«كىمكى رامازاندا بىر كۈن روزىسىنى سەۋەبسىز تۇتمىسا...» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟

«كىمكى رامازاندا بىر كۈن روزىسىنى سەۋەبسىز تۇتمىسا…» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن بىرسىدىن «كىمكى رامازان ئېيىدا بىر كۈن رۇخسەتسىز كېسەلمۇ بولماستىن روزا تۇتماي تاماق يەۋەتسە ئۇ كىشى زامان – زامانلاپ روزا تۇتسىمۇ ئادا تاپمايدۇ» دېگەن ھەدىسنى ئاڭلىدىم. بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟ بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىنى تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈپ قويۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھېچبىر سەۋەبسىز (كېسەل ياكى سەپەردە ئەمەس تۇرۇقلۇق) روزا تۇتمىغان بولسا، ئورنىغا بىر كۈن قازاسىنى قىلىۋالسا توغرا بولامدۇ؟ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىمام بۇخارىي «سەھىھ»ىدە مۇنداق دېگەن: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغانلىقى سۆزلەنگەن: «كىمكى رامازاندا بىر كۈن روزىسىنى سەۋەبسىز ھەم كېسەلمۇ بولمىغان تۇرۇقلۇق تۇتمىسا، گەرچە بىر ئۆمۈر روزا تۇتسىمۇ، شۇ بىر كۈننىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ».(1)

قارايدىغان بولساق، ئىمام بۇخارىي بۇ ھەدىسنى سەنەدسىزلا «مۇئەللەق» رىۋايەت قىلغان بولۇپ، يەنە تېخى زەئىفلەشتۈرۈش سىيغىسى بىلەن «سۆزلەنگەن، رىۋايەت قىلىنىدۇ» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن. دېمەك، ئىمام بۇخارىي نەزەرىدە بۇ ھەدىس «زەئىف».

ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي، نەسائىي قاتارلىق ئالىملار مەزكۇر ھەدىسنى سەنەدلىرى بىلەن رىۋايەت قىلغان(2) بولسىمۇ، بىراق ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىستە ئۈچ ئىللەت بارلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ ھەدىسنىڭ زەئىفلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.(3) ئىمام ئىبنى ھەزم، ئىمام قۇرتۇبىي ۋە كېيىنكىلەردىن شەيخ ئالبانىي قاتارلىقلارمۇ بۇ ھەدىسنى زەئىف دېگەن.(4)

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ: «كىمكى رامازاندا بىر كۈن روزىسىنى سەۋەبسىز ھەم كېسەلمۇ بولمىغان تۇرۇقلۇق تۇتمىسا، گەرچە بىر ئۆمۈر روزا تۇتسىمۇ شۇ بىر كۈننىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ». دەپ قارىغان.(5) ئىمام بۇخارىي «سەھىھ»ىدە بۇ رىۋايەتنى جەزملەشتۈرگەن ھالەتتە مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان. دېمەك، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شۇنداق دېگەنلىكى سەھىھتۇر. بۇ رىۋايەتنى يەنە ئىبنى ئەبى شەيبە بىلەن تەبەرانىي سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.(6)

قارايدىغان بولساق، سەھىھ ھەدىسلەردە روزىنى قەستەن بۇزىۋەتكەن كىشى ئورنىغا بىر كۈن روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلغان. بۇ ئىككى خىل ھەدىسنى ئىمام تاھاۋىي مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «ئورنىغا بىر كۈن روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان ھەدىس بىلەن بۇ ھەدىس زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، ئاۋۇ ھەدىستە قازاسىنى قىلىش كەلگەن. ماۋۇ ھەدىستە روزىسىنى بۇزىۋەتكەن ياكى روزا تۇتمىغان ئاشۇ بىر كۈن قولدىن كەتتى. ئەمدى قايتمايدۇ. گەرچە كېيىن بىر ئۆمۈر روزا تۇتسىمۇ شۇ بىر كۈننىڭ ئورنىنى ھەرگىز تولدۇرالمايدۇ دېگەن. خۇددى بىر كىشى بىر نامازنى ئۆزرىسىز ۋاقتىدا ئوقۇمىسا، ئۇنىڭغا قازاسىنى قىلىشى ۋاجىب بولغاندەكلا، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن ئۇنى دەل ۋاقتىدا ئوقۇغاندىكى ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا رامازاندا ئېغىز ئاچقان كىشى قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇلغاندۇر. ئاشۇ قازاسى ئارقىلىق دەل ۋاقتىدا روزا تۇتقان بولسا ئېرىشىدىغان ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ».(7)

يەنە سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، شەئبىي، ئىبنى جۇبەير، ئىبراھىم، قەتادە ۋە ھەمماد قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار: تەۋبە – ئىستىغپار ئېيتىش بىلەن ئورنىغا بىر كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ، دەپ قارىغان. بۇنى ئىمام بۇخارىي «سەھىھ»ىدە رىۋايەت قىلغان.([8^])

ئەمما، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە كەففارەتمۇ كېلىدۇ. كەففارەت: ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش ياكى بۇنى قىلالمىسا ئاتمىش مىسكىنگە تاماق بېرىش.

مېنىڭچە، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بۇ قارىشى ھەدىسلەردە كەلگەندەك جىما بىلەن روزىسىنى بۇزغان ئادەمگە مۇناسىپ. روزا تۇتمىغان ياكى يېمەك – ئىچمەك بىلەن روزىسىنى بۇزغان كىشى تەۋبە قىلىپ، ئورنىغا بىر كۈن قازاسىنى قىلىۋېلىشى كېرەك. چۈنكى، جىمادىن باشقا بۇ ئىشلار بىلەن روزىسىنى بۇزغان كىشى ھەققىدە ھەدىسلەردە كەففارەت بېرىش كۆرسىتىلمىگەن.

مەلۇمكى، رامازاندا ئۆزرىسىز ئېغىز ئېچىش ھارامدۇر. رامازاننىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىقمۇ ئېغىر گۇناھتۇر. شۇڭا، بۇنىڭدىن تەۋبە قىلىش زۆرۈر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 26 – رامازان / م. 2012، 14 – ئاۋغۇست

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 13 – نومۇرلۇق پەتۋا.

———-
1. «بۇخارىي»، «روزا بۆلۈمى»، «رامازاندا كۈندۈزدە جىما قىلسا قانداق بولىدىغانلىقى» دېگەن باب.
2. «ئەھمەد»، (10083)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (2396)؛ «تىرمىزىي»، (723)؛ «نەسائىي»، (3279).
3. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/161.
4. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 6/183؛ قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 11/178؛ ئالبانىي: «تامامۇل مىننە»، 396 – بەت.
5. «بۇخارىي»، يۇقىرىقى ئورۇن.
6. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (9784). تەبارانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (9575).
7. تاھاۋىي: «شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، 4/173.
8. «بۇخارىي»، يۇقىرىقى ئورۇن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