قەلبى ھەقكە باغلانغان ئالىم ئابدۇراھمان ئەۋزائىي

 (ھىجرىيە 88 – 157 / مىلادىيە 707 – 774)

 

مۇھەممەد ئىبنى ئەجلان مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمانلارغا ئەۋزائىيدىنمۇ بەك كۆيۈنىدىغان ۋەز – نەسھەت قىلغۇچىنى كۆرمىدىم». ئەگەر ئۇ كىشىلەرگە نەسھەت قىلسا سورۇنىدا ئاشكارا بولسۇن ياكى يوشۇرۇن بولسۇن يىغلىمىغان بىرمۇ كىشى قالمايتتى. ئۆزى بۇنداق سورۇنلاردا قاقاقلاپ كۈلمەيتتى ياكى ئۈن سېلىپ يىغلىمايتتى. ئەمما يالغۇز قالغاندا بولسا ئاللاھقا يالۋۇرۇپ قاتتىق يىغلاپ كۆز يېشى قىلاتتى. يىگىرمە بەش يېشىدىن باشلاپ ۋاپات بولغانغا قەدەر پەتىۋا بەرگەن بولۇپ، 70 مىڭ سوئالغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىنى رىۋايەت قىلىپ پەتىۋا بەرگەن.

تۇغۇلۇشى ۋە ھاياتى

ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەمىر ئىبنى مۇھەممەد ئەبۇ ئەمىر ئەۋزائىي بولۇپ، فارادىيس قوۋۇقىنىڭ سىرتىدىكى دىمەشق يېزىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئەۋزە دېگەن يېزىغا نىسبەت بېرىلىپ ئەۋزائىي دەپ ئاتالغان. ھىجرىيە 88 – يىلى بەئلەبەككە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەچكە ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان. ئانىسى بىلەن شەھەرمۇشەھەر كۆچۈپ يۈرگەن. بۇ جەرياندا ئۆزىنى چېنىقتۇرغان. ئۇ ھەرقانداق بىر پادىشاھ، خەلىپە، ۋەزىر، تىجارەتچى قاتارلىقلارنىڭ ئوغۇللىرىدىنمۇ بەكرەك ئەقىللىق، تەقۋا، ئىلىملىك، پاساھەتلىك، مۇلايىم، پەزىلەتلىك ئىدى. ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ ئېيتقىنىدەك ئۇ ھەرقانداق بىر سۆز قىلسا ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇ سۆزلەرنى بەك پاساھەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن يېزىۋالغۇلىرى كېلىپ كېتىشەتتى.

ئۇ ھىجرىيە 157 – يىلى 67 يېشىدا ۋاپات بولغانغا قەدەر بېيرۇتتا ياشىغان ئىدى.

ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ۋە شاگىرتلىرى

ئۇنىڭ ئىلىم ئېلىشىنىڭ باشلىنىشى

ئەۋزائىي يەمامەگە جىھادقا ماڭغانلار بىلەن بىللە يولغا چىقىدۇ. يېتىپ كېلىپلا يەمامىنىڭ مەسجىدىگە كىرىپ بىر تۈۋرۈككە ئالدىنى قىلىپ ناماز ئوقۇشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭغا يېقىن يەردە ئولتۇرغان يەھيا ئىبنى ئەبى كەسىر ئۇنىڭ نامىزىدىن ئەجەبلىنىدۇ ۋە: «بۇ يىگىتنىڭ نامىزى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ نامىزىغا نېمە ھەجەپ ئوخشايدىكەن دېسە!» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەھيانىڭ سورۇنىدا ئولتۇرغانلارنىڭ بىرى ئەۋزائىينىڭ قېشىغا كېلىپ نامازنى تۈگەتكەنگە قەدەر ساقلاپ تۇرۇپ، يەھيانىڭ سۆزىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئەۋزائىي يەھيانىڭ سورۇنىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ. يەھيا ئۇنىڭ بىلەن يۇرتى، ھال – ئەھۋالى قاتارلىقلار ھەققىدە بىرئاز پاراڭلىشىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن ئەۋزائىي دىۋاندىن ئايرىلىپ بىر مۇددەت يەھيانىڭ يېنىدا تۇرۇپ ھەدىس ئاڭلايدۇ ۋە يازىدۇ. يەھيا ئۇنىڭغا: «سەن دەرھال بەسرەگە بارساڭ بولاتتى، بەلكىم ئۇ يەردە ھەسەن بەسرى، مۇھەممەد ئىبنى سىيرىنلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلاردىن ئىلىم ئالالىشىڭ مۇمكىن» دەيدۇ. ئەۋزائىي ئۇلار تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىدۇ. بەسرەگە يېتىپ كەلگەندە ھەسەن بەسرىنىڭ ئىككى ئاي بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كەتكەنكىلىدىن، ئىبنى سىيرىننىڭ بولسا بىتاب ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىبنى سىيرىنمۇ ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەۋزائىي ئىبنى سىيرىندىنمۇ ئىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايدۇ.

