مېۋە، كۆكتات قاتارلىق سېتىپ پۇل قىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ زاكىتى

مېۋە، كۆكتات قاتارلىق سېتىپ پۇل قىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ زاكىتى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سېتىپ پۇل قىلىنىدىغان مېۋە، كۆكتات قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھوسۇلىنى يىققان ۋاقىتتا ئوندىن بىرى ياكى يىگىرمىدىن بىرىنى بېرىمىزمۇ ياكى سېتىپ پۇل قىلىپ پۇلنىڭ زاكىتىنى بېرىمىزمۇ؟ ناۋادا سېتىلغان پۇلى نېسى قېلىپ ئۇزۇن ۋاقىت ئالالمىسا ئۇ چاغدا زاكات قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

زېمىندىن چىقىدىغان زىرائەت ھوسۇللىرىغا زاكات كېلىدۇ.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇ يەنە، بىدىشلىك ۋە بىدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلغان، مېۋىلىرى، دانلىرى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، زەيتۇن ۋە ئانارنى بىر – بىرىگە ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان قىلىپ ياراتقان زاتتۇر. مېۋىسى پىشقاندا ئۇلاردىن يەڭلار. ھوسۇل ئالغان كۈندە ھەققىنى ئادا قىلىڭلار. ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 141).

زىرائەت يامغۇر ياكى ئېرىق – ئۆستەڭلەردىكى بىكارلىق سۇ بىلەن سۇغىرىلغان تەقدىردە، ھوسۇللىرىغا %10 زاكات كېلىدۇ. كۈچ ۋە چىقىم بىلەن سۇغىرىلغان ئەھۋالدا %5 زاكات كېلىدۇ.

سالىم ئاتىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يامغۇر سۈيى ۋە بۇلاقلاردىن سۇغىرىلغان ياكى سۇغارمىسىمۇ ئۆزى يىلتىزى بىلەن سۇ ئىچىدىغان زىرائەتلەرگە ئۆشر (ئوندىن بىرى) كېلىدۇ، سۇغىرىلىدىغان زىرائەتلەرگە ئۆشرنىڭ يېرىمى (يىگىرمىدىن بىرى) كېلىدۇ» دېگەن.(1)

زىرائەت ھوسۇللىرىنىڭ تۈرلىرىگە كەلسەك، بۇغداي قاتارلىق ئاشلىقلارغا، مېۋىلەردىن خورما بىلەن ئۈزۈمگە زاكات كېلىدىغانلىقىدا ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق. لېكىن، ئۇنىڭدىن باشقا مېۋە – چېۋە، كۆكتات، بېدىگە ئوخشاش ھايۋانلارنىڭ يەم – خەشەكلىرى، قىزىلگۈل، زەپە قاتارلىق دورا – دەرمەكلەر، كېۋەز ۋە چاي قاتارلىقلارغا يۇقىرىقىدەك زاكات كېلەمدۇ؟

كۆپچىلىك ئالىملار خورما بىلەن ئۈزۈمدىن باشقا مېۋىلەرگە، كۆكتاتقا يۇقىرىقىدەك زاكات كەلمەيدۇ، سېتىلغاندىن كېيىن پۇل قولغا كىرىپ بىر يىل ئۆتسە، ئۆز ئالدىغا ياكى قولىدىكى باشقا ئىقتىسادقا قوشۇلۇپ، زاكات كېلىدىغان ئۆلچەمگە يەتسە ئاندىن پۇل ھېسابىدا %2.5 مىقداردا زاكات كېلىدۇ، دەپ قارىغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرى: پەقەتلا بۇغداي، ئارپا، خورما ۋە قۇرۇق ئۈزۈمدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ھوسۇلدىلا زىرائەت ئۆلچىمى بويىچە زاكات كېلىدۇ، دەپ قارىسا، يەنە بەزىلىرى: ئوزۇقلۇق بولىدىغان، ساقلىنىدىغان ھوسۇللارغىلا زاكات كېلىدۇ، دەپ قارىغان. يەنە بەزىلىرى: قۇرۇتۇلۇپ كەمچەنلىنىدىغان، ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىدىغان ھوسۇللارغىلا زاكات كېلىدۇ، دەپ قارىغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئىككى شاگىرتىمۇ كۆپچىلىك بىلەن ئوخشاش قاراشتا بولغان.(2)

