Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

تۈركىستانلىق كۈرەشچان مۇجاھىد مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىي

تۈركىستانلىق كۈرەشچان مۇجاھىد مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىي

تۈركىستانلىق كۈرەشچان مۇجاھىد مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىي

(ھ. 1330 – 1408/ م. 1912 – 1988)

رەھمەتۇللاھ ئىنايەتۇللاھ

بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلار كۆپ… ھەر لەھزىدە مىڭلارچە كىشى تۇغۇلىدۇ… ھەر مىنۇتتا يەنە مىڭلارچە كىشى ئۆلىدۇ ۋە نامى ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. ئازغىنە كىشىلەر باركى، ئۇلارنىڭ نامى ئۇنتۇلمايدۇ، زېھىنلەردىكى سۈرەتلىرى ئۆچمەيدۇ، بەلكى چوڭ ۋەقەلەر يۈز بېرىپ ياراملىق ئوغلانلار قىسلىشىپ كەتكەندە، ئۇلار قايتىدىن ئەسلىنىدۇ، قەدرى ئۆتۈلىدۇ. چۈنكى، بۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرى، جىھادلىرى، كۈرەشلىرى بىلەن، ياخشىلىقنى سۆيۈش ۋە ياخشىلىققا چاقىرىشى بىلەن تارىخ بەتلىرىدىن ئۆزلىرىگە ئۆچمەس ئەسلىمىلەرنى قازىدۇ. ئۇلارنىڭ جىسىملىرى ئۆلىدۇ، جىسىملىرى يەر قوينىغا كىرىپ كېتىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى مەڭگۈ يادلىنىدۇ، تارىخ خاتىرىسىدە ئۇلارنىڭ قۇتلۇق نامى مەڭگۈ يالتىرايدۇ. ئۇلار ئۆلۈك بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى، مۇبارەك ئىش – ئىزلىرى بىلەن ئىنسانلار دۇنياسىدا ياشايدۇ. چۈنكى، بۇ تۈرلۈك ئەركەكلەر ئۆزلىرىنىڭ پانىي زاتى ئۈچۈن ياشىمايدۇ، بەلكى باقىي مىللىتى ئۈچۈن ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ مىللىتى ھاياتلا بولىدىكەن، ئۇلارنى ياد ئېتىدۇ.

ئىنسان بۇ زېمىن ئۈستىدە بولىدىكەن، بۈيۈك ئەركەكلەرنى كۈيلەيدۇ، ئۇلارنى ئۈلگە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ توغرا يولىدىن نۇر ئالىدۇ، ئۇلاردىن ئىلھام ۋە ھىممەت ئالىدۇ. ئۇلار مىللەتنىڭ شان – شەرەفلىرىدۇر، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ بەرپاچىلىرىدۇر.

مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىي تارىخ نامىنى نۇرلۇق بەتلەرگە ئالتۇن سىياھلار بىلەن يازغان ئەركەكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تۈركىستاننىڭ ۋەتەن كۈرىشى، خالىس ئىسلام خىزمىتى، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش سۆيگۈسى يولىدا نۇر چاچقان بىر ئەزىمەتتۇر.

ئۇ ھاياتىنى ئىسلام دىنى ئۈچۈن، ئېزىلگەن مىللىتى ئۈچۈن، تارتىۋېلىنغان ۋەتىنى ئۈچۈن سەرپ قىلدى. بۇ يولدا جېنى، ئەھلى، مېلى — ھېچنەرسىسىنى ئايىمىدى. بۇ يولدا جاپا – مۇشەققەت، ئازاب – ئوقۇبەت ۋە غېرىبلىقلارغا بەرداشلىق بەردى. ئۇنىڭ ھاياتى كۇفۇرغا، زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزغا قارشى تۇرغان بىر مۇسۇلمان خەلقنىڭ كۈرىشىگە جانلىق مىسال بولالايدۇ. ئۇنىڭ تارىخى بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، بىر خەلقنىڭ ئەركىنلىكى، بىر ئىنساننىڭ ھۆرمىتى، بىر ئىسلامنىڭ ئىززىتى يولىدىكى جىھاد ئىدى، كۈرەش ئىدى، تىركىشىش ئىدى.

شەيخ مۇھەممەدئەمىن ئىسلامباي تۈركىستانىي م. 1912 – يىلى ياركەنت شەھىرىنىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ تەربىيەسىنى ياركەنت شەھىرىنىڭ ئالىملىرىدا ئالغان. ئاندىن كاشغەرگە سەپەر قىلىپ، ئىسلامىي ۋە پەننىي ئوقۇشلىرىنى خانلىق مەدرىسەدە تاماملىغان. ھاشىم داموللاھاجىم، شەيخ شەمسىددىن داموللام ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ئىدى. كېيىن ئۇ ياركەنتكە قايتىپ، «مەھمۇدىيە» مەدرىسەسىدە مۇدەررىس بولغان. 1932 – يىلى مۇھەممەد ئابدۇللاھ خان خوجا قۇرغان «مەتلەئۇل ئىرفان» مەدرىسەسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1936 – يىلى مائارىپ باش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