ئىمام ئەۋزائىي بەسرە، كۇفە، مەككە، مەدىنە، دىمەشق يەمامە قاتارلىق جايلاردا ئەتا ئىبنى ئەبى رەباھ، قتادە، ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئازادگەردىسى نافى، مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىر، مەكھۇل، ئەمر ئىبنى شۇئەيب، يەھيا ئىبنى ئەبى كەسىر، ئىبنى شىھاب زۇھرىي… قاتارلىق نۇرغۇن تابىئىن ئالىملاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ۋە فىقھى ئۆگەنگەن.

ئۇنىڭدىن ئۇستازلىرى ھېسابلىنىدىغان مالىك ئىبنى ئەنەس، يەھيا ئىبنى ئەبى كەسىر ۋە ئىبنى شىھاب زۇھرىي قاتارلىقلار ھەمدە سۇفيان سەۋرى، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك… قاتارلىق كۆپلىگەن ئالىملار ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

ئۇنىڭ ئەسەرلىرى

ئىمام ئەۋزائىينىڭ شامدا ئىلىمنى قەغەزگە يېزىپ قالدۇرۇشنى تۇنجى باشلىغان كىشى بولۇشىغا قارىماستىن مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس. ئېھتىمال، بۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ شامدا ھىجرىيە 130 – يىلى يۈز بەرگەن نۇرغۇن كىشىلەر ھالاك بولغان قورقۇنچلۇق يەر تەۋرەشتە يوقاپ كەتكەنلىكى ۋە ئەۋزائىينىڭمۇ قايتا يېزىشقا رايى بارمىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ھاجىي خەلىيفە «كشف الظنون عن أسامي الكتب والفنون» دېگەن كىتابىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن «مسند الإمام الأوزاعي»، ئىمام شافىئىي «كتاب الأم» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزگەن «سير الإمام الأوزاعي» قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم. ئىمام زەھەبى ئەۋزائىينىڭ مۇرسەل ۋە مەۋقۇف ھەدىسلەردىن باشقا مىڭلارچە ھەدىس بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ يەنە «كتاب السنن في الفقه» ۋە «كتاب المسائل في الفقه» دېگەن ئەسەرلىرى بار.

ئۇنىڭ ئىلمىي ئورنى

ئىمام ئەۋزائىينىڭ چاغداشلىرى ئىچىدىكى ئىلمىي ئورنى ئىنتايىن يۈكسەك ئىدى. بولۇپمۇ شامدا تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. شاملىقلار ئۇنىڭ ئەمرىنى سۇلتاننىڭ ئەمرىدىنمۇ يۈكسەك بىلەتتى.

نۇرغۇن ئىماملار ئۇنى مەدھىيلىگەن بولۇپ، ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: «ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئەۋزائىينى قەدىر – قىممىتى ئۇلۇغ، پەزىلەتلىك يېتۈك ئىمام دەپ ئېتىراپ قىلغان».

ئەبۇ ئەمىر شامى دىمەشقى مۇنداق دېگەن : «شەك – شۈبھىسىزكى، ئىمام ئەۋزائىي شام ئەھلىنىڭ ئىمامىدۇر».

ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس رەھىمەھۇللاھ: «ئەۋزائىي ئەگىشىشكە تېگىشلىك ئىمام» دېگەن. سۇفيان ئىبنى ئۈيەينە: «ئەۋزائىي ئۆز زامانىنىڭ ئىمامى ئىدى» دېگەن.

ئىمام ئەۋزائىي ئىبادەتگۇي، نامازنى ئىخلاس بىلەن ئوقۇيدىغان زات بولۇپ، ۋەلىد ئىبنى مۇسلىم مۇنداق دېگەن: «ئىبادەتتە ئەۋزائىيدىنمۇ بەكرەك تىرىشچان بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم».

ئىمام شافىئىي مۇنداق دېگەن: «ئەۋزائىيدىنمۇ بەك فىقھىسى ھەدىسىگە ماس كەلگەن بىرىنى ھېچ كۆرۈپ باقمىدىم».

ئىبنى سەئىد مۇنداق دېگەن: «ئەۋزائىي ئىشەنچلىك، ياخشىلىقنى كۆپ قىلىدىغان، پەزىلەتلىك، ھەدىسى ۋە فىقھى بىلمى مول، سۆزى ھۆججەت بىر كىشى».

ئابدۇراھمان ئىبنى مەھدىي مۇنداق دېگەن: «شۇ چاغدا كىشىلەر ئارىسىدا بەسرەدە ھەمماد ئىبنى زەيد، كۇفەدە سەۋرىي، ھىجازدا مالىك، شامدا ئەۋزائىي بار ئىدى».

سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە مۇنداق دېگەن: «ئەۋزائىي ئۆز دەۋرىنىڭ ئىمامى ئىدى».

يەھيا ئىبنى مەئىين مۇنداق دېگەن: «ئۆلىما تۆت نەپەردۇر: سەۋرىي، ئەبۇ ھەنىيفە، مالىك، ئەۋزائىي».

ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل مۇنداق دېگەن: «ئەۋزائىي ئىماملارنىڭ بىرى».

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ماڭا بۇ ئۈممەتكە ئىمام تاللىغىن، دېسە، سۇفيان سەۋرىي بىلەن ئەزائىينى تاللىغان بولاتتىم. ئەگەر بۇ ئىككىسىدىن بىرىنى تاللىغىن، دېسە، ئەۋزائىينى تاللىغان بولاتتىم. چۈنكى ئۇ دىلى يۇمشاق ئادەم».

بەقىييە ئىبنى ۋەلىد مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەۋزائىينىڭ تەرىپىنى قىلسا بىز ئۇنىڭ سۈننەت ئەھلىدىن ئىكەنلىكىنى، يامان گېپىنى قىلسا ئۇنىڭ بىدئەتچىلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق».

شۇ دەۋرلەردە ياشىغان يەنە باشقا كاتتا ئالىملارنىڭمۇ ئىمام ئەۋزائىينىڭ ھەقىقەتەن كاتتا ئالىم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان نۇرغۇن بايانلىرى بار.

ئۇنىڭ مەزھىپى

ئىمام ئەۋزائىي ئىلىم ئېلىشتا ناھايىتى تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ، ھىجرىيە 113 – يىلى 25 – يېشىدىلا پەتىۋا بېرىش دەرىجىسىگە يەتكەن. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئىلىم ئۆگىنىش، پەتىۋا سوراش مەقسىتىدىكى كىشىلەر يىغىلىشقا باشلىغان. ئەلھەقل ئىبنى زىياد مۇنداق دېگەن: «ئەۋزائىي 70 مىڭ مەسىلىگە پەتىۋا بەرگەن. بىر كۈنى ئۇ مەلۇم بىر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە: بۇ ھەقتە مەندە ھېچبىر ئۇچۇر يوق» دېگەن. يەنى، بۇ سۆزى ئارقىلىق ئۇنىڭ پەتىۋالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئايەت – ھەدىسلەرگە تايىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەھۋال مۇشۇ بويىچە راۋاجلىنىپ ئەۋزائىينىڭ مۇستەقىل فىقھى مەزھىپى شەكىللەنگەن ۋە شام، مەغرىب ۋە ئەندەلۇس قاتارلىق جايلارنىڭ فەقىھلىرى مۇشۇ مەزھەپكە ئەمەل قىلغان. بۇ تا قازى ئەبۇ زەرئە مۇھەممەد ئىبنى ئوسمان سەقەفىي دىمەشقىي دىمەشقكە شافئىي مەزھەپىنى ئېلىپ كىرگەنگە قەدەر داۋاملاشقان. قازى ئەبۇ زەرەئە «مختصر المزني»نى يادلاپ بەرگەن كىشىگە 100 دىنار ھەدىيە قىلاتتى. بۇ قاتارلىق بىر قانچە ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن، ئەۋزائىينىڭ مەزھىپىنىڭ تارقالغان دائىرىسى ئاستا – ئاستا تارىيىپ، ھىجرىيە 4 – ئەسىرگە كەلگەندە بولسا پەقەت شامدىلا قېپقالغان. شامغا ئەۋزائىينىڭ مەزھىپىنى سەئسەئە ئىبنى سالام دىمەشقىي ئەكىرگەن. ئەندەلۇسلۇقلار بۇ مەزھەپكە تا زىياد ئىبنى ئابدۇراھمان لەخمىي مالىكىي مەزھەپىنى ئەندەلۇسقا ئەكىرگەنگە قەدەر ئەمەل قىلىپ كەلگەن. ئەۋزائىينىڭ مەزھىپى ئەندەلۇستىن ئەلھىكەم ئەررەبتىينىڭ دەۋرىگە كەلگەندە تولۇق چېكىنگەن.

ئەۋزائىينىڭ مەزھىپىنىڭ مېتودى ئۇنىڭ مەكھۇل ئەششام رىۋايەت قىلغان «قۇرئان سۈننەتكە سۈننەت قۇرئانغا موھتاج بولغاندىنمۇ بەك موھتاج» دېگەن بايانىدىن نامايان بولىدۇ. ئەۋزائىي بۇ سۆزى ئارقىلىق سۈننەتنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئايەتلىرىنى تەپسىرلەش، مۇجمەللىكلىرىنى يېشىپ بېرىش، قاتىل بالىنى مىراستىن مەھرۇم قىلىش ھەققىدىكى پەتىۋاسىغا ئوخشاش نەزىرىدە سەھىھ بولغان «قاتىل ۋارىس بولالمايدۇ» دېگەن ھەدىس ئارقىلىق ئومۇمىي مەنىدىكى ئايەتنى خاسلاشتۇرۇش قاتارلىقلاردىكى رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەقۋادارلىقى

ئىمام ئەۋزائىي مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى تەھەججۇد نامىزىدا قىيامدا ئۇزۇن تۇرسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە قىيامەت كۈنىدىكى تۇرۇشنى يەڭگىللەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‹كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، كۆپ قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت. شۈبھىسىزكى، بۇلار دۇنيانى ئارتۇق بىلىدۇ، كەلگۈسىدىكى قىيىن بىر كۈنگە سەل قارايدۇ›» ( «ئىنسان» سۈرىسى، 26 – 27 – ئايەتلەر).

ئۇ زات زاھىد، تەقۋا بولۇش بىلەن بىرگە مەرد، سېخى ئىدى، مال – دۇنيا توپلىمايتتى، ئۈمەۋىيلەر ۋە ئابباسىيلار تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان پۇلنىڭ سانى 70 مىڭ دىناردىن ئاشاتتى. شۇنداق تۇرۇپ ۋاپات بولغاندا 7 دىناردىن باشقا پۇل – مال قالدۇرمىغان ئىدى. قولىغا كىرگەن پۇل – ماللارنى ئاللاھ يولىغا، پېقىر – مىسكىنلەرگە سەرپ قىلاتتى، سۈننەتكە چىڭ ئېسىلغانىدى.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىلىم دېگەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن يېتىپ كەلگىنىدۇر. باشقىسى ئىلىم ئەمەستۇر. باشقىلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشىغا پەرۋا قىلماي سەلەپ – سالىھلارنىڭ يولىنى چىڭ تۇتقىن. كىشىلەرنىڭ شېرىن – شېكەر سۆزلىرىدىن يىراق تۇرغىن. سۈننەتتە چىڭ تۇرغىن، ھەدىس ئەھلى بىلەن بىرگە بولۇش ئۈچۈن، ئۇلار قىلغاننى قىلغىن، سۆزلىگەننى سۆزلىگىن، يىراق تۇرغانلىرىدىن سەنمۇ يىراق تۇرغىن».

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «مۆمىن ئاز سۆزلەپ جىق ئەمەل قىلىدۇ، مۇناپىق كۆپ سۆزلەپ ئاز ئەمەل قىلىدۇ».

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى بەندىدىن دۇنيادىكى ۋاقىتلىرى ھەققىدە ھەر بىر كۈندىن، ھەر بىر مىنۇتتىن ھېساب ئېلىنىدۇ. ئاللاھنى زىكىر قىلماي ئۆتۈپ كەتكەن ھەر بىر ۋاقىت ئۈچۈن پۇشايماندىن ئۆرتىنىپ كېتىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا سائەتلەر، كۈن – تۈنلەر قانداقمۇ ئاللاھنى زىكىر قىلماي ئۆتكۈزۈۋېتىلسۇن!».

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرى ۋە تابىئىنلار ئىزچىل ئەمەل قىلغان بەش ئىش بار: جامائەت بىلەن بىللە بولۇش، سۈننەتكە ئەگىشىش، مەسجىدنى ئاۋاتلاشتۇرۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش».

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۆلىمالارنىڭ يوچۇن سۆزلىرىگىلا يېپىشىۋالغان كىشى ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ».

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۆلۈمنى ئەستىن چىقارمىغان كىشى ئاز نەرسىگە قانائەت قىلىدۇ، سۆزىنىڭمۇ ئەمەل ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلگەن كىشى ئاز سۆزلەيدۇ».

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «زامان ئاخىردا يېقىن دوستتىن، ياكى ھالالدىن ئېرىشكەن بىر تەڭگىدىن، ياكى ئەمەل قىلىۋاتقان سۈننەتتتىنمۇ قىممەتلىك نەرسە بولمىسا كېرەك».

ۋەلىد ئىبنى مۇسلىم مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام ئەۋزائىي بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تا كۈن چىققانغا قەدەر ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى. ئاندىن فىقھى ۋە ھەدىس دەرسى ئۆتەتتى».

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام ئەۋزائىيدىنمۇ بەكرەك ئىبادەتكار بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم».

بىر ئايال ئىمام ئەۋزائىينىڭ ئايالىنىڭ قېشىغا كىرىپ، ناماز ئوقۇيدىغان بورا جاينامازنىڭ ھۆللۈكىنى كۆرۈپ: «بۇنىڭغا بىرەر بالا سېيىپ قويمىغاندۇ؟» دپ سورىغاندا، ئىمامنىڭ ئايالى: «ياقەي، بۇ يولدىشىمنىڭ سەجدىدە تۆككەن كۆز يېشىدىن ھۆل بولۇپ كەتكەن. ئۇ ھەر كۈنى مۇشۇنداق تاڭ ئاتقۇزىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ئەبۇ مۇسھىر مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام ئەۋزائىي كېچىچە قۇرئان ئوقۇپ يىغلاپ چىقاتتى».

ئەبۇ ئىسھاق فەزارىي مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام ئەۋزائىي مۇنداق دېگەن: ‹ئۆزۈڭنى سۈننەت ئۈستىدە چىڭ تۇتقىن، بارچە قەۋم تۇرغان جايدا تۇر، ئۇلار نېمە دېسە سەنمۇ شۇنى دە، قولىنى يىغقانلىرىدىن سەنمۇ قولۇڭنى يىغقىن. سەلەف سالىھلارنىڭ يولىدا ماڭغىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلگىنى سېنىڭمۇ قولۇڭدىن كېلىدۇ. ئىمان پەقەت شاھادەت بىلەنلا، شاھادەت پەقەت ئەمەل بىلەنلا رۇس بولىدۇ. ئىمان، شاھادەت ۋە ئەمەل پەقەت سۈننەتكە مۇۋاپىق بولغان نىيەت بىلەنلا رۇس بولىدۇ. سەلەپلىرىمىز ئىمان بىلەن ئەمەلنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەيتتى. ئەمەل ئىماندىن، ئىمان ئەمەلدىندۇر. دىن دېگەن ئاتالغۇ ھەممە دىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئومۇمىي ئىسىم بولغىنىدەك ئىمان دېگەن ئاتالغۇمۇ بىر ئومۇمىي ئىسىمدۇر. ئۇنى ئەمەل كونكرېتلاشتۇرىدۇ. كىم تىلىدا شاھادەت ئېيتىپ، چىن قەلبىدىن تەستىقلاپ، بۇنى ئەمەل ئارقىلىق ئىسپاتلىسا مانا بۇ سۇنماس مەھكەم تۇتقىدۇر. كىمكى تىلىدا شاھادەت كەلتۈرۈپ، قەلبىدە تەستىقلىمىسا ۋە ئەمەل ئارقىلىق ئىسپاتلىمىسا، ئۇنىڭ ئىمانى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ›».

ئۇ زات ھەقتە چىڭ تۇرغۇچى بولۇش بىلەن بىرگە ئاللاھ ئۈچۈن مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايتتى. بېيرۇت ۋالىسىنىڭ ئۇ زات ۋاپات بولغاندا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلنىدۇ: «ئەبۇ ئەمىر! ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن، مەن سەندىن مېنى بۇ مەنسەپكە قويغانلاردىنمۇ بەكرەك قورقاتتىم».

ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ: «ئوسمان ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنى پەقەت مۆمىن كىشىلەرلا ياخشى كۆرەلەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ بىر قەۋمگە يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇلارغا تالاش – تارتىشنىڭ ئىشكىنى ئېچىپ، ئىلىم – ئەمەلنىڭ ئىشكىنى تاقايدۇ».

ھەق مەيدانىدىكى مۇستەھكەملىكى

«ساڭا پەقەت شەرئى يوللار بىلەنلا ھالال بولىدۇ».

ساففاھنىڭ تاغىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەلى ئابباسى ئۈمەۋىيلەر دۆلىتىنى يوقىتىپ دىمەشققە كىرگەندە، ئەۋزائىي بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەۋزائىي بۇنى ئۆزى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ قېشىغا كىردىم، ئۇ قولدا بىر قومۇش تۇتقان ھالدا كارۋاتتا ئىدى، ئوڭ – سول ئىككى تەرپىدە قىلىچ تۇتقان خىزمەتچىلەر بار ئىدى. سالام قىلسام جاۋاب قايتۇرماي قولدىكى قومۇش بىلەن يەرنى جىجىلاپ ئولتۇرۇۋەردى. بىر ئازدىن كېيىن: ‹ئەۋزائىي! خەلقىئالەمنى ئۇ زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانلىقىمىزغا قانداق قارايسەن؟ بۇ ئاللاھ يولىدىكى جىھاد ۋە دىن ئۈچۈن پوستتا تۇرغانلىق ھېسابلىنامدۇ؟› دېدى. مەن: ‹ئى ئەمىر! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق. ھەركىشىنىڭ نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ھىجرىتى شۇنىڭغا بولغان بولىدۇ. كىمكى پۇل – مالغا ئېرىشىش ياكى بىرەر ئايالنى نىكاھىغا ئېلىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ھىجرىتى شۇنىڭغا بولغان بولىدۇ› دېدىم. ئۇ قولىدىكى قومۇش بىلەن تېخىمۇ قاتتىق جىجىپ : ‹ئۈمەۋىيلەرنىڭ قېنى ھەققىدە نېمە دەيسەن؟› دېدى. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ قېنى پەقەت ئۈچ خىل ئەھۋالدىلا ھالال بولىدۇ: ئەگەر ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ياكى خوتۇنى بار تۇرۇپ زىنا قىلغان بولسا، ياكى مۇسۇلمانلار جامائىتىنى تاشلاپ ئىسلامدىن يېنىپ كەتكەن بولسا› دېگەن، دېدىم. ئۇ قومۇش بىلەن تېخىمۇ قاتتىق جىجىلاپ: ‹ئۇلارنىڭ ماللىرى توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟› دېدى. مەن: ‹ئەگەر قوللىرىدىكى ماللىرى ھارام بولسا ساڭىمۇ ئوخشاشلا ھارام بولىدۇ، ئەگەر ھالال بولسا ساڭا پەقەت شەرئى يوللار بىلەنلا ھالال بولىدۇ› دېدىم. ئۇ قومۇش بىلەن بۇرۇنقىدىنمۇ قاتتىقراق جىجىلاپ: ‹سېنى قازى قىلمايلىمۇ؟!› دېدى. مەن: ‹سەندىن بۇرۇنقىلار مىنى بۇ توغرىسىدا قىيىن ئەھۋالدا قويمىغان ئىدى، سېنىڭمۇ ئۇلار قىلغان ياخشىلىقنى قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن› دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا: ‹سەن كېتىشنى خالايدىغاندەك قىلىسەن؟› دېدى. مەن: ‹ئارقامدا مەن ئىگە بولمىسام بولمايدىغان ئائىلەم بار، مەندىن ئەنسىرەپ قالدى› دېدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنىڭ كېتىشىمگە رۇخسەت قىلدى.

«بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ».

«الأموال (مال – مۈلۈكلەر)» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى ئەبۇ ئۇبەيد قاسىم ئىبنى سالام رەھىمەھۇللاھ «فتوح البلدان (شەھەرلەر فەتھىسى)» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى بالازەرى ۋە باشقا تارىخشۇناسلار ئابباسىلار دەۋرىدە لوبنان تېغىدىكى بىر تۈركۈم ناسارالارنىڭ ئەھدىنى بۇزۇپ، قولىغا قورال ئېلىپ پىتنە تېرىپ قوزغىلاڭ قىلغانلىقىنى، ئابباسىلار ۋالىسى سالىھ ئىبنى ئەلى ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ ئۇلارنى قانداق تارمار قىلغانلىقىنى، ئۇلاردىن قېلىپ قالغانلارنى ئۆز دىنىدا قالدۇرۇپ، يۇرتلىرىغا قايتۇرغانلىقىنى، بىر مەزگىلىدىن كېيىن ئاشۇ يۇرت ئەھلىنى پىتنىگە قاتناشقان – قاتناشمىغان دېمەي ھەممىسىنى يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى بايان قىلىشىدۇ.

ئۇلار يەنە شام ئەھلىنىڭ ئىمامى ئەۋزائىي رەھىمەھۇللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەن بۇ كۈنگە رازى بولمىغانلىقى ۋە بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلمىغانلىقىنى بايان قىلىشىدۇ. ئۇ زات ۋالىغا خەت يازغان بولۇپ، خېتىدە مۇنداق دەيدۇ: «سېنىڭ خەۋىرىڭدە بولغاندەك، بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلۈپ، بەزىلىرى يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلغان توپىلاڭچىلارغا ياردەم بەرمىگەن لوبنان تېغىدىكى ئەھلى زىممىيلەرنى يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپسەن، ئاۋام خەلق نېمىگە ئاساسەن بىر تۈركۈم كىشىلەر سەۋەپلىك جازالىنىپ مال – مۈلكىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، يۇرتلىرىدىن قوغلىنىدۇ؟ ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق ھۆكۈم قىلغان تۇرسا: «بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ» («نەجىم» سۈرىسى، 38 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى)؟!. مانا بۇ ھۆكۈم ھەممىدىن بەكرەك رىئايە قىلشقا، ئەگىشىشكە ھەقلىقتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەسىيىتى ئەمەل قىلىشقا بەكرەك تېگىشلىكتۇر. ئۇ زات مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر كېلىشىم ئىچىدىكى بىرىگە زۇلۇم قىلىدىكەن ياكى ئۇنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا زورلايدىكەن، مەن ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى دەۋاگىرى».

ئۇ ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا ھەرقانداق شارائىتتا ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ ۋالىيىدىن ئۇلارنىڭ ئۇستىدىكى بۇ زۇلۇمنى تېزراق يوق قىلىشىنى كەسكىن ھالدا تەلەپ قىلىدۇ. ۋالى ئىمام ئەۋزائىي دېگەن بويىچە قىلىدۇ.

ناسارالارنىڭ ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىسيان كۆتۈرۈپ، ۋېزانتىيلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان ھەمدە بۇلاش، ئۆلتۈرۈش، يول توسۇش، كىشىلەرنى قورقۇتۇش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىغا قارىماستىن ئۇلاغا كەڭچىلىك قىلىنغان. فىلىيب لوبنا ھەققىدە «سۈرىيە تارىخى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «لوبنان تېغىدىكى بىر تۈركۈم ناسارالار يىڭى مۇسادىرە جازاسىدىن قېچىپ، ۋېزانتىيە دېڭىز ئەترىتىنىڭ تىرىپولى تەۋەلىكىدە بولغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ قوللىرىغا قورال ئالىدۇ. ئەھدىلىرىنى بۇزۇپ، بىر قانچە يېزىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىدۇ. ئۇلارغا بىر سەھرالىق ياش رەھبەر بولغان بولۇپ، ئۇ قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئۆزىنى ئۇلارغا پادىشاھ قىلىپ سايلايدۇ. لېكىن، بۇلار بەئلەبەككە شەھىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ئابباسىيلارنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ بۆكتۈرمىسگە ئۇچراپ قىرىپ تاشلىنىدۇ».

بۇ توغرىسدا فىلىيب ھەتتانىڭ بايانىنى كەلتۈردۈم. چۈنكى، ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكىگە پەرۋا قىلمايتتى، ئۇلارغا ئىگە چىقىشقا، ياخشى كۆرۈشكە، ھېسداشلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بىرەتتى. مانا مۇشۇنداق ھالەتتە، ۋالىنىڭ ئۇلارنى شەۋكىتىنى سۇندۇرۇپ، كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى تاغدىكى يېزىلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ ئورۇنلىرىغا باشقىلارنى جايلاشتۇرغانلىقىنى ئىمام ئەۋزائىي قوبۇل قىلمىدى. ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلىنىشى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنىڭ ئىجرا قىلنىشى كېرەكلىكىدە چىڭ تۇردى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزگە ئاللاھ تائالانىڭ ئاۋامنى يېتەكچى ۋە ئەمىرلەرنىڭ قىلمىشى سەۋەبلىك جازاغا تارتمايدىغانلىقى، لېكىن يېتەكچى ۋە ئەمىرلەرنى ئاۋامنىڭ قىلمىشى سەۋەبلىك جازاغا تارتىدىغانلىقى، ئاندىن ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرى بويىچە تىرىلدۈرىدىغانلىقى يىتىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەسىيىتى ھەممىدىن بەكرەك ئەمەل قىلىنىشقا تېگىشلىك».

