Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى گۆشلەرنىڭ ھۆكمى

ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى گۆشلەرنىڭ ھۆكمى

ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى گۆشلەرنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان بەزى مۇسۇلمانلار كالا، توخو، قوي گۆشلىرى بولسىلا ئاللاھ تائالا «ئەھلى كىتابلارنىڭ يېمەكلىكى ۋە ئاياللىرى سىلەر ئۈچۈن ھالال قىلىندى» دېگەن دەپ يەۋېرىدىكەن. ئۇنداقتا، «بىسمىللاھ» بىلەن بوغۇزلانمىغان مالنى يېيىش ئوخشاشلا ھارام قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭغا بىر چۈشەنچە بەرسىلىرى. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئۇلۇغ ئاللاھ پۈتۈن ئىنسانلارنى ھالال، پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بۇيرۇغان: ﴿ئى ئىنسانلار، يەر يۈزىدىكى ھالال، پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار. شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئوچۇق دۈشمەندۇر﴾(2/«بەقەرە»: 168). ئاندىن مۇئمىنلەرنى پاك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بۇيرۇپ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان نەرسىلەرنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 172) دېگەن.

يەنە ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ماللارنى يېيىشكە، ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ماللارنى يېمەسلىككە بۇيرۇپ: ﴿ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يەڭلار﴾(6/«ئەنئام»: 118)، ﴿ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يېمەڭلار، ئۇلارنى يېيىش ئەلبەتتە گۇناھتۇر﴾(6/«ئەنئام»: 121) دېگەن.

كافىرلاردىن پەقەت ئەھلى كىتاب (يەھۇدىي – خىرىستىيانلار) لارنىڭلا بوغۇزلىغان قوي، كالا قاتارلىق چارۋا ماللارنىڭ گۆشى، توخۇ، ئۆردەك، غاز، كەپتەر، توشقان قاتارلىقلارنىڭ گۆشى، شۇنداقلا ئۇلار ئوۋلىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشى مۇسۇلمانلارغا ھالال قىلغان. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿بۈگۈن سىلەرگە بارلىق پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ يېمەكلىرىمۇ سىلەرگە ھالالدۇر، سىلەرنىڭ يېمەكلىرىڭلارمۇ ئۇلارغا ھالالدۇر﴾(5/«مائىدە»: 5) دەپ كۆرسەتكەن.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مەزكۇر ئايەتتىكى «ئۇلارنىڭ يېمەكلىرى»نى، «بوغۇزلىغان ماللىرى» دەپ تەفسىرلىگەن(1). كۆپلىگەن مۇفەسسىرلەرمۇ شۇنداق تەفسىرلىگەن(2). مەيلى بۇ تەفسىر بويىچە ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغانلىرى ھالال دەيلى ياكى ئايەتتىكى «يېمەكلىرى» دېگەن سۆز ئۇلارنىڭ ھەممە يېمەكلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئومۇمىي بىر ئىبارە دەيلى، بەرىبىر. چۈنكى، ئۇنىڭدىن باشقا ئاشلىق، نان، مېۋە، كۆكتات ۋە سىركە قاتارلىق تۈرلۈك يېمەكلىكلەر مۇشرىكلارنىڭ بولسىمۇ ھالال.

دېمەك، ئەھلى كىتابنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرى مۇسۇلمانلارغا ھالال ئىكەنلىكى بارلىق ئىسلام ئالىملىرى ئىتتىپاق مەسىلىدۇر(3).

بۇنىڭ سەۋەبى، گەرچە ئەھلى كىتابلار مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدا كافىر سانىلىدىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلار بۇتپەرەسلەرگە ياكى ئاتېئىستلارغا قارىغاندا پەرقلىق. ئەھلى كىتابلار ئەسلىدە تەۋھىد ئېتىقادىدا بولۇپ، كېيىنچە ئېتىقادى بۇلغىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلاردا تەۋھىدنىڭ بەزى ئىزنالىرى قالغان، ئۇلاردا ۋەھيىگە، پەيغەمبەرلىككە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشمۇ بار. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا ئاللاھتىن باشقىغا قان قىلىش ھارام. ئۇلار بوغۇزلىغان ماللىرىغا ئاللاھنىڭلا ئىسمىنى ئېيتىدۇ. شۇڭا ئەھلى كىتابلاردىن باشقا كافىرلارنىڭ بوغۇزلىغانلىرى مۇباھ قىلىنمىغان. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ يېمەكلىرىنى يېيىشكە رۇخسەت قىلغاندەك، مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ قىزلىرى بىلەن ئۆيلىنىشكىمۇ رۇخسەت قىلغان.

ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا قىتئەلىرىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار خېلى ئۇزۇندىن بېرى دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ھالال گۆش مەسىلىسىدۇر.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ياۋروپادا نەچچە خىل دىن ۋە مەزھەب مەنسۇپلىرى ياشايدۇ. گەرچە ياۋروپادىكى بەزى شەھەرلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ قۇشخانىلىرى ياكى ھالال گۆش تېپىلسىمۇ، كۆپىنچە جايلاردا مۇسۇلمانلار ئۆز قوللىرى بىلەن سويغان ئىشەنچلىك ھالال گۆش يا بەك يىراقتا، يا بەك قىممەت، يا پەقەت يوق بولۇشى مۇمكىن. ياۋروپالىقلار ئەسلىدە ئەھلى كىتاب بولغاچقا، بىز ئەھلى كىتابنىڭ قوللىرىدىكى گۆشلەرنىڭ ھۆكمىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىمىز:

1. ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى سۇ جانلىقلىرى بولغان بېلىق ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىزگە ھالال. يەنى سۇدىلا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ھالال. ئۇنى مۇسۇلمان تۇتسۇن ياكى كافىر تۇتسۇن، تىرىك تۇتسۇن ياكى ئۆلۈك تۇتسۇن، ئوخشاش. چۈنكى، ئاللاھ تائالا دېڭىز ھايۋانلىرىغا بوغۇزلاش شەرتىنى قويمىغان. ئەمما ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا، دېڭىزدا ياشايدىغان ھايۋانلاردىن پەقەت بېلىقنىلا يېيىشكە بولىدۇ(4).

2. ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان. بۇنى ئەھلى كىتاب يەيدىغان بولسىمۇ مۇسۇلمانلارغا ھارام. بوغۇلۇپ ئۆلگەن، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلگەن ۋە ئۈسۈلۈپ ئۆلگەن ھايۋانلار ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ يېيىلىشى ھارام قىلىنغان. ئەمما، ئۇنىڭ تېرىسى، مۈڭگۈزى، سۆڭىكى ۋە يۇڭلىرىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ.