1937 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مىللىي ئىنقىلاب قايتا باشلانغاندا، تۈركىستانلىق مۇجاھىدلارنىڭ قوماندانى گېنېرال ئابدۇنىيازنىڭ سېپىغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. مىللىي ئىنقىلابچىلار ياركەنت شەھىرىنى ئوڭۇشلۇق قولغا ئالغاندىن كېيىن، ياركەنتنى 1937 – يىلى 17 – ئاپرېل ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ بازىسى قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسى كاشغەر، ئاقسۇ ۋە كۇچارغا كېڭەيگەن. لېكىن، تۈركىستانلىق ئىنقىلابچىلار بىلەن ئېلىپ بارغان جەڭلەردە زىيان تارتىشقا ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيىتى تارىيىشقا باشلىغان خىتاي ھۆكۈمرانى شىڭ شېسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم سورىغان. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت قىسىملىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەن. 1937 – يىلى 1 – سېنتەبىر كۈنى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى كاشغەر شەھىرىگە بومبىلارنى تاشلىغان. خىتاي ۋە سوۋېت قىسىملىرى بىرلىكتە ئېغىر تىپتىكى قورال – ياراغلار بىلەن مىللىي ئىنقىلابچىلار جايلاشقان يەرلەرگە ھۇجۇم قىلغان. گېنېرال ئابدۇنىياز خىتايلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، 1937 – يىلى 15 – سېنتەبىر كۈنى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. شەيخ مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىي بىر توپ مۇجاھىد سەپداشلىرى بىلەن بېرىتانىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ھىندىستاندا پاناھلانغان. ئۇ لاھۇردا ئۆزىدىن بۇرۇن 1937 – يىلى 8 – ئاپرېل كۈنى ھىندىستانغا كېلىپ پاناھلانغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي رەھبىرى ۋە مۇسۇلمان مۇجاھىدلار قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال مەھمۇد مۇھىتى بىلەن ئۇچراشقان ۋە بىر ئىسلامىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشىنى تاماملىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن رۇخسەت سورىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساھارەنپۇردىكى «مەزاھىرۇل ئۇلۇم» مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇ يەردە ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدا «ئالتە سەھىھ»نى ئوقۇغان. گېنېرال مەھمۇد مۇھىتى 1939 – يىلى ھىجاز ۋە تۈركىيەدىكى سەپەرلىرىدىن ھىندىستانغا قايتىپ كېلىپ، ئىنگلىزلار ئۇنى تۈرمىگە ئالغاندىن كېيىن، مەھمۇد مۇھىتى ھىندىستاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ياپونىيەگە سەپەر قىلغان. ئۇستاز مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىيمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سەپەر قىلىپ، ئىككىسى توكيودا تۇرۇپ قېلىپ، ئۇ يەردە 1939 – يىلى 5 – دېكابىر كۈنى «شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش جەمئىيىتى»نى قۇرغان. مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىي جەمئىيەتنىڭ باش كاتىبلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. گېنېرال مەھمۇد مۇھىتى جەمئىيەتنىڭ رەئىسى، شۇ چاغدا ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق مۇھەممەدئەمىن بۇغرا مۇئاۋىن رەئىس بولغان.

توكيودا ئۇستاز مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىي سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدىن قېچىپ توكيودا پاناھلىنىۋاتقان تاتار مۇسۇلمانلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا مۇئەللىملىك قىلغان ۋە توكيو جامەسىنىڭ ئىماملىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە بىر قىسىم تاتار رەھبەرلىرى ۋە ئالىملىرى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قازى ئابدۇرەشىد ئىبراھىم، ھاجى مۇسا جارۇللاھ قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۇستاز مۇھەممەدئەمىن كۆپلىگەن ئىسلامىي، ئەدەبىي ۋە پەننىي بىلىملەردە ئۇ ئىككىسىگە شاگىرت بولغان.

1950 – يىلى پەرز ھەجنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 29 – فېۋرال كۈنى كاراچىدا ئېچىلغان دۇنيا ئىسلام قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتنىشىپ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى قولىدا تارتقان زۇلۇملىرى ۋە خورلۇقلىرى ھەققىدە سۆز قىلغان. قۇرۇلتاي تۆۋەندىكىدەك قارار چىقارغان:

«قۇرۇلتاي شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىدىن كەلگەن دوكلاتلاردىن خەۋەردار بولدى. قۇرۇلتىيىمىز ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ئۇچرىغان رەھبەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، سۈرگۈن قىلىنىشى، ئەركىنلىكلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىدۇ. قۇرۇلتاي بۇ ئىشلارنى ئەيىبلەشنى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنى، مەزكۇر ئەلنىڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە شان – شەرەفىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، زۇلۇم – قىرغىنچىلىقلاردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنى قارار قىلدى».

دۇنيا ئىسلام قۇرۇلتىيى سايىسىدە ئۇستاز مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئالىملىرى ۋە ئالاھىدە شەخسلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ۋەتەننىڭ سىياسىي خىزمىتىگە قىزغىن بولغان. ئۇ ئىراق، سۇرىيە، لىۋان، تۈركىيە ۋە ئىئوردانىيەلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەرلەردە رەھبەرلەر ۋە ئالىملار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئۇچرىغان پاجىئەلىرىنى چۈشەندۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن 1956 – يىلى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە تۇرۇپ قالغان.

ئۇستاز مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىينىڭ مىسىردا تۇرغان ۋاقتى ۋەتەن، پىكىر ۋە تەشۋىقات خىزمىتى مەيدانىدا ئەڭ ئاكتىپ ئىشلىگەن چاغلىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىسى رېئاللىقكى، مىسىردا پىكرىي گۈللىنىش مەيدانغا كېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئالىملىرىنى ئۆزىگە تارتقان ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى بىردىنبىر ئىلمىي مۇنبەر بولغان ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇش قىزغىنلىقى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار مىسىرغا ئېقىپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، مەرھۇم مۇھەممەدئەمىن بۇغرا بىلەن ئۇستاز ئىسا يۈسۈف ئالىپتېكىندىن ئىبارەت تۈركىستانلىق ئىككى رەھبەر قاھىرەنى ئەرەب دۇنياسىدا تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن تەشۋىقات ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى قىلىشنى ئويلىشپ، ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىيدىن مەرھۇم سەپدىشى ئىبراھىم ۋاسىلىي بىلەن بىرگە بۇ ھەرىكەتكە مەسئۇل بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

 

ئۇستاز مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىي تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغاچ، ۋەتەن خىزمىتىنى مۇنداق ئىككى ساھەدە ئېلىپ باردى.