كۆپچىلىك ئالىملار ئاساسەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈزۈم بىلەن خورمىدىن باشقا مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتاتلاردىن زاكات ئالمىغانلىقىغا ئاساسلانغان بولۇپ، بەزىبىر زەئىفرەك رىۋايەتلەر بىلەن ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى ئومۇملۇقنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەرنى خاسلاشتۇرۇش يولىنى تۇتقان. مەسىلەن:

1.   ئەتاﺋ ئىبنى سائىب رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغىرە مۇسا ئىبنى تەلھەنىڭ زېمىنىدىن چىققان كۆكتاتلاردىن زاكات ئالماقچى بولغاندا، مۇسا ئىبنى تەلھە ئۇنىڭغا: ئۇنداق قىلالمايسەن. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدا زاكات يوق دەيتتى دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: تەرخەمەك، تاۋۇز، ئانار ۋە شىكەر قومۇشى قاتارلىقلاردىن زاكات ئەپۇ قىلىنغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زاكات ئالماي ئەپۇ قىلىۋەتكەن، دەپ كەلگەن.(3)

2. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە دىن ئۆگىتىشكە ئەۋەتكەندە، ئۇلارغا: «ئارپا، بۇغداي، قۇرۇق ئۈزۈم ۋە خورمىدىن ئىبارەت مۇشۇ تۆت نەرسىدىن باشقىسىدىن زاكات ئالماڭلار» دېگەن.(4)

3. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كۆكتاتلارغا زاكات كېلىش مەسىلىسىنى سوراپ مەكتۇب يازغاندا: «ئۇنىڭدا زاكات يوق» دەپ جاۋاب بەرگەن.(5)

كۆپچىلىك ئالىملار يۇقىرىقىلارغا تايىنىپ مۇنداق قارىغان: ئۆز ۋاقتىدا كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك زىرائەت ھوسۇللىرى بار تۇرۇقلۇق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن زاكات ئالماي ئەپۇ قىلىۋەتكەنلىكى بۇ تۈرلۈك ھوسۇللارغا زاكات كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىمام قۇرتۇبىي: «زاكات ئۇزۇن ساقلانمايدىغان مېۋە – چېۋە، كۆكتاتلارغا ئەمەس، ئاشلىققا كېلىدۇ. تائىفتا ئانار، شاپتۇل ۋە ئۇترۇجە قاتارلىق مېۋىلەر بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنىڭدىن زاكات ئالغانلىقى بىرەر دەلىل بىلەن كەلمىگەن» دېگەن.(6)

كۆپچىلىك ئالىملار كۆكتاتلاردا، خورما بىلەن ئۈزۈمدىن باشقا مېۋىلەردە زاكات كەلمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى: بۇ ھوسۇللار ئادەتتە، كەمچەنلەنمەيدۇ، ساقلانمايدۇ. نەتىجىدە، ئىقتىساد شەكلىدە پايدىلانغىلى بولمايدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئادەتتە، زېمىنغا تېرىلىدىغان ھەرقانداق زىرائەتتىن چىققان ھوسۇلغا يۇقىرىقى زىرائەت ھوسۇللىرىغا بېكىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە زاكات كېلىدۇ. دان، تەرخەمەك ۋە سامساققا ئوخشاش ئوتياش، بېدە، گۈل، زەپە، زاراڭزا، مېۋە – چېۋە، ئوسما قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدا ئوخشاش دەپ قاراپ، ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن مۇنداق دەلىل كەلتۈرگەن:

1. ﴿ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن زاكات ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن تازىلاپ پاكلىغايسەن، يەنە ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، چۈنكى سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىكتۇر﴾(9/«تەۋبە»: 103) مېۋە – چېۋە، كۆكتاتلارمۇ مالدۇر.

2. ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئىشلەپ تاپقاننىڭ پاكلىرىدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەرپ قىلىڭلار، ئۆزەڭلارمۇ پەقەت كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئالىدىغان ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەرپ قىلماڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ بىھاجەتتۇر، ھەمدىگە لايىقتۇر﴾(2/«بەقەرە»: 267).

بۇ ئايەتتىكى «سەرپ قىلىش» زاكاتنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتنىڭ ئومۇملىقىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى ئەڭ ھەقلىق بولغان نەرسە كۆكتاتلاردۇر، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن زېمىندىن بىۋاسىتە چىقىدۇ.(7)

3. ﴿ئۇ يەنە، بىدىشلىك ۋە بىدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلغان، مېۋىلىرى، دانلىرى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، زەيتۇن ۋە ئانارنى بىر – بىرىگە ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان قىلىپ ياراتقان زاتتۇر. مېۋىسى پىشقاندا ئۇلاردىن يەڭلار. ھوسۇل ئالغان كۈندە ھەققىنى ئادا قىلىڭلار. ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ ﴾(6/«ئەنئام»: 141).

