Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

مۇجاھىد دەۋەتچى مۇھەممەد غەززالىي

مۇجاھىد دەۋەتچى مۇھەممەد غەززالىي

مۇجاھىد دەۋەتچى مۇھەممەد غەززالىي

(ھ. 1335 – 1416 / م. 1917 – 1996)

 

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي چاغداش رېئال ھاياتىمىزدا ئىسلام دەۋىتىگە ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن كاتتا ئالىم ۋە پەزىلەتلىك شەيختۇر. ئىسلامنىڭ كاتتا دەۋەتچىلىرىدىن، شۇنداقلا ئىسلاھاتچىلارنىڭ چوڭلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىدىغان شەيخ مۇھەممەد غەززالىي 1917 – يىلى 22 – سېنتەبىردە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا پەقەت ساناقلىق ئالىيجاناب مەشھۇرلاردىلا تېپىلىدىغان ئالاھىدىلىكلەر مۇجەسسەملەنگەن. مەسىلەن، ئۇنىڭدا راستچىل ئىمان بولۇش بىلەن بىللە ئۇ دىنى ۋە ئەقىدىسى ئۈچۈن ياشىغان، پۈتۈن ھاياتىنى شۇنىڭغا ئاتىۋەتكەن، قەلىمى بىلەن پىكرىنى ئىسلامنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرى بىلەن نىشانلىرىنى بايان قىلىشقا، پىرىنسىپلىرىنى ئىزاھلاشقا، بارلىقىنى قوغداشقا، دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇنى مۇداپىئە قىلىشقا ئىشلەتكەن، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلغان مۇجاھىد دەۋەتچىدۇر.

بىز شەيخ مۇھەممەد غەززالىينىڭ ۋاپاتى بىلەن ئۇنىڭ ھەقتە جاسارەتلىك ئىكەنلىكى، ئۈممەتنىڭ مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى ۋە ھاياتنى يېڭىلاپ تۇرۇشتىكى ئىلغار قارىشىنىڭ قەدرىگە يەتكەن ھالدا، ئۇنى ئەسلەپ تۇرىمىز. شۇنداقلا ئۇ تېگى – تەكتىگە تۇتاشتۇرۇپ بايان قىلغان ئەخلاقلارنىڭ، قولايلاشتۇرۇپ سىڭدۈرۈۋەتكەن ساغلام ئەقىدىنىڭ، ئىسلامنى تۈرلۈك يات چۈشەنچىلەردىن قوغدىغانلىقىنىڭ، شەرىئەتنى دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن مۇداپىئە قىلغانلىقىنىڭ ۋە ئاچچىق بولسىمۇ ھەقنى ئاشكارا جاكارلىيالىغانلىقىنىڭ قەدرىگە يېتىۋاتىمىز.

ئۆسمۈرلۈكى ۋە پىكرىنىڭ يېتىلىش مەنبەسى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي مىسىرنىڭ بەھىيرە ئۆلكىسىگە تەۋە نىكلا ئىنەب يېزىسىدا ھ. 1335 – يىلى 5 – زۇلھەججە / م. 1917 – يىلى 22 – سېنتەبىردە تۇغۇلۇپ، ئېسىل بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئىسلامىي بىر مۇھىتتا تەربىيەلەنگەن، ئاتىسىنىڭ قولىدا قۇرئاننى يادا ئېلىپ، ھەدىس شەرىپ ئوقۇغان. ئاندىن ئىسكەندەرىيە دىنىي باشلانغۇچ مەكتىپىگە كىرگەن. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنگە قەدەر شۇ مەكتەپتە ئوقۇپ، ھ. 1356 – يىلى قاھىرەگە يۆتكىلىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نېگىزلىك دىنىي پەنلەر فاكولتېتى (كلية أصول الدين) غا ئوقۇشقا كىرگەن.

قاھىرەدە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام ھەسەن بەننا بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋە ئىمامغا ئەڭ يېقىنلاردىن بىرى بولۇپ قالغان. ئىمام ھەسەن بەننا ئۇنىڭ ئىلىم – مەرىپىتى ۋە قەلەم قۇۋۋىتىنى بىلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭدىن «مۇسۇلمان قېرىنداشلار ژۇرنىلى»دا ماقالە يېزىشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە، ئۇ فاكولتېتىنىڭ 3 – يىللىقىدىكى چاغدىلا ئۇنىڭ تۇنجى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭغا «تېتىك ئويلار» نامىدا مەخسۇس بىر باب ئاجرىتىلغان. ئۇ تاكى 1940 – يىلى باكالاۋرلىقنى پۈتتۈرگەنگە قەدەر ئىمام ھەسەن بەننا ئۇنى يېزىقچىلىققا قىزىقتۇرۇپ تۇرغانىدى. ئاندىن ئۇ دەۋەت كەسپىنى تاللاپ، ئىزچىل ئوقۇغان ۋە 1943 – يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن قاھىرە مەسجىدلىرىدە دەۋەت سەپىرىنى باشلىۋەتكەن.

