Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئابدۇللاھ ئىبنى سالامنىڭ مۇسۇلمان بولۇش قىسسەسى

ئابدۇللاھ ئىبنى سالامنىڭ مۇسۇلمان بولۇش قىسسەسى

ئابدۇللاھ ئىبنى سالامنىڭ مۇسۇلمان بولۇش قىسسەسى

(ھ. ? – 43 / م. ? – 663)

 

ئابدۇللاھ ئىبنى سالام ئىبنى ھارىس بەنى قەينۇقاﺋ يەھۇدىيلىرىنىڭ ئالىملىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە كەلگەن ۋاقىتتا مۇسۇلمان بولغان. ئۇ توغرۇلۇق زەھەبىي «سىيەر» دېگەن كىتابىدا: «ئۇ ئالىم ‏ئىمامدۇر، پەيغەمبەر ‏سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرىپىدىن ‹جەننەت ئەھلى› دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگۈچىدۇر، ئەنسارىيلارنىڭ ئىتتىپاقدىشىدۇر، رەسۇلۇللاھنىڭ خاس ساھابەلىرىدىندۇر» دېگەن.

‏ئۇ توغرۇلۇق نەۋەۋىي: «ئۇ يۈسۈف ئىبنى ياقۇب ئىبنى ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىم خەلىلنىڭ ئەۋلادىدىندۇر. ئۇنىڭ ئىسمى جاھىلىيەتتە ‹ھۈساين (حصين)› ئىدى، كېيىن ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ ‹ئابدۇللاھ› دەپ ئىسىم قويۇپ قويغان. ئۇ رەسۇلۇللاھ مەدىنەگە تۇنجى كەلگەندىلا مۇسۇلمان بولغان ئىدى» دېگەن.

‏رەسۇلۇللاھ مەككەدىن مەدىنەگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە، ئەنسارىيلار رەسۇلۇللاھنى مېھمان قىلىشقا تەلپۈنگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇ رەسۇلۇللاھتىن ئۆيىگە ئورۇنلىشىشىنى تەلەپ قىلاتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: «تۆگىنى قويىۋېتىڭلار، ئۇ (قايسى ئۆينى تاللاشقا ئاللاھ تەرىپىدىن) بۇيرۇلغان» دېدى. ئاندىن تۆگە ھازىرقى پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ ئورنىدىكى ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىينىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ چۆكتى. ئەبۇ ئەييۇبنىڭ قورۇسىدا رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر كېلىشكە باشلىدى. كىشىلەر ئۆزئارا: ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى كەپتۇ! ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى كەپتۇ! دەپ توۋلىشىپ كەتكەن ئىدى.

ئابدۇللاھ ئىبنى سالاممۇ كىشىلەر بىلەن بىللە رەسۇلۇللاھنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەنىدى. ‏ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «رەسۇلۇللاھ مەدىنەگە كېلىشىگىلا كىشىلەر ئۇنىڭ قېشىغا ئالدىراشتى. مەنمۇ ئۇنىڭ قېشىغا كەلگەنلەر ئارىسىدا بار ئىدىم. ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ يۈزىگە زەن سېلىپ قاراپ، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ يالغانچىنىڭ چىرايىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدىم» دەيدۇ. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «رەسۇلۇللاھتىن تۇنجى ئاڭلىغان سۆزۈم مۇنۇلار ئىدى: ‹ ئى ئىنسانلار! سالامنى ‏ئومۇملاشتۇرۇڭلار، ئاچ قالغانلارغا تائام بېرىڭلار، كىشىلەر ئۇخلاۋاتقان كېچىلەردە ناماز ئوقۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار جەننەتكە خاتىرجەم كىرىسىلەر›» دەيدۇ(1).

‏سىندىي دەيدۇكى: پەيغەمبەرلىكنىڭ يارقىن نۇرلىرى رەسۇلۇللاھتا جىلۋىلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئابدۇللاھ: «ئۇنىڭ يۈزىنىڭ يالغانچىنىڭ يۈزى ئەمەسلىكىنى بىلدىم» دېگەن. كېچىلەردە ناماز ئوقۇيدىغان سالىھ كىشىلەر نۇرانە يۈزلىرى بىلەن تونۇلىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ غوجىسى بولغان رەسۇلۇللاھنىڭ يۈزى قانچە جىلۋىلىنىپ كېتەر – ھە (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالام ۋە رەھمەتلىرى بولسۇن)!

‏ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: ئابدۇللاھ ئىبنى سالامغا رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنەگە كەلگەنلىك خەۋىرى يەتكەندە، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، بىرقانچە ئىش توغرۇلۇق سوئال سورىدى. ئۇ:

— مەن سەندىن پەقەت پەيغەمبەرلەرلا بىلىدىغان ‏ئۈچ سوئال سورايمەن. بىرىنچى، قىيامەتنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى نېمە؟ ئىككىنچى، جەننەت ئەھلى يەيدىغان تۇنجى تائام نېمە؟‏ ئۈچىنچى، بالا نېمىشقا دادىسىنى ياكى ئانىسىنى تارتىدۇ؟ — دېدى. رەسۇلۇللاھ:

— ئۇ ئىش توغرۇلۇق جىبرىل باياتىن ماڭا خەۋەر بەردى، — دېۋىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام:

— پەرىشتىلەر ئىچىدىكى ئاشۇ جىبرىل يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنىدۇر، — دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ:

— قىيامەتنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولسا، بىر ئوت كېلىپ كىشىلەرنى مەشرىقتىن مەغرىبكە توپلايدۇ. جەننەت ئەھلىنىڭ تۇنجى تائامىغا كەلسەك، ئۇ كىت جىگرىگە چاپلاشقان گۆشتۇر. بالىنىڭ ئىشىغا كەلسەك، ئەرنىڭ مەنىيسى ئايالنىڭ مەنىيسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتسە بالا دادىنى تارتىدۇ، ئايالنىڭ مەنىيسى ئەرنىڭ مەنىيسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتسە بالا ئانىنى تارتىدۇ — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ:

— ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا، سېنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، — دېدى ۋە:

— ئى رەسۇلۇللاھ! يەھۇدىيلار بولسا بىر بوھتانچى قەۋم. ئۇلار مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى بىلىشتىن بۇرۇن، ئۇلاردىن مەن توغرۇلۇق سوراپ باققىن، — دېدى. ئاندىن يەھۇدىيلار كەلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن:

— ئاراڭلاردا ئابدۇللاھ ئىبنى سالام قانداقراق ئادەم؟ — دەپ سورىۋىدى، ئۇلار:

— ئۇ بىزنىڭ ياخشىمىز ۋە ياخشىمىزنىڭ بالىسى، بىزنىڭ ئەۋزىلىمىز ۋە ئەۋزىلىمىزنىڭ بالىسى، — دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ:

— ئەگەر ئابدۇللاھ ئىبنى سالام مۇسۇلمان بولسا قانداق قارايسىلەر؟ — دېۋىدى، ئۇلار:

— ئاللاھ ئۇنى ئۇنداق بولۇشتىن ساقلىسۇن! — دېدى. رەسۇلۇللاھ قايتا سورىۋىدى، ئۇلار يەنە شۇنداق دېدى. ئاندىن ئابدۇللاھ چىقىپ:

— ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، — دېدى. ئۇلار:

— ئۇ بىزنىڭ ناچىرىمىز ۋە ناچىرىمىزنىڭ بالىسى، — دېدى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. ئۇ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن مانا مۇشۇنىڭدىن ئەنسىرەيتتىم، — دېدى(2).

‏‏‏يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئالىملىرىدىن كىم ئىمان ئېيتسا ئۇنىڭغا ئازار بېرەتتى، ئۇ توغرۇلۇق سۆز – چۆچەك تارقىتاتتى. ئۇنىڭغا ناھەق قەبىھ سۆزلەرنى چاپلايتتى. «قۇرئان كەرىم» بىزگە بۇ ناچار قىلمىشلار توغرۇلۇق سۆزلەپ، يەھۇدىيلار ئەنە شۇ ناھەق ئەيىبلەشلىرى بىلەن قارشى تۇرغان ئابدۇللاھ ئىبنى سالامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ مۇئمىنلەرنى مۇنداق دەپ ئاقلىغان: ﴿ئۇلار بىرخىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائە كىشىلەر بار. ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ؛ ئەنە شۇلار ياخشىلاردىندۇر، ئۇلار ھەرقانداق ياخشىلىقنى قىلسۇن، ئۇ بىكار كەتمەيدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»، 113 – 115). ‏‏‏

‏ۋاھىدىي ئايەتنىڭ چۈشۈش سەۋەبى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئىبنى ئابباس ۋە مۇقاتىلنىڭ دېيشىچە، يەھۇدىيلاردىن ئابدۇللاھ ئىبنى سالام، سەئلەبە ئىبنى ئەسئەد، ئۇسەيد ئىبنى سۇئنە(3)، ئەسەد ئىبنى ئۇبەيد ۋە باشقا كىشىلەر مۇسۇلمان بولغان ۋاقىتتا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالىملىرى: ‹مۇھەممەدكە پەقەت بىزنىڭ ئەڭ ناچارلىرىمىز ئىمان ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ياخش بولغان بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ دىنىنى تاشلىمىغان بولاتتى› دېيىشتى ۋە مۇسۇلمان بولغانلارغا: ‹سىلەر دىنىڭلارنى باشقا دىنغا ئالماشتۇرۇپ خىيانەت قىلدىڭلار› دېدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا ‹ئۇلار بىر خىل ئەمەس… › دېگەن ئايەتنى چۈشۈردى».

‏‏ئابدۇللاھ ئىبنى سالامنىڭ مۇسۇلمان بولۇش قىسسەسىدىن، يەھۇدىيلارنىڭ بوھتانچى قەۋم ئىكەنلىكى يەنى يالغانچى ۋە تۆھمەتخور ئىكەنلىكى، ناھەق سۆزلەرنى توقۇپ باشقىلارغا بوھتان چاپلايدىغانلىقى ئايدىڭلىشىدۇ. بۇ تەرىپىنى يەھۇدىيلارنىڭ ئالىم – ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى سالام ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قەلبىنى ئىسلامغا ئېچىۋەتكەندىن كېيىن بايان قىلىپ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! يەھۇدىيلار بىر بوھتانچى قەۋم» دېگەنىدى. ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇلار ئاللاھقا تۆھمەت چاپلايدۇ ۋە ئاللاھنى نالايىق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەيدۇ. «قۇرئان»دا ئۇلارنىڭ ئاللاھقا چاپلىغان بەزى تۆھمەتلىرى خاتىرىلەنگەن: ﴿«ئاللاھ ھەقىقەتەن پېقىر، بىز بولساق باي» دېگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز (يەنى نامە – ئەمالىغا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە بۇنى ئۇلارنىڭ نامە – ئەمالىغا يېزىشنى بۇيرۇيمىز) ھەمدە ئاخىرەتتە پەرىشتىلەر تىلى ئارقىلىق، كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار، دەيمىز﴾(3/«ئال ئىمران»، 181)؛ ﴿يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىقتۇر (يەنى ئاللاھ بېخىلدۇر ياكى پېقىردۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى. ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر، قانداق خاھلىسا شۇنداق رىزىق بېرىدۇ﴾(5/«مائىدە»: 64)؛ ﴿يەھۇدىيلار: «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، ناسارالار: «مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى (دەلىلسىز) سۆزىدۇر، (ئۇلارنىڭ سۆزلىرى) ئىلگىرىكى كافىرلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر» دېگەن) سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى، (ئاللاھنىڭ بالىسى يوقلۇقىغا روشەن دەلىل تۇرسا ھەقىقەتتىن باتىلغا بۇرۇلۇپ) ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) ئاللاھقا يالغان چاپلايدۇ؟﴾(9/«تەۋبە»: 30).

‏خۇش بېشارەت ۋە مۆجىزە

‏پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئابدۇللاھ ئىبنى سالامغا جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش بېشارەت بەرگەن. مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «ئىلىمنى تۆت كىشىدىن: ئۇۋەيمىر ئەبۇ دەردادىن، سەلمان فارسىيدىن، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇددىن ۋە ئىلگىرى يەھۇدىي بولۇپ كېيىن مۇسۇلمان بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى سالامدىن ئېلىڭلار. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹ئۇ جەننەتتىكى ئون كىشىنىڭ ئونىنچىسىدۇر› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان»(4).

‏خەرەشە ئىبنى ھۇر رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن مەدىنە مەسجىدىدە جامائەت ئىچىدە ئولتۇراتتىم، ئۇلار ئىچىدە كۆرۈنۈشى چىرايلىق بىر پېشقەدەم كىشىمۇ بار ئىدى، ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى سالام ئىدى. ئۇ كىشىلەرگە ياخشى سۆزلەرنى دەپ بېرىشكە باشلىدى. ئۇ ئورنىدىن قوپۇپ كەتكەندىن كېيىن، كىشىلەر: «كىمكى جەننەت ئەھلىدىن بىرەر ئادەمنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەن، بۇ كىشىگە قارىسۇن» دېيىشتى. كۆڭلۈمدە «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆيىنىڭ ئورنىنى بىلىۋالمىسام» دېدىم – دە، ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. ئۇ ماڭا – ماڭا مەدىنەدىن چىقىپ كېتىشكە ئاز قالغاندا ئۆيىگە كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن ئۆيىگە كىرىشكە رۇخسەت سورىدىم، ئۇ رۇخسەت قىلدى. ئاندىن: «ئى جىيەنىم! نېمە ھاجىتىڭ بار؟» دېۋىدى، مەن: «سەن ئورنۇڭدىن قوپۇپ كەتكەندە، كىشىلەردىن سەن توغرۇلۇق ‹كىمكى جەننەت ئەھلىدىن بىرەرىنى كۆرۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلسا، بۇ كىشىگە قارىسۇن› دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، سېنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشقا قىزىقىپ قالدىم» دېدىم. ئۇ ماڭا: «جەننەت ئەھلىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. كىشىلەرنىڭ ئۇ گەپنى نېمە ئۈچۈن دېگەنلىكىنى ساڭا دەپ بېرەي. بىر ۋاقىتتا مەن ئۇخلاۋاتاتتىم، چۈشۈمدە تۇيۇقسىز مېنىڭ قېشىمغا بىر كىشى كېلىپ، ماڭا: ‹ئورنۇڭدىن تۇر› دېدى، ئاندىن قولۇمنى تۇتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدىم. قارىسام، سول تەرىپىمدە بىرمۇنچە يوللار تۇرىدۇ. مەن ئۇنىڭغا كىرىشكە تەمشەلسەم، ئۇ كىشى ماڭا: ‹ئۇ يولغا كىرمە، ئۇ بولسا سول تەرەپ ئىگىلىرىنىڭ يولىدۇر› دېدى. شۇنداق قارىسام، ئوڭ تەرىپىمدە داغدام يول تۇراتتى. ‏‏ئۇ كىشى ماڭا: ‹مانا مۇشۇنىڭدا ماڭ› دېدى. ئاندىن مېنى بىر تاغنىڭ قېشىغا ئەكىلىپ، ماڭا: ‹چىققىن› دېدى. مەن تاغقا چىقماقچى بولۇپ، يۇقىرىغا ئۆرلىگىنىمدە كەينىمچە يىقىلدىم، ھەتتا نەچچە قېتىم سىناپ باقتىم. ئۇ كىشى مېنىڭ بىلەن بىللە مېڭىپ، مېنى ئۇچى ئاسماندا، تېگى يەردە بولغان بىر تۈۋرۈكنىڭ قېشىغا ئەكەلدى. ئۇ تۈۋرۈكنىڭ ئەڭ ئۈستىدە بىر تۇتقا بار ئىكەن. ئۇ كىشى ماڭا: ‹ئۈستىگە چىققىن› دېدى. مەن: ‹قانداق چىقىمەن؟ ئۇنىڭ ئۇچى ئاسماندا تۇرسا!› دېدىم. ئۇ كىشى قولۇمدىن تۇتۇپ، مېنى يۇقىرىغا ئاتتى، مەن ئۇ تۇتقىغا ئېسلىپ قالدىم. ئاندىن ئۇ كىشى تۈۋرۈكنى ئۇرۇپ يىقىتىۋەتتى. تاڭ ئاتقۇچىلىك تۇتقىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ قالدىم… ئاندىن (ئۇيقۇمدىن ئويغىنىپ) رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، چۈشۈمنىڭ ۋەقەلىكىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: ‹سول تەرىپىڭدە كۆرگەن يوللار بولسا، سول تەرەپ ئىگىلىرى (يەنى ئەمەل دەپتىرى سول تەرىپىدىن بېرىلىدىغان بەختسىزلەر) نىڭ يولىدۇر. ئوڭ تەرىپىڭدە كۆرگىنىڭ بولسا، ئوڭ تەرەپ ئىگىلىرى (يەنى نامە – ئەمىلى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلدىغان سائادەتمەنلەر) نىڭ يولىدۇر. تاغ بولسا شەھىدلەرنىڭ مەنزىلىدۇر. ئۇنىڭغا سەن ھەرگىز يېتەلمەيسەن. تۈۋرۈك بولسا ئىسلام تۈۋرۈكىدۇر. تۇتقا بولسا ئىسلام تۇتقىسىدۇر. سەن ئۆلگىچە شۇ تۇتقۇغا مەھكەم ئېسىلىپ ماڭىسەن›»([%5]).

‏بەيھەقىي ئېيتىدۇ: «مانا بۇ بىر مۆجىزە. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ شەھىدلىككە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر بەرگەن ئىدى، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى. ئەبۇ ئۇبەيد قاسىم ئىبنى سەللام ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ زىكىر قىلىشىچە، ئۇ 43 ياشتا ۋاپات بولغان».

ئىبنى ئابدۇلبەر ئېيتىدۇ: «ئابدۇللاھ ‏‏مۇئاۋىيەنىڭ خەلىفەلىكى دەۋرىدە مەدىنەدە 43 يېشىدا ۋاپات بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ جەننەت ئەھلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن».

‏ئەھلى كىتابقا رەسۇلۇللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان خەۋەرلەر كەلگەن. مۇشۇ جەھەتتىن، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا قىلغان خىتابىدا: «ئى يەھۇدىيلار جامائىتى! ئىسىت سىلەرگە! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ بولمىغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ھەقىقەتەن مېنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىمنى ۋە سىلەرگە ھەقنى ئېلىپ كەلگەنلىكىمنى ئوبدان بىلىسىلەر، مۇسۇلمان بولۇڭلار» دېگەن ئىدى. بۇ تەرىپىنى ئابدۇللاھ ئىبنى سالاممۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن تەكىتلەپ، يەھۇدىيلارغا: «ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ بولمىغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ھەقىقەتەن ئۇنىڭ (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ) ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ھەقنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ياخشى بىلىسىلەر» دېگەن(^[6]).

ئىبنى تەيمىييە: «ئەھلى كىتابقا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈپەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان خەۋەرلەر ئىلگىرىكى كىتابلاردا بار بولۇپ، بۇ ئۇلاردىن مۇتەۋاتىر شەكلىدە يېتىپ كەلگەن» دەيدۇ.

ئەھۋال شۇنداق تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتقانلىرىمۇ بار، ھەسەتخورلۇقى ۋە چوڭچىلىقى رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن توسۇپ قويۇپ، نەتىجىدە، دۇنيا – ئاخىرەتتە زىيان تارتقانلىرىمۇ بار.

 

مەنبە: http://articles.islamweb.net

تەرجىمىدە: ئىلمىنۇر ئابدۇللاھ

—————–
1. «تىرمىزىي».
2. «بۇخارىي».
3. بۇ ساھابەنىڭ ئىسمىنىڭ ئوقۇلۇشىدا ئىختىلاپ بار. بەزى ئالىملار ئۇسەيد ئىبنى سەئيە ياكى سۇئنە دەپ ئوقۇغان. دارەقۇتنىي ئەسىيد ئىبنى سەئيە دەپ ئوقۇشنى توغرا دېگەن.
4. «تىرمىزىي».
5. «مۇسلىم».
6. «بۇخارىي».

Please follow and like us:
Exit mobile version