مېيىپ تۇغۇلۇش ئېھتىمالى بولغان ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىش

مېيىپ تۇغۇلۇش ئېھتىمالى بولغان ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاللاھقا ھەمدۇسانالار، پەيغەمبىرىمىزگە دۇرۇد – سالاملار بولسۇن. ئاللاھنىڭ پەزلى – رەھمىتى بىلەن دادا بولىدىغانلىق خۇش خەۋىرىنى ئاڭلاپ، يۈرىكىمنى خۇشاللىق ئارىلاش ئازغىنە ئارامسىزلىق قاپلىدى. تۇرمۇش تەجرىبەم ۋە ئاڭلىغان – بىلگەنلىرىمنىڭ كەملىكىدىن، قاتتىق يۆتەل ۋە زۇكام بولغان ئايالىمغا، بىرنەچچە خىل دورا بېرىپتىمەن، 3 – كۈنگىچە پەسەيمىگەن يۆتەلنى دوختۇرغا ئاپارسام: «ئايالىڭىز ئېغىر ئاياغ ئىكەن» دېدى. دوختۇرنىڭ دېيىشىچە: ھامىلىدار مەزگىلىدە دورا ئىچسە، بالىدا ئەقلىي ئاجىزلىق ۋە غەلىتىلىك ئالامەتلىرى بولۇپ قالارمىش، ئاتا – ئانام بۇ ئىشنى بىلىپ: «ئالدۇرىۋەتسۇن» دەپ چىڭ تۇرۇپ باقتى. (ئاتا – ئانامنى رازى قىلمىسام تېخى) مەن: «ئاللاھ ئۆزى بەرگەن ئۆزى پەرۋىش قىلىدىغان بۇ ھامىلىنى چوقۇم سەۋەب قىلغاچ دۇئا قىلسام، ئاللاھ سالامەت قىلىپ بېرىدۇ» دېگەن ئىشەنچ بىلەن بىرگە يەنىلا بىر خىل ئاجىز بەندىلىككە خاس خەۋپسىرەش تۇيغۇسىدا، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! سىلىدىن شۇنى سورىغۇم كەلدى. بالا 44 كۈنلۈك بوپتۇ، ئۇنى ئالدۇرىۋىتىشكە بولامدۇ؟ ئالدۇرماسلىققا، يەنى ئايالىم ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ تەسكىن تاپتۇرۇشقا بولىدىغان ئايەت – ھەدىسلەردىن دەپ بەرسىلىرى …

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

قىرىق كۈن توشقان تۆرەلمىنى ئىشەنچلىك دوختۇرلار بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئانىنىڭ ھاياتىغا خەۋپلىك دەپ قارىغان ئەھۋال بولمىسا، چۈشۈرۈۋېتىش جائىز بولمايدۇ.

يەنە ھامىلىنىڭ بىنورمال تۇغۇلۇپ قېلىش ئېھتىمالىدىن ئەنسىرەشمۇ ئۇنى قىرىق كۈن توشقاندىن كېيىن چۈشۈرۈۋېتىشكە سەۋەب بولالمايدۇ. چۈنكى، بۇ كۆپىنچە ئەھۋالدا ئېھتىماللىق ئىش بولۇپ، بەزىدە بالا تولۇق يېتىلىپ ساق تۇغۇلۇپمۇ قالىدۇ. شۇڭا، تېخى ھامىلىنىڭ مېيىپ تۇغۇلىدىغانلىقى دوختۇرلار تەرىپىدىن جەزملەشتۈرمىگەن ئەھۋالدا چۈشۈرۈۋېتىش ھارام بولىدۇ.

ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئاتا – ئانا سەۋر قىلىپ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تولۇق تەسلىم بولۇشى، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشى، ئاللاھتىن بۇ پەرزەنتنى خەيرلىك قىلىشىنى تىلىشى لازىم،

ئاللاھ تائالا دەيدۇ: ﴿ئەمەلىيەتتە، سىلەرگە خەيرلىك بولغان بىرنەرسىنى يامان كۆرۈپ قېلىشىڭلار مۇمكىن، يەنە سىلەرگە يامان بولغان بىرنەرسىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىڭلارمۇ مۇمكىن. ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر﴾(2/«بەقەرە»: 216)؛ ﴿بىرنەرسىنى يامان كۆرۈپ قالغىنىڭلار بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان خەيرلىكنى قىلىشى مۇمكىن﴾(4/«نىساﺋ»: 19).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتىدۇ: «مۇئمىننىڭ ئەھۋالىغا ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى خەيرلىك، بۇ مۇئمىندىن باشقا ھېچكىمگە يوق، ئەگەر ئۇنىڭغا پايدىلىق ئىش بولسا، شۈكۈر قىلسا، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خەيرلىك بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا زىيانلىق ئىش بولسا، سەۋر قىلسا، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خەيرلىك بولىدۇ».(1)