ئۇزۇن ئۆتمەيلا، شەيخ مۇھەممەد غەززالىينىڭ «ئىسلام ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتلەر (الاسلام والاوضاع الاقتصادي)» دېگەن تۇنجى ئەسىرى 1947 – يىلى نەشردىن چىقتى. شەيخ ئۇنىڭدا ئىسلامنىڭ بايلىققا، گۈللىنىشكە ۋە تەبىقىلەر ئارا ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىقتىسادىي ئىدىيەسى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئارقىدىن «ئىسلام ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈلمىلەر (الاسلام والمناهج الاشتراكية)» دېگەن يەنە بىر كىتابىنى يېزىپ، ئىقتىسادىي ئىسلاھات مەيدانىدا دەسلەپكى ئەسىرىنىڭ بىر ئۇچىنى تولۇقلىدى. شەيخ ئۇ كىتابىدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، بايلىقنى توغرا ئۇسۇلدا تەقسىملەش، شەخسنىڭ ئۈممەتتىكى ئورنى ۋە ئۈممەتنىڭ شەخسكە مەسئۇللۇقى قاتارلىقلاردىن نېمىلەر مەقسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئىزاھلىغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈچىنچى ئەسىرى «كوممۇنىستلار بىلەن كاپىتالىستلار قارىلاۋاتقان ئىسلام (الاسلام المفتري عليه بين الشيوعيين والرأسماليين)»نى نەشر قىلدى.

مەزكۇر ئۈچ ئەسەر شەيخنىڭ دەۋەت ۋە ئىسلام پىكرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ساھەلەردە خېلى بۇرۇنلا يېزىشقا تۇتۇش قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچكىم دەسسەپ باقمىغان يولغا قەدەم قويغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋەز – تەبلىغ ۋە يېتەكلەش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دىققىتى بىدئەت ۋە يامان ئىشلارغا قارشى تۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئىدى(1).

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي دەۋەت مەيدانىدا خىزمەت قىلىپ يۈرۈپ راستچىللىقى، ئىخلاسى، پاساھەتلىكى ۋە ناتىقلىقى سەۋەبىدىن خەلق ئارىسىدا نامى چىقتى. دەل شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى»گە قارىتا «قارا بوران»لار چىقىپ، 1948 – يىلى ئۇنى تارقىتىۋېتىش، مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش، ئەزالىرىنى قىيىن – قىستاققا ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغانلاردىن نۇرغۇن كىشىنى تۈرمىگە تاشلاش قارارى چىقتى. ئەھۋال جامائەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام ھەسەن بەننا رەھىمەھۇللاھنىڭ سۇيىقەست قىلىپ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئېغىرلاشتى. شەيخ مۇھەممەد غەززالىي قاتتىق قوللۇق ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىغانلاردىن بىرى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە «تۇر» تۈرمىسىگە قامالدى. شۇ تۈرمىدە يېتىپ 1949 – يىلى تۈرمىدىن چىقىپ، دەۋەتكە تېخىمۇ قىزغىن، ئىسلامنى قوغداش ۋە ھەقىقەتلىرىنى بايان قىلىشتا تېخىمۇ مەزمۇت ھالدا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى.

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي گەرچە كۆزقاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان تەقدىردىمۇ پەزىلەت ئىگىلىرىنى داۋاملىق پەزىلەتلىرى بىلەن ئەسلەپ تۇراتتى. ئۇستازلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان پەزلى – مەرھەمىتىنى، ئۇلاردىن ئالغان تەسىراتىنى كۆپ تىلغا ئالاتتى. مەسىلەن، ئۇ ئىمام ھەسەن بەننا رەھىمەھۇللا ھەققىدە: «مەن پەزىلەتنى ئىگىسىگە مەنسۇپ قىلىش يۈزىسىدىن ئېتىراپ قىلىمەنكى، مەن ئىمام ھەسەن بەننا ئالدىدا ئولتۇرۇپ تەلىم ئالغان، ئۇنىڭ ئەدەب – ئەخلاقى تەسىرىدە نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلغان، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى بىلەن رۇسلانغان، ئۇنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە قاراشلىرىدىن نەپ ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىمەن» دەيتتى.

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي يەنە رەھىمدىللىقى بىلەن تونۇلغان ئىدى. ئەمما، چىشىغا تېگىش بولسا، ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قوياتتى. بەلكى مۇشۇ ئەھۋال كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن بولسا كېرەك. چۈنكى، ئۇ يازغان قاراشلارنىڭ كۆپىنچىسى باشقىلار دەپ بولغان قاراشلار بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىسلامنى قوغداش روھى ۋە ئىسلامنى نالايىق شەكىلدە كۆرسىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرىشى ئۇنى بەزىدە نورمال چەكتىن ئېشىپ كېتىدىغان قىلىپ قويغان. بۇ سەۋەبتىن، ئۇ بەزى قاراشلارنى «بەدەۋىيلەر فىقھىسى» ياكى «ئەبس ۋە زىبيان ئادەتلىرى» دەپ سۈپەتلىسە، يەنە بەزىلىرىنى غەپلەت، ياكى ھاماقەت، ياكى بىغەرەزلىك، ياكى ئۇنىڭدىن باشقا سۆزلەر بىلەن سۈپەتلەپ قويغان.

شۇنداق تۇرۇقلۇق، شەيخ مۇھەممەد غەززالىي ئاسانلا يىغلايدىغان ئىدى، مەسىلەن، ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ئۆزىنىڭ ھايات يولىدا تەسىر قىلغان بىرەر ئايەتنى ئوقۇغىنىدا ياكى يۈرۈش – تۇرۇشىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلىگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىرەر ھەدىسىنى ئوقۇغىنىدا، ياكى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۈيلەيدىغان شېئىرلاردىن بىرەر بېيىت ئوقۇغىنىدا زايە بولۇپ كەتكەن ئىسلام مەدەنىيىتىگە ھەسرەتلىنىپ يىغلىۋەتكىلى تاس قالاتتى.

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي ئۈممەتنىڭ بارلىق ئۆلىمالىرىنى قەدىرلەيتتى، پايدىلىق دەپ قارىغان ھەرقانداق قاراشتىن پايدىلىناتتى، يا بىلىمى بولمىغان، يا دىننى چۈشەنمەيدىغانلاردىن بىرى بىرەر ئىمامغا تەنە قىلىپ قالسا جۇدۇنى تۇتاتتى. چۈنكى، ئۇ بىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىزنى ھۆرمەتلىمەسلىكىمىز مەدەنىيىتىمىزنىڭ بوھرانلىققا يۈزلىنىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىدىن بىرى دەپ قارايتتى. باشقا ئۈممەتلەر قۇرۇق نەزەرىيە ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى مەدھىيىلەپ، نېمە ئۈچۈن بىز ئۈممەتنىڭ خوجىلىرى بولغان ئۆلىمالارنى ھۆرمەتلىمەيمىز، دەپ ئەجەبلىنەتتى.

بەزى ئالىملار بىلەن بەزى مەسىلىلەردە ئوخشاش قاراشتا بولمىغان بولسىمۇ، ھەربىر ئىمامنىڭ ئۆز لايىقىدا قەدىر – قىممىتىنى قىلاتتى. مەسىلەن، ئۇ مۇنداق دەيتتى: «گەرچە مەن گاھىدا ھەنەفىي فىقھىسىگە مايىل بولساممۇ، ئۆزىنىڭ ئىلمى ھەققىدە: ‹بۇ ئىلىم كىشىلەر ئىگىسىنى بىلمەستىن تارقالغان بولسىكەن دەپ ئارزۇ قىلدىم› دېگەن شافىئىيغا قەلبىم ۋە ھەيرانلىقىم بىلەن قايىلمەن. بىزگىمۇ مۇشۇ ئىخلاس ئاتا قىلىنغان بولسا كاشكى! ئاشۇ چوڭ ئىماملار ھەممىمىزنىڭ ئۇستازلىرى بولۇشقا لايىق. توغرا بولسۇن، خاتا بولسۇن ئىلمىي تەتقىقات دېگەن ئۆلىمالارغا قارىتا ئېھتىرامىمىزنى كېمەيتىپ قويماسلىقى كېرەك».