3.  قان. يەنى ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا تۆكۈلگەن قانلار.

4. توڭگۇز گۆشى. بۇنى ئەھلى كىتاب يەيدىغان بولسىمۇ مۇسۇلمانلارغا ھارام. چۈنكى، توڭگۇز گۆشى يەھۇدىيلارغىمۇ، خىرىستىيانلارغىمۇ ھارام قىلىنغان. لېكىن يەھۇدىيلار تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنى ھارام دەپ كەلگەن بولسىمۇ، خىرىستىيانلار ئۇنى ھالال دەۋېلىپ يەۋېرىدىغان بولغان(5). ئىت، ئېشەكلەرنىڭ گۆشىمۇ ھارام. ئاللاھ تائالا 5/«مائىدە» سۈرىسىدە بۇ ھاراملارنى تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلغان: ﴿سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، (ھايۋانلار تەرىپىدىن) ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ قويغان ھايۋان ھارام قىلىندى﴾(5/«مائىدە»: 3).

5. ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەن مۇرتەدلەر، يەھۇدىي – خىرىستىيانلاردىن ئۆز دىنىنى تاشلاپ دىنسىز بولۇپ كەتكەنلەر، ئاتېئىستلار، كوممۇنىستلار، بۇددىستلار، بۇتپەرەسلەر، سىكلار، ھىندىلار، بىراخمانلار(6)، ئاتەشپەرەتلەر ۋە مۇشرىكلارنىڭ، شۇنداقلا بەھائىيلار(7)، دۇرزىيلار(8)، نۇسەيرىيلار(9)، قاديانىيلار ۋە ئىسمائىلىيلارنىڭ بوغۇزلىغانلىرى ھارام. بۇ تۈرلۈك كىشىلەر بوغۇزلىغان ماللارنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولمايدۇ.

6. ئەھلى كىتابقا ئۇلارنىڭ زۇلۇملىرى ۋە گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن جازا سۈپىتىدە ھارام قىلىنغان، لېكىن بىزگە ھالال بولغان گۆش – مايلار ئەھلى كىتاب ئۇنى يېسۇن ياكى يېمىسۇن، ئۇنىڭدا باشقا ھالاللىق شەرتلىرى تېپىلسا، ئۇ بىزگە ھالال. بۇلار مۇنۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان: ﴿يەھۇدىيلارغا توم تۇياقلىق ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇق. ئۇلارغا كالا، قويلارنىڭ دۈمبىسىدىكى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى ياكى سۆڭىكىگە چاپلىشىقلىق ياغلىرىدىن باشقا ياغلىرىنى ھارام قىلدۇق. بۇ ئۇلارنىڭ زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارغا بەرگەن جازايىمىزدۇر. بىز ئەلبەتتە راستچىلمىز﴾ (6/«ئەنئام»: 146). يەنى ئەھلى كىتاب توغرا ئۇسۇلدا بوغۇزلىغان كالا، قويلارنىڭ دۈمبىسىدىكى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى ياكى سۆڭىكىگە چاپلىشىقلىق ياغلىرىدىن باشقا ياغلار، ئۇلار بۇنى ھالال دەپ قارىسۇن ياكى قارىمىسۇن، ئۇ بىزگە ھالال.

ئۇنداقتا يەھۇدىيلارغا ھارام قىلىنغان تۆگە، تۆگە قۇشى قاتارلىقلارنى ئۇلار توغرا ئۇسۇلدا بوغۇزلىغان بولسا ۋە ئۇلار توغرا ئۇسۇلدا بوغۇزلىغان قويلارنىڭ قۇيرۇق مايلىرى قاتارلىق ئۇلارغا ھارام قىلىنغان گۆش – مايلار مۇسۇلمانلارغا ھالال. گەرچە ئىمام مالىكتىن كەلگەن بىر نەقىلدە بۇلارنى ھارام دېگەن بولسىمۇ، ئىسلامىيەتنىڭ كېلىشى بىلەن ئۇلارغا قويۇلغان چەكلىمىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان(10). تۆۋەندىكى ھەدىسلەرمۇ ئۇنىڭ بىزگە ھالاللىقىنى كۆرسىتىدۇ:

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەففەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىز خەيبەر قورغىنىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ تۇرۇۋاتقان چېغىمىزدا، بىر ئادەم بىر تۇلۇم ماينى تاشلىغان ئىدى. مەن ئۇنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن دەرھال سەكرەپ شۇنداق قارىسام رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۇرۇپتىكەن، ئۇنىڭدىن بەك خىجىل بولۇپ كەتتىم» دېگەن(11).

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزلەپ بەردىكى: «بىر يەھۇدىي ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە زەھەر سېلىنغان قوينىڭ گۆشىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ گۆشتىن يېدى. كېيىن ئۇ ئايال تۇتۇپ كېلىنگەندە:

— ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەيلىمۇ؟ — دېيىلگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ياق، — دەپ ئۇنىمىدى. مەن تا ھازىرىمۇ ئاشۇ زەھەرنىڭ تەسىرىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىچىك تىلىدا بار دەپ قارايمەن»(12).

يۇقىرىقى ھەدىسلەر يەھۇدىيلارغا ھارام قىلىنغان ھالال گۆش – مايلارنىڭ ئۇلار توغرا بوغۇزلىغان تەقدىردە، بىزگە ھالال ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرىدۇ.

7. ئەھلى كىتابنىڭ ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىماي زەبىھ قىلغان ماللىرى بەزى ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ھالال. چۈنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاشنى تاشلاپ قويىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغانلىرىنى ھالال قىلغان. شۇڭا، ئۇلار بوغۇزلىغان ماللاردا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىشى شەرت ئەمەس. يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزەرىدە مۇسۇلمانغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىشى شەرت. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىماي بوغۇزلىغان بولسا يېيىشكە بولمايدۇ(13). بۇ يەردە ﴿ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يېمەڭلار، ئۇلارنى يېيىش ئەلبەتتە گۇناھتۇر﴾(6/«ئەنئام»: 121) دېگەن ئايەت بىلەن، ﴿كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ يېمەكلىرىمۇ سىلەرگە ھالالدۇر﴾(5/«مائىدە»: 5)، ﴿ئېيتقىنكى، «ماڭا ۋەھيى قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىستېمالى ئۈچۈن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مال، ياكى تۆكۈلگەن قان، ياكى چوشقا گۆشى،- چۈنكى، ئۇ ھەقىقەتەن نىجىستۇر، – ياكى ئاللاھتىن غەيرىنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھارام مالدىن باشقا ھارامنى تاپالمايمەن. كىمكى مەجبۇر بولۇپ، كۆڭلى خاھلىمىغان ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا يېسە، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر»﴾(6/«ئەنئام»: 145) دېگەن ئايەتلەرنى ئىككى تەرەپ ئۆز قاراشلىرىغا دەلىل قىلىپ كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ يەردە دەلىللەر ئېھتىماللىق بولغاچقا، شەكسىز ھالال گۆشلەرنى تاپالماي قىيىنچىلىقتا قالغانلار بۇ تۈرلۈك گۆشلەرنى يېسە بولىدۇ.

