قارىغۇلارچە كاپىرغا چىقىرىشتىن ساقلىنىش

دوكتور مۇھەممەد ئەمارە

(1)

قارىغۇلارچە كاپىرغا چىقىرىش ۋە ئىسلامنىڭ ئۇنى رەت قىلىشى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ يولىغا (يەنى، غازاتقا) ئاتلانغان ۋاقتىڭلاردا ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىڭلار (يەنى، مۆمىن ياكى كاپىرلىقى ئېنىق بولغۇچە ئۆلتۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمەڭلار)، سىلەرگە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سالام بەرگەن ئادەمگە – دۇنيانىڭ مال – مۈلكىنى (غەنىيمەتنى) كۆزلەپ – سەن مۆمىن ئەمەسسەن دېمەڭلار (يەنى، ئۆلۈشتىن قورقۇپ سالام بەردىڭ دەپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار)، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (مۇنداقلارنى ئۆلتۈرۈشتىن سىلەرنى بىھاجەت قىلىدىغان) نۇرغۇن غەنىيمەتلەر (يەنى، ساۋاب) بار، ئىلگىرى سىلەرمۇ ئەنە شۇنداق (كاپىر) ئىدىڭلار، كېيىن ئاللاھ سىلەرگە (ئىماننى) ئىلتىپات قىلدى، (ئۇلارنى ئۆزۈڭلارغا سېلىشتۇرۇپ) ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر»([1]).

ئىمام قۇرتۇبىي يۇقىرىقى ئايەتنى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مانا بۇ ئايەت شەرىئەت ئەھكاملىرىغا قارىغۇلارچە ھۆكۈم قىلماستىن ۋە شەرىئەتنىڭ سىرلىرىنى ئاساسسىز تەۋىل قىلماستىن، بەلكى ئۇنىڭ (يەنى، سىلەرگە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سالام بەرگەن ئادەمنىڭ) ھۆكمىنى زاھىرىسىغا (ئاشكارىسىغا) قارىتا قىلىشتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىلاھىي يوليورۇقتۇر. ھېچقاچان ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن ئۆزلىرى بىلمەيدىغان ئىشقا ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغىنى يوق.

ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى جۇھەينە قەبىلىسىنىڭ ھۇرەقات دېگەن يېرىگە قوشۇن تارتىپ ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتتى. بىز ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن بىر كىشىنى ئۇچراتتىم. ئۇ كىشى: «بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق» دەپ شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىۋىدى، مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم. جەڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ ئىش ئېسىمگە كېلىپ، بولغان ئىشلارنى رەسۇلۇللاھقا سۆزلەپ بەردىم. پەيغەمبىرىمىز ماڭا: «شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىۋاتقان ئادەمنى ئۆلتۈردۈڭما!» دەپ كايىپ كەتتى. مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ كىشى ھەقىقەتەن مېنىڭ قورالىمدىن قورقۇپ شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتتى» دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ ماڭا: «ئۇ كىشىنىڭ راست دېگەن – دېمىگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن قەلبىنى يېرىپ باقمىغانسەن؟» دەپ قىلغان ئىشىمنى يامان كۆردى، ھەتتاكى مەن شۇ كۈنى يېڭىدىن مۇسۇلمان بولۇپ قالغان بولسامچۇ دەپ ئارزۇ قىلىپ كەتكەن ئىدىم([2]).

بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ، ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن سەن ئاشكارىسىغا ۋە تىلىدا تەلەپپۇز قىلىنغان نەرسىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىشقا تەكلىپ قىلىندىڭ، سېنىڭ قەلبىڭ بىرەر نەرسىگە ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەس».

ھۆججەتۇل ئىسلام ئىمام ئەبۇ ھامىد غەززالىي مۇنداق دەيدۇ: «جاھىللارچە باشقىلارنى كاپىر دېيىشكە ئالدىرىما، كىشىلەردە بايقالغان بەزى نۇقسانلار تۈپەيلى ئۇلارنى كاپىر دېيىشتىن ساقلان، شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىۋاتقان ئەنە شۇ قىبلە ئەھلىنىڭ (يەنى، قىبلىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ) قېنى ۋە مېلىنى ھالال ساناش چوڭ خاتالىقتۇر، مىڭ كاپىرغا خاتا ھۆكۈم قىلىپ ھايات قالدۇرۇش، بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىنى خاتا ھۆكۈم بىلەن بىھۇدە تۆكۈشكە قارىغاندا يەڭگىلراقتۇر».

ئىمام مۇھەممەد ئابدۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائالا ھەرقانداق خەلىپە، قازى ۋە مۇپتىدىن تارتىپ تاكى ھەربىر دىن ئەھلى ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن رەۋىشتىمۇ ئېتىقاد ۋە شەرئى ھۆكۈملەرگە ھۆكۈمدار بولۇشقا ۋە خالىغانچە ھۆكۈم قىلىشقا يول قويغىنى يوق. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ۋە ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانىنى كونترول قىلىۋېلىشىغا ياكى گۇمان نەزىرى بىلەن تالاش – تارتىش قىلىشغا رۇخسەت قىلغىنىمۇ يوق. ئىسلام دىنى دېگەن مەھكۇملۇق ۋە بەندىگە قۇلچىلىق قىلىش دىنى ئەمەس، بەلكى گۈزەل ئۇسلۇبتا ياخشىلىققا چاقىرىش ۋە يامانلىقتىن توسۇش ھۆكۈمدار بولغان دىندۇر».

ئاللاھ تائالا بۇ گۈزەل ۋەز – نەسىھەتلەرنى يەتكۈزۈش ھوقۇقىنى يۇقىرى مەرتىۋىلىك كىشىلەر قانچىلىك ئۈستۈن بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى مۇسۇلمانغىمۇ بەردى.

بىر مۇسۇلماننىڭ شەنىنىڭ ناھايىتى كاتتا بولۇپ، باشقىلارنىڭ قانچىلىك تۆۋەن ئورۇندا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سەمىمىي نەسىھەت قىلىش ۋە توغرا يولغا باشلاشتىن ئىبارەت بۇ ھوقۇق ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ھەققىدۇر.

مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مەشھۇر بولغان، دىنىي پىرىنسپلىرىدا تونۇشلۇق بولغان قائىدىلەردىن بىرى، ھەرقانداق بىر كىشىدە يۈز كۇپۇرنىڭ ئالامىتى سادىر بولۇپ، بىر ئىماننىڭ بەلگىسى تېپىلسا، ئۇ كىشى مۇسۇلمان دەپ قارىلىدۇكى، كاپىرغا چىقىرىش دۇرۇس بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىسلام دىنى ئىلاھىي چاقىرىقلاردا بولسۇن، ياكى ئىلاھىي چاقىرىقلارنى يورۇتۇپ بەرگۈچى پەيغەمبەر بايانلىرىدا بولسۇن، ۋەياكى ئىسلامىي پىكىر ئېقىملىرىدا بولسۇن، ئەھلى ئىسلامنى قارىغۇلارچە كاپىرغا چىقىرىشتىن ساقلىنىش ۋە كاپىرغا چىقارغۇچىلارنىڭ جاھىللىقلىرىنى توسۇپ قېلىشنىڭ ناھايىتى زۆرۈرلۈكىنى ئېلان قىلدى.

(2)

ئىسلام ئۈممىتى بىر گەۋدىدۇر

ھەرقايسى قىتئەلەردىكى خەلقئارالىق چىگرالاردا ياشاۋاتقان خەلقلەر ئۆزئارا ھەمكارلىق، بىر – بىرىگە بېقىنىش، قوللاش ۋە ئۇيۇشچانلىققا قاراپ يۈزلەنمەكتە. خەلقلەردىكى تۇرمۇش ئېھتىياجى، پاراۋانلىق ۋە سۇغۇرتىغا ئوخشاش ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېلىپ بارىدىغان ماددىي ئېھتىياج تەقەززاسى ۋە خەلقلەرنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئېقىنغا سۆرەپ كىرىدىغان تاشقى ۋە ئىچكى رىقابەت يۆلىنىشى ھەمكارلىققا سەۋەب بولغان ئىدى.

ئىسانلار ئارىسىدىكى دىن، مەدەنىيەت، كىملىك ۋە تىل پەرقى، تارىخىي قانلىق توقۇنۇش، ئۆچ – ئاداۋەتنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىشىلەرنى ئۆزئارا ھەمكارلىققا، بىرلىششكە ۋە قوللاپ – قۇۋۋەتلەشكە تۈرتكە بولغان نەرسە دەل دۇنياۋى ماددىي تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمدىلىكتە، تاشقى دۇنيا كۆرۈنۈشلىرى ئىسلام ئۈممىتىنى غەم – قايغۇ ۋە تېڭىرقاشلارغا چاقىرىۋاتقاندەك قىلاتتى.

مۇسۇلمانلار بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ بىر گەۋدە ئىكەنلىكى نامازلىرىدا كېچە ۋە كۈندۈز تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ئىلاھىي چاقىرىقتا بېكىتىلگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «(ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار»([3]) «(ئى پەيغەمبەرلەر جامائەسى!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، (مېنىڭ ئازابىمدىن) قورقۇڭلار»([4]).

بۇ ئۈممەتنىڭ شانلىق تارىخى ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى، ئون ئەسىردىن كۆپرەك شەرقنى تالان – تاراج قىلغان پارس ۋە رىم ئىمپېراتۇرلىقىنىڭ سەلتەنىتىنى بىتچىت قىلىشتەك ۋە دۇنيانى ئون ئەسىردىن ئارتۇق ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن يورۇتقان خەلقلەرگە ئىلىم – مەرىپەت ئۆگىتىشتەك كەمدىن – كەم تېپىلىدىغان شانلىق نەتىجىلىرىنى ھەرقايسى تىللاردا ئېلان قىلدى.

بۇ ئۈممەتنىڭ بىرلىكى، خەلقلەرنى ئازغۇنلۇققا، شەھەرلەرنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارغان موڭغۇللارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ۋە ئىككى ئەسىرگە سوزۇلغان كۆلىمى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا ئوخشاپ كېتىدىغان رادىكال خىرىستىيانلارنىڭ «ئەھلى سەلىپ» تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا تەۋرەنمەي مۇستەھكەم تۇرغان ئىدى، بۇنىڭغا ئىلاھىي پەرزلەر ۋە شانلىق تارىخ گۇۋاھدۇر.

ھالبۇكى، بۇ بۈيۈك ئۈممەت ئاچچىق ئاۋازدا مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئۈممەت بۆلۈندى. بۇ ئۈممەتتىكى ھەمكارلىق، ئىتتىپاقلىق، ئۇيۇشقاقلىق يوقالدى. بۇ ئۈممەتتىكى ئاشۇ خىسلەتلەر دۈشمەنلەرگە ۋە ياتلارغا يۆتكەلدى. بۇ ئۈممەتنىڭ بايلىقى بۇلاندى. بۇ ئۈممەتنىڭ زېمىنى ياتلارنىڭ ئەسكەر بازىسى قىلىندى؛ دېڭىز ساھىللىرى ياتلارنىڭ خالىغانچە بەخىرامان كىرىپ – چىقىدىغان پورتىغا ئايلاندى.

بۇ ئۈممەتتىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى غەربتىكى رادىكال خىرىستىيانلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدىغان بولدى، ياتلارنىڭ ئاتالمىش مەدەنىيەت ۋە سىياسەتلىرى تەسىرىدە تەربىيەلەندى. ھەتتاكى شۇ دەرىجىدە ئاجىزلىققا، چۈشكۈنلۈككە، بۇزۇقلۇققا يول تۇتقانكى، ئۇلار خۇددى مۇھەممەد ئەلى پاشا «سالاھىددىن ئەييۇبىي قەلئەسى»دىكى كاتتا زىياپەتكە چاقىرغان يات مەملىكەت پادىشاھلىرىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.

ۋە بۇ ئۈممەتنىڭ ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ھازىرقى ھالى ئەينى چاغدىكى ئەندۇلۇس (ھازىرقى ئىسپانىيە)نى قولدىن بېرىپ قويغان بۆلۈنمە پادىشاھلارنىڭ ھالىغا بەك ئوخشايتتى.

ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ھالىمۇ ھاكىم – ئەمەلدارلاردىن قېلىشمايدۇ. ھالبۇكى، بۇ ھاكىملارنىڭ موللىلىرى ئۈممەتنىڭ بىرلىكى، ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى ۋە ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدىغان ئايەت – ھەدىسلەرنى ئۆگىتىدۇ، يادقا بىلىدۇ، دائىم تەكرارلاپ تۇرىدۇ. بۇ شانلىق ئۈممەت ياراتقان تارىخنى، بەزى بۆلۈنگەن پىرقىلەرنىڭ تراگېدىيىلىك ئەسلىمىلىرىنى، نۇمۇسسىزلىقىنى ئىبرەت ئالماستىن ئوقۇيدۇ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئۈممەتكە سىزىپ بەرگەن مۇنۇ كۆرسەتمىسىنى ياخشى بىلەتتى.

پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شەيتان بولسا ئىنسانلارنىڭ بۆرىسىدۇر، خۇددى قوي پادىلىرىنىڭ بۆرىسى توپتىن ئايرىلغاننى يېگىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ توپتىن ئايرىلغىنىڭلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ، بۆلۈنۈپ كېتىشتىن ساقلىنىڭلار، جامائەتنى ۋە مەسجىدنى لازىم تۇتۇڭلار»([5]).

خۇددى ئەمەلدارلارنىڭ كۆپىنچىسى دىنى بىر، زېمىنى بىر بولغان بۇ ئۈممەتنىڭ زېمىنىنى پارچىلاپ بىر پۈتۈن ئىسلام زېمىنىنى بۆلۈۋاتقىنىدەك، بۇ ئۈممەتنىڭ بەزى نادان موللىلىرى مەزھەپ ئەسەبىيەتچىلىكى بىلەن بۇ ئۈممەتنىڭ بىرلىكىنى بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ۋە مىللەتلەرنىڭ تارىخى مابەينىدە بېكىتكەن قانۇنىيىتىنىڭ ئۇلار ئارىسىدا ئالمىشىپ تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت «ئالمىشىپ تۇرۇش» قانۇنىيىتىنى بايان قىلىپ بۈيۈك كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز (يەنى، غەلىبىنى ھەمىشە بىر پىرقىدە قىلماي، بىر كۈن بۇ پىرقىدە، بىركۈن ئۇ پىرقىدە قىلىمىز)، (بۇ) ئاللاھنىڭ (ھەقىقىي) مۆمىنلەرنى (مۇناپىقلاردىن) ئايرىشى ئۈچۈندۇر، سىلەرنى شېھىتلەردىن قىلىشى (يەنى، سىلەردىن بەزىلەرنى شېھىتلىك دەرىجىسىگە مۇشەررەپ قىلىشى) ئۈچۈندۇر، – ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ. – مۆمىنلەرنى (ئۇلارغا يەتكەن مۇسىبەت ئارقىلىق) پاكلىشى ئۈچۈندۇر، كاپىرلارنى يوق قىلىشى ئۈچۈندۇر»([6]).

پەيغەمبىرىمىز بىزگە «ئالمىشىپ تۇرۇش» قانۇنىيىتىنىڭ خۇددى كېچە بىلەن كۈندۈز ئالماشقىنىدەك «دەۋرلىك» شەكىلدىن ھاسىل بولغان تارىخىي يوللىرىنىڭ باسقۇچلىرىنى ئۆگەتكەن ئىدى. ئادىللىق بىلەن زۇلۇممۇ، ئۈستۈنلۈك بىلەن تۆۋەنلىكمۇ، تەرەققىيات بىلەن چېكىنىشمۇ، گۈللىنىش بىلەن يىمىرلىشمۇ ئۆزئارا ئالمىشىپ تۇرىدۇ.

بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەندىن كېيىن زۇلۇم كۆپ ھۆكۈم سۈرەلمەيدۇ. قاچان زۇلۇم باش كۆتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ مىقدارىدا (يەنى، شۇ زۇلۇم بولغان مىقدارچىلىك) ئادىللىق يوقىلىدۇ، ھەتتا بىر كىشى شۇ زۇلۇمدا تۇغۇلۇپ، زۇلۇمدىن باشقىنى كۆرمەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بىلەن ئادىللىق باش كۆتۈرىدۇ، شۇ چاغدا ئۇنىڭ مىقدارىدا زۇلۇم يوق بولىدۇ، ھەتتاكى بىر كىشى ئاشۇ ئادىللىقتا تۇغۇلۇپ، ئادىللىقتىن باشقىسىنى كۆرمەيدۇ»([7]).

بۇ ئۈممەتنىڭ ھالى مۇشۇنداق بولىۋەردى…

پەيغەمبىرىمىز بىزگە قىيامەت بولغۇچە ئۆزىنىڭ ئۈممىتىدىن مەۋجۇتلۇق يوقاتمايدىغان ياخشى بىر تۈركۈم كىشىلەردىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن تاكى قىيامەت كۈنىگىچە زالىملارنىڭ زۇلۇمىغا پەرۋا قىلماي ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىدىغان بىر تائىپە بولىدۇ»([8]) ۋەيەنە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئۈممىتىم ئازغۇنلۇق ئۈستىگە جۇغلانمايدۇ»([9]).

ئىسلام چىگرالىرىنى ھىمايە قىلىدىغان ئالىي ھىممەتلىك ۋە جاسارەتلىك ئالىملار ۋە مۇتەپپەككۇرلار بۇ ئۈممەتنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن، بۇلىۋېلىنغان زېمىنلىرىمىز ۋە بايلىقلىرىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان يېتەكچىلەر ئۈچۈن، جۈملىدىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا سادىق، بارلىق مۆمىنلەرنى بىر ئەقىدە، بىر شەرىئەت، بىر مەدەنىيەت، بىر ئۈممەت، بىر رايون تەۋەلىكىدىن ئىبارەت بۇ بەش بىرلىكنى جۇغلىيالايدىغان قوماندانلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى چىقىرىدۇ.

بۇ ئۈممەتتىكى كۆپ خىللىق، پەرق ۋە پىكىر ئوخشىماسلىقى بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان بەش بىرلىك ئىچىدە بولغان بولسا، ئەنە شۇ بىرلىك ئىسلام بۇ ئۈممەتكە ئېلىپ كەلگەن ئاللاھنىڭ كاتتا نېمەتلىرىدىن بولغان بولاتتى. ئەپسۇس، بۇ ئوخشىماسلىقلار مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى بۇزغۇچى ئەشەددىي كېسەل سۈپىتىدە مۇسىبەت بولۇپ گەۋدىلەندى. ئىسلام بىرلەشتۈرگەن قەلبلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان، بۇ ئۈممەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە ئار – نومۇسىنى سۇندۇرىدىغان ئامىللارنىڭ تۇنجىسى «كاپىرغا چىقىرىش» تالاش – تارتىشىدۇر.

قۇرئان بۇ ئۈممەتنىڭ شەكلىنى خۇددى ئاللاھ ئىرادە قىلغاندەكلا سىزىپ بەردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر كاپىرلارغا قاتتىقتۇر، ئۇلار ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر»([10]).

ئەمما، «كاپىرغا چىقىرىش» تالاش – تارتىشى بۇ ئۈممەتتكى مەزھەپلەر، تائىپىلەر ۋە پىكىر ئېقىملىرىغا سوقۇنۇپ كىرگەندىن كېيىن، مۇشۇ كۈنلەردە ئىسلام دىيارلىرىدا پەيدا بولۇۋاتقان تەرەپپازلىق ئالدىدا، بۇ پىتنىنىڭ ئىشىكىنى تېخىمۇ كەڭرى ئاچتى. بۇ ئۈممەتتىكى بەزى پىرقىلەر ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىغا قاتتىق قول، دۈشمەنلەرگە بولسا ناھايىتى مېھرىبان بولۇشقا ۋە ئۇلار بىلەن ئىتتپاق تۈزۈشكە باشلىدى.

ھەقىقەتەن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كېمىسى «فىرئەۋنچىلەر» ۋە «قارۇنچىلار»نىڭ ئىسلامغا، ئۈممەتكە، ئىسلامنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىگە ۋە ئالىملىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان «ئەھلى سەلىب» يۈرۈشىنىڭ قارا بورانلىرىدىكى ۋەھىمىلىك دولقۇنلارغا دۇچ كەلدى. ئىسلام ئۈممىتىدىكى مەزھەپلەر بولسا بۇ كېمىنىڭ تاختايلىرى، ئۈممەتنىڭ ئەقلى ۋە جاسارىتى بولسا بۇ كېمىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئاساسىي كۈچ ئىدى.

سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز بىزگە بۇ ئۈممەتنىڭ كېمىسىنى قوغداشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلغان كىشىلەر بىلەن ئەمەل قىلمىغان كىشىلەرنىڭ مىسالى خۇددى دېڭىزدىكى بىر كېمىگە چەك تاشلىشىپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئۈستى قەۋەت چىققان، بەزىسىگە ئاستى قەۋەت چىققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇكى، ئاستىدىكىلىرى سۇغا موھتاج بولۇپ ئۈستىگە چىقىپ سۇ ئالغاندا ئۈستىدىكىلەرگە ئەزىيەت بېرىپ سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈستىدىكى كىشىلەر ئۇلارغا: سىلەرنى ئۈستىگە چىقىپ بىزگە ئەزىيەت بېرىشكە يول قويمايمىز، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاستىدىكى كىشىلەر: ئۇنداق بولسا بىز كېمىنىڭ ئاستىنى تېشىپ سۇ ئالايلى، دېيىشىدۇ. ئەگەر ئۈستىدىكىلەر ئاستىدىكىلەرنى توسۇۋالسا ھەممىسى ساق قالىدۇ؛ بولمىسا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولىدۇ»([11]).

ئەپسۇس، ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا بۇ ئۈممەتنىڭ كېمىسىنى ئۆزىنىڭ قارا بورانلىرى، ۋەھىمىلىك دولقۇنلىرى بىلەن قىرغىن قىلىمىز دەپ جار سېلىۋاتقان مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، بۇ ئۈممەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزغۇچى «كاپىرغا چىقىرىش» تالاش – تارتىشى مەيدانغا چىقتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ ئالدىدا (يەنى، بارىدىغان يوللىرىدا) ھەرقانداق ساق كېمىنى ئىگىسىدىن (زورلۇق بىلەن) تارتىۋالىدىغان بىر زومىگەر پادىشاھ بار ئىدى»([12]).

(3)

ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى

مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ 90% تىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلىگەن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتقان كىشىنى كاپىرغا چىقارماسلىقتا مەيدانى ئىنتايىن كەسكىن ۋە ئېنىقتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىللە شاھادەت ئېيتقۇچى ئىسلام دىنىنىڭ شوئارى بولغان شۇ ئىككى شاھادەتنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى ئورۇندىغانلا بولسا ئۇ كىشىنىڭ جېنى، مېلى ۋە ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغدىشىمىز لازىمدۇر.

 

ئىسلام ھۆججىتى ئەبۇ ھامىد غەززالىينىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانى

ئېيتقان سۆزلىرى ھۆججەت دەپ قارىلىدىغان بۇ ئالىم ناھايىتى ئوچۇق ھەم كەسكىن قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىلگىنكى، ئىماننىڭ ھەقىقىتى ۋە كۇپۇرنىڭ ھەقىقىتىنىڭ چىگرالىرى بولىدۇ؛ ھەق بىلەن باتىلنىڭ سىرلىرى بولىدۇ؛ بۇلار قەلبلىرى ئابروي ۋە دۇنيا تەلەپ قىلىش بىلەن بۇلغانغان، دۇنيانى، مەرتىۋىنى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە ئاشكارا بولمايدۇ، بەلكى دەسلىپىدە دۇنيانىڭ كىرلىرىدىن قەلبلىرىنى پاكلىغان، ئاندىن قەلبلىرىنى چېنىقتۇرۇش بىلەن پارقىراتقان، سۈزۈك زىكىرنىڭ نۇرلىرى بىلەن قەلبلىرىنى نۇرلاندۇرغان، شەرىئەت چىگرالىرىدا مۇستەھكەم تۇرۇش بىلەن قەلبلىرىنى زىننەتلىگەن، ھەتتا پەيغەمبەرلىك تەكچىسىدىكى نۇر قەلبلىرىگە چۈشكەن، خۇددى بۇ قەلبلەر سۈزۈك ئەينەكلەرگە ئايلانغان، ئىمان نۇرى قەلب چىراقلىرىنى نۇرلاندۇرغان، ئاخىرى قەلبى ئوت يېقىلىپ، يورۇپ پارلىنىپ كېتىشكە ئازلا قالغان كىشىلەرگىلا ئاشكارا بولىدۇ.

ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى – ھەۋەس ۋە سەلتەنەتلىرىنى ئىلاھى، مال – دۇنيالىرىنى قىبلىگاھى، شاللاقلىق، نادانلىق ۋە بىخۇدلۇقنى ئۆزلىرىنىڭ ھايات مىزانى، بايلارغا خىزمەت قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ ئىبادىتى، ۋەسۋەسەلەرنى ئۆزلىرىنىڭ زىكىرلىرى، سىياسەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مال – دۇنيا تېپىشتىكى قورالى، ھىيلە – مىكىرنى ئۆز ھاياتلىرىنىڭ تەقەززاسى قىلىۋالغان كىشىلەرگە ھەقىقىي پادىشاھلىقنىڭ سىرى قانداقمۇ ئاشكارا بولسۇن؟! ئەنە شۇنداق كىشىلەرگە ئىمان نۇرى بىلەن كۇپۇر زۇلمىتىنى ئايرىش نەدە تۇرۇپتۇ؟!ياكى ئۇ كىشىلەر دۇنيا بىلەن كىرلىشىپ كەتكەن قەلبلىرىدىن ئايرىلمايدىغان ئىلاھىي ئىلھامغا ئىگىمىدۇ؟ ۋە ياكى شەرىئەتتىكى نىجاسەت، سۇنىڭ سارغىيىپ قېلىشى ۋە شۇنىڭدەك بەزى ئىلمىي مەسىلىلەردىكى ئازغىنە بىلىمى بىلەن ئۆزلىرىنى كامالەت ئەھلى دەپ ئويلامدىغاندۇ؟ ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

بۇ يەردىكى مەقسەت ئۆزىنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرى بىلەن ھېس قىلغان نەرسىدىن قىممەتلىك ۋە بىباھادۇر. سەن ئۆز ئىشىڭ بىلەن بول، ئۇ ئىشلار بىلەن كۈنلىرىڭنى زايە قىلما.

ئاللاھ سۇبھانە ۋە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ زىكرىمىز (يەنى، ئىمان بىلەن قۇرئاندىن) باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرىگىن. ئۇلارنىڭ ئىلمىدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ»([13]).

ئىنساپ بىلەن قارىغىنىڭدا، بىر ئادەمنىڭ مەلۇم بىر مۇجتەھىدنىڭ بىر ھەق ئىشنى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ قىلغىنى ھەمىشە ھەق، داۋاملىق ھەق ئۈستىدە بولىدۇ، خاتالاشمايدۇ، دېيىش ئەھلى ئىسلامنى جاھىللىقتىن كاپىرغا چىقىرىشقا قارىغاندا كۇپۇرلۇققا ۋە زىتلىققا يېقىنراقتۇر. چۈنكى، ئۇنىڭدىكى كۇپۇرلۇق بولسا تەستىقلاش بىلەن ئىمان ئىسپاتلىنىدىغان، قارشى چىقىش بىلەن كاپىر بولىدىغان، گۇناھلاردىن پاك بولغان پەيغەمبەرلىك ئورنىغا ئۇنى كۆتۈرۈۋالغانلىقتۇر. ئۇنىڭدىكى زىتلىق بولسا ھەرقانداق بىر مۇجتەھىدنىڭ نەزەر سېلىشىنى تەقەززا قىلىدىغان بىر ئامىلدۇركى، ھېچقاچان مەسىلىلەرگە مەنلا نەزەر سالىمەن، مەن قاراپ چىققانلا نەرسە ھۆججەت بولىدۇ دېمىگىن. ئەجىبا نوقۇل «مېنىڭ مەزھىپىمگە ئەگەشكىن» دېگەن كىشى بىلەن «مېنىڭ مەزھىپىمگە ۋە دەلىللىرىمگە بىللە ئەگەشكىن» دېگەن كىشىنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ باققىن، بۇنىڭدا زىتلىق بارمۇ – يوقمۇ!؟ بەلكىم سەن تەقلىد قىلغۇچىلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ ئېنىقلىمىسىدىكى زىتلىقنى بىلگىنىڭدىن كېيىن، كۇپۇرلۇقنىڭ ئېنىقلىمىسىنى بىلىشكە ئىنتىزار بولغان بولۇشۇڭ مۇمكىن. بىلگىنكى، ئۇنىڭ يېشىمى ناھايىتى ئۇزۇن ۋە چۈشىنىش قىيىن بولغان بىر مەسىلىدۇر. ئەمما، مەن ساڭا مەقسەتلىرىڭگە يېتىشىڭگە ۋە ئىسلام ئەھلى بولغانلارغا ۋە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى مەزھەپلەرگە «كۇپۇرلۇق» سۆزى بىلەن تىل تەگكۈزۈشتەك نادانلىقتىن يېنىشىڭغا ياردىمى بولىدىغان ئوچۇق ۋە ئاسان بولغان بىر يولنى ئۆگىتىپ قوياي.

كۇپۇرلۇقنىڭ ئېنىقلىمىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن مۇتەۋاتىر خەۋەرلەر بىلەن ئىسپاتلانغان نەرسىلەرنىڭ ھەرقاندىقىنى يالغانغا چىقىرىش كۇپۇرلۇقتۇر. ئىماننىڭ ئېنىقلىمىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن مۇتەۋاتىر خەۋەرلەر بىلەن ئىسپاتلانغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەستىقلاش ئىماندۇر. يەھۇدىي ۋە ناسارالار پەيغەمبىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈن كاپىر بولغان، بىراخمانلار بولسا ئەلۋەتتە، ئەھلى كىتابلاردىنمۇ بەكراق كۇپۇرلۇقتىدۇر. چۈنكى، ئۇلار پەيغەمبىرىمىزنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىللە ئۇنىڭدىن ئىلگىركى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىنى ئىنكار قىلىدۇ. دەھرىيلەر (ئاتېئىستلار) يۇقىرىقىلاردىنمۇ بەكراق كۇپۇرلۇقتىدۇر. چۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنى ۋە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىشتىن باشقا كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ سۇبھانە ۋە تائالانىمۇ ئىنكار قىلىدۇ.

كاپىرغا چىقىرىش مەسىلىسى قۇللۇق ۋە ھۆرلۈككە ئوخشاش شەرئىي ھۆكۈم مەسىلىلىرى قاتارىدىندۇر. بۇ شەرئىي ھۆكۈم بولغان ئىكەن، بۇ ھۆكۈمنى بىلىش قۇرئان، ياكى سۈننەت، ياكى قۇرئان – سۈننەتكە قىلىنغان توغرا قىياس بىلەن بىلىنىدۇ. قۇرئاندا يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ كاپىرلىقى توغرىسىدا كۆپلىگەن بايانلار كەلگەن بولۇپ، بىراخمانلار، سەنەۋىلەر (نۇر بىلەن زۇلمەتنى ئەزەلى، قەدىمى بولغان ئىككى ئىلاھ دەپ قارىغۇچىلار)، دەھرىيلەر بۇ بايانلارنىڭ ئىچىگە ئەلۋەتتە كىرىپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئۇلار پەيغەمبەرلىكنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر. ھەممە كاپىر پەيغەمبەرلىكنى ئىنكار قىلىدۇ. پەيغەمبەرلىكنى ئىنكار قىلغان ھەرقانداق ئادەم كاپىر بولىدۇ. مانا بۇ لوگىكلىق تەڭلىمە ھۆكۈمىدىن ئىبارەت. بۇ ساڭا كۆرسىتىپ قويماقچى بولغان ئاسان ھەم توغرا يولدۇر.

تەستىق بىلەن ئىنكارنىڭ ئېنىقلىمىسىنى بىلمەي تۇرۇپ سەندىكى قاتمال مەزھەپچىلىك ۋە بىر – بىرىنى كاپىرغا چىقىرىشتىن ئىبارەت ئاشقۇنلۇق ئىللىتى يوقالمايدۇ ۋە سەن ئۈچۈن نىجاتلىقمۇ بولمايدۇ.

تەستىق – ھۆكۈمنىڭ خەۋەر بىلەن، بەلكى خەۋەر قىلغۇچى بىلەن ئۇيغۇنلىشىشىدۇر. تەستىقنىڭ ھەقىقىتى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ۋۇجۇدىدا راستچىللىق بىلەن ئېتىراپ قىلىشتۇر.

ئاگاھ بولۇڭلاركى، ۋۇجۇدلۇق بەش تۈرلۈك بولىدۇ، مۇشۇ بەش تۈرنى بىلمىگەنلىكتىن ھەرقايسى پىرقىلەر ئۆزىدىن باشقا پىرقىلەرگە كۇپۇرلۇق ھۆكۈمىنى بېرىدۇ. ۋۇجۇدلۇق زاتىي، ياكى ھېسسىي، ياكى ئەقلىي، ياكى خىيالىي، ياكى شۈبھىي بولىدۇ.

كىمكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن خەۋەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆز ۋۇجۇدىدىن بۇ بەش خىل يولنىڭ بىرى بىلەن ئېتىراپ قىلسا، ئۇ مۇتلەق ئىنكار قىلغۇچى ھېسابلانمايدۇ. بىلگىنكى، كىمكى ئۆزىنىڭ تەستىقىنى شەرىئەت ساھىبى بولغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزلىرىنىڭ راستچىللىق دەرىجىسىگە يەتكۈزۈپ دېيەلىسە، مانا بۇ كىشى راستچىللاردىن بولىدۇ.

ئىنكار – يۇقىرىقى مەنىلەرنىڭ ھەممىسىنى يالغانغا چىقىرىش، پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن خەۋەرلەر ھىچ ئەمەلىيىتى يوق توقۇلما دەپ قاراش، بۇ خەۋەرلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى دۇنيالىق مەنپەت ئۈچۈن بۇرمىلاشتۇر. بۇ ئېنىق كۇپۇرلۇق ۋە زىندىقلىقتۇر.

ئىسلام ئەھلىدىن بولغان ھەرقانداق بىر پىرقىنى قۇرئان ۋە سۈننەتنى تەۋىل قىلغانلىق سەۋەبىدىن كاپىر دېيىلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار پەقەت تەۋىل قىلىش تەقەززاسى تۇغۇلغاندىلا ئاندىن تەۋىل قىلىدۇ.

ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تەۋىل قىلىشتىن ۋە سۆزلەرنىڭ كۆچمە مەنىسىگە قاراپ چۈشەنچە ئېلىشتىن ئەڭ يىراق تۇرىدىغان كىشى ئىدى. مانا بۇ ئەقلىي ۋۇجۇدلۇق ۋە شۇبھىي ۋۇجۇدلۇقتۇر. ھەنبەلىي مەزھىپىدىكى ئۆلىمالار تەۋىل قىلىشقا زۆرۈر بولغاندىلا ئاندىن تەۋىل قىلاتتى. باغداد ھەنبەلىي مەزھىپىدىكى ئىشەنچلىك ئالىملارنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئۇستازى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ھاياتىدا پەقەت ئۈچ ھەدىسنىلا تەۋىل قىلغان. چۈنكى، ئۇ ھەدىسلەرنى ئەقلىي نەزەر قايىل بولغىدەك دەرىجىدە چۈشەنگىلى بولمايتتى.

ئەشئەرىييە ۋە مۇئتەزىلەلەر مەزھىپىدىكىلەر قۇرئان – سۈننەتنى كۆپىنچە تەۋىل قىلسىمۇ، لېكىن بۇلاردىن ئاخىرەت ئىشلىرىدا تەۋىل قىلماسلىق يولىنى تۇتقان ھەنبەلىلەر مەزھىپىگە ئەڭ يېقىن بولغىنى ئەشئەرىيلەر ئىدى. ئۇلار ئاددىي مەسىلىلەردىن باشقا مەسىلىلەردە كۆپىنچە قۇرئان سۈننەتنىڭ زاھىرىسىغا قاراپ چۈشەنچە بېرەتتى، ئەمما مۇئتەزىلەلەر تەۋىلگە بەكمۇ چۆكۈپ كەتكەن ئىدى.

تەۋىل قىلغان كىشىنى ئېنىق دەلىل بولماي تۇرۇپ گۇمان بىلەنلا ئالدىراپ كاپىرغا چىقارماسلىق لازىم. بەلكى ئۇنىڭ قىلغان تەۋىلىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭ قىلغان تەۋىلى ئەقىدە مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار بولمىسا كاپىرغا چىقىرىشقا بولمايدۇ. بەلكى ئەقىدە مەسىلىلىرىدىكى ھۆججەت ئورنىدا قوللىنىلىدىغان ئەقىدىۋىي ئاساسلارغا ئالاقىدار بولمىغان گۇمانىي نەزەرلەر ئەھلى ئىسلامنى كاپىرلىققا ئېلىپ بارمايدۇ ۋە بىدئەتكىمۇ چىقارمايدۇ، ئەلۋەتتە. گۇمانى بىلەن قىلىنغان تەۋىل ئاۋام خەلقنىڭ ئەقىدىسىنى تەشۋىشكە ئېلىپ بارىدىغان پىتنىنىڭ ئىشىكنى ئاچىدىكەن، مانا بۇ، بىدئەتخور ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ قىلغان تەۋىلى مۇھىم بولغان ئەقىدە ئاساسلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر تۈرلىرىگە ئالاقىدار بولسا كاپىر ھېسابلىنىدۇ.

كىمكى ئاخىرەتنىڭ ئەھۋاللىرىنى، مەھشەرگاھ مەيدانىغا روھ بىلەن تەننىڭ بىرگە يىغىلىشىنى، ئاخىرەتتىكى ھېسسى ئازابلارنى ئۆزىنىڭ شەك – گۇمانلىرى بىلەن ھىچ بىر دەلىلسىز ھالدا ئىنكار قىلىپ، شۇ توغرىسىدا كەلگەن كەسكىن دەلىللەرنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدىكەن، ئۇ كاپىر بولغان بولىدۇ. چۈنكى، روھلارنىڭ جەسەتكە قايتىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل يوق. ئاخىرەتنىڭ ئەھۋاللىرىدىن قەبرىدىن تىرىلىش، جازا مەيدانىغا يىغىلىش، ھېساب – كىتاب قاتارلىقلار ئەقىدىدىكى مۇھىم ئاساسلاردۇر. كۆپىنچە پەيلاسوپلار مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەۋىل قىلىپ نەقلىي كەلگەن ھۆججەتلەرنى (نەقلىي دەلىللەرنى) رەت قىلغانلىقتىن كاپىر دەپ سانالغان.

