بانكىدىن قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىش

بانكىدىن قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن يېقىندا بانكىدىن قەرز ئىلىپ ئۆي سېتىۋالاي دەپ ئويلىغان، بىراق بەزى قېرىنداشلىرىم بۇنداق قىلسا بولمايدۇ دەيدۇ، قەرز ئالمىسام ئۆينى سېتىۋالالمايمەن، بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىمەن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

جانابىي ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە جازانە – ئۆسۈملەرنى ھارام قىلىۋەتكەن، جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تاشلىمىغانلارنىڭ ئاللاھقا جەڭ ئېلان قىلغۇچىلاردىن بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ھەدىسلەردە جازانە مۇئامىلىسى قىلغانلار لەنەت قىلىنغان، جازانە مۇئامىلە قىلغان ئەھۋالدا ئىلگىرىكى ناماز، ھەج قاتارلىق بارلىق ياخشى ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇلارغا ئاساسەن مەيلى ئۆي سېتىۋېلىش، مەيلى ماشىنا سېتىۋېلىش مەيلى باشقا نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن بانكىدىن ياكى ئۇندىن باشقا شەخس ياكى ئورۇنلاردىن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىشقا بولمايدۇ.

ئەمدى ئۆي ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى بولغاچقا، قەرز ئالمىغان تەقدىردە، ئىجارىگىمۇ ئۆي تاپالمايدىغان، تالادا قېلىپ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغان زۆرۈرىيەت بولسا، ئاچ قالغاندا چوشقا گۆشىنى ئازراق يەپ ھاياتىنى ساقلاپ قالغانغا ئوخشاش ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالسا ياكى ئىجارىگە ئولتۇرسا بولىدۇ. بۇ «زۆرۈرىيەت جەھەتتىن مەيلى بولىدۇ. لېكىن، بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىش ئادەتتە كۆپ ئۇچرىمايدۇ. بۇ «زۆرۈرىيەت» دېگەن سۆزنى توغرا چۈشىنىشكە قاراشلىق بولۇپ، ئىجارىگە ئۆي تاپالايدىغان، ياكى ئۆسۈمسىز قەرز بىلەن ئۆي سېتىۋالالايدىغان ياكى ئاددىيراق بولسىمۇ ئولتۇرغىدەك ئۆيى بولسا، بۇ زۆرۈرىيەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى مېھىر – شەپقەت، ئۆزئارا ياردەملىشىش ۋە بىر – بىرىنى يۆلەش ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان بولغاچقا، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جازانىگە دەسسەپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆيسىز قالغانلارغا قولىدا زاپاس پۇل بارلار ئۆسۈمسىز قەرز بېرىپ تۇرسا ساۋابلىق ئىش بولىدۇ. زاكات بېرىدىغانلار ئۆيسىز قىينىلىپ قالغانلارغا زاكات پۇلىدىن ئۆي ئېلىپ بەرسە بولىدۇ. نەفلە ھەج – ئۆمرىگە تەكرار بارىدىغانلار ھەج – ئۆمرە قىلىشقا خەجلەيدىغان پۇلنى ئۆي سېتىۋالالماي قىينىلىپ قالغانلارغا بېرىۋەتسە تېخىمۇ ساۋابلىق بولۇشى مۇمكىن.

ياۋروپا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا قارىتا «ياۋروپا پەتۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتى»(The European Council For Fatwa and Research) زۆرۈرىيەت ۋە باشقا ياۋروپا ئەللىرىگە خاس بەزى سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ كىشى ئۆزى ئولتۇرىدىغانغا پەقەت بىر ئۆي سېتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىپ پەتۋا بەرگەن. بۇ پەتۋاغا «ياۋروپا پەتۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتى»نىڭ كۆپچىلىك ئەزالىرى ئىمزا قىلغان. ئەزالارنىڭ ئاز بىر قىسمى، شۇنداقلا باشقا بەزى ئالىملار بۇ پەتۋاغا قوشۇلمىغان. قانداقلا بولمىسۇن ياۋروپا ئەللىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا ياشايدىغان بولغاچقا، ئاشۇ دۆلەتلەردە، ئاشۇنداق قىيىن شارائىتتا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار خاھلىسا ئاشۇ پەتۋا بويىچە ئەمەل قىلسىمۇ بولىدۇ.

لېكىن، «ياۋروپا پەتۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتى» پەتۋاسىدا ئاساسلانغان سەۋەبلەرنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمىزدە ئۇنداق قىيىن ئەھۋاللارنىڭ دىيارىمىزدا يوق ئىكەنلىكىنى، شارائىتلارمۇ ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆردۇق. شۇڭا، ئۇ پەتۋا دىيارىمىزغا مۇناسىپ كەلمەيدۇ، دەپ قارايمىز.

سودىغا بانكا ئارىلاشقان ئەھۋالدا (بۇنى دىيارىمىزدا دەيكۇۋەن، يەنى قەرز پۇل دېگەن چىرايلىق نام بىلەن ئاتايدۇ) مەسىلەن، ئۆي ساتقۇچى بانكا بىلەن كېلىشىپ، ئۆينىڭ ئىگىسى ئۆي پۇلىنى بانكىدىن ئېلىۋالىدۇ. بانكا ئۆيگە بەرگەن پۇلنى ئۇنىڭغا ئۆسۈمنى قېتىپ ئۆي سېتىۋالغۇچىدىن قەرەللىك قايتۇرۇۋالىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۆينى ئۆي ئىگىسىدىن سېتىۋالغان بولىدۇ، پۇلنى بانكا تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. نەتىجىدە، بانكا ئۆي سېتىۋالغۇچىغا قەرز بېرىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ئالغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا جازانە شەكىللىنىپ، بۇ سودا چەكلىنىدۇ.

ئەگەر بانكا ئۆينى ئۆز ھېسابىغا سېتىۋېلىپ، ئاندىن ئۆينى بانكا ئۆزى خېرىدارغا قىممەترەك باھادا قەرەللىك ساتسا، بۇ سودا جائىز بولىدۇ. لېكىن، بۇ سودا توختامنامىسىدە ئۆسۈمگە ئالاقىدار ھېچقانداق گەپ – سۆز قىلىنماسلىقى شەرت. ئەگەر ئۆينىڭ ئەسلى پۇلى ماۋۇ، ئۆسۈمى ماۋۇ دېيىلسە، ياكى قەرەلدە پۇلنى تاپشۇرالمىغان تەقدىردە، كېچىككەنلىكى ئۈچۈن ئۆسۈم تۆلەيدۇ، دەپ شەرت بېكىتىلسە، بۇ سودا يەنىلا توغرا بولمايدۇ. ئەگەر بانكا ھەممە پۇلنى تاپشۇرۇپ بولغۇچە ئۆينىڭ ھۆججىتىنى بەرمەي تۇرىدىغان بولسا، ياكى ئۆينى رەنىگە ئېلىۋالسا مەيلى.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 27 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 1 – ماي

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 162 – نومۇرلۇق پەتىۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