ھاراق ئىچكەن كىشىنىڭ قىرىق كۈن نامىزى قوبۇل بولمامدۇ؟

ھاراق ئىچكەن كىشىنىڭ قىرىق كۈن نامىزى قوبۇل بولمامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سىزدىن بىر سوئال سوراي دېگەن. باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئىدىم، لېكىن قايىل بولماي سىزدىن سورىشىم. بىر بۇرادەر يولدا كېتىۋېتىپ، يەنە بىر بۇرادەرنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. ئۇنىڭدىن: «ھاراق ئىچسە 40 كۈن ئۆتىگەن ناماز مەقبۇل بولمامدۇ؟» دەپ سورىسا «ھەئە» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەسجىدكە ئاز قالغان ئاشۇ بۇرادەر بۇنى ئاڭلاپلا كېتىپ قاپتۇ. بۇ ھەدىسمۇ ياكى باشقا گەپمۇ بىلمىدىم. مەن ئاشۇ بۇرادەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قايتىدىن ئويلىنىپ قالدىم. 40 كۈن ناماز ئۆتىمەسلىك كېرەكمۇ ياكى باشقا ئىش قىلىش كېرەكمۇ؟ تەۋبە قىلىشنى توغرا دەيمەن، ئەلبەتتە. چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

جانابى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىنسانغا ئەقىلنى بەرگىنىدە ئەقىلگە زېمىندا ئىزباسارلىق قىلىش، سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈش، تاپشۇرغان ئامانەتنى ئادا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى يۈكلىگەن. شۇنداقلا ئۇنىڭغا دۇنيادىكى سەپىرىدە ئىنسانغا يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرلۈك خاتالىقلاردىن، ھاۋايى – ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىشتىن توسۇپ قېلىپ، توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئەقىلنى بىر نېئمەت سۈپىتىدە ئاتا قىلغاندۇر. شۇڭا، ئەقىل ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنىشنىڭ شەرتى ۋە شەرىئەتتە قوغدىلىدىغان بەش چوڭ ئاساسنىڭ بىرى. ئۇلار: دىن، جان، مال – مۈلۈك، ئىپپەت – نومۇس ۋە ئەقىلدۇر. ئەقىلنى قوغداش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ماددىي ۋە مەنىۋى جازالار دىننى قوغدايدۇ. چۈنكى، ئەقىل بولمىسا، ئىبادەتمۇ بولمايدۇ.

ئىنس – جىنلاردىن تەركىب تاپقان شەيتانلارنىڭ چىرايلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ئىنسان ئەقىلنىڭ يېتەكچىلىكىدىن، ۋىجداننىڭ چەكلەشلىرىدىن بوشىنىپ، بارلىق پاسكىنىچىلىقلارنىڭ ئانىسى بولغان ھاراققا ئۆزىنى ئاتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا خۇمار بولىدۇ.

ئىنساننىڭ ئۆز ئەقلىنى زىيانغا ئۇچرىتىشى ئەمەلىيەتتە، ئاجىزلىق ئالامەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ناۋادا ئۇ رېئاللىقتىكى تۈرلۈك خىرىسلارغا، ئاچچىق ھەقىقەتلەرگە دۇچ كەلگىنىدە قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ۋە چارە – تەدبىر كۆرۈش ئۈچۈن پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئورنىغا ھاراق ياكى زەھەرلىك چېكىملىك ئارقىلىق ئەقلىنى يوقىتىپ، ياشام قىيىنچىلىقلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشىدۇ. نەتىجىدە، ئىنسان زېمىندىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماي قالىدۇ.

بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام شەرىئىتى ئالدى بىلەن ئىسلام جەمئىيىتىنى ھاراقتىن ئۈزۈل – كېسىل بولۇشنى بىرقانچە باسقۇچتا ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئاندىن ھاراقنى ھارام قىلىۋېتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى زىنا ۋە ئوغرى – بۇلاڭچىلىقتەك چوڭ گۇناھلار قاتارىغا تىزىپ، بۇ جىنايەتنى سادىر قىلىۋاتقان پەيتتە ئۇلار مۇئمىن ھالىتىدە بولمايدۇ دەپ قارىغان.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «زىنا قىلغۇچى زىنا قىلغاندا مۇئمىن ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ، ھاراق ئىچكەندە مۇئمىن ھالىتىدە ئىچمەيدۇ، ئوغرىلىق قىلغاندىمۇ مۇئمىن ھالىتىدە ئوغرىلىمايدۇ، قىممەتلىك مال – مۈلۈكنى كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ قاراۋاتقان چاغدا بۇلىغۇچى، ئۇنى مۇئمىن ھالىتىدە بۇلىمايدۇ» دېگەن.(1)