بىرىنچى: تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى، ئومۇمەن، چىن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە «ئىسلام خەلقلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش جامائىتى»، «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى» قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىسلام مەسىلىلىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان ئىسلامىي ۋە ئىلمىي ئۇيۇشما – ھەيئەتلەرگە قاتناشتى.

ئىككىنچى: تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ غېرىبلىق دەردلىرىنى يېنىكلىتىش، ئۇلارنىڭ مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي بىرلىك – باراۋەرلىكىنى ساقلاش، تارتىۋېلىنغان ۋەتىنى ۋە ئېزىلگەن قېرىنداشلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەسلىتىش ئۈمىدىدە ئۇلارنىڭ مىللىي ساپاسىغا كۆڭۈل بۆلدى. شۇنداقلا، چاغاتاي تىلىدا «ئازاد تۈركىستان» ژۇرنىلىنى چىقارغان بولۇپ، ھ. 1374، مۇھەررەم / م. 1954، سېنتەبىردە ژۇرنالنىڭ بىرىنچى سانى چىقتى. ئۇ ژۇرنال ھەققىدە مۇنداق يازغان: «ژۇرنىلىمىز دىنىي، ئىلمىي، تارىخىي، ئەدەبىي، ئىجتىمائىي ۋە تەربىيەۋى ژۇرنال بولۇپ، مۇسۇلمان تۈركىستان ۋە سانى 40 مىليونغا يېتىدىغان تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە راست ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىسلام ۋە ئىسلام دۇنياسى توغرىسىدا ئوچۇق پىكىر بېرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان مەملىكىتىدە ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ھەرەمىنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئېسىل قېرىنداشلارنىڭ ئۆيلىرىدە پاناھلانغان، شۇنداقلا ئافغانىستان، ھىندىستان، پاكىستان، تۈركىيە، ئىران قاتارلىق ئەرەب – ئىسلام ئەللىرىگە، ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيە، تەيۋەنلەردەك ئوخشىمىغان قىتئەلەردىكى ئەركىن مىللەتلەرگە سىغىنغان مىليونلىغان تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارغا ئاددىي تىرىشچانلىقىمىزنى، چوڭقۇر ئىخلاسىمىزنى، كۈچلۈك ئىمانىمىزنى سۇنىمىز».

 

ئۇستاز مۇھەممەدئەمىن ئسىلامىي بۇ ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرلىك، نەشر قىلىش، ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق جىمى ئىشلىرىغا ئۆزى ئىگە بولغان. بۇ ژۇرنال پەقەت ئۈچ سانلا چىققان بولۇپ، ژۇرنالنىڭ ماقالىلىرىنى، بولۇپمۇ تۈركىستان تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار ماقالىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆزى يازغان. ژۇرنالنىڭ بىرىنچى سانىدا ژۇرنالنىڭ نەشر قىلىنىش نىشانلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

1. تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىلمىي تەتقىقاتلارنى نەشر قىلىش.

2. تۈركىستاندىكى ۋەتەن كۈرىشى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات سۇنۇش.

3. تۈركىستاننىڭ ۋە تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىسلام خىزمىتى ۋە ئىسلام تارقىتىشتىكى رولىنى ئوچۇقلاشتۇرۇش.

4. مۇھاجىرلارنىڭ بالىلىرىنىڭ دىنىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىسلام تەلىماتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسى ھەققىدە ماقالىلەرنى نەشر قىلىش.

5. ياشلارنى تىل ۋە مىللىي ئەدەبىياتقا كۆڭۈل بۆلدۈرۈش.

6. تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ غۇربەتچىلىك ۋە ئەھلى – ۋەتەندىن ئايرىلىشتىكى دەردلىرىنى يەڭگىللىتىش، ئۆزئارا ئىجتىمائىي ۋە ئەدەبىي ئالاقىلەرنى چىڭىتىش.

ژۇرنالنىڭ ئۈچ سانىدىكى ماقالىلەرنى ئوقۇپ كۆرسەك، شۇ ئايدىڭلىشىدۇكى، مەرھۇم كۈچىنىڭ يېتىشىچە كۆزلىگىنىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىر قېرىنداشلار ئارىسىدا بۇ ساھەدە بايراقدار بولغانىدى.

بۇ ژۇرنالدىن سىرت، مەرھۇم ھ. 1379، 21 – رەجەب ئۆزىنىڭ «تۈركىستان ئەدەبىياتىدىن پارچەلەر» دېگەن تۇنجى كىتابىنى چاغاتاي تىلىدا نەشر قىلىپ چىقارغان. بۇ كىتاب بىر قىسىم تۈركىستانلىق شائىرلارنىڭ ئەدەبىي پارچىلىرى ۋە قەسىدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەرھۇم ئۇلارنى توپلاپ، ئەدەبىي ۋە مەدەنىي مىراسلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشلىرى ئۈچۈن ھەربىر مۇھاجىرغا ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا بىر دەستە گۈل سۈپىتىدە سۇنغان ئىدى. ئۇ كىتابىنىڭ مۇقەددىمەسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەدەبىيات ھەربىر تىلنىڭ ئاساسى ۋە چىقىش نۇقتىسى بولۇپ، تىل ئۆزىنىڭ ھاياتى، ئورنى ۋە قىممىتىدە ئەدەبىياتقا تايىنىدۇ. دېمەك، ئەدەبىياتىنى يوقاتقان تىل ئۆلۈك تىلدۇر. شۇنىڭدەك، ئۆزىنىڭ تىلىدىن ۋاز كەچكەن مىللەت مۇنقەرزلىككە مەھكۇمدۇر. مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، مەنىۋى مىراسلىرىنى ساقلاشقا ھەرىكەت قىلىدۇ، ئەدەبىياتنى قوللاش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن جېنى ۋە مېلىنى سەرپ قىلىدۇ».

