Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئۇۋال قىلىنغان ئالىم ئۆمەر ھەييام

ئۇۋال قىلىنغان ئالىم ئۆمەر ھەييام

ئۇۋال قىلىنغان ئالىم ئۆمەر ھەييام

(ھ. 439 – 526 / م. 1048 – 1131)(1)

 

ئاپتورى: ئەھمەد ھۇسەين بەكر

ئۆمەر ھەييامنىڭ زېھنىمىزدە ئەكس ئەتكەن تەسۋىرى

«ئۆمەر ھەييام» دېسىلا كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا دەرھال قولىدىن رومكا چۈشمەيدىغان، لېۋى خىيالىدىن چىقمايدىغان سۆيگىنىگە ئاتالغان شېئىر – غەزەللەرنى تۆكۈپ تۇرىدىغان، داۋاملىق تەڭشىلىپ مەست يۈرۈيدىغان، مەستلىكىدىن يېشىلگەندە بولسا شەك – شۈبھە دۇنياسىغا ئۆزىنى ئاتىدىغان، «روھى تەشۋىش ۋە تۇراقسىزلىقلار ئىلكىدە پۇچۇلىنىۋاتقان، نەپىسىنى ۋەسۋەسە ۋە خام – خىياللار چىرمىۋالغان»(2)، ھاياسىز، زابوي شائىرنىڭ سىماسى كېلىدۇ.

ئۆمەر ئىبنى ئىبراھىم ھەييام ياكى ھەييامىي نىشاپۇرىي ئىسمى بىلەن زىچ باغلانغان بۇ زېھنىي تەسۋىر ئۇنىڭ دېيىلىدىغان رۇبائىيلار سەۋەبلىك پەيدا بولغان.

ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرى

ئۆمەر ھەييامنىڭ ھايات كەچمىشىگە نەزەر سالغان كىشى ئۇنىڭ ئۇنى دۇنياغا مەشھۇر قىلغان، نامىنى ھەر تەرەپكە تاراتقان، دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارغا ھەتتا ئەرەب تىلىغا 30 نەچچە قېتىمدىن ئارتۇق تەرجىمە قىلىنغان، ئۇنى ئەڭ مەشھۇر فارس شائىرى قىلغان رۇبائىيلىرىغا قەرزدارلىقىنى، بۇ رۇبائىيلارنىڭ ساھىبىنىڭ ھاياتىي دۇنيانىڭ شاراب، ساھىبجامال قاتارلىق كىشىنى شادلاندۇرىدىغان نېئمەتلىرىنى قولدىن بەرمەي ئوبدان بەھرىلىنىشكە چاقىرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇ رۇبائىيلىرىدا ئۆزىنىڭ غەم – قايغۇسى، پۇشايمىنى، ھەسرىتى، ئىنتىزارى، ئىزتىراپى، نالە – پەريادى ۋە ھودۇقۇشلىرى، ئۆمۈرنىڭ قىسقىلىقىغا، ھاياتلىق، ئۆلۈم ۋە يوقۇلۇشنىڭ تېپىشماقلىرىنى تېپىش ئالدىدا ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى، نائىلاجىلىقى ۋە بىقوۋۇللىقىغا ھەيرەتتە قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى، تېگىگە يېتىش ۋە سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن سوئال – سوراق قىلىش، سەركەشلىك قىلىش، ئىسيانكارلىق، ئارىسالدى بولۇش، گۇمانخورلۇق، شۈبھىلىنىش قاتارلىقلاردىن ئىزچىل قول ئۈزمىگەنلىكىنى بايقايدۇ.

مانا بۇ بەزىلەرنىڭ ئۇنى ھاياسىزلىق، زىندىقلىق، دەھرىيلىك، ئىسلامنىڭ ئەھكاملىرىدىن چەتنەپ كەتكەنلىك بىلەن ئەيىبلىشىدىكى ۋە ئۇنى جەبەرىي(3)، باتىنىي(4)، روھلارنىڭ كۆچۈشىگە ئىشىنىدىغان ۋە شۇم بېشارەت بېرىدىغان بىرى دېيىشىدىكى دەستىكىدۇر.