شەيخ مۇھەممەد غەززالىينىڭ ئىززەت – ئىكرامى پاك شەرىئەت ئىماملىرىغىلا خاس ئەمەس ئىدى. بەلكى ئۇ ئۆز كەسپىدە ئىمام بولغان ھەربىر ئالىمنى قەدىرلەيتتى. ئۇنى قەدىرلىشى ھەممە نەرسىدە ماقۇل دەپ بەرگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيتتى. بىراق، ئۇنىڭ پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىمەن دەپ ئۇ ئىمامنىڭ ھەققىنى كېمەيتىۋەتمەيتتى. مەسىلەن، ئۇ ئېيتىدۇ: «مەن ياخشى كۆرىدىغان بىر ژۇرنالدا ئىسلاھاتچى، قەلىمى سېتىلمىغان ئەدىب ئابدۇررەھمان كەۋاكىبىينى زاڭلىق قىلغان ۋە يېڭى ئىسلام گۈللىنىشىنى بەرپا قىلغۇچىلاردىن يەنە ئىككى كىشىنى پاسىققا چىقارغان گەپنى ئوقۇپ قالدىم. ھالبۇكى، مەن «مەنار ژۇرنىلى» ۋە ئۇنىڭ ساھىبى مۇھەممەد رەشىد رىزانىڭ، شۇنداقلا ئۇنىڭ شەيخى مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرىمەن. مەن بىلىمەنكى، مۇتەنەببى بېخىللىق قىلىدىغان دەرىجىدە پۇل – مالنى ياخشى كۆرەتتى، ئەمىر بولۇشنى ساراڭلارچە ياخشى كۆرەتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن شادلىنىمەن ۋە ئۇنىڭغا ياخشى باھا بېرىپ تېخىمۇ كۆپرەك ئوقۇغۇم كېلىدۇ. ئۇ ئەرەب شائىرلىرىنىڭ ئەمىرى بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئەلبەتتە، ئەڭ چوققىلىرىدىىكى بىرىدۇرر. مەن ھەرگىزمۇ بىرەر تالانت ئىگىسىنىڭ قابىلىيەتلىرىنى بىرەر ئەيىب بىلەن يوق قىلىۋەتمەيمەن. كىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەدەبىي ۋە دىنىي تارىخىمىزنى بۇرمىلاپ بېرىدىكەنمەن؟ كىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىسلام خىزمىتىدە ۋە ئىسلام دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىشتە بەلگىلىك كۈرەشلىرى بولغان ئۆلىمالارنى تىللاپ بېرىدىكەنمەن؟ ئەگەر ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەردەك ئىككى ئۇستازنىڭ تارىخىنى ئاشقۇن شىئەلەرنىڭ ئاغزىدىن، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب تارىخىنى خاۋارىجلارنىڭ ئاغزىدىن، ئەبۇ ھەنىفە تارىخىنى ئىجتىھاتنى تونۇمايدىغانلار ئاغزىدىن، ئىبنى تەيمىييە تارىخىنى ئىبنى بەتتۇتە، ئىبنى پالانىلارنىڭ ئاغزىدىن، مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب تارىخىنى تۈركلەرنىڭ ئاغزىدىن ئالىدىغان بولساڭ، چوڭلىرىمىزدىن كىم ساق قالىدۇ؟».

شۇنىڭدەك، شەيخ مۇھەممەد غەززالىي ياشىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيەتلەر ئۇنىڭ ھەم سۆز، ھەم قەلەم بىلەن جىھاد قىلىشىنى ۋە يەنە باشقا قىلىش مۇمكىن بولغان جىھاد تۈرلىرى بىلەن جىھاد قىلىشىنى تەقەززا قىلاتتى. چۈنكى، ئۇ خەلقلەرنى ئۆزىدىن زۇلۇمنى ئېلىپ تاشلاشقا، ۋەتەنلىرىدىن بۇزۇقچىلىقنى يوقىتىشقا، تارتىۋېلىنغان ۋەتەننى قوغداشقا ھەرىكەتلەندۈرەتتى. ئەرەب دۇنياسى تەختىدە، بولۇپمۇ مىسىر تەختىدە ئولتۇرغان ھۆكۈمدارلارغا قارىتا كۆز قارىشى يا مادارا قىلمايدىغان، يا ياغلىمىچىلىق قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىنتايىن ئوچۇق بولۇپ، ھەربىر ھۆكۈمدارنى ئۆز لايىقىدا ماختايتتى يا سۆكەتتى.

كوممۇنىزمنى مۇسۇلمانلار ھاياتىدىن نېرى يوقىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كوممۇنىست تۈزۈمگە قارشى جىھاد قىلغان ئالىم ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن «قىزىل باسقۇنغا تاقابىل تۇرغان ئىسلام (الإسلام فى وجه الزحف الأحمر)» دېگەن ئەسىرىنى ئىنتايىن قىيىن كۈنلەردە يازدى. شەيخ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بېشىمغا كەلگەن ئېغىر بىر سىناقنى سۆزلەپ بېرەي. مەن ‹ئىسلام ۋە قىزىل باسقۇن› دېگەن ئەسىرىمنى كوممۇنىزمنىڭ ئاۋازى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ھۆكۈمدارمۇ ئۇنى قوللاپ تۇرۇۋاتقان ئىنتايىن قىيىن كۈنلەردە يازدىم. ئۇ كۈنلەردە كوممۇنىزمغا قاپىقىنى تۈرۈشنىڭ ئۆزىلا ئۆيىنىڭ خانىۋەيران بولۇشىغا، تۈرمىگە يول ئېلىشقا يېتەرلىك ئىدى. يىراق بىر مەتبەئەگە بېرىشتىن ئاۋۋال قولۇمدىكى كىتابنىڭ سەھىپىلىرىگە كۆز يۈگۈرتۈپ: ‹بەلكىم ئۆلۈمۈم مۇشۇ كىتابتا بولۇپ قالار› دېدىم. لېكىن، كۆڭلۈم ماڭا: ‹دىنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ سەن ھايات قالساڭ، بۇ ھايات نېمىدېگەن يامان!› دېدى. شۇنىڭ بىلەن بولغىنى بولار، دەپ كىتابنى باستۇرىۋەردىم».