شۇنىڭدىن كېيىن، مەرھۇم خىتاينىڭ تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنى ئىلىم – ئىرپاندىن يىراقلاشتۇرۇش، بىلىمسىزلىك ۋە ساۋاتسىزلىقنى تېڭىش، خىتاي تىلىنى شەرقىي تۈركىستاندا مائارىپ ۋە ئىدارە – ئورگانلارنىڭ تىلى قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان زوراۋان سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن. ئۇستاز مۇھەممەدئەمىن مۇنداق دەيدۇ:

«ئىشغالىيەتچىلەر بىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىمىزنى ۋە مەنىۋى مىراسلىرىمىزنى يوقىتىش، سىمۋوللىرىمىزنى ۋە ئەدەبىياتىمىزنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللاندى. ئوخشىشى تېپىلمايدىغان نۇرغۇنلىغان كىتاب ۋە قول يازمىلارنى نۇرغۇن قېتىم كۆيدۈردى، مىللىي مەدەنىيەتنى ئۆزگەرتىشكە، يات تىل ۋە بۇرمىلانغان يېزىقنى تېڭىشقا توختىماي ھەرىكەت قىلدى. نەتىجىدە، تۈركىستاندا كوممۇنىستلارنىڭ قارا كۆلەڭگىسى ئاستىدا تۇغۇلغان يېڭى ئەدەبىيات شۇنداق بىر غەلىتە ئەدەبىياتقا ئايلاندىكى، ۋەتەنپەرۋەر بىر مۇسۇلمان ئادەم ئۇنداق ئەدەبىياتنى راۋا كۆرمەيدۇ».

مەرھۇم مىللىي ئەدەبىياتقا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ياشلىرى تۈركىستان تىلى ۋە ئەدەبىياتىدىن يىراقلاشماقتا. مۇھاجىرەتتە ئەدەبىي ۋە تارىخىي ئىلمىي تەشۋىقاتلارنىڭ يوقلۇقى مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ بارماقتا. ھالبۇكى، بىز ئەسلىدە ئەدەبىياتىمىزنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ، ئەدەبىي مىراسلىرىمىزنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشىمىز، ئەۋلادلىرىمىزنى ئۆز تىلىمىزدا تەربىيەلىشىمىز، يادىكارلىقلىرىمىزنى گۈللەندۈرۈشىمىز كېرەك ئىدى. (ۋەتەندىكى) تۈركىستانلىقلار ئىشغالىيەتنىڭ زۇلمى ۋە ئېزىشى سەۋەبى بىلەن ئۆزرىلىك بولسا، ئەركىن دۇنيادىكى مۇھاجىرلارنىڭ نېمە ئۆزرىسى بار؟!».

ئۇستاز مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىي مىسىردا تۇرۇپ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە مىسىردا ئۆي – ئوچاقلىق بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مىسىردا تۇرۇشى ئۇزاققا بارمىغان. ۋەتەن خىزمىتى ئۇنى ئىشىدىن ۋە تىجارىتىدىن توسۇپ قويغان ۋە زور ئىقتىسادىي زىيان تارتقانىدى. ئۇ ھ. 1376 / م. 1956 – يىلى مىسىردىن مۇقەددەس زېمىنلارغا يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولدى. پەلەستىن مۇپتىسى ھاجى ئەمىن ھۈسەينىي ھەزرەتلىرىنىڭ ۋە قاھىرەدىكى «ئىسلام خەلقلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش» جامائىتىنىڭ رەئىسى شەيخ مۇھەممەد ئابدۇللەتىف دەرازنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن سەئۇدىيدا تۇرۇش ئىجازىتىگە ئېرىشىپ، ھ. 1398 / م. 1978 – يىلى جىددىدە ھەج ئىدارىسىدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىدى.

 

مەرھۇم سەئۇدى ئەرەبىستان مەملىكىتىدە 30 يىلدىن ئارتۇق تۇرۇش جەريانىدا، پىداكارلىقى ۋە دىن، ۋەتەن خىزمىتىدە بوشاشمىدى. ئۇنى كېسەللىك ياكى خۇسۇسىي بىر ئىش توسۇپ قويالمايتتى. ئۇ ئىسلام خىزمىتىدە بار پۇرسەتلەردىن ۋە ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلاندى، كۆڭۈل بۆلۈشلىرى ۋە پائالىيەتلىرى خىلمۇخىل بولدى. ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى مۇنداق ئۈچ ساھەگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن.

بىرىنچى: ۋەتەن خىزمىتى

ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىش مەرھۇمنى ئۆسمۈرلۈكىدىن تارتىپ ئىلكىگە ئېلىۋالغان ئىدىيە ئىدى. ئۇ ۋەتىنىنى زۇلۇم ۋە كۇفۇردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھ يولىدا قوراللىق جىھاد قىلىش بىلەن بۇ ئىدىيەسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تىرىشتى. ۋەتىنىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغىنىدىن كېيىن قولىغا قەلەمدىن ئىبارەت قورالنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ غېرىب بولۇشىغا ۋە ئەھلى – يۇرتىدىن يىراقلىشىشىغا، تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ سۈرگۈن بولۇشىغا، شۇنداقلا تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە دەرد چېكىشى ۋە ئېزىلىشىگە سەۋەب بولغان مۇستەملىكە بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇ پۈتۈن ھېس – تۇيغۇلىرىدا ئىسلامىي ئىدى. ئۇنىڭ غېمى ۋە پۈتۈن ئەس – يادى پەقەت تۈركىستان مەسىلىسى ئىدى. ئۇ ئومۇم مۇسۇلمانلارنىڭ چىن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى كوممۇنىزمنىڭ تاجاۋۇزى ۋە زۇلمىدىن قۇتۇلۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنى بىرلىشىشكە، ئىتتىپاقلىققا چاقىراتتى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ مەسىلىسى بىر، دۈشمىنى بىر ئىدى. ئۇ ئەنە شۇ ئىسلامىي مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلەتتى، تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئۆز يۇرتىنىڭ ئادەملىرىدىمۇ ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈنۈش ۋە ئوخشاش يۈزلىنىشكە ئېرىشىشىنى ئىستەيتتى. لېكىن، ھەقىقەت ئاچچىقتۇر.

مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىي (ئۇنىڭغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) مۇسۇلمان جامائەتچىلىككە تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىنىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئۇچرىغان كۈلپەتلىرىنى بىلدۈرۈش ئىستىكىدە تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىنى، ئومۇمەن، كوممۇنىست چىن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ۋە ئىسلام دۇنياسىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ھەمدە ئۇلارنىڭ دىققىتىنى كوممۇنىزمنىڭ سۇيىقەستلىرى ۋە بالايىئاپەتلىرىگە بۇراپ، نۇرغۇن ماقالە – تەتقىقاتلارنى يازغانىدى. بۇ ماقالە – تەتقىقاتلار خىلمۇخىل گېزىتلەردە نەشر قىلىنغان.

ھ. 1382 – يىلى مەككە مۇكەررەمەدە ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندا، پاكىستاندىكى ئىسلام جامائىتى ئەمىرى شەيخ ئەبۇلئەئلا مەۋدۇدىي ھەزرەتلىرى، شەيخ ئەمىن ھۈسەينىي ھەزرەتلىرى، دوكتور مۇستافا سىبائىي، دوكتور سەئىد رامازان، شەيخ مۇھەممەد مەھمۇد سەۋۋاف قاتارلىقلارغا ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئالىملىرى بىلەن بولغان ئىلگىرىكى ئالاقىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىتتىپاق باشلىقلىرى ۋە ئەزالىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشقا تىرىشتى. مۇقەددەس زېمىنلاردىكى تۈركىستان جامائىتى ئۇنى تۈركىستانلىق ئىككى رەھبەر – مۇھەممەدئەمىن بۇغرا بىلەن ئۇستاز ئىسايۈسۈف ئالىپتېكىنلارغا ۋاكالىتەن ئىتتىپاقنىڭ قانۇن تۈزۈش كومىتېتى ئەزالىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتتى. بۇ ئىش م. 1963، 9 – مارتتىن 16 – مارتقىچە ئېلىپ بېرىلغان 3 – قېتىملىق يىغىندا دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى قانۇن تۈزۈش كومىتېتىدىن مۇنداق قارارنىڭ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى:

«يەتتىنچى: تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسى… كومىتېت تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۇنۇلغان باياننامىلەرنى تەتقىق قىلىپ چىققاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك قارار قىلدى:

1. دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى باش سېكرېتارىياتى ئىسلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رۇسىيە ۋە چىندىن كەلگەن تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنى قوينىغا ئېلىشىنى… ئۇلارنىڭ خاتىرجەم تۇرۇشى ۋە ياشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا پۇقرالىق بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. تۈركىستانلىقلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ناھەقچىلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن، باش سېكرېتارىيات ئالاھىدە ئەلچىسىنى ياكى ئىتتىپاقتىن مەلۇم بىر ۋەكىلنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىلى بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

2. باش سېكرېتارىيات ئىتتىپاقنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبىغا سۇنغان باياناتنامىنى ۋە ئۇستاز مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىي تۈركىستانىينىڭ دوكلاتىنى ئىنگىلىزچە، فرانسوزچە ۋە ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىپ، ئۇنى ئىسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ئەپەندىدىن باش سېكرىتارىياتقا سۇنۇلغان باياننامە بىلەن بىللە مۇسۇلمان جامائەتچىلىكنىڭ ئۇشبۇ ئەلدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رېئاللىقىدىن خەۋەردار بولۇشى ئۈچۈن، مۇمكىنقەدەر ئەڭ كەڭ دائىرىدە نەشر قىلىشقا تىرىشىدۇ».

بىراق تۈركىستانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي مەسىلىسى بىلەن ئېرىشكەن بۇ ئىسلامىي كۆڭۈل بۆلۈنۈش ئۆزلىرىنى كوممۇنىستلار ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئومۇمىي چىننىڭ قانۇنلۇق دۆلىتى دەپ ھېسابلاپ كەلگەن تەيۋەننى بىئارام قىلدى. ھ. 1383 – يىلى تەيۋەن ۋەكىلى سالىھ سۈنشۈنۋۇ قانۇن تۈزۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا ئېرىشتى. مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىي ھ. 1383، رەجەب ئېيىدا خاتىرىلەنگەن ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ: بۇ خىتاي چىنلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىلى بولۇش ئورنىغا چىن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى بولدى. ئۇ «بۇ قارار چىننىڭ نامىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، شەرقىي تۈركىستان دەپ بىر نەرسە مەۋجۇد ئەمەس، شىنجاڭ چىننىڭ بىر ئۆلكىسى، شىنجاڭ چىنلىقلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېچىلغان، چىننىڭ بىر پارچىسى» دېگەندەك يالغان – ياۋىداقلار بىلەن تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە چىققان قارارنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن، ھەردائىم ھەق غالىبتۇركى، ھەق ئۆزىنىڭ ياردەمچىلىرىنى يوقىتىپ قويمايدۇ. شەيخ ئەبۇلئەئلا مەۋدۇدىي رەھىمەھۇللاھ ھەزرەتلىرىنىڭ باشچىلىقىدا كومىتېتنىڭ بەزى ئەزالىرى ئۇ خىتايغا رەددىيە بەردى ۋە دەۋالىرىنى پاچاقلىدى. ھۆرمەتلىك شەيخ مۇھەممەد مەھمۇد سەۋۋافمۇ مۇسۇلمان تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاپ ھەق مەيداندا تۇرغان ئىدى. قانۇن تۈزەش كومىتېتىنىڭ بەزى ئەزالىرى شۇ چاغدىكى دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىدىكى تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى سالىھ سۈنشۈنۋۇنىڭ دەۋالىرىغا رەددىيە بېرىشتە ئىشەنچلىك بىر باياناتنامە تەييارلاشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ھ. 1384 / م. 1964 – يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان مەملىكىتىدىكى تۈركىستانلىقلارنىڭ نەپىقىسى بىلەن «ئىسلام دۇنياسىغا چاقىرىق، مۇسۇلمان تۈركىستان ھەققىدە ھەقىقەتلەر» نامىدا بېسىلغان، كىچىك بىر كىتابچىنىڭ شەكلىنى ئالغان كەڭرەك بىر باياناتنامىنى تەييارلاشقا كىرىشتۇق. بەش مىڭ نۇسخا بېسىلغان بۇ كىتابچە نۇرغۇن رەھبەر، ئالىملارغا ۋە پىكىر ئەربابلىرىغا تارقىتىلىپ، ھەر ساھە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ياخشى ئالقىشىغا ئېرىشتى. رىيادتا چىقىدىغان «دەۋەت» گېزىتى ھ. 1386، 15 – شەئباندىن 24 – رامازان كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا 80 — 86 – سانلىرىدا، مەككە مۇكەررەمەدىكى «نەدۋە» گېزىتى ھ. 1383، زۇلقەئدە ئېيىدا 1572 – 1578 – سانلىرىدا، «بىلاد» گېزىتى ھ. 1384، 26 – جامادىيەلئەۋۋەل 1724 – سانىدا كىتابچىنى تولۇق نەشر قىلدى. ئۇستاز ھەبىب بەخش «نەدۋە» گېزىتىنىڭ ھ. 1384، 4 – رەجەب كۈنىدىكى 1755 – سانىدا ئۇشبۇ كىتابچىغا ئىشارە قىلىپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك، «مەنھەل» ژۇرنىلى ھ. 1384، مۇبارەك رامازان ئېيىدىكى سانىدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇش يازدى. ئاندىن كىتابچە ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، مەككە مۇكەررەمەدە ھەج ۋە ۋەقفە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «ھەج» ژۇرنىلىنىڭ ھ. 1389، 23 – رەبىيەلئاخىر كۈنىدىكى 10 – سانىدا ۋە 23 – جامادىيەلئەۋۋەل كۈنىدىكى 11 – سانىدا نەشر قىلىندى. شەيخ خەلىل ئەھمەد ھامىدىي م. 1969 – يىلى لاھۇردا بېسىلغان «سرخ أنديرون مين (قىزىل پەردە ئارقىسىدا)» ناملىق كىتابىدا ئوردۇ تىلىدا ئۇنىڭدىن پارچىلارنى نەشر قىلدى.

تەشۋىقات ساھەسىنىڭ كىتابچىغا بولغان بۇ خىل كۆڭۈل بۆلۈشىدىن كېيىن، ئۇستاز مۇھەممەئەمىن ئىسلامىيغا دۇنيادىكى ھەرخىل ئىسلامىي شەخسلەردىن نۇرغۇن تەقدىرلەش خەتلىرى كەلدى. ئۇ خەتلەر ھېلىھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدا ساقلاقلىق بولۇشى مۇمكىن. ئۇستاز مۇھەممەدئەمىن ئسىلامىينىڭ ئانا يۇرتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى زور دەرىجىدە قىزغىنلىق بىلەن داۋاملاشتى. ئۇ تۈركىستاننىڭ مىللىي رەھبىرى ئۇستاز ئىسا يۈسۈف ئالىپتېكىن بىلەن قويۇق ئالاقىدە ئىدى. ئۇستاز ئىسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ھ. 1402 – يىلى شەرقىي تۈركىستانغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن، ئىتتىپاقنىڭ قانۇن تۈزۈش كومىتېتىنىڭ يىغىنلىرىغا كەلگەن ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلغانىدى.

