بالىنى ئېمىتەمدۇ يا ئالدۇرۇۋېتەمدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىرىنىڭ قۇچىقىدا ئالتە ئايلىق بولغان بالىسى بار ئىكەن، يېقىندا يەنە بويىدا قاپتۇ، تەخمىنەن 6 ھەپتە ئەتراپىدا بولغان بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭ بالىسىنى 2 ياشقىچە ئېمىتىش نىيىتى بار ئىكەن، ئۇنداقتا قورساقتىكى بالىنى ئالدۇرۇۋېتەمدۇق ياكى بالىنى ئېمىتىشتىن توختىتامدۇق، دېگەننى بىلمەكچىكەن. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

قۇچاقتىكى بالىنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى ۋاجىپ ئەمەس، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

[ئانىلار بالىلىرىنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىدۇ. بۇ ئېمىتىشنى تاماملاشنى خالىغانلار ئۈچۈندۇر].([1])

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتتىكى: [بۇ ئېمىتىشنى تاماملاشنى خالىغانلار ئۈچۈندۇر] دېگەن سۆزى: ئىككى يىل تولۇق ئېمىتىشنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكىنى، ئىككى يىل تاماملىنىشتىن بۇرۇن سۈتتىن ئايرىۋەتسە بولىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. ([2])

ئەمدى قورساقتىكى ھامىلىگە كەلسەك، توغرا قاراشتا بالا تۆرەلگەندىن كېيىن مەيلى قانچە كۈنلۈك بولسا چۈشۈرۈۋېتىش ھارام.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، بالىنى چۈشۈرۈۋەتمەي، ئېمىتىشنى تاماملاش قورساقتىكى بالىغا زىيانلىق بولغان تەقدىردە، قۇچاقتىكى بالىنى ئىككى يىل تاماملىنىشتىن بۇرۇن سۈتتىن ئايرىۋەتسە بولىدۇ.

ئىنسان قايسى بالىدا خەيرلىك بارلىقىنى بىلمەيدۇ، شۇڭا، ئاللاھنىڭ تاللاپ بەرگىنىنى تاللىغان تۈزۈك.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2010 – 11 – 6

—————————–
([1]) «بەقەرە» سۈرىسى، 232 – ئايەت.
([2]) «تفسير القرطبي»3/162.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز