سەۋرچان ئالىم ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير

(ھىجرىيە 23 – 94 / مىلادىيە 644 – 713)

 

بۈگۈن مەن سىلەرنى 13 ئەسىر ئالدىغا قايتۇرىمەن. بۇ، زامان جەھەتتىن يىراق سەپەر. لېكىن مەن سىلەرنى ماكان جەھەتتىن ئانچە يىراقلىتىۋەتمەيمەن. مەن سىلەرنى ئۇمەۋى جامەسىنىڭ دەرۋازىسى – جەنۇبىي دەرۋازىسى ئالدىدا توختىتىپ، ئاندىن سىلەرنى قىبلە تام ئارقىسىدىكى بىز ھازىر كەش بازىرى قىلىۋالغان ئاددىي بىر كوچىغا باشلايمەن. كۈن نۇرىمۇ تەگمەيدىغان، ھاۋامۇ كىرمەيدىغان شۇ تار كوچىغا باشلايمەن. بۇ جاي ھەقىقەتەن بىر كۈنلىرى پۈتۈن زېمىننىڭ پايتەختى ۋە يادرو كۈچى ئىدى، ھەممىنىڭ قىزىقىش ئوبيېكتى ۋە ھەممىنىڭ قورقۇش مەنبەسى ئىدى، بايلىق ۋە ھوقۇق ئۇنىڭدا ئىدى، گۈزەللىك ۋە كاتتىلىق ئۇنىڭدا ئىدى. ئۇ يەردىن بىر سۆز چىقسا، مەشرىق ۋە مەغرىبنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە باراتتى، ئۇنى ھېچ نەرسە توسالمايتتى. بىر كۈنلىرى مانا مۇشۇ يەردە كىراچى بىلەن مادرىد ئارىلىقىدىكى بارلىق جايلارغا ھۆكۈم سۈرگەن ئۇمەۋىيلەر خەلىپىلىكىنىڭ قەسرى – يېشىل قەسىر بار ئىدى.

ئەنە شۇ شان-شەرەپلەر كېمىيىپ ۋە ئازلاپ، بايلىق، ئابرۇي، كاتتىلىق ۋە سەلتەنەتلەر يوقالدى. ئاخىرىدا، يېشىل قەسىرنىڭ ئىسمى بۇ تار كوچىدىكى يەر ئاستى بىر بوياقخانىنىڭ ئىسمى بولۇپ قالدى.

دۇنيا ئەنە شۇنداق، بىر كۈن ئالدىنى قىلسا، يەنە بىر كۈن ئارقىسىنى قىلىدۇ. دۇنيادا مۇشەققەت ۋە نېمەت نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ. ئىنسانغا خۇشاللىق داۋام ئەتمەيدۇ، سەلتەنەت بىر جايدا تۇرمايدۇ.

 

بىز ھازىر ئەپەندىلەر! ئۇمەۋىيلەر خەلىپىلىكىنىڭ قەسرى – يېشىل قەسىردىمىز، ھىجرەتنىڭ 86-يىلىدىكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇمەۋىيلەرنىڭ شەرقتىكى ئەڭ پارلاق بىر دەۋرىدە – ۋەلىدنىڭ دەۋرىدىمىز. ئۇ شۇنداق بىر كىشىكى، ئۇ شەرق ۋە غەرب لاگىرلىرىنىڭ رەھبەرلىرى تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان شۇ چۈشنى، ئىجتىمائىي باراۋەرلىك چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، نەتىجىدە بارچە ئۈممەتنى ئاجىزى ۋە موھتاجى يوق بىر ئائىلە قىلغان. ئۇ كەمبەغەللىك، كېسەللىك ۋە بىلىمسىزلىكنى تۈگەتكەن، مېيىپ كېسەللەرنى ھېسابلاپ، ھەربىر مېيىپقا ئۇنىڭ ئۆيىدە خىزمىتىنى قىلىدىغانغا بىردىن خادىم ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ خادىملارنىڭ ئىش ھەققى دۆلەت خەزىنىسىدىن بېرىلەتتى. ھەربىر قارىغۇغا ئۇنى يېتىلەيدىغان بىردىن ھەمراھ بېكىتكەن. بۇلارنىڭ ئىش ھەققىمۇ دۆلەت خەزىنىسىدىن بېرىلەتتى. يېتىملارنى توپلاپ، ئۇلارغا ھەقسىز مەكتەپلەرنى ئاچقان. بۇلارنىڭ چىقىمىغىمۇ دۆلەت خەزىنىسى ئىگە بولغان. ئۇ بىلىمسىزلىككە قارشى تۇرۇپ، فەقىھلەر ۋە ئالىملارغا دۆلەت خەزىنىسىدىن مائاش تۇرغۇزۇپ بەرگەن. تىلەمچىلىكنى چەكلەپ، ئاجىز پېقىرلارغا پاناگاھلارنى قۇرغان ۋە ئۇلارغا تىلەمچىلىك قىلماي ياشاشلىرى ئۈچۈن مائاشلارنى بېكىتكەن.