ئىككىنچى: دىنىي پائالىيەتلىرى

مەرھۇم ناھايىتى ئىلىملىك ۋە پەزىلەتلىك ئىدى. يۇرتى شەرقىي تۈركىستاندا، ئاندىن ھىندىستاندا، ئاندىن ئەزھەردە ئىسلامىي ئىلىملەرنى ئۆگەنگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئەدەبىياتقا ئەھمىيەت بېرەتتى ۋە خىلمۇخىل دەۋر بىلىملىرىنىمۇ مۇتالىئە قىلاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئانا تىلىغا پىششىق بولغاندەك، ئەرەبچە، فارسچە، ئوردۇچە تىللارغىمۇ پىششىق ئىدى. ئۇنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بىلىشى ئۇنىڭ ساپاسىنىڭ كۆپ قىرلىق بولۇشىغا ياردەم بەرگەنىدى. ئۇ پاساھەتلىك ۋە سىلىق گەپ قىلىدىغان، سۆزلىرى راۋان ۋە ئىپادىلەش كۈچى يۇقىرى، مېھرى ئىسسىق ۋە ئەخلاقلىق كىشى ئىدى. يىغىلىش ۋە سورۇنلاردا ئاڭنى ئۆستۈرۈش، يوليورۇق بېرىش، كىشىلەرگە دىن ئىشلىرى ۋە ئەھكاملىرىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى پۇرسەت بىلەتتى. ئۇ قاتناشقان سورۇن ھەقىقىي مۇسۇلمان سۈپەتلىنىشكە تېگىشلىك ئەخلاق، ئىلىم ۋە ئەمەلنى ئەسكەرتىش ۋە نەسىھەت قىلىشتىن خالىي بولمايتتى. ئۇنىڭ دىققەت – ئېتىبارى كۆپىنچە، تۈركىستانلىقلارنىڭ يىغىلىشلىرىدا ئۇلارنىڭ ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشكەن. ئۇنىڭ يەنە ئىسلامىي ئىشلار ۋە يەرلىك مۇناسىۋەتلەر ھەققىدىمۇ بەزى ماقالىلىرى بار. بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم ماقالىلىرى:

1. «تۈركىستانلىقلارنىڭ پادىشاھ فەيسەلنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىشى» (بىلاد گېزىتى، 951 – سان، ھ. 1381، 4 – جامادىيەلئاخىر).

2. «ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئېچىش ئالىيلىرىنىڭ پەزىلىتىدىندۇر» (بىلاد گېزىتى، 843 – سان، ھ. 1381، 4 – جامادىيەلئاخىر).

3. «گېزىت ۋە ئادەتتىكى تەشۋىقاتلارغا ‹بىسمىللاھ› ۋە قۇرئان ئايەتلىرىنى يازماسلىق توغرىسىدا» (ئۇكاز گېزىتى، ھ. 1395، 5 – رەبىيەلئەۋۋەل).

كوممۇنىست ھاكىمىيەت ئىسلامغا دۈشمەنلىك مەيدانى بىلەن تۈركىستاندىكى ئىسلامىي كىتابلارنى مۇسادىرە قىلغان ۋە كۆيدۈرگەن بىر مۇھىتتا، مەرھۇم تۈركىستان – ئىسلام يادىكارلىقلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، دىنىي ئاڭنى ئۆستۈرۈش ئىستىكىدە ئۇنى توپلاشقا، قايتا بېسىشقا ھەرىكەت قىلغان. تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ۋە سەئۇدىيدىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قايتا بېسىپ تارقاتقان كىتابلاردىن تۆۋەندىكىلەر بار:

1. «قۇرئان كەرىم»نىڭ تۈركىستانچە تەرجىمىسى. ئاپتورى سەييىد مەھمۇد ئىبنى سەييىد تىرازىي. دارۇلفۇنۇن نەشرىياتى، 1401 – يىلى، جىددە. بەت ئاستىدا بەزى ئۆزبېكچە سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىغا ئۆرۈلگەن.

2. «رياض الصالحين (ياخشىلار باغچىسى)»نىڭ تۈركىستانچە تەرجىمىسى. ئاپتورى سەييىد مەھمۇد ئىبنى سەييىد تىرازىي. دارۇلفۇنۇن نەشرىياتى، 1401 – يىلى، جىددە.

3. «ھەج كىتابى». تۈركىستانچە تىلدا. ئاپتورى سەييىد مەھمۇد ئىبنى سەييىد تىرازىي.

4. «نور البصر في سيرة خير البشر (نۇرۇلبەسەر فىي سىيرەتى خەيرىلبەشەر)». ئاپتورى سەييىد مەھمۇد سەييىد تىرازىي.

5. «تەجۋىد تۈركىي»، «ئەقائىد زۆرۈرىييە»، «ئىبادات ئىسلامىييە» قاتارلىقلار. ئاپتورى داموللا ئابدۇلقادىر ئىبنى ئابدۇلۋارىس كاشغەرىي. مەرھۇم كىتابنىڭ ئاخىرىدا مۇئەللىفنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ قويغان. دارۇلفۇنۇن نەشرىياتى، 1985 – يىلى، جىددە.

6. «ئەقائىد زۆرۈرىييە». ئاپتورى داموللا ئابدۇلقادىر ئىبنى ئابدۇلۋارىس كاشغەرىي. دارۇلئەنۋار نەشرىياتى، ھ. 1379، 21 – رەجەب، قاھىرە.

7. «شېرىن كالام: تەرجىمىھالى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ». ئاپتورى سابىت داموللا ئابدۇلباقى. كىتابنىڭ ئاخىرىدا مۇئەللىفنىڭ تەرجىمىھالىنى ۋە كىتاب ھەققىدە تونۇشتۇرۇش يازغان. دارۇلفۇنۇن نەشرىياتى، ھ. 1405 /م. 1985 – يىلى، جىددە.

8. «القصيدة السنية في العقيدة السنية وشرحها (ئەلقەسىيدەتۇس سەنىييە فىلئەقىيدەتىس سۈننىييە ۋەشەرھۇھا)… شرح ألفية ابن مالك (شەرھۇ ئەلفىييە ئىبنى مالىك)». ئاپتورى سابىت داموللا ئابدۇلباقى كاشغەرىي. كىتابنىڭ ئاخىرىغا مۇئەللىفنىڭ تەرجىمىھالىنى يازغان. دارۇلفۇنۇن نەشرىياتى، ھ. 1403 – يىلى، جىددە.

