خورما دەرىخى ۋە مۆمىن ئادەم

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 

ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى ئوخشىتىش بولۇپ، مەلۇم بىر ئۇقۇمنى چۈشەندۈرۈشتە ئۇنىڭ رولى ئىنتايىن زور، چۈنكى ئۇ تىلنىڭ كونكرېت، جانلىق ۋە ئوبرازلىق بولۇشىغا ياردەم بېرىپ، كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشىنى ئوڭايلاشتۇرىدۇ. ئوخشىتىش ئارقىلىق ئوي – پىكىرنى ۋە چوڭقۇر بىر مەزمۇننى ئوبرازلىق ئۇقتۇرغىلى بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا «ئىبراھىم» سۈرىسى، 24 – 26 – ئايەتلىرىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ مۇنداق بىر تەمسىل كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ كەلىمە تەييىبە(يەنى، ياخشى سۆز، ئىمان كەلىمىسى) يىلتىزى يەرنىڭ ئاستىدا بولغان، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن ۋاقتى – ۋاقتىدا مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان ئېسىل دەرەخقە ئوخشايدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ۋەز نەسىھەت ئالسۇن دەپ، ئۇلارغا نۇرغۇن تەمسىللەرنى كەلتۈرىدۇ. يامان سۆز (كۇفرى كەلىمىسى)زېمىندىن قومۇرۇپ تاشلانغان، ھېچقانداق قارارى يوق ناچار دەرەخكە ئوخشايدۇ«. ئاللاھ تائالا بۇ يەردە گۈزەل سۆزنى گۈزەل دەرەخكە ئوخشاتقان، چۈنكى گۈزەل سۆزنىڭ مېۋىسى – گۈزەل ئىش – ھەرىكەت، ياخشى دەرەخنىڭ ھوسۇلى شېرىن مېۋىدۇر.

مۇپەسسىرلەرنىڭ قارىشىچە: گۈزەل سۈز «بىر ئاللاھدىن باشقا ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دېگەن سۆز بولۇپ، بۇ سۆز ھەمىشە گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى ئىشلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئاللاھ رازى بولىدىغان ھەرقانداق گۈزەل ئىش – ھەرىكەت مانا مۇشۇ سۆزنىڭ مېۋىسىدۇر.

ئەكسىچە، يامان سۆز ئايەتتە ناچار دەرەخكە ئوخشىتىلغان، يامان سۆز – ئاللاھنى ئىنكار قىلىش بولۇپ، بۇ سۆز ھەر تۈرلۈك پىتنە – پاسات، پالاكەت ۋە مۇسىبەتنىڭ مەنبەسىدۇر. يامان سۆز ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە پالاكەتلەرگە سەۋەب بولىدۇ.

بۇ پەقەت دىكى كۆپ ئوخشىتىشلاردىن بىر مىسال.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ كۆپلىگەن ھەدىس شەرىفلەردە ئوخشىتىش ئۇسلۇبىنى قوللانغان.

مەسىلەن: ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىم سەھىھلىرىدە رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق ئوخشىتىش بار «دەرەخلەرنىڭ ئىچىدە ياپرىقى تۆكۈلمەيدىغان، ھەر دائىم ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان بىر دەرەخ بار، ئۇ مۆمىنگە ئوخشاش… … ئۇ بولسا خورما دەرىخىدۇر».

بۇ نېمىدېگەن گۈزەل ئوخشىتىش! نېمىدېگەن راست ئوخشىتىش! چۈنكى، خورما دەرىخىدە مۆمىننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى سۈپەتلىرى گەۋدىلەنگەن.

1. خورما دەرىخى تۈپتۈز ئۆسىدىغان دەرەخ، ئۇنىڭ ئەگرى ياكى سىڭايان يېرى يوق. مۆمىن كىشىمۇ شۇنداق تۈز بولىدۇ، بىر ئاللاھقا ئىشىنىدۇ، ئىش – ھەرىكەتلىرىدە قۇرئاندىكى ئىلاھىي يولدىن قايرىلىپ كەتمەيدۇ. دېمەك، مۆمىن كىشى ئوي – پىكىردە تۈز، ئېتىقادتا توغرا، سۆزىدە راستچىل، ئىش – ھەرىكىتىدە دۇرۇس بولىدۇ.

2. خورما دەرىخىنىڭ يىلتىزى يەرنىڭ ئاستىغا پېتىپ كەتكەن، شاخلىرى كۆككە تاقاشقان بولىدۇ. مۆمىن كىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشەنچىسى مەزمۇت بولىدۇ، ئۇ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق كۆرسەتمىلەرنى ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاندىن ئالىدۇ. ئۇنىڭ زېمىندا قىلغان تائەت – ئىبادەتلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلۈپ مەقبۇل بولىدۇ.

