Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئەھكاملىرىنىڭ بايانى(3)

ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئەھكاملىرىنىڭ بايانى(3)

ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئەھكاملىرىنىڭ بايانى(3)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

تالاق قىلىنغان ياكى ئاجراشقان ئايال ھەيز بىلەن ئىددەت تۇتىدۇ

ئىددەت دېگىنىمىز تالاق قىلىنغان ياكى ئېرى ۋاپات بولغان ۋەياكى شۈبھىلىك نىكاھ قىلىپ سالغان ئاياللارغا شەرىئەت بەلگىلەپ بەرگەن مۇددەت بولۇپ، بۇ مۇددەت توشمىغۇچە ئۇ ئايال ياتلىق بولالمايدۇ.

ئىددەت تۇتۇش ۋاجىبتۇر. بارلىق ئالىملار بۇنىڭغا بىردەك ئىجماﺋ قىلغان. ئاللاھ تائالا: ﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە ئۇدۇللاپ تالاق قىلىڭلار، ئىددەتنى ساناڭلار﴾(65/«تالاق»: 1) دەپ بۇيرۇغان.

ئىددەت تۇتۇشتا نۇرغۇن ھېكمەتلەر بار بولۇپ، بۇلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى ساناش مۇمكىن:

1. بالىياتقۇدا تۆرەلمە بار – يوقلۇقىنى ئېنىقلاش ۋە نەسەب ئارىلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

2. نىكاھنىڭ قەدر – قىممىتى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى بايان قىلىش ۋە ئۇنىڭ مەلۇم مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش.

3. يېنىشىۋالالايدىغان رەجئىي تالاق ھالىتىدە ھەر ئىككى تەرەپكە يارىشىۋېلىش پۇرسىتى بېرىش.

4. ئېرى ۋاپات بولغان تەقدىردە، پىراق دەردىنى تۆكۈۋېلىش ۋە ئېرىگە ۋاپادارلىق قىلىش.

5. ئەرنىڭ ۋە پەرزەنتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئورۇنداش. بۇ سەۋەبتىن، ئايالنىڭمۇ، ئەرنىڭمۇ ئىددەتتىن ۋاز كېچىش ھەققى بولمايدۇ(1).

نىكاھتىن كېيىن ئېرى بىلەن بىللە بولمىغان ئايال تالاق قىلىنسا، ئىددەت تۇتمايدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! مۇئمىن ئاياللارنى نىكاھلاپ ئېلىپ، ئاندىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى تالاق قىلىۋەتسەڭلار، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن سىلەر سانىنى تولۇق ئالىدىغان ئىددەت تۇتۇشى كېرەك ئەمەس. شۇڭا، ئۇلارنى بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرىڭلار!﴾(33/«ئەھزاب»: 49).

ئىددەتنىڭ تۈرلىرى

1. ھەيز بىلەن ئىددەت تۇتۇش. ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن، ھەيز كۆرىدىغان ئايال ياتلىق بولۇپ ۋە ئېرى بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن تالاق قىلىنغان تەقدىردە، ئۇنىڭ ئىددىتى ئۈچ ھەيز بولىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۆزلىرىنى ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە كۈتۈپ تۇرىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 228).

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئايال ھەيزدار ئەمەس ھالەتتە تالاق قىلىنىپ شۇ ئاجراشقان ۋاقىتتىن باشلاپ تولۇق ئۈچ ھەيز كۆرۈپ ساقىيىپ بولسا ئاندىن ئىددىتى توشقان بولىدۇ. ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلىنغان بولسا، بۇ تالاق دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈكرەك بولغان بىر قاراشتا تالاق ھېسابلانمايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ قارىشىدا، تالاق ھېساب قىلىنىدۇ. ھېساب قىلىنغان تەقدىردە، تالاق قىلىنغان شۇ ھەيزدىن ساقىيىپ بولۇپ، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا تولۇق ئۈچ ھەيز كۆرۈپ ساقايسا، ئاندىن ئىددىتى توشقان بولىدۇ. بۇ ئىددەت بىر ياكى ئىككى تالاقتىن كېيىن بولغان بولسا، ئېرى ئايالىنى شۇ ئىددەت ئىچىدە نىكاھ قىلدۇرۇشقا ئېھتىياج چۈشمەستىن، تويلۇقسىز قايتۇرۇۋېلىپ، بىللە ياشىيالايدۇ. ئىددەت توشۇپ بولغاندىن كېيىن ئايال كىشى خاھلىسا يېڭى نىكاھ، يېڭى تويلۇق ئېلىپ تېگىدۇ.

ئۈچىنچى تالاق بولغان بولسا، ئىددىتى ئىچىدە بولسۇن ياكى ئىددىتى توشقاندىن كېيىن بولسۇن، قەتئىي يېنىشىۋالالمايدۇ.

2. ياشنىڭ چوڭلۇقى ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن ھەيز كۆرمەيدىغان ئاياللارنىڭ تالاق ئىددىتى ئۈچ ئاي بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاياللىرىڭلار ئىچىدىكى ھەيز كۆرۈشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئىددىتىنى بىلەلمەي شەكلىنىپ قالساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر. تېخى ھەيز كۆرۈپ باقمىغانلارنىڭمۇ شۇنداق﴾(65/«تالاق»: 4).

بۇ ئايەتتىكى ﴿تېخى ھەيز كۆرۈپ باقمىغانلار﴾ دېگەن ئىبارە نارەسىدە قىزلارنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى، بالاغەتكە يەتكەن ۋە نىكاھلانغان، لېكىن كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەبتىن ئادەت كەلمىگەن چوكانلارنى كۆرسىتىدۇ. دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە ئاياللارنىڭ ئىچىدە 5 ياكى %6 تى كېچىكىپ ھەيز كۆرىدىكەن، بۇلارنىڭ بەزىسى ۋاپات بولغۇچە ئادەت كۆرمەيدىكەن. شۇڭا بۇ ئايەت ھەيز كۆرمەيدىغان ئاياللارنىڭمۇ ئىددىتىنى بايان قىلغان. لېكىن، كۆپلىگەن مۇفەسسىرلەر مەزكۇر ئايەتنى تېخى ھەيز كۆرمىگەن نارەسىدە قىزلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەفسىر قىلىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، قىز بالىنىڭ بالاغەتكە يېتىشى ھەيز كۆرمىسىمۇ 15 ياشقا كىرىشى ۋەياكى ئېھتىلام بولۇشى بىلەنمۇ بولىدۇ.

ئالىملارنىڭ ھەيز توختاش يېشىنى بېكىتىشتە قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. بەزىلىرى 55 ياش، بەزىلىرى 50 ياش، يەنە بەزىلىرى 62 ياش دەپ باققان. توغرىسى، بۇ ئاياللارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ(2).

3. ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئىددىتى تۆت ئاي ئون كۈن بولىدۇ. ھەقتائالا بۇيرۇغانكى: ﴿سىلەردىن ۋاپات بولغانلارنىڭ قويۇپ كەتكەن ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن كۈتۈپ تۇرۇشى لازىم. ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆزلىرى توغرۇلۇق شەرىئەت قائىدىسى بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەبەرداردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 240).

بۇ ئەھۋالدا ئايالنىڭ يېشى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، نىكاھدىن كېيىن ئېرى بىلەن بىللە بولغان بولسۇن ياكى تېخى بىللە بولمىغان بولسۇن، ھامىلىدار بولمىغانلا بولسا شۇنداق بولىدۇ.

