Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئەھكاملىرىنىڭ بايانى(2)

ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئەھكاملىرىنىڭ بايانى(2)

ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئەھكاملىرىنىڭ بايانى(2)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

ھەيزدار «قۇرئان» ئوقۇسا ياكى «قۇرئان» تۇتسا بولامدۇ؟

«ھەيزدار، نىپاسدار ۋە جۇنۇب كىشىلەرنىڭ غۇسۇل قىلىشتىن بۇرۇن قۇرئان ئوقۇشى جائىز بولمايدۇ» دېگەن قاراش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ئەمما، ھەيزدار «قۇرئان»نى دىلى بىلەن ئوقۇسا ئەلبەتتە بولىدۇ. زىكىر ياكى دۇئا نىيىتىدە «فاتىھە»نى ياكى دۇئا مەزمۇنىدىكى ئايەتلەرنى ئوقۇشمۇ مەكرۇھ بولمايدۇ(1).

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بەزىلىرى: «قۇرئان ئۆگىتىدىغان ئايال ئادەت كۆرگەندە بىر سۆزدىن – بىر سۆزدىن ئۆگىتىدۇ» دېگەن. ئىمام تاھاۋىي: «يېرىم ئايەتتىن – يېرىم ئايەتتىن ئوقۇيدۇ» دېگەن. «يېرىم ئايەت ئوقۇسا بولىدۇ» دېگەن قاراش ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان. يەنە بەزىلەر: «بەك قىسقا ئايەت بولسا مەيلى» دېگەن(2).

ئۇلار دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن ھەدىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى سەھىھ ئەمەس ياكى تەئۋىل قىلغىلى (پەرقللىق مەنىلەرگە قارىتىپ چۈشىنىشكە) بولىدىغان ھەدىسلەر بولغاچقا، ئىمام بۇخارىي قاتارلىق بەزى ئالىملار ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قاتارلىق ساھابەلەر ۋە سەلەفلەردىن كەلگەن تۆۋەندىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسلىنىپ جۇنۇب كىشى «قۇرئان» ئوقۇسا مەيلى، دەپ قارىغان.

ئىبراھىم: «ھەيزدار بىر ئايەت مىقدارى ئوقۇسا بولىدۇ» دېگەن. ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎ: «ﺟﯘﻧﯘب ﻛﯩﺸﻰ ‹ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ› ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ بولىۋېرىدۇ» ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ. پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ بارلىق ھالەتلىرىدە ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﻰ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻣﻤﯘ ﺋﻪﺗﯩﻴﻴﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ: «ﺑﯩﺰ ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭﻻﺭ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ، ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻻﺗﺘﯘﻕ» دەپ رىۋايەت قىلغان(3).

سەئىد ئىبنى مۇسەييەبتىن:

— جۇنۇب كىشى قۇرئاندىن بىرنەرسە ئوقۇمدۇ؟ — دەپ سورالغاندا، ئۇ:

— ھەئە، — دەپ جاۋاب بەرگەن(4).

بۇ ئوخشىمىغان قاراشلار ئالدىدا «قۇرئان» ئۆگەنگۈچى ۋە ئۆگەتكۈچى خانىم – قىزلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۇلار ھەر ئايدا بىر ھەپتە ئەتراپىدا ئادەت كۆرۈپ، «قۇرئان» ئوقۇيالماي ياكى ئۆگىتەلمەي، ياد ئالغانلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىپ قالىدىغۇ؟ مېنىڭچە، بۈگۈنكى كۈندە «قۇرئان كەرىم»نى يادلاش ۋە ئۆگىتىش ئىشلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەيزدارلارغا «قۇرئان كەرىم» ئوقۇش، ئوقۇتۇش ۋە يادلاش دائىرىسىدە رۇخسەت قىلىش كېرەك ۋە ئىمام بۇخارىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ئىش قىلىش كېرەك. بۇ ئىسلام روھىغا، شۇنداقلا دەلىللەرگە زىت كەلمەيدۇ. ئىمام مالىك رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ ئۇنتۇپ قېلىش خەۋپى بولسا، ھەيزدار «قۇرئان» ئوقۇسا بولىدۇ، دەپ رۇخسەت قىلغان. تېخى ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئايال كىشىنىڭ «قۇرئان»نى ئۇنتۇپ قېلىش خەۋپى بولسا، ھەيزدار بولسىمۇ، «قۇرئان»نى تاشلىماي ئوقۇشى ۋاجىب بولىدۇ، دەپ قارىغان(5). ئەمما، ئۆگىنىش، ئۆگىتىش ياكى يادلاش بىلەن شۇغۇللانمايدىغان نورمال ھالەتتىكى خانىملار ئۈچۈن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ «بۇنداق ئەھۋالدا، قۇرئان ئوقۇشى جائىز بولمايدۇ» دېگەن قارىشى بويىچە ئىش قىلساق بولىدۇ.

