Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

مۇرابىتىينلار دۆلىتىنىڭ داھىيسى يۈسۈف ئىبنى تاشفىن

(ھىجرىيە 400 – 500 / مىلادىيە 1009 – 1106)

 

                                     «ئاللاھقا قەسەمكى، ئەگەر قايتىپ كەتمىسەڭ چوقۇم مۇرابىتىينلاردىن بىر يەلپۈگۈچ ئەۋەتىپ سېنى شامالدىتىپ قويىمەن»[1].

                                                                                                                                                                                                                                                                  _ ئەلمۇئتەمىد ئىبنى ئابباد

2009 – يىلى ياز ئايلىرىنىڭ بىر ئاخشىمى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئىشبىيلىيە[2] شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا كېتىۋېتىپ، خىيالىمدا ئەلفونسو ئالتىنچى بۇ شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالغان ھالەتنى تەسەۋۋۇر قىلدىم. ئەمەلىيەتتە، مەن ئىلگىرى مۇسۇلمانلار ئۇششاق بەگلىكلەر دەۋرىدە قانداقسىگە بۇنداق پاسسىپ ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، دەپ داۋاملىق سوئال قوياتتىم ۋە ئۇششاق بەگلىكلەرنىڭ بەگە – ئەمىرلىرى سادىر قىلغان قىلمىشلارنى ئەيىبلەيتتىم. مەن ئىشبىيلىيەنىڭ كوچىلىرىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاپېلسىن دەرەخلىرىنى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى بۈك – باراقسان قۇرتۇبە[3] باغچىلىرىنى كۆرگىنىمدە ۋە غەرناتەنىڭ قىزىل قەسىرگە ئېلىپ بارىدىغان يوللىرىدا ماڭغىنىمدا، ئۆز – ئۆزۈمگە مۇنداق سوئال قويدۇم: ناۋادا مەن ئۇششاق بەگلىكلەر دەۋرىدە ئەندەلۇسنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىنىڭ بېگى بولغان بولسام بەگلىك ماقامىمدىن ۋاز كېچەلەرمىدىم؟ ناۋادا ئەلمۇئتەمىد ئىبنى ئاببادنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام ئەلفونسو ئالتىگە ئۇرۇش ئاچارمىدىم ياكى ئېئتىماد ئەررۇمەيكىيە[4]نىڭ يېنىدا قېلىپ، مۇشۇ ئاپېلسىن دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا مۇڭلۇق ئاۋازدا دېكلاماتسىيە قىلغان شېئىرلىرىنى ئاڭلاش بەدىلىگە ئۇنىڭغا خىراج[5] تۆلەر بولغىيمىدىم؟

ئەمەلىيەتتە، مەن گەرچە ئۇششاق بەگلىكلەر چۈشۈپ قالغان بۇ خار ھالەتنى ئاقلاشقا ھېچقانداق سەۋەب تاپالمىغان بولساممۇ، ئەمما كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان بۇ شەھەرلەردە ئۇلار دۇچ كەلگەن سىناقلارنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئىسپانىيەگە قىلغان زىيارىتىم جەريانىدا قىلغان مۇلاھىزىلىرىم مېنىڭ بۇ يەكۈنىمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

مەن ئۇ يەردە شۇنى كۆردۈمكى، ھەر بىر شەھەرنىڭ ئەتراپىدا ھەر تەرەپتىن ئوراپ تۇرغان تاغ – دەريا ۋە دېڭىزلاردىن تەركىب تاپقان تەبىئىي چېگرالار بار ئىكەن. بۇ ئەندەلۇسنىڭ ھەر بىر شەھىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كىچىك دۆلەت تۈسىنى ئېلىشىغا سەۋەب بولغانىكەن. شەكسىزكى، بۇنداق ئەھۋال ھەر بەگنىڭ مۇستەقىل بولۇش ئويىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئېھتىمال، ئىسپانىيە ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان كاتالونىيەدىكى ئاپتونومىيە تۈزۈلمىسى بىلەن باسك رايۇنىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش تەلىپى ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشلەر بۇ سۆزىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى بولۇشى مۇمكىن.