8. يەنە بىر خىل گۆشنىڭ ھۆكمىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. ئۇ بولسىمۇ ئەھلى كىتاب موناستىر ۋە چېركاۋلار ئۈچۈن ۋە شۈكرانە بايرىمى(14)، روجىستىۋا، يېڭى يىل بايراملىرى ئۈچۈن بوغۇزلىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشى. بۇنى ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق بەزىلەر ھارام دەپ قارىسىمۇ، ئىمام ئەھمەد قاتارلىق يەنە بىر قىسىم ئالىملار ھالال دەپ قارايدۇ(15).

ھەزرىتى ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جەرجىس ناملىق بىر چېركاۋ ئۈچۈن بوغۇزلىنىپ، شۇ چېركاۋغا سوۋغا قىلىنغان بىر قوچقار ھەققىدە «ئۇنى يېسەك بولامدۇ؟» دەپ سورالغاندا: «ئى ئاللاھ! ئەپۇ قىل، ئۇلار ئەھلى كىتاب، ئۇلارنىڭ يېمىكى بىزگە، بىزنىڭ يېمىكىمىز ئۇلارغا ھالال» دەپ ئۇنى يېيىشكە بۇيرۇغان(16).

ئىمام مالىكتىن ئەھلى كىتابنىڭ چېركاۋلىرى ۋە بايراملىرى ئۈچۈن بوغۇزلىغان ھايۋانلىرى ھەققىدە سورالغاندا: «ئۇنى يامان كۆرىمەن، لېكىن ھارام دېمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن(17). شۇڭا بۇنى «مەكرۇھ» دېيىش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولسا كېرەك.

9. ئەھلى كىتاب بوغۇزلىغان، لېكىن قانداق بوغۇزلىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلغان ياكى ئېيتىلمىغانلىقى بىلىنمىگەن گۆشلەر. بۇ گۆشنى يېگەندە «بىسمىللاھ» دەپ يېسە ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلغان نەرسىنى يېگەن بولىدۇ. ئەگەر مۇسۇلمان ياكى ئەھلى كىتاب بوغۇزلىمىغانلىقى، ياكى ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ئورنىغا باشقا نەرسىنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغانلىقى، ياكى بوغۇزلانماي ئۇرۇلۇپ ياكى تۇنجۇقۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق بولسا، ئەلبەتتە يېيىشكە بولمايدۇ.

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: ›بەزىلەر بىزگە گۆش ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلغان ياكى ئېيتىلمىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇنى يەمدۇق، يېمەمدۇق؟‹ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا: ›بىسمىللاھ دەپ يەۋېرىڭلار‹ دېدى»(18).

مەزكۇر ھەدىس مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئەتراپىدىكى ئەرەبلەر مۇسۇلمان بولۇپ، بەزىلىرى تېخى «بىسمىللاھ» دېيىشنى تولۇق ئۆگىنىپ بولمىغان چاغدىكى ئەھۋال. ئۇلار ئادەتتە ھايۋاننى تىرىك بوغۇزلايتتى. ئەمما ھازىر ياۋروپالىقلارنىڭ كۆپ قىسمى دىنسىز، ئاز قىسمى خىرىستىيانلىقتا قالدى. ھايۋاننى توكتا ياكى تاپانچىدا ئۆلتۈرۈپ قويۇپ ئاندىن بوغۇزلايدۇ دېسەك، ياۋروپادا بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى تەتبىقلاش توغرا بولماسلىقى مۇمكىن.

10. ئەھلى كىتابنىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ نامىنى ئاتاپ زەبىھ قىلغان ماللىرى ھارام. مەسىلەن، ئىيسانىڭ ياكى ئۇزەيرنىڭ نامىنى ئاتاپ زەبىھ قىلسا، ئۇ گۆش مۇسۇلمانلارغا ئېنىق ھارام.

زوھرىي: «ئەرەب ناسارالىرىنىڭ زەبىھ قىلغان مېلىنى يېسە ھېچ گەپ بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ نامىنى ئاتاپ زەبىھ قىلغانلىقىنى ئاڭلىساڭ، ئۇنى يېمىگىن، ئەگەر ئۇنى ئاڭلىمىساڭ، ئاللاھ ئۇنى ساڭا ھالال قىلىپ بەرگەن، ئۇلارنىڭ كافىرلىقىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ» دېگەن. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ ئوخشاش قاراش رىۋايەت قىلىنىدۇ(19).

11. ئەھلى كىتاب توك، يىڭنە، تاپانچىدەك نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ ياكى بوغۇپ ياكى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشى ھارام. چۈنكى، بۇ ئۆلۈپ قالغان ھايۋان قاتارىغا كىرىدۇ.

ئەھلى كىتاب بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە كەلگەن بوغۇزلاش ئۇسۇلىنى قوللانماي، باشقىچە ئۆلتۈرگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشى بىزگە ھارام. گەرچە بۇ ئۇلارنىڭ ھازىر يەۋېرىدىغان يېمەكلىرى قاتارىدىن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە مۇنۇ ئايەتتە ھارام قىلغان تۈرلەر قاتارىغا كىرىدۇ: ﴿سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، (ھايۋانلار تەرىپىدىن) ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ قويغان ھايۋان ھارام قىلىندى﴾(5/«مائىدە»: 3). شۇڭا، توخۇنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ، بوغۇپ، تۇنجۇقتۇرۇپ، بولقا ياكى توكتا سوقۇپ ئۆلتۈرگەن ماللىرىنىڭ گۆشلىرى ھارام.

بۇ مەسىلە، يەنى: ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ بىزنىڭكىدەك بولۇشى، يەنى بىسلىق نەرسە بىلەن گالدىن بوغۇزلىغان بولۇشى شەرتمۇ؟ ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى بۇنى شەرت قىلىدۇ. توغرىسى، بۇ شەرت. مالىكىي مەزھەبتىكى بىر قىسىم ئۆلىمالارنىڭ پەتۋاسىدا بۇنداق قىلىش شەرت ئەمەس(20).