بىلگىنكى، «نېمىلەر بىلەن كاپىر بولغان بولىدۇ؟ نېمىلەر بىلەن كاپىر بولمايدۇ؟» دېگەن مەسىلىلەردە توختىلىش نۇرغۇن تەپسىلاتلارنى ۋە ئۇزۇن بولغان تەتقىقاتلارنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يەردە ساڭا ۋەسىيەت ۋە قانۇنىيەت بىلەن سېنى قانائەتلەندۈرىمەن.

ۋەسىيەت – شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ، شاھادەتكە قارشى كېلىدىغان ئىشنى قىلمىغان كىشىنى ئىمكانقەدەر ئەھلى ئىسلامدىن چىقىرىۋېتىشتىن تىلىڭنى تارت. شاھادەتكە قارشى كېلىدىغان ئىش دېگىنىمىز ئۆزرىلىك بولسۇن ياكى بولمىسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە يالغانچىلىقنى دۇرۇس ساناشتەك قىلمىشلاردۇر.

ئەھلى ئىسلامنى كاپىرغا چىقىرىش ناھايىتى خەتەرلىك ئىش بولۇپ، ئۇنىڭدا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىش خەتەردىن قۇتۇلغانلىقتۇر.

قانۇنىيەت تۆۋەندىكى ئىككى نەزەرىيە ۋە ئاساسقا بۆلۈنىدىغانلىقىنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت:

1. ئاساسىي قائىدە – قانۇنىيەتلەرگە ئالاقىدار بولغان قىسىم.

2. قۇشۇمچە قائىدىلەرگە ئالاقىدار بولغان قىسىم.

ئىماننىڭ ئاساسى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچىسى، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش. ئىككىنچىسى، پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈش. ئۈچىنچىسى، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈشتۇر. بۇنىڭدىن باشقىلىرى قۇشۇمچە قائىدىلەردىندۇر.

بىلگىنكى، بىر مەسىلىدىن باشقا قوشۇمچە مەسىلىلەردە ھەرقانداق ئەھلى ئىسلامنى كاپىرغا چىقىرىشقا بولمايدۇ. ئۇ مەسىلە بولسا رەسۇلۇللاھتىن مۇتەۋاتىر شەكىلدە بىلىنگەن دىننىڭ ئەركانلىرىنى (ئاساسلىرىنى) ئىنكار قىلىشتۇر. لېكىن، ئۇنىڭدىن باشقا قوشۇمچە مەسىلىلەرنى ئىنكار قىلىش خاتالىق ھېسابلىنىش مۇمكىن. مەسىلەن، فىقھىي مەسىلىلىرىگە ئوخشاش. بەزىلىرى بىدئەت بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئىمامەتچىلىك ۋە ساھابىلەرنىڭ ئەھۋاللىرىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە ئوخشاش. ئىمامەتچىلىك (خەلىپىلىك) ۋە ئۇنى تەيىنلەش، ئۇنىڭ شەرتلىرىگە ئالاقىدار بولغان مەسىلىلەردە خاتالىشىش كۇپۇرغا ئېلىپ بارمايدۇ؛ ئىمامەتچىلىك مەسىلىلىرىدە قەۋمنىڭ كاتتا بولۇشىغا قارالمايدۇ؛ ئىمامغا بەيئەت قىلىش ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە بەيئەت قىلىش بىلەن ئوخشاش دەپ قارالمايدۇ؛ ئۆزلىرى سايلىغان ئىماملار بىلەن ئاداۋەتلىشىش كۇپۇرغا ئېلىپ بارمايدۇ؛ يۇقىرىقى ئىشلاردا ئەھلى ئىسلامنى خۇددى شىئەلەرگە ئوخشاش كاپىرغا چىقىرىش ئاشقۇنلۇقتۇر. چۈنكى، يۇقىرىقى مەسىلىلەردە پەيغەمبىرىمىزنى يالغانغا چىقىرىش مەۋجۇت ئەمەس. قاچانىكى يالغانغا چىقىرىش مەۋجۇت بولىدىكەن، مەيلى ئۇ قوشۇمچە ئىشلاردا يۈز بەرگەن بولسىمۇ ئوخشاشلا كۇپۇرلۇق ھېسابلىنىدۇ.

ئەگەر ئاھاد خەۋەرلەر بىلەن ئىسپاتلانغان نەرسىلەرنى ئىنكار قىلسا كۇپۇرلۇق ھېسابلانمايدۇ؛ ئەگەر ئىجما بىلەن ئىسپاتلانغان نەرسىلەرنى ئىنكار قىلغان بولسا بۇنىڭغا ئايرىپ قارىلىدۇ. چۈنكى، ئۇسۇل فىقھى ئالىملىرى ئىجمانىڭ كەسكىن ھۆججەتلىكىدە ئېنىقسىزلىق بار دەپ قارىغانلىقتىن ئىجما تارماق ھۆكۈم ئورنىدا بولىدۇ، ئەقىدىدىكى ئۈچ ئاساس ۋە ئۆز – ئۆزىدىن ھېچقانداق تەۋىلگە ئېھتىماللىقى بولمىغان مەسىلىلەر ۋە مۇتۋاتىر دەپ بىلىنگەن خەۋەرلەرگە قارشى بىرەر كەسكىن دەلىلنى تۇرغۇزۇش مۇمكىن دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ؛ ئۇنىڭغا قارشى چىققاننىڭ ئۆزى يالغانچىلىقتۇر.

***

بارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر بىلىپ يېتىش زۆرۈر بولمىغانلىقتىن ھەرقانداق بىر كىشىنى گۇمان بىلەنلا مۇسۇلمان ياكى كاپىر دەپ ئايرىماسلىق كېرەك. چۈنكى، ئەھلى ئىسلامنى كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىش ئۇلارنىڭ مېلىنى، قېنىنى ھالال سانايدىغان، مەڭگۈلۈك دوزاختا قېلىشنى تەقەززا قىلىدىغان شەرئى ھۆكۈمدۇر. كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىشمۇ خۇددى باشقا شەرئى ھۆكۈملەرگە ئوخشاش بىر شەرئى ھۆكۈمدۇر. بۇ يەردىكى كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىش بەزىدە كەسكىنلىك بىلەن، بەزىدە گۇمان بىلەن، يەنە بەزىدە ئىككىلىنىش بىلەن بولىدۇ. قاچانىكى ھۆكۈمنىڭ ھاسىل بولۇشى گۇمان ۋە ئىككىلىنىش بىلەن بولسا ئۇ مەسىلىگە قارىتا ھۆكۈم قىلىنمايدۇ – يۇ، ئەجىبا، ئەھلى ئىسلامنى كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىش ئۇنىڭدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟! بىر كىشىدە ئالدىراپلا ئەھلى ئىسلامنى كاپىرلىققا چىقىرىش تەبىئىتىنىڭ غەلىبە قىلىپ كېتىشى ئۇ كىشىدە جاھىللىق ۋە نادانلىقنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر.

دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغان بىر ئىش شۇكى، قۇرئان – سۈننەتنىڭ بايانلىرىغا قارشى چىققۇچىلار مۇتەۋاتىر خەۋەرلەرگە قارشى چىقىپ تۇرۇپمۇ ئۆزلىرىنى تەۋىل قىلغۇچىلاردىن دەپ ئاتىۋېلىشىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تەۋىللىرى ھەرقايسى تەرەپلەردىن تىل قائىدە – قانۇنىيەتلىرىگە ئەسلا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مانا مۇشۇنداق ئۆزلىرىنى تەۋىل ئەھلى دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەر يالغانچىلاردۇر ۋە كاپىرلاردۇر. بۇلارنىڭ مىساللىرىدىن شىئەلەرنىڭ ئازغۇن پىرقىلىرىدىن بولغان باتىنىييەلەر([14]): «ئاللاھ تائالا بىردۇر» دېگەننىڭ مەنىسى ئاللاھ بىرلىكنى ئاتا قىلغۇچى ۋە ئۇ بىرلىكنى ياراتقۇچىدۇر دېگەن مەنىدە، «ئاللاھ تائالا ئالىمدۇر» دېگەننىڭ مەنىسى ئۆزىنىڭ غەيرىيگە ئىلىم ئاتا قىلغۇچى ۋە ئۇ ئىلىمنى ياراتقۇچى دېگەن مەنىدە، «ئاللاھ تائالا مەۋجۇتتۇر» دېگەننىڭ مەنىسى ئاللاھ ئۆزىدىن باشقا مەخلۇقاتلارنى پەيدا قىلغۇچى دېگەن مەنىدە، دەپ قارايدۇ.

ئەمما، ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە «بىردۇر» (ۋاھىد) دېگەن ئاللاھ تائالا ئۆز زاتىدا بىردۇر، ھېچقانداق شېرىكى ۋە تەڭدىشى يوقتۇر دېگەن مەنىدە دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. «ئالىم» دېگەن ئاللاھ تالانىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھەممىنى بىلگۈچى زات دېگەن مەنىدە دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. بىراق، باتىنىييەلەر بۇنىڭغا ئۇنىمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار ئوچۇقتىن – ئوچۇق كاپىر پىرقىدۇر. چۈنكى، «ۋەھدانىيەت»([15]) دېگەن سۆز ھەرقانداق تەۋىلدە بىرلىكنىڭ پەيدا قىلىنىشى ۋە پەيدا قىلىشى دېگەن مەنىلەردە بولۇش ئېھتىماللىقى بولمايدۇ، ھەم بۇنداق مەنىنىمۇ بىلدۈرمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار دەۋا قىلغاندەك، ئاللاھ ياراتقان بىرلىك ياراتقۇچى بولسا ئۇ بىرلىك ياراتقان بىرلىكمۇ ئۇلار دېگەندەك چوقۇم ياراتقۇچى بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا بۇ يەردە ئىككى، ئۈچ، تۆت… تىن ئىبارەت چەكسىز ئىلاھلار مەۋجۇت بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ خاتا تەۋىللىرگە بارساق ياراتقۇچىنىڭ سانى يارىتىلغان مەخلۇقاتنىڭ سانىغا ئوخشاش كۆپ بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ، بۇ باتىلدۇر. مانا بۇ يۇقىرىدىكى مىساللارغا ئوخشاش بايانلار ئۆزلىرىنى تەۋىل قىلغۇچى دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەرنىڭ يالغانچىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قوبۇل قىلىنىدىغان تەۋىل ۋە قوبۇل قىلىنمايدىغان تەۋىلنىڭ پەرقىنى بىلىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. بەلكى ئۇ لۇغەت ئىلمىدىكى ئۇستىلىق ۋە چېچەنلىك، تىل قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى پۇختا بىلىش ۋە ئەرەب تىلىدا ئىشلىتىلگەن كىنايە، كۆچمە مەنىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئۇسلۇبىنى پىششىق بىلىشتەك ئىلىملەرنى تەلەپ قىلىدۇ.

***

دىندا ئېتىقاد قىلىش زۆرۈر بولمىغان مەسىلىلەرنىڭ توغرا – خاتالىقىنى ئايرىش ئاسان بىر ئىشتۇر. ئەگەر ئۇ سۆز ئەخمىقانە، تاشقى كۆرۈنۈشى ئاساسسىز بولسا بۇ يالغان سۆز ھېسابلىنىپ رەت قىلىنىدۇ. مەسلەن: شىئەلەرنىڭ ئېتقادىدىكى يوقاپ كەتكەن ئون ئىككىنچى ئىمامى «ئىمام مەھدىي»نىڭ نامەلۇم بىر كامېرغا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقى، شۇ ئېتىقادتىكى كىشىلەرنىڭ ئىمامىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىدەك ئەخمىقانىلىكلەرگە ئوخشاش. كۈتۈلۈۋاتقان ئىمام مەسىلىسى دىندا زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر قاتارىدىن ئەمەس. بىراق، «ئىمام مەھدىي»نىڭ چىقىشىنى كۈتۈۋاتقان بىر قىسىم ھاماقەتلەر كۈندە شەھەر سىرتىغا ئىمامىنى كۈتۈۋالغىلى چىقىدۇ، ئىمامى كەلمىگەنلىكتىن ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ. بۇنىڭدەك مىساللاردىن ئېلىنغان ئىبرەت دىننىڭ زۆرۈرىيەتلىرىدىن بولمىغان، سىرتقى كۆرۈنۈشتىنلا ئاساسسزلىقى بىلىنىدىغان ئەخمىقانە ئىش قىلغۇچىلارنى كاپىر دېيىش كېرەك ئەمەس.