مەلۇم ئەھمىيىتى بار دەپ قارىغان مۇقەددىمىدىن كېيىن بىز ئىشبىيلىيەگە قايتىپ كېلەيلى!

ئەلفونسو ئالتىنچى ئىبنى ئاببادنى مەسخىرە قىلىپ، مۇھاسىرە ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئىبنى ئاببادتىن يەلپۈگۈچ ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ ئەۋەتكەن ھېلىقى مەكتۇپنى ئىبنى ئابباد ئۆرۈپلا ئارقىسىغا: «ئاللاھقا قەسەمكى، ئەگەر قايتىپ كەتمىسەڭ چوقۇم مۇرابىتىينلاردىن بىر يەلپۈگۈچ ئەۋەتىپ سېنى شامالدىتىپ قويىمەن» دەپ يازىدۇ. ئەلفونسو بۇ جۈملىنى ئوقۇ – ئوقۇمايلا مۇسۇلمانلارنىڭ شۇ ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ھەممە تەرىپىدە نامى مەشھۇر بولغان مۇرابىتىينلاردىن قوشۇن تەشكىللىشىدىن قورقۇپ، دەرھال ئۆز يۇرتىغا چېكىنىپ كېتىدۇ. ئىبنى ئابباد ئەلفونسو ئالتىنچىنىڭ مۇرابىتىينلارنىڭ ئىسمىنى ئاڭلا – ئاڭلىمايلا قايتۇرغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ، 22 ئۇششاق بەگلىكلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىلىشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ھەر قايسى بەگلەرگە ئەلچى ئەۋەتىدۇ. ھەر قايسى بەگلىكلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر جىددىي يىغىلىشى ئەمەلىيلىشىدۇ. ئىبنى ئابباد ئەلفونسو بىلەن بولغان ئەھۋالنى ۋە ئۇنىڭ مۇرابىتىينلارنىڭ ئىسمىنى ئاڭلا – ئاڭلىمايلا قايتۇرغان ئىنكاسىنى يىغىن ئەھلىگە ئاڭلىتىپ، ئەلفونسونىڭ بۇنداق ئاسانلا تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ سەكراتتا ياتقان دادىسىغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە، ئىسلامىي مەۋجۇتلۇقنى يوقاتمىغۇچە بەگلىكلەرگىمۇ ئىشبىيلىيەگە ھۇجۇم قىلغاندەك ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاندىن ئىبنى ئابباد مۇرابىتىينلارغا ئەندەلۇستىكى مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇشقا كېلىشنى تەلەپ قىلىپ مەكتۇپ ئەۋەتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دەل شۇ پەيتتە يىغىن زالىنى ئىبنى ئاببادنىڭ بۇ تەكلىپىنى رەت قىلغانلارنىڭ شاۋقۇن – سۈرەنلىرى قاپلاپ كېتىدۇ. ئۇلاردىن بىرى ئىبنى ئاببادقا: «سەن ئۇ تۆگە باقىدىغان تومپايلارنى ئەلفونسو بىلەن جەڭ قىلسۇن، ئاندىن ناۋادا غەلىبە قىلىپ قالسا، بىزنىڭ بۇ گۈل – گۈلىستان دىيارلىرىمىزدا قېلىپ، بىزدىن ھۆكۈمرانلىقنى تارتىۋېلىپ، بىزنى تۆگە باقىدىغان پادىچىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى ئۈچۈن چاقىرىپ كەلمەكچىمۇ؟!» دەپ ۋارقىرايدۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا ئىشبىيلىيەنىڭ ھۆكۈمدارى بولغان ئىبنى ئابباد ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، تارىخ كىتابلىرىغا خاتىرىلەنگەن مۇنۇ مەشھۇر سۆزنى ئېيتىدۇ: «ئاللاھقا قەسەمكى، مەغرىبنىڭ سەھرالىرىدا تۆگە باققىنىم ياۋرۇپادا چوشقا باققىنىمدىن ياخشى!».