بۇ ئايەتنىڭ بېشىدا ئاللاھ تائالا ئۈزۈم، خورما، زىرائەت، زەيتۇن ۋە ئانار قاتارلىق بەش تۈرلۈك زىرائەت ۋە مېۋە – چېۋىلەرنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن «ھوسۇل ئالغان كۈندە ھەققىنى ئادا قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغاچقا، بۇ ئايەت تىلغا ئېلىنغان بارلىق ھوسۇللارغا زاكات ۋاجىب بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن بىر رىۋايەتتە شۇنداق تەفسىر قىلغان. بۇ ئايەت مەدىنەدە نازىل بولغان دېگەن قاراشمۇ بار. مەككەدە نازىل بولغان دېگەن تەقدىردىمۇ زاكات مەككەدىمۇ پەرز ئىدى. مەككە ئايەتلىرىدىمۇ زاكاتقا بۇيرۇغان ئەھۋاللار بار.(8)

مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئىمام ئەبۇبەكرى ئەلجاسساس ئېيتىدۇ: «سەلەفلەر ئوتتۇرىسىدا 41/«فۇسسىلەت» سۈرىسىنىڭ مەككەدە نازىل بولغانلىقىدا، ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپ چۈشكەن ئايەتلەر قاتارىدىن ئىكەنلىكىدە قاراش ئوخشاشماسلىقى يوق. ئۇ ئايەتتە زاكات بەرمىگەنلەر ھەققىدە: ﴿زاكات بەرمەيدىغان مۇشرىكلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار يەنە ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ﴾(41/«فۇسسىلەت»: 6، 7) دەپ تەھدىت كەلگەن».(9)

قانداقلا بولمىسۇن، مال – مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى زاكات تەرىقىسىدە ئايرىش جاھىلىيەتتىمۇ، ئىسلامنىڭ مەككەدىكى دەسلەپكى دەۋرىدىمۇ كەڭ تارقالغان ئىش ئىدى. لېكىن، كېيىن مەدىنەدە ھازىرقى بىز تونۇيدىغان شەكىلدە پەرز قىلىنغان.(10)

مېنىڭچە، زاكات مەككە دەۋرىدە پەرز بولسىمۇ، بىراق تېخى ئىسلام ھاكىمىيىتى تىكلەنمىگەن بولغاچقا، بۇ تۈرلۈك زىرائەت زاكاتلىرىنى يىغىش ئىشى كىشىنىڭ ئۆزىگە قويۇپ بېرىلگەن. كېيىن مەدىنەدە ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاندىن ھىجرەتنىڭ 2 – يىلى ئىسلام ھۆكۈمىتى زاكات توپلايدىغان تۈزۈم شەكىللەنگەن.

4. سالىم ئاتىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يامغۇر سۈيى ۋە بۇلاقلاردىن سۇغىرىلغان ياكى سۇغارمىسىمۇ ئۆزى يىلتىزى بىلەن سۇ ئىچىدىغان زىرائەتلەرگە ئۆشر (ئوندىن بىرى) كېلىدۇ، سۇغىرىلىدىغان زىرائەتلەرگە ئۆشرنىڭ يېرىمى (يىگىرمىدىن بىرى) كېلىدۇ» دېگەن.(11)

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ بۇ قارىشى ئىلگىرىكىلەردىن ئىبراھىم نەخەئىي، مۇجاھىد، ھەمماد ۋە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز قاتارلىقلارنىڭ، كېيىنكىلەردىن شاگىرتى زۇفەر بىلەن داۋۇد زاھىرىينىڭ قارىشى بولۇپ، بۇ قاراش يەنە، ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان.(12)

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى تايانغان دەلىللەرگە قارايدىغان بولساق، ئايەتلەر بىلەن ھەدىس زىرائەت ھوسۇللىرىنى ئايرىماي، بارلىق زىرائەت ھوسۇللىرىغا ئومۇمىيۈزلۈك زاكات پەرز قىلىۋەتكەن. كۆپچىلىك ئالىملار تايانغان دەلىللەر ھەم سەنەد جەھەتتىن، ھەم دالالەت جەھەتتىن زەئىف بولغاچقا، ئايەت بىلەن سەھىھ ھەدىسلەردىكى ئومۇملۇقنى مەلۇم ھوسۇللارغىلا خاسلاشتۇرالمايدۇ.

