«ھېچبىركىمنى ئەمىلى جەننەتكە كىرگۈزمەيدۇ» دېگەن ھەدىسنى قانداق چۈشىنىمىز؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئوتتۇرھاللىققا يېقىن بولۇڭلار، بىلىڭلاركى ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمىلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ، ئەمەللەرنىڭ ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈكرەكى ئاز بولسىمۇ داۋاملىشىپ تۇرغىنىدۇر.» يۇقىرىقى ھەدىستىكى: «بىلىڭلاركى ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمىلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ.» دېگەن جۈملىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز. ئاللاھ تائالا بىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، مەزكۇر ھەدىس سەھىھلىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ھەدىسلەردىن بولۇپ، ئۇنى ئىمام بۇخارى، مۇسلىملەر سەھىھلىرىدە مۇنداق رىۋايەت قىلغان:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «توغرىنى كۆزلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭلار. خۇش  بېشارەت ئېلىڭلار، چۈنكى ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمىلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ» دېگەندە، ساھابىلار: ئۆزلىرىنىمۇ شۇنداقمۇ ئى رەسۇلۇللاھ! دېيىشىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ھەئە، مېنىمۇ شۇنداق، پەقەتلا ئاللاھ مېنى ئۆز مەغپىرىتى بىلەن پەزلى – مەرھەمىتىگە ئورىسىلا ئاندىن كىرەلەيمەن» دېگەن.(1)

بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر ۋاريانتىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «توغرىنى كۆزلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭلار، بىلىڭلاركى ھېچقايسىڭلارنى قىلغان ئەمىلى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ. ئەمەللەرنىڭ ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى، ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقىنىدۇر».(2)

يەنە، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ھېچكىمنى ھەرگىزمۇ ئەمىلى قۇتۇلدۇرمايدۇ». ساھابىلار: ئۆزلىرىنىمۇ شۇنداقمۇ ئى رەسۇلۇللاھ! دېيىشىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «مېنىمۇ شۇنداق، لېكىن ئاللاھ مېنى ئۆز پەزلى – مەرھەمىتىگە ئورىسىلا كىرەلەيمەن، شۇڭا، توغرىنى كۆزلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭلار. ئەتىگەن – ئاخشام ۋە كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىدىن ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا پايدىلىنىڭلار، ئوتتۇرھال بولۇڭلار، ئوتتۇرھال بولۇڭلار، مەنزىلگە يېتىسىلەر» دېگەن.(3)

بۇ ھەدىسلەر ئىنتايىن سەھىھ ۋە ئون نەچچە ساھابىدىن رىۋايەت قىلىنىپ مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يەتكەن بولسىمۇ، ئۇنى بەزىلەر خاتا چۈشىنىپ قالغان بولغاچقا، تۆۋەندە مەنىسىنى ئىزاھلاپ ئۆتىمىز:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «توغرىنى كۆزلەڭلار» دېگەن سۆزى: بارلىق سۆز، نىيەت ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىڭلاردا خۇددى بىر نىشانغا ئوق ئېتىپ دەل تەككۈزگەندەك راۋۇرۇس قىلىشقا تىرىشىڭلار! دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ ئوتتۇرھال بولۇش دېگەن مەنىگە يېقىن كېلىدۇ. چۈنكى، تەلەپ قىلىنغان ئىشتىكى ئاشۇرۇۋېتىش ياكى كېمەيتىۋېتىش ئۇنى توغرىلىق دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىدۇ.(4)

بۇ بۇيرۇق ئاللاھ تائالانىڭ بۇ بۇيرۇقىغىمۇ ئۇدۇل كېلىدۇ: (شۇڭا، بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە سەن بىلەن ئىمانغا قايتقانلار بىلەن راۋۇرۇس بولغىن. ئاشۇرۇۋەتمەڭلار، چۈنكى ئاللاھ قىلىۋاتقىنىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.) (5)

