Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

مانا بۇ ئاتېئىزم ۋە چەكتىن ئاشقان ئەركىنلىكنىڭ ئاقىۋىتى

مانا بۇ ئاتېئىزم ۋە چەكتىن ئاشقان ئەركىنلىكنىڭ ئاقىۋىتى

مانا بۇ ئاتېئىزم ۋە چەكتىن ئاشقان ئەركىنلىكنىڭ ئاقىۋىتى

دىنلارنى «ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ» دېگەن باھانە بىلەن دىنلاردىن بوشىنىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ھەربىر كىشىگە دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي دۆلەتلەردىكى مۇنۇ ستاتىستىكىلارنى سۇنىمىز. مانا بۇ ئاتېئىزم ۋە چەكتىن ئاشقان ئەركىنلىكنىڭ مەھسۇلى

 

ئابدۇددائىم كۇھەيل

سېكولارىستلەر، ئاتېئىستلەر، دىنغا گۇمانىي نەزەردە قارايدىغانلار ۋە ئىنسانىيەت ھاياتىنى دىندىن ئايرىماقچى بولغانلار جەمئىيەتنى ۋەيران قىلىشنى، غەم – قايغۇ ۋە دەرد – ئەلەمگە پاتقۇزۇشنى نىشانلايدۇ. بۇ تىپتىكى كىشىلەرنىڭ دەۋەت قىلىۋاتقىنى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ئۆلۈم يولىدۇر. ئامېرىكىدەك تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەتتە كىشىلەر ئىنساننى دىنىي تەلىم – تەربىيەدىن ئايرىپ، ناچار ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشنى توغرا دەپ ئىشىنىشتى. ئۇنداقتا ئامېرىكىلىقلار توغرا دەپ ئىشەنگەن بۇ سېكولارىزم جەمئىيەتكە ياخشىلىق ئېلىپ كەلدىمۇ ياكى يامانلىق ئېلىپ كەلدىمۇ؟

«كېسەللىكىنى كونترۇل قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى» بىر دوكلاتتا يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىكنىڭ يامراپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا زور دەرىجىدە ئالدىنى ئېلىشلار بولۇۋاتقان بولسىمۇ جىنسى يول ئارقىلىق تارقىلىۋاتقان كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئامېرىكىدا 110 مىليون ئامېرىكىلىق يەنى پۈتۈن ئامېرىكا نۇپۇسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكى ئەيدىزگە ئوخشاش خەتەرلىك جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان(1).

سىفلىس (Syphilis) كېسىلى 2016 – يىلى ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىشى رۇخسەت قىلىنغانلىق سەۋەبىدىن ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن. چۈنكى، بۇ كېسەل ئاساسەن ئەر كىشىنىڭ ئەر كىشى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشىدىن يەنى بەچچىۋازلىقتىن كېلىپ چىقىدىكەن.

كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دوكتور گائىل بولان (Gail bolan) ۋابا كېسىلىنىڭ ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايقاپ: «ۋابا كېسىلىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ھەربىر شەخستىن بۇ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ» دەيدۇ(2). مانا بۇ، «ۋابا توختىشى كېرەك!» دەپ چوقان سۈرەن سېلىۋاتقان بىر دوختۇرنىڭ نىداسى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن!

ئەگەر بىز بۇ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدى ئېلىنىپ توختىتىلىشى كېرەك، دەپ جار سېلىۋاتقان شۇ دوختۇرلاردىن جىنسىي قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىرەر قانۇن بولۇپ قالسا، بۇ قانۇننىڭ پايدىسى بولامدۇ ياكى زىيىنى بولامدۇ؟ دەپ سورىساق، ئېنىقكى ئىلمىيلىككە ھۆرمەت قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئىنسان قانۇنلۇق نىكاھنىڭ سىرتىدىكى ھەرقانداق جىنسىي مۇناسىۋەت چەكلىنىشى كېرەك، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ئويلىغان ھەرقانداق ئەقىللىق ئىنسان بۇ مەرەز كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىر كىشىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، جىنسىي قالايمىقانچىلىقنىڭ خەتىرىنى ھېس قىلىشى كېرەك، دەپ جاۋاب بىرىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زىنا – پاھىشىدىن چەكلىگەنلىكى ھازىرقى دوختۇرلار چەكلەۋاتقان ئىشلارنىڭ دەل ئۆزى ئەمەسمۇ؟ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «بىر قەۋمدە زىنا – پاھىشە ئەۋج ئېلىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىپ قالسا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋابا ۋە ئىلگىرىكى كىشىلەردە كۆرۈلمىگەن كېسەللىكلەر تارقاپ كېتىدۇ» («ئىبنى ماجە» 4019) دېگەن گۈزەل سۆزىنى ئوبدان ئويلىنىپ باقايلى.

ئەگەر بىز بۈگۈنكى كۈنىمىزدىكى غەرب دوختۇرلىرىدىن: «بۇ ھەدىس سىلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىڭلارغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟» دەپ سورىساق، ئېنىقكى، «ھەئە»، دېگەن جاۋابقا ئېرىشىمىز. ئەيدىز بۇنىڭ ئەڭ ياخشى شاھىدى. تېلېۋىزور ۋە ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق زىنا – پاھىشە ئومۇملاشقاندىن كېيىن ئىنسانىيەت بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولدى.