ئەگەر سەن مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ كاپىرغا چىقىرىش ھۆكۈمىدە ھەرقايسى ئەھۋاللارغا قارىتا بىر تەرەپلىمە مەيداندا تۇرۇۋالماستىن، ئورتاق بىر چۈشەنچىگە كەلگەنلىكنى چۈشەنگەن بولساڭ، ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەدىن بولغان ئەشئەرىي ۋە ماتۇرىيدىي مەزھەپلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئالدىراپلا كاپىرغا چىقارغانلارنىڭ جاھىل ۋە تەنتەكلىگىنى بىلگەن بولاتتىڭ. قانداقمۇ شەرىئەت ئالىمى ئۆزىنىڭ نوقۇل شەرئى بىلىمى بىلەنلا بۇ ۋەزنى چوڭ ئىشقا ھۆكۈم قىلالىسۇن؟! شەرىئەت بىلىملىرىنىڭ تۆت چوڭ بابىنىڭ بىرى قانداقمۇ ئۇنىڭدىن باشقا ئىلىملەرگە باراۋەر تۇرالىسۇن؟! قاچانىكى سەن پەقەتلا شەرىئەت ئىلىملىرىدىن ئىبارەت دەسمايىسى بىلەنلا ئەھلى ئىسلامنى كۇپۇرلۇققا ۋە ئازغۇنلۇققا چىقىرىش بىلەن بازا تاپماقچى بولغان شەرىئەت ئالىمىنى كۆرسەڭ ئۇنىڭدىن نېرى تۇرغىن، قەلبىڭنى ۋە تىلىڭنى ئۇنىڭ بىلجىرلاشلىرى بىلەن ئاۋارە قىلما، ھەقىقەتەن ئىنسان خاراكتېرىدە ئۆزلىرى ھاسىل قىلغان ئىلىملەر ئارىسىدا رىقابەتلىشىش تۇيغۇسى بولىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ تېرىش، ئۆزىنى كۆرسىتىشنى خالايدىغان نادان كىشىلەرلا بۇنىڭدىن باش تارتالمايدۇ. ئەگەر ئاشۇ نادانلار ئۆزلىرى بىلمەيدىغان نەرسىدىن قولىنى تارتقان بولسىدى، كىشىلەر ئارىسىدا ئىختىلاپلار ئازايغان بولاتتى. شۇ ئوچۇق ھەقىقەتكى، كىمكى پەيغەمبىرىمىز ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە، قۇرئان ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلىمگە، گەرچە ئۆزى ئېتىقاد قىلغان نەرسىنىڭ دەلىلىنى بىلمىگەن بولسىمۇ، قەتئىي ھالدا ئىشەنچ بىلەن ئېتىقاد قىلسا ئۇ كىشى مۆمىن ھېسابلىنىدۇ. پەلسەپىچىلەرنىڭ ئەقلىي دەلىللىرىدىن ھاسىل بولغان ئىمان ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، شۈبھىلەرگە يولۇققاندا زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

* * *

شۇنداق دەيمەنكى، ئىلگىركى ئۈممەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ ناھايىتى كۆپ رەھمىتىگە نائىل بولغان ئىدى. گەرچە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى «گۇناھنى پاكلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلەر» دېگەن نام بىلەن دوزاخقا كىرگەنلەر بولۇپ، ئۇلار دوزاختا قىسقا مۇددەت تۇرىدۇ. بەلكى شۇ زامانلاردىكى رىملىقلار ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولغان خىرىستىيانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھ خالىسا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە نائىل بولغۇسى. يەنى، ئىسلام دەۋىتى يېتىپ بارمىغان يىراق يۇرتلاردىكى رىملىقلار ۋە باشقا مىللەتلەرنى كۆزدە تۇتماقچىمەن. ئۇلار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ.

1. پەيغەمبەرنىڭ مۇبارەك ئىسمى ۋە ئىش پائالىيەتلىرى يېتىپ بارمىغان كىشىلەر. بۇلارنىڭ ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنىدۇ.

2. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى ۋە سۈپەتلىرى، پەيغەمبەرلىك مۆجىزىلىرى يەتكەنلەر. بۇلار ئىسلام يۇرتلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى مىللەتلەر ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشايدىغان يات دىندىكى كىشىلەر بولۇپ، بۇلار مەڭگۈ دوزاخقا مەھكۇم كاپىرلاردۇر.

3. يۇقىرىقى ئىككى تۈرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كىشىلەردۇر. بۇلارغا پەقەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك ئىسمى ئاڭلانغان، لېكىن سۈپەتلىرى يېتىپ كەلمىگەن، بەلكى كىچىكىدىنلا خۇددى بىز ئابدۇللاھ ئىبنى مۇقەففەنى پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان دەپ ئاڭلىغان تۆھمەتلەردەك، ئۇلارمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يالغاندىن پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان دەپ بىلگەنلەردۇر. بۇ ئۈچىنچى تۈردىكى كىشىلەر مېنىڭ قارىشىمدا ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنىدىغان بىرىنچى تۈرگە مەنسۇپ بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنى ۋە ئېلىپ بارغان دەۋەتنىڭ ھەقىقىتىنىڭ ئەكسىنى يالغانچىلار تەرىپىدىن بىلگەن بولغاچقا، ئۇلار ئۆزلىرىگە يېتىپ كەلگەن خەۋەرنىڭ راست – يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان. باشقا مىللەتلەردىن پەيغەمبەرلىك مۆجىزىلىرىدىن بولغان ئاينىڭ يېرىلىشى، تاشلارنىڭ تەسبىھ ئېيتىشى، بارماقلىرى ئارىسىدىن سۇنىڭ چىقىشىغا ئوخشاش پەيغەمبەرلىكنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىلەرنى، ئەقىلنى لال قىلىدىغان ھەرقانداق پاساھەت ئەھلىگە جەڭ ئېلان قىلغان مۆجىزىلىك كىتاب قۇرئاننى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلىرىنى ئىشەنچلىك خەۋەرلەر بىلەن ئېنىق بىلگەن بولسىمۇ، تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ ئىزدىنىپ باقماستىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنى يالغانغا چىقارغۇچى ناھايىتىمۇ ئوسال كاپىرلاردىن بولىدۇ. ئىسلام يۇرتلىرىدىن ناھايىتى يىراقتا ياشاۋاتقان رىملىقلار ۋە ئۇلاردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرىقى تۈرگە كىرمەيدۇ. بەلكى، مەن دەيمەنكى، كىمكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ خەۋەرلىرىنى ناھايىتى ئوچۇق ئاڭلىغان بولسا، ئۇ كىشى ھەقىقەتكە ئىنتىلگۈچى ئىنساپلىق دىن ئەھلىدىن بولسا ۋە ئاخىرەت ھاياتىنى دۇنيا ھاياتىدىن ئارتۇق بىلسە چوقۇم بۇ دەۋەتنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشكە ئۇرۇنۇشى كېرەك. ئەگەر بىلىشكە ئۇرۇنمايدىكەن ئەلۋەتتە، ئۇ دۇنيا مەئىشەتلىرىگە بېرىلىپ كەتكۈچى، ياراتقۇچىدىن قورقىدىغان قەلبنى يوقىتىپ قويغۇچى، ئاخىرەت ئىشلىرى خەتەرلىك بولغان كىشىدۇر. ئەگەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋىتىگە ئىنتىلگەن بولسىمۇ ئارىدا بەل قويۇۋەتكەن بولسا يەنە كاپىرلاردىن بولىدۇ. ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ھەرقانداق مىللەتنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۆجىزىلەر سەۋەبى بىلەن پەيغەمبەرلىكى ئاشكارە بولغاندىن كېيىن بۇ ھەقىقەتلەرنى ئىزدىنىشتىن يالتىيىۋېلىشىغا بولمايدۇ. ئەگەر بىر كىشى بەل قويۇۋەتمەستىن، شۇ دەۋەتنىڭ ھەقىقىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ھالدا ئىشنىڭ ھەقىقىتىگە يەتمەستىن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ ئەپۇ قىلىنغۇچىلاردىن بولىدۇ. ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كەڭرى رەھمىتى بولىدۇ، ئاللاھ تالانىڭ رەھمىتى ناھايىتى كەڭرى بولۇپ، ئىلاھىي ئىشلار رەسمىيەت ئۈچۈن قويۇلغان دۇنيا مىزانلىرىدا ئۆلچەنمەيدۇ.

ئاخىرەتتە مەڭگۈ دوزاخقا مەھكۇم بولغانلارنىڭ دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋالدۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سۈپىتى مەخلۇقاتلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا ئۆزگەرمەيدۇ. دەرھەقىقەت، دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھۆكۈمى تامامەن سېنىڭ ئەھۋالىڭغا ھەم ئوخشىمايدۇ. ئۇلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ سۆزىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن بولسىچۇ كاشكى، ئاللاھ تۇنجى قېتىم يازغان سۆز «مەن بىر ئىلاھدۇرمەن، مەندىن ئۆزگە ئىلاھ يوقتۇر، مېنىڭ رەھمىتىم غەزىپىمدىن ئىلگىرى بولۇپ كەتتى». كىمكى بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر دەپ گۇۋاھلىق بەرسە ئۇ جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ.

ئىمان بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى جۇغلىغان كىشى مۇتلەق نىجاتلىق ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن خۇش بېشارەت ئالسۇن، ئۇنىڭ بىرسىنى يەنە بىرسىدىن ئايرىۋەتكەن كىشى مۇتلەق ھالاكەتكە دۇچار بولغان بولىدۇ. ئەگەر سەن شاھادەت كەلىمىسىنى چىن قەلبىڭدىن تەستىقلىغان بولۇپ، بەزى چۈشەنچىلەردە خاتالاشقان بولساڭ، ياكى ئۇ ئىككىسى (يەنى، ئىمان بىلەن ئەمەل) نىڭ بىرسىدە شەك قىلغان بولساڭ، ۋەياكى ياخشى ئەمەللەرنى يامان ئەمەللەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىلغان بولساڭ، ئاللاھ تائالادىن مۇتلەق نىجاتلىقنى تەمە قىلما.

(4)

بەزى تائىپىلەرنىڭ كاپىرغا چىقىرىشتا ھەددىدىن ئېشىشلىرى

بەزى پىرقىلەرنىڭ «كاپىرغا چىقىرىش» مەسىلىسىدە ھەدىدىن ئېشىشى ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ مەسلەكداشلىرىدىن باشقا ھەممە پىرقىلەرنى كاپىرغا چىقىرىش بىلەن ئاخىرلىشىش مۇمكىن. ئەگەر سەن مۇشۇ مەسىلىدە ھەق بىر يولنى بىلمەكچى بولغىنىڭدا، ئەڭ ئاۋۋال شۇ مەسىلىنىڭ شەرئى ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى بىل. يەنى، بۇ شەرئى ھۆكۈم ئىش – ھەرىكەتنىڭ ۋە سۆزنىڭ خاتالىقىدىن بولغان كاپىرلىققا قارىتىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ شەرئى ھۆكۈمنىڭ دەلىلى بەزىدە ئىلاھىي ۋەھىي بىلەن بىلىنگەن ئېنىق بايانلار بولىدۇ، بەزىدە ئىجتىھات بىلەن بىلىنگەن پەرەزلەر بىلەن بولىدۇكى، بۇ شەرئى ھۆكۈمنى چىقىرىشتا ئەقلىي دەلىللەرگە تايىنىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بىز «ئەھلى ئىسلامنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىش شەرئى ھۆكۈم قاتارىدىندۇر» دېگەن ئاساسنى تۇرغۇزدۇق. ئۇسۇل فىقھىدا بولسۇن ياكى فىقھى ئىلمىدە بولسۇن تۇراقلاشتۇرۇلغان قائىدە شۇكى، ھەرقانداق شەرئى ھۆكۈم چىقارغۇچى ھۆكۈم چىقىرىشتىن ئىلگىرى قۇرئان، سۈننەت، ئىجما ۋە بۇ ئۇسۇللار ئاساسىدا قىلىنغان قىياسنى بىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. يۇقىرىدا بىز «كاپىرغا چىقىرىش» مەسىلىسىنى شەرئى ھۆكۈم قاتارىدىن دەپ ئېتىبارغا ئالغان ئىكەنمىز، ئۇنداقتا، بىر شەخسنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلغۇچى قۇرئان، سۈننەت، ئىجما ۋە بۇ ئۇسۇللار ئاساسىدا قىلىنغان قىياسنى بىلىشىمىز كېرەك. كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىنىدىغان كەسكىن ئاساسلاردىن بىرى شۇكى، كىمكى پەيغەمبىرىمىزنى ۋە ئۇنىڭ چاقىرىقىنى يالغانغا چىقىرىدىكەن ئۇ كاپىر بولغان بولىدۇ. يەنى، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. مانا بۇ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ دەۋىتىنى يالغانغا چىقارغانلارغا بېرىلىدىغان ئومۇمىي ھۆكۈمدۇر. بىراق، يالغانغا چىقارغۇچىلار بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ.

بىرىنچى تۈردىكىلەر: يەھۇدىي، ناسارا، مەجۇسىي، بۇتپەرەس ۋە ئۇلاردىن باشقا پەيغەمبەرنى يالغانغا چىقارغۇچىلار. قۇرئاندا ئۇلارنىڭ كاپىرلىقى ئوچۇق بايان قىلىنغان ۋە ئىسلام ئۈممىتى بىردەك ئۇلارنىڭ كاپىرلىقىغا ئىتتىپاق كەلگەن. مانا بۇ كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئەسلىي ئاساستۇر. ئۇنىڭدىن باشقىلىرى بۇ ئاساسقا يانداشمىدۇر.