دېمەك، بۇ بۇيرۇق، ئەقىدە – ئىخلاس، ئىش – ھەرىكەت، شەرىئەتنى ئەينەن يەتكۈزۈش ۋە ئىبادەت – ۋەزىپىلەرنى ئارتۇق ياكى كەم قىلماستىن ئورۇنداش قاتارلىق بارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن قىيىندۇر.(6)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭلار» دېگەن سۆزى: توغرىنى قىلالمىغان ئەھۋالدا ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىننى قىلىڭلار! دېگەنلىكتۇر. بۇ شەرىئەتتىكى كەڭچىلىكنى، قولايلىقنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، بەندە ئەڭ مۇكەممەلنى قىلالمىغان ئەھۋالدا تاقىتى يېتىشىچە ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان ئىشنى قىلسا شۇ يېتەرلىك. بۇ جانابى ئاللاھنىڭ: (شۇڭا، كۈچىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھتىن قورقۇڭلار،)(7) دېگەن ئايىتىگە ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئەگەر مەن سىلەرنى بىر نەرسىدىن چەكلىسەم، سىلەر ئۇنىڭدىن نېرى تۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام، ئۇنىڭدىن قىلالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار»(8) دېگەن سۆزىگە مەزمۇن جەھەتتىن ئوخشاش.(9)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «خۇش بېشارەت ئېلىڭلار» دېگەن سۆزى: توغرىنى كۆزلەپ توغرىنى قىلساڭلار ياكى بولمىسا، توغرىغا ئەڭ يېقىن بولغاننى قىلساڭلارمۇ، ئاشۇرىۋەتمىگەن، كېمەيتىۋەتمىگەن بولىسىلەر – دە، تاقىتىڭلار يەتمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئەجرىڭلار كېمىيىپ كەتمەيدۇ. نەتىجىدە، ئەمەل ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقان بولسا، كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىق توغرىسىدا خۇش بېشارەت ئالىسىلەر دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ بېشارەتنىڭ پايدىسى دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ بولىدۇ.(10)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «چۈنكى، ھېچكىمنى قىلغان ئەمىلى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: كاتتا ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن بېرىلگەن بېشارەتتىن ئۇ ساۋابنى سىلەر قىلغان تائەت – ئىبادەت ۋە سالىھ ئەمەللەرنىڭ بەدىلى دەپ ئويلاپ قالماڭلار! چۈنكى، ھېچكىمنى قىلغان ئەمىلى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ دېگەنلىك بولۇپ، بۇ، بەندە قىلغان ئەمەللىرى بىلەن جەننەتكە كىرىشكە ھەقلىق بولىدۇ، ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈشى لازىم دەيدىغان مۆتەزىلە تائىپىسىگە رەددىيە بولىدۇ».(11)

بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى رەسۇلۇللاھنىڭ: «چۈنكى، ھېچكىمنى قىلغان ئەمىلى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ » دېگەن سۆزىدىن بەزىلەر خاتا چۈشىنىۋالغاندەك «ياخشى ئەمەلنىڭ پايدىسى يوق» دېگەن مەزمۇن چىقماستىن، بەلكى ئەمەللەر جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدۇ، لېكىن ئەمەللەرنىڭ يالغۇز ئۆزىلا جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ، دېگەن مەزمۇن چىقىدۇ.

