سوغۇق ھاۋادا جۇنۇپلۇقتىن پاكلىنىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى (ئوغۇل)، كېچىدە جۇنۇپ بولۇپ قالسام، ياتاقتا مۇنچا يوق، مەكتەپتە مۇسۇلمانچە مۇنچا بولمىغاچقا (بۇ خەق چوڭ – كىچىك، ئوقۇغۇچى – ئوقۇتقۇچى ھەممىسى ئوپچا مۇنچىدا يۇيۇنىدۇ)، پاكلىنىش ئۈچۈن مەسجىدكە ياكى يىراقراق جايغا بېرىپ غۇسلى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ياز كۈنلىرى كىيىملىرىم بىلەنلا سۇخانىدا يۇيۇناتتىم، ھازىر ھاۋا سوغۇق ھەم بامداتقا يېقىن ئويغىنىپ قالسام سۇخانا ئۆچىرەت بولۇپ كېتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، مەن سۇخانىدا يۇيۇنسام باشقا كافىرلارغا تەسىرى ياخشى بولمىدى. بەزىدە تۇيۇقسىز غۇسلى ۋاجىپ بولۇپ قالىدۇ، ئارقا – ئارقىدىن دەرس بار، شۇڭا، بىر نەچچە نامازنىڭ ۋاقتى كېتىدۇ. بۇخىل ئەھۋالدا تەيەممۇم قىلسام بولامدۇ؟ تاھارەت ئېلىشقا تامامەن بولىدۇ، تەيەممۇمدىن كېيىن تاھارەت ئالىمەنمۇ؟ باشقا قىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۇيۇنۇش ئىشى تېخىمۇ تەسرەك. ئۇستاز بىزگە دۇئا قىلىپ قويسىلا!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

مەلۇمكى، تەيەممۇم قىلغاندا تەيەممۇم قىلىش نىيىتى بولۇشى، سۇنى يېقىن ئەتراپتىن ئىزدەپ ـ سوراپ باققان بولۇشى، ئىزدىگەندىن كېيىن سۇ تاپالمىغان بولۇشى كېرەك، ئەمما سۇ تېپىلسىمۇ سۇ ئىشلەتسە زىيان قىلىدىغان جاراھەت ياكى كېسەللىك بولغاندا، سۇ ئالىدىغان نەرسە تېپىلمىغاندا ياكى سۇنى ئېلىش ئىنتايىن قىيىن بولغاندا، دۈشمەندىن، ئوغرىدىن ياكى ياۋايى ھايۋانلاردىن قورقۇپ سۇ ئەكېلەلمەي قالغاندا، قاتتىق سوغۇقتىن توڭۇپ كەتكەندە، يېنىدا سۇ ئالىدىغان ياكى قىش كۈنلىرىدە مۇنچىغا كىرىدىغان پۇلى بولمىغاندا، ياكى يېنىدا بار بولغان سۇنى ئىشلىتىۋەتسە ئۆزى ياكى ئۇلاغلىرى ئۇسساپ قىينىلىپ قالىدىغان بولسا، بۇ ئەھۋاللاردا تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئەھۋاللاردا سۇنى بەرىبىر ئىشلىتەلمىگەنلىكتىن، بار بولغان سۇ ھۆكۈم جەھەتتىن يوق ھېسابتا بولىدۇ.

دېمەك، سۇ بار تۇرۇپ ئىسسىتىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ھاۋا سوغۇق بولغانلىقىدىن ئاغرىپ قېلىشتىن ئەنسىرىسە، سۇ بولغان تەقدىردىمۇ، يۇيۇنسا باشقىلارغا ئەۋرىتى كۆرۈنۈپ قالىدىغان ۋەزىيەت بولسا، يۇيۇنماي تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «ئېھتىلام ياكى جىمادىن جۇنۇپ بولغان كىشى غۇسلى قىلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇشى لازىم. سۇ يوقلىقىدىن ياكى ئىشلەتسە زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىدىن غۇسلى قىلالمىسا، مەسىلەن: كېسەل كىشى غۇسلى قىلماقچى بولسا، ياكى ھاۋا سوغۇق بولۇپ غۇسلى قىلسا باش ئاغرىقىدىن، ياكى زۇكامدىن، ياكى سوغۇق تېگىپ كېتىشتىن قورقسا، مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. نامازنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرسە بولمايدۇ. بۇنداق شارائىتتا ئايال كىشى غۇسلى قىلالمايمىز دەپ ئېرىنى جىما قىلىشتىن توساپ تۇرۇۋالسا بولمايدۇ. بەلكى جىما قىلىۋەرسە بولىدۇ. غۇسلى قىلالىسا قىلىدۇ، بولمىسا تەيەممۇم قىلىدۇ.»([1])

