Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئەقلىيەت ۋە مۇسۇلمانلار ئەقلىيىتى

ئەقلىيەت ۋە مۇسۇلمانلار ئەقلىيىتى

ئەقلىيەت ۋە مۇسۇلمانلار ئەقلىيىتى

ئەقلىيەت (ياكى مەلۇم بىر توپلۇق ئەقلىيىتى) دېگەنگە مۇكەممەل ئېنىق تەبىر بەرمەك تەس، ئەمما يېقىنلاشتۇرۇپ تەبىر بېرىش مۇمكىن.

ئەقلىيەت دېگىنىمىز: ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى ئاڭقىرىپ، چۈشۈنۈپ يېتىشتە قوللىنىلىدىغان، شۇ ئارقىلىق رېئاللىقتىكى ھەر خىل ھادىسە ۋە ئەشيالارغا تۇتىدىغان پوزىتسىيىنى بەلگىلەيدىغان ۋە شۇنىڭغا تايىنىپ تۇرۇپ ئىنكاس ئېلىپ بارىدىغان ھەرخىل، بىر – بىرىگە باغلانغان چۈشەنچىلەر، ئۆلچەملەر ۋە ئۇسۇل – ئۇسلۇبلاردىن ئىبارەت.

ئەقلىيەتنى يەنە شەكىل ۋە مەزمۇن دەپ ئايرىش مۇمكىن. شەكىل دېگىنىمىزدە ئەقىلنىڭ ئومۇمىي ھالىتى ۋە ئەقىل قوللىنىدىغان تەپەككۇر ئۇسۇللىرىنى كۆرسەتسە، مەزمۇن ئەقىلنىڭ رېئاللىققا، ھاياتلىققا قارىتا چۈشەنچىلىرىنى ۋە ھادىسە ۋە ئەشيالارغا باھا بېرىشتىكى ئۆلچەملەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئەقلىيەت بىر قېتىمدىلا شەكىللەنمەستىن، تەدرىجى شەكىللىنىپ، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى ھەم ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ يىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى شەكىللەندۈرىدىغان بارلىق ئامىللىرى ۋەياكى بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى بىردىن بىر ساناپ بولالمايمىز. ئەمما، ئۇلاردىن ئاساسلىق ئۈچ ئامىلنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن.

— ئىنساندا بار بولغان زېرەكلىك، ئۆتكۈر زېھىن، تەسەۋۋۇر كۈچى، مۇلاھىزە كۈچى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، بىلىم ئىگىلەش ۋە ھەزىم قىلىپ قايتا ئىشلەپچىقىرىش قابىلىيىتى قاتارلىقلار ئەقلىي قابىلىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلەردۇر. بۇ قابىلىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلەر ھەر كىشىدە ئوخشاش بولمايدۇ. كىشىدە بۇلار قانچە يۇقىرى پەللىگە يەتكەنسېرى ئۇنىڭ يېڭى ئۇقۇم ۋە مەزمۇنلارنى قوبۇل قىلىپ ھەزىم قىلىشى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار ئىچىدىن ئۆزىگە پايدىلىق ۋە زىيانلىق بولغانلىرىنى توغرا ئايرىپ چىقالايدۇ، ئۆزىگە توغرا باھا بېرەلەيدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر كىشىنىڭ ئەقلىيىتى ۋە شۇنىڭغا ئەگەشكەن ھالدا بىر قەۋم، بىر مىللەتنىڭ ئەقلىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.

— ئائىلە تەربىيەسى ۋە مۇھىتى (ئاساسلىق) ۋە مەكتەپ تەربىيەسى (قوشۇمچە (

بالا تۇغۇلۇپ بىرقانچە ئايغىچە چوڭ مېڭىسىنىڭ 90%گە يېقىن شەكىللىنىپ بولىدۇ، ئۇندىن كېيىنكى 4 – 7 ياشقىچە بولغان ۋاقىتتا (مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن) بۇ بالىنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكى ئاساسەن شەكىللەنگەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىت بولسا تولۇقلاش ۋە مۇكەممەللەش ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يەردە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ قانداق تەسىرى بار دېگەنگە كەلسەك: بەزى ئائىلىلەردە ھەر ئىشتا چىنلىق، گەپتە ئوچۇق، ئۆزئارا چۈشىنىش ئاساس قىلىنىدۇ، بۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان بالا ئىشلارغا قارىتا ئوچۇقلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدىغان، چىنلىقنى ياقلايدىغان بولۇپ يېتىلىدۇ، ھەم ئىجتىمائىيراق كېلىدۇ.