«سەئۇدى ئەرەبىستان لەجنە دائىمە» ئورگىنىنىڭ پەتۋالىرىدا مۇنداق كەلگەن: «مېيىپ ۋە ياكى غەيرى تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىش جائىز بولمايدۇ، بەلكى مېيىپلىكتىن ساق قېلىشىمۇ مۇمكىن، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھ سۈبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قويۇپ قويۇلىدۇ».(2)

ئەمدى ھامىلىنىڭ مېيىپلىكىدىن ئەنسىرىگەن ئەھۋال بولماي مېيىپلىكى سۈرەت ۋە تەكشۈرۈش بىلەن كەسكىن ئىسپاتلانغان ئەھۋالدا 120 كۈنلۈك بولغۇچە ئارىلىقتا كۆپچىلىك ئالىملار چۈشۈرۈۋېتىشكە رۇخسەت قىلغان.

رابىتىغا تەۋە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» مۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرگەن: «يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋالدىكىدەك مېيىپ ھامىلىنى ئاتا – ئانىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ 120 كۈن توشمىغان ئارىلىقتىكى مۇددەتتە چۈشۈرۈۋېتىش مۇباھ».(3)

لېكىن، بۇنىڭغىمۇ بەزى ئالىملار قوشۇلماي، جائىز بولمايدۇ، بۇنىڭدا ماددىي تەرەپكىلا قارىماسلىق لازىم، مېيىپ تۆرەلمىنىڭ دۇنياغا كېلىشىدە نۇرغۇن ئىبرەتلەر، مېيىپ ۋە ئەتراپتىكىلەرگە خەيرلىك بار، بۇنىڭغا سەۋر قىلىپ ئاللاھتىن ئەجىر كۆزلىگەن تەقدىردە، ئەجىر كاتتا بولىدۇ، دەپ تۇرۇۋالغان.

لېكىن، 120 كۈن توشقاندىن كېيىن ھامىلە تولۇق بىر ئىنسان بولۇپ بولغاچقا، مېيىپلىكى ئىسپاتلانغان تەقدىردىمۇ ئۇنى چۈشۈرۈۋېتىش ھارام بولىدۇ. بۇنىڭدا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاق.

ھازىرقى تېببىي تەرەققىيات ئىمكانىيىتى ئاستىدا ھامىلىنى سۈرەتكە ئېلىپ مېيىپ ياكى مېيىپ ئەمەسلىكىنى كەسكىن بىلىش مۇمكىن.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ مېيىپلىكى ئېنىق ئىسپاتلانمىغان بولغاچقا، چۈشۈرۈۋەتسىڭىز بولمايدۇ، لېكىن بۇندىن كېيىن تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئېغىر مېيپىلىق ئەھۋالى ئىسپاتلىنىپ، كېيىنچە تۈزۈلۈپ كەتمەيدىغان بولسا، مېيىپلىكىنى داۋالىغىلىمۇ بولمايدىغان، تۇغۇلۇپ قالسا ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا باشقىلارغا يۈك بولۇپ ياشايدىغانلىقى، ئۆزىگە ۋە ئەتراپتىكىلەرگە نۇرغۇن ئەلەملەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئىسپاتلانسا، تېخى روھ پۈۋلىنىپ بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن 120 كۈنگىچە ئارىلىقتا ئالدىرىماي قارار قىلىش پۇرسىتى بار.

ئاللاھ بۇ پەرزەنتنى سالامەت قىلسۇن، سىزگە ۋە ئائىلىڭىزغا خەيرلىك قىلسۇن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 17 – شەئبان / م. 2011، 18 – ئىيۇل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 166– نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. «مۇسلىم»، (2999).
2. «لەجنە دائىمە پەتۋالىرى»، 21/249 – پەتۋا.
3. م. 1990 – يىلى 2 – ئايدا مەككە مۇكەررەمەدىكى 12 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