ئىسپىرتلىق تامغا بېسىلغان گۆشلەرنى سېتىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دادام قاسساپلىق قىلاتتى. تەتىل مەزگىلىدە دۇكانغا ياردەملىشەتتىم. تۈنۈگۈن قۇشخانىغا بېرىپ قوينى سويۇپ بولغاندا كارانتىن خادىملىرى تامغا بېسىپ بەردى، تامغىدىن بىر خىل ھاراقنىڭ ھىدى كەلدى. ئۇلاردىن سورىسام ئۇ تامغىنىڭ تەركىبىدە ئىسپىرت بار ئىكەن. بۇرۇن قەتئىي دىققەت قىلماپتىكەنمەن. ئىسپىرتلىق تامغا بېسىلغان گۆشلەرنى سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمىكىن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئادەتتە، گۆش سېتىشتا ساختىلىق بولماسلىقى ئۈچۈن ھەر دۆلەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ساغلام ماللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تەكشۈرگەندىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇناسىپ گۆشلەرگە تامغا باسىدۇ.

بۇ تامغىلارنىڭ تەركىبىگە بەزىدە ئىسپىرت، غىزا ماددىلارغا ئىشلىتىدىغان رەڭ دېگەندەك ماددىلار كىرىدىكەن. بەزى دۆلەتلەردە ئۆلچەمگە رىئايە قىلماي زىيىنى يوق ماددىلارنىڭ ئورنىغا باھاسى ئەرزان بولغاچقا، زەھەرلىك ماددىلارمۇ ئىشلىتىلىدىكەن. ئىسپىرتنىڭ پاكىز ياكى نىجىسلىكى ھەققىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشاش بولمىسىمۇ لېكىن، يەپ ئىستېمال قىلسا زەھەرلىك بولىدىغانلىقى جەھەتتىن ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

لېكىن، ئومۇم ئىستېمالچىلارنىڭ ساختا، كېسەل، ھارام گۆشلەرنى ئىستېمال قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ تامغىلارنى بېسىش ئومۇمەن، پايدىلىق ھەم زۆرۈر ئىش. ئۇنداق تامغا باسمىغاندا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان، كېسەل ۋە باشقا زىيانلىق بولغان گۆشلەرنى سېتىپ ساختىلىق قىلىش ئېھتىماللىقى بار.

بۇ تامغىنىڭ ماددىسىنى قاسساپلار خالىغانچە ئۆزگەرتەلمەيدىغان بولغاچقا، مەجبۇرلۇق جەھەتتىن شۇ تامغا بىلەن بىللە سېتىۋەرسە جائىز بولىدۇ. ساختىلىققا يول ئاچماسلىق ئۈچۈن قاسساپلار گۆشلەردىكى تامغىلارنى شىلىۋەتمەي، ئىستېمالچىلارغا تولۇق يۇيۇۋېتىپ ياكى شىلىۋېتىپ ئىشلىتىشنى تاپىلاپ قويسا، زىياندىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 11 – 25

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.