دېمەك، بۇ ھەدىستە ئەمەللەرنىڭ جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئىنكار قىلىنماستىن، جەننەتكە كىرىشتە يالغۇز ئەمەللەرگىلا تايانغىلى بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ خۇددى داۋالىنىشنىڭ ئۆزى شىپا تېپىشقا سەۋەب بولسىمۇ، لېكىن داۋالانسىلا چوقۇم شىپا تاپىدىغانلىقىنى كۆرسەتمىگەنگە، دەرسنى تەكرارلاش ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە سەۋەب بولسىمۇ، لېكىن دەرس تەكرارلىسىلا ئىمتىھاندىن چوقۇم ئۆتۈپ قالمايدىغانلىقىغا ئوخشايدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «خۇددى ئۇرۇق تېرىلىپ يامغۇر چۈشسىلا ئۆسۈملۈك ئۈنۈشكە، جىمادا مەنىي تۆكسىلا پەرزەنت تۆرىلىشكە يېتەرلىك بولمىغىنىدەك، سەۋەبنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالا ئۇنى يارىتىشنى ئىرادە قىلغان بولۇشى، بارلىق شەرتلىرى تېپىلىشى ۋە توسالغۇلارنىڭ يوقىلىشى كېرەك. ئاخىرەت ئىشىمۇ شۇنداق، يالغۇز ئەمەلنىڭ ئۆزى بىلەنلا ئىنسان سائادەتكە ئېرىشىپ قالمايدۇ. بەلكى، ئۇ بىر سەۋەبدۇر. بۇ ۋەجىدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمىلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ› دېگەن. ساھابىلار: ‹ئۆزلىرىنىمۇ شۇنداقمۇ ئى رەسۇلۇللاھ!› دېيىشىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹ھەئە، مېنىمۇ شۇنداق، پەقەتلا ئاللاھ مېنى ئۆز مەغپىرىتى بىلەن پەزلى – مەرھەمىتىگە ئورىسىلا ئاندىن كىرەلەيمەن› دېگەن».(12)

دېمەك، يۇقىرىدا رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ پەزلى – مەرھەمىتىنى جەننەتكە كىرىشكە شەرت قىلغان بولغاچقا، بۇ شەرت بىللە تېپىلسا ئاندىن ئەمەل جەننەتكە ئېلىپ كىرەلەيدۇ.

لېكىن، قۇرئاندىكى «ئەمەل بىلەن جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتلەرنى قانداق چۈشىنىمىز؟ بۇ ئايەتلەر يۇقىرىقى ھەدىسكە زىت كەلمەمدۇ؟

ئالىملىرىمىزنىڭ بايانلىرىنى يىغىپ ئېيتىدىغان بولساق، (قىلغان ئەمەللىرىڭلار بىلەن سىلەرگە مىراس قىلدۇرۇپ بېرىلگەن جەننەت ئەنە شۇدۇر).(13) (قىلغان ئەمەللىرىڭلار بىلەن جەننەتكە كىرىڭلار).(14) دېگەندەك بەزى ئايەتلەر بولسا، يۇقىرىقى ھەدىستىكى مەزمۇنغا زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئايەتلەر ئەمەللەرنىڭ ساۋابقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەمەللەرنىڭ جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. لېكىن، بۇ سەۋەب ئۆزى مۇستەقىل ھالدا نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. ھەدىستە بايان قىلىنغىنىمۇ دەل مۇشۇ نۇقتا، ئۇ بولسىمۇ، جەننەت ئەمەلنىڭ بەدىلى ئەمەس.

يۇقىرىقى ھەدىسنى ئايەتلەر بىلەن قوشۇپ چۈشىنىشتە جەبەرىييە تائىپىسىمۇ ئېزىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ تائىپە ئەمەللەرنىڭ جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئەمەللەرنىڭ جازا – مۇكاپات بىلەن ھېچقانداق چېتىشلىقى يوق دەپ قارىغان. بۇمۇ باتىل قاراش بولۇپ، يۇقىرىقى ئايەتلەر بۇنىڭغا رەددىيە بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ مەسىلىنى خاتا چۈشىنىۋالغان مۆتەزىلە بىلەن جەبەرىييە تائىپىلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىككى تائىپىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ قاراشلىرىنىڭ بىر تەرىپى توغرا، بىر تەرىپى خاتادۇر. جەبەرىييە جەننەت ئەمەلنىڭ بەدىلى ئەمەس دەپ توغرىنى تاپقان بولسىمۇ، ئەمەلنىڭ سەۋەبلىكىنى ئىنكار قىلىشتا خاتا كەتكەن. مۆتەزىلەلەر بولسا، ئەمەلنىڭ سەۋەبلىكىدە توغرىنى تاپقان بولسىمۇ، جەننەتنى ئەمەلنىڭ بەدىلى دېيىشتە خاتا كەتكەن. جەبەرىييە ئىنكار قىلغان نۇقتىنى، مۆتەزىلە ئىسپاتلىغان نۇقتا بىلەن جەملەپ، ئۇ ئىككى تائىپىنىڭ خاتا كەتكەن تەرىپىنى رەت قىلغىنىڭدا، ئۇلار يېتەلمىگەن توغرىغا يەتكەن بولىسەن».(15)

