قارىيلار سەمىگە

قارىيلار سەمىگە

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

«قۇرئان كەرىم» پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ﴿ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ﴾(96/«ئەلەق»: 1) دېگەن بۇيرۇق بىلەن نازىل بولۇشقا باشلىغان ۋە 23 يىل جەريانىدا تولۇق تاماملانغان ئىلاھىي كىتابتۇر. ئۇ ھەرقانداق ئۆزگەرتىلىش ياكى بۇرمىلىنىشلاردىن خالىي، تاكى قىيامەتكىچە ئاللاھ تائالا قوغداشقا كاپالەتلىك قىلغان ساپ ۋەھىيدۇر. شۇنداقلا ئۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ كاتتا مۆجىزىسى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى تۈزەيدىغان ھايات قانۇنى، ئەقىدە، ئەخلاق، ئىبادەت، مۇئامىلە قاتارلىق ھەرقايسى ساهەلەردە يېتەكچى رەھبەر، ساماۋى دەستۇردۇر.

ئۇنىڭ ساماۋىيلىقىنىڭ يارقىن ئىپادىسى شۇكى، يەر يۈزىدە «قۇرئان كەرىم»دىن باشقا «ساپ ۋەھيى ياكى ئىلاھىي كىتاب» دېيىشكە يارايدىغان بىرەر كىتابنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن، جانابىي ئاللاھ قۇرئاننىڭ بېشىدىلا ﴿بۇ كىتابتا ھېچ شەك يوق﴾(2/«بەقەرە»: 2) دېيىش ئارقىلىق بۇ ھەقتە ھەرقانداق بىر ئېھتىماللىققا يول قويمىغان.

دەرۋەقە، بۇ كىتاب ئاللاھنىڭ سۆزىدىن باشقا ھېچبىر مەۋجۇداتنىڭ سۆزى ئارىلىشىپ قالغان ياكى پىكرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قالغان ئەمەس، بەلكى ئۆزى ھەققىدە ئېيتقىنىدەك: ﴿ئۇ بىباھا كىتابتۇر. ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيەگە لايىق زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان﴾(41/«فۇسسىلەت»: 41، 42) كىتابتۇر.

كۈنىمىزدە بىز تىلاۋەت قىلىۋاتقان «قۇرئان كەرىم» جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نازىل قىلىنغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ نەق ئۆزىدۇر. ئۇ بۇ دۇنيادىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ دۇنيادىمۇ جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئېلىپ چۈشكەن ئەسلىي ھالىتى بويىچە تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدۇ.

دېمەك، «قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە نازىل قىلىپ بەرگەن ھىدايەت كىتابى ۋە بىزگە تاشلاپ بەرگەن قۇتقۇزۇش ئارغامچىسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلغان ۋە ئەمەل قىلغانلار نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. شۇڭا، «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەزمۇنىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزەل ئىبادەتتۇر.

«قۇرئان»دىن قالسا ئەڭ سەھىھ كىتاب بولغان «سەھىھۇلبۇخارىي» ناملىق كىتابتا ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ئۇنى ئۆگەتكەن كىشىلەردۇر»(«بۇخارىي»، 5027) دېگەن سۆزىمۇ قۇرئاننىڭ ئەقىدە، ئەھكام ۋە بارلىق مەزمۇنلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئەلبەتتە، «قۇرئان»نى ئۆگىنىش، تىلاۋەت قىلىش، يادلاش ۋە توغرا تىلاۋەت قىلىشنى ئۆگىتىشمۇ ئەۋزەل ئىبادەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئەمەللەر قاتارىدا ﴿وَرَتِّلِ ٱلۡقُرۡءَانَ تَرۡتِيلًا / قۇرئاننى تەرتىل بىلەن ئوقۇغىن﴾(73/«مۇززەممىل»: 4) دېگەن بۇيرۇقمۇ بار بولۇپ، ھەربىر مۇسۇلمان بۇ ئەدەب – قائىدىگە رىئايە قىلىشى، بولۇپمۇ قارىيلار بۇنىڭغا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ مېڭىشى كېرەك.

قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ۋە قارىيلارنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، نامازنى ئادا قىلىدىغان ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىنى زىيادە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر﴾(35/«فاتىر»: 29، 30).

سەھىھ ھەدىستە كېلىشىچە: «قىيامەت كۈنى قارىيغا: ‹ئوقۇ، ئۆرلە، دۇنيادا تەرتىل قىلىپ ئوقۇغىنىڭدەك تەرتىل بىلەن ئوقۇ! سېنىڭ مەرتىۋەڭ سەن ئوقۇغان ئاخىرقى ئايەت بىلەن بەلگىلىنىدۇ› دېيىلىدۇ»(1).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «‹قۇرئان›نى ماھىرلىق بىلەن ئوقۇيدىغان كىشى پۈتۈكچى مالائىكىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. ‹قۇرئان›نى دۇدۇقلاپ، قىينىلىپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىشى بولسا قوش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ» دېگەن(2).

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە ئېيتقانكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا بىر ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ. مەن ‹ئەلىف، لام، مىيم›نى بىر ھەرپ دەپ قارىمايمەن، بەلكى ‹ئەلىف› بىر ھەرپ، ‹لام› بىر ھەرپ، ‹مىيم› بىر ھەرپتۇر» دېگەن(3).

ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: «كىمكى ‹قۇرئان› ئوقۇش ۋە ماڭا زىكىر ئېيتىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، مەندىن بىرنەرسە تىلەشكە ۋاقىت چىقىرالمىغان بولسا، تىلىگەنلەرگە بېرىدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىنى ئۇنىڭغا بېرىمەن. ئاللاھنىڭ كالامىنىڭ باشقا سۆزلەرگە بولغان ئارتۇقچىلىقى ئاللاھنىڭ ئۆز مەخلۇقاتلىرىغا بولغان ئارتۇقچىلىقىغا ئوخشايدۇ»(4).

سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ۋە ئەبۇ لۇبابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «‹قۇرئان›نى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇمىغان كىشى بىزدىن ئەمەس» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ(5).

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «‹قۇرئان› ئوقۇڭلار! ئاللاھ ‹قۇرئان› بار قەلبنى ئازابلىمايدۇ» ؛ «بۇ ‹قۇرئان› ئاللاھنىڭ زىياپىتىدۇر، ئۇنىڭغا داخىل بولغان كىشى ئەمىن بولىدۇ»؛ «‹قۇرئان›نى ياخشى كۆرگەن كىشى خۇش بېشارەت ئالسۇن» دېگەن(6).

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇھۇد شەھىدلىرىنى ئىككىدىن – ئىككىدىن قىلىپ بىر يەرگە يىغقاندىن كېيىن: «ئۇلارنىڭ قايسىسى ‹قۇرئان›نى كۆپرەك يادقا بىلىدۇ؟» دەپ سورايتتى. ئۇلارنىڭ قايسىسىغا ئىشارەت قىلىنسا، شۇنى بۇرۇن يەرلىكىگە قوياتتى(7).

ھەربىر ئەمەل – ئىبادەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئەدەب – قائىدىسى، ئەھكاملىرى بولغىنىدەك، «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشكە ئالاقىدار، بولۇپمۇ «قۇرئان كەرىم»نى تولۇق يادلىغان قارىيلارغا خاس ئەدەب – قائىدىلەرمۇ، ئەھكاملارمۇ بار. بۇلارنى پەيغەمبىرىمىز ساھابەلىرىگە، ساھابەلىرى تابىئىنلارغا، ئۇلار بولسا ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە ئەۋلادمۇئەۋلاد مىراس قالدۇرۇپ كەلگەن. دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن قارىيلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ئاتاقلىق ئۇستازلارنىڭ تىلاۋەت ۋە تەجۋىد سەنەدلىرى پەيغەمبىرىمىزگە تۇتاشقىنىدەك، ئۇلار قارىيلىقتا ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىتىپ كەلگەن ئەدەب – قائىدە، ئەھكاملارمۇ پەيغەمبىرىمىزدىن يېتىپ كەلگەن ئىلىم ئىدى. پەيغەمبىرىمىز زامانىدا «قارىي» دېگەن نام قۇرئان كۆرسەتمىلىرىنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ ئەمەل قىلىدىغان زاتلارنى كۆرسىتەتتى. تېخى يېقىنقى زامانلارغا قەدەر دىيارىمىزدىكى ئۇستازلارمۇ قىرائەت ۋە تەجۋىد بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماي، ئۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ قارىيلارغا خاس ئەدەب – ئەخلاق، قائىدە – يوسۇن، تەقۋادارلىق ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملارنىمۇ بىللە ئوقۇتاتتى.

ئەپسۇسكى، قۇرئانچە ياشايدىغان، ئۇنىڭ تىلاۋىتىنى ھەر كۈن دېگۈدەك ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرۇپ تۇرىدىغان رەببانىي ئۇستازلارنىڭ بىر – بىرلەپ دۇنيادىن كېتىشى بىلەن قارىيلىق پەقەتلا يادلاشنى بىلىدىغان، ئەمما ئۇنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمايدىغانلارنىڭ نام – ئاتىقىغا، ئۇنى ئوقۇش بەزىلەر ئۈچۈن بولسا تىرىكچىلىك يولىدىكى ئاددىي ۋاسىتىغا، ئۇنىڭ تىلاۋىتى بولسا بەزىبىر مۇراسىملاردا ئىجرا قىلىنىدىغان ئادەتكە، شەكىلگە، ئالۋانغا ئايلىنىپ قالدى. ھەتتا ئۇنىڭ تىلاۋىتى تىرىكلەرنىڭ ھاياتىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، ئاساسەن ئۆلۈكلەرگىلا ئاتاپ ئوقۇيدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلدى. ھالبۇكى، «قۇرئان» تىلاۋىتى ئۆلۈكلەر ئۈچۈن رەھمەت بولۇشتىن بەكرەك ھاياتلارنىڭ روھىيىتىنى تىرىك تۇتقۇچى بىباھا ئىكسىر، قەلبلەرنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن شىپالىق يامغۇر ئىدى. ھەممىدىن مۇھىمى، «قۇرئان» تىلاۋىتى مۇسۇلمان ئۈچۈن كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشى ۋە ئۈزۈلدۈرمەي داۋام قىلىشى تەرغىب قىلىنغان ئالاھىدە ئىبادەت ئىدى.

قارىيلار ئېسىل ئەخلاقلىق، ئالىيجاناب، كەمتەر، سالماق، تەمكىن بولۇشى، قۇرئاننى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن «قۇرئان» چەكلىگەن ئىشلاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشى، نامۇناسىپ ھۈنەر – كەسىپلەرگە يېقىن يولىماسلىقى، زالىم، تەكەببۇرلار ئالدىدا بېشىنى ئۈستۈن تۇتۇشى، سالىھلار، ياخشىلار ۋە مىسكىنلەر ئالدىدا كەمتەر بولۇشى، ئومۇمەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئېسىل بولۇشى لازىم(8).

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئى قارىيلار! بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، سىلەرگە ھەق يول ئايان بولدى، ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار، كىشىلەرگە يۈك بولۇپ قالماڭلار» دېگەن(9).

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «قارىيلار كېچىلەرنى ئۇخلاپ ئۆتكۈزگۈچىلەردىن تەھەججۇد نامازلىرى بىلەن، روزا تۇتمايدىغانلاردىن روزا تۇتۇشلىرى بىلەن، خۇشال يايراپ يۈرگۈچىلەردىن غەم – قايغۇلىرى بىلەن، كۈلۈپ يۈرگۈچىلەردىن يىغا – زارلىرى بىلەن، قۇرۇق پاراڭغا چۆككۈچىلەردىن سۈكۈت قىلىشلىرى بىلەن، تەكەببۇرلاردىن كەمتەرلىكى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرۇشى لازىم»(10).

ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ: «سىلەردىن بۇرۇنقىلار (ساھابەلەرنى دېمەكچى) قۇرئاننى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن مەكتۇب دەپ قاراپ، كېچىلىرى ئۇنىڭ مەنالىرىنى تەپەككۇر قىلغان ھالدا تەھەججۇد نامىزى ئوقۇيتتى، كۈندۈزلىرى كېچىدە ئوقۇغانلىرىغا ئەمەل قىلاتتى» دېگەن(11).

فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ: «قارىيلار خەلىفەلەر بولسۇن ياكى ئۇلاردىن تۆۋەن كىشىلەر بولسۇن، ھېچكىمگە ھاجەتمەن بولماسلىقى لازىم» دېگەن(12).

ئۇ يەنە: «قارىي ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرگۈچىدۇر، شۇڭا ئۇ قۇرئاننى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن ئويۇنچىلارنىڭ ئويۇن – تاماشاسىغا، غاپىللارنىڭ غەپلىتىگە، قۇرۇق پاراڭچىلارنىڭ پاراڭلىرىغا جور بولماسلىقى كېرەك» دېگەن(13).

ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلىققا سالاھىيىتى تولۇق توشىدىغان، تەقۋادارلىقى بىلەن تونۇلغان، ئالىملىقى ئېتىراپ قىلىنغان، گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن نېرى تۇرۇشى بىلەن مەشھۇر بولغان ئۇستازلاردىن ئىلىم ئېلىشى كېرەك. چۈنكى، مۇھەممەد ئىبنى سىرىن، مالىك ئىبنى ئەنەس ۋە باشقا سەلەف ئالىملىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن): «بۇ ئىلىم — دىندۇر. دىنىڭلارنى كىمدىن ئېلىۋاتقانلىقىڭلارغا (ئوبدان) قاراڭلار» دېگەن(14).

بۇ بارىدا ئىمام نەۋەۋىينىڭ «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە تەرجىمەسى نەشر قىلىنغان: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق قىممەتلىك ئەسەرى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

جانابىي ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كىتابى بولغان «قۇرئان كەرىم»نى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشكە كۈچ چىقارغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆز لايىقىدا ئەجىر ئاتا قىلغاي، ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز رازىلىقىغا مۇۋەپپەق قىلغاي، ئاللاھتىن قورقىدىغان ۋە تەقۋادارلىق قىلىدىغانلاردىن قىلغاي، ئامىين!

ھ. 1440، 15 – رامازان / م. 2019، 20 – ماي

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

———————–
1. «تىرمىزىي»، (2914)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (1464). ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى. تىرمىزىي «ھەسەن» دېگەن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4937)؛ «مۇسلىم»، (798).
3. «تىرمىزىي»، (2910)؛ تىرمىزىي «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
4. «تىرمىزىي»، (2926)؛ تىرمىزىي «ھەسەن» دېگەن.
5. «ئەبۇ داۋۇد»، (1469 -، 1470). سەنەدى «ھەسەن».
6. «دارىمىي»، (3363، 3322، 3323). سەنەدى «سەھىھ».
7. «بۇخارىي»، (4937).
8. ئىمام نەۋەۋىي: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى»، 195 – بەت.
9. ئىبنى جەئد: «مۇسنەد»، (1921)؛ بەيھەقىي: «ئىمان شاخلىرى»، (1163).
10. ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 113 – بەت؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 8/305.
11. ئاجۇررىي: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – ئەخلاقلىرى»، 51 – بەت.
12. ئاجۇررىي: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – ئەخلاقلىرى»، 51 – بەت؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ئەۋلىيالار زىننىتى»، 8/92.
13. ئەبۇ نۇئەيم: «ئەۋلىيالار زىننىتى»، 8/92.
14. «مۇسلىم»، 1/14؛ خەتىب باغدادىي: «ئەلفەقىھ ۋەلمۇتەفەققىھ»، (845).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