ئەلبەتتە، ئىددەت تالاق قىلىنغان ياكى ۋاپات بولغان چاغدىن باشلاپ قەمەرىيە كالېندارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. قەمەرىيە كالېندارىدا بەزىدە 29، بەزىدە 30 كۈن بولىدۇ. مىلادىيە كالېندارى بويىچە ھېسابلانمايدۇ.

4. بارلىق ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ھامىلىدار ئايال تالاق قىلىنغان بولسا، تالاقتىن بىر سائەت كېيىن تۇغسىمۇ تۇغقان ھامان ئىددىتى توشقان بولىدۇ، تۇغمىسا ئىددىتى توشمىغان بولىدۇ(3). چۈنكى، ھامىلىدارلارنىڭ ئىددىتى تۇغۇش بىلەن ئاياغلىشىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتىنىڭ توشۇش ۋاقتى بالىلىرىنى تۇغۇشتۇر﴾(65/«تالاق»: 4).

ئەگەر ھامىلىدار ئايال ئېرى ۋاپات بولغانلىقىدىن ئىددەت تۇتقان ئايال بولسا، كۆپچىلىك ئالىملار: «ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتىمۇ ئوخشاشلا تۇغۇش بىلەن ئاياغلىشىدۇ، تۇغقاندىن كېيىن ئەرگە تېگەلەيدۇ» دەيدۇ. بەزى ئالىملار: «قايسى مۇددەت ئۇزۇن بولسا، ئۇزۇن مۇددەت بويىچە ئىددەت تۇتىدۇ» دەيدۇ. بۇ قاراش بويىچە تۆت ئاي ئون كۈن ئىچىدە تۇغسا، تۆت ئاي ئون كۈننى تولۇقلايدۇ. ئۇنىڭغىچە تۇغمىسا، تۇغقانغىچە ئىددەت تۇتىدۇ.

مەلۇمكى، ئىددەت ئىچىدە ئايالنىڭ بارلىق چىقىمىنى ئەر قىلىپ بېرىشى كېرەك بولىدۇ، ئىددەتتىن كېيىن چىقىمىنى قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ. ئايال كىشى خاھلىسا ئىددىتى توشقاندىن كېيىن خاھلىغان باشقا بىر كىشىگە ياتلىق بولالايدۇ. مانا بۇنىڭدىن، ھەيز ئەھكاملىرىنى بىلىشنىڭ تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقى چىقىپ تۇرىدۇ.

ئەر كىشىمۇ ئىككى خىل ئەھۋالدا ئاياللارنىڭ ئىددىتىنىڭ ئاياغلىشىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر. بىرى، ئايالىنى تالاق قىلىپ، تالاق قىلغان ئايالىنىڭ ھەمشىرىسىنى ئالماقچى بولسا، ئايالىنىڭ ئىددىتى تولۇق توشمىسا ئالالمايدۇ. يەنە بىرى، تۆت خوتۇنى بار كىشى بىرىنى تالاق قىلسا، ئىددىتى توشمىغۇچە بەشىنچىسىنى ئالالمايدۇ.

ھەيز قېنى يۇققان كىيىم – كېچەكلەرنى تازىلاش كېرەك

ھەيز قېنى نىجىس بولۇپ، بۇ قان يۇققان نەرسىلەرنى يۇيۇپ تازىلاش كېرەك، بولمىسا، ئۇ قان يۇققان كىيىم – كېچەكتە ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ. ھەيز قېنى كىيىم – كېچەك ياكى يوتقان – ئەدىياللارغا يۇقسا، ئۇنى ئالدى بىلەن تاتىلاپ، سۇ بىلەن ئۇۋۇلاپ يۇيىمىز، ئاندىن سۇدا چايقىۋېتىمىز. ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلدىكى: «ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ:

— ئەگەر ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻤﯩﺰگە ﮪﻪﻳﺰ ﻗﯧﻨﻰ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ؟ — ﺩﯦﯟﯨﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:

— ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎتىلاپ، ﺋﯘﯞﯗﻻﭖ ﻳﯘﻳﯘﭖ، ﭼﺎﻳﻘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ (ساقايغاندا) ﺷﯘ ﻛﯩﻴﯩﻤﺪﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯ ئوقۇۋېرىدۇ، — ﺩﯦﺪى»(4).

بۇ ھەدىستىكى «تاتىلىۋېتىش» تىرناق ياكى چوتكىدەك نەرسىدە قاتما قاننى تازىلىۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، بۇ قان قۇرۇپ ياكى قېتىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، تازىلىغاندا مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تازىلاش ئەۋزەل. يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن قاننىڭ ئىزى ياكى دېغى قالسا زىيىنى يوق، ئۇ يەنىلا پاكىز ھېسابلىنىدۇ. پاكىز بولغاندىن كېيىن شۇ كىيىمدە ناماز ئوقۇۋېرىدۇ. چۈنكى، بىر ھەدىستە خەۋلە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ئى رەسۇلۇللاھ! قان چىقمىسىچۇ؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قاننى يۇسىڭىز كۇپايە، ئىزى (دېغى) نىڭ سىزگە زىيىنى يوق» دېگەن(5).

يەنە بىر ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ﺑﯩﺮﻩﺭﯨﻤﯩﺰ ﮪﻪﻳﺰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﭘﺎﻛﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، كىيىمىدىكى ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﯞﯗﻻﭖ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ كىيىمىنى ﻳﯘﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭗ، ﺷﯘ كىيىمى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ئوقۇۋېرەتتۇق» دېگەن.(6) قان تەگمىگەن يەرلەرگە سۇ سېپىۋېتىشتىكى مەقسەت ۋەسۋەسەگە خاتىمە بېرىشتۇر.

يەنە بىر ھەدىستە مۇئازە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دېگەنكى: «مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كىيىمىگە قان تېگىپ قالغان ھەيزدار ئايال توغرۇلۇق سورىدىم، ئۇ: ›ئۇنى يۇيسۇن. ئەگەر دېغى قېلىپ قالسا، رەڭگىنى بىرەر سېرىق نەرسە بىلەن ئۆزگەرتىۋەتسۇن‹ دېگەن»(7).

قاننىڭ ئىزىنى سېرىق بىرنەرسىدە ئۆزگەرتىۋېتىشمۇ، بىر تەرەپتىن، ۋەسۋەسەدىن قۇتۇلۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، باشقىلار تەرىپىدىن تازىلىققا رىئايە قىلمىغاندەك كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈندۇر. بولمىسا، ئۇ داغ ياكى چەلنىڭ زىيىنى يوق(8).

2. نىپاس قېنى

نىپاس دېگەن تۇغۇتتىن كېيىن ۋە بالا چۈشۈپ كەتكەن ياكى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ھەيز كېلىدىغان جايدىن كېلىدىغان قاندۇر. قوشكېزەك ئارىلىقىدىكى قانمۇ نىپاس قېنى ھېسابلىنىدۇ. دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئالدىنقى تۆت كۈندە كېلىدىغان قاندىن ئىبارەت بولۇپ، كېيىن ئاستا – ئاستا رەڭگى ئېچىلىدىكەن، قان مىقدارىمۇ ئازىيىدىكەن، ئون كۈندىن كېيىن رەڭسىز شىلىمسىمان ماددا بولۇپ كېلىدىكەن، بەزىدە تۆت ھەپتىگىچە داۋاملىشىدىكەن. دېمەك، نىپاسنىڭ ئەڭ قىسقىسى بىر ھەپتىدىن ئون كۈنگىچە، ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقىنى ئالتە ھەپتە ياكى 42 كۈن بولىدىكەن. بۇنىڭدىن ئارتۇق داۋاملاشسا، كېسەللىكنىڭ ئالامىتى ياكى بالا ھەمرىيىنىڭ ئازراق پارچىسى بالىياتقۇدا قالدى دېگەنلىك بولىدىكەن. نىپاس جەريانىدا ئايال كىشىنىڭ تاناسىل ئەزالىرى ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى ئەسلى ھالىتىگە قايتىدىكەن. مەسىلەن، تۇغۇت مەزگىلىدە بالىياتقۇنىڭ ئېغىرلىقى 900 گىرامغا يېتىدىكەن، تۇغۇتتىن بىر ھەپتە كېيىن 450 گىرامغا چۈشىدىكەن، ئىككى ئايدىن كېيىن 55 گىرامغا چۈشىدىكەن(9).

ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدىمۇ بىر ئايالنىڭ نىپاس مۇددىتى يەنە بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ نەزەرىدىمۇ ئەڭ قىسقا نىپاس بىردەملىك بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، تۇغۇتتىن كېيىنلا قان توختىسا ياكى قانسىز تۇغۇش بولغان بولسا، نىپاس تۈگىگەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، غۇسۇل قىلىۋېتىپلا ناماز ئوقۇيدۇ ۋە باشقا نىپاس سەۋەبىدىن چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلسا بولىدۇ. يەنە بەزىلىرىنىڭ نەزەرىدە نىپاس مۇددىتى ئەڭ ئاز بولسا 11 ياكى 26 كۈن بولىدۇ.

ئەمما، ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان نىپاس بولسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، قىرىق كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. بەزى ئالىملار: «كەم ئۇچرايدىغان قىسمەن ئەھۋاللاردا 60 كۈنگىچە داۋاملىشىشىمۇ مۇمكىن» دېگەن(10).

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە نىپاسدار ئايال قىرىق كۈن ئولتۇراتتى» دېگەن(11).

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە: «رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدا تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن قىرىق كۈنگىچە ناماز ئوقۇماي ئولتۇراتتى. بىز (تۇغۇتلۇق ياتقان ۋاقتىمىزدا) يۈزىمىزگە داغ چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ۋەرەس (قىزىل بوياش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك) سۈرۈۋالاتتۇق» دېگەن(12).

يۇقىرىقى ھەدىسلەر بىلەن باشقا ھەدىسلەرنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنگىنىمىزدە، نىپاسنىڭ ئەڭ ئۇزۇن مۇددىتىنىڭ قىرىق كۈن بولىدىغانلىقى، بۇ مۇددەتتىن بۇرۇن ساقايسا نىپاس تۈگىگەن ھېسابتا بولىدىغانلىقى چىقىدۇ(13).

قىرىق كۈن ئۆتۈپ نىپاس قېنى توختىمىسا ھەمدە بۇ كۈنلەر ئادەت كۆرىدىغان كۈنلەرگە ئۇدۇل كەلسە، قىرىق كۈندىن ئاشقىنى ھەيز ھېسابلىنىدۇ. ئادەت كۆرىدىغان كۈنلەرگە ئۇدۇل كەلمىسە، قىرىق كۈندىن ئاشقىنى ئىستىھازە ھېسابلىنىدۇ – دە، قىرىق كۈن توشقان چاغدا يۇيۇنۇپ، ناماز ئوقۇشقا باشلايدۇ([1^4]).

قىرىق كۈن ئىچىدە پاك بولغاندىن كېيىن قىرىق كۈن توشقۇچە قان قايتىدىن كەلسە، بۇ قانمۇ نىپاس ھېسابلىنىدۇ. يەنى نىپاس داۋاملاشقان بولۇپ ھېسابلانغاچقا، ناماز ئوقۇمايدۇ.

بالا چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن كەلگەن قان نىپاس ھېسابلىنىدۇ

ئەلبەتتە، بالا چۈشۈرۈۋېتىش ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ بىرى. بىر ياكى ئىككى ئايلىق بولسىمۇ، ئوخشاشلا جىنايەت شەكىللىنىدۇ، كەففارەت كېلىدۇ.

بالا چۈشۈرۈۋېتىش نەتىجىسىدە كەلگەن قاننى بەزى ئالىملار نىپاس ھېسابلايدۇ. بەزى ئالىملار چۈشۈرۈۋېتىلگەن تۆرەلمە ئادەمزات شەكلىگە كىرگەن بولسا، چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى قان نىپاس بولىدۇ، شەكىلگە كىرمىگەن بولسا نىپاس ھېسابلانمايدۇ، شەكىلگە 81 كۈندە كىرىدۇ، دەپ قارايدۇ.

تۇغۇتتىن بىر – ئىككى كۈن بۇرۇن كەلگەن قان تۇغۇت ئالامىتى كۆرۈلۈپ كەلسە، نىپاس ھۆكمىدە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ناماز ئوقۇمايدۇ؛ تۇغۇت ئالامىتى كۆرۈلمىسە، نىپاس ھېسابلانمايدۇ. قان كېلىۋاتسىمۇ ناماز ئوقۇۋېرىدۇ، چۈنكى ئۇ نىپاس قېنى ئەمەس(15). ئەمما، ئىككى كۈندىن ئېشىپ كەتسە، ئوقۇمىغان نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. چۈنكى، ئىككى كۈندىن ئاشقان ئەھۋالدا بۇنىڭ نىپاس ئەمەسلىكى مەلۇم بولغان بولىدۇ.

نىپاس مۇددىتىدە چەكلىنىدىغان ئىشلار

ھەيزدارغا چەكلىنىدىغان يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى نىپاسدارغىمۇ چەكلىنىدۇ. مەسىلەن، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، جىما قىلىش، «قۇرئان» تۇتۇش ۋە ئوقۇش، مەسجىدكە كىرىش ۋە تاۋاپ قىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش. چەكلەنمەيدىغان ئىشلارمۇ ھەيزدارغا چەكلەنمەيدىغان ئىشلار بىلەن ئوخشاش. يەنە ھەيزدىن ساقايغاندا غۇسۇل قىلىش ۋاجىب بولغاندەكلا، نىپاسدىن ساقايغاندىن كېيىنمۇ غۇسۇل قىلىش ۋاجىب بولىدۇ.

پەقەت تۆت تۈرلۈك ئىشلا ھەيزگە خاس بولۇپ، بۇلاردا ھەيز نىپاستىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ:

1. ئىددەت ھەيز بىلەن ھېسابلىنىدۇ.

2. ھەيز بىلەن ھامىلىدار ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.

3. ھەيز بىلەن بويىغا يەتكەنلىك ئىسپاتلىنىدۇ.

4. سۈننەتكە مۇۋاپىق تالاق بىلەن بىدئەت تالاقنى ھەيز ئارقىلىق ئايرىغىلى بولىدۇ.