3. خورما دەرىخى مەزمۇت ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ بويى ئاسمانغا تاقاشسىمۇ بوران – چاپقۇنلار ئۇنى تەۋرىتەلمەيدۇ. مۆمىنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۇنى بالايىئاپەت، مۇسىبەت ۋە ئېغىر كۈنلەر يىقىتالمايدۇ، مۆمىن كىشى بېشىغا كەلگەن ھەرقانداق ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىدۇ، ئۆزىنى سەۋرچانلىققا ئادەتلەندۈرىدۇ، مۆمىن كىشى ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا تەۋرەنمەي تىك قەد كۈتۈرۈپ تۇرىدۇ.

4. خورما دەرىخىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى گۈزەل، مېۋىسىمۇ تەملىك كېلىدۇ. مۆمىنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، تاشقى كۆرۈنۈشى پاكىز، رەتلىك ۋە يېقىملىق بولىدۇ، دىلىمۇ پاك ئىمان بىلەن تولغان بولىدۇ، ئاللاھدىن قورقىدۇ، يامان قىلىق، بەتنىيەت، ھەسەتخۇرلۇق، ئىچى يامانلىق، پىخسىقلىق، قورقۇنچاقلىق ۋە باشقا يامان ئىللەتلەردىن خالىي بولىدۇ. كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە باشقىلار بىلەن چىقىشقاق كېلىدۇ.

5. خورما دەرىخىنىڭ ھەممە يېرى پايدىلىق. مېۋىسى يېيىلىدۇ، ئۇزۇن بولىدۇ، ياغىچى چەللە – باراڭ ياساشقا، شاخلىرى قەپەس ياساشقا، ياپراقلىرى سېۋەت ياساشقا، پاخاللىرى ئاغامچا ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ، مېۋىسىنى ئىنسانلار يېسە، ئۇرۇقى ھايۋانلارغا ھەلەپ قىلىپ بېرىلىدۇ. مۆمىنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ھەممە تەرەپتىن پايدىلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەقلى ھەق ئۈچۈن ئويلايدۇ، تىلى راست سۆزلەيدۇ، غەيۋەت قىلمايدۇ، گەپ توشىمايدۇ، باشقىلارغا لەقەم قويمايدۇ، باشقىلارنى تىللىمايدۇ، قولى رەھىمسىزلىكنى، باشقىلارغا ئازار بېرىشنى ۋە ئوغرىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ، بەلكى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ، كۆزى ھارامغا قارىمايدۇ، قۇلىقى ئوغۇرلۇقچە گەپ تىڭشىمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەپ يۈرمەيدۇ، شۇڭا، ھەرقانداق كىشى مۆمىندىن ياخشىلىق كۈتىدۇ، مۆمىندىن يامانلىق كەلمىگەچكە كىشىلەر مۆمىننىڭ يامانلىق قىلىشىدىن خاتىرجەم بولىدۇ.

6. خورما دەرىخىنىڭ مېۋىسى يىل بويى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، يىل بويى بازارغا كىرىدۇ، خورما غورا ھالىتىدىمۇ، پىشقان ھالىتىدىمۇ ھەمدە قۇرىغان ھالىتىدىمۇ يېيىلىدۇ. مۆمىنمۇ شۇنداق، ئەتراپتىكىلەرگە توختاپ قالماي ئۈزلۈكسىز پايدا – مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ، ياردەم قىلىدۇ، سىلە رەھىم قىلىپ يوقلايدۇ، يۆلەيدۇ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ.

7. خورما دەرىخىگە چالما ئاتسىڭىز مېۋە تاشلاپ بېرىدۇ. مۆمىن كىشىمۇ شۇنداق، يامانلىقنى يامانلىق بىلەن قايتۇرماي، يامانلىققا ياخشىلىق قىلىپ جاۋاب بېرىدۇ، پەيغەمبىرىمىز بۇ ھەقتە مۆمىنلەرگە باشلامچى ۋە ئۈلگە بولغان، ئۇ ئۆزىگە بەرمىگەن كىشىگە بەرگەن، ئۇنى يوقلىمىغان كىشىنى يوقلىغان، زۇلۇم قىلغانلارنى كەچۈرۈۋەتكەن، باشقىلارنىڭ نادانلىقىنى ۋە ناچارلىقىنى كەڭ قورساقلىق ۋە ئەپۇچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغان.

8. خورما دەرىخى يىل بويى پارقىراقلىق ھالىتىدە ياپيېشىل تون كىيگەن بولىدۇ. مۆمىنمۇ تەقۋادارلىق ۋە ئالىجاناب ئەخلاق تونىنى ئۆمۈر بويى سالمايدۇ. شەرمى – ھايا، كەمتەرلىك ۋە پەزىلەت ئۇنىڭدىن نېرى كەتمەيدۇ.

9. خورما دەرىخىنىڭ سايىسى يېنىك بولۇپ، ئەتراپتىكى زىرائەت ۋە دەل – دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ، زەرەر يەتكۈزمەيدۇ. مۆمىنمۇ ئەتىراپىدىكى قوشنا، دوست – بۇرادەرلىرىگە ئېغىرلىق سالمايدۇ، قوشنىلارنىڭ ھەققىنى تولۇق ئانا قىلىدۇ.

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ.

2001 – يىل.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