Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

چۈمۈلە يەپ داۋالىنىش

چۈمۈلە يەپ داۋالىنىش

چۈمۈلە يەپ داۋالىنىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، چۈمۈلىنى يېيىش ھالالمۇ؟ بۇ سوئالنى سوراشتىكى مەقسەت مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ چېچى چۈشۈپ كېتىپ ئايپاڭباش بولۇپ قالغانتى، بىر تېۋىپ «قارا چۈمۈلە يېسىڭىز چاچ ئۈندۈرىدۇ» دەپتىكەن، ئۇ دوستۇم قارا چۈمۈلىنى بەش – ئالتە ئاي يەپتىكەن، راستىنلا چاچ ئۈندى. مەن بۇ توغرىدا ھالالمۇ – ھاراممۇ شەكلىنىپ قالدىم. جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھاشاراتلارنى يېيىش مەسىلىسىدە ئالىملارنىڭ ئىككى خىل قارىشى بار:

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، بارلىق ھاشاراتلارنى يېيىش ھارام. ھاشاراتلار ئىچىدىن پەقەتلا چېكەتكىنى ئايرىم ھەدىس كەلگەنلىكى ئۈچۈن ھالال دەپ بىلگەن.

مالىكىي مەزھەبكە ۋەكىللىك قىلىدىغان قاراشتا بارلىق ھاشاراتلار ھالال.

ھارام دېگەنلەر ئاساسلانغىنى: چۈنكى، بۇنداق نەرسىلەردىن ساغلام تەبىئەت يىرگىنىدۇ، ئۇنى مەينەت دەپ قارايدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ﴾(7/«ئەئراف»: 157)

يەنە ئالىملار مۇنداق بىر قائىدە يەكۈنلەپ چىققان: «ئۆلتۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇغان ھەرقانداق نەرسىنى يېيىش ھارام».

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چۈمۈلە، ھەسەل ھەرىسى، ھۆپۆپ ۋە غورۇلاي قاتارلىق تۆت خىل جانلىقنى ئۆلتۈرۈشتىن توسقان.(1)

ئىمام بەيھەقىي: «بۇ ھەدىستە ئىسمى ئېيتىلغان ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ھاراملىقى چىقىدۇ، چۈنكى ھالال بولغان بولسا، ئۆلتۈرۈشتىن توسمىغان بولاتتى» دەيدۇ.(2)

ئەمدى چۈمۈلىنى يېيىشنى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ھارام دەپ قارىساق، ئۇنىڭ بىلەن داۋالىنىش مەسىلىسىدە ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا: بىرى، زۆرۈرىيەت بولۇپ قالسا ئۇنىڭ بىلەن داۋالىنىش جائىز. يەنە بىرى، ھارام بىلەن داۋالىنىش مۇتلەق ھارام.

بۇنىڭغا ئاساسەن چۈمۈلە يەپ داۋالىنىش بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، جائىز.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 12 – رەجەب / م. 2011، 14 – ئىيۇن

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 177 – نومۇرلۇق پەتۋا.

——————-
1. «ئەھمەد»، (3067)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (5267). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
2. سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 4/76.

Please follow and like us:
Exit mobile version