رەئىس ئابدۇناسىر مىسىر ئاساسىي قانۇنىدىن مىسىرنىڭ ئىسلام دۆلىتى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ماددىنى ئېلىۋەتمەكچى بولغىنىدا، شەيخ مۇھەممەد غەززالىي ۋە شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە ئىككىيلەن (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن!) بۇ بۇزغۇنچىلىققا قارشى ھۆركىرىگەن ئىككى ئارسلان كەبى مەزمۇت تۇرغان. نەتىجىدە، ئىككىيلەننىڭ دېگىنى دېگەن بولۇپ، «مىسىر ئىسلام دۆلىتى» دەپ يېزىلغان.

رەئىس سادات زامانىدىمۇ شۇنداق بولغان. سادات ئائىلە ھەق – تەلەپ قانۇنلىرىنى ئۆزگەرتىپ كۆپ نىكاھلىق بولۇشنى چەكلىمەكچى بولغىنىدا، شەيخىمىز بۇ پىلاننى ئەيىبلەپ خۇتبە سۆزلىگەن، كەڭ خەلق ئاممىسىمۇ بۇ قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان. نەتىجىدە، خەلق ئاممىسىنىڭ دېگىنى بولغان(2).

ئىسلام خىزمىتىدە قوشقان تۆھپىلىرى

شەيخ غەززالىينىڭ يازمىلىرىغا باشتىن – ئاياغ قارايدىغان بولساق، شەيخنىڭ «ئىسلاھات ئۇسۇلى» ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان، دەۋەت ئۇسۇلىغا ئۇل بولىدىغان ئەڭ مۇھىم ئاساسلارنى سۆزلىگەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ ئاساسلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى تەدرىجىي يېتىلدۈرۈش ۋە نېگىزلىك ئۇقۇملارغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. شەيخ بۇنىڭغا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىبادەت ۋە پەرزلەرنى بىراقلا پەرز قىلماي، پەرز قىلىنىدىغان ۋاقىتقا رىئايە قىلىپ بىر – بىرلەپ پەرز قىلغانلىقى، ئاندىن ھەربىر پەرزدىمۇ تەدرىجىيلىك بولغانلىقى، ھارام قىلىنغان ئىشلاردىمۇ ئەھۋال ئوخشاش بولغانلىقىنى دەلىل قىلغان.

پەيغەمبەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىدىمۇ، دەۋەت ئۇسۇلىدىمۇ بۇ ئىش بەكلا ئېنىق بولغان. چۈنكى، ھەممىگە مەلۇمكى، پەيغەمبىرىمىز مەككەدە ساھابەلىرىنى ئۇل ۋە تۈپكى مەسىلىلەر ئۈستىدە تەربىيەلەپ، ئون ئۈچ يىل تۇرغان. قۇرئان يېڭى شەكىللەنگەن مۇسۇلمان جامائەتنى ئاللاھقا، ئاخىرەتكە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا، پەيغەمبەرلەرگە، ئەخلاق ۋە يۈرۈش – تۇرۇش قائىدىلىرىگە، شۇنداقلا مۇئامىلە پىرىنسىپلىرىغا يۈزلەندۈرۈپ پەيغەمبەرگە چۈشۈپ تۇردى. بۇ سەۋەبتىن، بىز شەيخنىڭ «سىيرەتنى چۈشىنىش (فقە السيرة)» ناملىق ئەسىرىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى دەۋىتىنى «خالايىقنى نېمىگە چاقىرىدۇ؟» دېگەن باب ئاستىدا يىغىنچاقلاشتۇرۇپ مۇنداق دېگەنلىكىنى كۆرىمىز: «قۇرئاننىڭ مەككەدە نازىل بولغان سۈرىلىرى ئەقىدىلەرنى ۋە ئاللاھ بەندىلىرىنى قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە پەيغەمبىرىنى ئۇنى ئىجرا قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈشنى تاپىلىغان ئەمەللەرنى بايان قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئەڭ بېشىدا تۆۋەندىكىلەر كېلىدۇ:

1. مۇتلەق يەككە – يىگانىلىق

2. ئاخىرەت كۈنى

3. روھنى ساغلاملاشتۇرۇش

4. مۇسۇلمان جامائەتنى قېرىنداشلىق ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە قوغداش».

ئاندىن كىچىك ئىشلارنى يوغىناتماسلىق ياكى چوڭ ئىشلارغا سەل قارىماسلىق شەيخ غەززالىينىڭ دەۋەت ئۇسۇلىغا ئۇل بولىدىغان ئىككىنچى مۇھىم ئاساس بولۇپ كېلىدۇ. چۈنكى، ئىسلامنىڭ ئوتتۇراھاللىق مېتودى ئاشۇرىۋەتمەيدۇ، كېمەيتىۋەتمەيدۇ. ﴿ئەنە شۇنداق بىز سىلەرنى ئوتتۇرا ئۈممەت قىلدۇق﴾(2/«بەقەرە»: 143).

