ماھارەت ۋە ئىقتىدارلىرىڭدىن پايدىلانغىن!

ماھارەت ۋە ئىقتىدارلىرىڭدىن پايدىلانغىن!

ماھارەت ۋە ئىقتىدارلار ھېسسىي ھۇزۇردۇر. مەن بۇنىڭدىن پەقەت ئاخىرەتلىك ساۋابنىلا كۆزدە تۇتمايۋاتىمەن. بەلكى ئۇ ھەقىقەتەن ھېس قىلىنىدىغان ھۇزۇر ۋە خوشاللىقتۇر. ئۇلاردىن بەھرىمەن بولغىن، ئۇلارنى چوڭ – كىچىك، باي – كەمبەغەل، يىراق – يېقىن بارلىق كىشلەرنىڭ ھەممىسىگە قوللانغىن. يا ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن ساقلىنىش، يا ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش، يا ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىش، شۇنداق ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ ماھارەت ۋە ئىقتىدارلارنى قوللانغىن.

ئەلى ئىبنى جەھم پاساھەتلىك بىر شائىر بولۇپ، ھاياتتىن پەقەت چۆلدە كۆرگەنلىرىنىلا بىلىدىغان قوپال بىر ئەئرابىي (سەھرالىق ئەرەب) ئىدى. خەلىفە مۇتەۋەككىل ئېغىر – بېسىق كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا ئەتىگەن – ئاخشاملاردا ئۇ خاھلىغان نەرسىلەر كەلتۈرۈلۈپ تۇراتتى.

ئەلى ئىبنى جەھم بىر كۈنى باغداتقا كىردى. ئۇنىڭغا: «خەلىفەنى مەدھىيىلىگەنلەر خەلىفەنىڭ ھۇزۇرىدا نېسىۋىگە ئېرىشىدىكەن ۋە ئاتايى -ئېھسانلىرىغا نائىل بولىدىكەن» دېيىلدى. ئەلى بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ، خەلىفەلىك سارىيىغا قاراپ ماڭدى. مۇتەۋەككىلنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، شائىرلارنىڭ شېئىر ئوقۇپ پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. مۇتەۋەككىل ھوقۇق، ھەيۋەت ۋە كۈچ – قۇۋۋەتتە ھەقىقەتەن تەۋەككۇل قىلىنغۇچى ئىدى. ئۇ خەلىفەنى ماختاپ بىر قەسىدە ئوقۇدى. ئۇنىڭ بېشى مۇنداق ئىدى:

يا أيها الخليفة:

أَنتَ كَالكَلبِ في حِفاظِكَ لِلوُدِّ   وَكَالتَيسِ في قِراعِ الخُطوبِ

 (ئەي خەلىفە! سەن دوستلۇقنى قوغداشتا ئىتقا، قىيىنچىلىقلار بىلەن ئېلىشىشتا تېكىگە ئوخشايسەن.)

ئۇ خەلىفەنى ئىت، تېكىلەرگە … ئوخشىتىشقا باشلىدى. ئىلگىرى خەلىفە قۇياش، ئاي ۋە تاغلارغا ئوخشىتىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن خەلىفەنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، مۇھاپىزەتچىلەر دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى، جاللاتلار قىلىچلىرىنى سۇغاردى، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان كىشىنىڭ ئاستىغا سېلىنىدىغان تېرە پالاسلار سېلىندى، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تەييارلىق كۆرۈلدى…

خەلىفە ئەلى ئىبنى جەھمنىڭ تەبىئىتىنىڭ غالىب كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى. ئەلى ئىبنى جەھم خەلىفەنىڭ ئەمرى بىلەن كۆركەم بىر سارايغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇنىڭغا ئەتىگەن -ئاخشاملاردا ئىنتايىن چىرايلىق دېدەكلەر لەززەتلىك ۋە ئېسىل يېمەكلىكلەرنى كەلتۈرۈپ تۇردى. ئەلى ئىبنى جەھم نېمەتلەرنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ، كرېسلولارغا يۆلىنىپ ئولتۇردى، دىللارنى ئېرىتىۋېتىدىغان ئېسىل شائىر ۋە ئىنتايىن لىرىك ئەدىبلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى. بۇ ھالەت يەتتە ئاي داۋاملاشتى.