3. ئىستىھازە قېنى

ئىستىھازە(16) قېنى دېگىنىمىز ئاياللار ئادەتلەنگەن ھەيز ۋاقتىدىن ۋە نىپاس ۋاقتىدىن باشقا چاغلاردا كېلىدىغان قاندۇر. ئىستىھازە قان توختىماسلىق كېسىلىدۇر. ئايال كىشى ئادەتتە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋالدىن تاشقىرى بولمايدۇ:

1. بۇرۇندىن تارتىپ ھەيز كۆرۈش ئادىتى مەلۇم بولۇپ بولغانلار. بۇنداق ئاياللاردىن ئادەت بويىچە كەلگەن قان ھەيز قېنى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق كەلگەن قان ئىستىھازە قېنى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، بىر ئايالنىڭ ھەيز كۆرۈپ كېلىۋاتقان ئادىتى بەش كۈن بولسا، بەش كۈندىن كېيىن كەلگەن قان ئىستىھازە قېنى ھېسابلىنىدۇ، بەش كۈن توشقاندىن كېيىن پاك بولغان ھېسابلىنىپ، غۇسۇل قىلىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلدىكى: «ﺋﻪﺑﯘ ﮪﯘﺑﻪﻳﺸﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ فاﺗﯩﻤﻪ رەزىيەللاھۇ ئەنھا ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! (ئىستىھازە بولۇپ) پاكلىنالمايۋاتىمەن، ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ تاشلامدىم؟ — ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪم:

— ﻳﺎﻕ، ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻮﻣﯘﺭدﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻥ، ﮪﻪﻳﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﮪﻪﻳﺰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ئوقۇماڭ، ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭗ، ﻏﯘسۇل ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯓ، — ﺩﯦﺪﻯ» (17).

ئۇممۇ ھەبىبە بىنتى جەھش رەزىيەللاھۇ ئەنھا قان توختىماسلىق كېسىلى ھەققىدە شىكايەت قىلىپ كەلگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «ھەيز كۆرىدىغان كۈنلىرىڭىز مۇددىتىچىلىك كۈتۈپ تۇرۇڭ، ئاندىن كېيىن يۇيۇنۇڭ» دېدى. ئەمما، ئۇ ئايال ھەر ۋاقىت ناماز ئۈچۈن يۇيۇناتتى(18).

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىستىھازﻩدارنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق پەتۋا سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇ ئايال ھەر ئايدا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئادىتى بويىچە ھەيز كۆرىدىغان مەلۇم كۈنلىرىدە ناماز ئوقۇمىسۇن، ھەيز مۇددىتىدىكى كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن يۇيۇنۇپ، ئاندىن لاتا قىستۇرۇپ ناماز ئوقۇسۇن» دەپ جاۋاب بەرگەن(19).

بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەيز ئادىتىنىڭ كۈنلىرى مەلۇم بولغان ئايال ئادەتتە ھەر ئايدا ھەيز كۆرۈپ كېلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ سانى بويىچە ناماز ئوقۇماي ساقلاپ تۇرۇپ، ئۇ كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن غۇسۇل قىلىپ، ناماز ئوقۇۋېرىدۇ. قان كەلسىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ(20).

2. بۇرۇن مەلۇم مۇددەت ئادىتى بولمىغان ياكى ئادىتىنى ئۇنتۇپ قالغان ۋەياكى يېڭىدىن بويىغا يەتكەنلەر ھەيز قېنى بىلەن باشقا قاننى ئايرىيالمىسا، بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ ھەيز مۇددىتى ئالتە ياكى يەتتە كۈن ھېسابلىنىدۇ. ئالتە كۈن دەپ قارىسا ئالتە كۈن، يەتتە كۈن دەپ قارىسا يەتتە كۈن چىقىرىۋېتىدۇ. چۈنكى، ئادەتتە كۆپىنچە ئاياللارنىڭ مۇشۇنداق بولىدۇ.

بۇنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەھش قىزى ھەمنە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «ئاللاھ تائالا ئاياللارغا ئادەت قىلىپ بەلگىلىگەن كۈنلەردە ھەيز ئەھكامىغا رىئايە قىلىڭ، ئاندىن غۇسۇل قىلىپ بولغاندىن كېيىن 24 ياكى 23 كېچە – كۈندۈز ناماز ئوقۇپ روزا تۇتۇڭ، شۇنداق قىلسىڭىز كۇپايە. ھەر ئايدا كۆپچىلىك ئاياللار ھەيز كۆرۈپ ساقىيىدىغان مۇددەتكە رىئايە قىلىڭ» دېگەن(21).

3. ھەيز ئادىتى تېخى بەلگىلەنمىگەن ئاياللار ئالاھىدە پۇراقلىق، توق قارامتۇل كەلگەن ھەيز قېنى بىلەن ئوچۇق ياكى تۇتۇق قاننى ئايرىيالىسا، شۇ بويىچە ئىش قىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ ھۇبەيشنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «ھەيز قېنى كەلسە قارامتۇل كېلىدۇ، (رەڭگى ۋە پۇرىقىدىن) بىلىنىدۇ. شۇنداق بولسا ناماز ئوقۇماي تۇرۇڭ، ئۇنداق بولماي باشقىچە قان كەلسە، تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇۋەرسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى ئۇ تومۇردىن چىققان قاندۇر» دېگەن(22).

ئىستىھازەگە مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار

ئىستىھازﻩدار پاك ھېسابلانغاچقا، ئادەتتىكىدەك ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ، ئېتىكاپتا تۇرىدۇ، «قۇرئان» ئوقۇيدۇ، «قۇرئان»نى تۇتىدۇ، باشقا بارلىق ئىبادەتلەرنىمۇ قىلىدۇ. بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار بىرلىككە كەلگەن.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلدىكى: «مۇئمىنلەرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ئىستىھازﻩدار ﮪﺎلەتتە ﺋﯧﺘﯩﻜﺎﭘﺘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ»(23). يەنە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئىستىھازﻩدار ئېرى بىلەن بىللە بولسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ھەقتە بىرەر چەكلىمە كەلمىگەن(24).

ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎ: «ئىستىھازﻩدار ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ خۇندىن ﭘﺎك بولسا غۇسۇل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ، ﺋﯘ ناماز ئوقۇغان بولسا، ﺋﯧﺮﻯ ﻳﯧﻘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ. ئىمام ﺑﯘﺧﺎﺭﯨﻲ: «ناماز (جىماغا قارىغاندا) ئۇلۇغ ئىش» دېگەن(25) يەنى ناماز ئوقۇيالىغان ئىكەن، جىما قىلالايدۇ.

ئىستىھازﻩدار ھەربىر ناماز ئۈچۈن ئايرىم غۇسۇل قىلىشى كېرەك ئەمەس، بەلكى ھەيز توختاپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم غۇسۇل قىلىپ، ناماز ئوقۇشنى باشلايدۇ. كېيىن كەلگەن ئىستىھازە مەزگىلىدىكى قانلار ئۈچۈن قايتا غۇسۇل قىلىشى كېرەك ئەمەس، پەقەتلا ھەربىر نامازغا يېڭى بىر تاھارەت ئالىدۇ. ھەدىستە: «ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ئاشۇ ۋاقىت (ﮪﻪﻳﺰ ﯞﺍﻗﺘﻰ) ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﯩﻠﯩﻚ ﮪﻪﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﯔ» دەپ كەلگەن(26).

ئىستىھازﻩدار ناماز ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن تاھارەت ئېلىۋالمايدۇ، بەلكى ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن تاھارەت ئالىدۇ، چۈنكى ناماز ۋاقتى كىرمىگۈچە تاھارەت ئېلىشقا ھاجەت يوق. ھەربىر نامازغا تاھارەت ئالسا، شۇ نامازنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تەۋە نەفلە نامازلارنى تا يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە ئوقۇسا بولىدۇ. تاھارەت ئېلىشتىن بۇرۇن ئەۋرىتىنى يۇيۇپ، قان ئېقىپ كەتمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن لاتا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا لاتىنى ئالماشتۇرىدۇ. دېمەك، ئىستىھازﻩدار ئۆزرىلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ تاھارىتى ۋاقىتقا باغلىنىشلىق بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «ئىستىھازﻩدار، سۈيدۈك تۇتالمايدىغان ئادەم، قان چىقىپ تۇرىدىغان يارىدار، بۇرنى قاناپ تۇرىدىغان ياكى يەل تۇتالمايدىغان ۋەياكى شۇلارغا ئوخشىغان بىرنەرسە چىقىپلا تۇرىدىغان كىشىلەر بىرنەرسە چىقىپ تۇرسىمۇ، مەينەتلىك بولسىمۇ، ناماز ئوقۇۋېرىدۇ. مۇشەققەت ۋە زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن ئۇ نامازلارنى قايتا ئوقۇمايدۇ»(27).

