Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش

ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش

ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش

ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ تائالا ئەرلەرگە كۈچلۈك بەدەن ئاتا قىلغان بولسا، ئاياللارغىمۇ كۈچلۈك مېھرىبانلىق ئاتا قىلغان. ئەرلەردىن قانچىلىغان سۇلتانلار ۋە قەھرىمانلار بىر ئايالنىڭ مېھرىبانلىقى ئالدىدا ئاجىز كېلىپ قالغان.

ئاياللارغا مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچنى بىلىشىڭ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشۇڭدۇر. ئۇ ئاچقۇچ بولسا مېھرىبانلىقتۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىز – ئاياللىرىڭ بىلەن بىللە بەختلىك بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭنى ۋە ئۇلارنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى ھۆرمەت قىلىشىڭنى تەۋسىيە قىلغان. رەسۇلۇللاھ دادىلارغا قىزلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ: «كىمكى ئىككى قىزنى بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر باقسا، قىيامەت كۈنى كەلگەندە، ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز مانا مۇشۇنداق بولىمىز» دېگىنىچە بارماقلىرىنى جۈپلەپ كۆرسەتكەن(1).

رەسۇلۇللاھ ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ئەۋلادلارغىمۇ تەۋسىيە قىلغان. بىر ئادەم رەسۇلۇللاھتىن: مېنىڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمغا ئەڭ ھەقلىق كىشى كىم؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: «ئاناڭ، ئاندىن ئاناڭ، ئاندىن ئاناڭ، ئاندىن داداڭ» دېگەن(2).

ۋە يەنە ئەرگىمۇ ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان، ئايالىنى تاشلاپ قويغان ياكى ئايالىغا يامان مۇئامىلە قىلغان كىشىنى ئەيىبلىگەن. رەسۇلۇللاھقا قارىغىنكى، ئۇ ھەججەتۇل ۋىدائدا (خوشلىشىش ھەجىدە)، ئاق – قارا، چوڭ – كىچىك، باي – كەمبەغەللەردىن بولغان يۈز مىڭ ھاجىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئۇلارغا: «ئەي خالايىق! ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار! ئەي خالايىق! ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار!» دېگەن(3).

بىر كۈنى نۇرغۇنلىغان ئاياللار ئەرلىرىنى شىكايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىنىڭ يېنىغا كەلگەن. رەسۇلۇللاھ بۇنى بىلگەن چاغدا، … ئورنىدىن تۇرۇپ كىشىلەرگە: «مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ ئائىلىسىگە (مېنىڭ ئائىلەمگە) نۇرغۇنلىغان ئاياللار ئېرىدىن شىكايەت قىلىپ كەپتۇ. سىلەردىن بۇنداق كىشىلەر ياخشى كىشىلەر ئەمەس» دېگەن(4).

ۋەيەنە: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىڭلاردۇر. مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئائىلىسىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىمەن» دېگەن(5).

ئىسلام دىنىنىڭ ئاياللارنى ھۆرمەتلىشى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى، بىر ئايالنىڭ ئابرۇيىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇشلار بولغان، كىشىلەرنىڭ باش سۆڭەكلىرى يانچىلغان ۋە كاللىلىرى ئۇچۇپ چۈشكەن.

يەھۇدىيلار مەدىنەدە مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە ياشايتتى. ھىجابلىنىش بۇيرۇقىنىڭ چۈشۈشى بىلەن مۇسۇلمان قىز – ئاياللىرىنىڭ ئورۇنۇشى ئۇلارنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان. ئۇلار مۇسۇلمان قىز – ئاياللىرىنىڭ سەپلىرىدە بۇزۇقچىلىقنى ۋە يېپىشقا بۇيرۇلغان جايلىرىنى ئېچىشنى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجە قازىنالمىدى.