يەنە بىر ھەدىستە ھاراق ئىچىلىشنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى قاتارىدا سانىغان ۋە: «ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، جاھالەتنىڭ يىلتىز تارتىشى، ھاراقلارنىڭ ئىچىلىشى، زىنانىڭ تارىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر» دېگەن.(2)

ئىسلام شەرىئىتى يەنە ھاراق ئىچىش ۋە ھاراق تىجارىتى قىلىشنى ھارام قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئون تۈرلۈك كىشىگە لەنەت قىلغان:

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاراققا ئالاقىدار ئون تۈرلۈك كىشىگە لەنەت قىلغان. ئۇلار: ھاراقنى ياسىغۇچى، ياساتقۇچى، ئىچكۈچى، كۆتۈرگۈچى، كۆتەرتكۈچى، تەقدىم قىلغۇچى، ساتقۇچى، پۇلىنى يېگۈچى، ئالغۇچى ۋە ئالدۇرغۇچى قاتارلىقلار».(3)

ھاراقنىڭ يولىنى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىش ئۈچۈن شەرىئەت مەست بولىدىغان دەرىجىدە ئىچىشنىلا ھارام قىلماي، ئازغىنە ئىچىشنىمۇ ھارام قىلغان.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەست قىلىدىغان ھەرقانداق ئىچىملىك ھارامدۇر، بىر فەرەق(4) ئىچمىگۈچە مەست قىلمايدىغان ئىچىملىكتىن بىر يۇتۇم ئىچىشمۇ ھارامدۇر» دېگەن.(5)

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەست قىلىدىغان ئىچىملىكنىڭ ھەرقاندىقى ئاز ياكى كۆپ بولسۇن ھارامدۇر» دېگەن.(6)

داۋالىنىش زۆرۈرىيىتى ئۈچۈنمۇ ھاراقنى دورا سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىشتىن توسقان،

تارىق ئىبنى سۇۋەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھاراق ياساش ھەققىدە سورىغانىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ئۇ ئىشتىن توستى. مەن:

— ئۇنى دورا قىلىش ئۈچۈن ياسايمەن، — دېۋىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۇ دورا ئەمەس، بەلكى كېسەلنىڭ دەل ئۆزىدۇر، — دېدى.(7)

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاراق توغرىسىدا: «ئاللاھ كېسىلىڭلارنىڭ شىپاسىنى سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەردە قىلمىغان» دېگەن.

بۇنىڭدىن ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ھاراققا چېتىشلىق بارلىق يوللارنى تاقىۋېتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. «قۇرئان كەرىم»مۇ ھاراقنى بۇتپەرەسلىك، قىمار ۋە شىرك قىلمىشلار بىلەن بىر قاتارى تىزىپ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇغان:

﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ھاراق، قىمار، تىكلەنگەن تاشلار ۋە پال ئوقلىرى شەيتاننىڭ ئىشىدىن بولغان پاسكىنىلىقتۇر. شۇڭا، نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلاردىن يىراق بولۇڭلار﴾(5/«مائىدە»: 90).

بۇ ئىلاھىي چاقىرىقنى ئاڭلىغان ھامان ساھابە – كىراملار ھاراقتىن ئۈزۈل – كېسىل قول ئۈزدى. نۇرغۇن پايدا ئېلىۋاتقان تىجارەتچىلەرمۇ ھاراق تىجارىتىنى تاشلىدى. دىنغا راستچىللىق بىلەن كىرگەنلەر ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتىشىغا قارىماي ئىلكىدىكى ھاراقلارنىڭ ھەممىنى تۆكۈۋەتتى. تۆكۈۋېتىلگەن ھاراقلار مەدىنە كوچىلىرىدا ئاقتى. ھاراقنى چەكلىگەنلىك خەۋىرى ئۆيدىن – ئۆيگە يۆتكىلىپ، بىرنەچچە سائەت ئىچىدە پۈتۈن مەدىنە ئاھالىسى ھاراق ئىچىشنى تاشلاپ، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇندى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا ھاراققا قارشى قوزغىتىلغان ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىنقىلاپ، تارىخىي بىر مۇئجىزە بولدى.

يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلارغا قەدەر قويماي قەيت قىلغان تارىخشۇناسلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاشۇ ئېسىل دەۋردە ھاراق ئىچىپ جازاغا تارتىلغانلارنىڭ سانى يەتتە كىشىدىن ئاشمىغان.(8) بۇنىمۇ بىر مۇئجىزە دېيىشكە بولىدۇ.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: مەن ئەبۇ تەلھەنىڭ قورۇسىدا سورۇندىكىلەرگە ساقىيلىق قىلىۋاتاتتىم. ئۇلارنىڭ شۇ كۈنى ئىچكەن ھارىقى فەزىخ(9) ئىدى. شۇ ئەسنادا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر جاكارچىنى: «ئاگاھ بولۇڭلار، ھاراق ھارام قىلىندى» دەپ جاكارلاشقا بۇيرىدى، شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ تەلھە ماڭا: ھاراقلارنى ئېلىپ چىقىپ تۆكۈۋەت، دېدى. مەن چىقىپ ئۇنى تۆكسەم، مەدىنەنىڭ كوچىلىرىدا ئاقتى.(10)