ئالىملار سۇ ئىسسىتىش ئىمكانىيىتىگە قاراپ ئىككىگە ئايرىغان:

1. سۇ ئىسسىتىش ئىمكانىيىتى بار بولغان ئەھۋالدا سۇ ئىسسىتىپ بولغىچە، ياكى غۇسلى قىلىشقا ئۆچىرەت ساقلاپ كۈتۈپ تۇرۇپ غۇسلى قىلغىچە، ياكى مۇنچىغا بېرىپ بولغىچە ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىدىغان بولسا، ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت. بىرى، يۇقىرىدا ئىمام ئىبنى تەيمىيە دېگەندەك تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. چۈنكى ناماز دېگەن ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان ئىبادەت بولغاچقا، ئۇنى ھەرقانداق ئۆزرە بىلەن ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

يەنە بىرى، ناماز ۋاقتى چىقىپ كەتسىمۇ سۇ ئىسسىتىپ غۇسلى قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. چۈنكى، ئۇ سۇ تاپقان كىشىدۇر.

2. سۇ ئىسسىتىش ئىمكانىيىتى يوق بولغان ئەھۋالدا، سوغۇق سۇنى ئىشلەتسە زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىسە، بۇنىڭدىمۇ ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت. بىرى، يۇقىرىدا ئىمام ئىبنى تەيمىيە دېگەندەك تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. تاھارەت ئالالايدىغان بولسىمۇ تاھارەت ئېلىشى كېرەك ئەمەس. چۈنكى، تەيەممۇم غۇسلىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. تەيەممۇم چوڭ ۋە كىچىك تاھارەتسىزلىكنى كۆتۈرۈۋېتىشتە يېتەرلىك.

يەنە بىرى، تاھارەت ئالالايدىغان، لېكىن غۇسلى قىلالمايدىغان بولسا، تاھارەت ئېلىپ ئاندىن تەيەممۇم قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا: ﭽئاللاھتىن تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە قورقۇڭلار ﭼ([2]) دېگەن.

يۇقىرىقىدەك، سوغۇقتىن توڭۇپ كېتىدىغان ئەھۋالدا، تاھارەت ئالمىسىمۇ تەيەممۇم قىلسىلا يېتەرلىك دېگەن قاراش كۈچلۈك. ئىسلام دىنىمىز قولايلىق دىنىدۇر.

ھەزرىتى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن زاتۇسسالاسىل غازىتىدا، سوغۇق بىر كېچىدە ئېھتىلام بولۇپ قالدىم، غۇسلى قىلسام ئۆلۈپ كېتىشىمدىن ئەنسىرەپ تەيەممۇم قىلىپ ھەمراھلىرىمغا ئىمام بولۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇدۇم، بۇ ئىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمگە يەتكەندە مەندىن: ‹ئى ئەمر! سەن جۇنۇپ ھالەتتە ھەمراھلىرىڭغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدۇڭمۇ؟› دەپ سورىدى، مەن غۇسلى قىلىشقا توسالغۇ بولغان سەۋەبنى دەپ بەردىم ۋە ئاللاھ تائالانىڭ: ﭽئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ چوقۇم سىلەرگە رەھىم – شەپقەت قىلغۇچىدۇر ﭼ ([3]) دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، دېدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزۈمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە بىر نەرسە دېمىدى».([4])

بۇ ھەدىستىمۇ تاھارەت ئېلىپ ئاندىن تەيەممۇم قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنمىغان.

يۇقىرىقىدەك قىيىن شارائىتلارغا دۇچ كېلىدىغان ئوغۇل – قىز قېرىنداشلىرىمىز تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى لازىم:

1. مۇسۇلمان ياتاقداشلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرەر ئېغىز مۇنچىغا پەردە ياكى ئىشىك بېكىتىپ، كىشى يالغۇز غۇسلى قىلالايدىغان شارائىت ھازىرلاش. قايناقسۇ ساقلاپ قويىدىغان چايدانغا ئوخشىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ پايدىلىنىش.

2. كىيىمدىكى مەنىي ھۆل بولسا يۇيۇۋېتىش، قۇرۇپ قالغان بولسا ئۇۋۇلىۋېتىش يېتەرلىك. ئەمما ئەۋرەتتىكى شالتاقلارنى ئىستىنجا ئارقىلىق تازىلىۋېتىدۇ.

3. پۇرسەت تېپىلغان ھامان غۇسلى قىلىۋېلىش.

