قەلبلەرنى ئۇتۇشنىڭ ئۇسۇللىرى ئىنتايىن كۆپ

قەلبلەرنى ئۇتۇشنىڭ ئۇسۇللىرى ئىنتايىن كۆپ

بىر نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولغان ئادەم شۇ نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىدۇ. مال – دۇنياغا ئېرىشمەكچى بولغان ئادەم مال -دۇنيا توپلاش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىدۇ، تىجارەت ۋە پايدا ئېلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدۇ. تېلېۋىزىيە قاناللىرىمۇ كىشىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن پروگراممىلارنىڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتىش، يېڭى – يېڭى ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلىش ۋە دىكتورلارنى تەربىيىلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بولىدۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ، خىلمۇخىل تاۋارلارنىڭ بازىرىنى چىقارماقچى بولغانلارمۇ ھەم شۇنداق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ساھەلەردە ئۆزلىرىگە پايدىسى بولىدىغان ئۇسۇللارنى پۇختا ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

قەلبلەرنى قولغا كەلتۈرۈشمۇ بىر تۈرلۈك سەنئەت بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان يوللىرى ۋە ئۇسۇللىرى بار. ئالايلۇق، قىرىق ئادەم بار بىر سورۇنغا كىردىڭىز دەپ پەرەز قىلايلى، سىز كىشىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتتىڭىز، ئۇلارنىڭ بىرىنچىسىگە سالام بېرىپ قولىڭىزنى ئۇنىڭغا سۇندىڭىز، ئۇ سىزگە قولىنىڭ ئۇچىنىلا بېرىپ، سوغۇق بىر شەكىلدە: «خۇش كەلدىڭىز، خۇش كەلدىڭىز» دەپ جاۋاب قايتۇردى. ئىككىنچىسى بولسا يېنىدىكى بىرى بىلەن سۆزلىشىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا سالام بەردىڭىز، ئۇمۇ سىزگە سوغۇق بىر شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇپ، سىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئەمما سىزنىڭ چىرايىڭىزغا قارىمىدى. ئۈچىنچىسى بولسا تېلېفون سۆزلىشىۋاتاتتى، ئۇ سىزگە قولىنى سۇندى، ئەمما «خۇش كەلدىڭىز»مۇ دېمىدى، پەرۋامۇ قىلمىدى. تۆتىنچىسى بولسا سىزنىڭ كەلگىنىڭىزنى كۆرۈپ سىز بىلەن سالاملىشىشقا تەييارلىنىپ تۇردى. كۆزىڭىز ئۇنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا سىزگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى، سىز بىلەن ئۇچراشقانلىقى ئۈچۈن خۇشال بولدى، سىز بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، كەلگەنلىكىڭىزنى تەبرىكلىدى. ھالبۇكى، ئىككىڭلار بىر – بىرىڭلارنى تونۇمايتتىڭلار. سىز سورۇندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە سالام بېرىپ بولۇپ ئولتۇردىڭىز. سىزنىڭ قەلبىڭىز تۆتىنچى ئادەمكە مايىل بولغانلىقىنى ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟

ئەلبەتتە، ھېس قىلدىڭىز، قەلبىڭىز ئۇنىڭغا مايىل بولدى. ھالبۇكى سىز ئۇنى تونۇمايسىز، ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ، مەنسىپىنىمۇ، ئورنىنىمۇ بىلمەيسىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇ مال – دۇنياسى، مەنسىپى، ئابرۇيى ۋە نەسەبى بىلەن ئەمەس، پەقەت مۇئامىلە ئۇسۇلى بىلەنلا قەلبىڭىزنى قولغا كەلتۈرۈۋالدى. دېمەك، قەلبلەرنى كۈچ – قۇۋۋەت، مال – دۇنيا، گۈزەللىك، مەنسەپلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاشۇلاردىنمۇ ئاسان ۋە ئوڭايراق بولغان ئىشلار بىلەنمۇ قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنىلا قەلبلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلار بەكلا ئاز.

ئېسىمدە قىلىشىچە، فاكۇلتېتتىكى ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ بىرى روھىي كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ دادىسى يۇقىرى مەنسەپتىكى بىر ئوفىتسېر ئىدى. بىر نەچچە قېتىم فاكۇلتېتقا كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشكەنىدى. مەن ئوغلىنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياردەملەشكەنىدىم، بەزىدە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باراتتىم. ئۇلار چوڭ بىر سارايدا تۇراتتى. ئۇلارنىڭ مېھمانخانىسى داۋاملىق مېھمانلار بىلەن توشۇپ كېتەتتىكى، بوش ئورۇننىمۇ تېپىش تەس ئىدى. كىشىلەرنىڭ بۇ ئادەمنى بۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ تۇرىدىغانلىقىدىن ھەيران قالاتتىم.

يىللار ئۆتۈپ بۇ ئادەم پىنسىيەگە چىقتى. بۇ ئادەمنى يوقلاپ بېرىپ، مېھمانخانىسىغا كىردىم. ئۇنىڭدا ئەللىكتىن ئارتۇق ئورۇندۇق بار ئىدى. مېھمانخانىدا پەقەت ئىككىلا كىشىنى كۆردۈم. بىرسى تېلېۋىزوردىن بىر پروگرامما كۆرۈۋاتاتتى، يەنە بىرسى بولسا قەھۋە ۋە چاي تەييارلايدىغان خىزمەتچى ئىدى. ئوقۇغۇچۇمنىڭ دادىسى بىلەن بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن خوشلىشىپ ئۇ يەردىن چىقتىم. بۇ ئادەمنىڭ مەنسەپتە ئولتۇرغان ۋاقتىدىكى ئەھۋالى بىلەن ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ئويلىنىشقا باشلىدىم. بۇرۇن كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنى دوست تۇتۇپ ياخشى كۆرگەن؟ مەن بىلىپ يەتتىمكى، ئۇلار ئۇنىڭ ئەخلاقى، مۇلايىملىقى، ياخشى مۇئامىلىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى مەنسىپى، ئابرۇيى ۋە ئالاقىسىنىڭ كەڭلىكى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان ۋە ئۇنى ياخشى كۆرگەن، شۇڭا ئۇ مەنسىپىدىن ئايرىلىشى بىلەنلا ئۇلارمۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىن يوقالغان.

ئۇنداقتا، سىز بۇ تونۇشىمىزدىن ساۋاق ئېلىڭ، كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان ئۇسۇللار بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ، ئۇلار سۆزلىرىڭىزنى، تەبەسسۇمىڭىزنى، مۇلايىملىقىڭىزنى، ياخشى مۇئامىلىڭىزنى، خاتالىقلىرىنى كۆرمەسكە سېلىشىڭىزنى، قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدا ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇشىڭىزنى ياخشى كۆرسۇن، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى مەنسىپىڭىزگە، يانچۇقىڭىزغا باغلىنىپ قالمىسۇن.

قانداق ئادەم، بالىلىرى ۋە ئايالىغا يېمەك – ئىچمەكلىرىنىلا تولۇق قىلىپ بەرسە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ئەمەس، پەقەت قورساقلىرىنىلا قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. قانداق ئادەم، ئائىلىسىگە پۇل – پۇچەكنى كۆپ بېرىپ، ئۇلارغا ناچار مۇئامىلە قىلسا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ئەمەس، پەقەت يانچۇقلىرىنىلا قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. شۇڭا سىز بىرەر ياشنىڭ بىرەر ئىش بولسا، ئۇنى دادىسىغا دېمەستىن، دوستىغا ياكى بىرەر مەسجىدنىڭ ئىمامىغا ۋەياكى بىرەر ئوقۇتقۇچىسىغا دېگەنلىكىنى كۆرسىڭىز ھەيران قالماڭ. چۈنكى، دادا ئۇنىڭ قەلبىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن، ئارىلىرىدىكى توسالغۇلارنى يوقىتالمىغان، ئەمما ئۇنىڭ قەلبىنى ئوقۇتقۇچى ياكى دوستى قولغا كەلتۈرەلىگەن، بەزىدە قەلبنى ئەشەددىي دۈشمەنلەرمۇ قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، بەزىدە سىز ماڭا ئوخشاش بايقىغانسىز، بەزى كىشىلەر قىستا – قىستاڭ بىرەر سورۇنغا كىرىپ، ئولتۇرىدىغان يەر ئىزدەپ ئۇياق بۇياققا قارىشى بىلەنلا، سورۇندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەربىرى ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يانلىرىدا ئولتۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئالدىراپ چاقىرىشىدۇ. ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىشىدۇ؟

سىز ھەر بىر ئادەم تاماقلاردىن خاھلىغىنىنى ئۆزى تاللاپ ئېلىپ، ئۈستەلگە ئاپىرىپ يەيدىغان بىرەر تاماقخانىغا كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ تەكلىپ قىلىنىپ باققان بولسىڭىز، ئۇ يەردە بەزى كىشىلەر تەخسىسىنى تولدۇرا – تولدۇرمايلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇشى ئۈچۈن يانلىرىدا بىكار ئورۇن بار دەپ ئۇلارنى بەس -بەستە توۋلىشىدىغانلىقىنى، يەنە بەزى ئادەملەر تەخسىسىنى تولدۇرۇپ بولۇپ، ئولتۇرۇش ئۈچۈن بىكار جاي ئىزدەپ ئۇياق – بۇياققا قارىسىمۇ، ھېچكىم ئۇلارنى چاقىرمايدىغانلىقى ياكى ئۇلارغا قاراپمۇ قويمايدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئۇ يەردىكى كىشىلەر بىرىنچى تۈرلۈك ئادەملەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىككىنچى تۈرلۈك ئادەملەرگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؟ بەزى كىشىلەر نەدىلا بولسۇن، خۇددى ئۇلارنىڭ قولىدا (قەلبلەرنى ئۆزىگە تارتىدىغان) ماگنىت باردەك قەلبلەر ئۇلارغا مايىل بولىدۇ، سىز بۇنى ھېس قىلمامسىز؟ ئەجەبا، ئۇلار كىشىلەرنى قانداق قولغا كەلتۈرگەن؟

قەلبلەرنى ئوۋلىيالايدىغان گۈزەل ئۇسۇللار بىلەن قولغا كەلتۈرگەن.

 

بىر قارار

باشقىلارنىڭ قەلبلىرىنى ئەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش بىزگە ھاياتتىن ھۇزۇر ئېلىشنىڭ چوڭ بىر تەرىپىنى ئاتا قىلىدۇ.

دوكتور مۇھەممەد ئەرىفىينىڭ «استمتع بحياتك» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمە قىلغۇچى: پىنھان

 

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