ھاراقنىڭ زىيىنى چوڭ بولغاچقا، ئىسلام ئۇنى جەمئىيەتتىن يوقىتىشتا باشقا چوڭ گۇناھلارنى چەكلەشتە قوللانغان ئۇسۇللاردىن پەرقلىق ھالدا، بىرقانچە باسقۇچلۇق ئالاھىدە ئۇسۇل قوللىنىپ، ئالدى بىلەن ئەرەبلەرمۇ ئېتىراز بىلدۈرمەيدىغان شەكىلدە، ھاراقتا ئازراق مەنپەئەت باردەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭدا چوڭ گۇناھ بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئاندىن كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنى رەتكە سېلىپ، ھاراق ئىچىش ۋاقتىنى تارايتىش ئارقىلىق، سەگەك تۇرغان چاغ بىلەن مەستلىك چاغلارنىڭ پەرقىنى ئايرىپ ھېس قىلىش پۇرسىتى بەرگەن. بۇ ئىككى باسقۇچ ھاراقنى چەكلەشكە ئۇل ھازىرلىغان. نەتىجىدە، ھاراقنىڭ ئېغىر زىيىنى كۆزىگە كۆرۈنگەن كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىدىغانلىقىدا شەك قىلمىغان ۋە ھارام قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلغان. ھارام قىلغان ئىلاھىي بۇيرۇق نازىل قىلىنغىنىدا مۇسۇلمانلارنىڭ پىسخىكىسى بۇنىڭغا ئالدىن تەييارلانغان بولغاچقا، ھاراقنى دەرھال تاشلىيالىغان.

ھازىرقى دەۋرىمىزدە ھاراقنىڭ زىيىنىنى ئېغىر تارتىۋاتقان دۆلەتلەر قۇرئاننىڭ ھاراقنى چەكلەش باسقۇچلىرىنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابە – كىراملارنىڭ ئىلاھىي بۇيرۇقنى قانداق ئىجرا قىلغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ مۆجىزىنى چوڭقۇر تەتقىق ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنى ھاراقتىن خالاس قىلىش چارە – تەدبىرلىرىنى ئىزدىشى، شۇنداقلا، ئىسلامنىڭ ئەقىدە، ئەخلاق ۋە باشقا تۈزۈملىرىنىڭ ئىنسانىيەتنى داۋالايدىغان بىردىنبىر شىپالىق دورا ئىكەنلىكىنى تونۇشى ئىنتايىن زۆرۈر.

ھاراق، مەيلى ئۇ نېمىدىن ياسىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەقىلنى ئۆز ۋەزىپىسىدىن توختىتىپ قويىدىغان، تەپەككۇر قىلىشنى توسىدىغان ھەرقانداق ئىچىملىكنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، زامانىمىزدىكى ھەر خىل نامدا ئاتالغان مەست قىلغۇچى ئىچىملىك، تابلېتكا، چېكىملىك قاتارلىق بارلىق نەرسىلەر ھۆكۈم جەھەتتە ھاراق بىلەن ئورتاق. چۈنكى، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ھاراققا ئوخشاش ئىنسان ئەقلىنى بۇلغىغۇچى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن بەدەنگە زىيان سالغۇچى نەرسىلەردۇر.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: مەن (ئاتام) ئۆمەرنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنبىرىدە تۇرۇپ: «ئى خالايىق، ھاراقنى ھارام قىلىدىغان ئايەت چۈشكەن چاغدا ھاراق ئۈزۈم، خورما، ھەسەل، بۇغداي ۋە ئارپىدىن ئىبارەت بەش نەرسىدىن ئىشلىنەتتى. ھاراق دېگەن ئەقىلنى پەردىلەيدىغان نەرسىدۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان.(11)

«ھاراق دېگەن ئەقىلنى پەردىلەيدىغان نەرسىدۇر» دېگەن بۇ ئىبارىنى ئىمام ئەينىي مۇنداق شەرھىلەيدۇ: يەنى ئەقىلنى پەردىلەپ، رومالغا ئوخشاش قاپلايدىغان دېمەكچى. بۇ ئىبارىدىكى ئومۇملۇق، مەيلى ئۈزۈمدىن ياكى تۈرلۈك دانلاردىن ئىشلەنگەن بولسۇن، ياكى كوكۇس، كەندىر، كۆكنار قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەردىن ئىشلەنگەن بولسۇن، ئەقىلنى يوقىتىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەرقاندىقى مەست قىلسا، ھارام بولىدۇ(12).