ئىككىنچى تۈردىكىلەر: پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغۇچى بىراخمانلار ۋە كائىناتنىڭ ياراتقۇچى تەرىپىدىن پەيدا بولغانلىقىنى يالغانغا چىقارغۇچى دەھرىيلەردۇر. بۇلار بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنى ۋە ئىلگىركى بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىدۇ. يەنى، بىراخمانلارنىڭ كۇپۇرلۇقى يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭكىدىن ئەشەددىيراقتۇر. دەھرىيلەرنىڭ كۇپۇرلۇقى بولسا بىراخمانلارنىڭكىدىنمۇ ئەشەددىيدۇر. چۈنكى، ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكۈچى زاتنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ. كىمكى ئومۇمەن، پەيغەمبەرلەرنى، خۇسۇسەن، بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنى ئىنكار قىلىدىكەن مۇشۇ ئىككىنچى تۈر قاتارىدىن بولىدۇ.

ئۈچىنچى تۈردىكىلەر: ئاللاھنى ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن شەرىئەت بېكىتكەن ئىشلارغا خىلاپ ئىشلارغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەر ھەقتۇر، پەيغەمبەر ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ۋەھىيلەر بىلەن ئىنسانلار ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ پەيغەمبەرنىڭ مۇرادىنى بىلىشى كەمچىل بولغانلىقتىن ئاللاھدىن كەلگەن ھەقىقەتلەرنى ئۇلارغا ئوچۇق بىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ، مانا بىز ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىنسانلارغا يېشىپ بەرگۈچىلەرمىز دەيدۇ، بۇلار بولسا پەلسەپىچىلەردۇر.

ئەھلى ئىسلام بۇلارنى تۆۋەندىكى ئۈچ ئىش سەۋەبىدىن كاپىرغا چىقاردى.

1. ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن قەبرىدىن تىرىلىشى، بەدەنلىرى بىلەن جازا مەيدانىغا يىغىلىشى، دوزاخ ئازابى، جەننەتتىكى شەھلا كۆزلۈك پەرىلەرنىڭ ئەھلى جەننەتنىڭ خىزمەتلىرىدە بولۇشى، جەننەتتىكى يېيىش، ئىچىش ۋە كىيىشكە ئوخشاش نېمەتلەرنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى.

2. «ئاللاھ قىسمەنلىكنى ۋە تەپسىلى ھادىسىنى بىلمەيدۇ، پەقەت ئومۇمىي ئىشلارغىلا نەزەر سالىدۇ، قىسمەنلىكنى ئاللاھنىڭ بېكىتكەن پەرىشتىلىرى بىلىدۇ» دېگەن قاراشلىرى.

3. ئاللاھنىڭ ئالەمگە ئىلگىرى ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدۇ – يۇ، لېكىن ئالەمنىڭ قەدىملىكىنى دەۋا قىلىشى ۋە «ئىللەت ئىللەتلەنگۈچىدىن ئىلگىرى دېسەكمۇ ئىككى قەدىمنىڭ بىرسىدىن بىرسىنىڭ ئىلگىرى بولىدىغانلىقىنى بىلمىدۇق» دېگەن گەپلىرى.

ئەگەر بۇلارغا قۇرئان ئايەتلىرىدىن دەلىل كەلتۈرۈلسە، ئۇلار ئەقلىي لەززەت قۇرئان ئايەتلىرىنى چۈشىنىشكە كەملىك قىلىدۇ، ئۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھېسسى لەززەت بولۇشى زۆرۈر دەيدۇ. مانا بۇ ئوچۇق كۇپۇرلۇقتۇر. مانا بۇ شەرىئەتنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان پايدىسىنى ئىنكار قىلىشتۇر ۋە قۇرئان نۇرى بىلەن تولغان ھىدايەتنىڭ ئىشىكىنى ئېتىۋېتىشكە، پەيغەمبەرنىڭ ھەق سۆزلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. ئۇلار: «پەيغەمبەرنىڭ ئىنسانىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن خىيالىي تەسەۋۋۇرلىرى بىلەن كىشىلەرگە يالغان گەپ قىلىشى دۇرۇس. ئۇلار خەۋەر بەرگەن دوزاخنىڭ ئازابى، جەننەتنىڭ نېمەتلىرى، ئاخىرەتتە ياخشىلىق ۋە يامانلىقلاردىن ھېساب بېرىشتەك خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي بولمىغان تەسەۋۋۇردىكى نەرسىدۇر. بۇنداق تەسەۋۋۇر يالغاندۇر. پەيغەمبەرلەر بۇنداق يالغان تەسەۋۋۇرنى ئىنسانىيەت دۇنياسىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىققان» دەپ قارايدۇ.

ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەرنى تەستىقلىغان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىسىلەر؟ دېيىلسە، جاۋاب شۇكى، ئۇلار پەيغەمبىرىمىزنى ۋە ئۇ بىزگە يەتكۈزگەن ئىشەنچلىك خەۋەرلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈن كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلدۇق. ئۇلار پەيغەمبەرنىڭ خەۋەرلىرىنى يالغانغا چىقىرىش بىلەن بىرگە ئاساسسز ئۆزۈرلىرى بىلەن پەيغەمبەرگە يالغانچىلىقنى ئىسپاتلاپ ئىللەت (سەۋەب) كەلتۈرىشىدۇ. بۇ سۆزلىرى ئۇلارنىڭ ئىنكار قىلغۇچىلاردىن بولۇشىغا يېتەرلىكتۇر.

تۆتىنچى تۈردىكىلەر: يۇقىرىقى پەيلاسوپلاردىن باشقا مۇئتەزىلەلەر ۋە مۇشەببىھەلەرگە([16]) ئوخشاش پىرقىلەردۇر. بۇلارمۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچىلەر بولۇپ، ئۇلار پەلسەپىچىلەرگە ئوخشاش پەيغەمبەرگە ئاساسسز ئىللەتلىرى بىلەن تۆھمەت چاپلاشتىن ساقلانغان، ئەمما خاتا تەۋىللەرگە چۆكۈپ كەتكەن كىشىلەردۇر. بۇلارنىڭ بۇ خاتالىقى ئىجتىھاد مەسىلىسىدە كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ھەربىر ئەھلى ئىلىم ئۇلارنى ئالدىراپلا كاپىرغا چىقىرىشتىن ساقلىنىشى لازىم. چۈنكى، «بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسىدۇر» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن ئەھلى قىبلىنىڭ مېلىنى ۋە قېنىنى ھالال ساناش خاتالىقتۇر. مىڭ كاپىرغا خاتا ھۆكۈم قىلىپ ھايات قالدۇرغان خاتالىق شۇ شاھادەت كەلىمىسىگە ئىمان كەلتۈرگەن ئەھلى ئىسلامنى خاتالىقى سەۋەبلىك مېلىنى ۋە جېنىنى ھالال ساناشقا قارىغاندا يەڭگىلراقتۇر.

مۇشۇ پىرقىلەر ئاشقۇنلار، چۈشكۈنلەر ۋە ئوتتۇراھال يول تۇتقۇچلارغا ئايرىلدى. بەزى ئەھلى ئىلىم دەپ قارالغانلار تەپسىلى توختالماستىن، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم مەسىلىلەردىكى قاراشلىرىغا ۋە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم مەسىلىلىرىگە قاراپلا ئۇلارنى كاپىرغا چىقىرىشىدۇ، ئۇلار ئارىسىدا پىتنە ۋە ئۆچمەنلك ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىكى ئۆچمەنلىك، قاتماللىق ۋە دىنىي ئاساسلارغا نەزەر سالماسلىقتىن ئىبارەت ھاۋايى – ھەۋەسلىرى تۈپەيلى «كاپىرغا چىقىرىش» مەسىلىسىگە چوڭقۇرلاپ چۆكۈشكە باشلايدۇ.

ئۇلارنى كاپىرغا چىقارماسلىقنىڭ دەلىلى شۇكى، بىز ئىلگىرى تىلغا ئالغىنىمىزدەك پەيغەمبىرىمىزنى يالغانغا چىقارغۇچى قۇرئان ھۆكۈمى بويىچە كاپىر بولىدۇ. ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى قەتئىي يالغانغا چىقارغۇچىلاردىن ئەمەس، ھەم بىزگە تەۋىلدىكى خاتالىق كاپىرلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ بىرەر ھۆكۈم كەلگىنىمۇ يوق، ئۇنداق ھۆكۈم ئۈچۈنمۇ بىرەر دەلىل بولۇشى كېرەك. كەسكىن دەلىللەر بىلەن ھەرقانداق كىشىنىڭ شاھادەت كەلىمىسىنى دېيىشى ئارقىلىق كۇپۇردىن چىقىپ، ئىسلامغا كىرىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. شۇنداق بولغان ئىكەن ئەھلى ئىسلامنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئاشۇ كەسكىن دەلىللەرنى رەت قىلىدىغان يەنە بىر كەسكىن دەلىل بولۇشى كېرەك. يۇقىرىقى بايانلار ئاشۇ پىرقىلەرنى ھېچقانداق دەلىل – ئىسپاتسىز كاپىرلىققا چىقىرىش ھۆكۈمىدە ئاشقۇنلۇق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇشقا يېتەرلىكتۇر.

ھۆكۈم دېگەن قۇرئان ياكى سۈننەت ۋە ياكى بۇ ئىككىسىگە قىلىنغان توغرا قىياس بىلەن بولىدۇ. كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىشتىكى ئاساس بولسا پەيغەمبىرىمىزنى ۋە ئۇنىڭ چاقىرىقىنى ئوچۇقتىن – ئوچۇق يالغانغا چىقىرىشتۇر. كىمكى پەيغەمبىرىمىزنى ۋە ئۇنىڭ دەۋىتىنى يالغانغا چىقارمىسا، ئۇنىڭدا قەتئىي يالغانغا چىقىرىش دېگەن ھۆكۈم بولمايدۇ. ئۇنداقتا كاپىرلىقتىن ساقلاپ قالىدىغان شاھادەتتىن ئىبارەت ئومۇمىي ھۆكۈم پۇت تىرەپ تۇرۇۋېرىدۇ.

بەشىنچى تۈردىكىلەر: كىمكى پەيغەمبىرىمىزنى تەستىقلاپ، ئەمما پەيغەمبىرىمىزدىن ئىشەنچلىك يوللار بىلەن بىلىنگەن ئاساسىي دىنىي ئەھكاملارنى ئىنكار قىلغان بولسا، مەسلەن: بەش ۋاخ ناماز پەرز ئەمەس، قۇرئاننى ئاڭلاپ، بۇ قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىلىنگەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن، بەلكى بۇ زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزگىرىپ كەتكەن ياكى خاتا ئاڭلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دېسە، ۋەياكى ھەجنىڭ پەرزلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن، ئەمما مەككە نەدە؟ كەئبە نەدە؟ مۇسۇلمانلار يۈز كەلتۈردىغان قىبلە نەدە؟ مۇسۇلمانلار ھەج قىلىۋاتقان شەھەر ۋە رەسۇلۇللاھ ھەج قىلغان يەر قۇرئان سۈپەتلىگەن يەر شۇمۇ – ئەمەسمۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن… دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان بولسا ئوخشاشلا كاپىر بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ پەيغەمبىرىمىزدىن بىلىنگەن ئىشەنچلىك خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلغان، ئەمما ئوچۇق ئىنكار قىلىشتىن ئەيمىنىپ ئىشارەت بىلەن ئىنكار قىلغان بولسىمۇ كاپىر بولىدۇ. يۇقىرىقى بايانلار ئاۋام خەلق ئورتاق بىلىدىغان ئىشەنچلىك خەۋەرلەردۇر. بىراق، بىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرىگە يېقىن بولۇپ، بۇ خەۋەرلەر گەرچە بىزگە مۇتەۋاتىر شەكىلدە بىلىنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا مۇتەۋاتىر شەكىلدە بىلىنمىسە بىز ئۇلارنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلمايمىز.

ئەگەر بىر كىشى پەيغەمبىرىمىزدىن مۇتەۋاتىر شەكىلدە بىلىنگەن غازاتلارنى ئىنكار قىلغان بولسا، ۋەياكى ئەبۇ بەكرى (ئاللاھ ئۇ زاتتىن رازى بولسۇن)نىڭ خەلىپىلىكىنى ئىنكار قىلغان بولسا كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىنمايدۇ. چۈنكى، بۇ مەسىلىلەر تەستىقلاش زۆرۈر بولغان ھەج، نامازغا ئوخشاش دىننىڭ ئاساسلىق ئەركانلىرىدىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن دىننىڭ ئەسلىي ئەھكاملىرىنى يالغانغا چىقارغۇچى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. خەلىپىلىك ۋە غازاتقا ئوخشاش مەسىلىلەر ئۆلىمالارنىڭ ئىجماسى بىلەن ئسپاتلانغان مەسىلىلەردۇر. بىز ئىجماغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى كاپىر دېمەيمىز. چۈنكى، ئىجمانىڭ كەسكىن ھۆججەت بولۇشىدا ئالىملارنىڭ ئارىسىدا ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار بار. ئىجما بولسا ھەقىقەتەن ئۆلىمالارنىڭ مەلۇم مەسىلىگە بولغان كۆزقاراشلىرىنىڭ ئورتاقلىقىدۇر.