ئەگەر ۋەلىد توغرۇلۇق سۆزلەپ كەلسەك، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن ئاجايىپ ئىشلارنى ئاڭلايسىلەر.

بىز ھازىر خىلاپەت قەسرىدىمىز. لېكىن قەسىر ئانچە خۇشال كۆرۈلمەيتتى، بەلكى جىمجىت ۋە غەمكىن كۆرۈنەتتى. چۈنكى خەلىپىنىڭ مېھمىنى ئاغرىق ئىدى. خەلىپە مېھمىنى ئۈچۈن دوختۇرلارنى توپلىدى. ھەممە يەردىن دوختۇرلار كەلدى، (شۇ چاغدىكى) ئىنسان زىھنىيىتى يېتەلىگەن بارلىق مەلۇمات ۋە تەجرىبىلىرىنى بىرگە ئېلىپ كەلدى. ئۇلار يىغىلىشىپ، بىمارغا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

كىم مېھمان بۇ؟ ئۇمەۋىيلەر خانىدانى ئەمىرلىرىنىڭ قايسى ئەمىرى؟ نەنىڭ پادىشاھى؟ قايسى چوڭ قوماندان؟… دەۋاتىسىلەرغۇ دەيمەن.

ئۇ ھەقىقەتەن ھەرقانداق ئەمىردىن ئەزىز ئىدى، ھەرقانداق پادىشاھ ۋە قومانداندىن بۈيۈك ئىدى. ئۇ راستتىنلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئالىملىرىدىن بىرى ئىدى. بۇنىڭدىنمۇ ھەيران قالارلىق يېرى، ئۇ ئۇمەۋىيلەر خانىدانىغا قارشى چىقىپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان، قورال كۈچى بىلەن ئۇلاردىن تەخت تالىشىپ، ئۇلارنىڭ تەختلىرىنى ئۆرۈۋەتكىلى ۋە خەلىپىلىك ھوقۇقىنى ئېلىپ، يېشىل قەسىرگە جايلاشقىلى تاس قالغان بىر ئائىلىدىن ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەن زۇبەير جەمەتىدىن ئىدى.

ئۇ بولسىمۇ شېھىت خەلىپە ئابدۇللاھنىڭ بىر قورساق ئىنىسى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيردۇر. لېكىن ئۇ ئىلىم ۋە پەرھىزكارلىق ئادىمى ئىدى، ئاكىسىنىڭ تەۋەككۇلچىلىكلىرىگە قاتناشمىغان ئىدى.

بىر كۈنى مۇئاۋىيەنىڭ دەۋرىدە ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير، ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشى ئۇرۋە ۋە مۇسئەب، ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان تۆتى ھەرەمدە جەم بولۇپ قالدى ۋە بىر-بىرلەپ ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئېيتىشتى. مۇسئەب مۇنداق دېدى: «مەن ئىككى ئىراق (كۇفە ۋە بەسرە) گە ھۆكۈمدار بولۇشنى، قۇرەيشنىڭ ئىككى ئېسىلزادىسى، دەۋر گۈزەللىرىنىڭ گۈزىلى سۇكەينە بىنتى ھۇسەين بىلەن ئائىشە بىنتى تەلھەنى ئېلىشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى. ئابدۇللاھ ئېيتتى: «مەن خىلاپەتكە ئېرىشىشنى ۋە ئىككى ھەرەمگە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى. ئابدۇلمەلىك ئېيتتى: «مەن مۇئاۋىيەنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇشنى ۋە زېمىنغا ھۆكۈمدار بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى. ئۇرۋە بولسا: «مەن بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى خالىمايمەن، مەن بىر ئالىم بولۇشنى ۋە جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى.

