Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

زەھرا خاتىپى مۇنزىر ئىبنى سەئىد

(ھىجرىيە 273 – 355 / مىلادىيە 877 – 966)

 

مەن بۈگۈن سىلەرگە چوڭ بىر قازى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىمەن. ئۇ ئەندەلۇستا جامائەت قازىسى ئىدى. بۇ مەنسەپ باغدادتىكى قازىكالان[1] مەنسىپىگە ئوخشاش بىر مەنسەپ ئىدى. ئۇ ئەندەلۇسنىڭ بىرىنچى خاتىپى ۋە ئەڭ چوڭ ئالىمى ئىدى. قىزىقارلىق ۋە كۈلكىلىك چاقچاقلارنىمۇ قىلىپ قوياتتى. لېكىن، مۆرىتى كەلسە ھەق مەيداندا شۇنداق چىڭ تۇراتتىكى، مۇستەھكەم تاغلارمۇ ئۇنداق چىڭ تۇرالمايتتى.

ئۇنىڭ چاقچاقلىرىغا كەلسەك، ئۇنىڭ بەزى چاقچاقلىرىنى كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ، ئۇنى كىنايە ۋە ئىما – ئىشارەتلەر بىلەن ئىپادىلەشكە ئۇرۇنۇپ باقتىم – يۇ، ئاخىرىدا ھەر خىل كىشىلەر ئوقۇيدىغان بىر كىتابتا ئۇنى كەلتۈرۈشنى تازا ياقتۇرمىدىم. خالىغانلار ۋەزىر فەتھ ئىبنى خاقاننىڭ «مطمح الأنفس»قا قارىۋالغاي.

ئۇنىڭ ھەق مەيداندا تۇرۇپ بىلدۈرگەن ئاكتىپ پوزىتسىيەلىرىگە كەلسەك، ئۇلاردىن بەزى قىسقىچە كۆرۈنۈشلەر ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بولالمايمەن ھەم تولۇق تەسۋىرلەپمۇ بولالمايمەن. چۈنكى، بۇ كۆپ، ۋاقىت قىس.

بىز ھازىر زېمىننىڭ جەننىتى ئەندەلۇستا، دۇنيانىڭ پايتەختى قۇرتۇبەدىمىز ھەم شۇنداق بىر زاماندىمىزكى، ئەندەلۇس ئۆزىنىڭ دەسلەپكى جاھىلىيەت دەۋرىدىمۇ، تۈنۈگۈنكى ئىسلامىيەت دەۋرىدىمۇ، بۈگۈنكى خىرىستىيان دەۋرىدىمۇ ئۇ زاماندىنمۇ پارلاق ۋە كۆركەم، ئېسىل ۋە سەلتەنەتلىك بىر زاماننى كۆرۈپ باقمىدى. ئۇ بولسىمۇ ئۆز دەۋرىدىكى ئىسلام پادىشاھلىرىنىڭ ئەڭ بۈيۈكى بولغان چوڭ پادىشاھ، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، زەھرا شەھىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇررەھمان ناسىرنىڭ زامانىدۇر.

دۇنيا ئۇ كۈنلەردە ئۆزىنىڭ كاتتىلىقى ۋە كۆركەملىكى بىلەن ئەندەلۇسقا، ئەندەلۇس بولسا قۇرتۇبەگە، قۇرتۇبە بولسا قىزىل سارايغا مۇجەسسەملەنگەن. ئۇ شۇنداق بىر سارايكى، ئۇنىڭدا ئىمارەتلەرنىڭ گۈزەللىكى، زېمىننىڭ سەلتەنىتى ۋە سۇلتاننىڭ كاتتىلىقى قەلەم سۈپەتلەپ بېرەلمەيدىغان دەرىجىدە مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇ كونىستانتىنوپولدىن ئابدۇررەھمان ناسىرغا ئېگىلىپ تەزىم قىلغىلى ۋە ئۆزلىرىنى قوللىشىنى ئىلتىماس قىلغىلى كەلگەن قەيسەرنىڭ ئەلچىلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلانغان ئىدى.

خاتىپلارنىڭ كۆڭۈللىرى مۇشۇ ماقامدا سۆز قىلىۋېلىشقا تەلپۈنەتتى، ھەربىر ئالىم ۋە خاتىپ ئۆزىگە خەلىپىنىڭ كەلگەن ئەلچىلەرنىڭ نۇتۇقىغا جاۋابەن نۇتۇق سۆزلەشكە ئىشارەت قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. بۇنىڭغا ئالىملاردىن ھېچكىم ئېرىشەلمەي، ئاخىرىدا ئەندەلۇس مېھمىنى ۋە «ئەمالىي»نىڭ مۇئەللىپى ئىمام ئەبۇ ئەلى قالىي باغدادىي ئېرىشتى.

ئەبۇ ئەلى سۆزلەش ئۈچۈن تۇرۇۋىدى، گېپىنى تاپالماي قېلىپ، بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلالمىدى. ئىشلار قالايمىقانلاشقىلى تاس قالغان چاغدا، توساتتىن ئالىملار ئارىسىدىن بىر يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇنبەرگە چىقتى ۋە ئەبۇ ئەلىدىن بىر پەشتاق تۆۋەنرەك يەردە تۇرۇپ، تەييارلىقسىزلا شۇنداق بىر خۇتبە سۆزلىدىكى، كىشىلەر ئۇنىڭدەك بىر خۇتبىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇ خۇتبىسىدە قەلبلەرنى تىترىتىپ، ھېسسىياتلارنى ئۇرغىتىپ، تۇيغۇلارنى ئىگىلىۋالدى. ئۇ شۇنداق ئاجايىپ سۆزلەپ، خەلىپىگە ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىپ قويغان ئىدى. خەلىپە ئوغلى ھەكەمدىن ئۇ توغرىسىدا سورىۋىدى، ھەكەم: «بۇ مۇنزىر ئىبنى سەئىد بەللۇتىي بولىدۇ» دېدى. خەلىپە: «ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرىمەن، ئۇ شۇنىڭغا لايىق ئىكەن» دەپ، ئۇنى قازىلىققا ۋە جامە مەسجىدنىڭ خاتىپلىقىغا تەيىنلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خەلىپە ھېچبىر پادىشاھ ۋە ھېچبىر ئەمىر قۇرۇپ باقمىغان، مېمارچىلىق سەنئىتىنىڭ مۆجىزىسى بولغان ۋە ئەگەر ھازىر بولغان بولسا قىزىل ساراي ئۇنىڭ يېنىدا بىر كەپىدەك كۆرۈنىدىغان زەھرا شەھىرىنى بىنا قىلدى ۋە زەھرا مەسجىدىنى پۈتتۈرگەن چاغدا، ئۇنى ئۇشبۇ مەسجىدنىڭ خاتىپلىقىغا تەيىنلىدى.

زەھرا شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا خەلىپە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن نازارەتچىلىك قىلدى. بەزىلەر ھەتتا ئۇنىڭ (شۇ ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىپ) بىر قېتىم جۈمە نامىزىنى قازا قىلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇ شەھەر ئىچىدە بىر زال سېلىپ، زالنىڭ كېسەكلىرىنى ئالتۇن – كۈمۈشتىن قىلدى ۋە زور ئىقتىساد سەرپ قىلدى. زالنىڭ رەسمىي ئېچىلىشى ئۈچۈن كىشىلەرنى توپلاپ، ئېچىلىش مۇراسىمىنى جۈمە نامىزى بىلەن باشلىدى. مۇنزىر ئىبنى سەئىد خاتىپ ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنبەرگە چىقىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇشبۇ سۆزى بىلەن ئاجايىپ بىر شەكىلدە خۇتبىنى باشلىدى: ﴿سىلەر ھەربىر ئېگىز جايغا ئويۇن – كۈلكە ئۈچۈن بىر ئالامەت (يەنى ئېگىز بىنا) سالامسىلەر؟ (گويا سىلەر ئۆلمەيدىغاندەك) دۇنيادا مەڭگۈ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ، پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر؟ ئەگەر (بىراۋنى) جازالىساڭلار، زالىملاردەك جازالايسىلەر. سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. سىلەرگە سىلەر بىلىدىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى، ئوغۇللارنى، باغلارنى، بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن﴾ ([2]). ئاندىن پاساھەتلىك ۋە كەسكىن سۆزلەرنى قىلىپ، ئىسراپخورلۇق ۋە ھەشەمەتچىلىكنى، ئۈممەتنىڭ پۇل – مېلىنى سارايلارنىڭ بېزىكىگە زايە قىلىۋېتىشنى سۆكتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ساقىلىدىن ياشلار سىرغىۋاتاتتى.

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەي مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! لەنىتى شەيتانمۇ سېنى بۇنچىلىك تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويالماس بولغىيتتى دەپ ئويلايمەن. ئۇ سېنى كاپىرلارنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈۋەتتى. چۈنكى، سەن ئۆيۈڭنىڭ كېسەكلىرىنى ئالتۇن – كۈمۈشتىن قىلدىڭ ئەمەسمۇ؟! ئاللاھ تائالا: ﴿ئىنسانلار (كۇففارلارنىڭ باياشات تۇرمۇشىنى كۆرۈپ، كۇپۇرلۇقغا قىزىقىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ) ھەممىسى (كۇپۇرلۇقتا) بىر ئۈممەت بولۇپ قالمايدىغان بولسا ئىدى، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا چىقىدىغان شوتىلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ۋە تەختلىرىنىمۇ كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلار تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇراتتى. (يۇقىرىقىلارنىڭ بەزىسىنى) ئالتۇندىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. پەرەۋردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاخىرەت (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇنېمەتلەر) تەقۋادارلارغا خاستۇر﴾ ([3]) دېگەن.

ئاندىن ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىنى ئوقۇدى: ﴿بىناسىنى ئاللاھنىڭ تەقۋادارلىقى ۋە رازىلىقى ئاساسىغا قۇرغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى يىقىلاي دەپ قالغان يارنىڭ گىرۋىكىگە قۇرۇپ، ئۆزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە دوزاخ ئوتىغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئادەم ياخشىمۇ؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. تاكى ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى پارە – پارە بولۇپ ئۆلمىگىچە، ئۇلارنىڭ سالغان بىناسى دىللىرىدىكى گۇمان (مۇناپىقلىق) نىڭ يىلتىزى بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. ئاللاھ (مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىگە ئاساسەن ئۇلارنى جازالاشتا) ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾ ([4]).

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەنچە كىشىلەر خەلىپىنىمۇ ۋە مۇراسىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى. دىللار ئاللاھقا يۈزلەندى، كۆڭۈللەر ئاللاھ تەرەپكە يول ئالدى ۋە مەسجىد يىغا بىلەن تىترىدى. ناماز تۈگىگەندىن كېيىن خەلىپە ئاچچىقلانغان ھالدا قايتتى ۋە ئوغلىغا: «ئۇنىڭ بىزگە قارشى جۈرئىتىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى…» دېدى.

ئەپەندىلەر! سىلەرچە خەلىپە ئۇنى قانداق قىلىۋەتكەندۇ؟ خەلىپە ھەقىقەتەن مۇنداق دېيىشتىن باشقا ئىش قىلمىدى: «… ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇندىن كېيىن ئۇنىڭ كەينىدە جۈمە ئوقۇمايمەن!». ئوغلى ھەكەم خەلىپىگە: «ئۇنى مەنسىپىدىن قالدۇرۇۋەتسىلىرى بولمامدۇ؟» دېۋىدى، خەلىپە شۇئان ئۆزىگە قايتىپ مۇنداق دېدى: «ئاغزىڭنى يىغ، ئۆلمىگۈر! توغرا يولدىن ئاداشقان كۆڭلۈمنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مۇنزىر ئىبنى سەئىدتەك پەزىلەتلىك، پەرھىزكار ۋە ئىلىملىك بىرىنى قالدۇرۇۋېتىمەنمۇ؟ مەن ئۇنىڭدىن باشقا بىرىنى ئىمام قىلىشتىن ھايا قىلىمەن» دېدى، ئاندىن ئالتۇن – كۈمۈشلەرنى سارايدىن چۇۋۇپ ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇق قىلدى.

 

***

قازى مۇنزىر ئىبنى سەئىد بىلەن ئابدۇررەھمان ناسىر ئارىسىدا بولغان يەنە بىر ۋەقەلىكنى ئاڭلىغايسىلەر.

ناسىر خوتۇنلىرىنىڭ بىرى ئۈچۈن بىر ساراي ياسىماقچى بولدى. ساراينى سالماقچى بولغان جاينىڭ يېنىدا قازىنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاستىدىكى يېتىملار ئۈچۈن سېلىنغان كىچىك بىر قورۇ ۋە ھاممام بار ئىدى. ناسىر ئۇ يەرنى سېتىۋېلىشنى ئىستىۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭ قازىنىڭ رۇخسىتىسىز سېتىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قازىدىن سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋىدى، قازى: «مۇنداق ئۈچ شەرتنىڭ بىرى تېپىلماي سېتىشقا بولمايدۇ: يېتىملارنىڭ ھاجىتى، ياكى قۇرۇلۇشنىڭ ئاجىزلىشى، ياكى يۇقىرى باھالىنىشى» دېدى. نەتىجىدە، خەلىپە باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتتى. ئۇلار يەرنى قازىنى قىزىقتۇرالمىغۇدەك بىر باھادا باھالىغاندىن كېيىن قازى سېتىشقا ئۇنىمىدى. خەلىپە ئۇ يەرنى بولدى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. قازى خەلىپىنىڭ ئۇ يەرنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، قورۇ ۋە ھاممامنى چېقىشقا بۇيرۇدى ۋە خارابىلەرنى باھالىغۇچىلارنىڭ قويغان باھاسىدىنمۇ ئارتۇق ساتتى. بۇ ئىش خەلىپىگە ئېغىر كېلىپ، قازىغا:

_ شۇنداق قىلىشلىرىغا نېمە تۈرتكە بولدى؟ _ دېۋىدى، قازى:

_ مەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى تۇتتۇم: ﴿كېمىگە كەلسەك، ئۇ دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە نەپەر كەمبەغەلنىڭ كېمىسى ئىدى. مەن ئۇنى تېشىپ، ئەيىبناك قىلماقچى بولدۇم. (چۈنكى) ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق ساق كېمىنى ئىگىسىدىن (زورلۇق بىلەن) تارتىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى﴾ ([5]). خارابىلەرنى قورۇ ۋە ھاممامغا قويۇلغان باھادىن ئارتۇق ساتتىم، يېتىملارغا زېمىن قالدى. ئەمدى زېمىننى ئۆزلىرى خالىغان باھاغا سېتىۋالسىلا – دېدى. خەلىپە:

_ ھەقكە بويسۇنۇشقا مەن ئەڭ لايىق. سىلىنىڭ بىزگە ۋە ئۈممەتكە قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئەجىرلىرىنى بەرگەي! _ دېدى.

***

ئەي ئەپەندىلەر! ئۇنىڭ كۆڭۈللەردىكى بۇ ھەيۋىتىنىڭ، دىللاردىكى بۇ بۈيۈكلۈكىنىڭ، خەلىپە ۋە خەلقنىڭ نەزىرىدىكى بۇ مەرتىۋىسىنىڭ ئۇنىڭغا نەدىن كەلگەنلىكىگە قىزىقساڭلار، شۇنى بىلىڭلاركى، بۇ نەرسىلەر پەقەت ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىخلاسىدىن، ئاللاھقا بولغان قورقۇنچىسىدىن، ئاللاھقا بولغان ئىبادىتىدىن ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىسىدىن كەلگەن. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئۇنىڭدىن ھەممە نەرسە قورقىدۇ. كىمكى ئاللاھ بىلەن بىللە بولىدىكەن، ئاللاھ ھەممە مەخلۇقاتنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە قىلىدۇ. كىمكى يېمەك – ئىچمىكىنى پاك تۇتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ.

 

***

ناسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە كىشىلەر قەھەتچىلىككە ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن قازى مۇنزىر ئىبنى سەئىد يامغۇر تىلەشكە بۇيرۇق قىلدى. ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا تەييارلىنىپ، يامغۇر تىلەشكە چىقىشتىن بۇرۇن ئۈچ كۈن روزا تۇتتى. گۇناھى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىدى ۋە ئۈستىدىكى باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى ھېسابلاپ، ئۇنى قايتۇردى ياكى ئەپۇ قىلىۋېتىشنى سورىدى، ئاندىن يامغۇر تىلەشكە چىقتى. ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ ھەممە ئادەم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە چىقتى.

ئۇ يامغۇر تىلەشكە چىقىۋېتىپ، خەلىپىنىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن بولغان بىر دوستىغا: «بېرىپ مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى نېمە قىلىۋاتىدۇ، قاراپ باققىن» دېدى. دوستى قايتىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن ئاللاھقا ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك يېلىنغان بىرىنى كۆرمىدۇق. ئۇ ھەقىقەتەن ئۆزى يالغۇز غەمكىن ئىكەن، قاتتىق – قۇرۇق كىيىملەرنى كىيىۋاپتۇ، توپىغا مىلىنىپتۇ. توپىنى بېشى ۋە ساقىلىغا چېچىپ، يىغلىغانچە ئاللاھقا ئىستىغپار ئېيتىپ: يا رەب! جازالىساڭ، مانا مەن ئالدىڭدا تەييارمەن. مەن گۇناھ ئۆتكۈزسەم، مېنىڭ گۇناھىم تۈپەيلى پۇقرالارنى ئازابلامسەن؟ سەن ئەڭ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچىدۇرسەن، سەن ماڭا قادىرسەن، مەن سەندىن ھەرگىزمۇ قاچالمايمەن، دېدى».

(بۇ گەپنى ئاڭلاپ) قازىنىڭ يۈزى نۇرلىنىپ كەتتى ۋە غۇلامىغا: «بېرىپ، يامغۇرلۇق چاپاننى ئەكەل، ئاللاھ چوقۇم يېغىن يېغىشقا رۇخسەت قىلىدۇ. زېمىننىڭ ھۆكۈمرانى يېلىنسا، ئاسماننىڭ ھۆكۈمرانى ئەلۋەتتە رەھمەت قىلىدۇ» دېدى. ئۇ تۇرۇپ دۇئا قىلدى. كىشىلەرمۇ دۇئا، تەۋبە ۋە ئىستىغپارلىرىنى ياڭراتتى. ئۇ قايتماستىنلا ئاسمان بۇلۇتلارغا تولۇپ، يامغۇر شارقىراپ ياغدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ قازىلىرى مانا مۇشۇنداق ئىدى. ئۇلار مەندەك، يەنە بىرىدەك ئەمەس ئىدى.

ئى ئاللاھ! بەندىلەرنىڭ قەلبلىرى سېنىڭ قولۇڭدا، سەن ھەممىگە قادىرسەن. ئى ئاللاھ! بىزنى شۇ سالىھلارنىڭ يولىغا كىرگۈزگىن، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگىشىشنى ئىلھام قىلغىن، بىزنى ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن دوزاخ قازىلىرىدىن ئەمەس، جەننەت قازىلىرىدىن قىلغىن.

ئاللاھىم! مۇنزىر ئىبنى سەئىدكە ۋە ھەق يولدا مېڭىشنى ئۆزىگە شۇئار قىلغان، دىننى ئۆزىگە ماياك قىلغان ھەربىر كىشىگە رەھمەت قىلغىن. سەن ئەڭ مېھرىبان زاتتۇرسەن.

 

مەنبە: شەيخ ئەلى تەنتاۋىنىڭ «رجال من التاريخ» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: قاراخانىي
———————————
[1] باش قازى.
([2]) «شۇئەرا» سۈرىسى، 128 _ 135 – ئايەتلەر.
([3]) «زۇخرۇف» سۈرىسى، 33 _ 35 – ئايەتلەر.
([4]) «تەۋبە» سۈرىسى، 109 -، 110 – ئايەتلەر.
([5]) «كەھف» سۈرىسى، 79 – ئايەت.

Please follow and like us:
Exit mobile version