ئەمدى «قۇرئان»نى تۇتۇشنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، جۇنۇب، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ «قۇرئان»نى تۇتۇشىنىڭ جائىز بولمايدىغانلىقىدا تۆت مەزھەب ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بولمىسىمۇ، بىر قىسىم ئالىملار تۇتسا بولىدۇ، دەپ قارىغان. ھەرھالدا چەكلەش دەلىللىرى ئېتىرازدىن ساقلىنىپ كېتەلمىگەن. شۇنداقتىمۇ، «قۇرئان»نى ھۆرمەتلەش نۇقتىسىدىن جۇنۇب، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ ھېچ بولمىغاندا پەلەي ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىرنەرسە بىلەن تۇتۇشى ئەۋزەلدۇر.

ئاللاھنى زىكىر قىلىش، تەھلىل (لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېيىش)، تەسبىھ ئېيتىش، شۇنداقلا دۇئا – تەلەپ قىلىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد – سالام يوللاش، دىنىي كىتابلارنى تۇتۇش ۋە ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەر ھەيزدار ئايالغا جائىز بولىدۇ(6).

جۇنۇب ھالەتتە توردىن دىنىي ماتېرىيال كۆرسە دۇرۇسمۇ؟

جۇنۇب، ھەيزدار كىشىلەر ھەدىس، تەفسىر، فىقھ، تەۋھىد قاتارلىقلارغا ئوخشاش دىنىي كىتابلارنى ئوقۇسا ياكى توردىن كۆرسە بولىدۇ، دىنىي ماقالە يازسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئارىسىدا بىر – ئىككى ئايەت ئۇچراپ قالسا، ئوقۇۋەتسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. ئايەتلەرنى تىلى بىلەن ئەمەس، ئىچىدە ئوقۇپ كەتسە تېخىمۇ ياخشى. ئومۇمەن، جۇنۇبلۇقتىن يۇيۇنۇپ، پاك ھالەتتە ئوقۇغىنى ئەۋزەل.

ھەيزدار مەسجىدكە كىرمەيدۇ، مەسجىدتىن ئۆتسە بولىدۇ

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ھەيزدار ئايالنىڭ مەسجىدتە تۇرۇشى چەكلىنىدۇ، لېكىن مەسجىدتىن ئۆتۈشى ياكى مەسجىدتىن بىرنەرسە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغاندا مەسجىدكە كىرىپ – چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ(7).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا:

— مەسجىدتىن بىر جايناماز سۇنۇپ بېرىڭ! — دېدى. مەن:

— مەن ھەيزدار، ـ دېسەم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ھەيزىڭىز قولىڭىزدا ئەمەس، — دېدى»(8).

ھەيزدار ئاياللار يەنە ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان مەيدانلارغا چىقىپ، ھېيت خۇتبىسىنى ئاڭلاپ، ھېيت – ئايەم خۇشاللىقىدىن، دۇئا – تىلاۋەتلىرىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: «ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪن قىزلار، تالا – تۈزگە چىقمايدىغان ﻗﯩﺰ – ﭼﻮﻛﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭﻻﺭ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻏﺎ، مۇئمىنلەﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺴﯘﻥ. ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭﻻﺭ نامازگاھتىن ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ»(9).

ئاز سانلىق ئالىملار ھەيزدار بىرەر زۆرۈر ئېھتىياج بولسا مەسجىدكە كىرسە ۋە تۇرسا بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ ئىمام مۇزەنىي ۋە ئىمام ئىبنى ھەزم قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، بەزى ئالىملار نامازغا ئالغاندەك تاھارەت ئېلىۋېتىپ ئاندىن كىرسە مەيلى، دەپ قارىغان. ئىمام قەرەداۋىيمۇ «فقه الطهارة (تاھارەت فىقھىسى)» دېگەن كىتابىدا مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلغان(10).