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىدا(21) مالىكىيلارنىڭ بۇ قارىشىنى بايان قىلغان ۋە ياۋروپا ۋە ئەھلى كىتاب دىيارلىرىدا تۇرۇۋاتقان ۋە مۇسۇلمانچە بوغۇزلانغان ھالال گۆش تاپالمايدىغانلار ئۈچۈن چىقىش يولى سۈپىتىدە بۇ قاراش بويىچە پەتۋا بەرگەن. ئەمما، ھالال گۆش تاپالايدىغانلارغا ۋە مۇسۇلمانلار دىيارىدا ياشايدىغانلارغا ئۇنداق گۆشلەرنى ئىستېمال قىلىشنى جائىز كۆرمىگەن. چۈنكى، ئەسلى قائىدە شۇكى، دىيانەتلىك مۇسۇلمان كىشى ھېچقانداق شۈبھە ئارىلاشمىغان ساپ ھالالنى ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىشى لازىم.

قازى ئىبنۇلئەرەبىي «بىزگە ئوخشاش بوغۇزلاش شەرت ئەمەس» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان مالىكىي ئۆلىملارنىڭ بىرى ئىدى. ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىيمۇ ئۇنىڭ قارىشىنى نەقىل قىلغان. لېكىن ئۇنى تەرجىھ قىلمىغان، قازى ئىبنۇلئەرەبىي «تەفسىر»ىنىڭ يەنە بىر يېرىدە ئۆز قارىشىنى ئۆزى يىقىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئۇلار بوغۇپ ۋە كاللىسىنى ئېزىپ ئۆلتۈرۈشتەك شەرئىي بوغۇزلاش ئۇسۇلىغا خىلاپ كېلىدىغان تەرىقىدە يېگەن گۆشلەرنىڭ ھۆكمىچۇ؟ دېيىلسە، جاۋابى شۇكى، بۇ ئۆلۈك ھايۋان، ئۇ ئايەتنىڭ ئېنىق ھۆكمى بىلەن ھارام. ئۇلار ئۇنى يېسىمۇ بىز توڭگۇزغا ئوخشاشلا ئۇنى يېمەيمىز، چۈنكى ئۇلار ئۇنى ھالال سانايدۇ ۋە بۇ ئۇلارنىڭ يېمىكى، لېكىن ئۇ بىزگە ھارام»(22).

دېمەك، ئەھلى كىتابنىڭ بوغۇزلىماي ئۆلتۈرگەن ماللىرىنىڭ گۆشى ھارام. شۇنداقلا بوغۇزلاشتىن بۇرۇن توك ياكى تاپانچىلاردا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۆشىمۇ ھارام.

بىلىشىمچە، ياۋروپادا توخۇ ۋە باشقا قوي – كالا قاتارلىق ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى ھەر خىل. بەزىلىرىدە توخۇ ئىككى پۇتىدىن ئېسىلىپ توك ئۇلاپ قويۇلغان سۇغا چىلىنىدۇ. بۇنىڭدا توخۇ توك بىلەن سوقۇلۇپ قىينىلىدۇ. ئاندىن بىھوش قىلىنغاندىن كېيىن بوينى كېسىلىدۇ. بەزىدە توخۇ توك سوقۇۋەتكەنلىكتىن ئۆلۈپ بولىدۇ. ياكى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، توخۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى توك بىلەن سۇغا چىلىنىشتىلا ئۆلۈپ بولىدىكەن. ئاندىن بوينىنى كېسىپلا تازىلىنىشى ئۈچۈن قىزىق سۇغا چىلىنىدىكەن. بۇ ئىنتايىن تېز بولغانلىقتىن توكتىن ساق قۇتۇلۇپ بوينى چالا كېسىلگەن ئەھۋالدا، تېخى جېنى چىقىپ بولماي تۇرۇپلا قىزىق سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ. توك بىلەن سوقۇلغان ھايۋانلار بوغۇزلانغان تەقدىردىمۇ جىسمىدىكى قان تولۇق ئېقىپ بولالمايدۇ. نىجاسەت بىلەن تولغان قىزىق سۇغا چۆمۈرۈلگەندە توخۇ گۆشىنىڭ مەينەت بولۇشى ئايرىم بىر مەسىلە. بۇ خىل توخۇلارنىڭ گۆشى ئىنتايىن زىيانلىق بولىدىكەن.

ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرى ئىچىدە يۇقىرى بېسىملىق توك بىلەن قېنىنى ئاقتۇرماستىن ئۆلتۈرۈش، گاز بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈش، ئىنگىلىزلارنىڭ ئىتتىك پىچاق بىلەن ھايۋاننىڭ 4 – ۋە 5 – قوۋۇرغىسىنىڭ ئارىلىقىنى كۆكرەكتىن يېرىپ، ئۆپكىنىڭ ئىككى قانىتىغا ھاۋا پۈۋلەش ئۇسۇلىدا ھايۋاننىڭ قېنىنى ئاقتۇرماستىن ناسۇستىن چىققان ھاۋانىڭ ئۆپكىگە كىرگەن بېسىمىدىن ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرى بار. ھايۋاننىڭ بېشىغا تاپانچا ئېتىش ئۇسۇلىدىمۇ ھايۋان ئۆلۈپ قالىدۇ. كېيىن كاللىسى كېسىلىدۇ. بۇ گۆشلەرنىڭ ھەممىسى ھارام بولۇپ قالىدۇ(23).

يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن «ياۋروپا پەتۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتى»(The European Council For Fatwa and Research) ھالال گۆش مەسىلىسىنى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ مۇزاكىرە قىلىپ، ئاخىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي كىملىكلىرىنى قوغداپ قېلىش ۋە ئۆزلىرىنى ھارام نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىپ سېلىشتىن ساقلاش ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتى كۆرسەتكەن بەلگىلىمە بويىچە بوغۇزلاش شەرتلىرىگە رىئايە قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا ئادەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بوغۇزلاش ئۇسۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن شەرىئەتكە خىلاپ كۆپ ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى، قوي بىلەن موزايلار ئۆلۈپ قالمىسىمۇ، توخۇ كالىلارنىڭ بوغۇزلاشتىن بۇرۇنلا ئۆلۈپ قالىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ توخۇ بىلەن كالا گۆشلىرىنى يېيىش جائىز ئەمەس. ئەمما، قوي بىلەن كىچىك موزاينى بوغۇزلاش ئۇسۇلى بەزى جايلاردا شەرئىي بوغۇزلاش قائىدىسىگە زىت كەلمەيدۇ دەپ قارار قىلغان. ئۇلارنىڭ يەكۈنى بويىچە، بوغۇزلىماقچى بولغان ھايۋاننى يىڭنىلىك تاپانچا، ياكى پالتا، ياكى بولقا، ياكى ھاۋا بېسىمى بىلەن بىھۇش قىلىش جائىز بولمايدۇ. توخۇلارنى توكتا سوقۇش ئارقىلىق بىھۇش قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما، بوغۇزلاشتىن بۇرۇن بىھۇش قىلىنغان ھايۋانلار ئۆلۈپ قالمىغانلا بولسا، توغرا بوغۇزلىسا ھالال بولىدۇ. يەنە غەرب دىيارىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولۇشى ۋە دىنىي كىملىكلىرىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە خاس ئايرىم قۇشخانىلارنى بەرپا قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان. توك بېسىمىنى 100 ~ 400 ۋولىتتىن ئۆرلىتىۋەتمەسلىك، ئېقىمىنى قويلارغا 1.0 ئامپىردىن، كالىلارغا 2.5 ئامپىردىن ئاشۇرىۋەتمەسلىككە كاپالەت قىلىنىشى، توكتا سوقۇش 3 سېكونتتىن 6 سېكۇنت ئارىسىدا بولۇشى تەكىتلەنگەن(24).

بىھۇش قىلىنغاندىن كېيىن شەرئىي بوغۇزلاشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ قالمىغانلىقىنى ئېنىق بىلگىلى بولغان تەقدىردە، ئۇ ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»مۇ تەكىتلىگەن(25).

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ياۋروپادىكى ھايۋانغا رەھىمدىللىق قىلىش دەۋاچىلىرى ۋە جەمئىيەتلىرى، شۇنداقلا دانىيە، شىۋىتسىيە قاتارلىق كۆپ دۆلەتلەر ھايۋاننى بوغۇزلاشتىن بۇرۇن بىھۇش قىلىش ئۇنىڭ قىينىلىشىنى يەڭگىللىتىدۇ دەيدۇ. لېكىن ئەھۋال پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ ئىشتا تىجارىي غەرەزمۇ يوق ئەمەس. بوغۇزلىماقچى بولغان ھايۋان بوغۇزلىنىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ قالسا ياكى بىھۇش قىلىنسا تولۇق قانسىراش بولمايدىغانلىقى سەۋەبلىك گۆشىنىڭ ۋەزنى ئېغىر بولىدۇ. پايدىنى كۆپ ئالىدىغان گەپ. بۇ مەسىلىدە «ئەنگىلىيە مۇسۇلمان دوختۇرلار جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى دوكتور غۇلام مۇستافا خان بىلەن بىرمنگھام شەھىرىدىكى جامە ۋەقفىنىڭ رەئىسى دوكتور مۇھەممەد نەسىملارنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق يەكۈن كەلگەن:

1. ھايۋاننى بوغۇزلاشتىن بۇرۇن بىھۇش قىلىش ھايۋاندا بوشاشنى كەلتۈرۈپ، يۈرىكى تۈگۈلىۋالغانلىق تۈپەيلى قان ئادەتتىكىدەك تولۇق چىقمايدۇ.

2. توك بىلەن سوقۇش ھەممە ئەھۋاللاردا كۆزلىگەن مەقسەتنى ئادا قىلمايدۇ. ئەگەر ھايۋاننىڭ گەۋدىسىگە قارىغاندا بېسىم يەڭگىل بولۇپ قالسا، ھېس – تۇيغۇسىنى يوقاتماستىن پالەج ھالەتتە قالىدۇ. نەتىجىدە توك سوقۇش ئازابى بىلەن بوغۇزلاش ئازابىنى بىللە تارتىدۇ. ئەمما بېسىمنى كۆتۈرەلمىگەن تەقدىردە ھايۋاننىڭ يۈرىكى توختاپ ئۆلۈككە ئايلىنىدۇ.

3. مۇسۇلمانلارنىڭ بوغۇزلاش ئۇسۇلى ھايۋانغا ئەڭ رەھىم – شەپقەتلىك ئۇسۇل. قانداق دېگەندە، ئىتتىك پىچاق تېز سۈرۈلىدۇ. ئىسپاتلىنىشىچە، ئاغرىق ھېس قىلىش تېرە ئاستىدىكى ئاغرىققا ئالاقىدار نېرىپلاردىن كېلىدۇ. مەزكۇر تەرىقىدە بوغۇزلاشتا ئاغرىق يەڭگىللەيدۇ. ھېس – تۇيغۇسىنى يوقاتمىغان ھايۋاننىڭ يۈرىكى تولۇق قانسىراشقا ياردەم قىلىدۇ.

يۇقىرىدا ياۋروپادا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارغا ئۇچرايدىغان گۆشلەرنىڭ ھۆكمىنى بىر – بىرلەپ بايان قىلىپ ئۆتتۈم. ئەمدى تۆۋەندە ياۋروپادىكى ھالاللىق گۇۋاھنامىلىرى ۋە ياۋروپادىكى دىنلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.

كۆپىنچە دۆلەتلەر ئۆز ئاھالىسى بولغان مۇسۇلمانلارغا ياكى باشقا دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارغا گۆش سېتىشتا «ھالاللىق گۇۋاھنامىسى» قوللىنىدۇ. ھالاللىق گۇۋاھنامىسى ئادەتتە پۇل تاپىدىغان يول بولغاچقا، بۇ گۇۋاھنامىلاردا ئىشەنچ ئازلاپ كەتكەن. ئەلبەتتە، بەزى شەھەرلەردە ھەقىقىي ئىسلام شەرىئتى بويىچە بوغۇزلاپ ھالال گۆش تەييارلايدىغان ئىشەنچلىك قۇشخانا ۋە قاسساپخانىلارمۇ، ھايۋاننى قانداق ئۆلتۈرگەن جەرياندىن بىخەبەر تۇرۇپمۇ گۇۋاھنامە بېرىدىغان ئورۇنلارمۇ يوق ئەمەس.

ياۋروپادىكى ھالاللىق گۇۋاھنامىلىرى بېرىلگەن گۆشلەر بەزى دۆلەتلەردە ئادەتتە بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان تەرىقىدە قانۇن كۈچى بويىچە ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشى بولۇپ، ئۇنىڭ پەرقى ئۇ ماللار بوغۇزلانغاندا بىر كىشى «بىسمىللاھ» دەپ بېرىدۇ. لېكىن يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، توخۇ ياكى كالىلار بوغۇزلىنىشتىن بۇرۇنلا ئۆلۈپ بولغان بولۇشى ئېھتىماللىق.

