قۇربانلىق گۆش سەدىقە قىلىنغان شەخس ئۇنى ساتسا بولامدۇ؟

قۇربانلىق گۆش سەدىقە قىلىنغان شەخس ئۇنى ساتسا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ، مەلۇم رايونلاردا مۇسۇلمانلار قۇربانلىق قىلغان مالنىڭ گۆشلىرىنى ئۆزلىرى ئازراقلا ئېلىپ قىلىپ، قالغىنىنى دىنىي مەكتەپ دېگەندەك ئورۇنلارغا بېرىۋېتىدۇ، بۇ گۆشنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەپ بولغىلى بولمايدۇ ھەم بۇ گۆش بۇ ئورۇننىڭ بىر يىللىق يەيدىغان گۆشى. ۋاقىت ئۇزىرىغانسېرى گۆشنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بۇ گۆشنى يېڭى يېيىش ئۈچۈن گۆش دۇكانلىرىغا ئۆتكۈزۈۋېتىپ، بۇ گۆشنىڭ ئورنىغا ۋاقتى – ۋاقتىدا يېڭى گۆش ئەپكېلىپ يېسە، ياكى بۇ گۆشنى پۇلغا ئۆتكۈزۈۋېتىپ پۇلىغا يېڭى گۆش سېتىۋېلىپ يېسە ۋەياكى پۇلىنى باشقا نەرسىلەرگە خەجلىسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار﴾(22/«ھەج»: 36، 37)؛ ﴿ئاندىن سىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، بىچارە پېقىرغىمۇ يېگۈزۈڭلار﴾(22/«ھەج»: 38)

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ھەدىيە تۆگىلەرنىڭ ئۈستىدە قاراپ تۇرۇشقا، پوكانچىغا قۇربانلىقتىن ھېچنەرسە بەرمەسلىككە بۇيرۇدى». «مۇسلىم» رىۋايەتىدە: «بىز ئۇنىڭغا يېنىمىزدىن بېرىمىز» دېگەن(1).

يۇقىرىقى دەلىللەر قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىق گۆشىنى ساتسا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

كۈچلۈك قاراشتا قۇربانلىق مالنى بوغۇزلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ گۆشى، تېرىسى، مېيى ۋە كاللا – پاقالچاقلىرى، ئۇستىخانلىرى، يۇڭلىرى، مۈڭگۈزلىرى قاتارلىقلار گۆشىگە ئوخشاش. شۇڭا، ئۇنىڭ قايسىبىر قىسمىنى سېتىشقا، بىر نەرسىگە تېگىشىشكە بولمايدۇ. ئەگەر سېتىپ سالغان تەقدىردە، پۇلىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى، ماددىي بەدەل ئۇنىڭ قۇربانلىق سۈپىتىگە زىت كېلىدۇ.

بەزى ئالىملار قۇربانلىقنىڭ تېرىسىنى داس، چېلەك، تاغار، ئەلگەك قاتارلىق ئۆيدە ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرگە ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ قۇربانلىق قىلغۇچىغا قارىتا شۇنداق.

ئەمدى قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىق گۆشنى ساتسا بولمايدۇ. مەدرىسە، مەسجىد، ۋەقفە، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى ياكى پېقىرلارغا ھەدىيە ياكى سەدىقە قىلسا، ئۇلار گۆشنى خاھلىغانچە تەسەررۇپ قىلسا بولىدۇ. قۇربانلىق گۆشى بۇ جەھەتتىن، زاكات، سەدىقە ۋە ھەدىيەگە ئوخشاش.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۆمەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەرگەن بىر ئېتىنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا بىر كىشىنىڭ مىنىشى ئۈچۈن سەدىقە قىلغان ئىدى. كېيىن ئۆمەرگە «ھېلىقى ئادەم ئاتنى ساتىدىغانغا تۇرغۇزۇپ قويۇپتۇ» دېگەن خەۋەر يەتتى. ئۆمەر رەسۇلۇللاھتىن ئۇنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا سوئال سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنى سېتىۋالما، بەرگەن سەدىقەڭدىن ھەرگىز يېنىۋالما» دېدى.(2) بۇ ھەدىستە ئات سەدىقە قىلىنغان ئادەم سەدىقە ئالغان ئاتنى سېتىشقا چىقارغان ۋە چەكلەنمىگەن.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا گۆش كەلتۈرۈلگەن ئىدى، ›بۇ دېگەن بەرىرەگە قىلىنغان سەدىقە‹ دېيىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بۇ ئۇنىڭغا سەدىقە، بىزگە ھەدىيە» دېدى.(3) بۇ ھەدىستىمۇ بەرىرە سەدىقە ئالغان گۆشنى خاھلىغانچە بىر تەرەپ قىلغان.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ئۇلار خاھلىسا قۇربانلىق گۆشنى گۆش دۇكانلىرىغا سېتىۋېتىپ پۇلىغا ۋاقتى – ۋاقتىدا ئۇدۇللۇق يېڭى گۆش ئېلىپ يېسە بولىدۇ. يەنە خاھلىسا گۆشنىڭ پۇلىغا ئېھتىياجىغا قاراپ گۆشتىن باشقا زۆرۈر نەرسە – كېرەكلەرنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. دېمەك، بۇ گۆش ئۇلارنىڭ تولۇق ھەققى بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلار ئۇنى خاھلىغىنىچە تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

لېكىن، بۇ گۆشلەر سېتىۋېتىلىپ، ئوقۇغۇچىلار پايدىلانماي، ئۇنىڭ پۇلى كېيىنچە، بەزى شەخسلەرنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ توزۇپ كېتىپ قالغان ئەھۋالدا بۇ ئىشتىن ئاشۇ ئورۇنلارغا مەسئۇل بولغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تولۇق مەسئۇل بولىدۇ.

ئەگەر قۇربانلىق گۆشنى بەرگۈچى: بۇ گۆشنى ئوقۇغۇچىلارغا پىشۇرۇپ يېگۈزۈڭلار، سېتىۋەتمەڭلار، دەپ (ئامانەت قىلىپ) تاپىلىغان ئەھۋالدا ئۇنى سېتىشقا ياكى پۇلىغا باشقا نەرسە ئېلىشقا بولمايدۇ. بۇ گۆشنى ئوقۇغۇچىلارغا يېگۈزۈشى كېرەك. چۈنكى، بۇ ئامانەتتۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 1 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 4 – ماي

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 184 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1716)؛ «مۇسلىم»، (1317).
2. «بۇخارىي»، (2775).
3. «بۇخارىي»، (2775).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