9. «ئەقائىد جەۋھەرىييە ۋە بايانۇسسۇننە». ئاپتورى سابىت داموللا ئابدۇلباقى. كىتابنىڭ ئاخىرىدا مۇئەللىفنىڭ تەرجىمىھالى بار. ھ. 1379 – يىلى، قاھىرە(1).

ئۈچىنچى: رادىئودىكى ھاياتى

ئۇستاز مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىي ھ. 1402، 13 – جامادىيەلئاخىر كۈنى سەئۇدىيدا تۇرغاندىن باشلاپ جىددىدىكى سەئۇدى رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمىگە خىزمەتكە چۈشتى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىلمىي ۋە ئەدەبىي تەجرىبىسى، ئىجتىمائىي ئورنى بىلەن بۆلۈم باشلىقى بولدى. ئۇ رادىئودا كۈندە «قۇرئان كەرىم» تەفسىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسىنى چاغاتاي تىلىدا ئاڭلىتىش بېرەتتى. ئۇ بۇ تەرجىمىدە سۈرە «ناس»تىن باشلاپ سۈرە «يۈسۈف»قا كەلگەندە ئەجەل ئۇنىڭغا تەفسىرنىڭ تەرجىمىسىنى تولۇق پۈتتۈرۈشكە پۇرسەت بەرمىدى. ئۇ كېسەل ۋە جاپاغا چىداملىق ئىدى. ئاغرىق ۋە رېماتىزم رادىئو ئىدارىسىغا بېرىشىدىن توسۇپ قويالمىغانىدى، چاقلىق ئورۇندۇق ياكى ھاسىغا تايىنىپ كېلىپ ئىشلەيتتى. نۇرغۇن قېتىملاپ ئۇنىڭغا خىزمەتنى تاشلاش پىكرى بېرىلسىمۇ ئۇنىمىغانىدى. ئۇ بۇ خىزمىتىنى ئۆتەشكە تېگىشلىك ئىسلامىي مەجبۇرىيىتى، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەتەن بۇرچى دەپ قارايتتى. ئۇ مۇشۇ ھالەتتە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھ. 1408، 7 – زۇلھەججە / م. 1988، 21 – ئاۋغۇست پەيشەنبە ئەتىگەندە بېشىغا ئەجەل كەلدى ۋە مەككە مۇكەررەمەدىكى جەننەتۇلمۇئەللا قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى. ئۇنىڭ بەش ئوغلى بار بولۇپ، ئۇلار: ئابدۇسسەمەد، ئابدۇلئەھەد (بۇ ئىككىسى شەرقىي تۈركىستاندا)، مەجدىي، مۇھسىن ۋە مىدھەت قاتارلىقلار. قالغان ئۈچى سەئۇدىنىڭ جىددە شەھىرىدە.

ئاللاھ تائالا مەرھۇمنى كەڭرى جەننەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغاي، شۇنداقلا ھايات بويى زىنھار ئۇنۇتمىغان مىللىتى ۋە ۋەتىنى يولىدا قورال ۋە قەلەم بىلەن قىلغان جىھادى ئۈچۈن مول ئەجىر – ساۋابلىرىنى بەرگەي!

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

مؤتمر العالم الإسلامي. عدد خاص بمجلة البشير عدد 11/3 رجب – شعبان 1370 كراتشي – باكستان.

محمد الله ويردي ذكريات الشيخ محمد أمين إسلامي عام 1931م صوت تركستان الشرقية

العددان 11 – 12 ربيع الثاني 1407 ص 10 – 14 العدد 13رجب 1407 ص 15 – 18

ئابدۇرېشىت يۈسۈف: يەكەندە مەدەنىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ دەسلەپكى دەۋرى ۋە تەرەققىياتى. شىنجاڭ تارىخىي ماتىرىياللىرى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. ئۆرۈمچى. 1987 – يىل 20 – سان. 60 – 75 – بەتلەر.

باي ئەزىز: مەھمۇد سىجاڭ بىلەن بولغان 12 يىل. شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. ئۆرۈمچى. 1982 – يىل 5 – سان. 138 – 171 – بەتلەر

محمد أمين إسلامي تركستاني: تركستان أدبياتيدن فارجه لر، مطبعة عطايا – القاهرة، الجمهورية العربية المتحدة 1379/1960م ص160

مجلة آزاد تركستان – تركستان الحرة: صاحبها ومديرها محمد أمين إسلامي ورئيس تحريرها الأستاذ محمد صادق عاشور. مقر المجلة: شارع سوق الخضار ميدا العتبة رقم 3 القاهرة العدد الأول محرم – صفر 1374/سبتمبر – أكتوبر 1954 ص 34 – 4. العدد الثاني ربيع الأول – ربيع الثاني 1374هـ /نوفمبر – ديسمبر 1954 ص 64 – 4 العدد الثالث ذوالقعدة – ذوالحجة 1374/يوليو – أغسطس 1955م ص 56 – 4.

محمد أمين إسلامي تركستاني: رسالة إلى العالم الإسلامي. حقائق عن التركستان المسلمة. المؤسسة العربية للطباعة بجدة 1384هـ/1964م ص 42.

محمد أمين اسلامي تركستاني: حول مسلمي الصين، مجلة المسلمون، جنيف، العدد الأول، ذي الحجة 1380هـ/مايو 1961م ص 82 – 85.

 

مەنبە: https://turkistantimes.com/ar/news-20.html

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

————————————————–
1. يەنە: «القصائد المحمودية» ئاپتورى سەييىد مەھمۇد ئىبنى سەييىد تىرازىي. توپلاپ نەشر قىلغۇچى: مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىي. 1401 – يىلى نەشرى. — ساجىيە.

 

Please follow and like us:
Exit mobile version