خەلىفە بىر كىچىسى سۆھبەتتە ئولتۇرۇپ، ئەلى ئىبنى جەھمنى ئېسىگە ئالدى. ئۇنى سورىۋېدى، ئۇلار ئۇنى چاقىردى. ئەلى ئىبنى جەھم خەلىفەنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، خەلىفە: ئى ئەلى ئىبنى جەھم، ماڭا شېئىر ئوقۇپ بەرگىن، دېدى. ئەلى ئىبنى جەھم بىر قەسىدە ئوقۇدى. ئۇنىڭ بېشى مۇنداق ئىدى:

عُيونُ المَها بَينَ الرُصافَةِ وَالجِسرِ          جَلَبنَ الهَوى مِن حَيثُ أَدري وَلا أَدري

(سالماقلىق بىلەن جەسۇرلۇق ئارىسىدىكى ياۋا قوتازنىڭكىدەك(1) كۆزلىرى مەن بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان جايلاردىن ھەۋەسلەرنى كەلتۈردى.)

ئەلى ئىبنى جەھم ئىنتايىن تەسىرلىك سۆزلەر بىلەن ھېس – تۇيغۇلارنى قوزغىغاندىن كېيىن خەلىفەنى قۇياش، يۇلتۇز ۋە قىلىچلار بىلەن سۈپەتلەشكە باشلىدى.

قارىغىن، خەلىفە ئەلى ئىبنى جەھمنىڭ تەبىئىتىنى قانداق ئۆزگەرتەلىدى؟ بىز بالىلىرىمىز ياكى دوستلىرىمىزنىڭ تەبىئەتلىرىدىن قانچىلىك سىقىلغان بولساقمۇ، ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ باقتۇقمۇ؟ ئۆزگەرتەلىدۇقمۇ؟

ئەڭ ياخشىسى، ئۆز تەبىئىتىڭنى ئۆزگەرتكىن، چىراي تۈرۈشنى تەبەسسۇمغا، غەزەپنى كەڭ قورساقلىققا، بېخىللىقنى سېخىيلىققا ئۆزگەرتكىن. بۇ تەس ئەمەس، لېكىن ئىرادە ۋە كۈچ – قۇۋۋەتكە موھتاج. شۇڭا باتۇر بولغىن.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالىغا نەزەر تاشلىغان ئادەم شۇنى بايقايدۇكى، رەسۇلۇللاھ كىشىلەرگە ئېسىل ئەخلاقى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ئىگىلىگەن. رەسۇلۇللاھ بۇ ئەخلاقلارنى پەقەت كىشىلەرنىڭ ئالدىدىلا ياسالمىلىق بىلەن قىلىپ قويغان ئەمەس.

رەسۇلۇللاھ ئائىلىسى بىلەن خالىي بولغان چاغلاردا كەڭ قورساقلىقى غەزەپكە، يۇمشاقلىقى قوپاللىققا ئۆزگىرىپ قالامتى؟

ياق، ئۆزگىرىپ قالمايتتى. ئۇ كىشىلەرگە ئوچۇق چىراي بولۇپ، ئائىلىسىگە مۇز چىراي بولمايتتى. بالىلىرى ۋە ئاياللىرىدىن باشقا كىشىلەرگىلا ئېسىل مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىمۇ ئەمەس ئىدى. بەلكى ئۇنىڭ ئەخلاقى تەبىئىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، چاشگاھ ۋە كېچە نامازلىرى بىلەن ئىبادەت قىلغاندەك ئەخلاقى بىلەنمۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتى. تەبەسسۇمىنى ئاللاھقا يېقىنلىق، مۇلايىملىقىنى ئىبادەت، ئەپۇچانلىق ۋە يۇمشاقلىقىنى ياخشىلىق دەپ قارايتتى.

گۈزەل ئەخلاقىنى ئىبادەت دەپ قارىغان كىشى پۈتۈن ئەھۋاللىرىدا، تىنچ ۋاقتىدىمۇ ۋە ئۇرۇش ۋاقتىدىمۇ، ئاچ ۋاقتىدىمۇ ۋە توق ۋاقتىدىمۇ، ساق ۋاقتىدىمۇ ۋە كېسەل ۋاقتىدىمۇ، ھەتتا خۇشال ۋاقتىدىمۇ ۋە خاپا ۋاقتىدىمۇ ئۇنىڭ بىلەن زىننەتلىنىدۇ.