(5)

ئىلىمگە توشقان ئالىملارنىڭ «كاپىرغا چىقىرىش» مەسىلىسىگە قارىتا تۇتقان مەيدانى

بىز مۆتىۋەر ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئالىملىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا كۆزقاراشلىرىنى ئىسلام ھۆججىتى ئەبۇ ھامىد غەززالىينىڭ مۇنۇ سۆزلىرىدىن كۆرىۋالالايمىز: شاھادەت كەلىمىسى بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەن قىبلە ئەھلىنىڭ ھېچبىرى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ. ئىمامىييە مەزھىپىدىكى ئىمامەتچىلىك ئېتىقادىدىكى قاراشلار تۈپەيلى ئۇلار ئىشەنگەن نەرسە ھاماقەتلىك ۋە ئاساسسسز بولسىمۇ، شۇنداقلا شىئەلەرنىڭ كۆپ سانلىق ئالىملىرى ئىمامەتچىلىك ئېتىقادىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ھەرقانداق كىشىلەرنى كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ. تەۋىل قائىدە – قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا تەۋىل قىلغۇچىلارغىمۇ كاپىرلىق ھۆكۈمى بېرىلمەيدۇ.

ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەگە قارشى ئېقىمدىكى مۇئتەزىلەلەر، مۇشەببىھەلەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پىرقىلەرنىمۇ كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئىماننىڭ ئۆلچىمى بولسا پەيغەمبىرىمىز ئېلىپ كەلگەن ئىشەنچلىك خەۋەرلەرنى تەستىقلاشتۇر. كۇپۇرنىڭ ئۆلچىمى بولسا ئۇلارنى يالغانغا چىقىرىشتۇر. مانا بۇ كۇپۇرلۇققا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئاساسىي ئۆلچەمدۇر.

بۇ يەردە ئالىملار ئەھلى ئىسلامغا ئالدىراپلا كاپىر ھۆكۈمنى بېرىشتىن توسقانلىقىنى ۋە ئۇ مەسىلىنىڭ كۆزقاراش ۋە ئەقلىي تەسەۋۋۇر بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇرئان، سۈننەت ياكى بۇ ئىككىسىگە ئاساسلانغان توغرا قىياستىن ئىبارەت شەرئى ھۆكۈملەرنىڭ دەلىللىرى بىلەنلا ئىسپاتلىنىدىغانلىقنى تەكىتلىدى. بۇ ھەقتە ئەبۇ ھامىد غەززالىي مۇنداق دەيدۇ: ئىمكانقەدەر ئەھلى ئىسلامنى كاپىر دېيىشتىن ساقلان، ھەقىقەتەن شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتقان ئەھلى قىبلىنىڭ مېلىنى، قېنىنى ھالال ساناش چوڭ خاتالىقتۇر. مىڭ كاپىرغا خاتا ھۆكۈم قىلىپ ھايات قالدۇرۇشتىن ئىبارەت خاتالىق ئەھلى ئىسلامنىڭ قېنىنى خاتا ھۆكۈم بىلەن بىھۇدە تۆكۈشكە قارىغاندا يەڭگىلرەكتۇر.

ئۇستاز مۇھەممەد ئابدۇ ئۆزىنىڭ «ئىسلامدىكى ئاساسىي ئەھكاملار» دېگەن كىتابىدا ئەھلى ئىسلامنى كاپىر دېيىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ئەھلى ئىسلام ئارىسىدا مەشھۇر بولغان دىنىي قائىدىلەر قاتارىدىن دەپ بىلىنگەن سۆزنىڭ بىرى «ئەگەر بىر كىشىدىن يۈز كۇپۇرنىڭ ئالامىتى كۆرۈلۈپ، بىر ئىماننىڭ ئالامىتى بىلىنسە، ئۇ كىشىنى ئەھلى ئىماندىن دەپ قارايمىزكى، ھەرگىزمۇ كۇپۇرلۇق ھۆكۈمىنى بېرىش توغرا بولمايدۇ» دېگەن سۆزدۇر. قارىمامسەن، ئىمانىدا راستچىل بولغان ئالىملار ۋە دانىشمەنلەرنىڭ شۇنچىلىك كەڭرى يول تۇتقانلىقىغا!؟ ۋەياكى سەن ھاماقەتلەرچە كۇپۇرنىڭ يۈز ئالامىتى تۇرغان يەردە، ئىماننىڭ بىر ئالامىتى بىلەن ئىمانغا ئەمەس، بەلكى كۇپۇرغا ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك دېمەكچىمۇ؟!

ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئىماملىرىدىن ئىمام تاھاۋىي ئۆزىنىڭ مەشھۇر كىتابى «تاھاۋىي ئەقىدىلىرى»دە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئەھلى ئىسلام بولغان ھەرقانداق كىشىنى قىلىشى دۇرۇس بولمايدىغان گۇناھلىرى تۈپەيلى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلمايمىز».

بۇ ھەقتە ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنكى ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە تۇتۇپ ماڭغان ھەق يول شۇكى، قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلى ئەھلى ئىسلامنى، شۇنداقلا بىدئەتخۇر كىشىلەرنىمۇ كاپىر دېمەسلىكتۇر».

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى

ئۇستاز مۇھەممەد ئابدۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بىلىملىكرەكى سۈننەتنى بىلگىنىدۇر، كىشىلەرنىڭ دىندا ئەڭ مۇستەھكەمراقى ئۆزىنىڭ دىنىدا غەيرەتلىك بولغىنىدۇر».

ئىبنى تەيمىييە ئەھلى ئىسلامنىڭ ھەرقاندىقىنى قارىغۇلارچە كاپىر دېيىشنى ناھايىتى ئوچۇق، ئېنىق قىلىپ رەت قىلغان، بەلكى مۇشۇ مەسىلىدە ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئالىملىرىنىڭ مەيدانىنى تەكىتلىگەن ۋە ئەھلى ئىسلامنى كاپىرغا چىقىرىش مەسىلىسىنى لوگىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن رەسۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىگە، ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا تايانغان ئاساستا كەسكىن رەت قىلىپ، ھەرقانداق بىر ئىختىلاپ تېرىغۇچىنىڭ ئىسلامدىكى مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىختىلاپ تاپالمىغۇدەك دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىدۇ.

شۇنداق، ئىبنى تەيمىييە كاپىرغا چىقىرىش پىتنىسىنى كەسكىن رەت قىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەقتە تاللانغان قاراش بولسا ئەھلى ئىسلامنىڭ ھىچبىرىنى كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلماسلىقتۇر. بۇنداق دېيىشىمىزدىكى دەلىل شۇكى، ئەھلى ئىسلامنىڭ ئۆزلىرى ئىچىدە ئىختىلاپ قىلىشقان مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىدۇر. مەسلەن: ئاللاھ تائالا ئىلمى بىلەن ئالىممۇ ياكى زاتى بىلەن ئالىممۇ؟ ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىنى ياراتقانمۇ – يوق؟ ئاللاھنىڭ زاتى ئۈچۈن تەيىن (ئورۇن) بولامدۇ؟ ئاللاھنى ماكاندا دەپ قارىساق ئاللاھ يۆلىنىشلىك ماكاندىمۇ؟ ئاللاھنى كۆرۈش مۇمكىنمۇ – يوق؟… ۋە بۇنىڭدىن باشقا يۇقىرىقى مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يېتىش بىلەن دىننىڭ توغرىلىقى ئۆلچەم قىلىنامدۇ – قىلىنمامدۇ؟… دېگەندەك مەسىلىلەر. بۇنىڭدا بىرىنچىسى باتىلدۇر. يەنى، بۇ مەسىلىلەرنى بىلىش دىننىڭ توغرىلىقىغا ئۆلچەم قىلىنمايدۇ. چۈنكى، ئەگەر مۇشۇ مەسىلە دىننىڭ ئاساسىي ئەھكاملىرىدىن بولغان بولسا ئەلۋەتتە، پەيغەمبىرىمىز بۇ مەسىلىلەرنى بىزگە بايان قىلىپ بەرگەن بولاتتى ۋە مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ ئەقىدىدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا ئىزدىنىشكە بۇيرۇغان بولاتتى. بىراق، پەيغەمبىرىمىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالمىدى، بەلكى پەيغەمبىرىمىز، ساھابىلەر ۋە تابىئىنلار زامانىدا مۇشۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا بىرەر ھەدىس ياكى ئەسەر كەلگەن ئەمەس. شۇڭلاشقا بۇ مەسىلىلەرنى بىلىش «توغرا دىن»نى بىلىشتىكى ئۆلچەم ئەمەسلىكىنى بىلدۇق. يۇقىرىقى مەسىلىلەر ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىدە ئەيىبلىنىپ خاتالىق دەپ قارىلىدىغان مەسىلىلەر بولمىغانلىقتىن مۇشۇ پىكىر ئەھلىدىن بولغان مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چىقىرىش چەكلىنىدۇ. ھەقىقەتەن كاپىرغا چىقىرىش مەسىلىسى شەرىئەت ئىگىسى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان شەرئى ھۆكۈمدۇر. ئەقىل بەزىدە توغرا تاپىدۇ، بەزىدە خاتالىشىدۇ. خۇددى ئەقلىي تەسەۋۋۇر بىلەن ئېرىشكەن ھەقىقەتلەرنى شەرىئەتتە بىلىش ۋاجىپ دەپ قارالمىغىنىغا ئوخشاش ئەقلىي تەپەككۇردىكى خاتالىقنىڭ ھەممىسىمۇ شەرىئەتتە كۇپۇرلۇققا ئېلىپ بارمايدۇ.

كۇپۇرلۇق دېگەنلىك پەيغەمبىرىمىز ئېلىپ كەلگەن خەۋەرلەرنى يالغانغا چىقىرىش ياكى ئۇ خەۋەرلەرنىڭ راستلىقنى بىلگەندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ چاقىرىقىغا ئەگىشىشتىن باش تارتىش دېگەنلىكتۇر.

ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن شىئەلەرنىڭ ئازغۇنلىرىدىن بولغان خەتتابىيلەردىن باشقا ھېچقانداق ئەھلى بىدئەتنىڭ شاھادىتىنى ئىنكار قىلمايمەن. چۈنكى، خەتتابىيلەر پەيغەمبىرىمىزگە يالغانچىلىقنى ھالال سانايدۇ. «ئەلمۇختەسەر» دېگەن كىتابنىڭ ساھىبى ھاكىم ئۆزىنىڭ «مۇنتەقا» دېگەن كىتابىدا ئەبۇ ھەنىفە توغرىسىدا رىۋايەت قىلىپ: «ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۆز ھاياتىدا ئەھلى ئىسلامدىن ھىچ بىر كىشىنى كاپىرغا ھۆكۈم قىلمىغان» دەيدۇ. ئىمام فەخرىددىن رازىي، ئىمام كەرخىي ۋە بۇلاردىن باشقا ئالىملارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رىۋايەت قىلىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە مەزھەپلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى چىققان ئەھلى ئىسلامنى كاپىرغا چىقارمايدىغانلىقى، ھەتتا ئۆزلىرىنى كاپىرغا چىقارغان پىرقىلەرنىمۇ كاپىر دېمەيدىغانلىقنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەھلى بىدئەتلەرنىڭ ئىشغا كەلسەك، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاساسسز قاراشلىرىنى دىندا ۋاجىپ ئىدى، دەپ يېڭى ئىش پەيدا قىلىدۇ، بەلكى ئۇلار ئۆز قاراشلىرىنى ئىمان ئېيتىش زۆرۈر بولغان نەرسىلەر قاتارىدىن قىلىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ قاراشلىرىغا قارشى ئىش قىلغانلارنى كاپىرغا چىقىرىدۇ، ئۇلارنىڭ قېنىنى ھالال سانايدۇ. مەسىلەن، خاۋارىجلار، جەھمىييەلەر، رافىزەلەر ۋە مۇئتەزىلەلەرگە ئوخشاش.

ئەھلى سۈننە دىندا ئاساسىي بولمىغان يېڭىلىقلارنى پەيدا قىلمايدۇ، ئىجتىھاد قىلىپ خاتالىشىپ قالغانلارنى كاپىرغا چىقارمايدۇ. گەرچە ئۇلار ئەھلى سۈننەتكە قارشى ئىش قىلسىمۇ، ئەھلى سۈننەتنى كاپىرغا چىقارسىمۇ، ئۇلارنىڭ قېنىنى ھالال سانىسىمۇ كاپىرغا چىقارمايدۇ. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆيۈملۈك ساھابىلىرى ئوسمان، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرنى كاپىرغا چىقارغان، ئۆزلىرىگە قارشى چىققان ئەھلى ئىسلامنىڭ قېنىنى ھالال سانىغان خاۋارىجلارنىمۇ كاپىر دېمىگىنىگە ئوخشاش.

ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئىلىم ئادىللىق ۋە مېھرىبانلىق مۇجەسسەملەشكەن، ئىمان ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىدىن بولغان مۇشۇ ئۈممەتنىڭ سەردارلىرى قۇرئاندا: «ئى مۆمىنلەر، ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار! ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار! بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار ئۇلارغا ئادىل بولالماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن. دۈشمىنىڭلارغا ئادىل بولۇڭلار، مانا بۇ تەقۋالىققا ئەڭ يېقىندۇر»([17]) دەپ بايان قىلىنغاندەك، سۈننەتكە ئۇيغۇن كەلگەن ھەقىقەتلەرنى تونۇيدۇ، بىدئەتلەردىن يىراق تۇرىدۇ، ئۆزلىرى ماڭغان ھەقىقەتلەردىن چەتنەپ كەتكەنلەردىن زۇلۇمغا ئۇچرىسىمۇ ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتكە ۋە مېھرىبانلىققا قايتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدۇ. ئۇلارنىڭ بارلىقى ئاللاھنىڭ ھەق دىنى ئۈچۈن، بۈيۈك ئاللاھنىڭ شاھادەت كەلىمىسىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ.

ھەقىقىي مۆمىنلەر دېگەن ئاللاھ يولىدا دىن دۈشمەنلىرى بىلەن خۇددى ئىسلامنىڭ تۇنجى خەلىپىسى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇرتەدلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغىنىدەك، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاسىي خاۋارىج پىرقىلىرى ۋە ئازغۇن سەبەئىي پىرقىلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغىنىدەك ئۇرۇش قىلىدۇ، ئەمەللىرىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈنلا قىلىدۇ، پاك سۈننەتكە ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ. بىدئەتخورلارنىڭ ئەمەللىرى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن بولمايدۇ، سۈننەتكىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرىگە ئەگەشكۈچىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىدئەت ۋە ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلىلىرىدىن دەپ ئاتىلىدۇ. فەزل ئىبنى ئىياز ئاللاھ سۇبھانە ۋە تائالانىڭ: «سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمىلى ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى ياراتتى»([18]) دېگەن ئايىتىنى ئاڭلاپ ئۆز – ئۆزىگە: «ئۇنى ئىخلاس بىلەن قىلدىم، ئۇنى توغرا قىلدىم» دەيتتى. باشقىلار: ئى ئەلىنىڭ دادىسى (فەزل ئىبنى ئىياز) ئىخلاس قىلدىم دېگىنىڭ نېمىسى؟ توغرا قىلدىم دېگىنىڭ نېمىسى؟ دەپ سورىغىنىدا، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن ئەمەللەر ئىخلاس بىلەن بولۇپ، توغرا بولمسا قوبۇل قىلىنمايدۇ؛ ئەگەر ئەمەللەر توغرا بولۇپ، ئىخلاس بىلەن بولمىسا يەنە قوبۇل قىلىنمايدۇ؛ ئەمەللەر ئىخلاس بىلەن بولۇپ، توغرا بولمىغىچە ئاللاھ ئەمەللەرنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئىخلاس بولسا ئاللاھ ئۈچۈنلا بولىدۇ، ئەمەلدىكى توغرۇلۇق بولسا سۈننەت بىلەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھلى سۈننە ئۆلىمالىرى ئۆزلىرىگە قارشى ئىش قىلغانلارنى كاپىرغا چىقارمايدۇ. چۈنكى، «كاپىرغا چىقىرىش» مەسىلىسى شەرئى ھۆكۈمدۇر. بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوخشىشىدا باشقىلارنى جازالىشى توغرا بولمايدۇ، خۇددى بىرسى سېنى ئالدىغان بولسا ياكى سېنىڭ جەمەتىڭدىن بىرسى بىلەن زىنا قىلسا، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى قىلىپ، سېنىڭمۇ ئۇنى ئالدىشىڭ ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن بىرى بىلەن زىنا قىلىشىڭغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئىككىسى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى ئۈچۈن ھارام قىلىنغان، بەندىنىڭ ھەققى ئۈچۈن ئەمەس. باشقىلارنى كاپىرغا چىقىرىشمۇ ئاشۇنىڭغا ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ ھەققىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى كاپىر دېگەندىن باشقىنى، قۇرئان – ھەدىسكە ئاساسەن چىقىرىلغان توغرا قىياس بىلەن كاپىر بولغاندىن باشقىنى كاپىرغا چىقىرىشقا بولمايدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ئەھلى ئىسلامنى دەلىل – ئىسپاتسىز كاپىرغا چىقارغۇچىلارنى چەكلەشتە كىشىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئىدى. ئىبنى تەيمىييە ئۆزى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەمىشە مېنىڭ سۆھبىتىمدە بولغان كىشىلەرگە مۇنداق دەيتتىم: مەن ھەرقانداق ئەھلى ئىسلامنى ئېنىق قىلىپ پالانى كاپىر، ياكى پاسىق، ياكى گۇناھكار دېگۈچىلەرنى توسقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئالدىمەن، بىراق، ئاشۇ كىشىلەر ئۆزىنىڭ كۇپۇرلۇق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسا، ئەقلى – ھوشى جايىدا بولسا، مەجبۇرلانمىسا، دېگەن سۆزىنىڭ كۇپۇرغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ دېگەن بولسا، ئالىملار ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تەۋبە قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇۋالسا، ئاندىن ئۇ كىشىنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىمەن. ئەمما، ئەھلى ئىسلامنى كۇپۇرلۇققا ھۆكۈم قىلىدىغان توققۇز شەرتنىڭ بىرەرسى تېپىلماي، بەزىدە كاپىرلىققا، بەزىدە پاسىقلىققا، يەنە بەزىدە گۇناھكارلىققا ئېھتىمال بولۇپ قالسا مەن شۇنداق دەيمەنكى، ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائالا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلغۇسى، بۇ ئۈممەتنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىدە ھەر دائىم خاتالىق كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئۆلىمالىرىمىزمۇ كۆپ مەسىلىلەردە تالاش – تارتىش قىلغان، ئەمما ھىچبىر كىشىنى كاپىرغا، پاسىققا، گۇناھكارغا چىقارمىغان».

ئىبن تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ دەلىل – ئىسپاتسىز باشقىلارنى كاپىرغا چىقارغانلارنى جازالاپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى (سىغىنىپ پاناھ تىلەش نامى بىلەن) ئاللاھدىن غەيرىيگە ۋەسىلە (ھاجەتلەرنىڭ راۋا بولۇشى ئۈچۈن يېلىنىپ يالۋۇرۇش) قىلغان كىشىنى كاپىرغا چىقارغان بولسا ۋەياكى شەيخ ئىززىددىن ئابدۇسسالام ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئالىملارنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا بەرگەن ۋە تەھقىقلەش كېرەك بولغان كۇپۇرلۇق پەتىۋاسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ كاپىر دېگەن بولسا، كاپىرغا چىقارغۇچىغا رەسۇلۇللاھنىڭ: «قايسىبىر كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنى: ئى كاپىر! دېسە ھەقىقەتەن بۇ سۆز ئىككىسىدىن بىرىگە قايتىدۇ» دېگەن ھەدىسىگە بىنائەن شەرىئەتتىكى تۆھمەتخورغا بېرىلىدىغان جازا بىلەن جازالاپ قاتتق ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك».

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە بۇ ئۈممەتنىڭ مۆتىۋەر ئىماملىرىدىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد ۋە بۇلاردىن باشقا مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ «پەيغەمبەرنىڭ خاتالىشىشى، ئۇنىڭدا كىچىك نۇقسانلارنىڭ سادىر بولۇشى جائىز» دېگەن سۆزلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى كاپىرغا چىقارغانلارغا قاتتىق رەددىيە بەرگەن ۋە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ ئۈممەتنىڭ ئۆلىمالىرىنى ئىجتىھادتىكى خاتالىقى تۈپەيلى كاپىرغا چىقارماسلىققا ۋە ئۇلارنى كاپىر دېگۈچىلەرنى قاتتىق جازا بىلەن جازالاش توغرىسىدا ئىتتپاق كەلگەن» ۋە يەنە ئىبنى تەيمىييە ئەقىدە مەسىلىلىرىدە ئىجتىھاد قىلغان كىشىنى كاپىرغا چىقىرىشنى ناھايىتى ئېغىر خاتالىق دەپ قارىغان ۋە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلىقى بىلىنگەن كىشىنى قارىغۇلارچە كاپىر دېيىش ناھايىتى ئېغىر خاتالىقتۇر. سابىت ئىبنى زەھھاك رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۆمىن قېرىندىشىغا لەنەت قىلىش ئۇ قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش، كىمكى مۆمىن قېرىندىشىنى كاپىر دەپ تۆھمەت قىلسا قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش بولىدۇ» ۋە يەنە سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «قايسىبىر كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنى: ئى كاپىر! دېسە ھەقىقەتەن بۇ سۆز ئىككىسىدىن بىرىگە قايتىدۇ». بۇ ھەدىسلەرنىڭ روھى بويىچە مەلۇم بىر قېرىندىشىنى تىللاش ئۈچۈن كاپىر دېيىش ئۇنى ئۆلتۈرگەندەك بولسا، ئىسلام دىنىدىن چىقىرۋېتىش مەقسىتىدە بىر قېرىندىشىنى كاپىر دېيىشنىڭ ھۆكمى نېمە بولۇپ كېتەر؟! ئۇ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشتىنمۇ ئېغىر ئەمەسمۇ؟!

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، ھەر خىل مەزھەپلەرگە بۆلۈنگەن ئىسلام ئۆلىمالىرى ئەھلى ئىسلامنى قارىغۇلارچە كاپىرغا چىقارماسلىققا بىرلىككە كەلگەن. ئىنسانلارنى ھىدايەتكە ياكى زالالەتكە ئۆز خاھىشى بويىچە ئايرىپ ياراتقۇچى ۋە ئۇلار ھەققىدە ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى زات ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ يولىغا (يەنى، غازاتقا) ئاتلانغان ۋاقتىڭلاردا ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىڭلار (يەنى، مۆمىن ياكى كاپىرلىقى ئېنىق بولغۇچە ئۆلتۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمەڭلار)، سىلەرگە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سالام بەرگەن ئادەمگە – دۇنيانىڭ مال – مۈلكىنى (غەنىيمەتنى) كۆزلەپ – سەن مۆمىن ئەمەسسەن دېمەڭلار (يەنى، ئۆلۈشتىن قورقۇپ سالام بەردىڭ دەپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار)، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (مۇنداقلارنى ئۆلتۈرۈشتىن سىلەرنى بىھاجەت قىلىدىغان) نۇرغۇن غەنىيمەتلەر (يەنى، ساۋاب) بار، ئىلگىرى سىلەرمۇ ئەنە شۇنداق (كاپىر) ئىدىڭلار، كېيىن ئاللاھ سىلەرگە (ئىماننى) ئىلتىپات قىلدى، (ئۇلارنى ئۆزۈڭلارغا سېلىشتۇرۇپ) ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر»([19]).

پايدىلانغان ماتىرياللار:

1. ابن تيمية: «بيان موافقة صريح المعقول لصحيح المنقول»، «منهاج سنة النبوية»، «كتاب الاستقامة»، «مجموع الفتاوى»، «الرد على البكري».

2. الطحاوي: «متن العقيدة الطحاوية».

3. الغزالي: «الاقتصاد في الاعتقاد»، «فيصل التفرقة بين الإسلام و الزندقة».

4. القرطبي: «الجامع لأحكام القرآن».

5. النووي: «شرح صحيح مسلم».

تەرجىمىدە: مېھرى ئەزىم.

————————–
([1]) «نىسا» سۈرىسى، 94 – ئايەت.
([2]) «سەھىھۇ مۇسلىم».
([3]) «ئەنبىيا» سۈرىسى، 92 – ئايەت.
([4]) «مۆمىنۇن» سۈرىسى، 52 – ئايەت.
([5]) ئىمام ئەھمەد مۇسنەدىدە رىۋايەت قىلغان، مۇھەققىق ئۆلىمالار: «بۇ ھەدىس ھەسەن لىغەيرىھى بولۇپ، مۇنقەتىئ ھەدىستۇر» دېگەن، ئەلبانى «زەئىپ» دەپ باھالىغان.
([6]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 140 – ، 141 – ئايەت.
([7]) ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان، ئىراقىي «ھەسەن» دېگەن، بەزىلەر «مۇنكەر» دېگەن.
([8]) «سەھىھەين».
([9]) تەبەرانىي رىۋايەت قىلغان، ئالبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([10]) «فەتىھ» سۈرىسى، 29 – ئايەت.
([11]) «سەھىھۇل بۇخارىي».
([12]) «كەھف» سۈرىسى، 79 – ئايەت.
([13]) «نەجم» سۈرىسى، 29 – ، 30 – ئايەت.
([14]) بۇلار شىئەلەرنىڭ ئىچىدىكى ئازغۇن ئىسمائىلىييە پىرقىسىگە تەۋە بولۇپ، «قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن مەنىسى بار، يۇشۇرۇن مەنىسىنى بىزنىڭ مەئسۇم ئىماملىرىمىزلا بىلىدۇ» دەپ قارايدىغانلار.
([15]) ۋاھىد دېگەن سۆزنىڭ مەستىرى (سۆز تۇمۇرى).
([16]) ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىنى مەخلۇقاتلارنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىگە ئوخشۇتۇپ مەنا بەرگۈچىلەر.
([17]) «مائىدە» سۈرىسى، 8 – ئايەت.
([18]) «ھۇد» سۈرىسى، 7 – ئايەت.
([19]) «نىسا» سۈرىسى، 94 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