ئىخلاسمەنلەر تىجارىتى ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ ئىش قىلىش

ئىخلاسمەنلەر تىجارىتى ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ ئىش قىلىش

ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب، ئەجىر ۋە مۇكاپاتلار قىسقىغىنە دۇنيادىكى مەدھىيە، نام – شۆھرەت ۋە كىشىلەرنىڭ تەشەككۈرلىرىدىن ئەۋزەل ھەم تېخىمۇ داۋاملىشىدىغاندۇر. بۇنىڭدا شەك يوق. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تېخىمۇ ئەۋزەل، تېخىمۇ داۋاملىقتۇر. بۇ ئىمان ئېيتقان ۋە رەببىگە تەۋەككۇل قىلغانلار ئۈچۈندۇر﴾(42/«شۇرا»: 36).

بەندە ھاياتىدا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا كېمەيمىگەن، تولۇق، نەچچە ھەسسە ساۋاب بېرىلگەن ھالىتىدە كۆرىدۇ. ﴿ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قايسىبىر ياخشى ئىشنى ئالدىن ماڭغۇزىۋەتسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنى تېخىمۇ ئەۋزەل، ئەجىر جەھەتتىن تېخىمۇ كاتتا كۆرىسىلەر﴾(73/«مۇززەممىل»: 20).

ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ ئىش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى مانا مۇشۇ يەردىن كېلىدۇ. ئۇنداقتا ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ ئىش قىلىشتىن بىز نېمىنى كۆزدە تۇتىمىز؟

ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ ئىش قىلىشنىڭ بىرنەچچە تۈرى ياكى مەنىلىرى بار. مەسىلەن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ تائەت – ئىبادەت قىلغاندا ساۋابىنى ئاللاھ تائالادىنلا ئېلىشنى كۆزلەش.

بەندە تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلغىنىدا مۇشۇ مەنىنى يادىغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ قىلسا، ئۆزىمۇ نام – شۆھرەت قازىنىش، رىياخورلۇق، كىشىلەردىن مەدھىيە كۈتۈش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئەمەلنى بىكار قىلىۋېتىدىغان ياكى ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدىغان ئاپەتلەردىن قوغداپ قالالايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى بىلەن ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىشقا بەرگەن.

شۇنداق قىلغاندىلا كاتتا ئەجىر، كۆپ ساۋابقا ئېرىشەلەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ سۆزىمۇ شۇنى بىلدۈرىدۇ: «كىمكى ئاللاھنىڭ ئەجىر بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، شۇنداقلا ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا رامازان روزىسىنى تۇتسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىپ كېتىدۇ. كىمكى قەدر كېچىسىدە ئاللاھنىڭ ئەجىر بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، ھەم ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا ناماز ئوقۇسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىپ كېتىدۇ»(1).

يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﺯﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘنىڭ جىنازىسىغا ﻧﺎﻣﺎﺯ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ جىنازىسى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮪﻪﺭﺑﯩﺮﻯ ﺋﯘﮪﯘﺩ ﺗﯧﻐﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺮﺍﺕ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺟﯩﻨﺎﺯﺍ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺮﺍﺕ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ»(2). بۇ ھەدىستىكى قىيراتتىن نېسىۋە ياكى ئەجىر مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ مىقدارىنى ئاللاھ بىلىدۇ. پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ چۈشىنىشكە يېقىنلاشتۇرۇپ: «ئۇھۇد تېغىچىلىك» دەپ مىسال قىلغان(3).

بەلكى تېخى مۇسۇلمان بەندە ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلغان ئەھۋالدا ئۆز ئۈستىگە ۋاجىب بولغان، قىلمىسا بولمايدىغان خىراجەتلەرگىمۇ ئەجىر ئالالايدۇ، مەسىلەن، خوتۇن – بالىلىرىغا خەجلەپ بەرگەن چىقىمدىن ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلغان بولسا سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ. ھەدىستە شۇنداق كەلگەن: «بىر ئادەم ساۋاب كۆزلىگەن ھالدا ئائىلىسىگە خىراجەت قىلسا، بۇ ئۇ ئادەم ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ»(4).

ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ ئىش قىلىشتىن قولغا كەلگەن ساۋاب نېمىدېگەن كاتتا ھە!

ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ ئىش قىلىشنىڭ يەنە بىر مەنىسى شۇكى: ھەرتۈرلۈك بالايىئاپەت، مۇسىبەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەشتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇشۇ تۈرلۈك مۇئمىنلەرنى مەدھىيەلىگەن، ئۇلارغا رەھمەت، ھىدايەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلغان. ﴿ئۆزلىرىگە بىرەر مۇسىبەت يەتكەن چاغدا: بىز ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز دەيدىغانلار، ئاشۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ مەغفىرىتى ۋە رەھمىتى بولىدۇ، ئاشۇلارلا ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 156 – 157).

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەت ھەققىدە: «ئىككى تەرەپكە تەڭ تەڭشەپ ئارتىلغان يۈك نېمىدېگەن ياخشى، ئۈستىگە ئارتۇق ئارتىلغان يۈكمۇ نېمىدېگەن ياخشى!» دېگەن(5).

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ سۆزىدە ئوخشىتىش بار بولۇپ، ئۇ سۆزىدە مۇسىبەت ۋە بالايى – قازاغا سەۋر قىلغانلارغا بېرىلگەن چوڭ مۇكاپاتنى خۇددى ئۇلاغنىڭ ئىككى تەرىپىگە تەڭشەپ ئارتىلغان ۋە يەنە ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا ئۈستىلەپ قوشۇپ ئارتىلغان لىق يۈككە ئوخشاتقاندۇر. يەنى: ئۇلاغنىڭ باشقا يۈك ئارتىلغۇدەك ئورنى قالمىغان ھالەتتە يۈك ئارتىلغىنىدەك، سەۋر قىلغانلارغىمۇ مۇكاپات شۇنداق تولۇق بېرىلگەن، مەغفىرەت يۈكنىڭ بىر تەرىپى، رەھمەت بىر تەرىپى بولسا، «ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر» دېگەن مەدھىيە ئۈستىلەپ ئارتقان يۈكتۇر. ياكى مۇسىبەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ: «بىز ئەلبەتتە، ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دېگەن ئىككى كەلىمە سۆزى يۈكنىڭ بىر تەرىپى، ئۇلارغا بېرىلگەن ئاللاھنىڭ مەغفىرىتى ۋە رەھمىتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ساۋاب يۈكنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولۇپ، «ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر» دېگەن مەدھىيە ئۈستىلەپ ئارتقان يۈكتۇر(6).

ئىنسانلار دۇنياۋى ھاياتتا تۈرلۈك بالايىئاپەت، ياقتۇرمايدىغان، يامان كۆرىدىغان ئىشلارغا دۇچ كەلمەي قالمايدۇ. بۇلارغا دۇچار بولۇشتا مۇئمىن بىلەن كافىر ئوتتۇرىدا پەرق يوق. پەقەتلا مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ ئىش قىلىشتا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

مەسىلەن، مۇسۇلمان كېسەل بولىدۇ، كافىر شۇنداق. سۆيۈملۈك كىشىلىرى، تۇغقانلىرى ۋە دوست – يارەنلىرى ئۆلۈپ كېتىدۇ. كافىرنىڭمۇ شۇنداق. بىراق، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىدا مۇھىم بىر پەرق بار، ئۇ بولسىمۇ، مۇئمىن كىشى سەۋر قىلىپ، ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلىگەن تەقدىردە، ئاللاھتىن كۈتىدىغان ئەجىردۇر.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشتا سۇسلۇق قىلماڭلار. ئەگەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش قىينىلىدۇ، سىلەر ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى ئاللاھتىن ئۈمىد قىلىسىلەر. ئاللاھ بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 104)

قېنى مۇسىبەت، بالايىئاپەتلەردە ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ سەۋر قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتىغا قاراپ باقايلى. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ مۇئمىن بەندىسىنىڭ زېمىن ئەھلىدىن بولغان ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىسىنى ئېلىپ كەتكەن تەقدىردە، سەۋر قىلىپ ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا جەننەتتىن تۆۋەن ساۋاب بېرىشكە رازى بولمايدۇ»(7).

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالايلى: مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئاللاھ دېدى: بەندەمنى ئىككى مەھبۇبىسىدىن مەھرۇم قىلىپ سىنىغىنىمدا، سەۋر قىلسا، ئىككىسىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭغا جەننەتنى بېرىمەن». ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئىككى كۆزىنى دېمەكچى، دېگەن(8).

ئەتاﺋ ئىبنى ئەبى رەباھ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ماڭا: جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر ئايالنى ساڭا كۆرسىتىپ قويمايمۇ؟ دېۋىدى، مەن: ماقۇل، كۆرسىتىپ قويسىلا، دېسەم، مۇنداق دېدى: بۇ قارا ئايال پەيغەمبەر رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: مېنى تۇتقاقلىق تۇتۇپ قالىدۇ، مەن ئېچىلىپ قالىمەن. شۇڭا، مەن ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلغايلا، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «خاھلىسىڭىز سەۋر قىلىڭ، سىزگە جەننەت مۇكاپات بولسۇن، خاھلىسىڭىز ئاللاھ سىزنى ساقايتىپ قويۇشقا دۇئا قىلاي» دېدى، ئۇ ئايال: مەن ئېچىلىپ قالىمەن. شۇڭا، ئېچىلىپ قالماسلىقىمغا ئاللاھقا دۇئا قىلغايلا، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا دۇئا قىلدى(9).

يۇقىرىقى ھەدىسلەردە ئىنسان بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىپ ئاللاھتىن ساۋاب كۆزلىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئېرىشىدىغانلىقى ئېنىق بىلىنىپ تۇرۇپتۇ.

ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋردىكى كاتتىلىرىمىز ئەجىر بىلەن ساۋابنى كۆزلەپ ئەمەللىرىدىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى، ساۋابىنىلا كۆزلەپ ياخشى نىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئىش قىلاتتى. مەسىلەن ئۆمەر فارۇق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئى خالايىق! ئەمەللىرىڭلاردىن ئاللاھ رازىلىقىنى، ساۋابىنى كۆزلەڭلار! چۈنكى، قانداق بىر كىشى ئەمىلىدىن ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەيدىكەن، ئۇنىڭغا قىلغان ئەمىلىنىڭ ئەجرى بىلەن نىيىتىنىڭ ئەجرى يېزىلىدۇ» دېگەن.

خۇبەيب ئىبنى ئەدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مەككە مۇشرىكلىرى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولغاندا مۇنداق دېگەن:

 

پەرۋا قىلماسمەن ئۆلتۈرۈلسەم مۇسۇلمان پېتىم

ئاللاھ ئۈچۈن قايسى ياققا يىقىلغىنىمغا

بۇ پەقەت ئاللاھ يولىدا، خاھلىسا ئەگەر

بەرىكەت قىلۇر قىيما – چىيما تەن بوغۇملىرىغا

 

دېمەك، خۇبەيب ئىبنى ئەدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلۈم ئالدىدا پەقەت ئاللاھ رازىلىقىنىلا كۆزلىگەن، ئۆلۈمگە پەرۋا قىلمىغان.

شۇڭا، مەيلى تائەت – ئىبادەتلىرىمىزدە بولسۇن، مەيلى مۇسىبەت، بالايىئاپەتلەرگە دۇچ كەلگەندە بولسۇن ئاللاھ رازىلىقىنىلا كۆزلىسەك، ئاللاھ قەلبىمىزنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلىپ، ئەجرىمىزنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ.

 

مەنبە: الاحتساب تجارة المخلصين – www.islamweb.net

تولۇقلاپ تەرجىمە قىلغۇچى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ.

—————-
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2014)؛ «مۇسلىم»، (759).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (47)؛ «مۇسلىم»، (945).
3. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/194؛ «ئۇمدەتۇلقارىي»، 8/128.
4. «بۇخارىي»، (5351).
5. «بۇخارىي»، «مۇسىبەتكە ئۇچرىغان ئاۋۋالقى پەيتتە سەۋر قىلىش» بابى.
6. قاراڭ: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 8/128.
7. «نەسائىي»، (1998).
8. «بۇخارىي»، (5647).
9. «بۇخارىي»، (5652).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