۋە قاتناش ۋاستىلىرىنى ئىجارىگە بېرىش ھارام بولىدۇ. پەقەت مۇشۇ بايرامدىلا ئىستېمال قىلىنىدىغان كۈركە توخۇلارنى (ياكى ھىندى قۇشلىرىنى) بورداپ تەبرىكلىگۈچىلەرگە سېتىشمۇ مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرىدىكى شېرىككە، كۇپرىغا ۋە مۇنكەرگە ھەمكارلاشقانلىق بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ بايراملارنى چوڭ بىلىش، بۇ بايراملاردا ئۆزئارا تەبرىكلىشىش، تەبرىكلەش سورۇنلىرىغا قاتنىشىشقىمۇ بولمايدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى نەقل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەيلى گۆش قاتارلىق يېمەك –ئىچمەك بولسۇن، مەيلى كىيىم – كېچەك بولسۇن، خىرىستىيانلارنىڭ ھېيت – بايراملىرىغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى ئۇلارغا سېتىش مۇسۇلمانلارغا ھالال بولمايدۇ. شۇنداقلا ئۇلارغا ئۇلاغ ئارىيەت بەرسىمۇ بولمايدۇ. ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ ھېيت – بايراملىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشقا ھەمكارلاشسا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ شېرىك ئەقىدىسىنى چوڭ بىلگەنلىك ۋە كۇپۇر ئىشلىرىغا ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ. مۇسۇلمان ھاكىملار مۇسۇلمانلارنى ئۇنداق قىلمىشلاردىن توسۇشى لازىم. بۇ ئىمام مالىك ۋە باشقا مۇجتەھىدلەرنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇ ھەقتە ئالىملار ئارىسىدا باشقىچە قاراش يوق دەپ بىلىمەن»(2).

ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرىدىن ئىبنى تۈركمەنىمۇ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان كىشى ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ بايراملىرىدا ھەمسۆھبەت بولۇپ ئولتۇرۇش، ئۇلارغا مال سويۇش، تاماق پىشۇرۇش ۋە بايراملىق پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىدىغان ئۇلاقلارنى كىراغا بېرىش بىلەن گۇناھكار بولىدۇ»(3).

جانابى ئاللاھ ھالال، پاك رىزىققا مۇيەسسەر قىلسۇن!

ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2018. 10. 29

————————————————
1. شۈكرانە بايرىمى _ ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردىكى خىرىستىيانلار ئالاھىدە قۇتلايدىغان بايراملارنىڭ بىرى. ئامېرىكىدا نويابىردىكى تۆتىنچى پەيشەنبە كۈنى تەبرىكلەيدۇ. كانادا قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردە يىلنىڭ باشقا كۈنلىرىدە تەبرىكلەيدۇ. زىرائەتتىن ھوسۇل ئېلىشقا باغلىنىپ كەلگەن بۇ بايرام كېيىنچە، خىرىستىيانلاردىكى شۈكۈر نامىزى قاتارلىق ئىبادەتلەر ۋە بەزى يەرلىك ئادەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، شۇ ئەللەردىكى دىنىي ۋە مىللىي بايرامغا ئايلانغان. چېركاۋلارمۇ بۇ بايرامغا ئالاھىدە تەييارلىق قىلىدۇ. بەزى خىرىستىيان تائىپەلىرى بۇ بايرامدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى شۈكۈر روزىسى تۇتىدۇ. بۇ كۈندە كەچلىك تاماققا چوقۇم كۈركە توخۇسى پىشۇرۇلماي قالمايدۇ.
2. «اقتضاء الصراط المستقيم» 2/256.
3. «اللمع في معرفة الحوادث والبدع» إدريس بن بيدكين التركماني 1/294.

Please follow and like us:
Exit mobile version