خوش، ئەمدى قويۇلۇشى كېرەك بولغان بىر سوئال بار: ئۆمەر ھەييامغا ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلگەن رۇبائىيلارغا قاراپ ھۆكۈم قىلغىلى بولامدۇ؟

شۈبھىسىزكى، مەلۇم بىر ئەدىبكە تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان ئەدەبىي ئەسەرلەر شۇ ئەدىبنىڭ ئىدىيەسىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا باھا بېرىشتە ئەڭ ئىشەنچلىك پاكىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئۇ ھەقتە ئەڭ دەسلەپ يېزىلغان نەرسىلەر ياندىشىپ كېلىدۇ. شۇڭا، تەتقىقاتچىلار ئۆمەر ھەييامنىڭ خاراكتېرىنىڭ قىياپىتىنى سۈرەتلەپ بېرىش ۋە ئۇنىڭ ھاياتلىق ھەققىدىكى كۆزقاراش ۋە پىكىرلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكى، دىن، پەيغەمبەر، كائىنات ۋە ھاياتلىققا بولغان قارىشىنىڭ قانداقلىقى قاتارلىقلارنى يەكۈنلەپ چىقىشتا رۇبائىيلارغا تايانغان. ئەمما، بىز ئىگىسىگە نىسبەت بېرىلىشىدە ھەممىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بولمىغان بىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئالدىدا. شۇنداق بولغاچقا، بەزىلەر ئۆمەر ھەييامغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىشەنچلىك بولغان رۇبائىيلارنىڭ سانىنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلگەن مىڭدىن ئارتۇق رۇبائىيلارنىڭ ئىچىدە پەقەت 11 – 17 دەپ قارايدۇ(5). شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ رۇبائىيلارنىڭ ئۆزئارا زىتلىققا تولغان بولۇشى بەزىلەرنىڭ ئۆمەر ھەييام بىرلا ئەمەس، بەلكى ئىسمى ئوخشاش ئىككى ئادەم دېيىشىگە سەۋەب بولغان. چۈنكى:

ياشىدىم دائىما نازىنىن ئارا،

ھەم يۇقى مەي – شاراب قوللىرىمدا.

دېيىشتى: ئاللاھ قىلار مەغپىرەت،

(دېدىمكى) نە ئۇ ئۇنداق قىلار، نە مەن توۋا(6)

دېگەن مىسرالاردا ئوپئوچۇق ئاسىيلىق قىلغان ۋە تەۋبە قىلىشنى رەت قىلغان بولسا:

قىلسام گەر تاغ كەبى گۇناھ – مەئسىيەت،

تىلەيمەن چوقۇمكى سەندىن مەغپىرەت.

دېگەنىدىڭ: مەن سېنىڭ غەمگۈزارىڭمەن،

ئاتا قىل شۇ ئاندا ئەڭ كۈچلۈك مەدەت(7).

دېگەن مىسرالاردا ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىدا ئۈمىدۋار بولۇشنىڭ نە قەدەر ئېسىل ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

دىققەت تارتىدىغان نۇقتا شۇكى، ئۆمەر ھەييام ئۆز دەۋرىدە ئەسلا شائىر بولۇپ تونۇلمىغان. ئۆمەر ھەييام ھەققىدە مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن قولىمىزدا بار ئەڭ قەدىمىي ئەسەر ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى نىزامىي سەمەرقەندىي (ۋاپاتى ھ. 560 / م. 1161 – يىلى ئەتراپىدا) نىڭ «چهار مقالە» دېگەن كىتابىدۇر. بۇنىڭغا نەزەر سالغان كىشى بۇ كىتابتا كەلگەن ئۆمەر ھەييام ھەققدىكى مەلۇماتلارنىڭ شېئىر ۋە شائىرلارغا ئالاقىدار ھېچقانداق باياننى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقى، ئۇنىڭ پەقەت ئىلمىنۇجۇم ۋە مۇنەججىملەر ھەققىدىكى بايانلارنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ(8). يەنە ھ. 7، / م. 13- ئەسىردە ياشىغان مۇھەممەد ئۇفىيمۇ ئۆزىنىڭ فارسچە يازغان، شائىرلارنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدىكى ئەڭ قەدىمىي كىتاب بولغان (ھ. 625 / م. 1228 – يىلى يېزىپ تاماملىغان) «لۇبابۇل ئەلباب / لباب الألباب»تىمۇ ئۆمەر ھەييامنى بىر قېتىم بولسىمۇ تىلغا ئېلىپ باقمىغان. ئەمىر دۆلەتشاھ سەمەرقەندىي (ۋاپاتى ھ. 900 – يىللىرى ئەتراپىدا بولغان) مۇ ئۆزىنىڭ « ئەرەب ۋە ئەجەم شائىرلىرىنىڭ پەزىلەتلىرى ۋە ئەھۋالى ھەققىدە شائىرلار تەزكىرىسى / تذكرة الشعراء في مناقب وأحوال شعراء العرب والعجم» دېگەن كىتابىدا ئۆمەر ھەييام ھەققىدە مەخسۇس توختالمىغان، پەقەت ئۆزىنىڭ بىر نەۋرىسىنىڭ تەرجىمىھالىدا ئىككى ئېغىزلا سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتكەن(9).