ئىمام رازى مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەللەرنىڭ ئۆزى جەننەتكە كىرىشكە ھەقلىق قىلمايدۇ. بەلكى جانابى ئاللاھ پەزلى – مەرھەمىتى بىلەن ئەمەللەرنى جەننەتكە كىرىشنىڭ ئالامىتى، بەلگىسى قىلغانلىقى جەھەتتىنلا ئەمەللەر جەننەتكە ئېلىپ كىرىدۇ. شۇنداقلا سالىھ ئەمەللەرنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بەرگۈچى ئاللاھ تائالا بولغاچقا، جەننەتكە كىرىش ئەمەلىيەتتە، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى بىلەنلا بولغان بولىدۇ».(16)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «چۈنكى، ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمىلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ» دېمىگەن بولسا، بىز تۈرلۈك نۇقسان ۋە قۇسۇرلار بىلەن تولغان ناماز ۋە روزىدەك ئەمەللىرىمىز بىلەن جەننەتكە كىرىشكە ھەقلىق بولدۇق، دەپ ئويلاپ قالغان بولاتتۇق، رەسۇلۇللاھنىڭ جەننەتكە كىرىشى كەسكىن تۇرۇقلۇقمۇ: «ھەئە، مېنىمۇ شۇنداق، پەقەتلا ئاللاھ مېنى ئۆز مەغپىرىتى بىلەن پەزلى – مەرھەمىتىگە ئورىسىلا ئاندىن كىرەلەيمەن» دېگەن سۆزىمۇ ئەمەل بىلەن مەغرۇرلىنىپ كەتمەسلىكنى، ئاللاھنىڭ پەزلى – مەرھىمىتىنى پاناھگاھ قىلىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسان ئەمەللەرنى ئاللاھنىڭ تەۋپىقى بىلەن قىلغان، گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى ئاللاھنىڭ ساقلاپ قېلىشى بىلەن تاشلىيالىغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتىدۇر.(17)

دېمەك، ئەمەللەرنىڭ جەننەتكە ئېلىپ كىرىشى ئۈچۈن، چوقۇم ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتى بولمىسا بولمايدۇ. ئەمەللەرنىڭ جەننەتكە ئېلىپ كىرىشىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدۇر. بەزى ئايەتلەردە بۇنى ئېنىق كۆرسەتكەن. مەسىلەن، (ئىمان ئېيتقان ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئۆز پەزلى – مەرھىمىتىدىن مۇكاپاتلىشى ئۈچۈن).(18) (جەننەت ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلارغا تەييارلانغان. بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر. ئۇنى خالىغان كىشىگە ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر).(19) (ئۇلار ئىلگىرىكى ئۆلۈمدىن باشقا ھېچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ. بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەرھەمىتىدىندۇر ).(20) (يۈزى ئاقارغانلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدە (جەننىتىدە) بولىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ).(21) (بۇ پەزل ئاللاھتىندۇر). (22) (ئۇلارنى ئاللاھ پەزلى – مەرھەمىتىگە كىرگۈزىدۇ). (23)

بۇ ئايەتلەر ھېچكىمنىڭ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن نېمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندىكى «ئەرزىمەس ئەمىلى» بىلەنلا جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلىقىنى، پەقەتلا ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بىلەن كىرەلەيدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ جەننەتنى ۋەدە قىلىشىنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەرھەمەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، نەقەدەر كۆپ ۋە ساۋابلىق بولسۇن، ئىنساننىڭ قىسقىغىنە ئۆمرىدە قىلغان ئەمەللىرى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ئاتا قىلىدىغان مەڭگۈلۈك نېمىتى تۈگۈل، دۇنيادا ئاتا قىلغان بىرەر نېمىتىگىمۇ باراۋەر كېلەلمەيدۇ.(24)

