Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈشنىڭ ھۆكمى

رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈشنىڭ ھۆكمى

نامازدا رۇكۇغا بېرىشتىن بۇرۇن ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قول كۆتۈرۈش مەسىلىسىدە ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى ئوخشاش ئەمەس.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈشنىڭ نامازدىكى ئورنى قانچىلىك؟ رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرمىگەنگىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسى بارمۇ؟ 4 مەزھەپ ئالىملىرى نامازنى قانداق ئۇقۇغان؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

نامازغا تۇرۇپ قۇلاق قاققاندا قول كۆتۈرۈشنىڭ سۈننەتلىكىگە بارلىق ئالىملار بىردەك ئىجما قىلغان. بۇ ئىجمانى ئىمام نەۋەۋى نەقىل قىلغان.(1)

ئەمما، نامازدا رۇكۇغا بېرىشتىن بۇرۇن ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قول كۆتۈرۈش مەسىلىسىدە ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى ئوخشاش ئەمەس.

ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنىڭ بايانى:

1.   ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى، ئىمام ئىبنى ئەبى لەيلا، سەۋرى قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار بۇ ئىككى ئەھۋالدا قول كۆتۈرۈش سۈننەت ئەمەس، دەپ قارايدۇ.

ئىمام كاسانى مۇنداق دەيدۇ: «تەكبىر چۈشۈرگەندە قول كۆتۈرۈش مەسىلىسىگە كەلسەك، بىزنىڭ قارىشىمىزدا پەرز نامازلاردا باشلاش تەكبىرىدىن باشقا تەكبىرلەردە قول كۆتۈرۈش سۈننەت ئەمەس».(2)

بۇ، ئىمام مالىك رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن كەلگەن ئىككى قاراشنىڭ بىرىدۇر. ئۇنداق بولۇشتا، ئىمام مالىك «مۇۋەتتا» دېگەن كىتابىدا رۇكۇدىن بۇرۇن ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن شاگىرتى ئىبنۇلقاسىم ئۇنىڭدىن قىلغان رىۋايەتتە قول كۆتۈرمەسلىكنى تاللىغان. بەزىلەر مالىكىي مەزھەپتە مۇشۇ قاراش كۈچلۈك دەپمۇ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر يەنە بىر قاراشنى كۈچلۈك دەپ قارايدۇ.(3)

ئىمام ئىبنۇل قاسىم مۇنداق دەيدۇ: «مالىك: مەيلى تۆۋەنگە ئېڭىشكەن ھالەتتە بولسۇن، مەيلى باشنى كۆتۈرگەن ھالەتتە بولسۇن، نامازدىكى تەكبىرلەرنىڭ ئىچىدە نامازنى باشلاش تەكبىرىدىن باشقا تەكبىردە قول كۆتۈرۈش دېگەننى بىلمەيمەن، دېگەن». ئىمام ئىبنۇل قاسىم يەنە: «ئىمام مالىكنىڭ نەزىرىدە قول كۆتۈرۈش نامازغا قۇلاق قېقىشتىن باشقا چاغدا ئاجىز ئىدى» دېگەن.(4)

ئىمام ئىبنى رۇشد مۇنداق دەيدۇ: «ئالىملارنىڭ قاراشلىرىغا كەلسەك، ئەبۇ ھەنىفە، سۇفيان سەۋرى قاتارلىق بارلىق كۇفە ئالىملىرى: ناماز ئوقۇغۇچى قولىنى پەقەتلا قۇلاق قاققاندا كۆتۈرىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ ئىبنۇل قاسىمنىڭ مالىكتىن قىلغان رىۋايىتىدۇر».(5)

2.   ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بىلەن ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى، ئىمام لەيس، ئەۋزائى، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ، ئەبۇ سەۋر، شۇنداقلا ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، بۇخارى ۋە ئىبنۇل مۇنزىر قاتارلىق ئالىملار بۇ ئىككى ئەھۋالدا قول كۆتۈرۈش سۈننەت، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشتىكىلەرنى كۆپچىلىك ئالىملار دېيىشكە بولىدۇ.(6)

3.   بەزى ئەھلى ھەدىسلەر، زاھىرى قاراشتىكىلەر سەجدىگە بارغاندىمۇ، سەجدىدىن تۇرغاندىمۇ، ئىككى سەجدە ئارىلىقىدىمۇ، ئىككىنچى رەكئەتتىن تۇرغاندىمۇ، ئومۇمەن، تۆۋەنگە ئېڭىشكەن ھەر بىر ھالەت بىلەن، ھەر قېتىم باشنى كۆتۈرگەن ھالەتتە قول كۆتۈرىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ دەلىل جەھەتتىن خېلى ئاجىز قاراش بولغاچقا، بۇ قاراش ئۈستىدە توختالماي، يۇقىرىقى ئىككى قاراش ئۈستىدە توختىلىمىز.

4.   ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن كەلگەن بىر قاراشتا، ئىككىنچى رەكئەت ئاخىرىدا تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇرغاندىمۇ قول كۆتۈرىدۇ، دەپ قارىغان ۋە بۇ قاراش سەھىھ ھەدىسكە تايانغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك بۇنى تۇتمىغان.(7) بىز بۇ قاراش ئۈستىدىمۇ توختالمايمىز.

ئىككى تەرەپ تايانغان دەلىللەر:

قول كۆتۈرمەيدۇ دەپ قارىغان ئالىملارنىڭ دەلىللىرى:

1. ئەلقەمە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇپ بەرمەيمۇ؟ دەپ ناماز ئوقۇپ، قولىنى پەقەت بىرىنچى قېتىمدىلا كۆتۈردى.

بۇ ھەدىسنى بەزى ھەدىسشۇناسلار ئاجىز دەپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، چوڭقۇرراق ئىزدەنگىنىمىزدە، ھەدىسنىڭ مۇھەققىق ھەدىسشۇناسلار تەرىپىدىن سەھىھ دەپ تەھقىقلانغان ئىشەنچلىك ھەدىسلىكى ئېنىقلانغان. قارايدىغان بولساق، ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىنىڭ «سەھىھۇ مۇسلىم»دە ھەدىس رىۋايەت قىلغان راۋىيلار ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. شۇڭا، بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى: ھەسەن دەپ باھالىغان. ئىمام ئىبنى ھەزم، ئىمام زەيلەئىيمۇ سەھىھ دەپ باھالىغان. شەيخ ئالبانىمۇ سەھىھ دېگەن.(8)

2. ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبى لەيلا ئەلبەرا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى باشلىغاندا، قولىنى قۇلىقىغا يېقىن كۆتۈرۈپ، كېيىن قايتا كۆتۈرمەيتتى.(9)

بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد سەھىھ ئەمەس دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان يوللارنى تەپسىلى تەكشۈرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ دەلىللىككە يارايدىغان ھەسەن دەرىجىسىدىن تۆۋەن ئەمەس ھەدىس ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.(10)

3. ئەلقەمە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامازدا دەسلەپكى تەكبىردە قولىنى كۆتۈرۈپ، كېيىن قايتا كۆتۈرمىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.(11)

4. ئەسۋەد رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، مەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىنى دەسلەپكى تەكبىردىلا كۆتۈرۈپ، كېيىن كۆتۈرمىگەنلىكىنى كۆردۈم.

بۇنىڭ سەنەدى سەھىھ بولۇپ، «سەھىھۇ مۇسلىم»نىڭ شەرتىگە چۈشىدۇ. بۇنى يەنە، ئىمام تاھاۋى رىۋايەت قىلىپ سەھىھ دەپ باھالىغان. ئىمام زەيلەئىيمۇ سەھىھ دەپ باھالىغان. ئىمام ئىبنى ھەجەر: راۋىيلىرى ئىشەنچلىك، دېگەن.(12) ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇنىڭ ئەكسىدە بىرەر سەھىھ رىۋايەت كەلمىگەن.

5. ئاسىم ئىبنى كۇلەيب ئاتىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قولىنى دەسلەپكى تەكبىردىلا كۆتۈرۈپ، كېيىن كۆتۈرمەيتتى.(13)

6. ئىبراھىم نەخەئىي رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەسلەپ قۇلاق قاققاندا قولىنى كۆتۈرەتتى، ئاندىن كېيىن قولىنى كۆتۈرمەيتتى.(14)

دېمەك، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار نامازنىڭ دەسلەپكى تەكبىرىدىلا قولىنى كۆتۈرۈپ، كېيىن كۆتۈرمەيتتى. بۇنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىسپاتلايدىغىنى شۇكى، ئۇ ئىككىيلەننىڭ شاگىرتلىرىنىڭمۇ قول كۆتۈرمىگەنلىكى سەھىھ ھالەتتە كەلگەن. مەسىلەن:

ئەبۇ ئىسھاق رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتلىرى قوللىرىنى پەقەت نامازنىڭ دەسلەپكى تەكبىرىدىلا كۆتۈرۈپ، كېيىن كۆتۈرمەيتتى.(15)

ئىمام تىرمىزى بۇ قاراشنى تۇتقان سەلەف – سالىھلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرى ۋە تابىئىنلاردىن بىرقانچىسى مۇشۇ قاراش بويىچە دېگەن. ئۇ يەنە سۇفيان بىلەن ئەھلى كۇفەنىڭ قارىشىدۇر».(16)

مەسىلەن، تابىئىنلاردىن: ئىبراھىم نەخەئىي، ئىبنى ئەبى لەيلا، ئەلقەمە ئىبنى قەيس، ئەسۋەد ئىبنى يەزىيد، ئامىر ئەششەئبىي، ئەبۇ ئىسھاق ئەسسەبىيئىي، خەيسەمە، قەيس ئىبنى ئەبى ھازىم، مۇغىيرە، ۋەكىي، ئاسىم ئىبنى كۇلەيب قاتارلىقلار بار.(17)

يەنە، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ قول كۆتۈرمىگەنلىكى ھەسەن دەرىجىلىك رىۋايەتتە كەلگەن بولۇپ، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قول كۆتۈرگەنلىكى ياكى كۆتۈرمىگەنلىكى ھەققىدە ھېچبىر رىۋايەت كەلمىگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ كۆتۈرگەنلىكى ھەققىدىمۇ، كۆتۈرمىگەنلىكى ھەققىدىمۇ رىۋايەت كەلگەن بولۇپ، كۆتۈرگەنلىكى سەھىھراقتۇر.

قول كۆتۈرىدۇ دەپ قارىغان ئالىملارنىڭ دەلىللىرى:

1. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئوغلى سالىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامازغا تۇرغاندا، قولىنى مۈرىسىگە ئۇدۇل كەلگىچە كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. رەسۇلۇللاھ رۇكۇغا بارماقچى بولسىمۇ شۇنداق قىلاتتى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ شۇنداق قىلىپ: «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ» دەيتتى. سەجدىدە ئۇنداق قىلمايتتى.(18)

2. ئەبۇ قىلابە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مالىك ئىبنى ئەلھۇۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نامازغا تۇرغاندا تەكبىر ئېيتىپ قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى، رۇكۇغا بارماقچى بولغاندا قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىكەن ۋە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق قىلغان، دەپ سۆزلەپ بەرگەنلىكىنىمۇ كۆرگەن ئىكەن.(19)

3. نافى رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما نامازغا تۇرغاندا تەكبىر ئېيتىپ قولىنى كۆتۈرەتتى، رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرۇپ «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ» دېگەندە قولىنى كۆتۈرەتتى. ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغاندىمۇ قولىنى كۆتۈرەتتى. ئىبنى ئۆمەر بۇ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلغان.(20)

يۇقىرىدا ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن كەلگەن بىر قاراشتا، ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغاندىمۇ قول كۆتۈرىدۇ، دەپ قارىغان قاراش، مۇشۇ ھەدىستىكى: «ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغاندىمۇ قولىنى كۆتۈرەتتى» دېگەن ئىبارىگە تايانغان.

4. ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامازغا كىرگەندە، تەكبىر ئېيتىپ قولىنى قۇلىقىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن كىيىمى بىلەن ئورۇنۇۋالغانلىقىنى، ئاندىن ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويغانلىقىنى، رۇكۇغا بارماقچى بولغىنىدا، قولىنى كىيىمنىڭ ئىچىدىن چىقىرىپ كۆتۈرۈپ، ئاندىن تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇغا بارغانلىقىنى، «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ» دېگەندە، قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى، سەجدىگە بارغاندا ئىككى ئالقىنى ئوتتۇرىغا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆرگەن.(21)

5. مۇھەممەد ئىبنى ئەمر ئىبنى ئەتا رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، مەن ئەبۇ ھۇمەيد سائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن ئارىسىدا ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بار بولغان ئون كىشى ئىچىدە تۇرۇپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىزىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغىنىڭلارمەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رۇكۇغا بېرىشتا ۋە رۇكۇدىن تۇرغىنىدا، شۇنداقلا ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغىنىدىمۇ، قولىنى مۈرىسىگىچە نامازنى باشلىغاندا كۆتۈرگەندەك كۆتۈرەتتى. ئولتۇرغان ساھابىلار ئۇنىڭغا: راست ئېيتتىڭ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇشۇنداق ناماز ئوقۇيتتى، دېيىشكەن.(22)

بۇ ھەدىسنى تىرمىزى: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. ئالبانىمۇ «سەھىھ» دېگەن. ئىمام تاھاۋى: «مۇھەممەد ئىبنى ئەمر بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇمەيد سائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىمىغان» دەپ ئاجىزلاشتۇرغان. لېكىن، ئىمام بۇخارى سەھىھىدە، شۇنداقلا «تارىخى كەبىر»دە ئۇنىڭ ئەبۇ ھۇمەيد سائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس ئاڭلىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. شۇنداقتىمۇ، ئىمام ئەينى: «مۇھەممەد ئىبنى ئەمر بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇمەيد سائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىمىغان دېگەن كىشى شەئبىي بولۇپ، بۇ بابتا شۇنىڭ گېپى ھۆججەتتۇر» دېگەن.(23)

ئىمام بۇخارى ھەزرەتلىرى قول كۆتۈرۈش ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنى ساھابىلاردىن 17 كىشى رىۋايەت قىلغان، دېگەن.(24)

يۇقىرىقىلار ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسلىق دەلىللىرىنىڭ مۇھىم قىسمى بولۇپ، بۇلارغا قارىتا بۇ مەسىلىدە مۇنداق دېيىش مۇمكىن:

1. قول كۆتۈرۈش مەسىلىسى مۇسۇلمانلار ئىجما قىلغان مەسىلە بولماستىن، ساھابە ۋە تابىئىنلار ئوخشاش بولمىغان قاراشتا بولغان مەسىلە بولۇپ، قول كۆتۈرۈشنىڭ ھۆكمى قول كۆتۈرىدۇ دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ نەزىرىدىمۇ مۇستەھەپ ئىشتۇر. قول كۆتۈرمىگەن ئەھۋالدا نامازغا تەسىر يەتمەيدۇ. ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «پەرزدە بولسۇن، نەپلىدە بولسۇن، قول كۆتۈرىدىغان جايلاردا قەستەن، ياكى بىلمەي، ياكى ئۇنتۇپ قېلىپ قول كۆتۈرمەي قالسا، نامازنى قايتا ئوقۇشى ياكى سەجدە سەھۋى قىلىشى كېرەك بولمايدۇ».(25)

2. قول كۆتۈرىدۇ دەپ قارىغان ئالىملار كۆپچىلىك ئالىملار ھېسابلىنىدۇ. رىۋايەت جەھەتتىنمۇ قول كۆتۈرۈش ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر كۆپتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قول كۆتۈرمەسلىك ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرمۇ سەھىھتۇر. ساھابىلاردىن ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ، شۇنداقلا، ئومۇمى كۇفە خەلقى بىلەن بىر قىسىم تابىئىنلارنىڭ قول كۆتۈرمەي ناماز ئوقۇشنى تاللىغانلىقى ئېنىق بىر ھەقىقەتتۇر. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ئىككى خىل رىۋايەت كەلگەن بولسىمۇ، قول كۆتۈرگەن رىۋايەت تېخىمۇ سەھىھرەك. ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەقەت بىر خىللا رىۋايەت كەلگەن بولۇپ، قول كۆتۈرمەيدىغانلىقى سەھىھ ھالەتتە كەلگەن. كۆتۈرىدۇ دەپ كەلمىگەن. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىردىنمۇ قول كۆتۈرمەيدىغانلىقى كەلگەن. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ شۇنداق.

3. بۇ مەسىلىدە ئىلگىرىكى ئالىملارمۇ خېلى ئىختىلاپ قىلىشقان بولۇپ، ئىمام بۇخارى قول كۆتۈرۈش مەسىلىسىدە ئايرىم بىر كىتاب تۈزگەن. كېيىنكىلەر بىر قاراشقا تەئەسسۇپلۇق قىلىپ سەھىھ رىۋايەتلەرنىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇشقا، ئاجىزنى سەھىھ دەپ باھالاشقا ئۇرۇنغان.

ئەسلىدە، بۇ مەسىلىگە ئىنساپ بىلەن قارايدىغان بولساق، قول كۆتۈرۈش ھەققىدىكى ھەدىسلەرمۇ، كۆتۈرمىگەن ھەققىدىكى ھەدىسلەرمۇ سەھىھ. كۆتۈرۈش ھەققىدىكى ھەدىسلەر سان ۋە سەھىھلىك جەھەتتىن ئالدىدا تۇرىدۇ. شۇڭا، بۇنى كۆپچىلىك تەرجىھ قىلغان.

كۆتۈرمىگەنلىك ھەققىدىكى ھەدىسلەرمۇ، سەھىھ بولۇش بىلەن بىرگە، ساھابىلارنىڭ كاتتا ۋە پىشقەدەملىرىنىڭ تۇتقان يولى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن. چۈنكى، بۇ ھەقتە ھەدىس رىۋايەت قىلغان ساھابىلارغا قارايدىغان بولساق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئۇزۇن مۇددەت بىللە بولۇپ، بەش ۋاقىت نامازدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىدىلا تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر، ئەلى ۋە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار قول كۆتۈرمەي ئوقۇغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئانچە ئۇزۇن مۇددەت بىللە بولۇپ باقمىغان، بەش ۋاقىت نامازدا ئىزچىل رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىدىكى سەپتە ئەمەس، سەپلەرنىڭ ئەڭ ئارقىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان ئىبنى ئۆمەر، ئەبۇ ھۇمەيد سائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق يېشى كىچىك ساھابىلار، يەنە رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە مەدىنىدە پەقەتلا يىگىرمە كۈن تۇرغان مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس بىلەن، رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە ئازغىنە تۇرغان ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار قول كۆتۈرۈپ ئوقۇغان، شۇڭا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بىلەن كۇفە ئالىملىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئۇزۇن مۇددەت بىللە بولغان ساھابىلارنىڭ پىشقەدەملىرىنىڭ يولىنى تەرجىھ قىلغان ۋە ئىمام تاھاۋىيدەك بەزى ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرى قول كۆتۈرۈشنى مەنسۇخ دەپ قارىغان.

يۇقىرىدىكى ئىككى قاراشنىڭ بىرىنى تاللاپ تۇتقان ئالىملار بىرىنى توغرا، يەنە بىرىنى ئاجىز ياكى مەنسۇخ دەپ تەرجىھ قىلغان بولسىمۇ، بىز ھەر ئىككىسى توغرا ھەم سۈننەتكە مۇۋاپىق، قايسىنى قىلسا سۈننەتكە مۇۋاپىق بولىدۇ، رەسۇلۇللاھ بەزىدە ئۇنداق، بەزىدە مۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھەر ئىككىسىنىڭ توغرىلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغان دەپ قارايمىز. ھەركىم ئۆز قانائىتى بويىچە، خالىغان قاراشنى تۇتسا بولىدۇ.

مۇتەئەسسپلىكتىن خالى تەتقىق قىلغان ئالىملار بۇ مەسىلىگە مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتقان. ئىمام دىھلەۋى بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەتراپلىق توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ: «قول كۆتۈرۈش مەسىلىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزىدە قىلىپ، بەزىدە قىلمىغان شەكىلگە چېتىشلىق بىر ھالەت بولۇپ، ھەممىسى سۈننەتتۇر. ھەر ئىككى خىل ھالەتكە ساھابە، تابىئىن ۋە ئۇندىن كېيىنكىلەر ئەمەل قىلىپ ماڭغان ھەمدە بۇ كۇفە ئەھلى بىلەن مەدىنە ئەھلى ئۆزئارا بىرلىككە كېلەلمىگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر بىر قاراش ئەھلىنىڭ ئۆزىگە يارىشا مەزمۇت دەلىللىرى بار. توغرىسى، مېنىڭ نەزىرىمدە ھەممىسى سۈننەتتۇر».(26)

ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2012. 6. 9
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 30 – نومۇرلۇق پەتۋا.

———————–

1. «المجموع»، 3/251.
2. «بدائع الصنائع»، 1/207 «التجريد»، القدوري 2/518 «فتح القدير»، 1/309 – 310.
3. «موطأ الإمام مالك»، 1/75 – 77 «المدونة»، 1/68.
4. «المدونة»، 1/68.
5. «بداية المجتهد»، 1/96.
6. «الأم»، 7/200. «المجموع»، 3/354. «المغني»، 1/299. «الإنصاف»، 1/146.
7. «المحلى»، 4/87. «بداية المجتهد»، 1/96. «صحيح مسلم بشرح النووي»، 4/95.
8. «مسند أحمد»، 4211 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 748 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 257 – ھەدىس؛ «سنن النسائي»، 1058 – ھەدىس؛ «مصنف ابن أبي شيبة»، 2441 – ھەدىس؛ «المحلى»، 4/88. «نصب الراية»، 1/394.
9. «مصنف ابن أبي شيبة»، 2440 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 749 ~ 752 – ھەدىسلەر. «شرح معاني الآثار»، 1/224. «السنن الكبرى»، للبيهقي 2358 – ھەدىس.
10. تەپسىلى تەكشۈرۈش ئۈچۈن «عمدة القاري»، 5/273 – بەتكە، «نصب الراية»، 1/402 – بەتكە قارالسۇن.
11. «شرح معاني الآثار»، 1/224. راۋىيلىرى ئىشەنچلىك.
12. «مصنف ابن أبي شيبة»، 2454 – ھەدىس؛ «شرح معاني الآثار»، 1/227. «نصب الراية»، 1/405. «الدراية»، 1/152.
13. «شرح معاني الآثار»، 1/227. «مصنف ابن أبي شيبة»، 2442 – ھەدىس. ئىمام ئىبنى ھەجەر: راۋىيلىرى ئىشەنچلىك، دېگەن. ئىمام زەيلەئى: «سەھىھ ئەسەر» دېگەن. «نصب الراية»، 1/406. «الدراية»، 1/152.
14. «مصنف ابن أبي شيبة»، 2443 – ھەدىس. سەنەدى سەھىھ. «الجوهر النقي»، 1/133.
15. «مصنف ابن أبي شيبة»، 2446 – ھەدىس. سەنەدى سەھىھ. «الجوهر النقي»، 1/139.
16. «تىرمىزىي»، 2/42.
17. «مصنف ابن أبي شيبة»، 2446 ~ 2454 – نومۇر. «عمدة القاري»، 5/272.
18. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 736 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 390 – ھەدىس.
19. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 737 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 391 – ھەدىس.
20. «بۇخارىي»، 739 – ھەدىس.
21. «مۇسلىم»، 401 – ھەدىس.
22. «مسند أحمد»، 23647 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 730 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 340 – ھەدىس. بۇ ھەدىس سەل ئۇزۇن بولۇپ، ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
23. «التاريخ الكبير»، 1/189 «بۇخارىي»، 828 – ھەدىس «عمدة القاري»، 5/273.
24. «فتح الباري»، 2/220.
25. «الأم»، 1/105.
26. «حجة الله البالغة»، شاه ولي الله الدهلوي 1/434.

Please follow and like us:
Exit mobile version