ئۇنداقتا، ئۆمەر ھەييامغا تەۋە ئىكەنلىكى كەسكىن ھالەتتە ئېنىق بولمىغان بۇ رۇبائىيلارنىڭ شۇنچىۋالا شۆھرەتكە نائىل بولالىغانلىقى قانداق گەپ؟

ئۆمەر ھەييامنىڭ نامىنىڭ مەشھۇر بولۇشىدىكى تۆھپە رۇبائىيلىرىنى ۋە ئۆزىنى قىزغىن قارشى ئالغان غەربكە، بۇنىڭدىكى تۆھپە 1856 – يىلى ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىنى ئىنگىلىزچىغا (م. 1859) تەرجىمە قىلغان مەشھۇر ئىنگىلىز شائىرى ئىدۋارد فىتزجېرالد Edward FitzGerald (م. 1809 – 1883) قا ئائىتتۇر. بۇ تەرجىمە ئەسلى تېكىستنى شۇ ۋاقىتتىكى غەرب ئەقلىيىتى بىلەن ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مۇجەسسەملىيەلىگەن تەرجىمە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى ھەققىدە بىر تۈركۈم كىتابلار ۋە رىسالەلەر مەيدانغا چىقىشقا باشلىغان ۋە ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق جايلارغا كەڭرى تارالغان. شەرقشۇناس ناسان ھېكسىل دۇل: «پەقەت ئۆمەر ھەييام توغرىسىدىلا يېزىلغان ھەممە تىلدىكى ئەسەرلەرنى توپلاپ چىقىشنىڭ ئۆزىلا كىشىنىڭ بىر پۈتۈن ئۆمرىنى مۇشۇ ئىشقا ئاتىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇ ئەسەرلەرنىڭ يىغىندىسى بىلەن تامامەن ئاۋات بىر كۇتۇبخانا بەرپا قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن(10).

ئۆمەر ھەييامغا باھا بېرىش ۋە ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تەسۋىرلەپ بېرىش بىزدىن ئۇنىڭغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان زىتلىقلار ۋە شەك – شۈبھىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن رۇبائىيلاردىن كۆزىمىزنى يىغىشىمىزنى ۋە ئىشەنچلىك بايانلار، شەك – شۈبھىسىز ھەقىقەتلەر ۋە مەنتىقىلىق دەلىل – پاكىتلارغا ئاساسلىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىيلار تەسۋىرلەپ بەرگەن قىياپىتى يا راست بولۇپ چىقىدۇ، يا تۈزىتىلىدۇ، يا پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلۈپ يېپيېڭى قىياپىتى نامايان بولىدۇ.

ئۆمەر ھەييامنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى

ئەرەبچە ۋە فارسچە تەرجىمىھال كىتابلىرىدا ئۆمەر ھەييامنىڭ خاراكتېرىنى سۈرەتلىگەن، ئۇنىڭغا ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى تۈرلۈك ئىلىم ساھەلىرىدىكى ئىناۋىتى ۋە نوپۇزىنى ئېتىراپ قىلغان بىر قىسىم بايانلار كەلگەن. نىزامىي سەمەرقەندىي: «مەن ئۆمەر ھەييامنىڭ پىكىر يۈرگۈزمەي سۆزلىمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن… مەن بۇ ئالەمدە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم» دېگەن(11).

نەجمۇددىن ئەبۇبەكرى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەررازىي (ھ. 564 – 654 / م. 1168 – 1256) ئۇنى «مىرسادۇل ئىباد / مرصاد العباد من المبدأ الى المعاد»تا: «ئۇ زامانىسىدىكى پەزىلەتلىك بىر ئىنسان، ئۇ دانالىقى ۋە چېچەنلىكى بىلەن مەشھۇر» دەپ سۈپەتلىگەن (12).

«ئىبنى فەندەمە» نامى بىلەن تونۇلغان زەھىرۇددىن ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى زەيد بەيھەقىي (ھ. 499 – 565 / م. 1106 – 1170) ئۇ توغرىسىدا «تەتىممە سىۋانىلھىكمە / تتمة صوان الحكمة»دا مۇنداق دېگەن: «ئۇ ھېكمەت بىلىملىرىنىڭ ھەر تۈرىدە ئەلى ئىبنى سىناغا ئوخشايدۇ… ئۇ فەقىھ، تىلشۇناس ۋە تارىخچى زات ئىدى»(13).

جامالۇددىن ئەلى ئەلقىفتىي (ھ. 568 – 646 / م. 1173 – 1248) «ئىخبارۇل ئۆلەماﺋ بئەخبارىل ھۆكەماﺋ / إخبار العلماء بأخبار الحكماء»دا مۇنداق دېگەن: «ئۆمەر ھەييام خۇراساننىڭ ئىمامى ۋە زامانىسىنىڭ ئەللامىسى، گرېتسىيە بىلىملىرىدىن خەۋىرى بار… ئاسترونومىيە ۋە ھېكمەتتە يېگانە. مۇشۇ ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغان زاتتۇر»(14).

ئىمام ئەبۇ يەھيا زەكەرىيا ئىبنى مۇھەممەد قەزۋىينىي (ھ. 605 – 682 / م. 1203 – 1283) «ئاسارۇلبىلاد ۋەئەخبارۇلئىباد / آثار البلاد وأخبار العباد»تا: «ئۆمەر ھەييام ھېكمەتنىڭ ھەر تۈرىنى، بولۇپمۇ ماتېماتىكىغا ئائىت پەنلەرنى پىششىق بىلىدىغان دانا كىشى ئىدى» دېگەن(15).

بەيھەقىي مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى بايان قىلىدۇ: «ئۆمەر ھەييام بىر كۈنى ۋەزىر ئابدۇراززاق ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ قېشىغا كىرگەنىدى. ۋەزىر قارىيلارنىڭ پېشۋاسى ئەبۇلھەسەن ئىبنى ئەلغەززال (ۋاپاتى ھ. 516 / م. 1122 – يىلى) بىلەن قارىيلارنىڭ بىر ئايەتتىكى پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئۇنى كۆرگەن ۋەزىر: ‹مانا دەل ئىشنىڭ ئەھلى كەلدى› دەيدۇ. ئاندىن ئىمام ئۆمەر ھەييامدىن بۇ توغرىسىدا سوئال سورالدى. ئىمام قارىيلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئوخشىمىغان پىكىرلىرىنى، ھەربىرىنىڭ دەلىللىرىنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئېتىبارغا ئېلىنىدىغىنى بىلەن ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغىنىنى بىرمۇبىر ئېيتىپ بېرىدۇ ۋە ئارىسىدىن بىر قاراشنى تاللاپ بېرىدۇ. ئىمام ئىبنى ئەلغەززال: ‹ئاللاھ سىلى كەبى ئۆلىمالارنى كۆپەيتىپ بەرسۇن، مېنىمۇ ھەقامسايىلىرى قاتارىغا قېتىۋالسىلا ۋە مەندىن رازى بولسىلا. مەن ھۆكۈمالار تۈگۈل، ھايات قارىيلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسى بۇنى يادقا بىلىدۇ دەپ ئويلىمىغانىكەنمەن› دەيدۇ»(16).

ئىمام ئۆمەر ھەييامنىڭ ئىلمىي تۆھپىلىرى

بىز ئۆزگەرمەس پاكىتلارغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۆمەر ھەييامنىڭ ئىلمىي تىرىشچانلىقلىرى بىلەن ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، پەلسەپە، مېدىتسىنا قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە ھەسسە قوشقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق «ئىمام»، «ھەقىقەت ھۆججىتى»، «ئەللامە»، «ھۆكۈما»، «دەستۇر»، «پەيلاسوپ» دېگەندەك ئاتاقلارغا نائىل بولغانلىقىنى بايقايمىز.

ئىمام ئىززۇددىن ئىبنۇلئەسىر (ئەبۇلھەسەن ئەلى ئەلجەزەرىي) ھ. 467 – يىلىدىكى ھادىسىلەر قاتارىدا شۇنى تىلغا ئالىدۇكى، سەلجۇقىيلار سۇلتانى مەلىكشاھ (ھ. 447 – 485 / م. 1055 – 1092) ئەڭ مەشھۇر مۇنەججىملەرنى يىغقان. ئۇلار نورۇزنى ھەمەل (بۇرجى — ت) نىڭ بىرىنچى نۇقتىسى قىلىپ بەلگىلىگەن… سۇلتاننىڭ قىلغان بۇ ئىشى كالېندارلارنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان… سۇلتان مەلىكشاھنىڭ رەسەتچىلىك خىزمەتلىرىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا بولغان. بۇ خىزمەتكە بىر تۈركۈم مەشھۇر مۇنەججىملەر يىغىلغان، بۇلارنىڭ قاتارىدا ئۆمەر ئىبنى ئىبراھىم ھەييامىيمۇ بار ئىدى… رەسەتچىلىك سۇلتان ھ. 485 / م. 1092 – يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر داۋاملاشقان(17).

ئەلقەزۋىنىي: «سۇلتان ئۆمەر ھەييامغا مەزكۇر رەسەتخانىغا ئەسۋاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل – مال بەرگەنىدى» دېگەن(18).

جەلالىددىن مەلىكشاھقا مەنسۇب قىلىنغان مەزكۇر كالېندار ئۆمەر ھەييام ئىجراسىغا نازارەتچىلىك قىلغان ئىلمىي ئىجرائاتلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مىلادىيە كالېندارىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىنچىكە ئىدى(19).

ئۆمەر ھەييامنىڭ ئىلمىي يازما مىراسلىرى بار بولۇپ، بۇلار ماتېماتىكا، پەلسەپە، تەبىئەت، خېمىيە قاتارلىقلارغا ئائىت يازغان ئەسەرلىرىدە نامايان بولىدۇ. ئۇ بۇ ئەسەرلىرىنى ئەرەبچە ۋە فارسچە ئىككى تىلدا يازغان. بەزىلىرى نەشر قىلىنغان، يەنە بەزىلىرى قوليازما ھالىتىدە. مەسىلەن: «ئالگېبىرا ھەققىدە رىسالە / رسالة في الجبر والمقابلة»، «چەمبەرنىڭ تۆتتىن بىرىنى بۆلۈش ھەققىدە رىسالە / رسالة في قسمة ربع الدائرة»، «ئىقلىيدىس مەنبەلىرىدىكى مۇجمەللىكلەرنىڭ يەشمىسى ھەققىدە رىسالە / رسالة في شرح ما أشكل مِن مصادرات إقليدس» قاتارلىقلار.

پەلسەپە ھەققىدە بەش پارچە رىسالە قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى فارسچە بولۇپ، «مەۋجۇدىيەتنىڭ كۇللىيياتلىرى / كليات الوجود» دەپ ئىسىم قويۇلغان. قالغانلىرى ئەرەبچە. ئۇلار: «مەۋجۇدىيەت ۋە مەجبۇرىيەت ھەققىدە رىسالە / رسالة الكون والتكليف»، «ئالەمدە زىتلىق بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى، جەبەرىيلىك ۋە باقىيلىق قاتارلىق ئۈچ مەسىلىگە جاۋاب ھەققىدە رىسالە / رسالة في الجواب على مسائل ثلاث، هي ضرورة التضاد في العالم والجبر والبقاء»، «كۇللىي ئىلىمنىڭ ئوبيېكتى ھەققىدە رىسالە / رسالة في موضوع العلم الكلي»، «مەۋجۇدىيەت ھەققىدە رىسالە / رسالة في الوجود».

ئۆمەر ھەييامنىڭ تەبىئەت پەنلىرى ساھەسىدە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلەرنىڭ بىرى ئالتۇن ۋە كۈمۈش بۇيۇملاردىكى ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ مىقدارىنى بىلىش تەدبىرى ھەققىدىكى رىسالەسىدۇر. بۇلاردىن باشقا يەنە جايلارنىڭ پەسىللىك ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئوخشىمىغان يۇرت ۋە ئىقلىملاردىكى ھاۋا كېلىماتىنىڭ ھەر خىل بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە يازغان رىسالەسى، فارسلارنىڭ بايراملىرى، يەرمەنكىلىرى، ئۇلارنىڭ تارىخلىرى ۋە ئەدەب – قائىدىلىرىنى بايان قىلغان «نورۇزنامە» ناملىق رىسالەسى بار.

مەنتىقىلىق دەلىل – پاكىتلارغا كەلسەك، ئۇنى ئۆمەر ھەييامنىڭ كەچمىشلىرىدىن خۇلاسىلەپ چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ئورنىنى، ئالاقە دائىرىسىنى، ئۆز دەۋرىدىكى نوپۇزلۇق، پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن ئالاھىدە ئېھتىرامى قاتارلىقلارنى بىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. ھەمدۇللاھ مۇستەۋفىي ئەلقەزۋىنىي (ھ. 682 – 750 / م. 1281 – 1349) ئۆمەر ھەييامنىڭ سۇلتان مەلىكشاھ سەلجۇقىينىڭ ھەمداستىخىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان»(20).

تارىخچى شەمسۇددىن ئىشراقىي شەھرزۇرىي (ۋاپاتى ھ. 687 / م. 1288 – يىلىدىن كېيىن) بۇخارادىكى خاقان شەمسۇلمۈلۈكنىڭ ئۆمەر ھەييامنى چوڭ بىلىدىغانلىقى، ئۇنى دائىم دېگۈدەك يېنىدا ئولتۇرغۇزىدىغانلىقىنى بايان قىلغان(21).

ئۆمەر ھەييام بىلەن ئۆز دەۋرىدىكى ئەكابىر – ئەشرەپلەر ئوتتۇرىسىدا مۇنازىرىلەر ۋە خەت – ئالاقە بولۇپ تۇراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە (ئىبنى سىنانىڭ شاگىرتى) قازى ئەبۇ نەسر مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇررەھىم نەسەۋىي (ۋاپاتى ھ. 5، م. 12 – ئەسىر)، پەيلاسوپ ئەبۇ ھاتىم ئىسفىزارىي (ۋاپاتى ھ. 515، / 1121)، ئىمام مەھمۇد ئىبنى ئۆمەر زەمەخشەرىي (ھ. 467 – 538 / م. 1075 – 1144) قاتارلىق ئالىملار بار ئىدى. ئۆمەر ھەييام بۇلارنىڭ سورۇنلىرىغا كىرەتتى، ئۇلارمۇ ئۇنى يوقلاپ تۇراتتى. ھۆججەتۇلئىسلام ئەبۇ ھامىد ئەلغەززالىي (ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111) نىڭ ئاسترونومىيەگە ئائىت بىر مەسىلىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆمەر ھەييامنىڭ قېشىغا كېلىپ سوئال سورىغانلىقى بايان قىلىنغان (22).

يەنە ئىمام زەھىرۇددىن بەيھەقىي ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئەرەبلەرنىڭ قەھرىمانلىقلىرى ھەققىدىكى شېئىرنىڭ مەلۇم بىر بېيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

دېمەك، بىزگە شۇ ئايان بولىدۇكى، ئۆمەر ھەييام ھەرگىزمۇ ئەخلاقسىز بىرى ئەمەس، چۈنكى بىز ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى، ئىلمىي ئورنىنى بىلدۇق؛ ئۇ تەپەككۇرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بىرى ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئىلمى، ئەدەب – ئەخلاقى ۋە ئەسەرلىرى بىزگە ئۇنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئىلغار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى؛ ئۇ ئەقلى دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىغان، تەبىئىتى بۇزۇلغان بىرى ئەمەس، چۈنكى بىز تارىخشۇناسلار ئۇنىڭ ئەقلىنىڭ كۈچلۈك، سالمىقى بار بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەقىللىقلىقىدا، زېرەكلىكىدە، چېچەنلىكىدە بىر مۆجىزە كەبى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق؛ ئۇ خاراكتېرى پەس بىرى ئەمەس، چۈنكى پەس كىشىلەرنىڭ پادىشاھلارنىڭ ھەمداستىخىنى بولالىشى، ئەمەلدارلارنىڭ ئۈلپەتدىشى بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. ھېچكىم ئۇنى ھاراق – شارابقا ئاشىق زابوي كىشى دەپ باقمىغان(23).

يۇقىرىقى بايانلار، ھەقىقەتلەر ۋە مەنتىقلىق دەلىل – پاكىتلار سۈرەتلەپ بەرگەن ئۆمەر ھەييامنىڭ قىياپىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ ماتېماتىكا، ئاسترونوميىە، پەلسەپە قاتارلىق پەنلەردە چاقنىغان مۇسۇلمان ئالىمدۇر. ئۇ يەنە فىقھ، تىل، تارىخ ۋە يەتتە خىل قىرائەت بىلەتتى.

بۇ قىياپىتى تارازىنىڭ بىر تەخسىسىگە، ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلگەن رۇبائىيلار سۈرەتلەپ بەرگەن قىياپىتى يەنە بىر تەخسىسىگە قويۇلسا ئاۋۋالقىسى بېسىپ چۈشىدۇ. بۇ بىزنى ئۆمەر ھەييامنى كىشىلەرگە قايتىدىن تونۇتۇشىمىزغا، ئۇنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى ئىلمىي ھاياتنى موللاشتۇرۇشقا ھەسسە قوشقان مۇسۇلمان ئالىملىق قىياپىتىنى نامايان قىلىشىمىزغا چاقىرىق قىلىدۇ.

مەنبە: كف الملام عن عمر الخيام https://www.islamstory.com

تەرجىمىدە: بىلىميار

———————————-
1. ئۆمەر ھەييامنىڭ تەۋەللۇد ۋە ۋاپات تارىخى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار بار. مەزكۇر تارىخ يەنى ھ. 439، 1 – زۇلھەججە / م. 1048، 18 – مايدا تۇغۇلۇپ، ھ. 526 / م. 1131 – يىلى ۋاپات بولغانلىقى بىر قەدەر چوڭقۇر تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ، يونىسكومۇ ھەر يىلى 18 – ماي كۈنىنى ئۆمەر ھەييامنى خاتىرىلەش دۇنيا كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.(تەھرىر)
2. ئەھمەد ھامىد سەرراف: «ئۆمەر ھەييام»، 120 – بەت، باغداد، دارۇسسالام مەتبەئەسى نەشرى، م. 1931.
3. ئىنساننىڭ ئىش – ھەرىكىتىنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىپ، ئىنساننىڭ ئىرادىسى ۋە ئىختىيارىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان، ئىنسانغا جانسىز نەرسىلەر قاتارىدا قارايدىغان ئېقىم.
4. باتىنىيلار (الْبَاطِنِيَّةُ): «قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ زاھىرى ۋە باتىنى بار» دەپ، ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ لەفزلىرىنى ئىنتايىن يىراق تەئۋىل قىلىدىغان، كۆپلىگەن قاراشلىرىنى مەخپىي تۇتىدىغان تۈرلۈك ئازغۇن ۋە خەتەرلىك پىرقىلەرنىڭ ئورناق نامى بولۇپ، تارىختا قەرمەتىيلەر، فاتىمىيلار، ئىسمائىيلىيلار، ھەششاشىيلار، نۇسەيرىيلەر، پەيلاسوپلار، بەھائىيلار، بابىيلار، قادىيانىيلار، شىئەلەر ۋە بىر قىسىم سوپىلار كەبى پىكىر – ئېتىقادلىرى ئىنتايىن تۇتۇق ۋە مەخپىي تۇتۇلىدىغان ساناقسىز پىرقىلەر باتىنىيلار دائىرىسىگە كىرىدۇ. قاراڭ: «ئىسلام دۇنياسىدىكى پىرقىلەر ۋە مەزھەبلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 163 – 186 – بەتلەر. م. 2007. قاھىرە.
5. ئەبۇننەسر مۇبەششىر تىرازىي: «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن چۈمبەلنى ئېچىش / كشف اللثام عن رباعيات الخيام»، 143 – بەت، «ئەلھەيئەتۇل مىسرىييەتۇل ئاممە لىلكىتاب»، قاھىرە، م. 1987.
6. شېئىرنىڭ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: مەن پەقەت نازىنىنلارغا ئاشىق – بىقارار بولۇپلا ياشىدىم، قوللىرىمدا دائىما (سۇ كەبى) ئېرىتىلگەن مۇسەللەس يۇقى. كىشىلەر دېيىشتى: رەببىڭ سېنىڭ توۋاڭنى قوبۇل قىلىدۇ. (مەن دېدىمكى) نە ئاللاھ توۋامنى قوبۇل قىلغۇچى، نە مەن توۋا قىلغۇچى.
7. سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: ناۋادا مەن پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ يىغىندىسىدەك گۇناھ قىلىپ قالساممۇ جەزمەن گۇناھىم ئۈچۈن سەندىن ئەپۇ سورايمەن. سەن ئاجىز كۈنۈمدە ماڭا ياردەم بېرىدىغانلىقىنىڭنى ئېيتقانىدىڭ، ھازىر ماڭا نىسبەتەن مېنىڭ ئاجىزلىقىمنى بېسىپ چۈشىدىغان ئاجىزلىق يوق.
8. ئەرۇزىي نىزامىي سەمەرقەندىي: «چهار مقاله»، 98 -، 99 – بەت، «ئىنتشارات ئارماغان»، تېھران، ھ. 1327.
9. Browne, Edward G. A Literary History of Persia, V.4, London, Adelphi Terrace, 1906, P. 246.
10. Ibid, P. 256.
11. ئەرۇزىي نىزامىي سەمەرقەندىي: «چهار مقاله»، 99 – بەت.
12. ئەبۇبەكرى ئەررازىي: «مىرسادۇل ئىباد»، 18 – بەت، «مەتبەئەتۇل مەجلىس»، تېھران، ھ. 1352.
13. زاھىرۇددىن ئەلى بەيھەقىي: «تەتىممە سىۋانىلھىكمە»، 203 – بەت، «دارۇلفىكىر» نەشرىياتى، بېيرۇت، م. 1994.
14. جامالۇددىن ئەلقىفتىي: «ئىخبارۇل ئۆلەماﺋ بئەخبارىل ھۆكەماﺋ»، 162، 163 – بەت، «مەتبەئەتۇسسائادە» نەشرى، قاھىرە. ھ. 1366.
15. زەكەرىيا قەزۋىينىي: «ئاسارۇلبىلاد ۋەئەخبارۇلئىباد»، 474 – بەت، «دارۇ سادەر» نەشرىياتى، بېيرۇت، م. 1960.
16. زاھىرۇددىن ئەلى بەيھەقىي: «تەتىممە سىۋانىلھىكمە»، 203 – بەت.
17. ئىبنۇلئەسىر: «ئەلكامىل فىتتارىخ»، 8/408، «دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە» نەشرىياتى، بېيرۇت، م. 1987.
18. زەكەرىيا قەزۋىينىي: «ئاسارۇلبىلاد ۋەئەخبارۇلئىباد»، 474 – بەت.
19. ئابدۇلمۇنئىم ئەلھىفنىي: «ئۆمەر ھەييام ۋە رۇبائىيلىرى»، 22 – بەت، «دارۇررەشىد» نەشرىياتى، قاھىرە. م. 1992.
20. ھەمدۇللاھ مۇستەۋفىي: «تارىخى كۈزىدە»، 728 – بەت، «ئىنتىشارات ئەمىر كەبىر»، تېھران، ھ. 1393.
21. شەمسۇددىن شەھرزۇرىي: «نۇزھەتۇل ئەرۋاھ ۋە رەۋزەتۇل ئەفراھ / نزهة الأرواح وروضة الأفراح»، 13 – بەت، نەشرگە تەييارلىغۇچى: حورشىد ئەھمەد، «دائىرەتۇل مەئارىف ئەلئوسمانىييە»، ھەيدەر ئاباد، ھ. 1976.
22. شەمسۇددىن شەھرزۇرىي: يۇقىرىقى بەت.
23. ئەھمەد ھامىد سەرراف: «ئۆمەر ھەييام»، 95 – بەت.

Please follow and like us:
Exit mobile version