ئازغىنە يىللار ئۆتۈپ، ئۈچىنىڭ ھەربىرى ئارزۇ قىلغىنىغا ئېرىشتى. مۇسئەب ئىراققا ۋالىي بولۇپ، مەزكۇر ئىككى ئېسىلزادىنى ئەمرىگە ئالدى. ئابدۇللاھ خەلىپە دەپ بەيئەت قىلىنىپ، ھىجاز، ئىراق، مىسىر ۋە شام تەرەپلەر ئۇنىڭ بولدى. ئەگەردە ئۇنىڭ سىياسەت ساھەسىدىكىدىن بەكرەك جەڭ مەيدانىدىكى ماھىرلىقى بولمىسا ئىدى ھەم ئاللاھنىڭ ئۇ ۋە بەنى ئۇمەييە ھەققىدىكى تەقدىرى بولمىسا ئىدى، ئۇ دەمەشقكە كىرىپ پايتەختنى قولغا ئېلىشقا ئاز قالغان ئىدى. ئاقىۋەتتە، ئۇ مەردلەرچە شېھىت بولۇپ يىقىلدى ۋە ئىشلار ئابدۇلمەلىككە قايتتى. نەتىجىدە، ئابدۇلمەلىك زېمىنغا ھۆكۈمدار بولدى. ئابدۇلمەلىك بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ: «كىمكى جەننەت ئەھلىدىن بىر ئادەمنى كۆرمەكچى بولسا، ئۇرۋەگە قارىسۇن» دەيتتى.

مانا بۇ كاتتا ئالىم، ئېسىل نەسەبلىك، ئالىيجاناب ۋە مەرد ئۇرۋەدۇر. ئۇ مەدىنىدىكى يەتتە فەقىھنىڭ بىرى ئىدى. ھەر كېچە قىيامدا قۇرئاننىڭ تۆتتىن بىرىنى ئوقۇپ چىقاتتى. ئۇ بۇ ۋەزىپىسىنى پەقەت مەن سىلەرگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان بىر كېچىسىلا تەرك ئەتكەن ئاندىن ئىككىنچى كېچىسىدىن باشلاپ قىيامىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.

مېۋە پىششىقى بولغان كۈنلەردە ئۇرۋە بېغىنىڭ ئىشىكىنى ئوچۇق قوياتتى-دە، كىشىلەر كىرىپ يەيتتى ۋە ئېلىپ كېتىشەتتى. ئۇ بېغىغا كىرگىنىدە، ئاللاھ تائالانىڭ: [ولولا إذ دخلت جنتك قلت ما شاء الله لا قوة إلا بالله] [سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا: ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، دېسەڭچۇ!] دېگەن سۆزىنى ئوقۇيتتى.

مانا بۇ (بىز يۇقىرىدا گېپىنى قىلغان) خەلىپىنىڭ مېھمىنى بولۇپ، خەلىپە ئۇنىڭ پۇتىدا پەيدا بولۇپ قالغان شۇ كېسەلنى داۋالىتىش ئۈچۈن، ھەر يەرلەردىن دوختۇرلارنى توپلىدى. دوختۇرلار كېلىپ، پۇتنىڭ كېسىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

خەلىپە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، دوختۇرلارنى قىزىقتۇرۇپمۇ ۋە قورقۇتۇپمۇ باقتى. ئۇلارغا خەزىنە بايلىقلىرىنىمۇ ۋەدە قىلىپ باقتى، لېكىن ئۇلار داۋالاشتىن ئاجىز كەلدى.

تارىخ بىزگە 1300 يىل بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئوپىراتسىيەنىڭ بايانىنى قالدۇرغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتلاردا ياۋروپالىقلار تېخى چارۋىلار بىلەن ئوتلاۋاتاتتى.

دوختۇرلار ئۇنى مەست قىلىپ، پۇتىنىڭ كېسىلگەندىكى ئاغرىقىنى سەزمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ھاراق سۇنىۋىدى، ئۇ ئۇنىماستىن: «ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە ئاللاھنىڭ مەسىيىتىدىن ياردەم سورىمايمەن» دېدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۇيقۇ دورىسى (مىڭدىۋانە) ئىچىشىنى تەلەپ قىلىۋىدى، ئۇ: «ياق! ئاللاھنىڭ ساۋابىغا نائىل بولۇشۇم ئۈچۈن، بىر ئەزاسىمنىڭ مەن ئۇنىڭ ئاغرىقىنى ھېس قىلمىغان ھالدا كېسىلىشىنى ياقتۇرمايمەن» دېدى.

ئۇ ئاغرىق سەزمەي ساۋابتىن قۇرۇق قېلىشتىن ئاغرىق تارتىپ ساۋابقا نائىل بولۇشنى ئەلا بىلدى.

دوختۇرلار كۈتۈپ باقمىغان ۋە ئاڭلاپمۇ باقمىغان بىر ئىشقا يولۇقۇپ ھەيران قېلىشتى.

بۇ شەيخ سەگەك ھالىتىدە ۋارقىراپ-جارقىراپ پۇتىنىڭ كېسىلىشىگە قانداقمۇ چىدار؟!

ئۇلار بىلمىگەن ئىدىكى، ئۇنىڭدا مەست قىلغۇچى ھاراقتىنمۇ ۋە ئۇخلاتقۇچى ئۇيقۇ دورىسىدىنمۇ كۈچلۈك تەسىر قىلىدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. ئۇنىڭدا ئۇنى دۇنيادىن غايىب قىلىپ، ئۇنىڭغا پۈتۈن دۇنيانى ئۇنتۇلدۇرالايدىغان، دۇنيانى ئويلاپمۇ قالمايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى.

ئۇرۋە ئۇلارغا ئۇ نەرسىسىنى ئېيتىۋىدى، ئۇلار ھاڭ-تاڭ قالدى.

ئۇ دېدى: «مەن ئاللاھنىڭ زىكرىگە كىرىمەن، سىلەر مېنىڭ زىكىرگە غەرق بولغىنىمنى كۆرسەڭلار، شۇ چاغدا ئىشىڭلارنى باشلىساڭلار بولىدۇ».

ئاللاھنىڭ زىكرى بۇ بىزنىڭ قىلغىنىمىزدەك زىكىر ئەمەس، يەنى تىللىرىمىز بىلەن زىكىر قىلىپ قويۇپ، قەلبلىرىمىز زىكىردىن غەپلەتتە بولغاندەك زىكىر ئەمەس، بەلكى ئۇ تىلنىڭ، قەلبنىڭ ۋە ئەزالارنىڭ زىكرىدۇر. بۇ شۇنداق بىر زىكىردۇركى، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگەن ئادەم خۇددى ئالەم كېمىسىدە بولغان كىشى ھېس قىلغاندەك ھېس قىلىدىغان زىكىردۇر. يەنى ئالەم كېمىسى ئادەمنى زېمىندىن ئۆرلىتىدۇ، زېمىن كىچىكلەيدۇ، ئاندىن ئۇ تېخىمۇ ئۆرلەپ مېڭىۋەرگەنچە پۈتۈن زېمىن لەززەتلىرى ۋە ئەلەملىرى بىلەن، خۇشاللىقلىرى ۋە خاپىلىقلىرى بىلەن ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە پەسلىكتىكى كىچىك بىر چېكىتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ زىكرى بەندىنى ئالەم كېمىلىرىمۇ يېتەلمەيدىغان ۋە شۇ ئالەم كېمىسىنى ئىجاد قىلغانلارنىڭ خىيالىمۇ يېتەلمەيدىغان بىر يۈكسەكلىككە ئۆرلىتىدۇ.

ئۇلار ئۇنىڭ زىكىرگە غەرق بولۇپ كەتكىنىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئوپىراتسىيەنى باشلىدى. ئۇلار (مىكروپسىزلاندۇرۇش ئۈچۈن) پۇتنىڭ گۆشىنى ئوتتا قىزىتىلغان پىچاق بىلەن كەستى. كېسىپ سۆڭەككە كەلگەندە، سۆڭەكنى ھەرە بىلەن ھەرىدىدى. ھالبۇكى ئۇ تەھلىل ۋە تەكبىر ئېيتاتتى ۋە تەرگە چۆمۈپ كەتكەنىدى. ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرى بىلىدىغان مىكروپسىزلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تۆمۈر چۆمۈچتە ياغ قىزىتتى، ياغ تازا قاينىغاندىن كېيىن ياغ بىلەن داغلىۋىدى، ئۇ ھۇشىدىن كەتتى.

***

خەلىپە بىر ياندا ئولتۇراتتى. ئۇ شەيخكە بولغان ھۆرمىتىدىن ئوپىراتسىيە جەريانىدا ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي تۇردى. لېكىن ئۇ كۆرۈشكە تاقەت كەلتۈرەلمىدى. خەلىپە ياغنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغاندىن كېيىن، ئوپىراتسىيە تۈگەپتۇ دەپ بىلدى. ئۇرۋە ھۇشىغا كېلىپ، دوختۇرلارنىڭ قوللىرىدىكى پۇتنى كۆردى. ھالبۇكى ئۇنىڭغا ئىنسانىي ئاجىزلىق يېتىپ، ھالىدىن كەتكەنىدى. ئاندىن ئۇ پۇتنى يەنى ئۆزىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئاندىن بىر پارچە گۆش ۋە سۆڭەككە ئايلىنىپ قالغان پۇتىنى قولغا ئېلىپ، ئۆرۈپ قاراپ: «مېنى ساڭا يۈكلىگەن زات بىلەن قەسەمكى، ئۇ مېنىڭ سەن بىلەن ھېچبىر مەسىيەتكە مېڭىپ باقمىغانلىقىمنى بىلىدۇ» دېدى.

خەلىپىنىڭ قەلبى قايغۇ ۋە ئەلەمدىن پارە-پارە ئىدى، لېكىن ئۇنىڭغا نېمىمۇ قىلىپ بېرەلەيتتى؟ ھالبۇكى زېمىننىڭ پۇل-بايلىقلىرى ئۇنىڭغا كېسىلگەن پۇتىنى قايتۇرۇپ بېرەلمىگەن ئىدى.

ئۇرۋە ئابرۇي ۋە بايلىق سۆيگۈسىدىن يىراق بولغان، نەتىجىدە كىشىلەرنىڭ ئەڭ بېيى بولغان ئىدى. چۈنكى ئۇ ھەممىگە ئېرىشكەن ئىدى. ھېچكىمنىڭ ھەممىگە ئېرىشىشى مۇمكىن بولمايدۇ، لېكىن ئۇ ھەممە نەرسىدىن زاھىت بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىگە ئېرىشكەن ئىدى.

ئۇ بۇ خاپىلىق بىلەن تۇرىۋىدى، ئۇشتۇمتۇت «شەيخنىڭ ئوغلى ئۆلۈپتۇ» دېگەن بىر پىغان جىمجىتلىق پەردىسىنى يىرىتتى.

دادىسىنىڭ ئۈمىدى ۋە كۆز قارىچۇقى بولغان سالىھ ئالىم يىگىت مۇھەممەد بىر ئېتىنى قوتاندىن چىقىرىش ئۈچۈن قوتانغا كىرىۋىدى، ئات ئۇنى تېپىۋېتىپ، شۇ سائەتتە ئۆلۈپ قالدى.

مۇسىبەتلەر مۇشۇنداق قوشلاپ كېلىدۇ.

بۇ ئىمتىھانلاردا ئىمان ۋە سەۋر ئاشكارا بولىدۇ.

شەيخ سەنتۈرۈلۈپ، يىقىلغىلى تاس قېلىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالدى ۋە بەرداشلىق بەردى. ئۇنىڭغا ئىمانى يۆلەك بولغان بولدى. بۇنداق ھالەتلەردە ئىماندىن باشقا ھېچ نەرسە كارغا كەلمەيدۇ. ئۇ: [لقد لقينا من سفرنا هذا نصبا] [بۇ سەپىرىمىزدە ھەقىقەتەن چارچاپ كەتتۇق]([1]) دېيىشتىن باشقىنى قىلمىدى.

ئەتىسى خەلىپە ۋەلىدنىڭ قېشىغا بەنى ئەبس ئەلچىلىرى كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قارىغۇ ئادەم بار ئىدى. ۋەلىد ئۇنىڭ ھالىنى سورىۋىدى، ئۇ: «ئەي مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! بىر كېچىسى بىر جىلغىنىڭ باغرىدا قونۇپ قالدىم. قەبىلەمدە مېنىڭ پۇل-مېلىمدىنمۇ ئارتۇق پۇل-مېلى بار بىرىنى بىلمەيتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىر سەل كېلىپ، بىر تۆگە ۋە بىر بوۋاق بولامدىن باشقا ماڭا تەئەللۇق بولغان خوتۇن، بالا-چاقا، پۇل-مالنىڭ ھەممىسىنى ئېقىتىپ كەتتى. تۆگە ئۈرۈككەك ئىدى، ئۈركۈپ قاچتى. شۇنىڭ بىلەن، بالامنى قوپقويۇپ تۆگىنى قوغلىدىم. ئاز ئۆتمەيلا، ئوغلۇمنىڭ نالىسىنى ئاڭلىدىم. قارىسام، ئۇنىڭ بېشى بۆرىنىڭ ئاغزىدا تۇرىدۇ. بۆرە ئۇنى يەۋاتقان ئىكەن. تۆگىگە يېتىشىپ، تۇتاي دەپ تۇرۇشۇمغا تۆگە تېپىۋېتىپ كۆزۈمنى قۇيۇۋەتتى» دېدى. ۋەلىد ئېيتتى: «بۇ ئادەمنى ئۇرۋەنىڭ قېشىغا ئەۋەتىڭلار، دۇنيادا ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق مۇسىبەتدار ئادەمنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالسۇن».

ئۇرۋە ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئى ئاللاھىم! بىر ئەزاسىمنى ئالغان بولساڭ، باشقا ئەزالىرىمنى قالدۇرۇپسەن. بىر بالامنى ئالغاڭ بولساڭ، باشقا بالىلىرىمنى قوپقويۇپسەن. ئالغىنىڭغىمۇ شۈكۈر، بەرگىنىڭگىمۇ شۈكۈر».

ئەي ئەزىزلەر! دۇنيادا ھەرقانداق بىر مۇسىبەتداردىن قاتتىقراق بىر مۇسىبەتدار باردۇر. ئۆزىدىنمۇ ھالى تۆۋەنگە قارىغان ئادەم (مۇسىبەتكە) رازى بولىدۇ ۋە كۆڭلى تىنجىيدۇ، سەۋر قىلىدۇ ۋە ئاللاھقا ئىشەنچ باغلايدۇ.

ئەي مۇسىبەتدارلار! بۇ سۆزلەر سىلەرگە تەزىيە ۋە تەسەللى بولغاي!

***

ئۇرۋە مەدىنىگە قايتتى. كىشىلەر ئۇنى قارشى ئېلىپ، ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ ئاڭلىغان ئەڭ بالاغەتلىك سۆز ئىبراھىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى تەلھەنىڭ ئۇنىڭغا دېگەن مۇنۇ سۆزى بولدى:

«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سېنىڭ نە يۈگۈرۈشكە ھاجىتىڭ بار، نە چېپىشقا. ئاللاھ بىز ئۈچۈن سېنىڭدىن بىز ئېھتىياجلىق بولىدىغان يەرلىرىڭنى قالدۇرۇپتۇ: ئىلىمىڭ، پىكرىڭ ۋە پەزىلىتىڭ. ئاللاھ ساۋابىڭغا ئىگىدۇر ۋە ھېسابىڭغا كېپىلدۇر».

***

ئەپەندىلەر! ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ھەجنى پۈتۈپ قېلىپ، مەدىنىنى زىيارەت قىلساڭلار، ئەقىق ۋادىسى (بۇ ۋادى ھەققىدە قالتىس شېئىرلار توقۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى ھېچبىر ۋادى ھەققىدە ئۇنىڭدەك قالتىس شېئىرلار توقۇلۇپ باقمىغان) غا بېرىپ، ئۇرۋە قۇدۇقى توغرىسىدا سوراپ بېقىڭلار. ئۇ شۇنداق بىر قۇدۇقكى، شائىرلار ئۇ ھەقتە نەچچە دىۋان شېئىرلارنى تۈزگەنىدى. كىشىلەر سەپەرلىرىدە ئۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىدىن ئېلىۋالاتتى ھەمدە ئۇنىڭ سۈيى تەيبە (مەدىنە) دىن دەمەشقتىكى ئابدۇلمەلىككە، رەققەدىكى ھارۇن رەشىدكە توشۇلاتتى. ئۇ قۇدۇقنىڭ سۈيى قاينىتىلىپ، شىشە-قاچىلارغا ساقلىنىۋالاتتى.

بارغىنىڭلاردا شۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىدىن ئىچىڭلار ھەمدە ئاللاھتىن سەۋرچان ۋە شۈكۈرچان ئالىم ئىمام ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرگە رەھمەت تىلەڭلار.

 

مەنبە: شەيخ ئەلى تەنتاۋىنىڭ «رجال من التاريخ» كىتابى.

تەرجىمىدە: قاراخانىي
——————–
([1]) سۈرە كەھف، 62-ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