بۇ سەۋەبتىن، مۇسۇلمانلار ئارا بىرەر تەپرىقىچىلىكنى ئاڭلاپ قالسا قاتتىق ئاچچىقلىناتتى. جەمئىىيەتتە ئاشقۇنلۇق ياكى سۈنئىي تەقۋالىق قىلىپ، ئىسلامنىڭ مەقسەت – نىشانلىرىنى تاشلاپ قويۇشقا يۈزلەنگەن بىرەر ئېقىمنى ئاڭلاپ قالسا چىرايى ئۆڭۈپ كېتەتتى. دېمەك، ئۇنىڭ نەزەرىدە كىچىك ئىشلارمۇ ئۆز ئورنىدا، چوڭ ئىشلارمۇ ئۆز ئورنىدا تۇراتتى.

چاغداش ئىسلام دەۋىتىگە تەگكەن ھالاكەتلىك كېسەللەر نۇرغۇن بولۇپ، بۇ كېسەللەردە بەزى كۆرسەتمىلەر ئىششىپ بوردىلىپ، يەنە بەزىلىرى قورۇلۇپ قېلىپ، ئادەت ئىبادەتكە، نەفلە پەرزگە، پوستى مېغىزىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، بۇنىڭغا چارە قىلىش قىيىن بولۇپ، دەۋەت ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ.

بىزنىڭ چوڭ دەۋەتچىمىز شەيخ غەززالىمۇ مۇشۇ تەرىقىدىكى چۈشىنىشنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ھەسرەتلەنگەن.

شەيخ غەززالىي كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ، سوئال سورىغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش تۇتۇشقا ھېرىسمەنلىكىنى كۈچەيتىپ، بۇنى دەۋەت ئۇسۇلىغا ئۇل بولىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئاساس قىلغان. بۇ سەۋەبتىن، دەۋەتچىنىڭ ئىسلامىيەت ئېغىر كۈلپەتلەرگە ئۇچراۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە كىشىلەردىن نېرى تۇرىۋېلىشىنى ئېغىر جىنايەت ۋە چوڭ گۇناھلاردىن بىرى دەپ قارايتتى ۋە ئۇنى «جەڭدىن قېچىش ۋە جىھادتىن ئارقىغا يېنىۋېلىش» دەپ قارايتتى(3).

ئۇنىڭ ئۈستىگە شەيخ جېدەل – ماجىرا، كەسكىن تالاش – تارتىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشاتتى. چۈنكى، جېدەل – ماجىرا دېگەن ئازغۇنلۇقنىڭ جۈپتى. ھىدايەت تاپقاندىن كېيىن ئازغان بىر قەۋمنىڭ جېدەل – ماجىراغا مۇپتىلا بولغان بولۇشى چوقۇم. شەيخ يەنە ئوڭ – سولدىن تالىنىۋاتقان، چىلبۆرىلەر ئۇنى ھەر تەرەپتىن چىشلەپ تارتىۋاتقان بىر ئۈممەتنىڭ ئۆزىنى جېدەل – ماجىرا، ئىختىلاپ مەسىلىلىرى ۋە كەسكىن تالاش – تارتىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىش جائىز ئەمەس دەپ قارايتتى. «مەنار ژۇرنىلى»نىڭ ساھىبىنىڭ ئالتۇن قائىدىسى — «ئىتتىپاقلىشالىغىنىمىزدا ھەمكارلىشىپ، ئىختىلاپلاشقىنىمىزدا بىر – بىرىمىزنى ئەيىبلىمەيمىز» بولسا، ئۈممەتنىڭ ھالى بىز كۆرۈپ، ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقاندەك ئېغىر بولغىنىدا، ئۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىش تېخىمۇ لازىم ۋە تېخىمۇ ۋاجىب.

ئاخىرىدا، ئاياللار مەسىلىسى شەيخ غەززالىينىڭ پىكىر خەرىتىسىدىن كەڭرى بىر كۆلەمنى ئىگىلەيتتى. ھەتتا ئۇ «تۇرغۇن ۋە سىرتتىن كەلگەن ئۆرپ – ئادەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئاياللار مەسىلىلىرى (قضايا المرأة بين التقاليد الراكدة والوافدة)» دەپ ئاتاپ مەخسۇس بىر كىتاب يازغان. بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. چۈنكى، ئەڭ دەسلەپ ئىمان ئېيتقىنىمۇ، ئىسلامدىكى تۇنجى شەھىدمۇ ئايال ئىدى. ئاياللار چوڭ ئەقەبە بەيئىتىگە قاتناشقان، پەيغەمبەرنى تۈرلۈك جەڭلىرىدە شەرەپلىنەرلىك ھالدا قوغدىغان، قۇرۇقلۇقتىمۇ، دېڭىزدىمۇ قەھرىمانلارچە ئۇرۇشقان.