«ئەنگىلىيە ھالال يېمەكلىك كومىتېتى» (Halal Food Authority (HFA بوغۇزلاشتىن بۇرۇن توكتا سوقۇپ بىھۇش قىلىنغان توخۇ، قوي ۋە كالىلارنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ دېگەن. «پادىشاھلىق ھايۋاناتلارنى قوغداش جەمئىيىتى»نىڭ 2004 – يىلدىكى دوكلاتىدا كېلىشىچە، ئەنگىلىيە بازىرىدىكى ھالال يېمەكلىك گۇۋاھنامىسى چاپلانغان توخۇ، قوي ۋە كالىلارنىڭ گۆشلىرىنىڭ 90% تى بوغۇزلاشتىن بۇرۇن توكتا سوقۇپ بىھۇش قىلىنغان ئىكەن.

پارىژدىكى يېمەك – ئىچمەك سانائىتىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار «ھالال ئىنستىتۇتى»دىكى ئەلا جافۇرىينىڭ مۆلچەرلىشىچە، «ھالال» بەلگىسى چاپلانغان گۆش ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ 80% تىگە يېقىن قىسمى ھالال ئۆلچەملىرىگە توشمايدىكەن. بېلگىيە «ھالال يېمەكلىك كومىتېتى» مەسئۇلى فەرىد مەشھۇدنىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپادىكى «ھالال» بەلگىسى چاپلانغان گۆش ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ 60% تىگە يېقىن قىسمى ئىسلام شەرىئىتىگە چۈشمەيدىكەن. ھالال گۇۋاھنامىسىنى بېرىدىغان ئورۇنلارمۇ نازارەت قىلىپ ئولتۇرمايدىكەن. ھەتتا رۇخسەت بېرىدىغان كىشىلەر مۇسۇلمانمۇ ئەمەس ئىكەن، بەزى گۇۋاھنامىلارنى باشقا دۆلەتلەردىن سېتىۋالىدىكەن.

بەزى دوكلاتلاردا ئاۋسترالىيەدىكى قاديانىيلار باشقۇرىدىغان «ھالال سادىق» شىركىتى بوغۇزلاپ مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ساتىدىغان قوي، كالا ۋە قۇش گۆشلىرى ئىسلام ئۇسۇلى بويىچە بوغۇزلانمايدىغانلىقى ۋە ئۇ گۆشلەرنىڭ ھارام ئىكەنلىكى كەلگەن(26).

ئەمەلىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارايدىغان بولساق، بىھۇش قىلىنغان ماللارنىڭ كۆپ قىسمى بوغۇز تەرەپتىن ئەمەس، ئارقا تەرەپتىن پىچاق سۈرۈلىدىكەن. پەقەتلا يەھۇدىيلار قول ئاستىدىكى قۇشخانىلاردىلا بوغۇز تەرەپتىن پىچاق سۈرۈلىدىكەن. ئومۇمەن، قۇشخانىلاردا توغرا بوغۇزلاشقا قارىتا نازارەت ئاجىز، ھەتتا «ھالال» ماركىسى چاپلانغان گۆشلەرمۇ ئادەتتە «بىسمىللاھ» دەپ بېرىدىغان بىرەر مۇسۇلمان بوغۇزلاش يېرىدە بار بولۇشىغا باغلىق ئىكەن. ھەتتا مۇسۇلمان ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىپ ساتىدىغان گۆشلەرگە «ئىسلامچە ئۇسۇلدا بوغۇزلانغان» دەپ يېزىپ قويۇش ئەمەلىيەتتە، ئىسلامچە بوغۇزلىنىشى بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق كۆرۈنىدىكەن. 80 – يىللاردا مىسىرغا ياپونىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان تون بېلىقى ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﯞﺍ قۇتىسىغىمۇ «ئىسلامچە ئۇسۇلدا بوغۇزلانغان» دەپ يېزىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ ئوقۇغۇچىلار كۈلۈپ كەتكەن ئىدۇق. يەنى بۇ تۈرلۈك گۆشلەرنى تەييارلايدىغانلارنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدىكى شەرئىي بوغۇزلاش قائىدىسى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتىمۇ يوق ئىكەن. توڭگۇز گۆش – يېغى بولمىسىلا مۇسۇلمانلار ھالال دەيدۇ دەپ ئويلايدىغان كافىرلارمۇ كۆپ ئىكەن.

تۆۋەندە ئىسلامدا گۆشنىڭ ھالال بولۇشى ئۈچۈن ھايۋاننى بوغۇزلاش ئۇسۇلىنى بايان قىلىپ ئۆتۈش پايدىلىق بولسا كېرەك.

1. ھايۋانلار تىرىك ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاپ، تەكبىر ئېيتىپ، بوغۇزىغا ئىتتىك پىچاق سۈرۈلۈپ بوغۇزلىنىشى.

2. ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى ئېيتىلماسلىقى.

3. ھايۋاننىڭ گېلى ياكى بوغۇزىدىن بوغۇزلىنىشى. بوينىنىڭ ئارقىسىغا پىچاق سۈرۈلسە يېگىلى بولامدۇ، بولمامدۇ؟ كۆپچىلىك ئالىملار يېگىلى بولىدۇ دەيدۇ. ئىمام مالىك بولمايدۇ دەيدۇ(27).

4. مالنىڭ كاللىسىنى دەرھال ئۈزۈۋەتمەي، ئىككى شاخ تومۇر بىلەن كاناي ۋە كېكىردەكنى كېسىپ بولغاندىن كېيىن سەل تەخىر قىلىپ تۇرۇش لازىم. بۇنداق قىلمىغاندا مال يۇقىرىقى تۆت نەرسىنى كېسىشتىن ئۆلمەي، يۇلۇن كېسىلگەنلىكتىن ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن.

5. بوغۇزلاپ بولۇپلا سويۇشقا، ياكى بىرەر يېرىنى كېسىشكە، ياكى سۇندۇرۇشقا تۇتۇش قىلماي، بەدىنى جىمىپ، سەل سوۋۇغاندىن كېيىن ئاندىن سويۇش.