ھاراقنى ھارام قىلىشتىن مەقسەت ئېنىق. ئۇ بولسىمۇ، جانابى ئاللاھ ئىنسانغا ئەقىلنى ئاتا قىلدى. ھاراق پەيدا قىلىدىغان مەستلىك ئەقىلنىڭ رولىنى بىكار قىلىۋېتىدىغان بولغاچقا، ئۇنى بىكار قىلغان نەرسە ھارام قىلىنغان. ھاراقنىڭ زىيىنىنىڭ ئېغىرلىقىدىن، بەزى كافىر دۆلەتلەرمۇ ھاراقنى چەكلىگەن ۋە ئاق زەھەر تىجارىتىنى قىلغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.

شەرىئەتتە ھاراق ئىچكەننىڭ دۇنيادىكى ماددىي جازاسى بولسا دەررە ئۇرۇش بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاراق ئىچكەنلەرنى دەررىلىگەن. خەلىفە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جازاسىنى قىرىق دەررە قىلىپ بېكىتكەن، كېيىنكى خەلىفەلەر 80 دەررە ئۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەن. قانداق ئىچىملىكتىن مەست بولغان بولسا، ئۇنىڭغا بەلگىلەنگەن جازا بېرىلىدىغانلىقىدا، ھاراقتىن ئازغىنە ئىچسىمۇ، مەست بولسۇن – بولمىسۇن، ئوخشاشلا بەلگىلەنگەن جازا بېرىلىدىغانلىقىدا ئۆلىمالارمۇ بىردەك ئىتتىپاق.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىسلام ھاكىمىيىتى ھاراق ئىچىش جىنايىتىنىڭ جەمئىيەتتە ئەۋج ئېلىپ كېتىش دەرىجىسىگە قاراپ، جازانى قىرىق دەررىدىن سەكسەن دەررىگە كۆتۈرۈش ئارقىلىق تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئىسلامدا ھاراق ئىچىشنىڭ جازاسى زىنا ۋە ئوغرىلىقتەك جىنايەتلەرنىڭ جازالىرىغا سېلىشتۇرغىنىمىزدا بەكلا يەڭگىل بولسىمۇ، بىراق ئىسلامنىڭ ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن نەپرەتلەندۈرۈشى ھەممىدىن قاتتىق بولغان. بۇنىڭ سەۋەبى ئىنسان مەست بولۇپ قالسا، قالايمىقان سۆزلەيدۇ، باشقىلارغا تىل – ھاقارەت قىلىدۇ. يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن زىنا قىلىشىمۇ، بىرەسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى، مەست بولۇپ قالغاندا ئەقلى ئۇنى باشقۇرالماي قالىدۇ. بۇ جەھەتتىن، ئىسلام ھاراق ئىچىشكە ماددىي جازا بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماي، مەنىۋى جازامۇ بېكىتكەن. ھاراقنىڭ مەنىۋى ياكى ئاخىرەتتىكى جازاسى بىر ھەدىستە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دۇنيادا ھاراق ئىچىپ ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلمىغان ئادەم، ئاخىرەتتە ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ» دېگەن.(13)

يەنە ھەدىستە ھاراق ئىچكەن كىشىنىڭ قىرىق كۈن نامىزى قوبۇل بولمايدىغانلىقىمۇ مۇنداق بايان قىلىنغان: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «كىمكى ھاراق ئىچسە، قىرىق كۈنگىچە ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئەگەر تەۋبە قىلسا، ئاللاھ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. قايتا ئىچسە، يەنە قىرىق كۈنگىچە ئاللاھ ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئەگەر تەۋبە قىلسا، ئاللاھ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. يەنە ئىچسە، ئاللاھ يەنە قىرىق كۈنگىچە ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئەگەر تەۋبە قىلسا، ئاللاھ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. تۆتىنچى قېتىم قايتا ئىچسە، ئاللاھ يەنە قىرىق كۈنگىچە ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ. تەۋبە قىلسىمۇ، تەۋبىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە ئۇنى نەھرۇلخەبالدىن سوغۇرىدۇ». بىرەيلەن ئىبنى ئۆمەردىن:

ــ ئى ئەبۇ ئابدۇراھمان! نەھرۇلخەبال دېگەن نېمە؟ – دەپ سورىغانىدى، ئۇ:

ــ نەھرۇلخەبال دېگەن دوزاخ ئەھلىنىڭ قان – يىرىڭلىرى ئاقىدىغان ئۆستەڭ، – دەپ جاۋاب بەرگەن.(14)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئۈممىتىمدىن بىر ئادەم ھاراق ئىچىپ قالسا ئاللاھ ئۇنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان.(15)

