قولىدىن قاس چىقىرىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بەزى كىشىلەر: «قولىدىن قاس چىقىرىشقا بولمايدۇ، ئۇنداق قىلسا يامان بولىدۇ» دەيدىكەن. بۇنىڭ ئاساسى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

نامازدا ياكى مەسچىتتە بولمىغان ئەھۋالدا قاس چىقىرىش مۇباھ ئىش. بۇنى چەكلەيدىغان سەھىھ بىر كۆرسەتمىمۇ يوق. بەزى كىشىلەر ئادەتلىنىپ قالغانلىقتىن ياكى قاس چىقىرىشقا ئېھتىياجى بولغانلىقتىن قاس چىقىرىشى مۇمكىن.

بەزىلەر بۇ ئىش لوت قەۋمىدىن قالغان ئادەت دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە ئېنىق بىر ئىسپات يوق، بۇ ھەقتە كەلگەن رىۋايەت يالغاندۇر. مەسىلەن، ئىمام زەھەبى «كەبائىر» دېگەن كىتابىدا([1]) قاس چىقىرىشنى لوت قەۋمىدىن قالغان ئون خىل ناچار ئىللەت قاتارىدا سانىغان بىر رىۋايەتنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلتۈرگەن. بۇنى شەيخ ئالبانى «ئاجىز ۋە يالغان ھەدىسلەر» توپلىمىدا: «يالغان» دەپ باھالىغان.

ھەنەفىي مەزھەپتە: بوغۇملارنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن قاس چىقىرىشقا ئېھتىياجى بولمىسىمۇ قاس چىقىرىشنى مەكروھ تەنزىيھىي، دەپ قارىغان.([2])

تېببىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا دوختۇرلار داۋاملىق قاس چىقىرىشنىڭ ياشانغان چاغلاردا بارماق بوغۇملىرىدا سۇ يىغىلىش، كۆمۈرچەك ئۇپراپ كېتىش ۋە بارماق قېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ ھەقىقەتمۇ ھەنەفىي مەزھەپنىڭ يۇقىرىقى مەكروھ تەنزىيھىي دېگەن قارىشىنى جانلاندۇرىدۇ.

نامازدا تۇرۇپ قاس چىقىرىشقا كەلسەك، جانابى ئاللاھ قۇرئاندا نامازدا خۇشۇ بىلەن تۇرىدىغانلارنى مەدھىيەلىگەن بولۇپ، نامازدا خۇشۇ بىلەن تۇرۇش، بىھۇدە ئىش – ھەرىكەت قىلماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ. قاس چىقىرىشمۇ جىم تۇرۇشقا، خۇشۇغا زىت كېلىدىغان، غەپلەتكە دالالەت قىلىدىغان ئارتۇقچە ئىش – ھەرىكەت بولغاچقا، يەنە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى بۇزۇۋېتىدىغان ئىش بولغاچقا، نامازدا تۇرۇپ قاس چىقىرىشقا بولمايدۇ.

جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «نامازدا جىم تۇرۇڭلار» دېگەن.([3])

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئازادگەردىسى شۇئىبە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇپ، بارماقلىرىمدىن قاس چىقاردىم. نامازدىن بىكار بولغاندىن كېيىن ئۇ: «ھۇ يېتىمەك! نامازدا تۇرۇپمۇ بارماقلىرىڭدىن قاس چىقىرامسەن؟» دېدى.([4])

يەنە سەلەفلەردىن ئىبراھىم نەخەئىي، ئەتا، مۇجاھىد ۋە سەئىيد ئىبنى جۇبەير قاتارلىق تابىئىنلارنىڭ نامازدا تۇرۇپ قاس چىقىرىشنى يامان كۆرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.([5])

يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «نامازدا تۇرۇپ بارماقلىرىڭدىن قاس چىقارمىغىن» دېگەنلىكى ئاجىز سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان.([6])

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن نامازدا تۇرۇپ قاس چىقىرىش ئالىملار نەزىرىدە مەكروھاتلاردىن سانىلىدۇ. نامازنى بۇزۇۋېتىدىغان نەرسىلەر قاتارىغا كىرمەيدۇ. بۇنىڭدا ئىجما بارلىقىمۇ نەقىل قىلىنغان.([7])

ھەنبەلىي مەزھەپ ئالىملىرى نامازدا تۇرۇپ ئارقا – ئارقىدىن بىرقانچە قېتىم قاس چىقارسا ناماز بۇزۇلىدۇ، دەپ قارىغان.([8]) بۇ بەلكى نامازغا مۇناسىۋەتسىز كۆپ ئىش – ھەرىكەت بولغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك.

يەنە نامازغا مېڭىش ۋە ناماز ئۈچۈن مەسچىتتە ئولتۇرۇش نامازنىڭ ھۆكمىدە بولىدىغان بولغاچقا، بەزى ئالىملار نامازغا ماڭغاندىمۇ، نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرغاندىمۇ، مەسچىتتىكى چاغدىمۇ نامازدا تۇرغان چاغقا ئوخشاش قاس چىقىرىش مەكروھ، دەپ قارىغان.([9])

«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۇ كىشىنى نامازلا تۇتۇپ تۇرغان بولسا، ئۇ كىشى مەسچىتكە كىرگەندىن تارتىپ، ناماز ئوقۇۋاتقاندەك ھېسابلىنىدۇ».([10])

شۇڭا، نامازنىڭ ئىچىدە، مەسچىتتە قاس چىقىرىشتىن ساقلىنىش، باشقا چاغلاردا ئادەتلىنىپ قالمىغان ئەھۋالدا بوغۇملارنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن قاس چىقىرىش ئېھتىياجى بولسا چىقارسا جائىز بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم. 2012 – 2 – 1

([1]) «الكبائر»، 1/56 – بەت.
([2]) «البحر الرائق»، 2/22.
([3]) «مۇسلىم»، 430 – ھەدىس.
([4]) «مصنف ابن أبي شيبة» 2/128 – بەت 7280 – نومۇر. ئالبانى: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن. «إرواء الغليل»، 2/96.
([5]) «مصنف ابن أبي شيبة»، 2/128 – بەت 7281 – 7284 – نومۇرلار.
([6]) «ئىبنى ماجە»، 1/310 – بەت 965 – نومۇر. ئىمام بۇسايرى، ھافىز ئىراقىي بۇ ھەدىسنى «ئاجىز» دېگەن. «مصباح الزجاجة»، 1/140 «فيض القدير»، 6/414.
([7]) «البحر الرائق»، 2/22.
([8]) «المغني»، 1/371.
([9]) «البحر الرائق»، 2/22 «فيض القدير»، 6/414 «حاشية ابن عابدين»، 1/642.
([10]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 477 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 649 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.