بىر كۈنى بىر مۇسۇلمان ئايال بەنۇ قەينۇقاﺋ يەھۇدىيلىرىنىڭ بازىرىغا كەلدى. ئۇ ئىپپەتلىك، ئورانغان بىر ئايال ئىدى. ئۇ ئايال ئۇ يەردە ئۇلاردىن بىر قۇيمىچىنىڭ دۇكىنىغا كېلىپ ئولتۇردى. يەھۇدىيلار ئۇ ئايالنىڭ ئورانغانلىقى ۋە ئىپپەتلىكىدىن چىدىيالماي قالدى. ئۇ ئايالنىڭ يۈزىگە قاراش ياكى ئۇيەر -بۇيەرلىرىنى سىلاپ (تۇتۇپ) چاقچاق قىلىش بىلەن ھۇزۇرلانماقچى بولدى. چۈنكى ئىسلام دىنى ئاياللارنى ھۆرمەتلىك قىلىشتىن بۇرۇنمۇ يەھۇدىيلار بۇنداق چاكىنا ئىشلارنى قىلاتتى. ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ يۈزىنى ئېچىۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇنى ھىجابىنى ئېلىۋېتىشقا قىزىقتۇرۇشقا باشلىدى. ئايال ئۇنىماي رەت قىلدى.

ئۇ ئايال ئولتۇرغان ۋاقتىدا يەھۇدىي قۇيمىچى ئۇنىڭ دىققەت قىلمىغىنىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ ئەڭ ئاستى تەرەپتىكى بىر ئۇچىنى ئېلىپ، چۈمبىلىنىڭ دولىسىغا ساڭگىلاپ چۈشكەن ئۇچىغا چىگىپ قويدى. ئۇ ئايال ئورنىدىن تۇرغان چاغدا كىيىمىنىڭ ئاستى تەرىپى كۆتۈرۈلۈپ، بەزى جايلىرى ئىچىلىپ قالدى. يەھۇدىيلار بۇ ئىشتىن كۈلدى. ئىپپەتلىك بۇ مۇسۇلمان ئايال ۋارقىرىدى. ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئەۋرەت ھېسابلىنىدىغان جايلىرىنى ئاچماستىن ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسىچۇ دەپ ئارزۇ قىلىپ كەتتى. مۇسۇلمان بىر ئەر بۇنى كۆرۈپ، (بۇ ئىشقا چىدىيالماي) قىلىچىنى سۇغاردى ۋە ئېتىلىپ بېرىپ قۇيمىچىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار يوپۇرۇلۇپ كېلىپ بۇ مۇسۇلمان ئەرنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى.

رەسۇلۇللاھ بۇ ئىشنى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ كېلىشىمنى بۇزۇپ، مۇسۇلمان قىز – ئاياللارغا چىقىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلارنى مۇھاسىرىگە ئالدى، ئاخىرى ئۇلار تەسلىم بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنىدىغان بولدى.

رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى جازالاپ، ئىپپەتلىك بۇ مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئابرۇيى ۋە ئار – نومۇسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالماقچى بولدى. بۇ ۋاقىتتا، مۇسۇلمان قىز -ئاياللارنىڭ ئابرۇيى ۋە ئار – نومۇسىنى قوغداش مۇھىم بولمايدىغان، بەلكى (پۈتكۈل) غېمى قورسىقىنى توقلاش ۋە ھاۋايى – ھەۋىسىنى قاندۇرۇش بولغان شەيتاننىڭ ئەسكەرلىرىدىن بىرى يەنى مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋىشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل ئورنىدىن تۇرۇپ:

— ئى مۇھەممەد، يەھۇدىي دوستلىرىمغا ياخشىلىق قىلغىن، — دېدى.

ئۇلار ئۇنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ياردەمچىلىرى ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلمىدى. چۈنكى ئۇ ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ئارىسىدا يامان ئىشلارنى يايماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى.

بۇ مۇناپىق يەنە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ:

— ئى مۇھەممەد، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغىن، — دېدى.

رەسۇلۇللاھ ئىپپەتلىك مۇسۇلمان قىز – ئاياللارنىڭ يۈز – ئابرۇيى ۋە ئار -نومۇسىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى. بۇ مۇناپىقنىڭ غەزىپى كېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ساۋۇتىنىڭ ياقىسىنى تۇتۇپ، قايتا – قايتا «دوستلىرىمغا ياخشىلىق قىلغىن، دوستلىرىمغا ياخشىلىق قىلغىن…» دەپ تارتتى. رەسۇلۇللاھمۇ غەزەپلىنىپ ئۇنىڭغا بۇرۇلدى ۋە: «مېنى قويۇۋەت» دەپ ۋارقىرىدى. بۇ مۇناپىق ئۇنىماي رەسۇلۇللاھتىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلغىلى تۇردى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا قاراپ: «ئۇلار سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولسۇن» دېدى. شۇنداق قىلىپ رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن ۋاز كەچتى. لېكىن ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن قوغلاپ، مەدىنەدىن ھەيدەپ چىقاردى.

شۇنداق، ئىپپەتلىك قىز – ئاياللار بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەككە تېگىشلىكتۇر.

خەۋلە بىنتى سەئلەبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا سالىھە ساھابە ئاياللاردىن ئىدى. ئېرى ئەۋس ئىبنى ئەسسامىت بەك ياشىنىپ قالغان كېشى بولۇپ، ئاسان ئاچچىقى كېلەتتى. بىر كۈنى ئۇ قەۋمى بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇردى. شۇ سورۇندىن قايتىپ كېلىپ خەۋلەنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇنىڭغا بىر نەرسە توغرىسىدا گەپ قىلدى. خەۋلە ئۇنىڭغا گەپ قايتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى جىدەللىشىپ قالدى. ئەۋس غەزەپلىنىپ:

— سەن ماڭا (نىسبەتەن) ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاش، — دېدى ۋە غەزەپلىنىپ چىقىپ كەتتى. بۇ سۆزنى جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەر ئايالىغا دېسە ئايالى تالاق بولاتتى. ئەمما خەۋلە بۇنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمىنى بىلمەيتتى.

ئەۋس ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە خەۋلە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىپ:

— خەۋلەنىڭ جېنى (مېنىڭ جېنىم) ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سەن بەزى گەپلەرنى قىلدىڭ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئۇنىڭ ھۆكمىنى چىقارمىغۇچە ماڭا يېقىنلىشالمايسەن، — دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئېرىنىڭ قىلغانلىرىنى بايان قىلىپ، ئېرىدىن ئۇچرىغان ئىشلارنى ۋە ئېرىنىڭ ئەخلاقىنىڭ ناچارلىقىنى شىكايەت قىلدى. رەسۇلۇللاھمۇ ئۇنى سەۋر قىلىشقا ئۈندەپ:

— ئى خەۋلە، تاغاڭنىڭ ئوغلى بەك ياشىنىپ قالغان ئادەم، ئۇنىڭ ھەققىدە ئاللاھتىن قورقۇڭ! — دېدى.

خەۋلە ياشلىرىنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ، ياشلىقىم ئۇنىڭ بىلەن ئۆتتى، ئۇنىڭغا بالا تۇغۇپ بەردىم، ئاخىرى يېشىم چوڭلاپ، بالا تۇغالمايدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ چاغدا مېنى زىھار قىلدى (سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاش دېدى). ئى ئاللاھ، مەن ھەقىقەتەن ساڭا شىكايەت قىلىمەن، — دېدى.

رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ ئىككىسى ھەققىدە بىرەر ھۆكۈم چۈشۈرۈشىنى كۈتۈۋاتقان، خەۋلە بولسا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان ۋاقىتتا جىبرىيل ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن رەسۇلۇللاھقا خەۋلە ۋە ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ئىشىنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىدىغان ئايەتنى ئېلىپ چۈشتى. رەسۇلۇللاھ خەۋلەگە بۇرۇلۇپ:

— ئى خەۋلە، سېنىڭ ۋە ئېرىڭ ھەققىدە ئايەت چۈشتى، — دېگەندىن كېيىن مۇنۇ ئايەتلەرنى ئوقۇدى:

﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىغۇچىدۇر، كۆرگۈچىدۇر. سىلەردىن ئاياللىرىنى زىھار قىلغانلارنىڭ (يەنى ئاياللىرىنى ئانىلىرىمىزنىڭ ئۇچىلىرىغا ئوخشاش دېگۈچىلەرنىڭ) ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئەمەستۇر، پەقەت ئۇلارنى تۇغقان ئاياللارلا ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى زىھار قىلغۇچىلار) ئەلۋەتتە يامان سۆزنى، يالغان سۆزنى قىلىدۇ، ئاللاھ، شەك -شۈبھىسىزكى، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئاياللىرىنى زىھار قىلىپ، ئاندىن قىلغان سۆزىگە (يەنى زىھار قىلغانلىقىغا) پۇشايمان قىلغانلار (ئەر – ئايال ئىككىسى) يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم. بۇنىڭ بىلەن سىلەرگە ۋەز – نەسىھەت قىلىنىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر. (ئازاد قىلىشقا) قۇلى يوق ئادەم، ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم، (قېرىلىق ياكى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن روزا تۇتۇشقا) قادىر بولالمىغان ئادەم (60 مىسكىنگە بىر ۋاقىت تاماق بېرىشى لازىم)، بۇ (ئەھكام) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى (ئەمر قىلغان ئىشلارغا) تەستىق قىلىشىڭلار ئۈچۈن (بايان قىلىندى). بۇلار ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، (بۇ قانۇننى) ئىنكار قىلغۇچىلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾(58/«مۇجادىلە»: 1 – 4).

ئاندىن رەسۇلۇللاھ خەۋلەگە:

— ئېرىڭغا دېگىن، بىر قۇل ئازاد قىلسۇن، — دېدى. خەۋلە:

— ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇنىڭ ئازاد قىلغۇدەك قۇلى يوق، — دېدى.

— ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتسۇن.

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ بەك ياشىنىپ كەتكەن ئادەم، روزا تۇتالمايدۇ.

— ئاتمىش مىسكىنگە بىر ۋەسەق خورما بەرسۇن.

— ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇنىڭدا بۇمۇ يوق.

— بىز ئۇنىڭغا بىر ئەرەق خورما ياردەم قىلايلى.

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەسۇلۇللاھ، مەنمۇ ئۇنىڭغا بىر ئەرەق خورما ياردەم قىلاي.

— توغرا ۋە ياخشى قىلدىڭ، بېرىپ، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن بۇلارنى سەدىقە قىلغىن، تاغاڭنىڭ ئوغلىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن(6).

ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلۇغتۇركى، ئۇ رەسۇلۇللاھقا ھەممە كىشىگە ھەتتا ئۇلارنىڭ شەخسىي مەسىلىلىرىدىمۇ كۆڭۈل بولىدىغان دەرىجىدە مۇلايىملىق ۋە سەۋرچانلىق ئاتا قىلغان.

مەن قىز – ئاياللارغا، ھەممىدىن بۇرۇن ئانام ۋە ھەمشىرىلىرىمگە مۇلايىم ۋە مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى سىناپ باقتىم. بۇنىڭ تەسىرى ھەقىقەتەن چوڭ بولىدىكەن، بۇنى پەقەت قىلىپ باققانلارلا تەسەۋۋۇر قىلايدۇ. دېمەك، قىز – ئاياللارنى پەقەت ئېسىل كىشىلەرلا ھۆرمەتلەيدۇ، ناچار كىشىلەرلا خورلايدۇ.

 

بىر توختاش

ئاياللار ئېرىنىڭ نامراتلىقىغا، كۆرۈمسىزلىكىگە، ئالدىراشلىقىغا سەۋر قىلالىشى مۇمكىن. ئەمما ئەخلاقىنىڭ ناچارلىقىغا ئاساسەن سەۋر قىلالمايدۇ.

دوكتور مۇھەممەد ئەرىفىينىڭ «استمتع بحياتك» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمە قىلغۇچى: پىنھان

—————
1. «مۇسلىم».
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.
3. «مۇسلىم».
4. «ئەبۇ داۋۇد». سەھىھ ھەدىس.
5. «تىرمىزىي». سەھىھ ھەدىس.
6. «ئەھمەد» ۋە «ئەبۇ داۋۇد». سەھىھ ھەدىس.

Please follow and like us:
Exit mobile version