بالىنى ئېمىتەمدۇ يا ئالدۇرۇۋېتەمدۇ؟

بالىنى ئېمىتەمدۇ يا ئالدۇرۇۋېتەمدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىرىنىڭ قۇچىقىدا ئالتە ئايلىق بولغان بالىسى بار ئىكەن، يېقىندا يەنە بويىدا قاپتۇ، تەخمىنەن 6 ھەپتە ئەتراپىدا بولغان بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭ بالىسىنى 2 ياشقىچە ئېمىتىش نىيىتى بار ئىكەن، ئۇنداقتا قورساقتىكى بالىنى ئالدۇرۇۋېتەمدۇق ياكى بالىنى ئېمىتىشتىن توختىتامدۇق، دېگەننى بىلمەكچىكەن. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

قۇچاقتىكى بالىنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى ۋاجىب ئەمەس، چۈنكى ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئانىلار بالىلىرىنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىدۇ. بۇ ئېمىتىشنى تاماملاشنى خاھلىغانلار ئۈچۈندۇر﴾(2/«بەقەرە»: 232).

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتتىكى: ﴿بۇ ئېمىتىشنى تاماملاشنى خاھلىغانلار ئۈچۈندۇر] دېگەن سۆزى: ئىككى يىل تولۇق ئېمىتىشنىڭ ۋاجىب ئەمەسلىكىنى، ئىككى يىل تاماملىنىشتىن بۇرۇن سۈتتىن ئايرىۋەتسە بولىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. (1)

ئەمدى قورساقتىكى ھامىلىگە كەلسەك، توغرا قاراشتا بالا تۆرەلگەندىن كېيىن مەيلى قانچە كۈنلۈك بولسا چۈشۈرۈۋېتىش ھارام.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، بالىنى چۈشۈرۈۋەتمەي، ئېمىتىشنى تاماملاش قورساقتىكى بالىغا زىيانلىق بولغان تەقدىردە، قۇچاقتىكى بالىنى ئىككى يىل تاماملىنىشتىن بۇرۇن سۈتتىن ئايرىۋەتسە بولىدۇ.

ئىنسان قايسى بالىدا خەيرلىك بارلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا، ئاللاھنىڭ تاللاپ بەرگىنىنى تاللىغان تۈزۈك.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 10 – زۇلھەججە / م. 2011، 6 – نويابىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 170 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————
1. قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 3/162.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