ئەرافات كۈنىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

ئەرافات كۈنىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەرافات كۈنى يېقىنلىشىپ قالدى. بۇ كۈننىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟ بىز ئۇلاردىن قانداق پايدىلىنىشىمىز كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

«ئەرافات كۈنى» ئاللاھ تائالا ئۇلۇغ كىتابىدا ئۇنىڭ بىلەن قەسەم قىلغان، ئۇنى نۇرغۇن پەزىلەتلەر بىلەن شەرەپلەندۈرگەن، ئاللاھ تائالا دىنىمىزنى كامالىغا يەتكۈزگەن، بىزگە نېئمىتىنى تاماملىغان، ئىسلام دىنىنى بىزنىڭ دىنىمىز بولۇشقا تاللىغان، بەندىلىرىگە پەزل – مەرھەمىتىنى ياغدۇرىدىغان، دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىدىغان، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدىغان، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە يېقىنلىشىدىغان، ئۇلار بىلەن پەرىشتىلىرى ئالدىدا پەخىرلىنىدىغان، شەيتان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنى خار قىلىدىغان، پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن ھاجىلار ئىمان ۋە ئەقىدە رىشتىسى ئاساسىدا بىر جايدا توپلىنىپ، يېگانە بىر ئاللاھقا يېلىنىدىغان، قۇللۇق ئىزھار قىلىدىغان ئۇلۇغ بىر كۈندۇر.

بۇ كۈندىكى مەغپىرەت ۋە ئىلاھىي ئىنئاملار ئەرافات تېغىدا توپلانغانلارغا خاس بولماستىن، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بۇ كۈندە ئاللاھقا تائەت قۇللۇق ئىزھار قىلىش ۋە پەزل – مەرھەمىتىنى تىلەشنى بىلسە، بۇ ئۇلۇغ كۈندىكى بەرىكەتتىن مەھرۇم قالمايدۇ.

بۇ كۈننىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇ كۈننىڭ ئىسمىغا، ئۇ كۈندە تۇرىدىغان جايدا ئېلىپ – بېرىلىدىغان كاتتا ئەمەل – ئىبادەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بىز ئالدى بىلەن بۇ كۈننىڭ نېمە ئۈچۈن «ئەرافات كۈنى» دەپ ئاتالغانلىقى ئۈستىدە توختىلايلى.

ئەرافات «تونۇش» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەرىپەت ۋە ئىرفان كەلىمەلىرى بىلەن بىر يىلتىزدىن تۈرلىنىدۇ. ئەرافات مەككەدىن 22 كىلومېتىر، مىنادىن 10 كىلومېتىر، مۇزدەلىفەدىن 6 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر تۈزلەڭلىكنىڭ نامىدۇر. ئۇ تۈزلەڭلىكتە «رەھمەت تېغى» دەپ ئاتالغان بىر تاغ بار. ھاجىلار قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسىدا مۇشۇ تۈزلەڭلىكتە تۇرمىسا ھەج قىلغان بولمايدۇ. ھاجىلار تۇرىدىغان بۇ كۈن شۇ سەۋەبتىن «ئەرافات كۈنى» دەپ ئاتالغان. بۇ كۈن يەنە «ئازات قىلىش كۈنى»، «پەخىرلىنىش كۈنى»، «دىننى كامالەتكە يەتكۈزۈش كۈنى»، «مەشھۇد كۈن» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى جازانە مۇشۇ كۈندە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

بۇ جاينىڭ «ئەرافات» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك قاراشلار بار:

·       ئادەم بىلەن ھاۋۋا ئەلەيھىسسالاملار جەننەتتىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن زېمىندا تۇنجى ئۇچرىشىپ تونۇشقان جاي ئەرافات تېغى بولغاچقا، شۇنداق ئاتالغان.

·       جىبرىل ئەلەيھىسسالام ھەج پائالىيەتلىرىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئەرافاتتا تەلىم بەرگەن بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان.

·        ھاجىلار ئەرافاتتا گۇناھلىرىنى توتۇپ مەغپىرەت تىلەيدىغان بولغاچقا «ئېتىراپ قىلىش» مەنىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ شۇنداق ئاتالغان.

·        ئەرافات كۈنىدە پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن مۇسۇلمانلار ئۆزئارا تونۇشىدىغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان.

ئەرافات كۈنىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەر:

ئەرافات كۈنىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن ئايەت، ھەدىسلەر ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن:

1.   ﴿بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى كامالىغا يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نېئمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم﴾(5/«مائىدە»: 3).

تارىق ئىبنى شىھاب ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «ﺑﯩﺮ ﻳﻪﮪﯘﺩىي ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ:

— ﺋﻰ ئەمىرۇلمۇئمىنىن! ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺑﺎﺭﻛﻰ، ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺑﯩﺰ ﻳﻪﮪﯘﺩىيلەرگە ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ، ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﭖ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯘﻕ، — دېگەنىدى، ﮪﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ:

— ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﻰ ﺩﻩﻳﺴﻪﻥ؟ — ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. يەھۇدىي كىشى:

— ﴿ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺩﯨﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯧﺌﻤﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﯨﻢ، ئىسلامنى ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﯖﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺭﺍﺯﻯ بولدۇم﴾(5/«مائىدە»: 3) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺕ، — ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﯚﻣﻪﺭ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— ﺑﯩﺰ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ئەلەيھى ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﮕﻪ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ(1). ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪﻘﺎ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺭاﻓﺎﺗﺘﺎ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ، — ﺩﯦﺪﻯ»(2).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن بىر رىۋايەتتە، بىر يەھۇدىي ئۇنىڭغا:

— بۇ ئايەت بىز يەھۇدىيلارغا نازىل قىلىنغان بولسا، بىز بۇ كۈننى بايرام قىلىۋالغان بولاتتۇق، — دېگەن بولۇپ، ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا:

— بۇ ئايەت جۈمە كۈنى ۋە ئەرافات كۈنىدىن ئىبارەت (مۇسۇلمانلارنىڭ) ئىككى بايرام كۈنىدە نازىل بولغان، — دەپ جاۋاب بەرگەن(3).

ئۇ كۈندە دىننى كامالەتكە يەتكۈزۈش ئىلگىرى پەرز ھەجنى توغرا يوسۇندا ئادا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن مۇسۇلمانلارنى توغرا ئاي – كۈندە، شۇنداقلا مۇشرىكلار ئارىلاشمىغان ھالەتتە ھەج قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغانلىقى بىلەن بولغان. نېئمەتنى تاماملاش ئۇ كۈندىكى مەغپىرەت بىلەن بولغان. چۈنكى، نېئمەت مەغپىرەتسىز تامام بولمايدۇ.

﴿سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججەنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچە بىلەن، جۈپ بىلەن، تاق بىلەن… قەسەم قىلىمەنكى… ﴾(89/«فەجر»: 1 – 3)

ھەزرىتى ئىبنى ئابباس، ئىكرىمە ۋە باشقا مۇفەسسىرلەر «تاق»نى ئەرافات كۈنى، «جۈپ»نى قۇربانلىق كۈنى دەپ تەفسىرلىگەن.(4)

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كۈن بىلەن قەسەم قىلىشى بۇ كۈننىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزلىنىڭ كاتتىلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

2.   ﴿بۇرجلۇق ئاسمان بىلەن، ۋەدە قىلىنغان كۈن بىلەن، شاھىد كۈن بىلەن، مەشھۇد كۈن بىلەن قەسەم قىلىمەنكى﴾(85/«بۇرۇج»: 1 – 3).

3.   ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «‹ۋەدە قىلىنغان كۈن› قىيامەت كۈنى؛ ‹شاھىد كۈنى› جۈمە كۈنى؛ ‹مەشھۇد كۈنى› ئەرافات كۈنىدۇر. قۇياش جۈمە كۈنىدىن ياخشىراق بىر كۈندە چىقىپ باقمىغان، ئۇنىڭدىن ياخشىراق كۈندىمۇ پاتمىغان. ئۇنىڭدا شۇنداق كاتتا بىر سائەت باركى، مۇئمىن بەندە شۇ سائەتتە ياخشى دۇئا قىلىپ قالسا، دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ. نېمىدىن پاناھلىق تىلىسە، شۇنىڭدىن پاناھلىق بېرىلىدۇ» دېگەن(5).

4.   ئىسلامنىڭ بەش تۈۋرۈكىنىڭ بىرى بولغان ھەج مۇشۇ ئەرافات كۈنى بولىدۇ. ئەرافات كۈنى ئەرافاتتا تۇرمىسا ھەج بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەج ئەرافاتتا تۇرۇشتۇر» دېگەن(6).

5.   ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:

— ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ئۇشبۇ (ﺯﯗﻟﮭﻪﺟﺠﻪ ﺋﯧﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﯞﺍﻟﻘﻰ) ئون كۈندە ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ، — ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ، ساھابەلەر:

— ﺟﯩﮭﺎﺩﻣﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻣﺪﯗ؟ — ﺩېدى. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:

— ﺟﯩﮭﺎﺩﻣﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺧﻪﯞﭖ – ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﺟﯧﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻣﯧﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﮭﺎﺩﻗﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ، ﻣﯧﻠﯩﻤﯘ ﻗﺎﻳﺘﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪلىلا ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، — ﺩﯦﺪﻯ(7). بۇ 10 كۈننىڭ ئىچىدە ئەرافات كۈنىمۇ بار، ئەلبەتتە.

6.   ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھتىن ئەرافات كۈنىدە تۇتقان روزا ئۆتكەن بىر يىل بىلەن كېلەر بىر يىلنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتەر دەپ ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن(8). ئەرافات كۈنىدە روزا تۇتۇش ھەج قىلىۋاتقانلاردىن باشقىلارغا سۈننەت، ھەج قىلىۋاتقانلارغا ئەمەس. شۇڭا ئەرافات كۈنى ئەرافاتتىن باشقا جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ روزا تۇتۇشنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك.

7.   جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئەرافات كۈنىدىنمۇ ئەۋزەل كۈن يوق. بۇ كۈندە ئاللاھ دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشۈپ، زېمىندىكىلەر بىلەن پەخىرلىنىپ، ئاسماندىكىلەرگە: ‹يىراق يوللارنى بېسىپ مېنىڭ رەھمىتىمنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن، قۇربانلىق قىلغان، پاخپايغان ۋە غۇبارلانغان بەندىلىرىمگە قاراڭلار. ئۇلار مېنىڭ ئازابىمنى تېخى (كۆزى بىلەن) كۆرۈپ باققىنى يوق› دەيدۇ. ئەرافات كۈنىدىكىدەك دوزاختىن ئازاد قىلىنغانلار ئىنتايىن كۆپ بولغان بىر كۈن ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان» دېگەن(9).

8.   ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئەرافات كۈنىدىنمۇ بەكرەك كۆپ دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان بىر كۈن يوقتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا يېقىنلىشىپ، ئۇلار بىلەن پەرىشتىلەرگە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ: ‹بۇلار نېمىنى تىلىدى؟› دەيدۇ» دېگەن (10).

9.   ئەمر ئىبنى شۇئەيب دادىسىدىن، دادىسى بوۋىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەڭ ياخشى دۇئا ئەرافات كۈنىدە قىلىنغان دۇئادۇر. مەن ۋە مەندىن ئىلىگىرىكى پەيغەمبەرلەر دېگەن ئەڭ ياخشى زىكىر: لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ المُلْكُ وَلَهُ الحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ) يەككە – يىگانە، ھېچ شېرىكى يوق ئاللاھتىن ئۆزگە ئىلاھ يوق. پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر. بارلىق ھەمدۇسانا ئۇنىڭ ئۈچۈندۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر) دېگەن زىكىردۇر» دېگەن(11).

10. تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى كەرىز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شەيتان ھېچبىر كۈندە ئەرافات كۈنىدىكىدەك كىچىك، خار، تۆۋەن ۋە غەزەپناك كۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەرافات كۈنى مۇئمىنلەرگە رەھمەتلەرنىڭ ياغقانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. بەدر كۈنىمۇ شەيتان بىر ئىشنى كۆرۈپ شۇنداق بولغان ئىدى» دېگەن(12).

يۇقىرىقىلار ئەرافات كۈنىنىڭ پەزىلىتىنىڭ نەقەدەر كاتتىلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەردۇر.

بۇ كۈندە يۇقىرىقى ھەدىستە كەلگەن «يەككە – يىگانە، ھېچ شېرىكى يوق ئاللاھتىن ئۆزگە ئىلاھ يوق. پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر. بارلىق ھەمدۇسانا ئۇنىڭ ئۈچۈندۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» دېگەن زىكىردىن باشقا ئالاھىدە بىرەر دۇئا ياكى زىكىر يوق. «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»تە كەلگەن دۇئالارنى قىلساقمۇ، خاھلىغىنىمىزچە تىلىسەكمۇ بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى يۇقىرىقى ھەدىستە كەلگەن «يەككە – يىگانە، ھېچ شېرىكى يوق ئاللاھتىن ئۆزگە ئىلاھ يوق. پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر. بارلىق ھەمدۇسانا ئۇنىڭ ئۈچۈندۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» دېگەن زىكىرنى بايان قىلغاندىن كېيىن بۇ كۈندە نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «مۇشۇ زىكىر ۋە دۇئانى كۆپ قىلىشى مۇستەھەب بولىدۇ. بۇنىڭدا قاتتىق تىرىشىدۇ. چۈنكى، بۇ كۈن دۇئا ئۈچۈن بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئەۋزەل كۈندۇر. ھەجنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكى ۋە نىشانىمۇ مۇشۇ كۈندۇر. بۇ سەۋەبتىن، بۇ كۈندە زىكىر، دۇئا ۋە قۇرئان تىلاۋىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشى لازىم. دۇئا قىلغاندا تۈرلۈك دۇئالارنى، زىكىر قىلغاندا تۈرلۈك زىكىرلەرنى قىلىپ ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىشى، ھەممە جايدا زىكىر قىلىپ تۇرۇشى، يالغۇز ھالىتىدىمۇ، دۇئا قىلىشى، توپلىشىپمۇ دۇئا قىلىشى، دۇئانى ئۆزىگە، ئاتا – ئانىسىغا، ئۇستازلىرىغا، بۇرادەرلىرىگە، دوست – يارەنلىرىگە، سۆيۈملۈك كىشىلىرىگە، ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغانلارغا ۋە جىمى مۇسۇلمانلارغا قىلسۇن. بۇ ئىشلاردا بىپەرۋالىق قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىسۇن. چۈنكى، باشقا كۈننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولسىمۇ، بۇ كۈننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىش مۇمكىن بولمايدۇ. دۇئا قىلغاندا قاپىيلاشتۇرۇشقا كۈچەپ كەتمىسۇن، چۈنكى ئۇنداق قىلىش دىققەتنى تارتىپ، ئاللاھ تائالاغا يېلىنىش، دىلى سۇنۇقلۇق، خۇشۇﺋ، يالۋۇرۇش ۋە چارىسىزلىك تۇيغۇسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. يادقا بىلىدىغان دۇئالارنى ئوقۇپ دۇئا قىلسا قاپىيلاشتۇرۇشقا كۈچەپ كەتمىسە مەيلى. سۈننەت شۇكى، دۇئانى پەس ئاۋازدا قىلىش، كۆپ ئىستىغپار ئېيتىش، بارلىق گۇناھ – مەسىيەتلەردىن چىن دىلىدىن تەۋبە قىلىش، دۇئانى قاشاڭلىق بىلەن قايتا – قايتا تەكرارلاپ قىلىش، ئىجابەت قىلىنمىدى دەپ ئالدىراپ كەتمەسلىك، دۇئاسىنى ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىش، پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد – سالام يوللاش بىلەن باشلاش ۋە شۇنداق ئاياغلاشتۇرۇش. بۇلارنى تاھارەتلىك ھالەتتە قىبلىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ قىلىشقا تىرىشقاي»(13).

بىر ھەدىستە كېلىشىچە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئەرافاتقا يېتىپ كەلدى ۋە جامائەتكە ئىمام بولۇپ پېشىن نامىزىنى ئوقۇدى. پېشىندىن كېيىن، بىلال يەنە تەكبىر ئېيتتى، ئەسىر نامىزىنى ئوقۇدى. ئۇ ئىككى نامازنىڭ ئارىلىقىدا ھېچقانداق ناماز ئوقۇمىدى. ئاندىن تۆگىسىگە مىنىپ، تۇرماقچى بولغان يەرگە كەلدى ۋە تۆگىسىنىڭ بېقىنىنى يوغان قۇرام تاشقا يېقىن ئەكىلىپ، پىيادىلەر يولىغا ئالدىنى قىلىپ، قىبلىگە يۈزلەندى ۋە كۈن پاتقۇچە شۇ يەردە تۇردى»(14).

باشقا بىر سەھىھ ھەدىستە كېلىشىچە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەرافاتتا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. تۆگىسى ئېڭىشىۋىدى، چۇلۋۇرى قولىدىن چۈشۈپ كەتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چۇلۋۇرنى بىر قولى بىلەن ئېلىپ يەنە بىر قولىنى كۆتۈرگىنىچە تۇردى»(15).

خۇلاسە: بۇ ئۇلۇغ ۋە خاسىيەتلىك كۈندە دۇئا ۋە زىكىردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى بولغاچقا، بىز كۈنلۈك مەشغۇلاتلىرىمىزنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، بۇ كۈندە تائەت – ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش بىلەن بىللە روزا تۇتۇش، سەھەردىن ئاخشامغىچە، ھېچ بولمىسا ئەسىردىن كۈن پاتقۇچە بولسىمۇ دۇئا، زىكىر، تەۋبە – ئىستىغپار بىلەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىشىمىز، بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەت ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىمىزغا، دوزاختىن ئازات قىلىنىشىمىزغا، ئومۇمەن، ئۆزىمىزگە، ئائىلىمىزگە، ئاتا – ئانىلىرىمىزغا، قەۋمى جەمەتىمىزگە ۋە مىللىتىمىزگە، بولۇپمۇ كافىرلارنىڭ قولىدا قىينىلىۋاتقان ۋەتەندىكى خىش – ئەقرىبا، دوست – بۇرادەرلىرىمىزگە خالىس كۆپ دۇئا قىلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈردۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1440، 5 – زۇلھەججە / م. 2019، 6 – ئاۋغۇست

————
1. يەنى سەن بىزگە ئىش ئۆگەتمىسەڭمۇ، جۈمە بىلەن ئەرافات كۈنى ھەر ئىككىسى بىزنىڭ بايرىمىمىز دېمەكچى.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (45)؛ «مۇسلىم»، (3017).
3. «تىرمىزىي»، (3044). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
4. «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 24/348– 350؛ «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر» 8/391.
5. «تىرمىزىي»، (3339). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
6. «تىرمىزىي»، (889). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
7. «بۇخارىي»، (969).
8. «مۇسلىم»، (1162).
9. «ئىبنى ھىببان»، (3853). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
10. «مۇسلىم»، (1348).
11. «تىرمىزىي»، (3585). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
12. «مالىك»، (962). ئىبنى ئابدۇلبەر: «ھەسەن» دېگەن.
13. «ئەلئەزكار»، 258 – بەت.
14. «مۇسلىم»، (1218).
15. «نەسائىي»، (3011). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