ئەگەر ناماز ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن تاھارەت ئالغان بولسا، تاھارەت ئالغاندىن كېيىن بىرنەرسە چىقماي تۇرۇپ ناماز ۋاقتى كىرسە، شۇ تاھارىتى ھېساب بولىدۇ. ناماز ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن بىرنەرسە چىققان بولسا، تاھارىتى سۇنۇپ كېتىدۇ. ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن يېڭى تاھارەت ئېلىشى لازىم. ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن تاھارەت ئالغان بولسا، بىرنەرسە چىققان بولسىمۇ، تاھارىتىگە تەسىر يەتمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئۆزرىلىك ھالەتتۇر.

ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن يېڭى تاھارەت ئېلىپ نامازغا تۇرغان ياكى جامائەتنى ساقلاش، كىيىنىش قاتارلىق ناماز تەييارلىقىدا بولغان بولسا، قان كېلىپ تۇرسىمۇ، تاھارىتى سۇنمىغان بولىدۇ. ئەگەر ناماز ۋاقتى چىقىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، قاندىن باشقا تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ئىشلاردىن بىرى يۈز بەرگەن بولسا، ئەلبەتتە تاھارىتى سۇنىدۇ(28).

ئەگەر قىيىنچىلىق بولۇپ قالمىسا، ھەربىر نامازغا بىر ياكى ھەر ئىككى نامازغا بىر غۇسۇل قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇسا رۇخسەت. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەمنە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «پېشىننى كېچىكتۈرۈپ ئوقۇيالىسىڭىز، غۇسۇل قىلىپ پاكلىنىپ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى جەملەپ ئوقۇڭ. ئاندىن شامنى كېچىكتۈرۈپ، خۇپتەن بىلەن بىللە بىر غۇسۇل قىلىپ جەملەپ ئوقۇيالىسىڭىز جەملەپ ئوقۇڭ. بامداتتا بىر غۇسۇل قىلىپ ئوقۇڭ» دېگەن(29).

ئەسماﺋ بىنتى ئۇمەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇكى: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:

— ئى رەسۇلۇللاھ! پاتىمە بىنتى ئەبۇ ھۇبەيش ئىستىھازﻩدار بولۇپ قېلىپ ناماز ئوقۇيالمىغىلى خېلى بولدى، — دېگەن ئىدىم، رەسۇلۇللاھ:

— سۇبھاناللاھ! بۇ شەيتاننىڭ سەۋەبىدىندۇر. ئۇ ئايال (خۇن ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن) بىر داسقا سۇ قۇيۇپ، ئۇنىڭدا ئولتۇرۇپ قاراپ باقسۇن. سۇ يۈزىدە خۇننىڭ ئەسىرىدىن سېرىقلىق پەيدا بولسا، پېشىن بىلەن ئەسىرگە بىر قېتىملا يۇيۇنۇپ، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا كىچىك تاھارەت ئېلىپ ئوقۇسۇن. شام بىلەن خۇپتەننىمۇ شۇنداق قىلسۇن ۋە بامدات ئۈچۈن بىر يۇيۇنسۇن، — دېدى». مۇجاھىد بۇنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بۇ ھەقتە: «ئۇ ئايالغا يۇيۇنۇش قىيىن كەلگەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ئايالنى ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇشقا بۇيرۇغان» دېگەن(30). لېكىن، بۇنداق غۇسۇل قىلىش يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك ۋاجىب ئەمەس، ۋاجىب بولغىنى ھەربىر نامازغا يېڭى تاھارەت ئېلىشتۇر، ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قان كەلسە، يەنە تاھارىتى سۇنغان بولىدۇ(31).

ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «ئىككى ۋاقىتتا تاھارەتنى ئايرىم – ئايرىم تولۇق ئېلىپ بولالمايدىغان، ئالسا قىينىلىپ قالىدىغان ئىستىھازﻩدارلاردەك ئۆزرىلىك كىشىلەر ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇيدۇ» دېگەن(32).

يۇقىرىقى ھەدىستە كۆرسىتىلگەن ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇش ئۇسۇلى مۇنداق: مەسىلەن، پېشىننى ئاخىرقى ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈپ، ئەسىرگە ئەزان چىقىشتىن ئون مىنۇت بۇرۇن ئوقۇۋېلىپ، ئاندىن ئەسىرگە ئەزان چىققاندا ئەسىرنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش. بۇ شەكلىي جەھەتتىن جەملەپ ئوقۇش بولۇپ، ھەربىر ناماز ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇلغان بولىدۇ، شام بىلەن خۇپتەنمۇ شۇنداق.

مەلۇمكى، نىپاس قىرىق كۈندىن ئېشىپ كەتسە، قىرىق كۈندىن كېيىنكىسى ئىستىھازەنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ.

ھەيز كۈنلىرىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن كەلگەن سېرىق ياكى تۇتۇق خۇنلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟

ھەيز كېلىدىغان كۈنلەردىن بۇرۇن ياكى كېيىن سېرىق ياكى تۇتۇق خۇن كەلسە، بۇ ھەيز ھېسابلانمايدۇ. تاكى قىپقىزىل، پۇراقلىق ھەيز خۇنى كەلگۈچە ئايال كىشى پاك ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئاق خۇن كەلسىمۇ ھەيز ھېسابلانمايدۇ.

ئايال كىشى ھەيز قېنىنى ئۇنىڭ پۇرىقى ۋە رەڭگى بىلەن ئايرىيالايدۇ. سېرىق خۇن دېگىنىمىز يىرىڭ سۈيىگە ئوخشاش سارغۇچ كېلىدىغان سۇيۇقلۇق. تۇتۇق دېگىنىمىز ئاق بىلەن قارا ئوتتۇرىسىدا ياكى جىگەررەڭ ياكى تۆمۈررەڭ سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئۇ ھەيز قېنىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.

ئالىملار ھەيز كېلىدىغان كۈنلەردىن بۇرۇن ياكى كېيىن كېلىدىغان سېرىق ياكى تۇتۇق خۇننى مۇنداق ئىككىگە ئايرىيدۇ: بىرى، ھەيز كۈنلىرىدىن بۇرۇن كېلىپ، ئارقىدىن ھەيز خۇنى تۇتاشماي ئايرىم كەلگىنى ياكى ھەيز كۈنلىرىدىن كېيىن كېلىپ، ھەيز خۇنى ئارقىدىن تۇتاشماي ئايرىم كەلگىنى. بۇ خۇن بىلەن بىللە ھەيزدارنىڭ بەل ئاغرىقى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. بۇ تۈردىكىسى ھەيز ھېسابلانمايدۇ. يەنە بىرى، ھەيزگە تۇتىشىپ كېلىدىغان ياكى ئۇنىڭ ئارقىدىنلا ھەيز تۇتىشىپ كېلىدىغان، ھەيزدارنىڭ بەل ئاغرىقى قاتارلىق ئاغرىقلىرى بىللە كۆرۈلىدىغان خۇنلار. بۇ تۈردىكىسى ھەيز ھېسابلىنىدۇ. ئەلبەتتە، بۇلارنى ھەيز ھېسابلاش ياكى ھېسابلىماسلىقتا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. بىز بىر قاراشنى تەرجىھ قىلغان ئاساستا يۇقىرىقىدەك بايان قىلدۇق(33).

ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ﺑﯩﺰ (ﮪﻪﻳﺰ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ) ﺗﯘﺗﯘﻕ ﯞﻩ ﺳﺎﺭﻏﯘﭺ ﻗﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ئېتىبارغا ئالمايتتۇق» دېگەن.(34) ئەلبەتتە، بۇ ئىش خاتا بولغان بولسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولاتتى.

ھەيز كېلىدىغان كۈنلەردە كەلگەن سېرىق ياكى تۇتۇق خۇنلارنىڭ ھۆكمى

ھەيز كۈنلىرىدە سېرىق ياكى تۇتۇق خۇن كەلسە، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ھەيز ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ھەيز قېنى پەقەتلا قىپقىزىل ياكى قارامتۇل بولىدۇ، ئۇندىن باشقىسى ھەيز قېنى بولمايدۇ. يەنە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، قىپقىزىل ھەيز قېنى كەلگەندىن كېيىن سېرىق ياكى تۇتۇق قان كەلسە، ھەيز قېنى ھېسابلىنىدۇ، بولمىسا، ھەيز قېنى ھېسابلانمايدۇ(35).

بۇ قاراشتىكىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز ئالدىغا ھەدىسلەردىن دەلىل كەلتۈرگەن. كۆپچىلىكنىڭ قارىشى بويىچە ئېيتقاندا، شۇنداق دەيمىزكى، ھەيز كېلىپ ئادەتلەنگەن كۈنلەردە سېرىق ياكى تۇتۇق سۇيۇقلۇق كەلسە، ھەيز ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ خىزمەتچىسى مۇرجانە مۇنداق دېگەن: «ئاياللار ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ھەيز ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن قۇتىغا پاختىنى سېلىپ ئەۋەتەتتى، ئۇ سېرىق رەڭدە بولغاچقا، ھەزرىتى ئائىشە ئۇلارغا: ›تاكى سېرىقلىق تۈگەپ، پاختا ئاق، پاكىز چىققۇچە كۈتۈپ تۇرۇڭلار‹ دەيتتى»(36).

ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎﻏﺎ ﺳﺎﺭﻏﯘﭺ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﺧﺘﯩﻨﻰ ﻻﺗﯩﻐﺎ ﻳﯚﮔﻪﭖ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ: «ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺭمىگۈچە ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎﯕﻼﺭ!» ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ. ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ بۇ ئارقىلىق ئېنىق ئاقلىق كۆرگەندىلا ﮪﻪﻳﺰﺩﯨﻦ ﭘﺎﻛﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺩﯦﻤﻪكچىدۇر. ﺯﻩﻳﺪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰىغا ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ يېرىم ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﭼﯩﺮﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﭘﺎﻛﻼﻧﻐﺎﻥ – ﭘﺎﻛﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎنلىق خەۋىرى يەتكەندە، ﺋﯘ: «ﺳﺎﮪﺎﺑﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺘﺘﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﮕﻪﻥ(37).

يۇقىرىقىغا ئاساسەن، ھەيز كۈنلىرى كەلگەن سارغۇچ ياكى تۇتۇق خۇن ھەيز ھېسابلىنىدۇ.

ھامىلىدار ھالەتتە كەلگەن قان ھەيز ھېسابلىنامدۇ؟

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئالىملار ھامىلىدارلىق ھالىتىدە كەلگەن قاننى ھەيز ھېسابلىمايدۇ، ئىمام مالىك ۋە شافىئىي قاتارلىق ئالىملار ھەيز قېنى دەپ قارايدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشى كۈچلۈك ۋە قولاي. بۇ قاراشقا بىنائەن، ھامىلىدار ھالەتتە كەلگەن قان ھەيز قېنى ئەمەس، بىنورماللىق ياكى كېسەللىك قېنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قان بىلەن ناماز، روزا قاتارلىق ھەيز مەزگىلىدە چەكلىنىدىغان ئىشلار چەكلەنمەيدۇ، پەقەتلا تۇغۇتتىن بىر – ئىككى كۈن ئىلگىرى كەلگەن ياكى تولغاق يېگەندە كەلگەن قان نىپاس قېنى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئىمام ئەھمەد ئېيتقاندەك، ئاياللار ھامىلىدارلىقىنى ھەيزنىڭ توختاپ قېلىشى بىلەن بىلىدۇ. شەرىئەتمۇ بالىياتقۇدا بالا بار – يوقلۇقىنى بىر ھەيز بىلەن ئېنىقلاشنى، ئۈچ ھەيز بىلەن ئىددەت تۇتۇشنى يولغا قويغان. ناۋادا ھامىلىدار ھەيز كۆرىدىغان بولسا، ھەيز بىلەن بالىياتقۇدا بالا يوق دەپ جەزملەشتۈرگىلى ياكى بالا بار – يوقلۇقىنى بىلگىلى بولماس ئىدى، نەسەبمۇ ئارىلىشىپ كېتەتتى. شەرىئەت بۇ تۈرلۈك زۆرۈر ئىشلاردا نۇرغۇن ئەھكاملارنى مۇقىم بولمىغان بىر ئىشقا باغلاپ قويۇشى مۇمكىن ئەمەس(38).

ئىلگىرىكى مەشھۇر تېۋىپلاردىن ئىمام ئىبنى رۇشدمۇ «ھامىلىدارلىق ھالىتىدە كەلگىنى كۆپىنچە ئەھۋالدا بىرەر كېسەللىك سەۋەبىدىن كەلگەن بىنورمال قان» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە ئىلگىرىكى بۇقرات ۋە جالىنۇس قاتارلىق مەشھۇر تېۋىپلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاز بىر قىسىم ئەھۋاللاردا ھامىلىدار ئايالنىڭ تېنى ساغلام بولۇپ، قورساقتىكى بالا كىچىك بولسا، ھامىلە ئۈستىگە ھامىلىدار بولۇش ئېھتىماللىقى بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان(39).

ھازىرقى تېببىي ئالىملارمۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھەيز كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھامىلىداردىن كەلگەن قان قاناپ كېتىش ياكى بىر ئىللەت سەۋەبىدىن كەلگەن بىنورمال قاندىن ئىبارەت. بۇنداق قان ھەيز قېنىغا سۈپەت ۋە ۋاقىت جەھەتتىن ئوخشاپ قالغان تەقدىردىمۇ، بىرلا ۋاقىتتا ھەم ھەيزدار، ھەم ھامىلىدار بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ھەيز قېنى دېگەن تۇخۇم بىلەن بىرلەشكەن ئۇرۇقنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بالىياتقۇ دىۋارىدا شەكىللەنگەن ماددىنىڭ ئاجراپ، چۈشۈپ كېتىشىدىن ئىبارەت. تۇخۇم بىلەن بىرلەشكەن ئۇرۇق بالىياتقۇغا كېلىپ، بالىياتقۇ دىۋارىغا چاپلاشمىغان تەقدىردە، شەكىللەنگەن بۇ ماددا چۈشۈپ كېتىدۇ. بالىياتقۇ دىۋارىغا چاپلاشقاندا بۇ قان چۈشمەيدۇ(40).