4. غۇسلى قىلىشقا يەتمەيدىغان، ئەمما تاھارەت ئېلىشقا يېتىدىغان ئىسسىق سۇ بولغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ بىلەن ئىستىنجا قىلىپ كىيىمىنى تازىلىۋېتىش، ئېشىپ قالسا تاھارەت ئېلىۋېتىپ ئاندىن تەيەممۇم قىلىش.

5. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا تەيەممۇم قىلىپ ئوقۇغان نامازلارنى كېيىن غۇسلى قىلالايدىغان چاغدا قايتا ئوقۇمايدۇ.

6. تەيەممۇم قىلىش ئۇسۇلى: تۇپراققا ئالىقان بىلەن ئىككى قېتىم ئۇرۇپ، بىرىنچى قېتىمدا يۈزىنى، ئىككىنچى قېتىمدا قولىنى جەينەككىچە سىلايدۇ، بەزى فەقىھلەرنىڭ قارىشىدا تۇپراققا ئىككى قېتىم ئەمەس بىر قېتىم ئۇرسىمۇ، قولىنى جەينەككىچە ئەمەس بېغىشقىچە سىلىسىمۇ بولىدۇ.

7. تەيەممۇم قىلغاندا، تۇپراقنى توسىدىغان ئۈزۈك، پەلەيگە ئوخشىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشى كېرەك، تەيەممۇم قىلىشقا باشلىغاندا بىسمىللاھ دېيىش، ئالىقاننى كېرىپ تۇرۇپ تۇپراققا ئۇرۇش، ئۇرغاندىن كېيىن يۈزىنى بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن قولىنى قېقىۋېتىش، بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلاپ سىلاش، ئوڭدىن باشلاش، تەرتىپ بويىچە، باشتا يۈزىنى ئۇندىن كېيىن قولىنى سىلاش، تەيەممۇم ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارىلىقىنى ئۈزۈپ قويماي ئارقا ـ ئارقىدىن قىلىش مۇستەھەپ.

جانابى ئاللاھ تەقۋادارلىق قىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا پەزلى – مەرھەمىتى بىلەن چىقىش يولى، قولايلىق ئاتا قىلغاي!

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2012. 12. 30
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 23– نومۇرلۇق پەتۋا.

—————————

([1]) «مجموع الفتاوى» 21/451.
([2]) «تەغابۇن» سۈرىسى 16 – ئايەت.
([3]) «نىسا» سۈرىسى 29 – ئايەت.
([4]) «مسند أحمد» 17845 – ھەدىس. «ئەبۇ داۋۇد» 334 – ھەدىس. ئىمام نەۋەۋىي ۋە ئالبانىي قاتارلىقلار «سەھىھ» دېگەن. ئىمام بۇخارىيمۇ سەھىھىدە بۇ ۋەقەلىكنى قىسقارتىپ مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان.

admin@sajiye

Share
Published by
admin@sajiye
Tags: سوغۇق

Recent Posts

«ساجىيە»دىن چۈشۈرۈۋېلىڭ! «ئىسلام خىتابنامىسى»pdf سۈزۈك نۇسخىسى

دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! Download now بۇ يەردىن: «ئىسلام خىتابنامىسى» pdf نەشر ئۇچۇرى (CIP) ئىسلام خىتابنامىسى /…

21 سائەت ago

ئىككىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» خەلقىمىز ئۈچۈن رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش…

بىرلىك: 1 ھەپتە ago

20 – ئەسىرنىڭ ئەڭ يارقىن مۇسۇلمان سىياسىئونلىرىدىن بىرى، دۆلەت ئەربابى، مۇجاھىد ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ

ئىلىک بەگ مۇستافا ئوغلى ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ ھىجرىيە 1344 - يىلى 18 - مۇھەررەم، مىلادىيە 1925…

بىرلىك: 1 ھەپتە ago

يەر تەۋرەش «ئاللاھنىڭ غەزىپى»مۇ؟

شەكسىزكى، يەر تەۋرەش، چاقماق چېقىش، كۈن / ئاي تۇتۇلۇش ۋە كەلكۈن كېلىش قاتارلىق ئاپەتلەر ئاللاھنىڭ…

كۆپلۈك: 2 ئايلار ago

«رەغائىب نامىزى»نىڭ دىنىمىزدا ئاساسى بارمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تۈركىيەدىكى بەزى مۇسۇلمانلار رەجەب ئېيىدا «رەغائىب نامىزى» دەپ بىر خىل ناماز ئوقۇيدىكەن. بۇ…

كۆپلۈك: 2 ئايلار ago

توخۇنىڭ پۇتىنى ۋە پەنجىسىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئىستانبۇلدا توخۇنىڭ پۇتىنى ۋە پەنجىسىنى پىشۇرۇپ ساتىدىغان ئىشلار پەيدا بولۇپتۇ،…

كۆپلۈك: 3 ئايلار ago