Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

قۇرئان ئەھلىگە رامزانلىق سوۋغات

ساغلام ئىسلام چۈشەنچىسىنى قانات يايدۇرۇش ۋە قارىيلىقتىن ئىبارەت پەزىلەتلىك مەرتىۋە ۋە ۋەزىپىنى توغرا يۆنىلىشتە جارىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشىنى كۆزلەپ، ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھنىڭ «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى نەشرگە تەييارلاپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇق.

بۇ ئەسەر «قۇرئان كەرىم»دىن ئىبارەت ئىلاھىي كىتاپقا مۇھەببەت باغلىغان، ئۇنى نازىل بولغىنىدەك تىلاۋەت ۋە تەپەككۇر قىلىش ئارزۇسىدا بولغان ھەر بىر قارىي ۋە قۇرئان ئەھلى ئۈچۈن مۇھىم بولغان قوللانمىلاردىن بىرى. جانابى ئاللاھ بۇ ئەسەرنى خەلقىمىزنىڭ قۇرئانىي روھقا قايتىشىغا، قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىشىغا ياردەمچى ۋە يېتەكچى قىلىپ بەرسۇن، ئامىن!

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

Please follow and like us:
Exit mobile version