ئاجراشقان ئايالنىڭ بالىنى باشقا جايغا ئېلىپ كېتىشىنىڭ ھۆكمى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن بالامنىڭ ئاپىسى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكىلى بىر يىل بولاي دېدى، ئاجراشقاندا بالىمىزنى بېقىشنى ئاپىسى ئۈستىگە ئالغان، ماڭا نەپىقە بېرىش يۈكلەنگەن ئىدى. ئەمدى بالامنىڭ ئاپىسى: «بالىمىزنى بىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىن باشقا دۆلەتكە ئېلىپ كېتىمەن» دەيدۇ. مەن: «بالىنى ئېلىپ قالىمەن» دېدىم. ئۇستاز! قانداق ۋاقىتتا بالا ئاتىسىغا تەۋە، قانداق ۋاقىتتا ئاپىسىغا تەۋە بولىدۇ؟ ھازىرقى زاماندىكى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاجرىشىپ كېتىۋاتقان ئەر – ئاياللارغا قانداق نەسىھەتلەرنى قىلىلا؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئائىلە مۇستەھكەم ۋە مۇقەددەس بولغان نىكاھ رىشتىسى ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ رىشتە قاچانكى ئاجرىشىش ئارقىلىق ئۈزۈلۈپ كەتسە، بۇنىڭدىن ئەر – خوتۇن ئىككىيلەنلا ئەمەس، بەلكى پەرزەنتلەرمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىماي قالمايدۇ. ئالدى بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ روھىي ھالىتى ۋە پسىخىكىسىغا ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىشى، يۈرۈش – تۇرۇشى ۋە پۈتۈن ئۆمرى بۇ ئاجرىشىشنىڭ تەسىرىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭا، ئاجرىشىش ئويىدا بولغان بارلىق ئەر – خوتۇنلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى، ئاجرىشىشقا قەدەم قويۇشتىن بۇرۇن ئائىلىسىنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كېلەچىكىنى قايتا – قايتا ئويلىشىشى، كۆڭۈل ياكى باشقا ئىشلارنى دەپ پەرزەنتلىرىنى قۇربانغا ياكى ئاتا – ئانىسى تىرىك يېتىم بالىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن بەزىبىر قىيىنچىلىقلارغا چىدىشى ۋە سالماقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، قارشى تەرەپكە زىيان ئۇرۇش ئۈچۈن بالىنى ئەتەي كۆرسەتمەي تۇرۇۋالماسلىقى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ ۋەز – نەسىھەتتۇر. لېكىن، رېئاللىقتىكى بەزىبىر قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشمۇ ئاسان ئەمەس، نەتىجىدە ئائىلە چۇۋۇلۇپ كەتسە ئۈچ تەرەپ تەڭ ياكى كەمىدە ئىككى تەرەپ ئېغىر زىيان تارتماي قالمايدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، ئەر – خوتۇن ئاجراشقاندىن كېيىن بالىلارنىڭ بېقىلىش ۋە تەربىيەلىنىش ھوقۇقى قوغدىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ بالا ئانا مېھرىگە قانمىسا، كۆيۈمچان ئانا قۇچىقىدا بېقىلمىسا بولمايدۇ. ئانىمۇ بالىلىرىغا قېنىشى كېرەك. بۇ ۋەجدىن، بالىلارنىڭ بېقىلىش ۋە تەربىيەلىنىش ھوقۇقى ئالدى بىلەن ئانىغا بېرىلىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى: «بىر ئايال نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:
— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن بۇ بالامنى قورساق كۆتۈرۈپ تۇغۇپ، ئېمىتىپ، كۆز قارىچۇقۇمدەك ئاسراپ باقتىم. ئەمدىلىكتە دادىسى (مېنى تالاق قىلىۋېتىپ) بالامنى مەندىن ئېلىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ، — دېگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ ئايالغا:
— باشقا ئەرگە تەگمىسىڭىزلا، بالىنى ئېلىشقا سىز ئەڭ ھەقلىق، — دېدى»(1).
مەزكۇر ھەدىستە بالىلارنى بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھوقۇقىنىڭ ئالدى بىلەن ئانىدا بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى بايان قىلىنغان. شۇنداقلا ئەگەر بۇ تۈرلۈك بېقىش ۋە كۆيۈنۈش توسالغۇغا ئۇچرايدىغان ئەھۋالدا، بالىنىڭ بېقىلىشى ۋە تەربىيەلىنىشى تەسىرگە ئۇچراپ، ھەققى زايە بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەق ئانىدىن ئاتىغا يۆتكىلىدىغانلىقىمۇ ھەم بايان قىلىنغان. بۇنىڭدا ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق(2).
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئانا ئەرگە تەگسە بېقىش ھوقۇقى قولىدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئەگەر تەگكەن ئەر بىلەن بولغان نىكاھ مۇناسىۋىتى بالا يەتتە ياشقا كىرگۈچە ئاخىرلاشقان بولسا، بېقىش ھوقۇقىغا توسالغۇ بولغان ئەھۋال يوقالغانلىقى ئۈچۈن، بېقىش ھوقۇقى يەنىلا ئانىنىڭ قولىغا قايتىدۇ.
بېقىش ھوقۇقى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئانىنىڭ قولىدىن كەتسە، بۇ ھوقۇق باشقىلارغا تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە يۆتكىلىدۇ: بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ئانىسىغا، ئاتىسىنىڭ ئانىسىغا، ئاتا – ئانا بىر ئۆز ئاچىسىغا، ئانا بىر ئاچىسىغا، ئاتا بىر ئاچىسىغا، ئاتا – ئانا بىر ئاچىسىنىڭ قىزىغا، ئاتا بىر ئاچىسىنىڭ قىزىغا، ئاتا – ئانا بىر ئاكىسىنىڭ قىزىغا، ئانا بىر ئاكىسىنىڭ قىزىغا، ئاتا بىر ئاكىسىنىڭ قىزىغا، ئاتا – ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئاتا تەرەپ ھاممىسىغا، ئانسىنىڭ ئاتا تەرەپ ھاممىسىغا، ئاتىسىنىڭ ئاتا تەرەپ ھاممىسىغا، ئانىسىنىڭ ئانا تەرەپ ھاممىسىغا، ئاتىسىنىڭ ئانا تەرەپ ھاممىسىغا، ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئاتا تەرەپ ھاممىلىرىغا، مىراستىكى ئاسىب(3) تۇغقانلار تەرتىپى بويىچە ئالدى بىلەن ئاتا، ئاندىن چوڭ دادا، ئاندىن ئاتا – ئانا بىر ئاكا، ئاندىن ئاتا بىر ئاكا، ئاندىن ئاتا – ئانا بىر ئاكىنىڭ ئوغۇللىرى، ئاندىن ئاتا تەرەپ تاغا، ئاندىن ئاتا تەرەپ تاغىنىڭ ئوغلى. ئەگەر ئوخشاش دەرىجىدە بىرقانچە كىشى بۇ ھوقۇقنى تالىشىپ قالسا، ئەڭ تەقۋادارى، ئۇندىن قالسا يېشى ئەڭ چوڭى بۇ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئاسىب تۇغقانلار تېپىلمىسا، ئانا تەرەپتىن بولغان مەھرەم دەرىجىدىكى ئەر تۇغقانلار بەھرىمەن بولىدۇ. ئالدى بىلەن ئانىسىنىڭ چوڭ دادىسى، ئۇندىن قالسا ئانا بىر ئاكىسى، ئۇندىن قالسا ئانا بىر ئاكىسىنىڭ ئوغلى، ئۇندىن قالسا ئانا تەرەپ تاغىسى، ئۇندىن قالسا ئاتا – ئانا ھەر ئىككىسىنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى، ئۇندىن قالسا ئانىسىنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى، ئەگەر بۇلاردىن ئوخشاش دەرىجىدە بىرقانچە كىشى بۇ ھوقۇقنى تالىشىپ قالسا، ئەڭ ياراملىقى، ئۇندىن قالسا ئەڭ تەقۋادارى، ئۇندىن قالسا يېشى ئەڭ چوڭى بۇ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ(4).
بېقىش ھوقۇقىنى بىرقانچە تۇغقان تالىشىپ قالغان ئەھۋالدا يۇقىرىقى تەرتىپ ئىجرا قىلىنىدۇ. تالىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەندە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىمىزدە بۇ ھەقتىن ئانا، ياكى ئاتا، ياكى يۇقىرىقى تۇغقانلاردىن بىرى بەھرىمەن بولىدۇ.
بالا كىمنىڭ قولىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بېقىش ھوقۇقى قولىدا بولمىغان تەرەپ بالىنى ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرۈش ھەققىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ئانا ئەرگە تەگمىگەن تەقدىردە، بالا قانچە ياشقا كىرگۈچە ئانىنىڭ بېقىشىدا بولىدىغانلىقى، ئۇندىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇشلار ۋە بېقىش ھوقۇقىنىڭ كىملەرگە ئۆتىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ رەت تەرتىپى قاتارلىقلاردا ئالىملار ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇد. ھەنەفىي مەزھەب قارىشى بويىچە ئىخچاملاپ ئېيتساق، ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا، قىز بالا توققۇز ياشقا كىرگۈچە ئانىنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ. ئاندىن قوغدىنىش ۋە خەۋەر ئېلىنىشقا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى تۈپەيلى، ئاتىنىڭ بېقىشىغا ئۆتىدۇ. بالاغەتكە يەتكەندە بالا ئاتا – ئانىسىدىن بىرىنى تاللايدۇ. باشقا مەزھەبلەردىمۇ مۇشۇنىڭغا يېقىن قاراشلار بار(5).
ئەمدى، بېقىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان ئانىنىڭ سەپەر قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئانىنىڭ بېقىش ھوقۇقى بولغىنىدەك، ئاتىنىڭمۇ بالىغا ئىگە بولۇش، بېقىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقىنى، شۇنداقلا پەرزەنتنىڭ بېقىلىش ھوقۇقىنى قوغداش كېرەك. ئەگەر بېقىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان ئانا بالىنى ئېلىپ يىراق يۇرتقا سەپەر قىلماقچى بولسا، بۇ ئەھۋالدا پەرزەنتلەر ئاتا تەرەپتىن بېقىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىدىغان، ئاتىسىمۇ بېقىش ۋە ۋەلىيلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىدىغان بولغاچقا، بۇ ئىككى ھوقۇقنى قوغداش يۈزىسىدىن ئاتا ئۇ ئايالنى بالىنى ئېلىپ سەپەر قىلىشتىن توسۇپ قويالايدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئايال ئىككىنىڭ بىرىنى تاللايدۇ. بىرى، بۇرۇنقىدەك بالىسىنى بېقىپ سەپەر قىلماي تۇرۇۋېرىش؛ يەنە بىرى، بېقىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ سەپەر قىلىش. ۋاز كېچىپ سەپەر قىلىشنى تاللىسا، بېقىش ھوقۇقى يۇقىرىقى ئۇزۇن تەرتىپ بويىچە كېيىنكى كىشىگە يۆتكىلىدۇ.
ئەگەر سەپەر ئەتىگىنى بارسا كەچكە قايتىپ كېلەلەيدىغان مۇساپىدىكى يېقىن جايغا ياكى تويى بولغان يۇرتىغا بولسا، بۇ ئەھۋالدا بېقىش ھوقۇقى يەنىلا ئانىنىڭ قولىدا قالىدۇ.
«كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»دە مۇنداق دېيىلگەن: «ئانىنىڭ ئىددىتى توشۇپ بالىنى بېقىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان جاي مەزكۇر بالىنىڭ ئاتىسى ياكى ۋەلىيسى تۇرۇۋاتقان يۇرتتۇر. بېقىش ھوقۇقى ئانىدىن باشقا ئاياللاردا بولغاندىمۇ شۇنداق. چۈنكى، ئاتىنىڭ بالىنى كۆرۈش ۋە تەربىيەلىنىشىنى نازارەت قىلىش ھەققى بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەققى بالىنى باققۇچى بالىنىڭ ئاتىسىنىڭ ياكى ۋەلىيسىنىڭ تۇرۇۋاتقان يۇرتىدا تۇرغاندىلا كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ»(6).
ئانىنىڭمۇ ئاتىنىڭ رازىلىقىسىز بالىنى ئېلىپ باشقا يۇرتقا سەپەر قىلىشى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ بالىغىمۇ، ئاتىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزگەنلىكتۇر(7).
مەزكۇر سوئالدا ئانا باشقا دۆلەتكە سەپەر قىلماقچى بولغانلىقى بايان قىلىنغان، شۇڭا بۇ ئەھۋالدا سىزنىڭ بۇرۇنقى ئايالىڭىزنى بالىڭىزنى بىللە ئېلىپ سەپەر قىلىشتىن توسۇش ھوقۇقىڭىز بار. ئۇ: «مەن زادى سەپەر قىلىمەن» دەپ تۇرۇۋالسا، بالىنى بېقىش ھوقۇقى قولىدىن كېتىدۇ. سىز بۇ ئەھۋالدا بېقىش ھوقۇقىنى يۇقىرىقى تەرتىپ بويىچە ئۇ ئايالدىن كېيىنكىلەرگە يۆتكەشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۇندىن كېيىنكىلەر بولمىغان ياكى ئۇلار بېقىش ھوقۇقىنى تالاشمىغان تەقدىردە، ئۇ ئايال سەپەر قىلغان مۇددەت ئىچىدە بالىنى سىز بېقىشقا ئەڭ ھەقلىق. لېكىن، شۇنداقتىمۇ ئانا بىلەن سەپەر قىلىش بالىغا خەتىرى ياكى زىيىنى بولماي، ئۇنىڭغا پايدىلىق بولسا، سىزنىڭ بالىدىن ئايرىلىشقا چىداپ سەپەر قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشىڭىز ياخشى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭدا ھەممە تەرەپنىڭ، بولۇپمۇ بالىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ بىر قارارغا كېلىش كېرەك.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1440، 2 – رەجەب / م. 2019، 9 – مارت
1. ئەبۇ داۋۇد (2276). ئالبانىي «ھەسەن» دېگەن.
2. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 8 – ج، 194 – بەت؛ ئەلباجىي: «ئەلمۇنتەقا»، 6 – ج، 185 – بەت.
3. ئاسىب (عَاصِبٌ): ئەرەبچىدە «كىشىنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئاتا تەرەپ تۇغقانلىرى» دېمەكتۇر. مىراس ئىلمىدە: «نېسىۋىسى بېكىتىلگەن مىراسخورلار نېسىۋىلىرىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى ئالىدىغان، ئەگەر مىراس ئاشمىسا ھېچنېمە ئالمايدىغان، ئەگەر نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلەر بولمىسا مىراسنىڭ ھەممىنى ئالىدىغان، مۇئەييەن بىر ئۈلۈشى بولمىغان مىراسخورلار»دۇر. بۇلار «نەسەبلىك ئاسىبلار» بولۇپ، قۇل ئازاد قىلىش جەھەتتىن ئاسىب بولغانلار «سەۋەبلىك ئاسىبلار» بولىدۇ. نەسەبلىك ئاسىبلار: «تەبىئىي ئاسىب»، «ۋاسىتىلىك ئاسىب» ۋە «قىز بىلەن ئاسىب بولىدىغانلار» دەپ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. كۆپلۈكى ئاسىبلار (الْعَصَبَةُ) دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 30 -ج، 132 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷ. ﺋﯩ. ﺋﺎ. ﻗ.»، 1116 – بەت.
4. مەرغىنانىي: «ئەلھىدايە»، 2 – ج، 37 – بەت؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 4 – ج، 41 – بەت.
5. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئ»، 4 – ج، 41 – بەت؛ ئەلباجىي: «ئەلمۇنتەقا»، 6 – ج، 185 – بەت.
6. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 17 – ج، 308 -، 309 – بەت.
7. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 4 – ج، 44 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…
«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! Download now بۇ يەردىن: «ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى» pdf نەشر ئۇچۇرى (CIP)…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىر قېرىندىشىمىز ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مال - دۇنياسى مەلۇم مىقداردا نەق…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: رىسالەتۇ مەنشۇرىل ۋىلايە فى ئىسباتىز زىكرى بىل جەھرى بىددەلائىلىن نەقلىييە ۋەلئەقلىييە ئەلمۇفىيدە…