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، ھامىلىداردىن قان كەلگەن ئەھۋالدا بۇنى تومۇردىن كەلگەن قان دەپ قاراپ، ئىستىھازە ھالىتى بويىچە مۇئامىلە قىلىپ، ھەربىر نامازغا يېڭى تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيدۇ، روزىنىمۇ نورمال تۇتۇۋېرىدۇ.

ئاياللاردىن چىقىدىغان ئاق خۇن (ئاق سۇيۇقلۇق) لارنىڭ ھۆكمى

ئادەتتە نورمال ئەھۋالدا ئاياللاردىن كېلىدىغان ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇقلارنىڭ تۈرلىرى بىرقانچە خىل بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكىدەك ئايرىش مۇمكىن:

1. مەزىي. جىنسىي ئوي – خىيال سەۋەبىدىن ئەر ۋە ئاياللاردىن چىقىدىغان ئاق، شىلىمشىق، ئالاھىدە پۇراقلىق بىر خىل سۇيۇقلۇق. مەنىيدەك شەھۋەت بىلەن ئېتىلىپ چىقمايدۇ ھەم ئارقىدىنلا بوشىشىش بولمايدۇ. بۇ سۇيۇقلۇق ناپاك بولغاچقا، ئۇنى كىيىم – كېچەكتىن ۋە بەدەندىن تازىلىۋېتىش كېرەك. مەزىي ھەدىستە كەلگىنىدەك تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. لېكىن، مەنىيگە ئوخشاش غۇسۇل تاھارەتنى ۋاجىب قىلمايدۇ(41).

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەنكى: «ﻣﻪﻥ ﻣﻪﺯىي ﻛﯚﭖ كېلىدىغان ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ (ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ رەزىيەللاھۇ ئەنھا) ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ بولغاچقا، (ئۆزۈم سوراشتىن ھايا قىلىپ باشقا) ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﺩﯗﻡ، ﺋﯘ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: ‹ﺋﻪﯞﺭﯨﺘﯩﯖﻨﻰ يۇيۇۋېتىپ ﺗﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎلغىن› دېدى»(42).

ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئەۋرىتىڭنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى يۇيۇۋېتىپ، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالساڭ بولىدۇ» دېگەن(43).

2. مەنىي. ئىسپىرما. مەنىي ئۆزىگە خاس ئاقۇچ رەڭ، شىلىمشىقلىق ۋە پۇراققا ئىگە ئورگانىك سۇيۇقلۇق بولۇپ، شەھۋەت يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە ئېتىلىپ چىقىدۇ، ئارقىدىنلا شەھۋەت پەسىيىپ بوشىشىش بولىدۇ. مەنىينىڭ بەدەندىن چىقىشى تاھارەتنى سۇندۇرۇپلا قالماي جەنابەت ھاسىل قىلىدىغان بولغاچقا، غۇسۇل قىلماي ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ. ھەنەفىي فىقھىدا مەنىي ناپاك بولۇپ، بەدەندە ياكى كىيىمدە قالغان مەنىي قالدۇقى نامازغا توسالغۇدۇر(44).

بۇ سۇيۇقلۇق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا پاكىز. كىيىم – كېچەكنى ئۇنىڭدىن تازىلاش كېرەك ئەمەس. لېكىن، شۇنداقتىمۇ، تازىلىۋېتىش ياخشى، ئەگەر قۇرۇپ قالغان بولسا ئۇۋۇلىۋەتسە بولىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «كىيىمىڭدە بىرنەرسە كۆرگەن تەقدىردە، شۇنىلا يۇيۇۋەتسەڭ بولىدۇ. مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىمىدىكى قۇرۇپ قالغان مەنىينى تىرنىقىم بىلەن تاتىلاپ چىقىرىۋېتەتتىم» دېگەن(45).

مەنىي چىقسا تاھارەت سۇنۇپلا قالماي، جۇنۇبلۇق ھالىتى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، غۇسۇل قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. غۇسۇل قىلماي ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ. يەنە مەنىي چىققاندىن كېيىن غۇسۇل قىلماي تۇرۇپ ھەيزدارغا چەكلەنگەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تاۋاپ، مەسجىدكە كىرىش، «قۇرئان» تۇتۇش ۋە ئوقۇش قاتارلىق بەزى ئىبادەتلەرنى قىلغىلى بولمايدۇ، روزا تۇتقىلى بولىدۇ. يەنە غۇسۇل قىلماي تۇرۇپ، جىما قىلىشقا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، يەپ – ئىچمەكچى ياكى ئۇخلىماقچى ۋەياكى جىما قىلماقچى بولغاندا كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى مۇستەھەب. چۈنكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇب بولۇپ قېلىپ تاماق يېمەكچى ياكى ئۇخلىماقچى بولسا، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى» دېگەن(46).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ قەيس دەيدۇكى: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (جۇنۇب بولۇپ قالغاندا) ئۇخلاشتىن بۇرۇن غۇسۇل قىلامتى ياكى غۇسۇل قىلماي ئۇخلامتى؟› دەپ سورىغان ئىدىم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەممىسىنى قىلاتتى. بەزىدە غۇسۇل قىلىپ ئۇخلىسا، بەزىدە كىچىك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ئۇخلايتتى› دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن: ‹بۇ ئىشتا كەڭچىلىك قىلغان ئاللاهقا شۈكرى› دېدىم»(47).

3. ۋەدىي. بۇ سۈيدۈكتىن كېيىنلا ياكى ئېغىر نەرسە كۆتۈرگەندە چىقىدىغان ئاق، پۇراقسىز سۇيۇقلۇقتۇر. بۇ ماددا مەينەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، كىيىم – كېچەكتىكى ياكى بەدەندىكى شالتىقىنى تازىلىۋېتىش كېرەك. شۇنداقلا ئۇ تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. شۇڭا، ناماز ئوقۇماقچى بولغاندا يېڭىدىن تاھارەت ئېلىش كېرەك بولىدۇ. لېكىن، غۇسۇل قىلىش ۋاجىب بولمايدۇ. چۈنكى، ۋاجىبلىق پەقەت شەرىئەتنىڭ بەلگىلىشى بىلەن بولىدۇ، شەرىئەت بولسا مەنىيدىن باشقا سۇيۇقلۇقتا غۇسۇل قىلىشقا بۇيرۇمىغان(48).

4. سۈيدۈك. بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم. ئۇ مەينەت بولغاچقا، كىيىم – كېچەك ياكى بەدەنگە تەگكەن جاينى يۇيۇش كېرەك بولىدۇ، تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ، كېيىن ناماز ئوقۇماقچى بولغاندا كىچىك تاھارەت ئېلىش كېرەك بولىدۇ.

5. ئادەتتە ئاياللاردىن شەھۋەتسىز، ھاياجانسىز، كېسەللىكسىز ھالەتتە چىقىدىغان رەڭگى ئاق سۇيۇقلۇقتا ۋەدىي ياكى مەنىي ۋەياكى مەزىينىڭ سۈپەتلىرى بولمىغان تەقدىردە، بىر قاراشتا پاكىز ھېسابلىنىدۇ، تاھارەتنىمۇ سۇندۇرمايدۇ. شۇڭا، ناماز ئوقۇماقچى بولغاندا تاھارەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ. بۇ سۇيۇقلۇقنى «پاكىز، لېكىن تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ» دېگەن ئالىملارمۇ بار. لېكىن، ئېھتىيات جەھەتتىن «بۇ مەينەت نەرسە، تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ» دېگەن قاراش بويىچە ئەمەل قىلسا تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر(49).

