خاتىرە ئۈچۈن رەسىمگە چۈشۈش

خاتىرە ئۈچۈن رەسىمگە چۈشۈش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۆزى ياكى ئائىلىدىكىلەر بىلەن خاتىرە ئۈچۈن رەسىمگە چۈشۈش ۋە ئۇنى ساقلاش گۇناھمۇ؟ تا ھازىرغىچە قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم، چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بۇ مەسىلە فوتو ئاپپارات بىلەن سۈرەت تارتىش ھۆكمىگە بېرىپ تاقىلىدىغان بولۇپ، دەۋرىمىز ئالىملىرىنىڭ بىر قىسمى بۇنى چەكلىگەن، بىر قىسمى چەكلىمىگەن، ئاخىرىدا كۆپچىلىك ئالىملار بۇنداق سۈرەتلەرنىڭ ئىسلامدا ھارام قىلىنغان سۈرەت دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىقى، رەسىم سىزىشنىڭ ياكى ھەيكەلتاراشلىقنىڭ ھاراملىقىنىڭ ئىللىتى (ھۆكۈم چىقىرىشتا تەسىر كۆرسىتىدىغان سۈپىتى) بۇنداق فوتو سۈرەتلەردە يوقلۇقىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ جائىزلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر سەپەردىن قايتىپ كەلگىنىدە مەن بىر سۇپامغا سۈرەتلىرى بار بىر پەردەمنى تارتىپ قويغان ئىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى كۆرۈپ يىرتىپ تاشلاپ: «قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغان كىشىلەر ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىنى ئوخشىتىپ سۈرەتلىگەن كىشىلەردۇر» دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى بىر ياكى ئىككى ياستۇق قىلىۋەتتۇق.(1)

فوتو سۈرەتلەر ياكى سىن ھۆججەتلىرى بولسا ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىغا ئوخشىتىپ سۈرەتلەش بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ شولىسىنى ئاللاھ تائالا ياراتقىنى بويىچە ئەينەن چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىنساننىڭ ئەينەكتىكى سۈرىتىگە ئوخشاش.

ئۇنداق بولغان ئىكەن، خاتىرە ئۈچۈن سۈرەتكە چۈشسە، ئالبومدا ساقلىسا ھېچ گەپ بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 3 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 6 – ماي

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 197 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————
1. «بۇخارىي»، (5954).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