دوكتور مۇھەممەد ئەيياش ئەلكۇبەيسىي
رامازاننىڭ ھىلال ئېيى كۆرۈنگەندىن كېيىن، پۈتۈن ھاياتىمىزنىڭ ئىچى ۋە تېشى، كېچە ۋە كۈندۈزى، ئۆيلىرى ۋە مەسجىدلىرى ئۆزگىرەيدۇ. بۇ ئايدا باشقىچە بىر تۈس، باشقىچە بىر خوشپۇراق بىلەن بېزەلگەن باشقىچە بىر تۇرمۇش بار. بۇ ئايدا كائىنات ئىچىگە تارىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرىدىن تارتىپ ھەتتا ئۇخلاش ۋە ئويغىنىشلىرىغىچە، يېمەك – ئىچمەك ۋاقىتلىرىغىچە، تۇرمۇش ئۇسلۇبلىرىغىچە سىڭىپ كىرگەن يېڭىچە بىر روھ بار.
رامازاندا ئوقۇلىدىغان تەراۋىھ نامىزى بۇ مۇبارەك ئاينىڭ كەلگەنلىكىگە كوللېكتىپ خۇشاللىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر مەنىۋى مۇراسىمغا ئوخشايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ بىلەن قەلبلەر جانلىنىپ، ئاجىزلىق، ھۇرۇنلۇق ۋە بىرلا خىل شەكىلدىكى ئېغىر تۇرمۇش كىشەنلىرىدىن ئازات بولىدۇ.
بەلكىم، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شەرىئەتنىڭ مەقسىتى بولۇشى ياكى بۇلارنىڭ بەزىسى خۇددى مەسجىد مۇنارلىرىنى سېلىش، مەسجىدلەرنى زىننەتلەش، «قۇرئان كەرىم»گە ئالتۇن ھەل بېرىش، كەئبە شەرىفنى بېزەش ئەھۋاللىرىدىكىگە ئوخشاش شەرىئەتنىڭ ئىنچىكە ئەھكاملىرىغا ۋە ئالىملارنىڭ كۆزقاراشلىرىغا نەزەر تاشلىماستىن، دىندىكى سىموۋول خاراكتېرلىك بىرەر پائالىيەتنى ئۇلۇغلىغانلىقتىن، ئىسلامىي كىملىك بىلەن پەخىرلەنگەنلىكتىن بۇ ئايدىكى خۇشاللىقىنىڭ نوقۇل ھېس – تۇيغۇ جەھەتتىكى ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.
ئەمما رامازان (روزىسى) ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەربىرىدىن غايە ۋە مەرتىۋە جەھەتتىن ئالىي ۋە ئۈستۈن ئورۇندىدۇر.
رامازان روزىسىنىڭ مۇئەييەن غايىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭ جەۋھىرىدىن قانچىلىك يىراق ياكى يېقىن ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدىغان يادرولۇق قىممىتىمۇ بار. بىزلەرگە رامازان روزىسىنى يولغا قويۇپ بەرگەن ئاللاھ تائالا مانا بۇ غايىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: [ئى مۆمىنلەر! تەقۋادار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامازان روزىسى) پەرز قىلىندى] («بەقەرە» سۈرىسى، 183 – ئايەت). دېمەك، رامازان روزىسىنىڭ جەۋھىرى تەقۋادارلىقتۇر. رامازان روزىسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ۋە مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئۆلچىمىمۇ تەقۋادارلىقتۇر. مۆمىنلەرنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشى ۋە مۇسابىقىلەشكۈچىلەرنىڭ مۇسابىقىلىشىشى لازىم بولىدىغان ئەڭ يۈكسەك غايىمۇ يەنىلا تەقۋادارلىقتۇر.