ئىمام ئىبنى رەجەب مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹چۈنكى، ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمىلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ› دېگەن سۆزىنىڭ ياكى ‹ھېچكىمنى ھەرگىزمۇ ئەمىلى قۇتۇلدۇرمايدۇ› دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاپ بېرىدىغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن، بىر ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنىڭ ئون ھەسسە، يەتتە يۈز ھەسسە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ھەسسىلىنىشىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى – ئېھسانىدىن بولغانلىقىدىندۇر. ناۋادا يامانلىققا بەرگىنىدەك، بىر ياخشىلىققا بىر ساۋاب ئاتا قىلىدىغان بولسا ئىدى، ياخشىلىقلار يامانلىقلارنى يوقىتىشقا كۈچىيەلمەي، ئەمەلنىڭ ئىگىسى چوقۇم ھالاك بولغان بولاتتى».(25)

شەيخ ئۇسەيمىن مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا بىزدىن ھېساب ئالىدىغان بولسا، قىلغان ياخشىلىقلىرىمىز بوينىمىزغا قەرز بولۇپ يۈكلەنگەن بولاتتى، چۈنكى ئۇ ياخشىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنئام قىلغۇچى ئاشۇ زاتتۇر. ئۇ چاغدا بىزنى ئازابلىماقچى بولسا بىزگە زۇلۇم قىلمىغان ھالدا ئازابلىغان بولاتتى. مۇشۇنداق چۈشەنسەك زىتلىق بولمايدۇ».(26)

شەيخ شەئراۋى مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا بەندىگە ئالدىن ئېھسان قىلىپ، ئۇ دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن ھاياتىنى قامدايدىغان شارائىتنى يارىتىپ بەردى. ئاندىن تاكى بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ھېچنېمىگە بۇيرۇماستىن ئۇنى نېمەتلىرىدە يايراتتى. ئالدىن ئاتا قىلغان نۇرغۇن نېمەتلىرىدىن كېيىن ئۇنى ئىبادەتكە بۇيرۇغىنىدا، بەندە بۇنىڭغا ئىلگىرىكى ئېھسانغا قارىتا بويسۇنۇشى لازىم. نەتىجىدە، ئاخىرەتتىكى مۇكاپات ئەمەلنىڭ مۇكاپاتى بولماستىن، بەلكى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە قىلغان ساپ پەزلىدۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، پەرۋەردىگارىڭ بۇيرۇغاننى ئادا قىلغىنىڭدا، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاللىبۇرۇن ساڭا قىلغان ئېھسانىغا قارىتا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان بولىسەن، بۇ چاغدا جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نېمەتلەر ئاللاھتىن كەلگەن پەزل ۋە مەرھەمەتتەك بولىدۇ. دېمەك، ئاللاھ سۇبھەنەھۇ ۋەتائالا دەسلەپكى قېتىمدىمۇ ساڭا پەزلى – مەرھەمەت قىلغان بولسا، ئاخىرەتتىمۇ ساڭا پەزلى – مەرھەمەت قىلغان بولىدۇ. تېخى يەنە ئاللاھ تائالانىڭ ساڭا شەرىئەت بەلگىلەپ ئىبادەتكە بۇيرۇغانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ بىر پەزلىدۇر. بىر ياخشىلىقنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئون ۋە نۇرغۇن ھەسسىگە قاتلانغانلىقىغا قارىمامسەن؟ بىز بولساق، بىزگە بەرسۇن – بەرمىسۇن ئۇ زاتنىڭ مۈلكىدۇرمىز».(27)