شۇنداق، نۇرغۇنلىغان ئاياللار باركى، ئۇلار ئەرلىرىنىڭ ئەخلاقى، كەڭ قورساقلىقى، ئوچۇق – يورۇقلۇقى ۋە سېخىيلىقىنى ئاڭلايدۇ-يۇ، لېكىن ئەرلىرىدىن ئاشۇلارنىڭ ھېچبىرىنى كۆرمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئۆيىدە ئەخلاقى ناچار، كۆڭۈل – كۆكسى تار، مۇز چىراي، ۋارقىرايدىغان، لەنەت ئوقۇيدىغان، بېخىللىق قىلىدىغان، مىننەت قىلىدىغان ئەرلەر ئىدى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىڭلاردۇر. مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئائىلىسىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىمەن»(2) دېگەن. قارىغىن، رەسۇلۇللاھ ئائىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟

ئەسۋەد ئىبنى يەزىد دەيدۇكى: «مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن:

— رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيىدە نېمە قىلاتتى؟ — دەپ سورىسام،

— ئائىلىسىنىڭ ئىشىنى قىلاتتى. ناماز ۋاقتى كەلگەندە تاھارەت ئېلىپ، نامازغا چىقاتتى، — دېگەنىدى.

ئاتا – ئانىلار ئۈچۈنمۇ مۇشۇنداق بولۇشىمىز كېرەك. بىز نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى ئېسىل، سېخىي، ئوچۇق – يورۇق، باشقىلار بىلەن مۇئامىلىسى ياخشى دەپ ئاڭلايمىز-يۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدە ھەققى ئەڭ چوڭ بولغان ئاتا – ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرىغا قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن كارى بولمايدۇ. شۇنداق، سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە، ئاتا – ئانىسىغا، ئايالىغا، خىزمەتچىلىرىگە، بالىلىرىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىڭلاردۇر.

خۇشال كەيپىياتقا تولغان بىر كۈنى ئەبۇ لەيلا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى. ھەسەن ياكى ھۇسەين (ئىككىسىدىن بىرى) رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا مېڭىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئېلىپ، قورسىقىدا ئولتۇرغۇزدى. بۇ كىچىك بالا رەسۇلۇللاھنىڭ قورسىقىغا سىيىپ قويدى. ئەبۇ لەيلا مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇنىڭ سۈيدۈكىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ قورسىقى ئۈسىتدە يول – يول بولۇپ ئاققانلىقىنى كۆردۈم. بىز ئورنىمىزدىن ئالدىراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردۇق. رەسۇلۇللاھ: بولدى قىلىڭلار، ئوغلۇمنى چۆچۈتمەڭلار، دېدى. بۇ كىچىك بالا سىيىپ بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سۇ ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇنى سۈيدۈكنىڭ ئۈستىگە تۆكتى(3).

بۇ نېمىدېگەن گۈزەل ئەخلاق-ھە! رەسۇلۇللاھ بۇ ئەخلاقلارنى ئۆزىدە قانداق يېتىلدۈرگەندۇ؟ دېمەك، رەسۇلۇللاھنىڭ چوڭ – كىچىك كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنى ئىگەللىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

 

بىر كۆزقاراش

قاراڭغۇلۇقنى تىللاشنىڭ ئورنىغا چىراغنى ئوڭشاشقا ھەرىكەت قىلغىن.

دوكتور مۇھەممەد ئەرىفىينىڭ «استمتع بحياتك» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: پىنھان

———————–
1. ئەرەبلەردە كۆزى بەك چىرايلىق دېگەننى «ياۋا قوتازنىڭ كۆزىدەك» دەيدىغان ئەھۋال بولغاچ مۇشۇنداق ئىشلەتكەن. – ت.
2. «تىرمىزىي»، «ئىبنى ماجە». «سەھىھ» ھەدىس.
3. «ئەھمەد»، « تەبەرانىي». راۋىيلىرى ئىشەنچىلىك.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