كۆكتات بىلەن مېۋىلەرگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە زاكات ئالمىغانلىقى ئۆز ۋاقتىدا بۇ ھوسۇللارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تېرىلىپ بازارغا سېلىنمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن تۈزۈك زىرائەت بايلىقى ھېسابلانماي، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئاشلىقتەك كۆپ كىرىم بولمايدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.(13)

ياكى بۇ تۈرلۈك ھوسۇللارنىڭ زاكىتىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىغمايدىغان بولۇپ، كىشىلەر ئۆزلىرى بېرىدىغان ئىدى دېسەكمۇ بولىدۇ.(14)

ئەمما، ھازىرقى زاماندا بولسا، كۆكتات بىلەن مېۋىلەردىن نەچچە توننىلاپ ھوسۇل ئېلىنىدۇ. ئۇزۇنراق مۇددەت ساقلاش، يۆتكەش ۋە تارقىتىپ بازارغا سېلىش ئىشلىرى بەكلا قولايلىق. بەلكى تېخى مېۋە – چېۋە، كۆكتات تېرىشتىن بولىدىغان كىرىم ئاشلىقتىن ئالىدىغان كىرىمنى بېسىپ چۈشىدۇ. بۇنداق بولىدىكەن، بۇ تۈرلۈك ھوسۇللارغا زاكات كېلىدۇ دەپ قاراش شەرىئەت زاكات تۈزۈمىدىن كۆزلىگەن مەقسەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ئىسلام روھىغا ماس كېلىدۇ.

ئىمام كاسانىي ئېيتىدۇ: «زاكات ۋاجىب بولۇشنىڭ سەۋەبى ھوسۇل ئارقىلىق كىرىم قىلىپ بېرىدىغان زېمىن بولۇپ، كۆكتاتنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپ بولغاچقا، كىرىمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.»(15)

يۇقىرىقىلارغا قارايدىغان بولساق، مەيلى دەلىل جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئىسلام روھىغا ماس كېلىش جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى شەرىئەت زاكات تۈزۈمىدىن كۆزلىگەن مەقسەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش جەھەتتىن بولسۇن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ «زېمىندىن چىققان ھەرقانداق ھوسۇلغا زاكات كېلىدۇ» دېگەن قارىشى زامانىمىزغا ئەڭ مۇناسىپ كېلىدىغان قاراشتۇر.(16)

بۇنىڭغا ئاساسەن ھازىرقى كۈنلەردە ئەزىز دىيارىمىزدا كەڭ كۆلەمدە تېرىلىۋاتقان گۈل چاي، باغلاردىن ھوسۇل ئېلىنىۋاتقان ياڭاق، چىلان قاتارلىق ھوسۇللىرىغىمۇ زاكات كېلىدۇ.

ئەمدى زىرائەت ھوسۇللىرىنىڭ زاكات كېلىش ئۆلچىمى سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «بەش ۋەسەقكە يەتمىگەن زىرائەت ھوسۇللىرىدا زاكات يوق».(17)

بىر ۋەسەقنى تەخمىن بىلەن ئېغىرلىق ئۆلچىمىگە ئۇدۇللىساق: 122.5 كىلوگرامغا، يەنە بىر قاراشتا 130.5 كىلوگرامغا باراۋەر. بەش ۋەسەق 612.5 كىلوگرامغا، يەنە بىر قاراشتا 652.8 كىلوگرامغا باراۋەردۇر.

بۇنىڭغا ئاساسەن، بارلىق زىرائەتلەردىن مۇشۇ مىقداردىن ئاشقان ھالەتتە ھوسۇل ئېلىنسا ھەر يىلدا ئەمەس، ھەر قېتىم ھوسۇل ئالغاندا زاكات ئايرىلىدۇ.

ھوسۇلنىڭ ئۆزىدىن زاكات ئايرىش مۇناسىپ بولسا ئۆزىدىن ئايرىيدۇ. ساتقان پۇلدىن ئايرىش مۇناسىپ بولسا ساتقان پۇلدىن ئايرىيدۇ. كۆكتات بىلەن مېۋىلەر ئادەتتە، تېز بۇزۇلۇپ قالىدىغان بولغاچقا، ساتقان پۇلدىن %5 زاكات ئايرىش مۇناسىپ.