قارايدىغان بولساق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «چۈنكى، ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمىلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ» دېگەن سۆزىدە ئوتتۇرھال بولۇشقا بۇيرۇغان سىياقتا دېگەنلىكى مەلۇم بولۇپ، سۆزىنىڭ بېشىدىكى «توغرىنى كۆزلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭلار!» دېگەن سۆزىمۇ ئوتتۇرھال بولۇشنى كۆرسەتسە، «چۈنكى، ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمىلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ» دېگەن سۆزىمۇ، ئەمەلگىلا تايىنىپ كېتىپ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇكاپاتى شۇ ئەمەلنىڭ بەدىلى دەيدىغان خاتا چۈشەنچىنى تۈزىتىش ئۈچۈن دېيىلگەندۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئەمەللەرنىڭ ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى، ئاز بولسىمۇ ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقىنىدۇر» دېگەن سۆزىمۇ ئۈممىتىنى ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقان ئەمەلگە بۇيرۇشتىن ئىبارەت. بۇمۇ ئەمەلدە ئۆزىنى چارچىتىپ، ئاخىرىدا مالاللىق يەتكەن تەقدىردە، ئەمەلنى داۋاملاشتۇرالماي قالىدىغانلىقى، ئوتتۇرھال بولغاندىلا ئەمەلنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرىدۇ ھەمدە يۇقىرىدىكى ئوتتۇرھاللىققا بۇيرۇغانلىقنى تېخىمۇ تەكىتلەيدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىيە بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ: «دېمەك، بۇ ھەدىس بەندىنىڭ ئەمەللىرىگىلا تايىنىپ كەتمەي، ئەمەللەرنى بەجا كەلتۈرۈشتە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان نېمەت – ئېھسانلىرىغا قارىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى، ئەمەللىرىنى كۆپ دەپ مەغرۇرلىنىپ قارىماسلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، بەندىنىڭ ئەمەللىرى ھەرقانچە كۆپ بولسۇن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئۆز پەزلىدىن مەرھەمەت قىلىپ، ئۇنى ئەپۇ قىلمىغان تەقدىردە، ئۇ ئەمەللىرى بىلەن ھېچنېمىگە ھەقلىق بولالمايدۇ. بۇ ھەدىس يەنە بەندىنىڭ ئۆزىنى ئادەتتىكى ياللانما ئىشچىغا ئوخشىتىپ، قانچە كۆپ ئەمەل قىلسام شۇنچە كۆپ ئەجىرنى قولغا كەلتۈرىمەن دەپ تاقىتى يەتمىگەن ئىشقا كىرىشىۋالماسلىقنى، رىياكارلىقتىن ساقلىنىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرھاللىقتىن چەتنەش ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىدۇ. چۈنكى، توختىماي ئات چاپتۇرغان يولۇچى مۇساپىنىمۇ باسالمايدۇ، ئېتىنىمۇ ساق قويمايدۇ».(28)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئەتىگەن – ئاخشام ۋە كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىدىن ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ پايدىلىنىڭلار» دېگەن سۆزىمۇ ئىبادەت قىلغۇچىلارنى يولۇچىلارغا ئوخشاتقان. جەننەتكە كېتىۋاتقان يولۇچىنىڭ پۈتۈن ۋاقىتتا يول ماڭماي، ئەڭ مۇناسىپ ۋاقىتلارنى قولدىن بەرمەسلىك، ئارىلىقتا ئارام ئېلىش ئارقىلىق ئىبادەت لەززىتىنى تېتىش، زېرىكىپ قالماسلىق، ئاخىرىدا چارچىماستىن مەنزىلگە يېتىش كېرەكلىكى ئەقەللىي تەلەپتۇر. بۇمۇ ئۆزىگە قاتتىق ئىبادەت ۋەزىپىسى يۈكلىۋالغان بەزى كىشىلەردىكى خاتا چۈشەنچىنى تۈزىتىشتىن ئىبارەت. شۇنداقلا بۇ، كېچە – كۈندۈز ئارام ئالماي ھەمدە ئىبادەت ۋە باشقا ئەمەللەرنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالماي، ئەتىگەن – ئاخشام ۋە كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىردا ئاز بولسىمۇ، ساز ۋە سۈپەتلىك داۋاملاشتۇرۇشقا قىلىنغان دەۋەتتۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئوتتۇرھال بولۇڭلار، ئوتتۇرھال بولۇڭلار، مەنزىلگە يېتىسىلەر» دېگەن سۆزىمۇ توغرا يولدا مېڭىپ ئىبادەتتە ئوتتۇرھال بولغان بەندىنىڭ چارچىماستىن، قىينالماستىن جەننەت ۋە نىجاتلىققا مۇۋەپپەق بولىدىغانلىقىنى، بەك قاتتىق ئىبادەت قىلىش يولىنى تۇتقانلارنىڭ يېرىم يولدا قېلىپ نىشانغا يېتەلمەي قېلىش خەۋپى بارلىقىنى تەكىتلەشتۇر.

