كىرپە گۆشىنى يېسە بولامدۇ؟

كىرپە گۆشىنى يېسە بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قەدىرلىك ئۇستاز! بىزنىڭ بىر تۇغقىنىمىز بىر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، تېۋىپلار ئۇزاق مەزگىل كىرپە گۆشى يەپ بېرىشنى بۇيرۇغان ئىكەن. بۇ ھەقتە ئەتراپىمىزدىكى بەزى ئۆلىمالاردىن سورىساق، ئۇلار: «كىرپە ھارام» دەپ جاۋاب بەردى، يەنە بىر قىسىملىرى: «مالىكىي مەزھەبتە بوغۇزلاپ يېيىلسە ھارام بولمايدۇ» دەپ قارايدىكەن. «زۆرۈرىيەت بولغاندىكىن مەزھەب ئاتلاپ ئەمەل قىلساق بولىدۇ. شۇڭا، يەۋەرسە بولىدۇ» دېدى. مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

كىرپىنىڭ گۆشىنىڭ ھۆكمىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى بار. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بىلەن ئىمام ئەھمەد ھارام، دەپ قارىغان. بۇلار ئاساسلانغىنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىس بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە كىرپە توغرىسىدا: «مەينەت نەرسىلەردىن بىرى» دېگەن.(1)

لېكىن، ئىمام خەتتابىي، بەيھەقىي، ئىبنى ھەزم ۋە ھافىز ئىبنى ھەجەر قاتارلىق ھەدىس ئالىملىرى بۇ ھەدىسنى «زەئىف» دېگەن بولغاچقا، كىرپە گۆشىنى ھارام دېيىشتە دەلىللىككە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

ئىمام مالىك بىلەن ئىمام شافىئىي قاتارلىقلار كىرپىنىڭ گۆشى ھالال، دەپ قارىغان. بۇلار ئادەتتە بىرەر دەلىل كەلمىگىچە بىرنەرسە ھارام دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان «ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئەسلى ھۆكمى مۇباھلىقتۇر» دېگەن فىقھىي قائىدىنى تۇتقان بولۇپ، كىرپىنى ھارام دەپ قارايدىغانلار ئېتىرازدىن خالىي سەھىھ بىر دەلىل ئەكىلىشى كېرەك، ئەكىلەلمىگەندىن كېيىن مۇباھ ھالىتىدە قالىدۇ، دەپ قارىغان.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن كىرپە گۆشىنىڭ ھۆكمى مۇباھ دېگەن قاراش جانلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋالىنىش زۆرۈرىيىتى بولغاندىكى ھالال دېگەن قاراش بويىچە ئەمەل قىلسا بولىدۇ.

ئەمما، كىرپىنىڭ قېنى نىجىس، بۇنىڭدا ئىختىلاپ يوق.

ئەلبەتتە، گۆشى ھالال بولۇشى ئۈچۈن بوغۇزلاش شەرت. كىرپىنى بوغۇزلاش ئۇسۇلى: كىرپىنى سۇغا تىقىپ سۇنى سەل ئىسسىتقاندىن كېيىن بېشىنى سوزۇپ چىقىرىدۇ، شۇ چاغدا بوغۇزلاش كېرەك.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 16 – رامازان / م. 2011، 16 – ئاۋغۇست

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 175 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. «ئەبۇ داۋۇد»، (3799). ئالبانىي «زەئىف» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