Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تور بېتىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى مۇبارەكلەپ

قايتىپ كەلدىڭ دۇنياغا خۇش مۇبارەك ساجىيە ،

قەلبىم تولدى ئىلھامغا خۇش مۇبارەك ساجىيە .

زۇلمەت باسقان چاغلاردا ۋەتىنىمنىڭ بېغىنى ،

مەشئەل ئىدىڭ يوللارغا خۇش مۇبارەك ساجىيە .

يامان مۇدھىش زۇلمەتنى قوغلىغانتىڭ بۇرۇنمۇ ،

تەلىم بېرىپ ياشلارغا خۇش مۇبارەك ساجىيە .

ئىلىم – پەنگە بىئاشىق جاھالەتنىڭ پىرلىرى ،

نەشتەر بولدۇڭ ياۋلارغا خۇش مۇبارەك ساجىيە .

ئۈمىدىم شۇ يۈكسەلگىن قۇياش كەبى نۇر چېچىپ ،

نۇر تاراتقىن جاھانغا خۇش مۇبارەك ساجىيە .

ئېچىرقىغان غېرىپتەك تەلپۈنەتتىم مۇشتاق بوپ ،

بال تېمىتتىڭ تىلىمغا خۇش مۇبارەك ساجىيە .

شېئىر يازدىم شۇ سەۋەپ ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈم دەپ ،

ئىلھام بەردىڭ دىللارغا خۇش مۇبارەك ساجىيە .

مانا ئەمدى سۈرگىلى شىرىن ۋىسال پەيزىنى ،

يىتىپ كەلدىم سالامغا خۇش مۇبارەك ساجىيە .

 

م. م. مەدىنە مۇنەۋۋەرە

چارشەنبە 4 – 5 – 2011

Please follow and like us:
Exit mobile version