دوكتور رىچارد لوڭ (Dr. Richard Long) پاكلىقنىڭ مۇھىملىقى بولۇپمۇ جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىشنىڭ مۇھىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىسلام تەلىماتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تۆۋەندىكىدەك تەۋسىيەنى قىلىدۇ. ھەرخىل جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى يوق قىلىش ئۈچۈن، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ بولغاندىن كېيىنلا يۇيۇنۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەۋسىيە قىلىپ: «ئەگەر سەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ ئىككى مىنۇت ئىچىدە يۇيۇنالىساڭ جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەللىكلەردىن %100 قۇتۇلالايسەن» دەيدۇ(3).

بىز دەيمىزكى، جىنسىي ئەركىنلىك ياكى جىنس ئۆزگەرتىش ۋە ياكى ئوخشاش جىنسلىقلار توي قىلىش دېگەندەك ئىشلارغا ئۈندەۋاتقانلار يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەرنىڭ قانداق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى بىلەمدۇ؟ سىلەر بۇ قىلمىشلارنىڭ ئۇلارنى ئۆلۈم گىردابىغا ئىتتىرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قانداقسىگە باشقىلارنى بۇ ھالاكەتكە چاقىرىسىلەر؟ بىز بۇنى ئىلىم – پەن دەيمىزمۇ ياكى ھالاكەت دەيمىزمۇ؟ سېكولارىزمنى تەشۋىق قىلىۋاتقان ھەرقانداق كىشى ئىلىم – پەن ۋە ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى چۈشەنمىگەن كىشىدۇر. ئەگەر سىلەر ئىلىم – پەنگە ئەگەشمەكچى بولساڭلار ئىسلامغا ئەگىشىڭلار. چۈنكى، ئۇ ئىلىم – پەن، ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى ھەرخىل كېسەللىكلەردىن قوغداش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان ھەرقانداق پائالىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان دىن.

ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق ۋە مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن، يامانلىقنى توسىغان ئىلىم ھەقىقىي ئىلىمدۇر. ھەقىقىي ئىلىم پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغان، ساپ ئىلىم بىلەن بىر يەردىن چىقىدىغان ھايات نىزامىدۇر. ئىسلام زىنا – پاھىشىدىن چەكلەش ئارقىلىق دىندار ياكى دىنسىز ھەممە ئادەمگە ياخشىلىق قىلىشنى نىشانلىغان. سىلەر ھاراق ئىچىشتىن مەيدانغا كەلگەن ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ سانىنى بىلەمسىلەر؟ ھاراق ئىچىش قانۇنلۇق قىلىنغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق ۋە ئائىلە ئىچى زوراۋانلىق قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ سانىنى بىلەمسىلەر؟ ھەقىقەتەن، ئۇلار دىننىڭ تەلىماتلىرىغا ئەگەشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان قورقۇنچلۇق ستاتىستىكىلىق سان. بىز قايتىدىن غەرب دوختۇرلىرىدىن: «جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ھاراق، زىنانى چەكلىگەن قانۇن پايدىلىقمۇ ياكى يولغا قويغان قانۇن پايدىلىقمۇ؟» دەپ سورىساق، مەنتىقىلىق تەپەككۇر يۈرگۈزەلەيدىغان ھەرقانداق ئىنسان دەرھاللا «جەمئىيەتنى ھالاكەتكە باشلايدىغان بۇ ۋابا دەرھال چەكلىنىشى كېرەك» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئىسلام بۇ ناچار قىلىقلارنى ئاللىبۇرۇن چەكلىگەن ئەمەسمۇ؟!

قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم! «ب د ت»نىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى كۆپىنچىسى دىنسىز ۋەيا غەيرى مۇسۇلمان 700 مىڭدىن كۆپرەك ئىنسان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟! دىنسىز جەمئىيەتتە يامرىغان بۇ خەتەرلىك ھادىسىنىڭ بىردىنبىر دورىسى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە چىنپۈتۈشىدۇر.

ئەگەر بىز چۈشكۈنلۈك ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان ھەرقانداق دوختۇردىن: «دىنسىزلىققا چاقىرىشىمىز ياخشىمۇ ياكى دىنغا ئىشىنىشكە چاقىرىشىمىز ياخشىمۇ؟» دەپ سورىساق، تەبىئيكى، ھەممەيلەن بىردەك «ئىلمىي تەتقىقاتلار دىنغا ئىشىنىشنىڭ ئىشەنمەسلىكتىن مىڭ ھەسسە ئەۋزەللىكىنى ئىسپاتلىغان» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش كېسەل داۋالاش ئۈچۈن زۆرۈر، بولۇپمۇ يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن تېخىمۇ زۆرۈردۇر؛ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش نۆۋەتتە 27 مىليوندىن كۆپرەك ئامېرىكىلىق دۇچار بولغان چۈشكۈنلۈك كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن زۆرۈر؛ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ياشلارنى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش قاتارلىق خاتا يوللاردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر. ئەي ئاتېئىستلەر! سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە قارشى چىقىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن دىنسىز جەمئىيەتلەردە كۈنسېرى يامراۋاتقان جىنايەت ئۆتكۈزۈش، زوراۋانلىق، بۇلاڭچىلىق، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋە خەتەرلىك جىنسىي كېسەللەر كۈنسېرى يامراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئىسلام جەمئىيىتىنى ۋەيران قىلىشقا تىرىشىسىلەر؟