خۇلاسە شۇكى، ھېچكىمنى قىلغان ئەمىلى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىس سەھىھ ۋە مۇتەۋاتىر بولۇپ، بۇ ھەدىستە ئەمەل جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بېلىتى ئەمەسلىكى، جەننەتكە پەقەتلا ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى – مەرھەمىتى بىلەن كىرگىلى بولىدىغانلىقى، بۇ ۋەجىدىن كۆپ قىلىشقىلا تايىنىۋالماي، ئاز بولسىمۇ سۈپەتلىك نەپلە ئەمەللەرنى ئىخلاس ۋە چىن كۆڭۈلدىن داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى، جۈملىدىن، ھەر ئىشتا ئوتتۇرھال بولۇش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

ئەمەل بىلەن جەننەتكە كىرىش توغرىسىدىكى ئايەتلەر بولسا، ئەمەللەرنىڭ جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلگەن. شۇڭا، بۇ ئايەتلەر، مەزكۇر ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. بۇ جەھەتتىن ئايەتلەرمۇ، ھەدىسلەرمۇ ئەمەللەرنىڭ جەننەتكە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جانابى ئاللاھنىڭ پەزلى، مەرھەمىتى بولمىسا، ئەمەللەر بىلەنلا جەننەتكە كىرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، جانابى ئاللاھنىڭ ئۆز پەزلى، مەرھەمىتىنى خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2016. 11. 29

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 11 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————————–

1. سەھىھەين: «بۇخارى»، 6467 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2818 – ھەدىس.
2. سەھىھەين: «بۇخارى»، 6464 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 783 – ھەدىس.
3. سەھىھەين: «بۇخارى»، 6463 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2816 – ھەدىس.
4. «جامع العلوم والحكم»، 1/205. «النهاية في غريب الحديث والأثر»، 2/352.
5. «ھۇد» سۈرىسى، 112 – ئايەت.
6. «تفسير البيضاوي»، 3/266.
7. «تەغابۇن» سۈرىسى، 16 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
8. سەھىھەين: «بۇخارى»، 7288 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1337 – ھەدىس.
9. «غريب الحديث»، ابن الجوزي 2/228. «شرح النووي على صحيح مسلم»، 17/162.
10. «فتح الباري»، 1/95. «عمدة القاري»، 1/239.
11. «عمدة القاري»، 21/227. «طرح التثريب»، 8/228. «شرح النووي على صحيح مسلم»، 17/160.
12. «مجموع الفتاوى»، 8/70.
13. «زۇخرۇف» سۈرىسى، 72 – ئايەت.
14. «نەھل» سۈرىسى، 32 – ئايەت.
15. «مفتاح دار السعادة»، 2/92.
16. «التفسير الكبير»، 14/68.
17. «فتح الباري»، 11/297.
18. «رۇم» سۈرىسى، 45 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
19. «ھەدىيد» سۈرىسى، 21 – ئايەت.
20. «دۇخان» سۈرىسى، 56 -، 57 – ئايەتلەر.
21. «ئال ئىمران» سۈرىسى، 107 – ئايەت.
22. «نىسا» سۈرىسى، 70 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
23. «نىسا» سۈرىسى، 175 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
24. «كشف المشكل»، ابن الجوزي 3/110. «فتح البيان في مقاصد القرآن»، 2/308. «فتح المنعم»، 10/429.
25. «مجموع رسائل الحافظ ابن رجب الحنبلي»، 4/399.
26. «شرح العقيدة السفارينية»، 1/345.
27. «تفسير الشعراوي»، 19/1138.
28. «جامع الرسائل»، 1/151.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز