ئىستىقلال مارشى ياكى دۆلەت بايرىقىغا ئۆرە تۇرۇشنىڭ ھۆكمى

ئىستىقلال مارشى ياكى دۆلەت بايرىقىغا ئۆرە تۇرۇشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، مەكتەپلەردە مۇزىكىسى بار ئىستىقلال مارشىغا ئۆرە تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈڭلار، دەيدۇ. بايراق چىقارغاندىمۇ شۇنداق تۇرۇش بار ئىكەن. لېكىن بىز ئادەتتە ئاللاھنىڭ كالامى ئوقۇلغاندىمۇ ئۇنداق قىلمايمىز. بۇ خىل ئۇلۇغلاش ئېتىقادقا تاقىشامدۇ؟ بۇنىڭغا بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز. ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بىر ئىنساننىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە ئۇزۇن مۇددەت ياشىغان يېرى ۋەتىنى ھېسابلىنىدۇ. ۋەتەننى سۆيۈش، ئۇنىڭغا تەۋەلىكى بىلەن شەرەپ ھېس قىلىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىش ۋە قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىكتۇر. ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى دوست – دۈشمەن ۋە مۇھەببەت – نەپرەتنى ئايرىيدىغان، ۋەتەننىڭ شەنىنى كۆتۈرىدىغان پايدىلىق ئىشلارغا تۈرتكە بولىدىغان ۋىجدانىي ئامىلدۇر.

دۆلەت بايرىقى بولسا، بىر تېررىتورىيەگە تەۋە خەلق ياكى مىللەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى، جۇغراپىيىلىك مۇستەقىللىقى، تەۋەلىكى ۋە كىملىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەلگىدىن ئىبارەت. دۆلەت بايرىقىغا بولغان ھۆرمەت ۋەتەننىڭ سىمۋولى ۋە بەلگىسىگە قارىتا سۆيگۈنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇنى سۆيۈش ئۆز نۆۋىتىدە شەخسنىڭ ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسىنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرىدۇر.

ۋەتەن سۆيگۈسى ئىنساننىڭ فىترىتىدە بار بولغان تەبىئىي سۆيگۈدۇر. تارىختا ئىنسانلار ئۆز تەۋەلىكىنى بېكىتىش ۋە ئۆز ماكانىغا بولغان سۆيگۈسىنى نامايان قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە تۇغلارنى لەپىلدەتكەن، ۋەتەننى ئۆزىنىڭ ئىززىتى ۋە غورۇرى، ئۇنى قولدىن تارتقۇزۇپ قويۇشنى ئار – نومۇسىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى دەپ بىلگەن بولسا، جاھانگىرلارنىڭ تالان – تاراجلىرى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىكلەر كىشىلەرنىڭ دۆلەت ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى چەككە كۆتۈرۈشنىڭ، زېمىن ۋە دۆلەت مۇستەقىللىقىنى ئىچىدىن مۇستەھكەملەش كېرەكلىكىنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى دەۋردە ئىنسانلار پۈتۈن دۇنيا مىقياسى بويىچە ۋەتىنىگە، دۆلىتىگە سىمۋول بولغۇچى بايرىقىغا، مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى ئىستىقلال مارشىغا ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسىتىپ، چوڭ بىلىپ كەلمەكتە.

ماھىيەتتە بۇ ھۆرمەت ۋە چوڭ بىلىش يالغۇز كۆز ئالدىدا لەپىلدەۋاتقان تۇغ ئۈچۈن بولماستىن، ئۇنىڭدا مۇجەسسەملەنگەن مەنىگە، ئۆزىنىڭ تەبىئى سۆيگۈسىنىڭ ئوبيېكتى بولغان ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسىدىن بالقىغان بولۇپ، سۆيۈملۈك ۋەتىنىنىڭ سىمۋولى بولغان بايراققا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆرە تۇرۇش مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت بۈيۈك نېئمەتنى قەدىرلەشنىڭ ۋە ئۇنى ئىپادىلەشنىڭ سىمۋولى بولغان ئىستىقلال مارشىنى ئۆزىگە خاس يوسۇن ۋە قائىدىگە چۈشۈرگەن شەكىلدە ئوقۇپ تاماملاش تامامەن ئىنسانىي فىترەتكە ئۇيغۇن بولغان، ئىسلامدا بۇيرۇلغان ۋەتەننى ھىمايە قىلىش ۋە سۆيۈشكە دائىر تەرغىبلىرىگە ئۇيغۇن بولغان ئىش – پائالىيەتلەر جۈملىسىدىندۇر.

شەرئى دەلىللەرگە قارىغىنىمىزدىمۇ ۋەتەنگە سىمۋول قىلىنغان دۆلەت بايرىقى ۋە ئىستىقلال مارشى ھەققىدىكى بۇ خىل مۇباھلىقنى ھاراملىققا ياكى مەكرۇھلۇققا يۆتكەشنىڭ بىرەر ئاساسى يوقلۇقىنى كۆرىمىز. چۈنكى، چەكلەنگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق دەلىل يوق. شۇنداقلا ئۇنى بىدئەت دېيىشنىڭمۇ ئورنى يوق. بۇنداق بولۇشى ئۇنىڭ ئىبادەت دائىرىسىدىكى ئىشلاردىن ئەمەس بولغانلىقىدىندۇر. گەرچە بەزى ئىسلامىي ئېقىملار بايراققا ئۆرە تۇرۇشنى ھارام ياكى مەكرۇھ دەيدىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار مۇستەبىت پادىشاھلارغا ئورنىدىن تۇرىدۇ.

يەنە كېلىپ بۇ خىل ھۆرمەتلەش ياكى ئۇلۇغلاش ھەرگىزمۇ ئىسلام ئېتىقادىغا تاقاشمايدۇ، شىرككىمۇ ياتمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ ئىسلام تەشەببۇس قىلغان ۋەتەننى سۆيۈشتىن ئىبارەت پەزىلەتنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئىسلامدا «قۇرئان» ئوقۇلغاندا ئۆرە تۇرۇشقا بۇيرۇمىغان بولسىمۇ، لېكىن پەيغەمبەرنى، «قۇرئان»نى ۋە كەئبەنى ئۇلۇغلاش بار. بۇ تۈرلۈك ئۇلۇغلاشلار ئاللاھنى ئۇلۇغلاشتىن پەرقلىق بولىدۇ، ئەلبەتتە. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۇلۇغلاشقا بۇيرۇپ: ﴿سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى (يەنى پەيغەمبەرنى) ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە ھۆرمەتلىشىڭلار ئۈچۈن، ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن (بىز پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق) ﴾(48/«فەتھ»: 9) دەيدۇ.

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مويسىپىت مۇسۇلمانلارنى، ئەمەلدە چەكتىن ئېشىپ كەتمىگەن ياكى قۇرئاندىن پۈتۈنلەي چەتنەپ كەتمىگەن قارىي قۇرئانلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئادىل ھۆكۈمدارنى ھۆرمەتلەش ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنىڭ جۈملىسىدىندۇر» دېگەن(1).

دېمەك، خالىق (ياراتقۇچى زات) قا قۇللۇق ئىزھار قىلىپ ئۇنى ئۇلۇغلاش ئۇلۇغلاشنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى بولسا، مەخلۇقنى ئۇلۇغلاش ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىدە بولىدۇ. مەخلۇقنى خالىققا ئوخشاش دەرىجىدە ئۇلۇغلىسا بولمايدۇ. ئەمما، مەخلۇقنى مەخلۇققا لايىق ئۇلۇغلىسا، ھۆرمىتىنى قىلسا بولىدۇ. بايراقنى ئۇلۇغلاشمۇ ئاللاھنى ئۇلۇغلاش دەرىجىسىدە بولمىغاچقا، ئۇنى شىرككە ئاپىرىش توغرا بولمايدۇ.

قىسقىسى، ۋەتەننى سۆيۈش ئىسلام تەكىتلىگەن خىسلەتلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا دىنىمىزدا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى كۈچەيتىدىغان ھەمدە شەرئى چەكلىمىلەرگە مۇخالىپ كەلمىگەن پائالىيەتلەر تامامەن رۇخسەت دائىرسىدە بولۇپلا قالماي، بايراققا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆرە تۇرۇش، ئىستىقلال مارشىنى ھۆرمەت – ئېھتىرام بىلەن ئوقۇشقا ئوخشاش خەيرلىككە رىغبەتلەندۈرىدىغان پائالىيەتلەر رىغبەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان ياخشى ئادەتلەر قاتارىدىندۇر. ئەلبەتتە بىر قىسىم كومىنىستىك دۆلەتلەردىكىگە ئوخشاش سۈيئىستىمال شەكلىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندا قولىنى كۆتۈرۈش ياكى قولىنى مەيدىسىگە قويۇشقا ئوخشىغان بەزىبىر ئادەتلەرمۇ ۋەتەننى ھۆرمەتلەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك دۇنيا مىقياسىدا ئادەتكە ئايلانغان ئۇسۇلى بولۇپ، بۇمۇ بايراق سىمۋولى بولغان ۋەتەننى ھۆرمەتلەشكە كىرىدىغان ھەرىكەتلەردىندۇر. بۇ مۇناسىۋەتتە چېلىنىدىغان سازمۇ ھەربىي ۋە تۈرلۈك مۇراسىملاردا ۋەتەنگە سىمۋول قىلىنغان بولغاچقا، بۇمۇ ئوخشاشلا مۇباھلىق دائىرىدە قالىدۇ.

ئىخچاملىساق، بايراققا، ئىستىقلال مارشىغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۆرە تۇرۇش چەكلەنگەن ئىشلاردىن ئەمەس، بەلكى، ۋەتەنگە بولغان مەنسۇپلۇق تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرىدىغان، بىر ۋەتەن خەلقىنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان ياخشى ئادەتلەر جۈملىسىدىن. تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىككىنچى ۋەتىنى بولغان تۈركىيە بايرىقىغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن مەكتەپلەردە بايراققا ئۆرە تۇرسا بولىدۇ. بۇ ئۇلارغا ئەقەللىيسى ۋەتەننى، بايراقنى سۆيۈشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇنداق قىلمىغان تەقدىردە، بايراققا ھۆرمەتسىزلىك قىلدى دەپ ئەيىبلىنىدۇ، بۇ سەۋەبتىنمۇ ئۆرە تۇرۇش مۇئەييەنلىشىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1440، 28 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2019، 3 – فېۋرال

—————-
1. «ئەبۇ داۋۇد»، (4843). سەنەدى «ھەسەن».

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