ئەرەب – ئىسلام جەمئىيىتى ھېلىھەم — ئاللاھقا سانسىز شۈكرىلەر بولسۇن — بۇ خەتەرلىك كېسەللىكلەردىن يىراق. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب توغرا دىننىڭ تەلىماتلىرىغا ئەگەشكەنلىكتۇر. ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە جىنسىي كېسەل، جىنسى پاراكەندىچىلىكلەر كۆپىيىپ كەتتى، دېگەنگە ئوخشاش تارقىلىپ يۈرگەن سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق ئىشەنچىلىك ئىلمىي ئاساسى يوق. دىنسىزلارنىڭ تارقىتپ يۈرگەن سۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ ئاساسى يوق.

پاكىزلىق پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ؟ ياخشىلىق قىلىش، مىسكىنلەرگە تاماق بېرىش توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟ ئادالەت، ئېھسان، ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، قوشنىلارنى ھۆرمەتلەش، باشقىلارنىڭ ئەزىيىتىگە سەبر قىلىش، موھتاجلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش، ھەقىقەتنى سۆزلەش، باشقىلارغا ياخشى ئويدا بولۇش، كەمبەغەللەرنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارغا كەمتەر بولۇش قاتارلىقلار پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ؟

ئىنسان ھاراق – شاراپ، زەھەرلىك چېكىملىك، زىنا – پاھىشە، جىنسىي پاراكەندىچىلىك، باشقىلارغا يامانلىق قىلىش، تەكەببۇرلۇق، زۇلۇم قىلىش، ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق، يالغان گۇۋاھلىق، ھارامغا كۆز تاشلاش، زىناخورلۇق، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش، دوستلارغا خىيانەت قىلىش، ھەسەتخورلۇق، باشقىلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش، باشقىلارغا يامان ئويدا بولۇش قاتارلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ؟

ئۇنداقتا نېمىشقا پايدىلىق بولغان ئىسلامنى تاشلاپ زىيانلىق بولغان دىنسىزلىك، چەكتىن ئاشقان ئەركىنلىك، ساختا سېكولارىزمغا ئەگىشىسىلەر؟!

ئىسلام پەقەت قۇل – دېدەكلەرنى ئەسىر ئېلىش ۋە باش كېسىشمۇ؟ بۇ سىلەرنىڭ ئىسلامغا بەرگەن تەرىپىڭلارمۇ؟ سىلەر ئىسلامنىڭ گۈزەللىك تەرىپىنىڭ ھەممىسىنى تاشلاپ پەقەت دىنسىزلار ياساپ چىققان، ئىسلام نامىدىكى — ئەمەلىيەتتە، ئىسلام بۇنىڭدىن مۇستەسنا — باش كېسىشنىلا كۆرەمسىلەر؟

ئاخىرىدا بىز ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام نېئمىتىنى ئاتا قىلغانلىقىغا ھەمدۇسانا ئېيتىمىز. ھەرقانداق دىنسىزنى ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرى ئۈچۈن رازى بولغان ئىسلامنىڭ ھۇزۇرىنى تېتىپ بېقىشقا چاقىرىمىز. ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئۈچۈن پەقەت ياخشىلىققىلا رازى بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿ئەگەر كافىر بولساڭلار ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كافىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان شۈكۈرۈڭلاردىن رازى بولىدۇ، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا بىرىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ (يەنى ھەر ئادەم قىلغان گۇناھىغا ئۆزى جاۋاپكار بولىدۇ)، ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بىرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى تولۇق بىلگۈچىدۇر﴾(39/«زۇمەر»: 7) دېگەن تۇرسا، قانداقسىگە رازى بولمىسۇن؟!

 

مەنبەسى: هذه نتيجة الإلحاد والإباحية – عبد الدائم الكحيل – http://www.kaheel7.com/ar
تەرجىمىدە: ئابدۇللاھ

————————
1. 1 – 2016  Sexually Transmitted Diseases Surveillance, https://www.cdc.gov/std/stats16/default.htm
2. https://www.nytimes.com/2017/09/29/health/chlamydia – syphilis – gonorrhea.html (Gail Bolan: The enormity of the S.T.D. epidemic requires everyone play a role in reversing these trends.)
3. http://empirenews.net/new – study – proves – taking – a – shower – immediately – after – sex – will – prevent – stds/ (Dr. Richard Long: If you can manage to get into the shower within 2 minutes of orgasm, you are nearly 100% likely to wash away any STDs you may have been at risk in contracting.)

Please follow and like us:
Exit mobile version