ئادەتتىكى ئەھۋالدا كۆپچىلىكنىڭ قارىشىنى تۇتساقمۇ، دىن ئۆگىنىش زۆرۈرىيىتى جەھەتتىن، بەزىبىر ئەھۋاللاردا، كېيىنكى ئازادە قاراشنى تۇتساقمۇ بولىدۇ. بولۇپمۇ، بۇنى چەكلەيدىغان سەھىھ ۋە ئېنىق بىرەر دەلىل يوق. ھەيزدارلىقنى جۇنۇبلۇققا قىياس قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى، جۇنۇبلۇقنى يۇيۇنۇپلا تۈگەتكىلى بولىدۇ، ھەيز بولسا ئاللاھ تائالا قىز – ئاياللارغا پۈتۈۋەتكەن ۋە بىرنەچچە كۈن ئىختىيارسىز داۋاملىشىدىغان ئىشتۇر.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش، خۇتبە ئاڭلاش، دەرس ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش، تەبلىغ قىلىش ۋە ئاڭلاش ئۈچۈن ھەيزدار ھالىتىدىمۇ مەسجىدكە كىرىپ ئولتۇرسا بولىدۇ. پەقەت مەسجىدنىڭ پاكىزلىقىغا رىئايە قىلىش لازىم. ناماز ئوقۇلىدىغان يېرىدە ئولتۇرماي، مەسجىدنىڭ ھويلىسى ياكى قوشۇمچە ھۇجرىلىرىدا ئولتۇرسا ياخشى بولىدۇ.

ھەيزدار ھالەتتە كەئبەنى تاۋاپ قىلىش چەكلىنىدۇ

ھەيزدار ۋاقتىدا كەئبەنى تاۋاپ قىلىش ھارام بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «ﺑﯩﺰ پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﺝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﺪﯗﻕ. ﺑﯩﺰ ﺳﻪﺭﯨﻒ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻣﻪﻥ ﮪﻪﻳﺰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎﻡ، پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻛﯩﺮﯨﭗ:

— ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﻳﯩﻐﻼﻳﺴﯩﺰ؟ — ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﻪﻥ:

— ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ، ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﮪﻪﺝ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯩﻜﻪﻥ، — ﺩېگەنىدىم،

— ﮪﻪﻳﺰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺴﯩﺰ؟ — ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﻪﻥ:

— ﮪﻪﺋﻪ، — ﺩېگەنىدىم،

— ﮪﻪﻳﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﯜﺗۈۋﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ، ﭘﺎﻛﻼﻧﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼﮪﻨﻰ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﮪﺎﺟﯩﻼﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ قىلىۋېرىڭ، — ﺩﯦﺪﻯ». يەنە بىر رىۋايەتتە «يۇيۇنغانغا قەدەر» دەپ كەلگەن(11).

بۇ ھەدىس ھەيزدارنىڭ تاكى ساقىيىپ يۇيۇنغانغا قەدەر تاۋاپتىن باشقا بارلىق ھەج پائالىيەتلىرىنى قىلسا بولىدىغانلىقىغا، ئەمما تاۋاپ قىلسا بولمايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. بۇنىڭدا بارلىق مۇسۇلمانلار بىردەك ئىتتىپاق.

لېكىن، تاۋاپ قىلىشنىڭ چەكلىنىش سەۋەبىنى بولسا بەزىلەر: «تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن جۇنۇبلۇقتىن پاك بولۇش شەرت بولغاچقا، شۇنداق چەكلەنگەن» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ھەيزدار ئايالنىڭ مەسجىدكە كىرىشى چەكلەنگەن بولغاچقا، تاۋاپ قىلىشى چەكلەنگەن» دېگەن(12).

بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەج قىلىپ تېخى ئىفازەت تاۋاپىنى(13) قىلمىغان ئايال ھەيز كۆرۈپ قالسا، تاكى ساقىيىپ يۇيۇنغانغا قەدەر كۈتۈپ تۇرۇپ، ساقايغاندا تاۋاپ قىلىدۇ.

ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى: «ھەمراھلىرى يۇرتىغا قايتىشقا تەمشەلگەن چاغدا تېخى ساقىيىپ كېتەلمىگەن بولسا، ھەيزدار تۇرۇپ تاۋاپ قىلىۋالسا ۋە بىر تۆگە قان قىلىۋەتسە بولىدۇ» دېگەن(14).

ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «ھەيزدار ئىفازەت تاۋاپىنى قىلىپ بولالمىغان ئەھۋالدا سەپەر ھەمراھلىرى ئۇ ساقايغانغا قەدەر كۈتۈپ تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقتىن كارۋاندىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولسا، ھەيزدار ھالەتتە تاۋاپ قىلسا بولىدۇ، قان قىلىش كەتمەيدۇ، ئەمما قىلسا ئەۋزەل» دېگەن(15).