شۇ پەيتتە بەتلىيۇسنىڭ بېگى ئەلمۇتەۋەككىل ئىبنى ئەلئەفتۇس بۇ تەكلىپنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ئارقىدىن غەرناتەنىڭ بېگى ئابدۇللاھ ئىبنى بىلقىينمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئابباد جىددىي ياردەم تىلەش مەكتۇپىنى مەغرىبكە ئەۋەتىدۇ.

ئەندەلۇستىكى مۇسۇلمانلاردىن ياردەم سوراش مەكتۇپى كەلگەن ھامان مۇجاھىد ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئۆمەر ئەللەنتونىينىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى، مۇجاھىد قوماندان، مۇرابىتىينلارنىڭ رەئىسى يۈسۈف ئىبنى تاشفىن ئەللەنتونىي ئۇنى ئېچىپ ئوقۇيدۇ – دە، بىر قىسىم قوشۇنلىرى بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ ئەندەلۇسنىڭ شىمالىي ئوتتۇرا قىرغىقىغا قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ. يۈسۈف ئىبنى تاشفىن جەبەلتارىق بوغۇزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، قاتتىق بوران چىقىپ كېمە غەرق بولۇپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. شۇ پەيتتە رەببانىي (ئىخلاسمەن، خۇداگۇي) قوماندان يۈسۈف ئىبنى تاشفىن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىدا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! ئەگەر بىزنىڭ مۇشۇ دېڭىزدىن ئۆتۈشىمىز بىز ۋە ئۇ جايدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ياخشى بولىدىغان بولسا، بىزگە بۇ جايدىن ئۆتۈشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، بىزگە بۇ جايدىن ئۆتۈشنى نېسىپ قىلمىغىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ. ئۇ دۇئاسىدىن بىكار بولۇشىغىلا بوران توختايدۇ.

يۈسۈف ئىبنى تاشفىن ئەندەلۇس ساھىلىغا يېتىپ كېلىشىگە ئەندەلۇس خەلقى بۇ غايىۋىي قەھرىماننىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىگە خۇشال بولۇپ، ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. ئۇلار ئۇ ۋە مۇرابىتىينلارنىڭ قەھرىمانلىق قىسسىلىرىنى بەك كۆپ ئاڭلىغان ئىدى. ئۇنى ئىبنى ئابباد قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. ئاندىن 30 مىڭ ئەسكەردىن تەشكىل تاپقان مەزكۇر مۇسۇلمانلار قوشۇنى «زەلاقە» دېيىلىدىغان جايغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئەلفونسو ئالتىنچى بۇ خەۋەرنى ئاڭلايدۇ، ۋاتىكان پۈتكۈل ياۋرۇپادا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جىددىي ھالەت جاكارلايدۇ. ۋاتىكان پاپاسى ياۋرۇپانىڭ ھەر يېرىدىكى كاتولىكلارغا مەكتۇپ ئەۋەتىدۇ. مەكتۇپتا بۇ جەڭگە قاتناشقان ھەر كىشىنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى يېزىلىدۇ، ھەر بىر جەڭچىگە شەخسەن پاپادىن بىۋاسىتە تاپشۇرۇۋالىدىغان ئاچقۇچقا ئېرىشىدىغانلىقىنى، بۇ ئاچقۇچنىڭ شۇ كىشىنىڭ جەننەتتىكى قەسىرىنىڭ ئاچقۇچى بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن فىرانسىيە، ئىتالىيە، گىرمانىيە، ئەنگىلىيە (ئەنگىلىيەمۇ شۇ ۋاقىتتا كاتولىك ئىدى) قاتارلىق جايلاردىن چەۋەندازلار يىغىلىشقا باشلايدۇ ۋە ئەلفونسو ئالتىنچى ئۈچۈن، سانى مۇسۇلمان ئەسكەرلەردىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان، شۇ ۋاقىتتىكى ياۋرۇپا قورال – ياراغ زاۋۇتلىرى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئىشلەپچىقارغان قوراللار بىلەن تولۇق قوراللانغان ئەسكەرلەر ھازىر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نىشانى مۇشۇ قېتىملىق «زەلاقە ھەل قىلغۇچ جېڭى» بىلەن ئەندەلۇستىكى ئىسلامىي مەۋجۇتلۇقنى پاك – پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلاش ئىدى. ئەلفونسو ئالتىنچى ئەسكەر سانى بۇنچىۋالا كۆپ بولغان قوشۇنى بىلەن كۆرەڭلىگەن ھالدا: «بۇ قوشۇن بىلەن ئىنسانلار ۋە جىنلار بىلەن جەڭ قىلىمەن، ئاسماندىكى پەرشتىلەر بىلەن جەڭ قىلىمەن، مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن جەڭ قىلىمەن» دېگەنىدى.

ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇنى پەيشەنبە كۈنى زەلاقەنىڭ ئالدى تەرىپىگە بارگاھ قۇردى. شۇ دەملەردە يۈسۈف ئىبنى تاشفىن ئۇششاق بەگلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن ئاجايىپ بىر ئىشنى قىلدى. يۈسۈف ئىبنى تاشفىن ئەلفونسوغا ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ، ئەگەر ئۇنى قوبۇل كۆرمىسە جىزىيە تۆلەشنى تەلەپ قىلىپ مەكتۇپ ئەۋەتتى. ئۇ، مەكتۇپتا مۇنداق دېگەن:

مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمىرى يۈسۈف ئىبنى تاشفىندىن رىم پادىشاھى ئەلفونسو ئالتىگە:

توغرا يولدا بولغانلارغا سالام! سېنىڭ بىز تەرەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن بىر كېمەڭ بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلغانلىقىڭ بىزگە يەتتى. شۇڭا، بىز سەن تەرەپكە ئۆتتۇق. سەن دۇئارىڭنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىسەن، كاپىرلارنىڭ قىلغان دۇئاسى پايدىسىزدۇر. مەن ساڭا ئىسلامنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئۇنىمىساڭ، خار ھالەتتە جىزىيە (ئولپان، باج) بېرىسەن، بۇنىڭغىمۇ ئۇنىمىساڭ، جەڭگە تەييار بول! مەن پەقەت مۇشۇ ئۈچ سەۋەبتىنلا ساقلاۋاتىمەن».

مەكتۇپنى كۆرگەن ئەلفونسو ئالتىنچى مەزكۇر ئۇششاق بەگلىكلەرنى جىزىيە تۆلەشكە بۇيرۇشقا مەن ئەڭ ھەقلىق دەپ قارىغانلىقتىن، ئىززەت ۋە ھۆرمەتكە ساھىپ مەزكۇر مۇسۇلمان قوماندانغا دەرغەزەپكە كېلىدۇكى، غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەلفونسو مۇسۇلمانلارنى ئالدىماقچى بولۇپ، يۈسۈف ئىبنى تاشفىنغا مۇنداق مەكتۇپ يوللايدۇ: «ئەتە جۈمە، مۇسۇلمانلارنىڭ بايرام كۈنى. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بايرام كۈنلىرىدە جەڭ قىلمايمىز. شەنبە كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ بايرام كۈنى. قوشۇنىمىزدا نۇرغۇن يەھۇدىيلار بار. يەكشەنبە كۈنى بىزنىڭ بايرىمىمىز. شۇڭا، جەڭنى دۈشەنبە كۈنىگە كېچىكتۈرەيلى».

يۈسۈف ئىبنى تاشفىن ئەھلى سەلىبلەرنىڭ ئەزەلدىن ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگەچكە، قوشۇنلىرىغا تەييارلىقتا ۋە ھوشيار ھالەتتە تۇرۇشنى تاپىلايدۇ.

شۇ كۈنلەردە ئەلفونسو ئالتىنچى ئۇيقۇسىدا غەلىتە بىر چۈش كۆرىدۇ. ئۇ چۈشىدە پىلغا مىنىۋېلىپ دۇمباق چېلىۋاتقۇدەكمىش. بۇ چۈش ئۇنى قورقۇتىدۇ. ئۇ پوپلاردىن بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى سورىغاندا، ھېچكىم ئۇنىڭغا تەبىرىنى دەپ بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر يەھۇدىينى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى بىلىپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇ يەھۇدىي چۈش تەبىرىنى بىلىدىغان بىر مۇسۇلمان شەيخنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا چۈشنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇ چۈشنى ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇ شەيخ: «يالغان سۆزلىدىڭ يەھۇدىي! بۇ چۈش سېنىڭ ئەمەس، ماڭا چۈشنىڭ ساھبىنى ئېيتىپ بېرىشىڭ كېرەك، ئەگەر ئېيتمىساڭ، يېنىمدىن كەت» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىي ئۇنىڭغا: «سىر تۇتقىن، بۇ چۈش پادىشاھ ئەلفونسو ئالتىنچىنىڭ» دەيدۇ. ئۇ شەيخ: «مەن بۇ چۈشنىڭ ئۇنىڭ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ چۈشى بولالمايدىغانلىقىنى بىلگەنىدىم. بۇ چۈش بۈيۈك بىر بالايىئاپەتكە، ئېغىر بىر پالاكەتكە ئىشارەتتۇر. پىلغا كەلسەك، ئاللاھ تائالا: ﴿(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ پىللىق قوشۇننى قانداق (ھالاك) قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟﴾ دېگەن. دۇمباق چېلىشقا كەلسەك، ئاللاھ تائالا: ﴿سۇر چېلىنغان ۋاقىت…﴾ دېگەن» دەيدۇ. يەھۇدىي ئەلفونسو ئالتىنچىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، جەڭ بولسۇن دەپ ئۇنىڭغا چۈشنىڭ تەبىرىنى دەپ بەرمەيدۇ. يېرىم كېچە بولغاندا، ئىبنى رۇمەيلە ئىسىملىك بۈيۈك مۇسۇلمان ئالىم ئويغىنىپ، ئەمىر يۈسۈف ئىبنى تاشفىننىڭ چېدىرىغا ئالدىراپ بېرىپ، ئۇنى ئويغىتىدۇ ۋە خۇشال ھالدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەمىر ھەزرەتلىرى! بۇ كېچە مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چۈشىدىم. ماڭا: ‹ئىبنى رۇمەيلە! سىلەر غەلىبە قازىنىسىلەر، سەن بىزگە ئۇچرىشىسەن› دېدى». يۈسۈف ئىبنى تاشفىن تەكبىر ئېيتىپ قوشۇننى ئويغىتىدۇ ۋە قوشۇنغا «ئەنفال» سۈرىسىنى ئوقۇش ۋە كېچىچە ناماز ئوقۇش بۇيرۇقى چۈشۈرىدۇ، بۇ چۈشنىڭ خۇشاللىقىدا ئەسكەرلەرنى قۇچاقلاپ كېتىدۇ. ئەسكەرلەر شېھىد بولۇش ئىشتىياقىدا يىغلامىسىراشقا باشلايدۇ.

جۈمە كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن نامەرد ئەلفونسو يۈسۈف ئىبنى تاشفىننىڭ مۆلچەرلىگىنىدەكلا قوشۇنلىرى بىلەن مۇسۇلمان ئەسكەرلەرگە تاڭ يورۇشىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم باشلايدۇ. لېكىن، مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېلىقى چۈشتە ئايان بولغاندىن كېيىن ئەلفونسونى كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى. شىددەتلىك زەلاقە جېڭى باشلاندى. مۇسۇلمانلار ئون يىللاردىن بېرى تۇنجى قېتىم يۈسۈف ئىبنى تاشفىننىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا زەپەر قۇچتى. 60 مىڭ ئەھلى سەلىبتىن بىر پاچىقىدىن ئايرىلغان ئەلفونسو ئالتىنچى بىلەن قوشۇپ يۈزدەكمۇ دۈشمەن قالمىدى. ئەلفونسو ئالتىنچى قېپقالغان بىر پاچىقى بىلەن قەشتالەگە قېچىپ بارىدۇ ۋە شۇ جايدا بىر يىلدىن كېيىن ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. مۇسۇلمانلار ھەددى – ھېسابسىز غەنىيمەتنى قولغا چۈشۈرىدۇ. ئەمما، يۈسۈف ئىبنى تاشفىن ۋە مۇرابىتىينلار ئۇنىڭدىن قىلچىلىك بىر نەرسە ئالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇسۇلمانلارنى قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن مەغرىبكە قايتىپ كېتىدۇ. ئۇششاق بەگلىكلەر يەنە قايتىدىن جەڭگى – جېدەل قىلىشىدۇ. شۇ تۈپەيلى ئەندەلۇسلۇقلار ماراكەشتىكى ئەمىر يۈسۈف ئىبنى تاشفىنغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنى ئۇششاق بەگلىكلەردىن ئازاد قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. يۈسۈف ئىبنى تاشفىن مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈپ ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ قېلىشتىن قورقۇپ، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىشقا ئۇنىمايدۇ. مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىن ئۇنى ئەندەلۇسنى قۇتقۇزۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان پەتىۋالار كېلىشكە باشلايدۇ. ئارىسىدا ئەبۇ ھامىد ئەلغەززالى باغدادتىن ئەۋەتكەن ئۇنىڭ ئەندەلۇسنى قوشۇۋېلىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى يېزىلغان بىر پارچە مەكتۇپمۇ بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈف ئىبنى تاشفىن ئەندەلۇسنى مۇرابىتىينلارنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋالىدۇ ۋە ئۇششاق بەگلىكلەرنىڭ «كومېدىيە»سىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

كېيىن بۇ، بۇ ئۈممەتنىڭ شانۇ – شەۋكەتلىك تارىخىدىكى شانلىق بىر سەھىپە _ قەھرىمان مۇرابىتىينلارنىڭ سەھىپىسى، ئابدۇللاھ ئىبنى ياسىن، يەھيا ئىبنى ئىبراھىم ئەلجەدالىي، يەھيا ئىبنى ئۆمەر ئەللەمتۇنىي، ئەبۇ بەكرى ئەللەمتۇنىي، يۈسۈف ئىبنى تاشفىن قاتارلىق قەھرىمانلارنىڭ سەھىپىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇلار پەقەت ماۋرىتانىيەنىڭ جەنۇبىدا تۆگە باقىدىغان پادىچىلار ئىدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىغا چىڭ ئېسىلغان. شۇڭا، ئاللاھ ئۇلارنى دىنىغا چىڭ ئېسىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە ئەزىز قىلىپ، ئافرىقا تارىخى تونۇغان ئەڭ قۇدرەتلىك ئىمپېرىيەنىڭ ساھىبلىرى قىلغان.

مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء أمة الاسلام غيروا مجرى التاريخ» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: بىلىميار
—————————–
[1] ئەلفونسو ئالتىنچى ئۆز ۋەزىرىنىڭ ئەلمۇئتەمىد تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئىشبىيلىيە (سېۋېلىيە) گە قوشۇن تارتىپ شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ ۋە ئەلمۇئتەمىد ئىبنى ئاببادقا بۇ جايغا ئورۇنلىشىدىغانلىقىنى ۋە بۇ جايدا چىۋىندىن باشقا كىشىنى بىزار قىلىدىغان نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى، شۇڭا چىۋىن قورۇش ئۈچۈن يەلپۈگۈچتىن بىرنى ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئېيتىپ مەكتۇپ ئەۋەتكەندە ئەلمۇئتەمىد مەكتۇپنىڭ ئارقىسىغا مەزكۇر جۈملىنى يېزىپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
[2] ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «سېۋېلىيە» دەپ ئېلىنغان.
[3] ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «كوردوفان»، «كوردوۋان» دەپ ئېلىنغان.
[4] ئېئتىماد ئەررۇمەيكىيە ئەندەلۇسلۇق شائىرە بولۇپ، ئىشبىيلىيەنىڭ بېگى ئەلمۇئتەمىد ئىبنى ئاببادقا ياتلىق بولغان. شېئىرىيەت تالانتى ۋە ھۆسن – جامالىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن مەشھۇر ئىدى. 488 ھ (1095 م) ۋاپات بولغان.
[5] باج، سېلىق. _ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى».

Please follow and like us:
Exit mobile version