6. ئاياللار ھېس قىلىدىغان، ماتكا ئىچىدە بولىدىغان نەملىك. بۇنداق نەملىك سىرتقا چىقمىغاندىكىن مەينەت بولمايدۇ، تاھارەتنىمۇ سۇندۇرمايدۇ.

7. ياللۇغلىنىشتەك بەزى كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن توختىماي چىقىپ تۇرىدىغان سۇيۇقلۇق. بۇنىڭغا سۈيدۈك توختىمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق سۇيۇقلۇق چىققان ئەھۋالدا ھەربىر ناماز ۋاقتى كىرگەندە بىر قېتىم يېڭىدىن تاھارەت ئېلىش كېرەك بولىدۇ. ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇغۇچە ياكى ناماز ئوقۇۋاتقاندا چىقسىمۇ زىيىنى يوق، ناماز ياكى تاھارەت بۇزۇلمايدۇ. باشقا بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرىشى بىلەن بۇ ئايال ناماز ئوقۇماقچى بولسا، يېڭىدىن تاھارەت ئېلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك، بۇنداق ئەھۋالدىكى ئايال ھەربىر نامازغا يېڭى تاھارەت ئالىدۇ، شۇ تاھارىتى بىلەن بىر پەرز ناماز ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق سۈننەت ۋە نەفلە نامازلارنى ئوقۇيالايدۇ. ئەمما، يېڭى بىر ناماز ۋاقتى كىرسە، يېڭى نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن يېڭى تاھارەت ئالىدۇ. يەنى ھەر كۈنى ھەربىر ئەزاندىن كېيىن بىر قېتىم، جەمئىي بەش قېتىم تاھارەت ئالىدۇ دېگەنلىكتۇر. شۇڭا، بۇنداق ئاياللار سۈيدۈك توختىمايدىغان ياكى يەل توختىمايدىغان ۋەياكى ئىستىھازە قېنى توختىمايدىغان كىشىلەرگە ئوخشاش ھەربىر نامازغا يېڭى تاھارەت ئالىدۇ.

داۋامى بار…

ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

—————
1. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 3/505؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 8/78؛ دوكتور ئەھمەد فەرراج ھۈسەين: «ئىسلامدا ئائىلە ئەھكاملىرى / أحكام الأسرة في الإسلام»، 180 – بەت.
2. ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 5/657.
3. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 3/196؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 8/78.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (227)؛ «مۇسلىم»، (291).
5. «ئەبۇ داۋۇد»، (365).
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (308)؛ «مۇسلىم»، (291).
7. «ئەبۇ داۋۇد»، (357). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
8. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 1/50.
9. كۇۋەيتلىك ئاياللار كېسەللىكى مۇتەخەسسىسى دوكتور نەبىيھە مۇھەممەد ئەلجەييارنىڭ «ھەيز، نىپاس ۋە ھامىلدارلىقنىڭ ئەڭ ئاز ۋە ئەڭ كۆپ مۇددىتى» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدىن ئېلىندى. «ئىسلام تېببىي پەنلەر جەمئىيىتى»، ھ. 1406.
10. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/38؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/209.
11. «تىرمىزىي»، (139). ئىبنۇلمۇلەققىن («ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 1/83): «ھەسەن» دېگەن.
12. «ئەبۇ داۋۇد»، (311). ئالبانىي: «ھەسەن ۋە سەھىھ» دېگەن.
13. سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 1/106.
14. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/209.
15. «لەجنە دائىمە پەتۋالىرى».
16. ئىستىھازە (الْاسْتِحَاضَةُ): ئەرەبچە «ھەيز (الْحَيْضُ)» كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن ئىسىم بولۇپ، «ئايال کىشىنىڭ ئادەت (ھەيز) ياكى نىپاس كۈنلىرىدىن كېيىنمۇ داۋاملىق قانسىراپ تۇرۇشى»نى كۆرسىتىدۇ. فىقھ ئىستىلاھىدا بولسا: «ئاياللاردا ئادەت ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا كېسەللىكتىن ياكى (بالىياتقۇ ئاستىدىكى) مەلۇم تومۇر يېرىلغانلىقتىن قان (خۇن) كېلىش»تۇر. بۇ ھالەتتىكى ئايالغا «ئىستىھازەدار (الْمُسْتَحَاضَةُ)» دېيىلىدۇ. ئىستىھازە خۇنى ھەيز خۇنىدىن پۇراقسىزلىقى ۋە ئۇيۇشقاقلىقى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ھەيز خۇنى ئايال كىشى ساق – سالامەت تۇرۇپ كەلسە، ئىستىھازە خۇنى كېسەللىك ياكى بىرەر تەڭپۇڭسىزلىقتىن كېلىدۇ. ئىستىھازە خۇنىنىڭ ھۆكمى توختىماي بۇرۇن قاناش ياكى سۈيدۈك توختىماسلىق قاتارلىقلارغا ئوخشاش بولۇپ، شەرئىي ئەھكامدا ئىستىھازەدارلار ساغلام ئاياللاردىنمۇ، ھەيزدارلاردىنمۇ پەرقلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئىستىھازە ناماز، روزا، تاۋاپ، «قۇرئان» تىلاۋىتى ۋە جىماغا توسالغۇ بولمايدۇ. لېكىن، ھەربىر نامازغا ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 3/197 – 212.
17. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (306)؛ «مۇسلىم»، (333).
18. «مۇسلىم»، (334).
19. «نەسائىي»، (208). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
20. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/397؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/39؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 1/342.
21. «ئەبۇ داۋۇد»، (187). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
22. «ئەبۇ داۋۇد»، (286). ئىمام ئىبنى ھەزم قاتارلىق بەزى مۇھەددىسلەر «سەھىھ» دېگەن.
23. «بۇخارىي»، (311).
24. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/45.
25. «بۇخارىي»، «ﮪﻪﻳﺰدىن ساقايغانلىقىنى كۆرگەن ئىستىھازﻩدارنىڭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ» بابى.
26. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (228)؛ «مۇسلىم»، (333).
27. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/347.
28. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/207.
29. «ئەبۇ داۋۇد»، (187). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
30. «ئەبۇ داۋۇد»، (296). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
31. سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 1/101.
32. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 24/84.
33. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/392؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/38.
34. «بۇخارىي»، (326).
35. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/392؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/38.
36. «مالىك»، ئىمام مۇھەممەد رىۋايەتى، (85).
37. «بۇخارىي»، «ھەيزنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى» بابى.
38. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/38؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/218.
39. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/38.
40. كۇۋەيتلىك ئاياللار كېسەللىكى مۇتەخەسسىسى دوكتور نەبىيھە مۇھەممەد ئەلجەييارنىڭ «ھەيز، نىپاس ۋە ھامىلدارلىقنىڭ ئەڭ ئاز ۋە ئەڭ كۆپ مۇددىتى» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدىن ئېلىندى. «ئىسلام تېببىي پەنلەر جەمئىيىتى»، ھىجرىيە 1406 – يىلى.
41. قاراڭ: ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 15/274؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 386 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.
42. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (269)؛ «مۇسلىم»، (303).
43. «ئەبۇ داۋۇد»، (211). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
44. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 39/139 – 145؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 435 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.
45. «مۇسلىم»، (290).
46. «مۇسلىم»، (305).
47. «مۇسلىم»، (307).
48. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/161؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/413.
49. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/526؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/414.

Please follow and like us:
Exit mobile version