تەقۋادارلىق دېگەن ئىنساننىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەرقانداق بىر گۇناھتىن ساقىلىنىشى، ئۆزى بىلەن باشقىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ئوتتۇرىسىدا چەك – چېگرا قويۇپ، بىرەر ئېغىز كەلىمە بىلەن بولسىمۇ، ياكى بىرەر ئىشارەت بىلەن بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلماسلىقى، پەقەت ئۆزىگە ھالال بولغىنىنىلا يەپ – ئىچىشىدۇر. شۇڭا، سىز روزا تۇتقان كىشىنىڭ بىرەر تامچە سۇ ياكى بىرەر تال گۈرۈچ بىلەن بولسىمۇ روزىسىنى بۇزۇپ سېلىشدىن قانداق ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى بايقايسىز. مانا بۇلار تەقۋادار كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ مال – مۈلكى ۋە چوڭ – كىچىك ھەق – ھوقۇقلىرى بىلەن بولغان دائىملىق ئەھۋالىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزلەرگە مانا مۇشۇنداق تەلىم بېرىپ مۇنداق دېگەن: «كىمكى (روزىدار تۇرۇپ) يالغان سۆزلەشنى ۋە يالغان سۆز بىلەن ئىش قىلىشنى تەرك ئەتمەيدىكەن، ئۇنىڭ تاماق يېمەي، سۇ ئىچمەي تۇتقان روزىسىغا ئاللاھ تائالا مۇھتاج ئەمەس» (سەھىھۇل بۇخارى).
تەقۋادارلىق دېگەن خوجايىننىڭ ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدىن بىر كۈن بولسىمۇ كېچىكتۈرمەسلىكىدۇر. چۈنكى، باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنىڭ ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆزىنىڭ مال – مۈلكى بىلەن ئارىلاش ھالەتتە تۇرۇشى گۇناھتىن خالىي بولالمايدۇ.
تەقۋادارلىق دېگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندا بىرەر قېتىم ئوغۇرلىقچە قارىۋىلىش بىلەن بولسىمۇ كۆز بويامچىلىق قىلماسلىقى، ئوقۇتقۇچىنىڭمۇ ئۆزى ئېنىق بىلمەيدىغان بىرەر مەلۇمات بىلەن بولسىمۇ ياكى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىينىغا بىرەر ئوقۇغۇچىغا بىرەر نومۇر بىلەن يان بېسىش بىلەن بولسىمۇ كۆز بويامچىلىق قىلماسلىقىدۇر.
تەقۋادارلىق دېگەن سىياسەتچى ياكى ئاخباراتچىنىڭ يالغان ئېيتىشتىن، پىتنە – ئىغۋا تارقىتىشدىن ساقلىنىشىدۇر. چۈنكى، قانداق بىر ئادەم ئوخلاپ ياتقان پىتنە – ئىغۋانى بىرەر ئېغىز گەپ بىلەن بولسىمۇ ئويغىتىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە لەنەت قىلىدۇ.
تەقۋادارلىق دېگەن خىزمەتچىنىڭ بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتىدىن ئوغۇرلۇقچە پايدىلانماسلىقى، ئىش بىجىرگۈچىلەر بىلەن مۇئامىلىدە بىپەرۋالىق قىلماسلىقىدۇر. چۈنكى خىزمەتچىنىڭ خىزمەتنى ياخشى قىلىشى، ئىش بېجىرگۈچىلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئادا قىلىشى، ئۇنىڭغا نىسبەتەن (خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان دەرىجىدە) كېچىلەردە نەپلە ناماز ئوقۇش ياكى تەراۋىھ ناماز ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاقتىدىن ئاللاھ تائالاغا ياخشىراقتۇر.
تەقۋادارلىق دېگەن ئانىنىڭ پەرزەنىتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، پەرزەنىتلىرىنىڭ تىلىنى ۋە تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىۋىتىدىغان بالا باققۇچىغا تاشلاپ قويماسلىقىدۇر.
تەقۋادارلىق دېگەن تۇرمۇشىمىزنىڭ پۈتۈن جايلىرىغا تارالغان روھتۇر. بىز ئۇ روھقا قانچىكى يېقىنلاشساق ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا روزىمىز مەقبۇل بولۇشقا شۇنچىكى يېقىن بولىدۇ.
ئى قېرىنداشلىرىم! تەقۋادارلىق روزىسى تۇتايلى. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزدىن قوبۇل قىلسۇن!
تەرجىمىدە: ئابدۇرراززاق رەجەب
مەنبە: https: //www. alarab. qa
Please follow and like us: