Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئىككى جايدا ئۆيى بار كىشى نامازنى قەسىر قىلامدۇ؟

ئىككى جايدا ئۆيى بار كىشى نامازنى قەسىر قىلامدۇ؟

ئىككى جايدا ئۆيى بار كىشى نامازنى قەسىر قىلامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىزنىڭ يېزا بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 100 كېلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، مۇساپىسى نامازنى قەسىر قىلىپ (قىسقارتىپ) ئوقۇش شەرتىگە چۈشىدۇ. مەن ئىلگىرى مۇشۇ تەلەپ بويىچە، نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇيتتىم. بىراق، ئىككى يىل بولدى، مەن ناھىيە بازىرىدىن ئۆي سېتىۋالدىم. ھەم شۇ كۈندىن باشلاپ ھەر ئىككى جايدا نامازنى تولۇق ئوقۇدۇم. بىراق، بەزى بۇرادەرلىرىم: «سىزنىڭ يېزىدا تۇرىدىغان ۋاقتىڭىز كۆپ بولغاچقا، يېزىدا تولۇق ئوقۇيسىز، ناھىيە بازىرىغا كىرگەندە قەسىر قىلىپ ئوقۇيسىز» دەپ، مېنى ئىككىلەندۈرۈپ قويدى. مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

مەزكۇر ئەھۋالدا ئىككى ئۆي ئارىلىقى 80 كىلومىتېردىن ئاشقان بولغاچقا، ئارىلىقتا يولغا چىققان ۋاقتىڭىزدا قەسىر قىلىپ ئوقۇيسىز. ھەر ئىككى ئۆيدە تۇرغىنىڭىزدا، نامازنى تولۇق ئوقۇيسىز. چۈنكى، سىز ئۆيىڭىز بار جايغا بېرىش بىلەنلا، سەپەر ھۆكمى ئاخىرلاشقان بولۇپ، سەپەردە قەسىر قىلىش رۇخسىتىدىن پايدىلىنالمايسىز. بىرسىدە مەيلى ئاز تۇرۇڭ، مەيلى ئۇزۇن تۇرۇڭ ئوخشاش.

ئەتا ئىبنى ئەبى راباھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن: ئەرەفاتقا بارغىنىمدا قەسىر ئوقۇمدىمەن؟ دەپ سورىسام، ئۇ: ياق، لېكىن جۇددەگە، ئۇسفانغا ۋە تائىفقا(1) بارغىنىڭدا قەسىر ئوقۇيسەن. ئائىلەڭ ياكى مال – ۋارانلىرىڭ بار يەرگە كەلگىنىڭدە، ئاندىن تولۇق ئوقۇغىن، دېدى.(2)

ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2012. 7. 29
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 29 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————————————————————————————————————————–
1. ئىمام مالىك: مەككە بىلەن تائىف، جۇددە ۋە ئۇسفان قاتارلىق جايلارنىڭ ئارىلىقى 4 بەرىيد (يەنى، 85 كىلومېتىر ئەتراپىدا) كېلىدۇ، دېگەن. «المجموع»، 4/274.
2. «مسند الإمام الشافعي»، 1/48 «السنن الكبرى»، للبيهقي 3/155 – بەت. 5282 – نومۇر. «مصنف ابن أبي شيبة»، 2/202 – بەت. 8140 – نومۇر. «مصنف عبد الرزاق»، 2/524 – بەت. 4297 – نومۇر.

Please follow and like us:
Exit mobile version