بۇ ھەدىسلەر سەھىھ بولۇپ، دىننىڭ تۈۋرۈكى ۋە بەش ئاساسىنىڭ بىرى بولغان نامازنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى ئېنىقتۇر. لېكىن، مەزمۇنى ئۈستىدە توختىلىدىغان بولساق، بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاق كەلگەن نۇقتىلار بار، بۇلار:

1. مەست ھالەتتە ناماز ئوقۇسا نامىزى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. كېيىن قازاسىنى ئوقۇيدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر مەست ھالىتىڭلاردا، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغىچە، يەنە جۇنۇب بولساڭلار، (يول ئۈستىدە بولغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا) غۇسۇل قىلمىغىچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار ﴾(4/«نىساﺋ»: 43) دېگەن ئايەتىمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ.

2. ھاراق ئىچكەنلىك جىنايىتىدىن تەۋبە قىلىپ، قايتا ئىچمەسلىككە بەل باغلىغان بولسا، تەۋبىسى ئۇنىڭ گۇناھىنى يۇيۇۋېتىدۇ. نامىزى مەقبۇل بولىدۇ. كېيىن قايتا قازاسىنى ئوقۇشقا بۇيرۇلمايدۇ.

3. مەسلىكى يېشىلگەن چاغدا ناماز ئوقۇسا قىرىق كۈندىن كېيىن قايتا قازاسىنى ئوقۇشقا بۇيرۇلمايدۇ.

4. تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە، ناماز ئوقۇسۇن ياكى ئوقۇمىسۇن ھاراق ئىچكەنلىك سەۋەبىدىن لەنەتكە ئۇچرايدۇ.

ئەمدى ھەدىستىكى ھەر خىل تەھلىل قىلىنغان نۇقتا «قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەن سۆزدىكى «قوبۇل بولۇش» بىلەن سەھىھلىك مۇناسىۋىتى بولۇپ، «قوبۇل بولمايدىغانلىقى» سەھىھ بولمايدىغانلىقنى كۆرسىتەمدۇ دېگەندە، ئالىملاردىن ئىمام نەۋەۋىي، ئىمام قەرافىي ۋە ئىمام ئىبنى ھەجەر قاتارلىق كۆپچىلىك بۇنى مۇنداق تەھلىل قىلغان:

ھاراق ئىچكەن كىشىدىن قىرىق كۈن ناماز قوبۇل بولمايدىغانلىقتىن مەقسەت ساۋابقا ئېرىشەلمەسلىكتۇر. لېكىن، نامازنىڭ ئادەتتىكى شەرت ۋە ئەركانلىرى تولۇق بولسا، پەرزنى گەدىنىدىن ساقىت قىلىدىغان دەرىجىدە نامىزى توغرا بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ قايتا ئوقۇشقا بۇيرۇلمايدۇ.

ئىمام قەرافىي ئېيتىدۇ: «قوبۇل بولۇش دېگەن ئىبادەتنىڭ توغرا بولۇش ۋە گەدەندىن ساقىت بولۇشىدىن باشقا نەرسىدۇر. چۈنكى، قوبۇل بولۇش دېگەن ئەمەلگە ساۋاب بېرىلىشتىن ئىبارەت. گەدەندىن ساقىت بولۇش بىلەن ئەمەلنىڭ توغرا بولۇشى بولسا، جازانىڭ بىكار قىلىنىشىدۇر». ئۇ يەنە: «قوبۇل بولۇش بىزگە نىسبەتەن بىزنىڭ ئەھكاملىرىمىز دائىرىسىگە كىرمەيدىغان غەيب ئىش بولغاچقا، فىقھىشۇناسلار بۇنى ئىبادەتنىڭ سۈپىتى تەرىقىسىدە تەتقىق قىلىپ ئارتۇقچە توختالمىغان» دەيدۇ.(16)

بۇلارنىڭ نەزەرىدە، بۇ ھەدىسلەردە نامازنى تىلغا ئالغانلىقى نامازنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ئىبادەت بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. يەنى ئۇنداق كىشىدىن ناماز قوبۇل بولمايدىغان بولسا، ھەرقانداق ئىبادەت قوبۇل بولماسلىقى تۇرغانلا گەپ. لېكىن، بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ھەدىسلەردىكى «قوبۇل بولمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەر ھاراقتىن توسۇش ئۈچۈن قورقۇتۇپ ۋە ھاراقنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىلغان ئىبارىلەردۇر. چۈنكى، ئۇ نامازنى شەرت ۋە ئەركانلىرى بىلەن ئادا قىلغان تەقدىردە، پەرز گەدىنىدىن ساقىت بولىدۇ، لېكىن ھاراق ئىچىشتەك پاسىقلىق ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى توسۇپ قويىدۇ. چۈنكى، ھەربىر تائەت – ئىبادەتنىڭ ئىككى تەرىپى بار: بىرى، ئادا قىلغۇچىنىڭ گەدىنىدىن ساقىت بولۇشى. يەنە بىرى، ساۋابقا ئېرىشىشىدۇر. ساۋابقا ئېرىشەلمەسلىك قوبۇل بولماسلىق دەپ ئىپادىلەنگەن.(17)

