Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

تۇرمۇشىمىزدىكى رامازان

تۇرمۇشىمىزدىكى رامازان

تۇرمۇشىمىزدىكى رامازان

دوكتور مۇھەممەد ئەيياش ئەلكۇبەيسىي

 

رامازاننىڭ ھىلال ئېيى كۆرۈنگەندىن كېيىن، پۈتۈن ھاياتىمىزنىڭ ئىچى ۋە تېشى، كېچە ۋە كۈندۈزى، ئۆيلىرى ۋە مەسجىدلىرى ئۆزگىرەيدۇ. بۇ ئايدا باشقىچە بىر تۈس، باشقىچە بىر خوشپۇراق بىلەن بېزەلگەن باشقىچە بىر تۇرمۇش بار. بۇ ئايدا كائىنات ئىچىگە تارىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرىدىن تارتىپ ھەتتا ئۇخلاش ۋە ئويغىنىشلىرىغىچە، يېمەك – ئىچمەك ۋاقىتلىرىغىچە، تۇرمۇش ئۇسلۇبلىرىغىچە سىڭىپ كىرگەن يېڭىچە بىر روھ بار.

رامازاندا ئوقۇلىدىغان تەراۋىھ نامىزى بۇ مۇبارەك ئاينىڭ كەلگەنلىكىگە كوللېكتىپ خۇشاللىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر مەنىۋى مۇراسىمغا ئوخشايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ بىلەن قەلبلەر جانلىنىپ، ئاجىزلىق، ھۇرۇنلۇق ۋە بىرلا خىل شەكىلدىكى ئېغىر تۇرمۇش كىشەنلىرىدىن ئازاد بولىدۇ.

بەلكىم، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شەرىئەتنىڭ مەقسىتى بولۇشى ياكى بۇلارنىڭ بەزىسى خۇددى مەسجىد مۇنارلىرىنى سېلىش، مەسجىدلەرنى زىننەتلەش، «قۇرئان كەرىم»گە ئالتۇن ھەل بېرىش، كەئبە شەرىفنى بېزەش ئەھۋاللىرىدىكىگە ئوخشاش شەرىئەتنىڭ ئىنچىكە ئەھكاملىرىغا ۋە ئالىملارنىڭ كۆزقاراشلىرىغا نەزەر تاشلىماستىن، دىندىكى سىموۋول خاراكتېرلىك بىرەر پائالىيەتنى ئۇلۇغلىغانلىقتىن، ئىسلامىي كىملىك بىلەن پەخىرلەنگەنلىكتىن بۇ ئايدىكى خۇشاللىقىنىڭ نوقۇل ھېس – تۇيغۇ جەھەتتىكى ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.

ئەمما رامازان روزىسى ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەربىرىدىن غايە ۋە مەرتىۋە جەھەتتىن ئالىي ۋە ئۈستۈن ئورۇندىدۇر.

رامازان روزىسىنىڭ مۇئەييەن غايىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭ جەۋھىرىدىن قانچىلىك يىراق ياكى يېقىن ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدىغان يادرولۇق قىممىتىمۇ بار. بىزلەرگە رامازان روزىسىنى يولغا قويۇپ بەرگەن ئاللاھ تائالا مانا بۇ غايىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! (دوزاختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا تۇتۇش پەرز قىلىندى﴾(2/«بەقەرە»: 183) دېگەن. دېمەك، رامازان روزىسىنىڭ جەۋھىرى تەقۋادارلىقتۇر. رامازان روزىسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ۋە مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئۆلچىمىمۇ تەقۋادارلىقتۇر. مۇئمىنلەرنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشى ۋە مۇسابىقىلەشكۈچىلەرنىڭ مۇسابىقىلىشىشى لازىم بولىدىغان ئەڭ يۈكسەك غايىمۇ يەنىلا تەقۋادارلىقتۇر.