خەلىپە مەنسۇرغا قىلغان نەسىھىتى

مەنسۇر شامغا كىرگەندە، ئۇ مەنسۇر بىلەن ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇچراشتى. ئۇ بىر قانچە قېتىم ئۆزىنى قاچۇرۇپ باققان بولسىمۇ يەنىلا بولمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭغا نەسھەت قىلدى، ئاخىرەتنى ئەسلەتتى.

ئۇنىڭغا قىلغان نەسىھەتلىرىدىن بىر پارچە:

ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمرى! ئاسمان – زېمىنمۇ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالماسلىقىدىن قورقۇپ ئۈستىگە ئالغىلى ئۇنىمىغان ئامانەتنى سىز ئۈستىڭىزگە ئالدىڭىز. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆز پۇقراسىنى ئالدىسا ئاللاھ ئۇ كىشىگە جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ ھارام قىلىدۇ».

ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! كىمكى ھەقىقەتنى ئۆچ كۆرسە ئاللاھنى ئۆچ كۆرگەن بولىدۇ، ئاللاھ ئاشكارا، روشەن ھەقتۇر. ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغىنىڭىزدا ئۇنىڭ بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىقىڭىزنىڭ سىزگە ئەسقاتىدىغانلىقىنى خىيالىڭىزغىمۇ كەلتۈرۈپ سالماڭ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئى ھەدەم سەفىيە! ئى قىزىم فاتىمە! ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئۆزەڭلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار، مەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا سىلەرگە ھېچ ئىش قىلىپ بىرەلمەيمەن».

سەن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھەقنى تۇرغۇزۇپ، ئادىللىقنى بەرپا قىلىپ ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى كەچۈرمىگەنگە قەدەر ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئەرزىمەس بىر كىشى سەن، ئۇلارغا نېمە ئۈچۈن ئىشكىڭنى تاقايسەن؟ ئۇلار بىلەن ئاراڭغا نېمە ئۈچۈن پەردە قىلىسەن؟

ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئادا قىلىش ئەڭ تەس بولغان ھەق ئاللاھنىڭ ھەققىدۇر. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئېسىل كىشى تەقۋادار كىشىدۇر، كىم ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ تۇرۇپ ئىززەت ئىزدىسە ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئىززەتلىك قىلىدۇ، ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ئىززەت تاما قىلسا ئاللاھ ئۇ كىشىنى خار ۋە پەس قىلىدۇ.

ئەۋزائىي قايتماقچى بولغاندا مەنسۇر ئۇنىڭغا كۆتۈرگىلى بولمىغۇدەك پۇل – مال ھەدىيە قىلدى. ئەۋزائىي ئۇنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇنىڭدىن بىھاجەت، شۇنداقلا مەن نەسىھەتنى مال – دۇنياغا ساتىدىغان ئادەم ئەمەسمەن».

مانا بۇ ئەۋزائىينىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ھەق سۆزلىگەن ھالىتىنىڭ بىر كۆرۈنۈشىدۇر. ئەمىرلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ھېيىقىشى، ئاللاھنىڭ ئۇنى يامان قوللارنىڭ تېگىشىدىن ساقلاپ قالغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس،

ئى ئەبۇ ئەمىر! ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن. ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ كۈنلەردە ساڭا ئوخشاش بىلگىنىگە ئەمەل قىلىدىغان ئالىملىرى بەك ئاز.

مەنبەلەر:

1.الأموال: ئەبى ئۇبەيد،

2 .فتوح البلدان: بالازەرى

3 .البداية والنهاية: ئىبنى كەسىر

4. تهذيب الأسماء واللغات: نەۋەۋى

5 .الجرح والتعديل: رازىي

6. ۋېكپىدىيا

7. https://www.alukah.net

8. ئىسام ئەزۋەز يازغان تەرجىمىھال باشقا مەنبەلەردىن بېيىتىلغان ئاساستا تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمىدە: نۇرۇددىن

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