بۇ ئالىملار ئىبادەتنىڭ سەھىھ بولۇشى ئىبادەتكە ساۋاب بېرىلىشىدىن ئىبارەت، گەدەندىن ساقىت بولۇشى بۇيرۇققا ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت، دەپ سەھىھلىك بىلەن گەدەندىن ساقىت بولۇشنى ئايرىپ قارىغان. يەنى ئىبادەت گەدەندىن ساقىت بولىدۇ – يۇ، ئەمما ساۋابىغا ئېرىشىدىغان دەرىجىدە كامىل بولمايدۇ. بۇ بىر خىل تەئۋىل قىلىش بولۇپ، بۇنىڭغا كۆرە، ھاراق ئىچكەن كىشىنىڭ مەستلىكى يېشىلگەندە نامازنى ئادا قىلىشى ۋاجىب. نامازنى ئادا قىلسا ساۋاب بېرىلمىگەن تەقدىردىمۇ، پەرزنى گەدىنىدىن ساقىت قىلىش ئارقىلىق نامازنى تەرك قىلغانلىقىنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. يەنى ساۋاب بېرىلمەسلىكى ھاراق ئىچكەنلىكىنىڭ مەنىۋى جازاسى ھېسابلىنىدۇ. بۇلار: «قىرىق كۈن دەپ بېكىتىشنى ئىچكەن ھاراقنىڭ تەسىرى بەدىنىدە شۇنچىلىك مۇددەت قالىدىغان بولغاچقا، قىرىق كۈن بېكىتكەن» دېگەن.

لېكىن، بۇلار تۈرلۈك مەئسىيەتلەر سەۋەبىدىن «نامىزى قوبۇل بولمايدۇ» دەپ كەلگەن ھەدىسلەرگە قارىتا، نامىزى سەھىھ بولغان تۇرۇقلۇق قوبۇل بولمايدىغان ئەھۋاللار بىلەن نامىزى سەھىھمۇ بولماي، قوبۇلمۇ بولماي قالىدىغان ئەھۋاللارنى ئايرىيدىغانغا ئېنىق بىر ئۆلچەم بېكىتمىگەن. چۈنكى، داخانغا بېرىپ غەيبنى سورىغان كىشىدىن قىرىق كۈن ناماز قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى، ئولجىدىن ئوغرىلىغان مالدىن قىلىنغان سەدىقە قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى، ئىگىسىدىن قاچقان قۇلدىن، ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت ساقلىغان قېرىنداشلاردىن، ئېرى نارازى ھالەتتە ياتقان ئايالدىن، ئاياللارغا خاس گىرىم ئىشلەتكەن ئەردىن ناماز قوبۇل بولمايدىغانلىقى ھەدىسلەردە كەلگەن.

يەنە بىر قىسىم ئالىملار «ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشى بىلەن توغرا بولۇشى بىر – بىرىگە چېتىشلىق. بىرى تېپىلسا، يەنە بىرى چوقۇم تېپىلىدۇ، ئىبادەت سەھىھلا بولىدىكەن، مەقبۇل بولىدۇ، قوبۇل قىلىنمىغان بولسا چوقۇم باتىل بولىدۇ» دەپ قارىغان. ئىمام ئىبنى ئەقىيل مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلغان.(18)

ئىمام شەۋكانىينىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئىمام ئىبنى دەقىقىلئىيد «قوبۇل قىلىنماسلىق توغرا ئەمەسلىكنى تەقەززا قىلمايدۇ» دەپ قارىغان كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا جاۋابەن: «شەرئى قائىدىلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئىبادەت بۇيرۇققا ئۇيغۇن ئادا قىلىنسا، ساۋاب بىلەن مەرتىۋىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، گەدەندىن ساقىت قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ. بۇ مەزمۇندىكى ئېنىق ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆپتۇر» دېگەن.(19)