شەيخنىڭ نەزەرىدە ئاياللارغا سىلىق – سىپايە، مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئەركەكلىكنىڭ مۇكەممەللەشكەنلىكىنىڭ، ئەركەكلىك پەزىلەتلىرىنىڭ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، مەيلى تۇغقان ياكى يات بولسۇن، چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن بۇ سىلىق مۇئامىلە ئومۇمەن، بارلىق ئاياللارغا قارىتىلغان ئەدەب – ئەخلاقتۇر. ئىنساننىڭ تۇغما ساپ تەبىئىتى بۇلغىنىپ كەتمىگەنلا بولسا، بۇنداق ئالىيجاناب مۇئامىلىنىڭ يوقاپ كېتىشى ناتايىن.

شەيخنىڭ نەزەرىدە ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش مۇكەللەپتۇر. ئىسلامنىڭ يىلتىزلىرى بولغان، ئىسلام ئۈممىتى قىلغانلىقى بىلەن خۇش بولىدىغان مۇسۇلمان ئەرگە يۈكلەنگەن ھەرقانداق بىر ئىش ئوخشاشلا مۇسۇلمان ئايالغىمۇ چوقۇم يۈكلەنگەن بولىدۇ. پەقەتلا ساناقلىق ئىشلاردىلا ئاياللار مۇستەسنا قىلىنغان بولۇپ، بۇ شەرئىي مەجبۇرىيەتلەردىكى باراۋەرلىكنىڭ ئۇلىنى يىقىتىۋېتەلمەيدۇ(4).

ئەسەرلىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي ئىسلام كۇتۇبخانىسىنى بېيىتقان. بىز تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتىمىز. ئاللاھنىڭ ئىرادىىسى بىلەن بۇ ئەسەرلەر ئاسىيلارنى توغرا يولغا باشلاپ تۇرىدىغان ھىدايەت مۇنارى بولۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۆز دىنىنى توغرا چۈشىنىش دىنىنىڭ شەرىپىنى ئۈستۈن قىلىش مەقسىتىدە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىشى ئۈچۈن، دەۋەتچىلەرگە، ئىسلاھاتچىلارغا يولنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

بۇ ئەسەرلەردىن تۆۋەندىكىلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتەيلى:

1. من هنا نعلم (مانا بۇ يەردىن بىلىۋالالايمىز)

2. تأملات في الدين والحياة (دىن ۋە ھايات توغرىسىدا ئويلار(

3. خلق المسلم (مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى)

4. عقيدة المسلم (مۇسۇلماننىڭ ئەقىدىسى)

5. فقه السيرة (سىيرەتنى چۈشىنىش (

6. في موكب الدعاة (دەۋەتچىلەر توپىدا(

7. جدد حياتك (ھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭ)

8. ليس من الإسلام) ئىسلامدىن ئەمەس(

9. الاستعمار أحقاد وأطماع (جاھانگىرلىك ئۆچمەنلىك ۋە ئاچكۆزلۈك)

10. نظرات في القرآن (قۇرئانغا نەزەر)

11. كفاح دين (بىر دىننىڭ كۈرىشى)

12. هذا ديننا (مانا بۇ بىزنىڭ دىنىمىز)

13. الجانب العاطفي من الإسلام) ئىسلامنىڭ ھېسسىياتچانلىق تەرىپى(

14. قذائف الحق) ھەق ئوقلىرى(

15. الدعوة الإسلامية تستقبل قرنها الخامس عشر (ئىسلام دەۋىتى 15 – ئەسرىنى كۈتۈۋالماقتا)

16. فن الذكر والدعاء عند خاتم الأنبياء (تۈگەنچى پەيغەمبەرنىڭ زىكىر ۋە دۇئا سەنئىتى)

17. دستور الوحدة الثقافية بين المسلمين) مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈلتۈر بىرلىكى دەستۇرى (

18. هموم داعية) بىر دەۋەتچىنىڭ غەملىرى(

19. الطريق من هنا) يول بۇ يەردىن)

20. الحق المر (ئاچچىق ھەقىقەت)

21. المحاور الخمسة للقرآن الكريم («قۇرئان كەرىم»نىڭ بەش ئوقى)

22. كيف نتعامل مع القرآن الكريم («قۇرئان كەرىم»گە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟)

23. صيحة تحذير من دعاة التنصير) مىسسىيونېرلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش چوقانلىرى(

24. نحو تفسير موضوعي للقرآن الكريم («قۇرئان كەرىم»نىڭ تېمىلارغا ئايرىلغان تەفسىرى ھەققىدە)

25. كنوز من السنة) سۈننەتتىن كانلار(

26. الإسلام والاستبداد السياسي) ئىسلام ۋە سىياسىي ئىستىبدات(

27. مستقبل الإسلام خارج أرضه) ئىسلامنىڭ ئۆز زېمىنى سىرتىدىكى كېلەچىكى(

چاغداش ئالىملار نەزەرىدىكى شەيخ غەززالى

دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىي شەيخ مۇھەممەد غەززالىي ھەققىدە يازغان كىتابىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: «دەرۋەقە، مۇشۇ تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىز پىكىر ۋە يېتەكلەش رەھبەرلىرىدىن چوڭ بىر رەھبەر، پىكىر، دەۋەت ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىماملىرىدىن بولغان بىر ئىمام ئالدىدا، بەلكى دەۋەت، ئىسلاھ ۋە پىكىر مەدرىسەلىرىدىن مۇكەممەل بىر مەدرىسە ئالدىدا تۇرماقتىمىز»(5).

دوكتور ئابدۇسەبۇر شاھىن شەيخ غەززالىينىڭ خۇتبىلىرىگە تەقرىز يېزىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەت شۇكى، مۇقاۋىسىغا ئۇستاز غەززالىينىڭ ئىسمى يېزىلغان كىتاب تەقرىزگە ھاجەتسىز. مېنىڭ مۆلچەرىمدە ئۇنىڭغا كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان مۇشۇ ئىلىم تاجى كىيدۈرۈلگىنى يېتەرلىك. پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ ئىسلام ۋە ئىسلام دەۋىتى ھەققىدە يازغان ئونلىغان ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چىقتى. ئۇنىڭ ھېچبىر زامانداشلىرىدىن ئالمىغان ئىلىمنى ئۇنىڭدىن ئالدى. ھەتتاكى، دەۋەت ساھەسىدە مۇشۇ ئەسرىمىزنى ئۇستاز غەززالىي ئەسىرى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ».

ئەمما، مۇتەپەككۇر دوكتور مۇھەممەد ئىمارە بولسا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىسلامىي پىكىر پېشۋالىرىدىن ئوتتۇزدىن كۆپ ئالىمنىڭ پىكرىي مىراسىنى تەتقىق قىلغان، ئۇلار ھەققىدە تەتقىقات ۋە ئەسەرلەرنى يازغان كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى چۈشىنىپ يەتتىمكى، مەن شەيخ غەززالىي ئالدىدا تۇرغىنىمدا پەقەتلا ئالاھىدە بىر دەۋەتچى ياكى چوڭ ئۇستازلار تەبىقىسىدىن بىر ئالىم، ياكى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى قالدۇرغان بىر ئاپتور، ياكى قىزىقىشى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر مۇتەپەككۇر، ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى يېڭىلاش ئۈچۈن ئىسلامىي پىكرىنى يېڭىلاشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلاردىن بىرىنىڭ ئالدىدا ئەمەس، ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىمنى، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمراق بىرسىنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىمنى چۈشىنىپ يەتتىم»(6).

ۋاپاتى

ھ. 1416 – يىلى 20 – شەۋۋال، / م. 1996 – يىلى 9 – مارت كۈنى چوڭ ئالىم مۇھەممەد غەززالىي سەئۇدى ئەرەبىستاندا «ئىسلام ۋە دەۋر خىرىسلىرى قۇرۇلتىيى»غا قاتنىشىۋېتىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى لەھزىلىرىدىمۇ ئاللاھقا دەۋەت قىلىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ئىسلام ھەقىقىتىنى ئىزاھلىغان ھالدا ئىسلامنى قوغداپ ۋاپات بولدى. ئۇ ئۆمرى بويى ئارزۇ قىلغاندەك، بۇ ئارزۇسىنى نۇرغۇن قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىدەكلا مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە سۆيۈملۈك پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ ساھابە كىراملىرى قېشىغا، بەقى قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

 

مەنبە: http://islamstory.com/ar

تەرجىمىدە: مۇھەددىس

——————
1. ئەھمەد تەممام: «ئەلغەززالى… پاساھەتلىك دەۋەت سەركەردىسى» ئىسلام ئونلاين.
2. مەسئۇد سەبرىي: «ئەلغەززالى _ يۇمشاق دىل، ھەقنى سۆزلەيدىغان راۋان تىل» ئىسلام ئونلاين.
3. مۇھەممەد ئەلغەززالى «ئاچچىق ھەقىقەت»، تۇراس نەشرىياتى، 118 – بەت.
4. ۋەسفى ئاشۇر ئەبۇ زەيد «ئەلغەززالىينىڭ دەۋەت ئۇسۇلىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى»، ئىسلام ئونلاين.
5. «مەن بىلگەن شەيخ غەززالى، يېرىم ئەسىرلىك سەپەر»، شۇرۇق نەشرىياتى، 1 – باسمىسى، 259 – بەت.
6. شەيخ مۇھەممەد ئەلغەززالى: «پىكرى مەۋقە ۋە پىكرى جەڭلەر»، ھەيئە مىسرىييە ئاممە نەشرى، 1992 – يىل، 24 – بەت.

Please follow and like us:
Exit mobile version