ئەلبەتتە، ھەج ۋە ئۆمرەگە ماڭغاندا ھەيزدار بولۇپ قالغانلار ئىھرام باغلاش ئورنى بولغان «مىيقات»(16)تا ئىھرام باغلىشى كېرەك، بۇ ھالەتتە ئىھرام باغلاش چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، ئىھرام باغلاش ئۈچۈن ھەيزدىن پاك بولۇش شەرت قىلىنمايدۇ. ئەگەر مىيقاتتىن ئىھرام باغلىماي ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، مىيقاتقا قايتىپ بېرىپ، ئىھرام باغلىشى لازىم، بۇ ئەھۋالدا قان كەلمەيدۇ. قايتمايلا مەككەدە تۇرۇپ ياكى مىيقاتتىن ئۆتۈپ بولۇپ ئىھرام باغلىسا، بىر قان كېلىدۇ.

ھەيزدار ئايالغا يۇقىرىقىلاردىن باشقا تاماق ئېتىش، خېمىر يۇغۇرۇش، ئېرىنىڭ بېشىنى يۇيۇپ قويۇش، بالا ئېمىتىش، تىرناق ئېلىش، ئېھتىياجى بولسا سىرتقا چىقىش دېگەندەك ئىشلار چەكلەنمەيدۇ. بۇ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك شەرىئىتىمىزدىكى ئوتتۇرھاللىقنىڭ مىسالىدۇر. بۇرۇنقى يەھۇدىيلار ھەيزدار ئايال بىلەن پاراڭلاشماي، ھەتتا بىر ئۆيدىمۇ ئولتۇرماي دېگەن ئېغىر دەرىجىدە ئاشۇرۇۋەتكەن. خىرىستىيانلار جىمامۇ قىلىۋېرىدىغان دەرىجىدە كەڭ قويۇۋەتكەن. شەرىئىتىمىز بولسا ئوتتۇرھاللىق سۈپىتى بىلەن چەكلەش كېرەك بولغان زىيانلىق ئىشلارنى چەكلەپ، چەكلىمەسلىك كېرەك بولىدىغان زىيانسىز ئىشلارغا رۇخسەت قىلغان.

ھەيزدار ھالەتتە تالاق چۈشەمدۇ؟

ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، تالاق قىلىشقا لايىق بىرەر سەۋەب بولغان تەقدىردىمۇ ئالدىراپ تالاق قىلىۋەتمەي، مۇناسىپ ۋاقىتنى تاللاپ تالاق قىلىش كېرەك. ھەيزدار چاغدا تالاق قىلسا سۈننەتكە خىلاپ تالاق قىلغان بولىدۇ.

شەرىئەتتە بۇ مۇناسىپ ۋاقىت ئايال كىشىنىڭ ھەيزدار ياكى نىپاسدار بولمىغان، جىما قىلىنمىغان پاكلىق ھالىتىدۇر. ھامىلىدارلىق ھالىتى بۇنىڭ سىرتىدا. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە ئۇدۇللاپ تالاق قىلىڭلار، ئىددەتنى ساناڭلار﴾(65/«تالاق»: 1).

بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى شۇكى، ھەيزدار ئايالنى تالاق قىلىش ھارام. ئۇنداق قىلغان كىشى تالاق قىلغاندىن كېيىن ئايالىنى دەرھال ئەمرىگە قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى ئايالىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇغان.

ناﻓﯩﺌ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلىۋەتكەن. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئىش توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: ›ئۇنى بۇيرۇغىن، ئايالىنى قايتۇرۇپ ئەكېلىۋېلىپ، پاك بولۇپ، ئاندىن ھەيز كۆرۈپ، ئاندىن پاك بولغۇچە ئەمرىدە تۇتۇپ، ئاندىن كېيىن خاھلىسا ئەمرىدە تۇتسۇن، خاھلىسا يېقىن كەلمەستىن، پاك چېغىدا تالاق قىلىۋەتسۇن. ئاياللار تالاق قىلىنغاندا ئاللاھ تائالا ئۇدۇللاشقا بۇيرۇغان ئىددەت ئاشۇدۇر‹ دېگەن»(17).

يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردا تالاق قىلىشنىڭ چەكلىنىش سەۋەبىنى مۇنداق تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ: ھەيز ۋە نىپاس ھالەتلىرىدە ئايالى بىلەن جىما قىلىش چەكلەنگەچكە، بەلكىم ئەر كىشىنىڭ تالاق قىلىشىغا ئايالىغا يېقىنلىشالمىغانلىقى سەۋەبىدىن قوزغالغان ئاچچىقى تۈرتكە بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ھەقىقەتەن تالاق قىلماقچى بولغان كىشى ئايالىنىڭ ھەيزدىن پاكلىنىشىنى كۈتۈشكە ۋە پاكلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا يېقىنلاشماستىن تالاق قىلىشقا بۇيرۇلغان. يېقىنلاشماي تالاق قىلغانلىقى ئايالى بىلەن راستىنلا بىرگە ئۆتۈشنى خاھلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

شۇنداقلا جىما قىلغان پاك ھالەتتىمۇ تالاق قىلىش ھارام قىلىنغان. كىم بىلىدۇ، بەلكىم مۇشۇ ئاخىرقى قېتىمدا ھامىلىدار بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئەر كىشى ئايالىنىڭ قورسىقىدا بالا بارلىقىنى بىلسە، ئايالىدىن ئايرىلىشتىن ۋاز كېچىپ، بالا ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە رازى بولۇشى مۇمكىن.

ئەگەر ئايال ھەيزدىن پاك بولۇپ، بۇ پاكلىق ھالىتىدە ئېرى ئۇنىڭغا يېقىنلاشمىغان بولسا ياكى ھامىلىدارلىقى ئېنىق بولسا، تالاق قىلىشنىڭ ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك نەپرەتتىن كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم بولىدۇ – دە، ئۇ چاغدا تالاق قىلىش قارارى توغرا بولغان بولىدۇ.

ئايالى ھەيزدار ھالەتتە قىلىنغان تالاق تالاق ھېسابلىنامدۇ، دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، ئاساسەن بارلىق ئالىملار ھەيزدار ھالەتتە تالاق چۈشىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ ئىجمائغا يېقىن بىر ئەھۋالدۇر. بۇنىڭدىن پەقەت ئەھلىسۈننەت جامائىتىدىن زاھىرىيلار بىلەن ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئايرىلىپ چىقىۋالغان. ئەھلىسۈننەتدىن باشقا يەنە خاۋارىجلار بىلەن رافىزىيلار (شىئەلەر)مۇ شۇنداق قارىغان.

ھافىز ئىبنى ھەجەر ئېيتىدۇ: «ئىمام خەتتابىي ›ھەيزدار ھالەتتە تالاق چۈشمەيدۇ‹ دېگەن قاراشنى خاۋارىجلار بىلەن رافىزىيلاردىن نەقىل قىلغان. ئىبنى ئابدۇلبەر: ‹بۇ مەسىلىدە بىدئەت، زالالەت ۋە جاھالەت ئەھلىدىن باشقىلار مۇخالىپلىق قىلمايدۇ› دەپ يەنە: ‹مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قاراش بەزى تابىئىنلاردىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ بارلىق ئالىملاردىن ئايرىلىپ چىقىۋېلىشتۇر› دېگەن. ئىبنۇلئەرەبىي ۋە باشقىلار بۇ قاراشنى ئىبراھىم ئىبنى ئىسمائىل ئىبنى ئۇلەييەدىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئىمام شافىئىي ئۇنىڭ ھەققىدە: ‹ئىبراھىم ئازغۇنلار دەرۋازىسىدا ئولتۇرۇپ، كىشىلەرنى ئازدۇرىدىغان ئازغۇن ئادەم‹ دېگەن»(18).

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «پۈتۈن ئۈممەت ھامىلىدار بولمىغان ھەيزدار ئايالنى رازىلىقىسىز تالاق قىلىشنىڭ ھاراملىقىغا، تالاق قىلغان بولسا گۇناھكار بولىدىغانلىقىغا ۋە تالىقىنىڭ چۈشىدىغانلىقىغا، ئايالىنى ئەمرىگە قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇلىدىغانلىقىغا مۇشۇ ھەقتىكى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھەدىسىگە ئاساسەن بىردەك ئىجماﺋ قىلغان. بەزى زاھىرىيلار بارلىق ئالىملاردىن ئايرىلىپ چىقىۋېلىپ: ‹بۇ ئىجازەت بېرىلمىگەن تالاق بولغاچقا، خۇددى يات ئايالنى تالاق قىلسا تالاق چۈشمىگىنىگە ئوخشاش چۈشمەيدۇ› دەپ تۇرۇۋالغان. توغرىسى بىرىنچى قاراشتۇر. باشقا بارلىق ئالىملار شۇ قاراشنى تۇتقان»(19). «ھەيزدارغا تالاق چۈشمەيدۇ» دېگەن قاراشنى زاھىرىيلاردىن ئىمام ئىبنى ھەزم «ئەلمۇھەللا» دېگەن كىتابىدا ياقلىغان(20).

ئىمام ئىبنى ھەزم بىر قىسىم ساھابە – تابىئىنلاردىن بەزى سۆزلەرنى رىۋايەت قىلىش ئارقىلىق «بۇ مەسىلىدە ئىجماﺋ يوق» دېمەكچى بولغان بولسىمۇ، مەزكۇر ساھابە – تابىئىنلاردىن رىۋايەت قىلىنغان قاراشلاردا ھەيزدار ھالەتتە تالاق قىلىنغان بولسا، تالاق ھېساب بولىدىغانلىقى، ئەمما تالاق قىلىنغان ئاشۇ بىر ھەيز ئىددەت توشقۇزۇشتا سانالمايدىغانلىقى، ئۇندىن باشقا ئۈچ ھەيز سانىلىدىغانلىقى ئېنىق ئىپادىلەنگەن. ئۇلاردىن «ھەيز ھالىتىدە قىلىنغان تالاق ھېساب بولمايدۇ» دېگەن قاراش رىۋايەت قىلىنمىغان. كېيىنچە، بۇ قاراشنى ئىمام ئىبنى تەيمىييە بىلەن شاگىرتى ئىمام ئىبنۇلقەييىم كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ(21)، ئەينى زاماندىكى نۇرغۇن ئالىملار بۇلارغا تولۇق رەددىيە قايتۇرغان.

دېمەك، ھازىر ئالدىمىزدا بىر ئىجماﺋ دەۋاسى بار. بۇ ئىجمائنى ئىبنۇلمۇنزىر «الإشراف»(ئەلئىشراف) دېگەن كىتابىدا ئەبۇ ئۇبەيدە، قازى ئىياز، ئىبنى ئابدۇلبەر، ئىمام نەۋەۋىي، ھافىز ئىراقىي، ئىمام سۇبكىي، ھافىز ئىبنى ھەجەر قاتارلىق نۇرغۇن مۆتىۋەر ئالىملار نەقىل قىلغان. شۇنداقلا بەزىبىر شىئە ۋە زاھىرىيلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقاراش ئوخشىماسلىقى ئىجمائغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇلار، ئىجماﺋ قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن باشقىچە قاراشنى كۆتۈرۈپ چىققان، دەپ قارىغان.

تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش نەتىجىسىدە يا ساھابە، يا تابىئىنلاردىن «ھەيزدار ھالەتتىكى تالاق چۈشمەيدۇ» دېگەن بىر قاراش كەلمىگەنلىكى چىقىدۇ. ئۇنداقتا، زاھىرىيلار ۋە باشقىلارنىڭ بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراشتا بولۇشى ئىجماﺋ يۈز بېرىپ بولغاندىن كېيىن بولغان ئەھۋال دېيىشكە بولىدۇ. ئەمدى تالاق چۈشمەيدىغانلىقنىڭ دەلىلىگە كەلسەك، بۇ مەسىلىدە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئايالىنى تالاق قىلغاندىكى ئەھۋالنى بايان قىلغان «سەھىھۇلبۇخارىي»دىكى ھەدىس مەسىلىنى تېگىدىن ھەل قىلىدىغان، ئېھتىماللىقى يوق، كەسكىن دەلىلدۇر.

ئىمام بۇخارىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى «سەھىھ»ىدە: «ھەيزدار ئايال تالاق قىلىنسا، بۇ تالاقنىڭمۇ تالاق ھېسابلىنىدىغانلىقى» دېگەن باب ئاستىدا مۇنداق رىۋايەت قىلغان:

ئەنەس ئىبنى سىرىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: ›ئىبنى ئۆمەر ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلىپ قويغاندا ئۆمەر بۇ ئەھۋالنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەلۇم قىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكېلىۋالسۇن، دەپتۇ‹ دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان». ئەنەس ئىبنى سىرىن مۇنداق دەيدۇ: «مەن: بۇ بىر تالاق ھېسابلىنامدۇ؟ دېسەم، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: ھېسابلانماي نېمە بولماقچى ئىدى؟ دېگەن».

بۇ ھەدىسنى يەنە قەتادە يۇنۇس ئىبنى جۇبەير ئارقىلىق ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ رىۋايەتىدە مۇنداق كەلگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنى بۇيرۇغىن، ئايالىنى قايتۇرۇپ ئەكېلىۋالسۇن» دېگەن. يۇنۇس ئىبنى جۇبەير مۇنداق دەيدۇ: «مەن: بۇ بىر تالاق ھېسابلىنامدۇ؟ دېسەم، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: ئېيتقىنە، ئەگەر قايتۇرۇپ ئەكېلەلمەي ئەخمەقلىق قىلغان بولسا، تالاق ھېسابلانماي نېمە بولماقچى ئىدى؟ دېگەن ئىدى»(22).

ئەييۇب سەئىد ئىبنى جۇبەيردىن قىلغان يەنە بىر رىۋايەتتە: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «(ئايالىمنى ھەيزدار ھالىتىدە قىلغان تالىقىم) بىر تالاق ھېسابلاندى» دېگەن(23).

«مۇسلىم»دىكى بىر رىۋايەتتە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «شۇنىڭ بىلەن مەن ئايالىمنى ئەمرىمگە قايتۇرۇۋالدىم، ئۇنىڭغا مەن قىلغان بىر تالاق ھېساب بولدى» دېگەن(24).

ھافىز ئىبنى ھەجەر ئېيتىدۇ: «ئىبنى ئەبى زىئىب رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: ›ئۇ بىر تالاق‹ دەپ رىۋايەت قىلغان بولۇپ، بۇ تالاش – تارتىش ئېھتىماللىقى يوق، ئېنىق دەلىل بولغاچقا، بۇنى تۇتۇش ۋاجىب بولىدۇ»(25).

شەيخ ئالبانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ۋەقەلىكىدە بىر تالاق چۈشكەنلىكى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىپ، بۇلارنىڭ سەھىھلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن ئىمام ئىبنۇلقەييىمگە رەددىيە بېرىپ: «بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى خەبەر تاپمىغان رىۋايەتلەر بولۇپ، ئويلايمەنكى، ئەگەر ئۇنىڭدىن خەبەر تاپقان بولسا، ئىبنى ۋەھب رىۋايەتىگە قارىتا قىلغان گۇمانى يوقالغان بولاتتى، ›ھەيزدار تالاق قىلىنسا چۈشىدۇ‹ دەيدىغان قاراشنى تۇتقان بولاتتى» دەيدۇ(26).

ھافىز ئىبنى رەجەب دەيدۇ: «ئىمام ئەھمەدتىن ‹ھارام قىلىنغان تالاق چۈشمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنىغا خىلاپ› دېگەنلەر ھەققىدە سورالغاندا: ‹بۇ ناچار، يامان سۆز› دېگەن ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ۋەقەلىكىنى، ئۇنىڭ ئايالىنى ھەيزدار ھالەتتە قىلغان تالىقىنىڭ ھېساب بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان»(27).

يۇقىرىقىلاردىن ھەيزدار ھالەتتىكى تالاق ھېساب بولىدىغانلىقى، بۇ ئاساسەن ئۆز ۋاقتىدا ئىجماﺋ قىلىنغان مەسىلە ئىكەنلىكى ئېنىق چىقىپ تۇرىدۇ.

داۋامى بار…

ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

————–
1. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/181؛ «فەتھۇلقەدىر»، 1/168.
2. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 1/172 – 173؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 1/78؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/179؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/96.
3. «بۇخارىي»، «ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼﮪﻨﻰ ﺗﺎﯞﺍﭖ قىلىشتىن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮪﻪﺝ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪتلىرىنى ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ» بابى؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1/408.
4. «ئابدۇرراززاق»، (1308). ئىسنادى «سەھىھ».
5. ئىبنى تەيمىييە: «ئەلئىختىياراتۇل فىقھىييە»، 27 – بەت.
6. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/181؛ «فەتھۇلقەدىر»، 1/168. تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ: «پەتۋالار مەجمۇئەسى»نىڭ 1 – تومىدىكى «ھەيزدارلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇشى» دېگەن 38 – پەتۋاغا قارالسۇن.
7. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/35؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/97؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/181.
8. «مۇسلىم»، (298).
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (324)؛ «مۇسلىم»، (890).
10. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 2/184؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/181؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/97.
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (305)؛ «مۇسلىم»، (1211).
12. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 8/147؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/40؛ سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 1/105.
13. ئىفازەت تاۋاپى (طَوَافُ الإِفَاضَةِ): ھەجدىكى پەرز تاۋاپ بولۇپ، ئەرافاتتىن قايتقاندىن كېيىن قىلىنىدىغان بولغاچقا، «ئىفازەت / قايتىش تاۋاپى» دەپ ئاتالغان. بۇ تاۋاپ يەنە «پەرز تاۋاپ، زىيارەت تاۋاپى، ئاساسىي تاۋاپ ياكى كېتىش تاۋاپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
14. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2/519.
15. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 26/243.
16. مىيقات (الْمِيقَاتُ، ج الْمَوَاقِيتُ): ئەرەب تىلىدا «ۋاقىت بېكىتىش»تىن تۈرلەنگەن بولۇپ، بېكىتىلگەن ۋاقىت، چەك – چېگرا مەنىسىدە. كېيىنچە ماكانغىمۇ قوللىنىلغان. فىقھ ئىستىلاھىدا: ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن ھەرەمگە ماڭغان كىشى ئىھرامسىز ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مەخسۇس زامان ۋە ماكاندىن ئىبارەت. ھەجگە ئىھرام باغلاشقا بېكىتىلگەن زامان «زامانىي مىيقات» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر. بۇ «ھەجگە مۇشۇ ۋاقىتلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاتلىنىشقا ۋە تۇتۇش قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ۋاقىتلارنىڭ بەزىسى ئىھرام باغلاشقا باشلايدىغان ۋاقىت بولسا، بەزىسى ئىھرامدىن چىقىش ۋاقىتىدۇر. ئەمما، ئۆمرە ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت بېكىتىلمىگەن بولغاچقا، يىلنىڭ ھەممە ئايلىرى ئۆمرەنىڭ زامانىي مىيقاتىدۇر. شۇڭا، يىل بويى ئۆمرەگە ئىھرام باغلاشقا ۋە ئۇنى ئادا قىلىشقا بولىدۇ. ئىبادەتلەر ئۈچۈن بېكىتىلگەن ۋاقىتلارنى بىلىشنى تەتقىق قىلىدىغان ئايرىم ئىلىم بولۇپ، بۇ ئىلىم «مىيقات ئىلمى (عِلْمُ الْمِيْقَاتِ» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئالىمغا «مىيقاتىي (مِيْقَاتِيٌّ)» دېيىلىدۇ. ھەج – ئۆمرەگە مەككەگە كىرمەكچى بولغان ھاجىلارنىڭ ئىھرامسىز ئۆتۈشىگە بولمايدىغان جايلار «ماكانىي مىيقات» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلار بەش بولۇپ، زۇلھۇلەيفە، جۇھفە، قەرن، يەلەملەم ۋە زاتۇئىرقتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 2/141 – 147؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1368 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1649 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م2017.
17. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5251)؛ «مۇسلىم»، (1471).

ھەدىستە ئايالىنى قايتۇرۇۋېلىپ، پاكلانغاندا تالاق قىلماستىن، يەنە بىر ھەيز كۆرۈپ پاكلانغاندا ئاندىن تالاق قىلىشقا بۇيرۇشنىڭ سەۋەبىنى ئالىملار مۇنداق تۆت خىل تەھلىل قىلغان: 1. ئەمرىگە قايتۇرۇۋېلىش تالاق قىلىش مەقسىتىدە بولماسلىقى ئۈچۈن تالاق قىلىشى ھالال بولىدىغان بىر مۇددەت ئەمرىدە تۇتۇپ تۇرۇش ۋاجىب بولغان. 2. قىلمىشىغا قارىتا جازالاش ۋە خاتالىقىنى تۈزىتىپ، تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن. 3. تالاق قىلغان ھەيزدارلىق مەزگىلى ئۇندىن ئىلگىرىكى پاكلىق مەزگىلى بىلەن بىرلىكتە بىر «قۇرئى» (قۇرئاندا ھەيز كۆرىدىغان ئاياللار ئۈچ قۇرئى ئىددەت تۇتىدۇ دېيىلگەن) ھېسابىدا بولۇپ، ناۋادا پاكلىنىشى بىلەنلا تالاق قىلغان ئەھۋالدا خۇددى ھەيزدار ھالەتتە تالاق قىلغان كىشىدەك بولۇپ قالاتتى. 4. پاكلىق ھالىتىدە ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنراق تۇرسا، بەلكى بىللە بولۇپ قالسا، تالاق قىلغاندىكى ئاچچىقى يېنىپ، ئۆي تۇتۇپ قالسۇن دەپ، دەسلەپ پاكلانغان چاغدا تالاق قىلىشتىن توسقان. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 10/60 – 61.
18. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9/352 – 353.
19. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 10/60.
20. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 10/163.
21. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 33/72؛ ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 5/235.
22. «بۇخارىي»، (5252).
23. «بۇخارىي»، (5253).
24. «مۇسلىم»، (1471).
25. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9/353.
26. ئالبانىي: «ئەلئىرۋاﺋ»، 7/135.
27. ھافىز ئىبنى رەجەب: «جامىئۇل ئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 1/65.

Please follow and like us:
Exit mobile version