زىرائەت يامغۇر ياكى ئېرىق – ئۆستەڭلەردىكى بىكارلىق سۇ بىلەن سۇغىرىلغان تەقدىردە، ھوسۇللارغا %10 زاكات كېلىدۇ. كۈچ ۋە چىقىم بىلەن سۇغىرىلغان ئەھۋالدا %5 زاكات كېلىدۇ.

سۇ چىقىملىرىدىن باشقا تېرىپ ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن كەتكەن چىقىم، باج، بازارغا يۆتكەش ۋە قاچىلاش چىقىملىرى ھوسۇلنى ساتقان پۇلدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. قالغان ساپ ھوسۇلغا زاكات ئايرىلىدۇ.

ھوسۇل ئالغۇچى ئۆزى ۋە ئائىلىسى يېگەن ھوسۇل ساپ ھوسۇلدىن چىقىرىۋېتىلىپ ئاندىن قالغان قىسمىغا زاكات ئايرىيدۇ.

ھوسۇل ئېلىش جەريانىدا زىرائەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئالغان قەرزمۇ ساپ ھوسۇل قىممىتىدىن چىقىرىۋېتىلىپ ئاندىن قالغان قىسمىغا زاكات ئايرىيدۇ. ئۇندىن باشقا قەرزلەرنىڭ ۋاقتى كەلگەن بولسا ساپ ھوسۇل قىممىتىدىن چىقىرىۋېتىلىپ ئاندىن قالغان قىسمىغا زاكات ئايرىيدۇ. يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ تېرىغان ئەھۋالدا ئىجارە پۇلمۇ ساپ ھوسۇل قىممىتىدىن چىقىرىۋېتىلىپ ئاندىن قالغان قىسمىغا زاكات ئايرىيدۇ.(18)

ھوسۇلنى سېتىپ پۇلىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئالالمىسا، قاچان قولىغا ئالسا، شۇ چاغدا زاكات بېرىدۇ. قولىغا ئالالمىسا زاكات ئايرىمايدۇ.

خۇلاسە: مېۋە – چېۋە، كۆكتات ۋە بارلىق زىرائەت ھوسۇللىرىغا زاكات كېلىدۇ. تېز بۇزۇلۇپ قالىدىغانلىرى سېتىلىپ، پۇلىدىن سۇنىڭ بىكارلىق ياكى چىقىملىق بولۇشىغا قاراپ %10 ياكى %5 زاكات ئايرىلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 25 – رامازان / م. 2012، 13 – ئاۋغۇست

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 34 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————–
1. «بۇخارىي»، (1483).
2. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 3/2؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 2/94؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/184؛ ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»، 3/238؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5/411؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/295.
3. «سۈنەنۇددارەقۇتنىي»، 2/97. تىرمىزىي: «سەھىھ ئەمەس. مۇرسەل» دېگەن.
4. «ئەلمۇستەدرەك»، (1459)؛ «سۈنەنۇددارەقۇتنىي»، 2/98. تىرمىزىي: «سەھىھ ئەمەس» دېگەن. بەيھەقىي: «راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
5. «تىرمىزىي»، (638). ئىمام تىرمىزىي: «بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ ئەمەس، بۇ مەسىلىدە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىرەر سەھىھ ھەدىس كەلمىگەن» دېگەن.
6. قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 7/101.
7. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 2/94.
8. فەخرۇررازىي: «ئەتتەفسىرۇل كەبىر»، 13/175.
9. جاسساس: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 1/162.
10. ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانىي»، 24/98.
11. «بۇخارىي»، (1483).
12. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 9/73.
13. «ئىسلام ئونلاين»دا 2001/7/21 – كۈنى دوكتور رىفئەت فەۋزىينىڭ نەق مەيدان بەرگەن پەتۋاسىغا قارالسۇن.
14. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 2/94.
15. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 2/94.
16. بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن ئىمام قەرەداۋىينىڭ «فىقھۇززاكات» ناملىق ئەسىرىگە قارالسۇن.
17. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1405)؛ «مۇسلىم»، (979).
18. دوكتورمۇھەممەد ئابدۇللاھ شەببانىينىڭ: «فىقھۇززاكاتتا قاراشلار ۋە تەھلىللەر» دېگەن تەتقىقاتىغا قارالسۇن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