تەقۋادارلىق دېگەن ئىنساننىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەرقانداق بىر گۇناھتىن ساقىلىنىشى، ئۆزى بىلەن باشقىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ئوتتۇرىسىدا چەك – چېگرا قويۇپ، بىرەر ئېغىز كەلىمە بىلەن بولسىمۇ، ياكى بىرەر ئىشارەت بىلەن بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلماسلىقى، پەقەت ئۆزىگە ھالال بولغىنىنىلا يەپ – ئىچىشىدۇر. شۇڭا، سىز روزا تۇتقان كىشىنىڭ بىرەر تامچە سۇ ياكى بىرەر تال گۈرۈچ بىلەن بولسىمۇ روزىسىنى بۇزۇپ سېلىشدىن قانداق ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى بايقايسىز. مانا بۇلار تەقۋادار كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ مال – مۈلكى ۋە چوڭ – كىچىك ھەق – ھوقۇقلىرى بىلەن بولغان دائىملىق ئەھۋالىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزلەرگە مانا مۇشۇنداق تەلىم بېرىپ: «كىمكى روزىدار تۇرۇپ ساختا سۆز قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلىشنى تەرك ئەتمەيدىكەن، ئۇنىڭ تاماق يېمەي، سۇ ئىچمەي تۇتقان روزىسىغا ئاللاھ موھتاج ئەمەس» دېگەن(«بۇخارىي»، 1903).

تەقۋادارلىق دېگەن خوجايىننىڭ ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدىن بىر كۈن بولسىمۇ كېچىكتۈرمەسلىكىدۇر. چۈنكى، باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنىڭ ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆزىنىڭ مال – مۈلكى بىلەن ئارىلاش ھالەتتە تۇرۇشى گۇناھتىن خالىي بولالمايدۇ.

تەقۋادارلىق دېگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندا بىرەر قېتىم ئوغۇرلىقچە قارىۋىلىش بىلەن بولسىمۇ كۆز بويامچىلىق قىلماسلىقى، ئوقۇتقۇچىنىڭمۇ ئۆزى ئېنىق بىلمەيدىغان بىرەر مەلۇمات بىلەن بولسىمۇ ياكى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىينىغا بىرەر ئوقۇغۇچىغا بىرەر نومۇر بىلەن يان بېسىش بىلەن بولسىمۇ كۆز بويامچىلىق قىلماسلىقىدۇر.

تەقۋادارلىق دېگەن سىياسەتچى ياكى ئاخباراتچىنىڭ يالغان ئېيتىشتىن، فىتنە – ئىغۋا تارقىتىشدىن ساقلىنىشىدۇر. چۈنكى، قانداق بىر ئادەم ئوخلاپ ياتقان فىتنە – ئىغۋانى بىرەر ئېغىز گەپ بىلەن بولسىمۇ ئويغىتىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە لەنەت قىلىدۇ.

تەقۋادارلىق دېگەن خىزمەتچىنىڭ بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتىدىن ئوغۇرلۇقچە پايدىلانماسلىقى، ئىش بېجىرگۈچىلەر بىلەن مۇئامىلىدە بىپەرۋالىق قىلماسلىقىدۇر. چۈنكى، خىزمەتچىنىڭ خىزمەتنى ياخشى قىلىشى، ئىش بېجىرگۈچىلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئادا قىلىشى، ئۇنىڭغا نىسبەتەن (خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان دەرىجىدە) كېچىلەردە نەفلە ناماز ئوقۇش ياكى تەراۋىھ ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاقتىدىن ئاللاھ تائالاغا ياخشىراقتۇر.

تەقۋادارلىق دېگەن ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، پەرزەنتلىرىنىڭ تىلىنى ۋە تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىۋىتىدىغان بالا باققۇچىغا تاشلاپ قويماسلىقىدۇر.

تەقۋادارلىق دېگەن تۇرمۇشىمىزنىڭ پۈتۈن جايلىرىغا تارالغان روھتۇر. بىز ئۇ روھقا قانچىكى يېقىنلاشساق ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا روزىمىز مەقبۇل بولۇشقا شۇنچىكى يېقىن بولىدۇ.

ئى قېرىنداشلىرىم! تەقۋادارلىق روزىسى تۇتايلى. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزدىن قوبۇل قىلسۇن!

 

مەنبە: رمضان في حياتنا https://alarab.qa

تەرجىمىدە: ئابدۇرراززاق رەجەب

Please follow and like us:
Exit mobile version