بۇ قاراشقا ئاساسەن، مۇنداق دېيىش مۇمكىن: ھاراق ئىچكۈچىنىڭ نامىزىنىڭ قوبۇل بولماسلىقى ھاراق ئىچىشتىن ئىبارەت ئېغىر مەئسىيەتنىڭ توسالغۇ بولغانلىقىدىن بولۇپ، خۇددى ئولجىدىن ئوغرىلىغان مالنى سەدىقە قىلسا توغرا بولمىغاندەك، مەئسىيەتلەرنىڭ تائەتنىڭ توغرا بولۇشىنى توسۇپ قويۇشى بار ئىش. بۇ ھاراق ئىچىشنىڭ قىرىق كۈنگىچە نامازنىڭ توغرا بولۇشىنى توسۇپ قويىدىغان دەرىجىدە ئېغىر گۇناھلىقىنى، مۇسۇلمان كىشى نامىزىنى قىرىق كۈن بىكار قىلىدىغان بۇنداق قىلمىشنى قەتئىي قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھاراق ئىچكەن كىشى ھاراق ئىچكەندە مۇئمىن ھالەتتە بولمايدىغانلىقى ھەققىدىمۇ سەھىھ ھەدىس بار. بۇنىڭدىن ھاراق ئىچىش ئىچكەن ۋاقتىدا ئىماننى كۆتۈرۈۋېتىپلا قالماي، قىرىق كۈنگىچە نامازنىڭ توغرا بولۇشى ۋە قوبۇل بولۇشىغا توسالغۇ بولىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇنىڭدا مۇسۇلمان كىشىگە قارىتا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بار بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بۇ تۈرلۈك ھەدىسلەر قورقۇتۇش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش تەرىقىسىدە قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن كەلگەن دېگەن چۈشەنچىسى ئىككىنچى قاراشتىكىلەرنىڭ چۈشەنچىسىگە بىرقەدەر يېقىن كېلىدۇ.

گەرچە «ئۇسۇلۇلفىقھ» تەتقىقاتى بويىچە ئىنچىكە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق تەرجىھ قىلىش ئۇنچە ئوڭاي بولمىسىمۇ، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، قوبۇل بولماسلىق توغرا بولماسلىقنىڭ نەق ئۆزى دېگەن قاراش مەيلى بۇ ئېغىر قىلمىشتىن قورقۇتۇش جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تەئۋىل قىلىشقا موھتاج بولماسلىق جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئىمان كۆتۈرۈلۈپ كېتىش ھەققىدىكى باشقا ھەدىسلەرگە ماس كېلىش جەھەتتىن بولسۇن، جانلىق كۆرۈنىدۇ.

لېكىن، بۇ قاراشتىكىلەرنىڭ يازمىلىرىدا ھاراق ئىچىپ يېشىلگەندىن كېيىن تەۋبە قىلماستىن قىرىق كۈنگىچە ناماز ئوقۇسا، ناماز بىكار بولىدىغانلىقى، قىرىق كۈندىن كېيىن ئاشۇ قىرىق كۈندە ئوقۇمىغان نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش – قىلماسلىقى ھەققىدە بىرەر مەلۇمات ئۇچراتمىدىم. ئەمما، بۇلارنىڭ قارىشىنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىرىق كۈن ئىچىدە ناماز ئوقۇسا پايدىسى بولمايدۇ، قىرىق كۈندىن كېيىن قازاسىنى قىلمايدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: «كىمكى ھاراق ئىچسە، لېكىن مەست بولمىسا، ئىچكەن ھاراق ئۇنىڭ بەدىنىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتكەنگە قەدەر ئاللاھ ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئەگەر ئۇ شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، كافىر ھالدا ئۆلگەن بولىدۇ. ئەگەر ھاراق ئىچىپ، مەست بولغان بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئەگەر شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، كافىر ھالدا ئۆلگەن بولىدۇ».(20)

بۇنىڭغا ئوخشىغان سۆزلەرنى ساھابە – كىراملار ئۆز رايى بويىچە دەۋالمايدىغان بولغاچقا، بۇ مەزمۇنمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگەن ھەدىسنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ئاللاھنى تونۇپ، رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگەشكەن مۇسۇلمانلا بولىدىكەن، ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە ئوخشاش ئەقىلنى بۇلغايدىغان نەرسىلەرگە يېقىن يولىماسلىقى، ئىچىلىدىغان ۋە چېكىلىدىغان سورۇنلاردا ئولتۇرماسلىقى، ئىستېمال قىلىپ قالغانلار تەۋبىسىز ھالىتىدە دۇنيادىن كېتىپ قالماسلىقى ۋە نامازلىرىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن دەرھال تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى، مەغپىرەت تىلىشى، قايتا قىلماسلىققا بەل باغلىشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك چارە – تەدبىرلىرىنى ئېلىشى لازىم، شۇندىلا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «ھاراققا يېقىن كەلمەڭلار. چۈنكى، ھاراق دېگەن پۈتۈن بۇزۇقچىلىقنىڭ ئانىسى. سىلەردىن بۇرۇنقى بىر قەۋمدە بىر ئابىد ئۆتكەنىكەن، بىر ئازغۇن ئايال ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال دېدىكىنى ئەۋەتىپ، ئۇ ئابىدنى (بىر مەسىلىدە) گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىپتۇ. ئابىدمۇ دېدەكنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ كەپتۇ. ھەر دەرۋازىدىن ئۆتكەندە، دېدەك ئارقىسىدىن دەرۋازىنى تاقاپ مېڭىپتۇ. شۇنداق مېڭىپ بىر ئۆيگە كىرىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئۆيدە چىرايلىق بىر ئايال، يېنىدا بىر بالا، يەنە بىر تەرەپتە بىر كوزا ھاراق تۇرغىدەك. ئايال ئۇنىڭغا:

ــ قەسەم قىلىمەنكى، مەن سېنى گۇۋاھلىققا تارتىش ئۈچۈن چاقىرمىدىم. مەن سېنى يا مەن بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە، ياكى بۇ ھاراقنى ئىچىشكە ۋە ياكى بۇ بالىنى ئۆلتۈرۈشكە چاقىردىم، – دەپتۇ. (زىنا قىلىش ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈشنى بەك چوڭ گۇناھ دەپ قارىغان) ئابىد (بۇ گۇناھلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن):

ــ ئۇنداقتا، مەن بۇ ھاراقتىن بىر قەدەھ ئىچەي، – دەپتۇ. بىر قەدەھ ئىچكەندىن كېيىن:

ــ يەنە بىر قەدەھ بېرىڭلار! – دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ھاراقنى ئىچىپتۇ، ئارقىسىدىن ئۇ ئايال بىلەن زىنامۇ قىپتۇ، ھېلىقى بالىنىمۇ ئۆلتۈرۈپتۇ. شۇڭا، ھاراقتىن بەك يىراق تۇرۇڭلار! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ئىمان بىلەن ھاراق خۇمارى ھەرگىز بىللە تۇرالمايدۇ. چوقۇم يا ھاراق ئىماننى قوغلاپ چىقىرىدۇ، ياكى ئىمان ئۇ ئادەمدىن ھاراق خۇمارىنى قوغلاپ چىقىرىدۇ».([21])

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1435، 21 – زۇلھەججە / م. 2014، 15 – ئۆكتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 28 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————–
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2475)؛ «مۇسلىم»، (57).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (80)؛ «مۇسلىم»، (2671).
3. «تىرمىزىي»، (1295). ئالبانىي «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
4. فەرەق (الْفَرَقُ): سۆزلۈكتە «ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش» مەنىسىدىكى فەرق / پەرق تومۇرىدىن كەلگەن ئەرەبچە بىر ئىسىم بولۇپ، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ھىجاز، يەمەن ۋە مىسسوپوتامىيەدە سۇ، ھەسەل، سۈت ۋە ئاشلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەجم / سىغىمىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بىرلىكىدۇر. ھەدىسلەردە كەلگەن، پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ دەۋرىدە مەدىنەدە قوللىنىلغان فەرەق «شەرئىي فەرەق» ياكى «مەدىنە فەرەقى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بەزى ھەدىسلەردە بېرىلگەن يىپ ئۇچلىرى ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن، بىر فەرەق 3 ساﺋ ياكى 12 مۇد ۋەياكى 16 رىتلغا، يەنى تەخمىنەن 8.26 لىتىر سۇ، 6.5 كىلوگرام ئاشلىققا تەڭدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، «فەرەق» ماددىسى، (تۈركچە) 12/164 – 165، ئىستانبۇل، م. 1995؛ دوكتور ئەلى جۇمۇئە: «المكاييل والموازين الشرعية (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 45 – بەت، «دارۇلقۇدۇس نەشرىياتى»، قاھىرە. م. 2021.
5. «تىرمىزىي»، (1866). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
6. «تىرمىزىي»، (1865). ئالبانىي «ھەسەن» دېگەن.
7. «مۇسلىم»، (1984).
8. دوكتور مۇھەممەد سەلىيم ئەلئەۋۋانىڭ «ئىسلامدا جازا نەزەرىيىسى» دېگەن كىتابىغا قارالسۇن.
9. خورمىنىڭ غورىسىدىن تەييارلىنىدىغان بىر خىل ھاراق.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2464)؛ «مۇسلىم»، (1980).
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4619)؛ «مۇسلىم»، (3032).
12. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 18/211.
13. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 18/221.
14. «تىرمىزىي»، (1862). تىرمىزىي «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
15. «ئەھمەد»، (6854)؛ «نەسائىي»، (5664). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
16. قەرافىي: «نەفائىسۇل ئۇسۇل»، 1/230 – 329.
17. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 14/227؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 2/244؛ موللا ئەلى قارىي: «مىرقاتۇلمەفاتىيھ»، 7/213.
18. مىرداۋىي: «ئەتتەھبىر شەرھۇتتەھرىر»، 3/1103.
19. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 1/234. ھافىز ئىراقىي: («تارھۇتتەسرىب»، 2/189.
20. «نەسائىي»، (5668). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
21. «نەسائىي»، (5666). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