بەزى ئائىلىلەردە بولسا ئۆزلىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كولاپ، تەنقىدلەش كۆپرەك بولىدۇ. بۇنداق ئائىلىدە يېتىلگەن بالا باشقىلارنى تەنقىت قىلىشقا مايىلراق بولۇپ قالىدۇ.

— ئىنسان ئۆسۈپ يېتىلىدىغان مۇھىت. بۇ يەردە ئاساسلىقى ئىنسان ياشايدىغان جەمئىيەت مۇھىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى، مۇھىتمۇ كىشىنىڭ ئەقلىنىڭ يېتىلىشى، تەپەككۇرىنىڭ ئىلغار ياكى ناچارلىشىشى قاتارلىقلاردا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئىلمىي ھەم تېخنىكا جەھەتتىن تەرەققى قىلغان مۇھىتتا يېتىلگەن كىشىنىڭ تەپەككۇرى كۆپىنچە لوگىكىلىق تەپەككۇرغا مايىلراق بولىدۇ، ھادىسىلەرنىڭ سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىگە، بولۇپمۇ، سەۋەبلىرىگە بەكراق قىزىقىدۇ، تەجرىبىچىلىككە ھەم قىزىقىدۇ، رېئاللىقنى قوبۇل قىلغان ئاساستا كېلەچەككە ئوبدانلا كۆڭۈل بۆلىدۇ.

ئەمما، قالاق، ئارقىدا قالغان مۇھىتتا يېتىلگەن كىشى بەلكىم كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەت مۇھىتىغا قانائەت قىلىدىغان، شۇ قالاقلىققا ھەرخىل سەۋەب تېپىپ ئۆزىنى رازى قىلىشقا تىرىشىدىغان قىلىپ قويىدۇ، ھەم ئىشلىرىدا تەرتىپسىزلىك، ئەقىل بىلەن ھېسسىياتقا توغرا مۇئامىلە قىلالمايدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. ئوبيېكتىپلىق ئاجىزلىشىپ، ئىلمىيلىكتىن بەكراق خۇراپاتلىق، خام خىيالغا مايىل كېلىدۇ.

مۇسۇلمانلار ئەقلىيىتى دېگىنىمىزدە تۆۋەندىكى ئىككى خاسلىقنى جەم قىلغان ئەقلىيەتنى كۆزدە تۇتىمىز:

— ئىسلامىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەقلىيەت، يەنى ئاللاھقا، ئىسلامغا بويسۇنغان ھالدا، ئىسلام (شەرىئىتى) تەلىماتىغا تايانغان ھالدا ئۆز مىللى مىراسلىرى، ئەنئەنىلىرى (ئىسلامغا زىت كەلمەيدىغانلىرى) بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە خاس ئۇقۇملىرى، چۈشەنچىلىرى، ئىدىيە – ئەپكارلىرى، ئۇسۇل – ئۇسلۇبلىرىنى شەكىللەندۈرگەن ئەقلىيەتتۇر.

— ھازىرقى زامان ئەقلىيەت، يەنى رېئاللىق ۋە ھادىسىلىرىگە ھۆكۈم قىلغاندا ئىلمىيلىككە ئىگە، تەجرىبىدىن ئۆتۈپ توغرىلىقى ئىسپاتلانغان؛ تەرەققىياتىغا، دۇچ كەلگەن مۇشكىلاتلىرىنى توغرا ھەل قىلىشتا پايدىلىق بولغان ئۇقۇم، چۈشەنچە، ئۆلچەم ۋە ئۇسۇل – ئۇسلۇبلارنى (مېتودچانللىقا ئىگە) قوللىنىدىغان، ئۆزلىكىنى تونۇپ يەتكەن، كىملىكىنى ئۇنتۇمىغان، دىنىغا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان ئەقلىيەتتۇر.

زىياگۈل لوقمان يۇمران (Ziluryum)

(دوكتور ئابدۇلكەرىم بەككارنىڭ «چاغداش مۇسۇلمانلار ئەقلىيىتى» ناملىق كىتابىدىن قالدۇرۇلغان خاتىرە)

Please follow and like us:
Exit mobile version