ياۋروپادىكى دىنلار

ياۋروپا ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى مۇسۇلمان، بىر قىسمى يەھۇدىي، بىر قىسمى خىرىستىيان بولسىمۇ، ئېڭىمىزدا ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى خىرىستىيان دەپ سىڭىپ قالغان. ئەمەلىيەتتىكى ستاتىكىلاردا ياۋروپادىكى بىز خىرىستىيان دەپ ئويلىغان ئاھالىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى دىنسىزلىشىپ كەتكەن. سىز خىرىستىيان دەپ ئويلىغان بىرسىدىن: سەن قايسى دىندا؟ دەپ سورىسىڭىز، ئۇ: مەن دىنغا ئىشەنمەيمەن، دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. خۇددى مۇسۇلماندىن بىرسى ئاتېئىست ياكى كوممۇنىست بولۇپ كەتسە ئۇ مۇسۇلمان بولمىغىنىدەك، خىرىستىيانلارمۇ دىنىدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئۆمرىدە بىرەر قېتىم چېركاۋغا بېرىپ قويۇشى دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆرپ – ئادەتكە رىئايە قىلىش جەھەتتىن بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىرى ئەھلى كىتاب بولىدۇ. ئۇلاردىن تانىدىغانلىرى ئەھلى كىتاب دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

ئەنگىلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» 2016 – يىلى ياۋروپادىكى ئاتېئىست دۆلەتلەر خەرىتىسىنى ئېلان قىلغان. ئاھالىسى ئاللاھنى تونۇمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا فرانسىيە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئۇلاردىن ئاللاھنى تونۇيدىغانلار 27%، ئاتېئىستلار 40%، روھقا ئېتىقاد قىلىدىغانلار 27% ئىكەن. گېرمانىيەدە ئاللاھنى تونۇيدىغانلار 44%، گوللاندىيەدە 28%، شىۋىتسىيەدە 18%، نورۋىگىيەدە 22%، ئەنگىلىيە بىلەن بېلگىيەدە 37%، دانىيەدە 28%، فىنلاندىيەدە 33% ئىكەن. ئەلبەتتە ئاللاھنى تونۇيدىغانلار قاتارىدا مۇسۇلمانلارمۇ بار. فرانسىيە بىلەن گېرمانىيەدە 5 مىليوندىن مۇسۇلمان بار، ئومۇمەن ياۋروپا نوپۇسىنىڭ 5% تى مۇسۇلمانلار دەپ قارىلىدۇ. ياۋروپادىكى يەھۇدىيلار 2 مىليونغا، ئامېرىكىدىكى يەھۇدىيلار 5.5 مىليونغا يېتىدۇ.

ياۋروپا ۋە باشقا ئەللەردە يەھۇدىيلار قۇشخانىسىدا بوغۇزلانغان قوي، كالا قاتارلىقلارنىڭ گۆشلىرىنى مۇسۇلمانلار يېسە بولىدۇ. ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار گۆش مەسىلىسىدە قىينالغاندا يەھۇدىيلارنىڭ ھالال دەپ قارىغان «كوشىر» (kosher) گۆشلەرنى ئىستېمال قىلىپ ھاجىتىنى قامدىغان ئەھۋاللار بولغان. چۈنكى، يەھۇدىيلارنىڭ دىندارلىرى ھالال گۆش مەسىلىسىدە قاتتىق تۈزۈمگە رىئايە قىلىدۇ. ئۆلۈپ قالغان ياكى توغرا بوغۇزلانمىغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى، ئېقىتىلغان قاننى ھارام دەپ قارايدۇ. بوغۇزلانغان مالنىڭ قېنىنى تولۇق ئېقىتىۋېتىشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتايدۇ. توڭگۇز گۆشىنىمۇ ھارام دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ بوغۇزلاش ئۇسۇلىدا ئىسلام شەرىئىتىدىكى بوغۇزلىغۇچى، بوغۇزلاش سايمىنى ۋە بوغۇزلىنىدىغان مال قاتارلىقلاردا تەلەپ قىلىنغان شەرتلەر رىئايە قىلىنىدۇ. شۇڭا ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار يەھۇدىيلارنىڭ «كوشىر» يەنى ھالال گۆشلىرىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

خۇلاسە: ياۋروپادا ياشاۋاتقانلار ئۆزلىرى ئىشەنچ قىلىدىغان مۇسۇلمان قاسساپلار شەرئىي بوغۇزلايدىغان قۇشخانا ۋە دۇكانلاردىن گۆش سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلسا، ياكى ئىشەنچ قىلىدىغان ئورۇننىڭ گۇۋاھلىقىغا تايىنىپ ئىستېمال قىلسا، ياكى يەھۇدىيلارنىڭ «كوشىر» گۆشلىرىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا بازارلاردىكى ھالال ماركىلىق گۆشلەرنى، شۇنداقلا توكتا ياكى تاپانچىدا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن بىھۇش قىلىنىپ ناتوغرا ئۆلتۈرۈلگەن ماللارنى يېگىلى بولمايدۇ.

خىرىستىيان ياكى يەھۇدىي بولمىغان ئاتېئىست، بۇتپەرەس ۋە باشقا كافىرلارنىڭ بوغۇزلىغانلىرىنى يېگىلى بولمايدۇ. كىملىكتە خىرىستىيان دەپ يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئېتىقادىدا يەھۇدىي ياكى خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلمىسا ئەھلى كىتاب بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1441، 24 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2019، 21 – نويابىر

——————–
1. «بۇخارىي»، «يەھۇدى ۋە ناسارالارنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشىدىغان ۋە ئۇلاردىن باشقىلىرىنىڭ قولىدىكى ھايۋان مايلىرى» بابى.
2. ئىبنى ئەتىييە: «ئەلمۇھەررەر ئەلۋەجىز»، 2/158؛ شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ/ شەيخ رەشىد رىزا: «تەفسىرۇ مەنار»، 6/146.
3. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/329؛ «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 2/20.
4. مەرغىنانىي: «ئەلھىدايە»، 4/69.
5. «لاۋىيلىلەر پارىسى»، 11:1 – 8؛ «تەسنىيە پارىسى»، 14: 3 – 8؛ عودة مهاوش الأردني: «الكتاب المقدس تحت المجهر»، 128 – بەت.
6. براخمانىزم (Brahmanism): ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ۋە ﻧﯧﭙﺎﻟﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺩﯨﻦ. ﮪﯩﻨﺪۇلاﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﺑﺮﺍﺧﻤﺎ»ﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮪﯩﻨﺪۇلار ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﻼﺭنى ئاتالمىش ﺗﻪﯕﺮﻯ «ﺑﺮﺍﺧﻤﺎ» ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎن بولۇپ، ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺭﺧﯩﻠﻠﯩﺮﯨ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ﺷﯘڭا، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯘﻟﻼﺭ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﭼﻮﺩﯨﺮ»ﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ – ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺧﺎﮪﻠﯩﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻻﻻﻳﺪﯗ. ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﻼﺭ ﮔﯚش ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﺎﺵ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ئاتالمىش ﺗﻪﯕﺮﻯ «ﺑﺮﺍﺧﻤﺎ» ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﯩﺰﻡ مىلادىدىن ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 15 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﺎ ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، براخمانىزمنىڭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. ﻗﺎﺭﺍﯓ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 330 – ﺑﻪﺕ، «ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ»، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017.
7. بەھائىيلەر (الْبَهَائِيَّةُ): 19 – ئەسردە ئىراندا ئوتتۇرىغا چىققان ئازغۇن بابىييە تائىپىسىنىڭ داۋامى بولغان بىر تائىپە. پەلسەپەسى ئىسمائىلىييە تائىپىسىنىڭ ۋە ئاشقۇن سوپىلارنىڭ بەزى قاراشلىرىغا تايىنىدۇ. ئەخلاقتا خرىستىيانلىق تۈسى ئالىدۇ، دۇنياۋىيلىككە ئىنتىلىدۇ. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئەگەشكۈچىلىرى بار. «بەھائۇللاھ» دەپ نام ئالغان قۇرغۇچىسى مىرزا ھۈسەين ئەلى نۇرىي مازەندارانىي (ھ. 1233 – 1309 / م. 1817 – 1892) غا نىسبەت بېرىلىپ «بەھائىييە» دەپ ئاتالغان.
8. دۇرزىيلەر (الدُّرُوْزُ): چېكىدىن ئاشقان شىئەلەرنىڭ ئىسمائىلىييە تائىپىسىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئىلاھلىق دەۋاسى قىلغان فاتىمىي خەلىفەسى ھاكىم بىئەمرىللاھ ئەلفاتىمىي (ھ. 375 – 411 / م. 985 – 1021) دېگەن ئازغۇننى ئۇلۇغلايدۇ. ئەقىدىسى بىرقانچە دىننىڭ ئارىلاشمىسىدىن ئىبارەت. ئەگەشكۈچىلىرى ھازىر شامدا ياشايدۇ.
9. نۇسەيرىيلەر (النُّصَيْرِيَّة): «ئاللاھ تائالا ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ سۈرىتىدە كۆرۈنگەن» دەپ قارايدىغان (ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر)، مەھرەم تۇغقانلار بىلەن نىكاھلىنىشنى مۇباھ سانايدىغان، قىيامەتتە قايتا تىرىلىش ۋە ھېساب بېرىشنى ئىنكار قىلىدىغان، ناماز، روزا ۋە ھەج قاتارلىق پەرزلەرنى باشقىچە بۇرمىلاپ چۈشىنىدىغان بۇزۇق ئەقىدىلىك بىر شىئە تائىپىسى. ئەگەشكۈچىلىرى ھازىر شامدا ياشايدۇ.
10. قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 7/126.
11. «بۇخارىي»، (5508).
12. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2617)؛ «مۇسلىم»، (5834).
13. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 2/264؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 9/52 – 53؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 5/75؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 9/428؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 13/294؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 21/191؛ «بحوث فِى قضايا فقهية معاصرة»، للشيخ محمد تقِىّ العثمانِىّ. 1/401.
14. شۈكرانە بايرىمى (عيد الشكر / Thanksgiving): ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردىكى خىرىستىيانلار ئالاھىدە قۇتلايدىغان بايراملارنىڭ بىرى. ئامېرىكىدا نويابىردىكى تۆتىنچى پەيشەنبە كۈنى تەبرىكلەيدۇ. كانادا قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردە يىلنىڭ باشقا كۈنلىرىدە تەبرىكلەيدۇ. زىرائەتتىن ھوسۇل ئېلىشقا باغلىنىپ كەلگەن بۇ بايرام كېيىنچە، خىرىستىيانلاردىكى شۈكۈر نامىزى قاتارلىق ئىبادەتلەر ۋە بەزى يەرلىك ئادەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، شۇ ئەللەردىكى دىنىي ۋە مىللىي بايرامغا ئايلانغان. چېركاۋلارمۇ بۇ بايرامغا ئالاھىدە تەييارلىق قىلىدۇ. بەزى خىرىستىيان تائىپەلىرى بۇ بايرامدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى شۈكۈر روزىسى تۇتىدۇ. بۇ كۈندە كەچلىك تاماققا چوقۇم كۈركە توخۇسى پىشۇرۇلماي قالمايدۇ.
15. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 5/229؛ شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ/ شەيخ رەشىد رىزا: «تەفسىرۇ مەنار»، 6/177؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 10/307.
16. «تەفسىرى تەبەرىي»، 9/579. ئالبانىي («غايەتۇل مەرام»، 42) «سەھىھ» دېگەن.
17. «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1/536.
18. «بۇخارىي»، (5507).
19. «بۇخارىي»، «يەھۇدى ۋە ناسارالارنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشىدىغان ۋە ئۇلاردىن باشقىلىرىنىڭ قولىدىكى ھايۋان مايلىرى» بابى.
20. ئىبنۇلئەرەبىي: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 3/82.
21. يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 2014 – يىلدىكى ئاخىرقى باسمىسى، 528 – بەت.
22. ئىبنۇلئەرەبىي: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 5/532.
23. محمد أحمد المبيض: «مصلحة حفظ النفس في الشريعة الإسلامية»، 251 – بەت. د. عبد الهادي أبو سريع محمد:«أحكام الأطعمة والذبائح في الفقه الإسلامي»، 208 – 211 – بەتلەر.
24. «ملحق معيار الطعام الحلال والتذكية الشرعية»، المجلس الأوروبي للإفتاء والبحوث. وقرار 2 (2/3) من قرارات الدورة الثالثة – الحكم الشرعي في لحوم الأنعام والدواجن المعروضة في الأسواق والمطاعم الأوروبية، 4 – 7 صفر 1420هـ، الموافق لـ 19 – 22 مايو 1999م.
25. «مجلة مجمع الفقه الإسلامي»، جدة، سنة 1997م، 10 – سان، 1/654.
26. مۇھەممەد تەقىي ئوسمانىي: «بحوث فِى قضايا فقهية معاصرة»، 1/424.
27. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/456؛ قرار 2 (2/3) من قرارات الدورة الثالثة للمجلس الأوروبي للإفتاء والبحوث – الحكم الشرعي في لحوم الأنعام والدواجن المعروضة في الأسواق والمطاعم الأوروبية، 4-7 صفر 1420هـ، الموافق لـ 19-22 مايو 1999م.

Please follow and like us:
Exit mobile version